显示标签为“پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە”的博文。显示所有博文
显示标签为“پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە”的博文。显示所有博文

2009年1月22日星期四

ئىسرائىلىيەنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن خاماس

ئىخچام



ئىسرائىلىيەنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن «خاماس»


ئالدىنقى ئەسىرنىڭ (20 - ئەسىرنىڭ) 70-يىللىرى، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۆز-ئارا چەكلەپ تۇرىدىغان كۈچ تېپىپ، ئارافات باشچىلىقىدىكى پەلەستىن مىللى ئازاتلىق تەشكىلاتى - «فاتاخ»نى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولدى. ئۇلار ئىسلام تەشكىلاتى ئىچىدىن مۇۋاپىق نامزات ئىزدىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىسلام تەشكىلاتى - «خاماس» دەھرىي تەشكىلات «فاتاخ»تىن نارازى ئىدى. شۇڭا ئىسرائىلىيە بۇ ئىسلام تەشكىلاتلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ھامان چوقۇم «فاتاخ»نى ئاجىزلاشتۇرىدۇ دەپ قارايتتى.
«خاماس» ئەسلى پەقەت ئىسلام تەشكىلاتى بولۇپ، ئەل ئىچىدە پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئىسرائىلىيە «خاماس»نى تاللاپ ئۇنىڭغا ئاستىرتتىن ياردەم بەردى. ئىسرائىلىيىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن «خاماس» «فاتاخ»نىڭ ئەل ئىچىدىكى تەسىرىنى ئىگىلىدى ھەمدە «فاتاخ»تىن ئىشىپ كەتتى. بۇ دەل ئىسرائىلىيىنىڭ ئارزۇسى ئىدى. بۇنداق بولغاندا «فاتاخ»نىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئىلىپ بىرىشىنى چەكلىگىلى بولاتتى، چۈنكى ئىسرائىلىيە پەلەستىندە تېنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قىلچە خالىمايدۇ. شۇڭا ئىسرائىلىيە پەقەت تېنچلىق سۆھبىتىنى كىچىكتۈرۈشنىلا ئويلايدۇ.

بوش ھۆكۈمىتى بۈيۈك ئوتتۇرا شەرقنى ئۆزگەرتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. «خاماس» پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىپلا تۇرىدىكەن، ئىسرائىلىيە ھىچ كۈچىمەيلا مۇنداق 3 مەقسەتكە يىتەلەيدۇ:
(1). پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ماجرانى داۋاملاشتۇرۇش.
(2). ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىن بىلەن تېنچلىق سۆھبىتى ئىمزالاشنى رەت قىلىشىغا باھانە ئىزدەش.
(3). ئوتتۇرا شەرق توقۇنۇشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىنى ساقلاپ، ئەرەپ دۇنياسىدا مەڭگۈ بۈلۈنمىچىلىك پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا كۈڭۈل بولىشىنى توسۇش.

ئاخبارات ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىسرائىلىيە 1970-يىلىدىن باشلاپ «خاماس» بىلەن مەخپى سودىلىشىپ، ئۇلارغا بىۋاستە ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن. بۇخىل ياردەم كۆپ يىل داۋاملاشقان.
مەسىلەن: 1978-يىلى ئىسرائىلىيە «خاماس»نىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ قانۇنلۇق دىنى تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلغان. گەرچە بۇنىڭ بىلەن «خاماس» ئىسرائىلىيىنىڭ قورالى بولۇپ قالدى دىيىشكە بولمىسىمۇ، ئەمما «خاماس» بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى كۈچلەندۈردى ھەمدە پەلەستىندىكى مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلارنىڭ قەلبىنى ئۇتتى. ئاخىرىدا كۈچلۈك سىياسى كۈچ بولۇپ شەكىللەندى. بۇنىڭ بىلەن 2002-يىلىدىكى چوڭ سايلامدا «خاماس» غەلبە قىلدى.
2002-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىسرائىلىيىدىكى نوپۇزلۇق، پىشقەدەم مۇخبىر رىچاد ماقالە ئىلان قىلىپ، «ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا پەلەستىندە بۆلۈنمىچىلىك پەيدا قىلىپ، «فاتاخ»نىڭ ئىسرائىلىيىگە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇردى، بۇ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاقىلانىلىقى» دىگەن ئىدى.

ئەسلىدىكى خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتى بولغان «خاماس» كۈچلەنگەندىن كېيىن قەتئى قارشىلىق كۆرسىتىدىغان تەشكىلات بولۇپ، ئىسرائىلىيىگە تېخىمۇ تەھدىد بولدى، ئۇنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسى «فاتاخ»تىنمۇ ئىشىپ كەتتى، ھەمدە قەتئىي باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى شارۇن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بايقاپ، «خاماس»نى تېرورلۇق تەشكىلات دەپ ئىلان قىلدى. پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى «فاتاخ» پەلەستىندە مىللەتچىلىك ۋە دەھرىي سىياسەتنى تەشۋىق قىلىپ، كەلگۈسىدە پەلەستىن دۆلىتىنى دىموكراتىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا، «خاماس» كەڭ خەلقئارا ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، پەلەستىننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئىسلام ئىشلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئەمما ئىسرائىلىيە «خاماس»قا ئانچە ئېتىبار بەرمىدى، چۈنكى ئۇلار ئىلغار قۇراللار بىلەن «خاماس»قا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاسان ئىكەنلىكىگە، «خاماس»نى ئىسرائىلىيىنىڭ قۇدرەتلىك قۇرالى ئاستىدا مەڭگۈ كونتىرول قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
«خاماس»نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئىسرائىلىيىنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئىلىپ بىرىشنى كەينىگە سۈرۈشكە پايدىلىق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەلەستىن بىلەن ئۇرۇش قىلىش جەريانىدا ئىسرائىلىيە تېخىمۇ كۆپ زىمىن ۋە ئىدارە قىلىش كۈچىگە ئىگە بولاتتى. بۇ بۈيۈك ئىسرائىلىيە پىلانىغا پايدىلىق ئىدى. چۈنكى ئىسرائىلىيە چوقۇم تېخىمۇ كۆپ زىمىننى ئىشغال قىلغاندىلا ئاندىن ئوتتۇرا شەرقتە چوڭ دۆلەت قۇرۇپ، بارلىق ئەرەپ ئەللىرىنى نازارەت قىلالايدۇ.

ئەمما «خاماس» بارغانسىرى مۇستەقىل بولۇپ، ئىچكى قىسمىدىكى گۇمانلىق كىشىلەرنى تازىلاپ، خەلقئارادا بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئىرىشتى. بۇ ئىسرائىلىيەگە چوڭ تەھدىد بولدى.
«خاماس» گازا رايۇنىدا كۈچ جۇغلىدى ھەمدە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى. ئىسرائىلىيە بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمىغۇدەك ھالەتكە يەتتى، شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى گازا توقۇنىشى يۈز بەردى. بۇ چاغدا ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مۆتىدىل ئابباسنى ئەسلەپ، كۈچلۈك قۇراللىق ھۇجۇم ئارقىلىق «خاماس»نى ۋەيران قىلغاندىن كېيىن گازا رايۇنىنى ئابباسقا تاپشۇرۇپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلاشنى يەنە كېچىكتۈرمەكچى بولدى.

يۇقارقى تەھلىل چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئىلان قىلىنغان، «ئىسلام نۇرى» تورىدىن ئېلىنغان.

مەنبە
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-54726.html
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

Isra'iliyening qollishigha irishken «xamas»


Aldinqi esirning (20 - esirning) 70-yilliri, isra'iliye hökümiti pelestinning ichki qismida öz-ara cheklep turidighan küch tépip, arafat bashchiliqidiki pelestin milli azatliq teshkilati - «fatax»ni ajizlashturmaqchi boldi. Ular islam teshkilati ichidin muwapiq namzat izdidi. Chünki ularning neziride islam teshkilati - «xamas» dehriy teshkilat «fatax»tin narazi idi. Shunga isra'iliye bu islam teshkilatliri üstünlükni igiligen haman choqum «fatax»ni ajizlashturidu dep qaraytti.
«xamas» esli peqet islam teshkilati bolup, el ichide parawanliq we ijtima'i ishlar bilen shughullinatti. Isra'iliye «xamas»ni tallap uninggha astirttin yardem berdi. Isra'iliyining qutritishi bilen «xamas» «fatax»ning el ichidiki tesirini igilidi hemde «fatax»tin iship ketti. Bu del isra'iliyining arzusi idi. Bundaq bolghanda «fatax»ning isra'iliye bilen tinchliq söhbiti ilip birishini chekligili bolatti, chünki isra'iliye pelestinde ténchliqni ishqa ashurushni qilche xalimaydu. Shunga isra'iliye peqet ténchliq söhbitini kichiktürüshnila oylaydu.

Bosh hökümiti büyük ottura sherqni özgertish pilanini otturigha qoydi. «xamas» pelestinning ichki qismida bölgünchilik peyda qilipla turidiken, isra'iliye hich küchimeyla mundaq 3 meqsetke yiteleydu:
(1). Pelestinning ichki qismidiki majrani dawamlashturush.
(2). Isra'iliyining pelestin bilen ténchliq söhbiti imzalashni ret qilishigha bahane izdesh.
(3). Ottura sherq toqunushining uzun muddet dawamlishini saqlap, erep dunyasida menggü bülünmichilik peyda qilip, ularning pelestin-isra'iliye toqunushigha küngül bolishini tosush.

Axbarat emeldarlirining ashkarilishiche, isra'iliye 1970-yilidin bashlap «xamas» bilen mexpi sodiliship, ulargha biwaste iqtisadiy yardem bergen. Buxil yardem köp yil dawamlashqan.
Mesilen: 1978-yili isra'iliye «xamas»ning pelestinliklerning qanunluq dini teshkilati ikenlikini ashkara étirap qilghan. Gerche buning bilen «xamas» isra'iliyining qorali bolup qaldi diyishke bolmisimu, emma «xamas» bu pursettin paydilinip özini küchlendürdi hemde pelestindiki musulmanlar we xiristiyanlarning qelbini utti. Axirida küchlük siyasi küch bolup shekillendi. Buning bilen 2002-yilidiki chong saylamda «xamas» ghelbe qildi.
2002-yili 6-ayning 28-küni isra'iliyidiki nopuzluq, pishqedem muxbir richad maqale ilan qilip, «isra'iliye hökümiti muweppiqiyetlik halda pelestinde bölünmichilik peyda qilip, «fatax»ning isra'iliyige qarshiliq körsitish küchini ajizlashturdi, bu isra'iliye hökümitining aqilaniliqi» digen idi.

Eslidiki xeyr-saxawet teshkilati bolghan «xamas» küchlen'gendin kéyin qet'i qarshiliq körsitidighan teshkilat bolup, isra'iliyige téximu tehdid boldi, uning qarshiliq körsitish iradisi «fatax»tinmu iship ketti, hemde qet'iy bash egmeydighanliqini bildürdi.
Isra'iliye zunglisi sharun ishning chataqliqini bayqap, «xamas»ni térorluq teshkilat dep ilan qildi. Pelestin azatliq teshkilati «fatax» pelestinde milletchilik we dehriy siyasetni teshwiq qilip, kelgüside pelestin dölitini dimokratik dölet qilip qurup chiqidighanliqini jakarlighanda, «xamas» keng xelq'ara alaqini qanat yaydurup, pelestinning ichi we sirtida islam ishliri üchün köresh qilidighanliqini jakarlidi.
Emma isra'iliye «xamas»qa anche étibar bermidi, chünki ular ilghar qurallar bilen «xamas»qa taqabil turushning asan ikenlikige, «xamas»ni isra'iliyining qudretlik qurali astida menggü kontirol qilghili bolidighanliqigha ishinetti.
«xamas»ning mewjut bolup turushi isra'iliyining tinchliq söhbiti ilip birishni keynige sürüshke paydiliq idi. Uning üstige pelestin bilen urush qilish jeryanida isra'iliye téximu köp zimin we idare qilish küchige ige bolatti. Bu büyük isra'iliye pilanigha paydiliq idi. Chünki isra'iliye choqum téximu köp ziminni ishghal qilghandila andin ottura sherqte chong dölet qurup, barliq erep ellirini nazaret qilalaydu.

Emma «xamas» barghansiri musteqil bolup, ichki qismidiki gumanliq kishilerni tazilap, xelq'arada bir qisim küchlerning qollishi we yardimige irishti. Bu isra'iliyege chong tehdid boldi.
«xamas» gaza rayunida küch jughlidi hemde keng xelq ammisining qollishigha irishti. Isra'iliye buninggha chidap turalmighudek haletke yetti, shuning bilen hazirqi gaza toqunishi yüz berdi. Bu chaghda isra'iliye qatarliq döletler mötidil abbasni eslep, küchlük quralliq hujum arqiliq «xamas»ni weyran qilghandin kéyin gaza rayunini abbasqa tapshurup, pelestin-isra'iliye tinchliq söhbitini qayta bashlashni yene kéchiktürmekchi boldi.

Yuqarqi tehlil chet'el axbarat wastilirida ilan qilin'ghan, «islam nuri» toridin élin'ghan.

Menbe
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-54726.html

تولۇق ئوقۇش

2009年1月17日星期六

ئوق ئاۋازى ئۈزۈلمەيدىغان غەززە

ئىخچام



ئوق ئاۋازى ئۈزۈلمەيدىغان غەززە


2007-07-24 11:28 «شىنجاڭ گېزىتى»
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


ھەر ۋاقىت نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى

بىلگىلى بولمايدۇ



مۇخبىرىمىز شۇنچە چوڭ ئېرېز تەكشۈرۈش پونكىتىدىن يالغۇز ئۆتتى، ئەتراپ ئىنتايىن تىنچ ئىدى. مۇخبىرىمىز قولىغا
«M16»
بەلگىلىك ئاپتومات كۆتۈرۈۋالغان ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ساشادىن: ھازىر ۋەزىيەت مۇقىملاشتىمۇ؟ دەپ سورىغاندا،
ئۇ: كىم بىلىدۇ؟ ھەر ۋاقىت ئىش چىقىپ تۇرىدۇ، چىققاندىمۇ چوڭ ئىش چىقىدۇ، بىز بۇنى كۆپ كۆرگەن. تەلىيىڭىز ئوڭدىن كەلسۇن، قاتتىق ئېھتىيات قىلىڭ، دېدى.
تەكشۈرۈش پونكىتىدىن چىقىشتا خۇددى سىرلىق ئوردىغا ئوخشايدىغان بىر قانچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكترونلۇق ئىشىكتىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. بۇنى ئىسرائىلىيە يېڭىدىن قۇرغان بولۇپ، بىر يىل ئىلگىرىكى ئاددىي ھالەتتىكىگە ئوخشىمايتتى.
مۇخبىرىمىز ئېلېكترونلۇق ئىشىكتىن چىققاندىن كېيىن تۇيۇقسىز كۆڭلى يېرىم بولدى. ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزاق ئىشلىگەنلەر گازانىڭ ئەھۋالىنى بىلەتتى.

غەززە - ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبتا مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلى، شەرقىي شىمالدا ئىسرائىلىيە بىلەن تۇتىشىدۇ.
سۇۋەيش قانىلى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى بۇ يەر ئىزچىل ياۋروپا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئافرىقا ئارىسىدىكى ئاساسلىق سودا يولى ۋە مىللەتلەرنىڭ كۆچۈشىدىكى يول بولۇپ، يېزىق تارىخى 5000 يىلدىن ئاشىدۇ.
غەززە يەنە ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەجدادلىرى ياشىغان جاي، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ بوۋىسى مۇشۇ يەردە دەپنە قىلىنغان.
ھالبۇكى، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىك بۇ يەرنى«جەڭنىڭ ئاياغلىشىشىنى مەڭگۈ كۆرگىلى بولمايدىغان» جەڭگاھقا ئايلاندۇرۇپ قويغان.

پەلەستىن تەرەپكە كىرگەندىن كېيىن ئەھۋال باشقىچە ئىدى. يولدا ئېغىر تىپتىكى تانكىنىڭ ئىزلىرى قالغان بولۇپ، نۇرغۇن ئاسفالت يول يۈزى يېرىلغاندىن كېيىن گىرەلىشىپ كەتكەن ئىدى؛ يول بويلىرىدىكى ئىمارەتلەر زەمبىرەك ئوقىدا ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ كەتكەنىدى، بەزى ئىمارەتلەرنىڭ يېرىمىلا، بەزىلىرىنىڭ ئۇلىلا قالغانىدى. 200 مېتىر نېرىدا پەلەستىننىڭ تاكسى توختايدىغان مەيدانى بار بولۇپ، يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى. بىر قانچە تاكسى شوپۇرى خېرىدار ساقلاۋاتقان بولۇپ، مۇخبىرىمىزدىن باشقا خېرىدار يوق ئىدى.


بانكا ئالدىدىكى كەيپىيات ئانچە جىددىي ئەمەس


غەززە شەھىرىگە بارىدىغان يولنىڭ نامى «سالاھىدىن كوچىسى» بولۇپ، ئىنتايىن كونا ئىدى.
بۇ كوچا ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، شەھەر مەركىزىدىكى كونا قەبرىستانلىقتىن ئۆتەتتى، ئوڭغا ئەگىلگەندە مۇستەقىللىق كوچىسىغا بارغىلى بولاتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى گازادىكى ئەڭ داڭلىق كوچىلار ئىدى.
مۇخبىرىمىز شەھەر مەركىزىدىكى «رەشىد شېۋار مەدەنىيەت مەركىزى»دە دەلدەڭشىپ مېڭىۋاتقان بىر بوۋايغا يولۇقتى،
بوۋاي مۇخبىرىمىزنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ نەدىن كەلگىنىنى سورىدى،
مۇخبىرىمىز جۇڭگودىن كەلگەنلىكىنى ئېيتقاندا،
بوۋاي: «ئۇ دېگەن جۇئېنلەينىڭ يۇرتى، جۇڭگو ھەقىقەتەن ياخشى دۆلەت» دېدى.
ئاندىن ئۇ مۇخبىرىمىزدىن نېمە ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى سورىدى.
مۇخبىرىمىز زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ئېيتقاندا،
ئۇ: «تېز كېتىڭ، بۇ يەر بىخەتەر ئەمەس، سىرتقا چىقمىغىنىمغا نەچچە كۈن بولدى، ئوغلۇم، نەۋرىلىرىمنىمۇ كوچىغا خالىغانچە چىقارمايمەن، قوشنامنىڭ ئىككى بالىسى توقۇنۇشتا غايىبتىن تەگكەن ئوقتا ئۆلدى» دېدى.
مۇخبىرىمىز «قانۇن چىقىرىش كومىتېتى»نىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، بۇ ئىمارەتنىڭ ناھايىتى كونىراپ كەتكەنلىكىنى، ھەتتا دەرۋازىۋەننىڭمۇ يوقلۇقىنى كۆردى.
غەززە بانكىسى بۇنىڭغا قارىغاندا سەل ياخشىراق ئىدى، تاكسى شوپۇرى بۇ بانكىلاردا پۇل يوقلۇقىنى، بانكىلارنىڭ قۇرۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.


مۇخبىرىمىز خاماس تەرىپىدىن قوغدالدى


غەززە كوچىسىدا ئۇچىسىغا ئالا – چىپار كىيىم كىيىۋالغان خاماسنىڭ ئىجرا قىلغۇچى قىسىمىنىڭ ئەسكەرلىرىنى ھەر ۋاقىت ئۇچراتقىلى بولاتتى، ئۇلار ھازىر ساقچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاۋاتاتتى. قاتناش ئېغىزىدا ئۇچىسىغا جىلىتكە كىيىۋالغان پىدائىيلار ئۇلارغا ياردەملىشىپ قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇۋاتاتتى.
ئىجرا قىلىش قىسىمىنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بەستلىك بولۇپ، كېلىشكەن بۇ يىگىتلەر خۇشال– خورام ئىدى، ئۇلار ياۋۇز كۆرۈنمەيتتى. بەزىدە «تويوتا» ياكى «نىسان» ماركىلىق يۈك ئاپتوموبىللىرىدا ئەسكەرلەر كوچىلاردىن ئۆتۈپ تۇراتتى.
پەلەستىن بانكىسى يېنىدا مۇخبىرىمىز ئولتۇرغان تاكسىنى چارلىغۇچى ئەسكەرلەر توسىدى،
مۇخبىرىمىز «چاتاق بولدى، مېنى تۇتقۇن قىلىۋالىدىغان بولدى» دەپ ئويلىدى.
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەمەلدار مۇخبىرىمىزدىن «جۇڭگودىن كەلگەنمۇ؟» دەپ سورىدى،
مۇخبىرىمىز ھەئە، دەپ جاۋاب بەردى.
بۇ ھەربىي ئەمەلدار مۇخبىرىمىزنى يات كۆرمەي: ئىسمىم چىياد، بىز بايىلا زەھەر ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى پاش قىلدۇق، زەھەرنىڭ ئېغىرلىقى نەچچە توننىغا يېتىدىكەن، سىز قورقماڭ، بۇ يەردە سىز قوغدىلىسىز، بۇ يان تېلېفون نومۇرۇم، خەتەرگە يولۇققىنىڭىزدا ماڭا تېلېفون بېرىڭ، مەن دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ سىزنى قوغدايمەن، دېدى.
چىياد مۇخبىرىمىز بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا يىراقتىن ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇ تېلېفون نومۇرى يېزىلغان قەغەزنى مۇخبىرىمىزغا بېرىپلا كۆپچىلىك بىلەن كېتىپ قالدى.
تاكسى شوپۇرى فايىز بىر تەرەپتە ئۈندىمەي تۇردى، ئۇلار كېتىشى بىلەنلا ئۇ مۇخبىرىمىزنى تېزراق ئاپتوموبىلغا چىقىپ كېتىشكە ئالدىراتتى.
ئۇ مۇخبىرىمىزغا: ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىشەنمەڭ، راستتىنلا بىرەر ئىش بولسا ئۇلارنىڭ سىز بىلەن كارى يوق، دېدى.


«20 بالامنى كىم بېقىپ بەرسە، شۇنى قوللايمەن»


فايىز مۇنداق دېدى: «مېنىڭ 12بالام بار، يەتتىسى ئوغۇل، بەشى قىز، چوڭ ئوغلۇم 31 ياشتا، ھازىر گېرمانىيىدە دوختۇرلۇقتا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇ ئۆيىمىزدىكى غەززەدىن چىقىپ كەتكەن بىردىنبىر ئەزا، ھەممىمىز ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز. مېنىڭ ئىككى خوتۇنۇم بار، يەنە بىرنى ئالاي دەۋاتىمەن، بىراق پۇلۇم يوق. ئوزاقى يىلى پۇل بولمىغاچقا، يەنە بىرەيلەننى ئالالمىدىم. ئۆيدىكىلەر ماڭا قاراشلىق، يەنە خوتۇن ئېلىشقا نەدىمۇ پۇل بولسۇن، بۇ ئارزۇيۇمغا چۈشۈمدە يېتىدىغان بولدۇم، دېدى.

خاتىپ مەسچىتىنىڭ يېنىدا مۇخبىرىمىز نۇرغۇن كىشىنىڭ تەقۋادارلىق بىلەن ناماز ئۆتەۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ ۋاقىتتا ياشىنىپ قالغان بىرەيلەن مۇخبىرىمىزنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئىسمىنىڭ ئەنتەر ئىكەنلىكى، 20 بالىسىنىڭ بارلىقى، ئازراق ياردەم قىلىشىنى سورىدى.
ناماز ئۆتەپ بولغان نەچچەيلەن ئۇنىڭ راست ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇچىسىدىكى كىيىملىرى جۇلجۇل بولۇپ كەتكەن بۇ بوۋاي يالغان ئېيتىۋاتقاندەك قىلمايتتى.
مۇخبىرىمىز ئۇنىڭغا 100 شېكېل (بىر دوللار 4.1 شېكېل) بەردى.
بوۋاي پۇلنى سۆيۈپ، مۇخبىرنى قۇچاقلاپ: رەھمەت، دېدى.
مۇخبىرىمىز ئۇنىڭدىن: «خاماسنى قوللامسىز، فاتاخنىمۇ؟» دەپ سورىغاندا،
ئۇ: «20 بالامنى كىم بېقىپ بەرسە، شۇنى قوللايمەن» دېدى.

گازادىكى ئاددىي پۇقرالار خاماس بىلەن فاتاخنىڭ كۈرىشىدىن بىزار بولدى.
فايىز: «بىز ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان توخۇغا ئوخشامدۇق؟» دېگىنىچە تىلىنى چىقىرىپ، كۆزىنى يۇمۇپ بوينى سىقىلغان توخۇدەك قىلىق قىلدى.
ئۇ: «ئىسرائىلىيىدىن باشقا، بىز ئۆزىمىزنىڭ بوينىنى سىقىۋاتىمىز، قاراڭ ئىككى گۇرۇھ توقۇنۇشۇپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ توقۇنۇشنىڭ قايسى ۋاقىتتا ئاياغلىشىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، كىشىلەر قايسى ۋاقىتتا ياخشىراق كۈن كەچۈرەلە؟» دېدى.


«ئاخىرى تىرىك قۇتۇلۇپ چىقىپسىز!»


مۇخبىرىمىز تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتكەندە ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ ھەقىقەتەن ئاۋات ئىكەنلىكىنى، ئىككى تەرەپنىڭ پەرقىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ساشا يەنىلا قولىغا قورال تۇتۇپ تۇرۇۋاتاتتى،
ئۇ مەسخىرە قىلغاندەك قىلىپ: «ئاخىرى تىرىك قۇتۇلۇپ چىقىپسىز!» دېدى.
غەززەنى كۆرگەندىن كىيىن مۇخبىرىمىزدا سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بولمايدىغان تەسىرات پەيدا بولغانىدى.
پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس يېقىندا خاماسنىڭ «بازا» تەشكىلاتىنى قوغداپ، ئۇنىڭ غەززەدە پۇت دەسسەپ تۇرۇشىغا يول قويغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇنىڭدىن ئىككى گۇرۇھ ئارىسىدىكى غەززەنى تالىشىش قانلىق جېڭىنىڭ يەنە يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دىن

مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/

تولۇق ئوقۇش

2009年1月9日星期五

پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەدىكى 50 يىللىق ئۆزگۈرۈش






پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەدىكى 50 يىللىق ئۆزگۈرۈش


بۇ رەسىمدە پەلەستىن زىمىنى بىلەن ئىسرائىلىيە زىمىنىنىڭ 50 يىللىق ئۆزگىرىشى تەسۋىرلەنگەن.

رەسىمدە سولدىن ئوڭغا 1967،1947 ،1946 ۋە 2000 -يىلىدىكى خەرىتىدىكى ئۆزگىرىشتۇر.
خەرىتىدىكى ئاق رەڭ بىلەن ئىپادىلەنگەن جايلار - ئىسرائىلىيە زىمىنىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
خەرىتىدىكى يېشىل رەڭ بىلەن ئىپادىلەنگەن جايلار - پەلەستىن زىمىنىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

سولدىكى 1- رەسىمدە:

1946- يىلدىكى پەلەستىندىكى ئەرەبلەرنىڭ زىمىنى بىلەن پەلەستىندىكى يەھۇدىيلارنىڭ زىمىنى كۆرسىتىلگەن.

سولدىكى 2- رەسىمدە:

1947 - يىلدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئايرىش قارارى بويىچە قۇرۇلماقچى بولغان پەلەستىن دۆلىتى بىلەن ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ زىمىنى كۆرسىتىلگەن.

سولدىكى 3- رەسىمدە:

1949 - يىلدىن 1967- يىلغىچە بولغان بىر نەچچە قىتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ زىمىنى كۆرسىتىلگەن.

سولدىكى 4- رەسىمدە:

1967 - يىلدىن 2000- يىلغىچە بولغان بىر نەچچە قىتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ زىمىنى كۆرسىتىلگەن.

نۆۋەتتىكى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ زىمىن ماجراسىدا، «پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى»-‹فاتاخ› رەھبەرلىكىدىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىغا ئاساسەن، 3- رەسىمدىكى پەلەستىن زىمىنىدا پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش تەلىپىدە چىڭ تۇرماقتا. ئەلۋەتتە يەنە باشقا مۇھىم تالاش- تارتىشلارمۇ بار.


رەسىمنىڭ مەنبەسى
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-52959.html
ــــــــــــــــــــــ


看到这张图,我要谴责以色列及粉饰以色列的中国人


附图:
这是 1945 年至 2000 年,以色列和巴勒斯坦的领土变化图。
以这种趋势再走下去,巴国很可能亡国!


侵略了他国的领土,然后被侵略国人民反抗就成了恐怖行动。
这就是当前以色列和巴勒斯坦的现状。

以色列是侵略者,即使什么狗屁联合国承认了也改变不了这个事实。(当年联合国承认台湾的国民党政府时期能够否则中国人民共和国代表着绝大多数中国人这一事实么?联合国这个组织只不过是大国游戏,政治利益交换的中介机构而已。)

哈马斯的袭击以色列平民的行为是不为人耻,但是作为一个被侵略快要亡国或是说已经亡国的国民,他们简单的火器能够袭击以色列军队么?我想如果他们有先进的飞机导弹坦克他们肯定不会选择以色列平民为袭击对象。哈马斯及巴勒斯坦人民现在所谓的火箭队袭击在笔者看来是一种可怜的垂死挣扎而已,而偏偏是这样的垂死挣扎却被侵略者定义为“恐怖活动”,一些近似于“白痴”的中国人也为以色列摇旗呐喊,可悲!

侵略了他国的领土,然后被侵略国人民反抗就成了恐怖行动。---这让我想起了中国被日本侵略时期的所谓的“良民”,---你乐于接受被侵略的事实你就是 “良民”,--“良民大大的好”,我想中国人都熟悉这句刺耳的台词,我们经常可以在影视作品中看到。现在,对于以色列他们和当初的侵华日本人是一样的,巴勒斯坦不反抗那就“良民大大的好”,反抗以色列的侵略的话就要“定点清除”,就要为了为了维护以色列人的“安宁”对巴勒斯坦人就行血腥屠杀。

--- 这还是二十一世纪的人类文明么???我感到的只有愤怒。对当前世界缺乏公义或是永远不会有公义的愤怒。利益高于一切,对于商人和国家也是。但是道德呢?我们对商业活动经常要求和说什么“商业道德”,但是对与以色列这种赤裸裸的侵略行动到血腥屠杀,国际法无能外力,美国霸道无法约束,我们期望一种道德来约束,但是有什么样的道德能够约束呢?

全世界的人的道德谴责是一种道德约束,作用大不大就不得而已,我想以色列会有压力的,否则他们的大使也不用在接受新华社的采访时以 “受害者”的面目出现来蛊惑中国人。有一部分中国人还真的是被忽悠了,他们在同情以色列,谴责哈马斯的“恐怖”行动,他们忘记了就是不久前的记忆依旧清晰的年代,中国也面临亡国的悲惨时刻,这和巴勒斯坦有什么两样。

请哪些同情以色列的中国人用用大脑想想中国的近代史,那个中国差点亡国的年代,或许,你会改变你的看法。

为巴勒斯坦祈祷,为死亡的巴勒斯坦人默哀,坚决支持巴勒斯坦人反侵略的奋斗。也坚决批判以色列的侵略行为和哪些粉饰以色列的中国人。(CHN强国网 红旗飘飘)

http://bbs.news.sina.com.cn/tableforum/App/view.php?bbsid=4&subid=1&fid=123641&tbid=7990
_________________________

تولۇق ئوقۇش

2009年1月8日星期四

پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئاداۋەتلىرى


ئىسرائىلىيە دۆلەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كىيىن، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا بەش قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش پارتلىغان. ئىسرائىلىيە ئۇرۇش قوزغاش ئارقىلىق يېرۇسالېمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلغان، پەلەستىندىكى نەچچە مىليون ئەرەب يۇرت-ماكانىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، مۇساپىر بولغان.
مىللىي ھوقۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يۇرت-ماكانىغا قايتىپ كېلىش ئۈچۈن، پەلەستىنلىكلەر قوراللىق كۈرەشنى باشلىغان. 1964-يىلى 5-ئايدا پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان، مەزكۇر تەشكىلات «پەلەستىن زېمىنىدىكى يەھۇدىي قىساسچىلىرىنى يوقىتىش»نى مەقسەت قىلغان



پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئاداۋەتلىرى


پەلەستىن ئاسىيانىڭ غەربىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز بويىغا جايلاشقان. قەدىمكى نامى كەنئان بولۇپ، ھازىرقى ئىسرائىلىيە، غەززە، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە ئىئوردانىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
تارىختا بۇ يەردە يەھۇدىيلارمۇ، ئەرەبلەرمۇ ياشىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىبرانىلار قەبىلىلىرى پەلەستىنگە كۆچۈپ كەلگەن ھەم كېيىن ئىبرانىلار پادىشاھلىقى ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. كىيىن پەلەستىننى ئاسسۇرىيلار، بابىللىقلار، پارسلار، رىملىقلار ئىشغال قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. رىم ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، يەھۇدىيلار كۆپ قېتىم باستۇرۇلغان، ھايات قالغانلارمۇ پەلەستىندىن قوغلاپ چىقىرىلغان. مىلادى 7-ئەسىردە، ئەرەبلەر رىم ئىمپېرىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، پەلەستىنگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 16-ئەسىردىن باشلاپ، پەلەستىن ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پەلەستىن ئەنگلىيىنىڭ «مانداتلىق تېررىتورىيىسى»گە ئايلانغان، شۇنىڭدىن باشلاپ، ئەرەبلەر بۇ رايوننىڭ ئاساسلىق ئاھالىسىگە ئايلانغان.
ئەنگلىيە پەلەستىننى ئىشغال قىلغاندىن كىيىن ئۇنى ئىئوردان دەرياسىنى چېگرا قىلىپ، پەلەستىننى شەرق ۋە غەرب دەپ ئىككى رايونغا، يەنى شەرقىي قىسىمنى تاشقى ئىئوردانىيە(ھازىرقى ئىئوردانىيە ھاشىم پادىشاھلىقى)، غەربىي قىسىمنى پەلەستىن(ھازىرقى ئىسرائىلىيە، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە رايونى) دەپ ئاتىغان.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يەھۇدىي قىساسچىلىرى ھەرىكىتى باشلانغان. يەھۇدىيلار تۈركۈملەپ پەلەستىنگە كۆچۈپ كەلگەن. بۇ جەرياندا يەھۇدىيلار پەلەستىندىكى ئەرەبلەر بىلەن كۆپ قېتىم قانلىق توقۇنۇشقان.

1947-يىلى 11-ئايدا، ب د ت 181-نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، 27مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان پەلەستىن زېمىنىدا يەھۇدىيلار دۆلىتى ۋە ئەرەبلەر دۆلىتى قۇرۇش، يېرۇسالېمنى خەلقئارالاشتۇرۇشنى بەلگىلىگەن. 1948-يىل 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. ب د ت نىڭ بۇ قارارى پەلەستىنلىكلەر ۋە ئەرەب دۇنياسىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن، پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلماي قالغان.

ئىسرائىلىيە دۆلەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كىيىن، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا بەش قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش پارتلىغان. ئىسرائىلىيە ئۇرۇش قوزغاش ئارقىلىق يېرۇسالېمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلغان، پەلەستىندىكى نەچچە مىليون ئەرەب يۇرت-ماكانىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، مۇساپىر بولغان.

مىللىي ھوقۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يۇرت-ماكانىغا قايتىپ كېلىش ئۈچۈن، پەلەستىنلىكلەر قوراللىق كۈرەشنى باشلىغان. 1964-يىلى 5-ئايدا پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان، مەزكۇر تەشكىلات «پەلەستىن زېمىنىدىكى يەھۇدىي قىساسچىلىرىنى يوقىتىش»نى مەقسەت قىلغان.

پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئۇزاق يىل ئۇرۇش قىلىپ، ئۇرۇش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش باشلانغان.
1993-يىلى 9-ئايدا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە تۇنجى تىنچلىق كېلىشىمى−پەلەستىن ئاپتونومىيىسىنىڭ «پرىنسىپ خىتاپنامىسى»نى ئىمزالىغان. يېرۇسالېمنىڭ تەۋەلىكى، يەھۇدىيلار مەھەللىسى، پەلەستىنلىك مۇساپىرلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە چېگرىسىنى ئېنىق بېكىتىش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەردە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ ئىختىلاپ بولغاچقا، ئىككى تەرەپ تا ھازىرغىچە مەڭگۈلۈك تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىيالمىدى.
بۇنىڭدىن سىرت، پەلەستىن زېمىنىدا يەنە «خاماس»، «ئىسلام غازاتچىلار تەشكىلاتى»(جىھاد)، «پەلەستىننى ئازاد قىلىش خەلق فرونتى» قاتارلىق سىياسىي گۇرۇھلار بار.
ئۇلار پەلەستىننىڭ مىللىي ھوقۇقىنى تەكىتلەيدۇ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشىگە قارشى، ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىدۇ ھەم ئىسرائىلىيىنىڭ 1967-يىلىدىكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىشغال قىلىنغان پەلەستىننىڭ بارلىق زېمىنىنى قەتئىي قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
پەلەستىننىڭ مىللىي ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ تەشكىلاتلارغا قاراشلىق ھەربىي گۇرۇھلار ئىسرائىلىيىنى نىشان قىلغان بىر قاتار پارتلىتىش ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىپ، ئىسرائىلىيىنىڭ قاتتىق ئۆچ ئېلىشىگە سەۋەبچى بولدى. نەتىجىدە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ بىر-بىرىدىن ئۆچ ئېلىشى توختىمىدى.

مەنبەسى: شىنخۇا تورىدىن

مەنبە
http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=30936

تولۇق ئوقۇش