显示标签为“پەلەستىندە تىنچلىق”的博文。显示所有博文
显示标签为“پەلەستىندە تىنچلىق”的博文。显示所有博文

2009年1月23日星期五

Isra'iliyening «urush toxtitish» qarari heqqide tehlil



Updated 19.01.2009 21:28:15 UTC


ئىسرائىلىيەنىڭ «ئۇرۇش توختىتىش» قارارى

ھەققىدە تەھلىل


2009 - يىلى 17 – يانۋاردا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئەھۇد ئولمەرت رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان «ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك كابىنتى» يىغىنى ئىسرائىلىيەنىڭ 22 كۈندىن بېرى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىنى توختىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئولمەرت بەرگەن باياناتىدا ئېرىشمەكچى بولغان بارلىق مەقسەتلىرىگە ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ناۋادا ھاماس راكېتا ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، غەززەگە تەكرار ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، بۇ قېتىمقى ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە ئۆزىنى قوللىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بانكىمۇنغا ئالاھىدە مېننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئۆتمەيلا، ھاماس باياناتچىلىرى بىر ھەپتە بويىچە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنامىسىنىڭ روھىغا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەززەدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتمىگەن ۋە چېگرالارنى ئېچىۋەتمىگەن تەقدىردە، تەكرار ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمدى ھەيدەر چاقماقنىڭ بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىغا قولاق سېلىپ چىقايلى:

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئولمەرت ئېرىشمەكچى بولغان مەقسەتلىرىمىزگە ئاساسىي جەھەتتىن ئېرىشتۇق دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
بۇ يەردە دېيىلگەن ئاساسىي مەقسەتلەر تۆۋەندىكىچە:

(1)- ئىسرائىلىيىنىڭ 2000 ۋە 2006 – يىللىرى ئاللاھ پارتىيىسىنى يوقىتىپ تاشلاش ئۈچۈن، ئىككى قېتىم لىۋانغا ھۇجۇم قىلىشى ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى دېگەندەك مۇۋەپپىقىيەتلىك ئادا قىلالمىغانلىقىنىڭ خۇنۇك ئىزلىرىنى تازىلاش.

(2)- ئىسرائىلىيىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا قارشى چىقمىغان ۋە نىسبەتەن بىتەرەپ تۇرغان ئەرەب دۆلەتلىرىگە ھېلىھەم ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇش ۋە مەۋجۇت پوزىتسىيلىرىدە تۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش.

(3)- رادىكال پائالىيەت بىلەن شوغۇللىنىپ، يارىشىشنى قۇبۇل قىلماي كېلىۋاتقان ھاماسقا پوپۇزا قىلىش ۋە رايوننىڭ ئىچى – سىرتىدا ھاماسنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈش.

(4)- ھاماسنى قوللايدىغان سۈرىيە ۋە ئىرانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنى قېيىن ئەھۋالدا قالدۇرۇپ قويۇش.

(5)- ھاماسقا ئاۋاز بەرگەن غەززە خەلقىنى جازالاش ئارقىلىق، ھاماسقا ئاۋاز بەرمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش ياكى ئاۋاز بەرگەن تەقدىردىمۇ ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيىگە قارىتا يومشاقراق بولۇشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش.

(6)- ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتىغا مەسىلە تېپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن، كونا پرېزىدېنت دەۋرىدە بۇ ھۇجۇمنى قوزغاش ئارقىلىق، يېڭى كېلىدىغان پرېزىدېنتقا بىر يېڭى يىل ياكى ‹خوش كەپسىز› ھەدىيىسى تەقدىم قىلىش.

(7)- فېۋرال ئېيىدىكى ئىسرائىلىيىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇمۇمىي سايلاملاردا، ھۆكۈمەت بېشىدىكى پارتىيىلەرنىڭ ئاۋاز بەرگۈچىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ ‹مىللەتچى› ئىكەنلىكى ھەققىدە سىگنال بىرىش ئارقىلىق، كۆپرەك ئاۋازغا ئېرىشىشكە ئوخشىغان مەقسەتلىرى بار ئىدى ۋە بۇ مەقسەتلىرىگە يەتتى، دېسەكمۇ بولىدۇ.

لېكىن، ئۈچتىن ئىككىسى، كۆپچىلىكى بالىلار ۋە ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان پوقرالار بولۇپ، 1300 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولغان ۋە كۆپ قىسمى ئېغىر 6000 ئەتراپىدا كىشىنى يارىدار قىلغان، رايوننىڭ ئۈستقۇرۇلمىسىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرغان، ئەسلىدىمۇ سانى ئاز بولغان سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇئەسسەسەلىرىنى ۋەيران قىلغان، توك ۋە سۇ قاناللىرىنى بوزۇپ تاشلىغان، ئۇزۇق – تۈلۈك ۋە دورا يېتەرسىزلىكى ۋايىغا يەتكەن بۇنداق ئىنسانلىق ترادېگىيىسىنى ئارقىدا قالدۇرۇش بەدىلىگە ئەمەلگە ئاشقان مەقسەت، قانداق مەقسەت بولسا بولسۇن، ئىنسانلىققا ياراشمايدۇ.

غەززە ۋەقەسى مەيلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ، مەيلى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بىر پاجىئە ئالدىدىكى ئاجىزلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيىگە بولغان ياردىمىنىڭ ھەر قانداق بېسىمغا قارىماي داۋاملىشىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرگەن بولدوق.
ئەرەبلەرنىڭ چېچىلاڭغۇلىقى ۋە ئاڭسىزلىقىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇر ئىكەنلىكىگە يەنە بىر قېتىم گۇۋاھچى بولدۇق.

ئىسرائىلىيە، غەززە ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، ئورۇپ – چاققانلىرىنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن، مىسىرنىڭ شام-شەيخ شەھىرىدە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ گېرمانىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى چېخ جۇمھۇرىيىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە، تۈركىيە، پەلەستىن رەھبىرى مەھمۇد ئابباس، مىسىر ۋە ئىئوردانىيىنى چاقىرىپ، خەلقئارا جامائەتچىلىككە، بۇ ھۇجۇم جەريانىدا ۋەقەنىڭ تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن غەيرەت قىلغان دۆلەتلەرنى ئېلان قىلىشنى مەقسەت قىلغان.
2009-يىل 18- يانۋار كۈنى چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان دۆلەتلەرنىڭ پوقرالىرىغا بېرىشنى مەقسەت قىلغان نەرسە، «مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتى» دېگەن سىگنالدىن ئىبارەتتۇر.
خۇسۇسەن ئەرەبلەرنىڭ نەزىرىدە ۋە دىندار مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە، ئىسرائىلىيىگە يان باسقان پوزىتسىيىلىرى بىلەن، ئىناۋىتىنى چۈشۈرىۋاتلغان مىسىر دۆلەت رەئىسى ھۆسنى مۇبارەك ۋە يانداشلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى كۆتىرىش مەقسىتىدە، ئىسرائىلىيىنىڭ، تىنچلىقنىڭ باش رولچىسى سۈپىتىدە مىسىر رەھبەرلىكىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقرىشنى ئارزۇ قىلىشى، مىسىرنىڭ ئىسرائىلىيە ئۈچۈن ئوينايدىغان رولىنىڭ تېخى تامامەن تۈگىمىگەنلىكىنىڭ بىر نىشانىدۇر.


مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/

*******************************


Isra'iliyening «urush toxtitish» qarari heqqide tehlil


2009 - yili 17 – yanwarda isra'iliye bash ministiri ehud olmert riyasetchilikide chaqirilghan «isra'iliye xewpsizlik kabinti» yighini isra'iliyening 22 kündin béri özlüksiz dawamlashturup kéliwatqan ghezze hujumlirini toxtitishni qarar qilghanliqini élan qildi.
Olmert bergen bayanatida érishmekchi bolghan barliq meqsetlirige érishkenlikini tilgha élip ötkendin kéyin, nawada hamas rakéta hujumlirini dawamlashturidighan bolsa, ghezzege tekrar hujum qilidighanliqini alahide eskertish bilen birge, bu qétimqi urush toxtitish mesiliside özini qollighan birleshken döletler teshkilati bash katipi bankimun'gha alahide ménnetdarliqini bildürdi. Buningdin bir kün ötmeyla, hamas bayanatchiliri bir hepte boyiche urush toxtitish kélishimnamisining rohigha ri'aye qilidighanliqini, eger isra'iliye eskerliri ghezzedin chékinip chiqip ketmigen we chégralarni échiwetmigen teqdirde, tekrar hujum qozghaydighanliqini bildürdi.

Emdi heyder chaqmaqning bu mesilige munasiwetlik analizigha qolaq sélip chiqayli:

Isra'iliye bash ministiri olmert érishmekchi bolghan meqsetlirimizge asasiy jehettin érishtuq dep körsetken idi.
Bu yerde déyilgen asasiy meqsetler töwendikiche:

(1)- isra'iliyining 2000 we 2006 – yilliri allah partiyisini yoqitip tashlash üchün, ikki qétim liwan'gha hujum qilishi we isra'iliye armiyisining wezipisini dégendek muweppiqiyetlik ada qilalmighanliqining xunuk izlirini tazilash.

(2)- isra'iliyining mewjutliqigha qarshi chiqmighan we nisbeten biterep turghan ereb döletlirige hélihem özining küchlük ikenlikini körsitip qoyush we mewjut pozitsiyliride turushni kapaletke ige qilish.

(3)- radikal pa'aliyet bilen shoghullinip, yarishishni qubul qilmay kéliwatqan hamasqa popuza qilish we rayonning ichi – sirtida hamasning inawitini chüshürüsh.

(4)- hamasni qollaydighan süriye we iran'gha oxshash döletlerni qéyin ehwalda qaldurup qoyush.

(5)- hamasqa awaz bergen ghezze xelqini jazalash arqiliq, hamasqa awaz bermeydighan haletke keltürüsh yaki awaz bergen teqdirdimu hamasning isra'iliyige qarita yomshaqraq bolushi üchün bésim ishlitishini kapaletke ige qilish.

(6)- amérika qoshma shitatlirining yéngi prézidéntigha mesile tépip bermeslik üchün, kona prézidént dewride bu hujumni qozghash arqiliq, yéngi kélidighan prézidéntqa bir yéngi yil yaki ‹xosh kepsiz› hediyisi teqdim qilish.

(7)- féwral éyidiki isra'iliyide élip bérilidighan umumiy saylamlarda, hökümet béshidiki partiyilerning awaz bergüchilerge özlirining ‹milletchi› ikenliki heqqide signal birish arqiliq, köprek awazgha érishishke oxshighan meqsetliri bar idi we bu meqsetlirige yetti, désekmu bolidu.

Lékin, üchtin ikkisi, köpchiliki balilar we ayallardin teshkil tapqan poqralar bolup, 1300 kishining ölümige sewep bolghan we köp qismi éghir 6000 etrapida kishini yaridar qilghan, rayonning üstqurulmisini xarabilikke aylandurghan, eslidimu sani az bolghan sana'et we ishlepchiqirish mu'esseselirini weyran qilghan, tok we su qanallirini bozup tashlighan, uzuq – tülük we dora yétersizliki wayigha yetken bundaq insanliq tradégiyisini arqida qaldurush bedilige emelge ashqan meqset, qandaq meqset bolsa bolsun, insanliqqa yarashmaydu.

Ghezze weqesi meyli birleshken döletler teshkilatining, meyli xelq'ara jama'etchilikning bir paji'e aldidiki ajizliqini otturigha qoydi.
Buning bilen birge, amérika qoshma shitatlirining isra'iliyige bolghan yardimining her qandaq bésimgha qarimay dawamlishidighanliqini yene bir qétim körgen boldoq.
Ereblerning chéchilangghuliqi we angsizliqining neqeder chongqur ikenlikige yene bir qétim guwahchi bolduq.

Isra'iliye, ghezze hujumliridin kéyin, orup – chaqqanlirini rémont qilish üchün, misirning sham-sheyx shehiride yawrupa ittipaqining gérmaniye, fransiye, en'giliye, italiye we yawrupa ittipaqining nöwetchi re'isi chéx jumhuriyiti qatarliqlar bilen birge, türkiye, pelestin rehbiri mehmud abbas, misir we i'ordaniyini chaqirip, xelq'ara jama'etchilikke, bu hujum jeryanida weqening tinchliq yoli bilen hel qilinishi üchün gheyret qilghan döletlerni élan qilishni meqset qilghan.
2009-yil 18- yanwar küni chaqirilghan bu yighin'gha ishtirak qilghan döletlerning poqralirigha bérishni meqset qilghan nerse, «muweppiqiyetke érishti» dégen signaldin ibarettur.
Xususen ereblerning neziride we dindar musulmanlarning neziride, isra'iliyige yan basqan pozitsiyiliri bilen, inawitini chüshüriwatlghan misir dölet re'isi hösni mubarek we yandashlirining inawitini kötirish meqsitide, isra'iliyining, tinchliqning bash rolchisi süpitide misir rehberlikini aldinqi pilan'gha chiqrishni arzu qilishi, misirning isra'iliye üchün oynaydighan rolining téxi tamamen tügimigenlikining bir nishanidur.


Menzil: Http://palastinbiz.Blogspot.Com/
*******************************

تولۇق ئوقۇش

2009年1月19日星期一

ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى





ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئۇرۇش

توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززەدىن چېكىنىشكە باشلىدى



2009-01-19 «تەڭرىتاغ تورى»


«جۇڭگو ئاخبارات تورى» 19 – يانۋار تېلېگراممىسى:
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززە رايونىدا 20 كۈندىن ئارتۇق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى-«خاماس»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىندىكى قوراللىق گۇرۇھلار ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇرۇش توختىتىلغان شۇ كۈنى، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززەدىن چېكىنىشكە باشلىدى.


ئىسرائىلىيە بىلەن «خاماس» ئارقا – ئارقىدىن
ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى


ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ئولمېرت شۇ جاي ۋاقتى2009 - يىلى 17 – يانۋار كەچ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى جاكارلىغان:
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززە رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە «خاماس»نى ئېغىر مەغلۇپ قىلىپ، «قوغۇشۇپ قۇيۇش ھەرىكىتى»دە كۆزلىگەن نىشانغا تولۇق يەتتى. ئىسرائىلىيە تەرەپ شۇ جاي ۋاقتى 18 – يانۋار سەھەر سائەت ئىككىدىن باشلاپ غەززە رايونىدا ئۆز ئالدىغا (بىر تەرەپلىك) ئۇرۇش توختىتىدۇ. ئۇرۇش توختىغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززە رايونىدا بىر قانچە كۈن تۇرۇپ قالىدۇ ھەمدە پەلەستىن ئاپتونوم ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا داۋاملىق كېڭىشىدۇ.

ئولمېرت 17 – يانۋار مۇنداق دەپ تەكىتلىگەن:
ھازىر ئۇرۇش توختىتىش نىسبەتەن «ئاجىزلىق»، بىراق ئىسرائىلىيە تەرەپ ھەر ۋاقىت غەززە رايونىدىكى ۋەقەلەرنى نازارەت قىلىپ تېزگىنلىيەلەيدۇ. ئەگەر پەلەستىندىكى قوراللىق گۇرۇھلار داۋاملىق ھۇجۇم قىلسا، ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ قايتۇرما زەربە بېرىش ھوقۇقى بار بولۇپ، قايتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

18 – يانۋار كەچ ، «خاماس»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىندىكى ھەر قايسى قوراللىق گۇرۇھلار ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشنى بىر ھەپتە توختىتىدىغانلىقى بىلدۈردى ھەمدە ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە غەززەدىن ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇق قىسىملىرى غەززەنىڭ جەنۇبىدىن چېكىندى



ئىسرائىلىيە تانكىلىرى غەززەدىن چېكىنىشكە باشلىدى

ئەينى ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا ۋاقتىنچە ئەسكەر چېكىندۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى 18 – يانۋار كەچتىن باشلاپ غەززەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە باشلىغان بولسىمۇ، قانچىلىك ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئاشكارلىمىغان.

غەززەدىكى نەق مەيداندا كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 18 – يانۋار كەچتىن باشلاپ، ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇق قىسىملىرى غەززەنىڭ جەنۇبىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە باشلىغان. شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيسىىنىڭ 10 غا يېقىن تانكا ۋە برونىۋېكى غەززەنىڭ جەنۇبىدىن چېگرا تەرەپكە قاراپ چېكىنگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىمۇ غەززە شەھىرىدىن چېكىنىشكە باشلىغان.



ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەززەدىن چېكىنمەكتە


كۆپ دۆلەت باشلىقلىرى مىسىرغا جەم بولۇپ،

غەززە ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلدى



مىسىر ئېچىشنى تەشەببۇس قىلغان كۆپ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى2009 - يىلى 18 – يانۋار مىسىردىكى قىزىل دېڭىز شەھىرى شامشېيىخ
(Sharm el Sheikh)
دا باشلاندى.
يىغىندا باشلىقلار نۆۋەتتىكى غەززە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

مىسىر زۇڭتۇڭى مۇبارەك بىلەن فرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى يىغىنغا ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلدى.

مۇبارەك باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
غەززەدە ئۇرۇش توختاپ، غەززە ۋەزىيىتىدە يېڭى بۆسۈش بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئىككى تەرەپ يەنىلا ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئاكتىپ كېلىشتۈرۈشىگە مۇھتاج.
بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر، مەسلەن،
ئىسرائىلىيىنىڭ غەززەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى،
غەززە ۋەزىيىتىنىڭ تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش،
غەززە پورتىنى ئېچىۋېتىش قاتارلىقلار
ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئاۋۋالقىدەكلا ئورتاق تىرىشىپ ھەل قىلىشىغا مۇھتاج .

ساركوزى مۇنداق دېدى:
ئەگەر غەززە رايونىدىكى پەلەستىن قوراللىق گۇرۇھلار ئىسرائىلىيىگە راكېتا قويۇپ بېرىشنى توختاتسا، ئىسرائىلىيە غەززەدىن ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشى كېرەك.
يىغىنغا، ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون، ئەرەب ئەللىرى ئىتتپاقىنىڭ باش كاتىپى مۇسا، ئىئوردانىيە، تۈركىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس قاتارلىقلار قاتناشتى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيسىىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىدە 1300 پەلەستىنلىك قازا قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيسىى بۇلتۇر، يەنى 2008 - يىلى 27 – دېكابىر غەززە رايونىدا «قوغۇشۇن قويۇش ھەرىكىتى»نى قوزغىغاندىن باشلاپ، ھازىرغا قەدەر 1300 پەلەستىنلىك قازا قىلغان، 5500 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك يارىلانغان.

مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/


تولۇق ئوقۇش

2009年1月14日星期三

غەززەدە ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى ئۆلۈۋاتىدۇ





غەززەدە ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى ئۆلۈۋاتىدۇ


رەجەپ تايىپ ئەردوغان پەلەستىن ئۈچۈن سۆزلىدى


«ئىزدىنىش»تىن
DJ_MardaN
نىڭ بايانى:

(ئىككى ھەپتىدىن بېرى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىننىڭ گازا رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قەتلىئاملىرىغا قارىتا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ۋە ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىنكاسى ئىزچىل تۈردە پاسسىپ ھالەتتە بولۇپ كەلدى. پەقەت تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بىر ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئىران، ۋىنسۇئىلا ئەلباشلىرىدەك ئۇلۇغ قۇرۇق شۇئارلار ئاتماي قۇلىدىن كېلىشىچە پەلەستىن خەلقىغە ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىپ قوللاپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىرغا كەلگۈچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار پەلەستىن خەلقىغە زور مىقتاردا دورا، يىمەك-ئىچمەك ياردىمى قىلدى. باش مىنىستىر ئەردوغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ بۇ قەتلىئامنى توختىتىش ھەققىدە توختىماي چاقىرىق قىلىۋاتىدۇ. ھەتتا مۇشۇ كۈنلەردە تۈركىيە ھۆكۈمىتى مەخسۇس ئايرۇپىلان ۋە پاراخوت تەييارلاپ، پەلەستىندىكى يارىدارلارنى پاسپورت ۋىزا تەلەپ قىلماي تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىپ ھەقسىز داۋالاۋاتىدۇ. باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ پەلەستىندىن كەلتۈرۈلۈپ تۈركىيەدە داۋالاۋاتقان يارىدارلارنى يوقلاپ دوختۇرخانىغا بارغاندا سۆزلىگەن سۆزلىرىنى ۋە پارتىيەسىنىڭ يىغىنىدا دىگەن بەزى گەپلىرىنى سەۋىيەمنىڭ يېتىشىچە تەرجىمە قىلىپ چىقىرىپ قويدۇم.)
ـــــــــــــــــــــ


باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغان، گازا قەتلىئامىدا يارىدار بولۇپ تۈركىيەنىڭ ئاتاتۈرك مائارىپ ۋە تەتقىقات دوختۇرخانىسىدا ياتقۇزۇلۇپ جىددى داۋالىنىۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنى يوقلىدى. ئەردوغان، دوختۇرلاردىن كىسەللەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئالدى. بەزى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئېچىنىشلىق يارىسى ۋە ئۇلارنىڭ قەتلىئام ھەققىدە دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىگە ياش كەلدى. دوختۇرخانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەن ئەردوغان مۇنداق دېدى:

- سىلەرمۇ بىلىسىلەر، پەلەستىنگە ئايرۇپىلان ئەۋەتىپ 10 يارىدارلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى ئېلىپ كەلدۇق. ئەسلىدە بۇ جىدىى قۇتقۇزۇش ئايرۇپىلانىمىز 40 يارىدار بىلەن ئائىلە تاۋاباتلىرىنى توشۇيالايتى، بېرىشتا دورا قاچىلاپ بېرىپ كېلىشتە يارىدارلارنى ئېلىپ كېلىشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئەمما ئىسرائىلىيە تەرەپ بىلەن شۇنچە كۆرۈشسەكمۇ تېخىمۇ جىق يارىدار ئېلىشىمىزغا يول قويمىدى. لېكىن تېخىمۇ جىق يارىدارنى تۈركىيە ئەكىلىپ داۋالاش ئۈچۈن توختىماي كۆرۈشىۋاتىمىز.

دوختۇرخانىدا كۆردۈم، يارىدارلارنىڭ جىقى (چەكلەنگەن) فوسفور بومبىسىدا كۆيۈپ يارىلانغانلار ۋە بومبا پارتىلاشتا يارىلانغانلار ئىكەن. دوختۇرلار بىر يارىدارنىڭ ئىككى پۇتىنى پۈتۈنلەي كېسىشكە مەجبۇر بولدى، بېلىنىڭ ئاستى يوق. يەنە بېلىگە، بوينىغا بومبا پارچىسى، ئوق كىرىپ پالەچ بولغانلارمۇ بار. بۇلارنىڭ جىقى ياش بالىلار. دوختۇر دوستلىرىمىزغا كۆپتىن-كۆپ ياردەم ئېيتىمەن، ھازىر 10 نەپەر يارىدارنى جىددى داۋالاۋاتىدۇ. ئۇلارنى ساقايغۇچە داۋالايمىز. يارىدارلارنىڭ بېشىدا تۇرىۋاتقان ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىمۇ ئەڭ ياخشى شەكىلدە كۈتىۋالىمىز.


رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ پەلەستىن ئۈچۈن سۆزلىگەن سۆزلىرى:


2008 - يىلى 12- ئاينىڭ 27 - كۈنى باشلانغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇمى 3-ھەپتىسىگە قەدەم باستى.
ئۆلگەنلەر 900 دىن ئاشتى.
سەبىي بالىلارنىڭ ئۆلۈملىرىنى پۈتۈن دۇنيا نەق مەيداندىن كۆرۈپ تۇرۇپ، ھازىرغىچە ئۇرۇشنى توختىتالمىدى.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۇرۇش توختىشىش قارارى چىقارغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە : «مەن بۇنداق قارارنى تونۇمايمەن» دەپ پىسەنت قىلمىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئىنكاسى خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە بويسۇنۇپ باقمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كۆپ قىسىمى بۇ ھۇجۇمغا قارىتا تېخىچە پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتىۋاتىدۇ. خۇددى: ئىسرائىلىيە باشتا ئىشىنى تۈگىتىۋالسۇن ئاندىن بىز كىرىپ تىنچلىقنى ئورنىتايلى. دىگەندەك پوزىتسىيەدە بۇلىۋاتىدۇ.
بۇ بولسا قەتلىئامغا شېرىك بولۇشتۇر.
جىمىجىت تۇرىۋالغان ھەممەيلەن ئۆلىۋاتقان سەبى بالىلارنىڭ جاۋاپكارىدۇر.
ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى يارا بولدى.
گازادا بۇلىۋاتقان ئىشلار دىپلوماتىيەنىڭ چەك-چىگرىسىدىن ھالقىپ كەتتى.
(دىپلوماتىيەلىك يوللار بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە كەلدى دىمەكچى).

ئەينى ۋاقتىدا يەھۇدىي خەلقى ئىسپانىيەدىن سۈرگۈن قىلىنغاندا ھازىرقى پەلەستىنلىكلەرگە ئوخشاش مەزلۇم ئىدى،
ھىچكىم قوينىغا ئالمىغاندا يەنە بىز، ئوسمان ئىمپىرىيەسى ئۇلارنى باغرىمىزغا باستۇق.
ئەمما ھازىر، ئەينى ۋاقىتتىكى مەزلۇم يەھۇدىيلار بۇ زۇلۇمنى پەلەستىنلىكلەرگە سېلىۋاتىدۇ.
كالللىسىغا توختىماي بومبا ياغدۇرۇپ زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ.
ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا يېقىندا ئۆتكۈزىلىدىغان سايلام بار.
ئىسرائىلىيەلىك رەھبەرلەرگە دەۋاتىمەن،
تارىخ ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قىلمىشىنى بىر قارا داغ سۈپىتىدە يازىدۇ.
ئاتا-بوۋاڭلار ياۋروپادىن قوغلاندى بولغان چاغدا، بۇ تۇپراقلاردا سىلەرنى قوينىغا ئالغان ئوسمان تۈركلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنى سۆزلەۋاتىمىز.

تېخى تۈنۆگۈن گرۇزىيەدە ئۇرۇش بولغاندا بەس-بەستە سايرىشىپ، ياردەم مۇسابىقىسىگە چۈشكەنلەر، ئىش پەلەستىنگە كەلگەندە نىمىشقا جىم تۇرىۋالىدۇ؟
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى نىمە ئۈچۈن ئاغزىڭلارنى يۇمىۋالىسىلەر؟ نىمىشقا؟...
ئەمما بىز پەلەستىنگە قۇلىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز،
مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن ياردەم قىلىمىز.
گرۇزىيە ئۇرۇشىدىمۇ تۇنجى ياردەمنى يەنە بىز ئەۋەتتۇق...
خەلقئارالىق تاراتقۇلار بىزنى ئەيىپلەۋاتىدۇ،
ئەردوغان ھىسياتقا بېرىلىپ سۆزلەۋاتىدۇ دەۋاتىدۇ.
مەن پەلەستىندە شېھىت بۇلىۋاتقان بىگۇناھ ئىنسانلارغا قارىتا ھىسياتچان پوزىتسىيە تۇتىۋاتىمەن.

تېخىچە رەھىمسىزلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ھەرىكەتكە چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ.
پۈتۈن دۇنياغا شۇنى دېمەكچىمەن:
گازادا بىگۇناھ پۇقرالار بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت ئۆلىۋاتىدۇ،
سەبىلىك ئۆلىۋاتىدۇ،
ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى، غورۇرى ئۆلىۋاتىدۇ.
بۇ قەتلىئاملارغا جىمجىت قالغانلار تارىخنىڭ ئالدىدا بۇنىڭ سورىقىنى بېرىدۇ.

تۈركىيەنىڭ مەيدانى ئېنىق. بىز تىنچلىقنى، ھۇزۇر-ھالاۋەتنى، مۇقىملىقنى خالايمىز.
بىز پۇقرالارنىڭ ئۆلىشىگە، توقۇنۇشلارغا قارشى.
بۇ رايوندا توقۇنۇش داۋام قىلسا تىنچلىققا ھىچقاچان ئېرىشەلمەيمىز.
بۇ توقۇنۇشلار تىنچلىقنى يوقىتىپ ئوتتۇرا شەرقنى ئوت چەمبىرىنىڭ ئىچىدە مۇھاسىرىگە ئالىدۇ.

ئۇ بىگۇناھ سەبى بالىلارنىڭ باغچىلاردا ئۆلتۈرۈلىشى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە بىلەن ئالاقىسى بولغان يەھۇدىيلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان تاراتقۇلار: «بالىلار ئۇقۇشماسلىقتىن ئۆلدى، تېرورچىلار كىچىك بالىلارنىڭ كەينىگە مۈكىۋالغانتى» دەپ خەۋەر بېرىۋاتىدۇ.
دۆلىتىمىزدىكى بەزى تاراتقۇلارمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھۇجۇمىنى ھەقلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ.
مېنىڭ سۆزلىرىم ھەققىدە: «ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز بۇزۇلمىسۇن، ئەتىمىزنى ئويلىشىمىز كېرەك» دېيىشىۋاتىدۇ.
ئەگەر ئەتىمىزنى بەك بىلگۈڭلار كېلىپ كەتكەن بولسا، ۋاقىت ئايرىپ يېنىمغا كېلىڭلار، شەخسىي ئولتۇرۇپ (تۈركىيەنىڭ) ئەتىسى ھەققىدە سۆزلىشىمىز.
ئەردوغاننىڭ گەپلىرى بەك قاتتىق كەتتى دىگەنلەر بار،
بۇ گەپلىرىم فوسفور بومبىلىرىدىن قاتتىق ئەمەستۇ؟
تانكىلاردىن چىقىۋاتقان ئوقلاردىن قاتتىق ئەمەستۇ؟
مەنمۇ بىر ئىنسان ۋە بىر دادا....

مەنبە
http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?ThreadID=34878
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

تولۇق ئوقۇش

2009年1月11日星期日

غەززە پاجىئەسى ئوباماغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى

ئىخچام



غەززە ئۇرۇشى ئوباماغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى


2009-01-11 12:47 «شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى»


نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان غەززە ئۇرۇشى ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب ئەللىلىرىنىڭ قارشىلىشىش كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. شۇنداقلا يېڭىدىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان ئوبامانى پايدىلىق پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.
ئەگەر ئوباما مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق يولىنى بەرپا قىلالىسا، ئۇنداقتا بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن دىپلۇماتىيە سىياسىتىنىڭ غەلبە ئۇل تېشىنى سالغان بىلەن باراۋەر.
ئەمما ئومابا ناۋادا پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويسا، بۇ رايوندا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇدىغان ئاخىرقى بىر قېتىملىق پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويغان بولىدۇ. ھالبۇكى بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى پۈتۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.

خەتەر ئاستىغا يوشۇرۇنغان پۇرسەتنى مۇنداق بىر ھەقىقەت ۋۇجۇتقا چىقارغان.
يەنى، مەيلى ئىسرائىلىيە ياكى پەلەستىن بولسۇن، ئايىقى ئۈزۈلمەس ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

غەززە رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىكى ھاياتلىق تەرەققىياتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.
غەززە رايونى دۇنيادىكى نوپۇسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز رايوننىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
نۆۋەتتىكى 1 مىليون 500 مىڭ نوپۇسنىڭ ئۈچ دىن ئىككى قىسمى كەمبەغەللەر،
تەخمىنەن يېرىمدىن كۆپرەك ئاھالە ئىشسىز.

ئىسرائىلىيىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىمۇ مۈجىمەل.
ئىسرائىلىيىنىڭ غەززە رايونىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى— پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى - «خاماس»نىڭ ئىسرائىلىيىگە كاتيۇشا بىلەن ئىغۋاگەرلىك قىلغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ.
ئەمما، غەززا رايونىدىكى «خاماس»تىن سىرت ئىسرائىلىيە يەنە قوراللىنىشى خىل لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.
بۇنىڭدىن سىرت، ئىسرائىلىيە ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەملىكەت ئىچىدىكى نوپۇس ئىستاتىستىكىسى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلگەن يۈزلىنىشمۇ ئېغىر بېسىم ھېسابلىنىدۇ،
يەھۈدىلار ئادەم سانىدا قارشى تەرەپنى بېسىپ چۈشۈش ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئەمەس.
پەلەستىن–ئىسرائىلىيە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرالمىسا، ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ يەھۇدى دۆلىتى بولۇش ئالاھىدىلىكىنى ئۇزاققىچە ساقلىيالمايدۇ،
بولۇپمۇ بۇ دۆلەتتىكى ئەرەبلەرنىڭ نوپۇسى ئاشقاندا، خىرىس تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ.

ھالقىلىق نۇقتا—پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئۇرۇشتا مەيلى قايسى تەرەپ بولسۇن مۇتلەق غەلبە قىلغۇچى بولالمايدۇ.
يەھۇدىلار ھەرگىز دېڭىزغا قوغلىۋېتىلمەيدۇ،
ئەگەر ئىسرائىلىيە غەلبە قازىنىمەن دەيدىكەن، سىياسىي، ھەربىي ۋە ئەخلاق جەھەتتە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بەدەل تۆلىشى كېرەك.
بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئايىقى چىقمايدىغان كۈرەشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق.
ئەمما ھازىر ئىككىلا تەرەپ يول قويۇش مۈمكىنچىلىكىنى ئويلاشنى خالىمايۋاتىدۇ.

ئوباما ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ھەر بىر سابىق زۇڭتۇڭغا ئوخشاش مەملىكەت ئىچىدە كۈچلۈك مەسلىھەتچىلەر گۇرۇھىغا يۈزلىنىدۇ.
بۇ مەسلىھەتچىلەر گۇرۇھى ھەمىشە ئىسرائىلىيىگە يان باسىدىغان بولغاچقا، مۇقەررەر بۇ رايوندا نارازىلىق پەيدا قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە، نۇرغۇن تەكلىب، قارشى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ھازىرقى مەسىلە ئوبامانىڭ يەنە باشقا ئامالىنىڭ بار-يوقلىقىدا.

بۇ مەسىلىدە، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كات بىلەن قېرى بۇشنىڭ باسقان يولى مەلۇم خىل مۈمكىنچىلىكنى نامايەن قىلىدۇ. كات ئىلگىرى مىسىر – ئىسرائىلىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە «دەۋىد لاگىرى كېلىشىمى»نىڭ ئىمزالىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛
قېرى بۇش پارىس قولتۇقى ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب قوشنا دۆلىتىنىڭ مادرىد سۈلىھ كېڭىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاخىرىدا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە «ئوسلو كېلىشىم» ئىمزالىغان.

ئوباما ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىملىق غەززا ئۇرۇشىنى بىر ياخشى پۇرسەت دىيىشكە بولىدۇ. ئەگەر ئۇ بۇ پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنالىسا، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىنگىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھات خاراكتېرلىك نەتىجە بارلىققا كېلىشى مۈمكىن.

مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/

تولۇق ئوقۇش

ئەرەب - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىدىكى ئىككى تەرەپ سۆھبىتى


ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىدىكى ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئاساسلىقى ئىسرائىلىيىنىڭ سۇرىيە، لىۋان، ئىئوردانىيە ۋە پەلەستىن قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان بىۋاسىتە سۆھبىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە پەلەستىن - ئىسرائىلىيە سۆھبىتى ھەل قىلغۇچ سۆھبەت ھېسابلىنىدۇ




ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىدىكى

ئىككى تەرەپ سۆھبىتى



2007- 12- 07 18:34 «شىنجاڭ گېزىتى»


ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىدىكى ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئاساسلىقى ئىسرائىلىيىنىڭ سۇرىيە، لىۋان، ئىئوردانىيە ۋە پەلەستىن قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان بىۋاسىتە سۆھبىتىنى كۆرسىتىدۇ.

1991 – يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مادرىد تىنچلىق سۆھبىتى»نىڭ ئېچىلىشى بىلەن، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلانغانىدى. ئىسرائىلىيە ئارقىدىنلا سۇرىيە، لىۋان، ئىئوردانىيە ۋە پەلەستىن بىلەن مادرىدتا تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە سۆھبەتلەشكەن.


ئىئوردانىيە – ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى

ئىئوردانىيە 1994–يىلى ئۇرۇش ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان «ۋاشىنگتون خىتابنامىسى» ھەم «تىنچلىق كېلىشىمى»گە ئىمزا قويۇپ، مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرغان. ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلىۋالغان ئىئوردانىيە زېمىنىدىن 1995 – يىلى فېۋرالدا ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي چېكىندۈرگەن، ئىئوردانىيە 340 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان زېمىنىنى قايتۇرۇۋالغان.


سۇرىيە – ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى

سۇرىيە – ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىدە، سۇرىيە بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ گولان ئېگىزلىكىنى چۆرىدەپ ئېلىپ بارغان تىنچلىق سۆھبىتى تۇرۇپ توختاپ، تۇرۇپ داۋاملاشقان. 1996–يىلى مارتنىڭ باشلىرىدا سۇرىيە - ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى ئۈزۈلۈپ قالغان. 1999–يىلى دېكابىردا سۇرىيە – ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى بىر مەزگىل ئەسلىگە كەلگەن، لېكىن ئاخىرىدا ئىختىلاپ كۆپ بولغانلىقتىن، سۆھبەت 2000 – يىلى يانۋاردا يەنە ئۈزۈلۈپ قالغان. سۇرىيە ۋە ئىسرائىلىيە 2006 – يىلىدىن بۇيان 2000–يىلى ئۈزۈلۈپ قالغان سۆھبەتنى قايتىدىن باشلاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. سۇرىيە گولان ئېگىزلىكىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن، ئەمما ئىسرائىلىيە سۆھبەتنى «باشتىن باشلاش»نى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.


لىۋان – ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى

لىۋان – ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىدە، لىۋان ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم «لىۋان – ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى سۇرىيە – ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، لىۋان ئىسرائىلىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا قەتئىي ‹تىنچلىق كېلىشىمى› ئىمزالىمايدۇ» دەپ تەكىتلىدى.
ئىسرائىلىيە 2000–يىلى مايدا لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى «بىخەتەر رايون»دىن ئەسكەر چېكىندۈرگەن، لېكىن سۇرىيە - لىۋان ئارىسىدا تالاش – تارتىش بولۇۋاتقان «ساباھ» دېھقانچىلىق مەيدانىدىن ئەسكەر چېكىندۈرمىگەن.


پەلەستىن – ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى

ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە پەلەستىن - ئىسرائىلىيە سۆھبىتى ھەل قىلغۇچ سۆھبەت ھېسابلىنىدۇ.
پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ۋاشىنگتوندا پەلەستىن ئاپتونومىيە «پرىنسىپ خىتابنامىسى»غا ئىمزا قويۇپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ غەززە ۋە جېرىكو رايونىدا ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئالدىن يولغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلغان، ئەڭ ئاخىرقى ئورۇن سۆھبىتى 1999–يىلى 4 – مايدىن بۇرۇن ھەل قىلىنىدىغان بولغان. پەلەستىن ئارقىدىنلا ئىسرائىلىيىنىڭ قولىدىن غەززە رايونى ۋە جېرىكونىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئاپتونومىيە رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرغان.
نېتانىياخۇ 1996– يىلى 5 – ئايدا ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى بولغاندىن كېيىن، «زېمىن بەدىلىگە تىنچلىققا ئېرىشىش» پرىنسىپىنى «خەۋپسىزلىك بەدىلىگە تىنچلىققا ئېرىشىش» پرىنسىپىغا ئۆزگەرتكەنلىكتىن، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئورۇن سۆھبىتى توختاپ قالغان. پەلەستىن، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا ئامېرىكىدىكى داۋىد لاگېرىدا باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزگەن، لېكىن سۆھبەتتە ئىجابىي ئىلگىرىلەش بولمىغان.

2003 – يىلى 30 – فېۋرال خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسەت قىلغان ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقى «يول خەرىتىسى» پىلانى رەسمىي ئېلان قىلىنغان.
پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى شۇنىڭدىن كېيىن كۆپ قېتىم ئۇچراشقان. ئىسرائىلىيە 2005–يىلى ئاۋغۇستتا بىرتەرەپلىك ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، غەززە رايونىدىن ئەسكەر چېكىندۈرگەن. ئەمما پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ توختىمىغانلىقى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ھەل قىلغۇچ مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىختىلاپى چوڭ بولغانلىقتىن، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسى ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىگەن.


شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/
ــــــــــــــــــــــــــــــــ

تولۇق ئوقۇش

2009年1月10日星期六

ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىق يولى جاپالىق


ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىگە ئالاقىدار «يول خەرىتىسى»نىڭ 1 – باسقۇچىدىكى تەلەپكە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە مەھەللىلەرنى چېقىۋېتىشى كېرەك.



ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش

يولى ھەم جاپالىق ھەم ئۇزۇن



2008- 04- 16 10:53 «شىنجاڭ گېزىتى»


ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ئولمېرت ۋە پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس 2008 - يىلى 7 – ئاپرېل يېرۇسالېمدا يەنە ئۇچراشتى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئۈزۈلۈپ قالغان بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى.
ئۇچرىشىشتا ئولمېرت بىلەن ئابباس ئىسرائىلىيە – پەلەستىن تىنچلىق سۆھبىتىنى نورمال يولغا سېلىشقا قوشۇلىدىغانلىقى، 2008 – يىلى ئىچىدە ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىمنى تۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئەمما تەھلىلچىلەر: «ئىككى تەرەپ سۆھبەت گۇرۇپپىسىنىڭ يادرولۇق مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپى يەنىلا گەۋدىلىك بولغاچقا، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىمنامە تۈزەلىشىدىن گۇمانلىنىشقا بولىدۇ» دەپ قارىدى.

ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىگە ئالاقىدار «يول خەرىتىسى»نىڭ 1 – باسقۇچىدىكى تەلەپكە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە مەھەللىلەرنى چېقىۋېتىشى كېرەك.
ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن بۇ قېتىمقى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئادەم باشقۇرمايدىغان 50 ۋاقىتلىق يول توسىقى ۋە بىر مەڭگۈلۈك تەكشۈرۈش پونكىتىنى بىكار قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. بۇ ئىجابىي تەدبىر ئىككى تەرەپ باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا ئاساس سالدى.

ۋەھالەنكى، تىنچلىق سۆھبىتى باشتىن – ئاخىر ئىسرائىلىيە – پەلەستىننىڭ ھازىرقى ھالىتىدىكى قاتمۇ - قات زىددىيەتلەردىن ھالقىپ كېتەلمىدى، ئىككى تەرەپ يادرولۇق مەسىلىلەردىكى قاتتىق مەيدانىدا چىڭ تۇردى.
ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە خەلقئارا يىغىنىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لىۋنى ۋە پەلەستىننىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى ئېرىكات باشلامچىلىقىدىكى ئىككى تەرەپ سۆھبەت گۇرۇپپىسى كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ، بارلىق يادرولۇق مەسىلىلەرنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزدى، ئەمما ھازىرغىچە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولمىدى.
ئىسرائىلىيە يەنىلا يەھۇدىيلار مەھەللىسىنى داۋاملىق سالماقتا، گەرچە پەلەستىن ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ‹گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق› بولۇپ قالدى؛
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) نىڭ ئىسرائىلىيە نىشانىغا قاراتقان راكېتا ھۇجۇمىمۇ توختىمىدى.

ب د ت تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا جەمئىي 563 يول توسىقى تەسىس قىلغان.
ئېرىكات مۇنداق دېدى: «ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ياخشىلانغىنى يوق، بەلكى غەززەگە ئوخشاش ‹چوڭ تۈرمە›گە ئايلانماقتا.
ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى (شىنبېت) نىڭ باشلىقى دىسكىن 6 – ئاپرېل: «2010 – يىلى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى توسۇق تام قوپۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يول توسىقىنى ئېلىپ تاشلايمىز، بولمىسا ئىسرائىلىيىنىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ» دەپ ئاشكارا ئېيتتى.

ھازىر، 2008 – يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلى ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما ئىسرائىلىيە – پەلەستىن تىنچلىق سۆھبىتى جەريانىدىكى بىر قاتار يادرولۇق مەسىلىلەر يەنىلا بىر تەرەپ قىلىنمىدى. گەرچە ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشتا ئىجابىي پوزىتسىيىدە بولغان بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ تىنچلىق سۆھبىتى جەريانىدىكى يادرولۇق مەسىلىلەردە زۆرۈر بولغان يول قويۇشنى قوللانمىسا، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىمنامە تۈزۈش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بەلكىم تەس بولۇشى مۇمكىن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــ

تولۇق ئوقۇش

غەززەنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن





غەززەنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن


Updated 10.01.2009 00:44:26 UTC


ھاماسنىڭ باشچىلىقىدىكى پەلەستىنلىك قۇراللىق كۈچلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا 2008 ـ يىلى 19 ـ ئىيۇندا ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ۋاقتى توشقانلىقى 2008 ـ يىلى 18 ـ دېكابىردا ھاماس تەرىپىدىن رەسمى جاكارلاندى.
شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىغا غەززەدىن ئېتىلىدىغان راكىتا بومبا ۋە كېچىك تىپتىكى توپ ئوقى ھۇجۇملىرى ئەۋج ئېلىپ قالدى.
ئىسرائىلىيە بۇنىڭغا نىسبەتەن، 2008 ـ يىلى 27 ـ دېكابردىن باشلاپ غەززەدىكى ھاماسقا قارشى ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى باشلىدى.




ئىسرائىلىيە 2009 ـ يىلى 3 ـ يانۋاردا بولسا، قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىنى باشلاپ ھاماسقا قارشى ھەربىي ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى.
توپتوغرا ئىككى ھەپتىدىن بىرى دۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 770 كە يەتتى. ئولتۇراق رايونى ئىنتايىن زىچ غەززە شەھىرىدە بىگۇناھ پۇخرالار كۆپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، دوختۇرخانا، مەسچىت ۋە مەكتەپلەرنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقى خەلقئارانىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. رايوننىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىلىرى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىتىلدى. يۈرگىزىلىۋاتقان ئىمبارگو تۈپەيلىدىن ئۇزۇقلۇق ئەشيالىرى ۋە دورا يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى.



بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 8 ـ يانۋاردا خېيىم ـ خەتەر سەۋەبىدىن ياردەم پائالىيەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى بايان قىلغان بولسا، قىزىل كرېست جەمئىيىتىمۇ غەززەدىكى يارىدارلارغا يېتىپ بېرىشتا دۈچ كەلگەن توسالغۇلار يۈزىسىدىن ئىسرائىلىيىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

تۈركىيە غاززەدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ پاجىئەلەردىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى ۋە ئاز بولمىغان پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆلتۈرىلگەنلىكىگە نارازى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. تۇركىيە غاززەدىكى بۇ ۋەقەلەرنىڭ رايۇن مۇقىملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزگەنلىكىگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنى دەرھال ھەربىي ھەركەتنى توختىتىشقا چاقىردى.

تۈركىيە ئۇرۇشقا دەرھال خاتىمە بېرىلىشى ۋە رايۇن تىنچلىقىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرىلىشى ئۈچۈن ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىر تەرەپتىن مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن دورا ۋە يېمەك ئىچمەك قاتارلىق جىددى ئىھتىياجلىق بويۇملارنى غاززەگە ئەۋەتىپ، ئىنسانىي يارىدەم خىزمىتىنى داۋاملاشتۇردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىنسانىي يارىدەم بويۇملىرى تولدۈرۈلغان 10 چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى رايۇنغا ئەۋەتىلدى.

تۈركىيە غاززەدىكى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنىمۇ جىددىي داۋاملاشتۇرماقتا.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جۈمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، باش مىنىستىر رەجەب تاييىب ئەردۇغان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز ئەلى باباجان ھەرقايسى رايۇن ۋە رايۇن سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇللىرىغا، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ باش كاتىپلىرىغا تىلىفۇن قىلىپ، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ۋە كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر رەجەب تاييىب ئوردوغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكىمۈن بىلەن كۆرۈشۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربى ھەركىتىنىڭ دەرھال توختىتىلىشى ۋە غاززە خەلقىگە جىددىي ئىنسانىي يارىدەملەرنىڭ يەتكۈزىلىشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پائال ھەركەتكە ئۆتىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردۇغان يەنە، 31 ـ دىكابىردا سۈرىيە ۋە ئىئوردانىيەنى، 1 ـ يانۋاردا بولسا، مىسىرنى زىيارەت قىلىپ، غاززەدە يۈز بىرىۋاتقان يېقىنقى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى ۋە تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بېسىشقا بولىدىغان كېيىنكى قەدەملەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. باش مىنىستىر بۈگۈن 3 ـ يانۋاردا يەنە، سەئۇدى ئەربىستاندىمۇ زىيارەتتە بولىدۇ.

تاشقى ئىشلار مېنىستىرىمىز ئەلى باباجانمۇ خەلق ئارا ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى دوكتۇر ئەكمەلەددىن ئىھسان ئوغلۇ بىلەن تىلىفۇندا كۆرۈشۇپ، «خەلقئارا ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتى»غا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ غاززەدىكى پاجىئەلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن دەرھال تۇپلىنىشىنى تەكلىپ قىلدى. مەزكۇر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتنىشىدىغان بۇ يېغىننىڭ 3 ـ يانۋاردا جىددىدە ئۆتكۈزىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ئەبۇ ئەل غائىت، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز ئەلى باباجاننىڭ مىھمىنى سۈپىتىدە 2008 ـ يىلى 29 ـ دىكابىردا تۈركىيەگە زىياەتكە كەلگەن ئىدى. مىھمان مىنىستىرنىڭ زىيارىتى جەريانىدا غاززەدىكى ۋەقەلەر بىلەن بىرلىكتە رايۇننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

باش مىنىستىرىمىز رەجەپ تاييىب ئەردوغان، سۈرىيە، ئىئوردانىيە، مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلارنى زىيارەت قىلىش بىلەن بىرگە سۈرىيە جۇمھۇر رەئىسى، شۇنداقلا چېخ جۇمھۇرىيىتى، فرانسىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، روسىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلىرى بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ، غەززە ۋەقەسىنىڭ ئاخىرقى جەريانلىرى ھەققىدە ۋە تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن بېسىشقا بولىدىغان مۇھىم قەدەملەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز ئەلى باباجان تۈركىيىگە زىيارەتكە كەلگەن مىسىر ۋە سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبىتىدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ۋە رايونغا ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك پائالىيەتلەر ھەققىدە توختالدى. باباجان يەنە نيۇ يوركتا 6 ـ يانۋاردا باشلانغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېغىنغا قاتناشتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2009 ـ يىلى 8 ـ يانۋاردا غەززە ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك رەسمى قارار چىقاردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغان 1860 ـ نومۇرلۇق بۇ قاراردا دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا ۋە ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە كېرەكلىك ئۇرۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ قىلىنىشى چاقىرىق قىلىندى. تۈركىيە قارارنى قىزغىن قوللىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا يەر ئالدى.

يەنە بىر تەرەپتىن 8 ـ يانۋاردا مىسىرنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن قاھىرەدە ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش توغرۇلۇق ۋاستىلىق مۇزاكىرە باشلاندى.
ئۇرۇش توختىتىشنىڭ شەرتلىرى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بەلگىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

تۈركىيە غەززەدە داۋام قىلىۋاتقان ۋەقەلەرگە بالدۇرراق خاتىمە بېرىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېرىشچانلىقلىرىنى توختىماي داۋاملاشتۇرماقتا

مەنبە
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=e3342bb0-8dc9-4983-85b7-ee5d59906211
ـــــــــــــــــــــــــــ

تولۇق ئوقۇش

2009年1月8日星期四

غەززەدە ئۇرۇش توختۇتۇش كېلىشىمى


ئىسرائىلىيىنىڭ غەززەنى قامال قىلىشىدىكى مەقسىدى ــ ‹خاماس›نى تەنھا قالدۇرۇپ، ئۇنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلاش.
غەززە رايونى گەرچە ‹خاماس›نىڭ كونتىروللىقىدا بولسىمۇ، ئەمما چېگرا رايون ۋە ئاساسىي تەمىناتنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلىيىنىڭ كونتىرولىقىدا بولدى




غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمى


شىنجاڭ خەلق رادىئو ئسىتانسىسى خەۋەرلەر تورى خەۋىرى:


شۇ جاي ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ 19- كۈنى (2008-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى) ئەتىگەن سائەت 6 دە، ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس باشچىلىقىدىكى پەلەستىندىكى ھەر قايسى قۇراللىق گۇرۇھلارنىڭ ئۇرۇش توختۇتۇش كېلىشىمى ئۈنۈمگە ئىگە بولدى. ئىككى تەرەپ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمىدى. خاماس ئۇرۇش توختۇتۇشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى، ئىسرائىلىيە تەۋەلىكىگە 50 نەچچە مىناميوت ئوقى ئاتتى، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىمۇ دەرھال ئۇنىڭغا 2 نۆۋەت ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ بىر ئادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. بۇ گازا ۋەزىيىتىنىڭ ھەقىقىي كۆرۈنۈشى. ئىككى تەرەپ ھەم ئۇرۇش توختۇتۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەم قارشى تەرەپكە ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ ۋە تەن بەرمەيدۇ.

مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى 6 ئاي بولۇپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئۇرۇش توختۇتۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە تەرەپ قامال قىلىشنى نىسبەتەن قويۇۋېتىپ، نۇرغۇن تۇرمۇش بويۇملىرى، خام ماتىرىيال قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنىڭ گازا رايونىغا كىرىشىگە روخسەت قىلدى. ئىككى تەرەپ مىسىرنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى نەتىجىسىدە، ئەسىرگە چۈشكەن ئىسرائىلىيە ئەسكىرى شارىتنى قويۇپ بېرىش، گازا چېگرا ئېغىزىنى ئېچىۋېتىش، پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى ھەمدە گازا چېگرىسىدىكى قۇرال- ياراغ ئەتكەسچىلىكىنى كونتىرول قىلىشقا ئاساسەن، لافا چېگرا ئېغىزىنى تەدرىجىي ئېچىۋەتمەكچى بولدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن 1993- يىلى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆز ئارا تونۇپ يېتىشكەن ھەمدە سۆھبەتنى قانات يايدۇرغان. سۆھبەت داۋامىدا مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان يادرولۇق مەسىلىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى تەسكە چۈشۈپ قالغان.

پەلەستىن 8 يىل ئىلگىرى (2000-يىلى) 2- قېتىم «قوزغىلاڭ» كۆتەرگەنلىكتىن، تىنچلىق سۆھبىتى ئۈزۈلۈپ قالغان. 2005- يىلى ئابباس تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە - پەلەستىن مۇناسىۋىتىدە ياخشىلىنىش بولدى.
‹خاماس› ئالدىنقى يىلدىكى سايلامدا تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ‹فاتاخ› بىلەن بولغان زىددىيىتى كەسكىنلىشىپ كەتتى ھەمدە بۇلتۇر 6- ئايدا ‹خاماس› قۇراللىق كۈچلىرى گازا رايونىنى ئىگىلىۋېلىپ، پەلەستىن كونتىروللىقىدىكى رايوننى ئىككىگە پارچىلاپ، پەلەستىن دائىرلىرىنى پەقەت غەربىي قىرغاقنىلا كونتىرول قىلىشقا قىستىدى، ‹خاماس› تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، ئىسرائىلىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئوتتۇرىچە ھەر ئايدا 250 راكىتا بومبىسى ئاتتى.
ئىسرائىلىيە بۇلتۇر 6- ئايدا گازانى قامال قىلدى ھەمدە ئۇنىڭغا قاتتىق قايتارما زەربە بەردى، ئەمما ئاھالىلەر رايونىغا راكىتا قويۇپ بېرىشى دېگەندەك ياخشى تەدبىر بولماي قالدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى بىر يىلدىن بۇيان 400 نەچچە قېتىم قايتارما زەربە بېرىپ، 400 نەچچە ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، بىر مىڭ 500 دىن كۆپرەك ئادەمنى يارىلاندۇردى، خاتا ھۇجۇم قىلىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆپ كۆرۈلدى ھەمدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ يېرىمىگە يېقىنى ئادەتتىكى پۇقرالار بولدى.

ئىسرائىلىيىنىڭ گازانى قامال قىلىشىدىكى مەقسىدى ــ ‹خاماس›نى تەنھا قالدۇرۇپ، ئۇنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلاش.
گازا رايونى گەرچە ‹خاماس›نىڭ كونتىروللىقىدا بولسىمۇ، ئەمما چېگرا رايون ۋە ئاساسىي تەمىناتنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلىيىنىڭ كونتىرولىقىدا بولدى.
بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ جاپاغا قالغىنى يەنىلا ئىككى تەرەپتىكى ئامما. بولۇپمۇ گازا رايونىدىكى بىر مىليون 500 مىڭ ئامما ‹خاماس›نىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ قامال قىلىشىغا ۋە ھۇجۇم قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇشىدىكى پىچكىسى بولۇپ قالدى.
‹خاماس› 1- ئاينىڭ ئاخىرى، جەنۇبىي قىسىمدىكى لافا پاسىل تېمىنى پارتلىتىپ ئاچقاندا، 700 مىڭ ئاھالە مىسىرغا بۆسۈپ كىرىپ مال سېتىۋالدى ھەمدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قۇرال- ياراغلىرىنى تولۇقلىۋالدى. بۇ خىل كونتىروللىقىنى يوقاتقان ۋەزىيەت تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋەتتى.
«كوللىكتىپ جازالاش» كوللىكتىپ قارشىلىق كۆرسىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
خەلقئارا جەمئىيەت گازا رايونىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرزىسى ۋە ئىسرائىلىيە تەرەپ بىلەن ‹خاماس›نىڭ زور بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بوش تەختتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچىلىق شەرتنامىسى ئىمزالىشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بۇلدۇردى. گەرچە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىق سۆھبىتىدە مۇئەييەن دەرىجىدە ئىلگىرىلەشلەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما پەلەستىن زېمىنىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ‹خاماس›نىڭ قولىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ - تىنچلىق سۆھبىتىنى ئېلىپ بېرىش ۋە پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشتىكى ئەڭ زور توسالغۇ بولۇپ قالدى، ‹خاماس› پەلەستىن دائىرىلىرى ئالدىدا ئۆز خاتالىقىنى تونۇش يۈزىسىدىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، پەلەستىن دائىرىلىرى ‹خاماس›نىڭ جەزمەن گازا رايونىدىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلدى، ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇلارمۇ مىسىرنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشىدىكى گازادا ئۇرۇش توختۇتۇش سۆھبىتىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىسرائىلىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا گازا رايونىدا ئۇرۇش توختۇتۇشقا بولغان ئىختىلاپلار نىسبەتەن ئېغىر. چۈنكى بۇ ‹خاماس›نىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

خەلقئارا جەمئىيەت گازادا ئۇرۇش توختۇتۇشنى كەڭ كۆلەمدە قوللايدۇ. ئەمما، ئامېرىكا ‹خاماس›نىڭ مۇددىئاسىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى يەنىلا «تېررورلۇق تەشكىلات» دەپ قارىدى.

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ئولمېرىت مۇشۇ ئاينىڭ 18- كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئۇرۇش توختۇتۇش كېلىشىمى ‹ناھايىتى ئاجىز ئىكەن›، بەلكىم قىسقا مۇددەتلىك بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، قان شورىغۇچى تېررورچى ئۇنسۇرلارغا ھېچقانداق ئۇمىد باغلىماسلىق كېرەك» دېدى. ھەمدە «ناۋادا ئۇرۇش توختۇتۇش كېلىشىمى ئەمەلگە ئاشماي قالسا، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى بەلكىم گازاغا ھۇجۇم قىلىپ ئىشغال قىلىۋېلىشى مۇمكىن» دېدى.
ئۇرۇش توختۇتۇش كېلىشىمىگە قارشى تۇرىدىغان مۇئاۋىن زۇڭلى لامىندىن مۇنداق دېدى: «گازا مەسىلىسى ئەڭ ئاخىرى قۇرال كۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلىنىدۇ. شۇ چاغدا تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلىنىدۇ».

ئۈچ تەرەپنىڭ گازادا ئۇرۇش توختۇتۇشقا قارىتا ئايرىم پىلانى بار. ئۇنىڭ ئىستىقبالى ئىنتايىن ئاجىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە خوشاللىنارلىق ئەمەس.
ئىككى تەرەپ ئالدىنقى يىلى 11- ئايدا، گازادا ئۇرۇش توختۇتۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەمدە نەچچە ھەپتە ئىجرا قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆزگىرىش شۇنداقلا چەكتىن ئاچقان ئۇنسۇرلارنىڭ ھەر قانداق سۈركۈلۈشلىرى سوغاق ئۇرۇشنى قايتا شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن ئىدى.

ھالبۇكى، ئۇرۇش توختۇتۇش ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ۋەزىيىتىنىڭ ئاكتىپ ئىنكاسى بولۇپ، كىشىلەر ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇمىيلىقنى نەزەردە تۇتۇپ، ‹خاماس›نىڭ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تىنچلىق سۆھبىتى، ئاھالىلەرگە بولغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ خەلقئارالىق تەنھا قالدۇرۇشتىن قۇتۇلۇپ، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق گازا كىرزىسىنى ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
بۇ ئىسرائىلىيە- پەلەستىن توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشتىكى بىردىنبىر ئۈمىد يولى.


تەرجىمان: ئامىنە


2008-06-23 10:53:07

مەنبە
http://arch.yulghun.com/bbs/viewthread.php?action=printable&tid=3670
ــــــــــــــــــــــــــ

تولۇق ئوقۇش

پەلەستىننىڭ تىنچلىقى قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟






ئىسرائىلىيەنىڭ ئون نەچچە كۈندىن بۇيان غەززەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچلىقى پۈتۈن

دۇنيا
خەلقىنى غەزەپلەندۈرمەكتە.


دۇنيادىكى تىنچلىقپەرۋەر دۆلەتلەر ۋە خەلقلەر ئىسرائىلىيەدىن دەرھال

ئۇرۇش توختىتىشنى، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا.


بىر دۆلەت ۋە مىللەتكە نىسبەتەن تىنچلىق ــ ئەركىنلىككە ئوخشاشلا

ئىنتايىن مۇھىم.




يىراقنى كۆرەلەيدىغان رەھبەرلەرگە نىسبەتەن، تىنچلىق ــ يەنىلا ئەڭ ئاخىرقى تاللاش.

پەقەت تىنچلىقلا ھەقىقى غەلىبىدىن دىرەك بېرىدۇ.

لىكىن، شۇ تىنچلىق ھازىر نەدە؟

بۈيۈك رەھبەرلەرنىڭ تىنچلىق ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشامدۇ؟

بۇ سۇئاللارغا تارىخ ھامان بىر كۈنى جاۋاب بېرىدۇ.



پەلەستىننىڭ تىنچلىق مۇساپىسى



تۆۋەندىكى بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەردىن پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ

تىنچلىق ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرۈۋالاللايمىز


Yitzhak Rabin intiated the Osslo process with the palestinian in 1993


King Hussein, Bill Clinton,Yasser Arafat,Yitzhak Rabin, the president of Egypt Hosni Mubarak

Nobel For Peace 1994



Yaser Arafat, Yitzhak Rabin, Shimon Peres



King Hussein ,Bill Clinton, Yasser Arafat and Benjamin Netanyahu




King Hussein ,Bill Clinton,

Yasser Arafat and Benjamin Netanyahu







Bill Clinton, Ehud Barak and Yasser Arafat



Ariel Sharon, Abu Mazen and the president of U.S.A: George W. Bush



King Abdullah the II, Ariel Sharon, Abu Mazen and the president of Egypt Hosni Mubarak





بىز پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، ئۆزئارا سەمىمىي بولۇپ،


تىنچلىقتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ غەلىبىنى بالدۇرراق قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز


تولۇق ئوقۇش

نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبلىرى

Nobel For Peace 1994


Yaser Arafat, Yitzhak Rabin, Shimon Peres



م1994- يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇپاكاتىغا پەلەستىن رەھبىرى ياسىر ئارافات بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئىسھاق رابىن ۋە ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىمون پىرىس ئېرىشكەن ئىدى.


سۈرەتتە: سولدىن ئوڭغا


(1) ياسىر ئارافات (1929-2004)

(2) ئىسھاق رابىن (؟-1995)

(3) سىمون پىرىس


ــــــــــــــــــــــــــ

تولۇق ئوقۇش

غەززەدىكى قىرغىنچىلىق توغرىسىدا بايانات


بىز پەلەستىندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىشقا، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قايتىشقا، ئىچكى تالاش-تارتىشنى تۇگۇتىپ، ھەقىقەت ئۈستىدە بىرلىشىش، بۆلۈنۈپ كېتىش ئارقىلىق دۈشمەنلەرگە تاجاۋۇزچىلىق پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز



غەززە رايونىدا يۈز بىرىۋاتقان قىرغىنچىلىق توغرىسىدا بايانات


سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى غەززە رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان مۇھاسىرە ۋە قىرغىنچىلىق, سۈرگۈن ۋەقەلىرىگە قارىتا بايانات ئىلان قىلدى.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر، دۇرۇت-سالاملار بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرەپلىكى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە بولسۇن.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتىتى پەلەستىندىكى ئومۇمى مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ غەززە رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقى، ياشانغانلار، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئاياق-ئاستى قىلىنىشى، تۇرالغۇ جايلىرى، مەمۇرىي ئورۇنلىرى، ئىشلەپ چىقىرىش ئورۇنلىرى ۋە ئىبادەت ئورۇنلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، تىنچلىقنىڭ يوقىلىشى ھەقىقەتەن پەلەستىن خەلقىگە قىلىنغان چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم ۋە جىنايەتتىن ئىبارەت، بىز بۇنىڭغا قاتتىق بىئارام بولدۇق ۋە ئەپسۇسلاندۇق ۋە بۇ تاجاۋۇزچىلىققا قەتئى قارشى تۇرىمىز.

ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ پەلەستىنلىك قېرىنداشلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۈچىنىڭ يېتىشچە ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، ئىسلام-ئىمان قېرىنداشلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن مۇمكىن بولىدىغان بارلىق ۋاسىتە-سەۋەپلەرنى قوللىنىپ ئۇلاردىن چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«مۆمىنلەر ھەقىقەتەن دىندا قېرىنداشلاردۇر»،
يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر-بىرى بىلەن دوستتۇر، (يەنى قېرىنداشدۇر)».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«مۆمىن مۆمىنگە ياردەم بېرىشتە مۇستەھكەم كىرىشتۈرۈلگەن قۇرۇلۇشقا ئوخشايدۇ، بەزىسى بەزىسىنى كۈچلەندۈرىدۇ، دەپ بارماقلىرىنى گىرەلەشتۈردى» بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«مۇسۇلمانلار بىر بەدەنگە ئوخشاشتۇر. بەدەننىڭ قايسىبىر يېرى بىئاراملىق ھېس قىلسا، پۈتۈن بەدەن ئىسمىداش ۋە قىزىش بىلەن ئازابلانغاندەك، مۇسۇلمانلارمۇ بىر- بىرىگە يەتكەن مۇسىبەتتىن ئازابلىنىدۇ» بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:
«مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى، مۇسۇلمان ئۆز قېرىندىشىغا زۇلۇم قىلمايدۇ، خارلىقتا تاشلاپ قويمايدۇ، دۈشمەنگە بويسۇندۇرۇپ بەرمەيدۇ ۋە ھاقارەت قىلمايدۇ». مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئومۇمى مۇسۇلمانلار پەلەستىن خەلقىگە ماددى-مەنىۋى تەرەپتىن بولسۇن ھەر بىر كىشى قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تىببى ئەسلىھە ۋە باشقا جەھەتلەردىن تولۇق ياردەم بېرىشى لازىم. ئەرەب ئىسلام دۆلەتلىرى ئۇلارغا ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشى كېرەك، ئۇلارغا سەمىمىيەت بىلەن ھەقىقى دوستلۇقىنى بىلدۈرۈپ خەلقئارالىق يىغىن ۋە قۇرۇلتايلاردا ۋە باشقا مۇھىم ئورۇنلاردا ھەقىقى تۈردە ياردەم بېرىشى كېرەك. بۇنىڭ ھەممىسى ياخشىلىق ۋە تەقۋالىققا ياردەم بېرىشنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:
«ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار».

ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش ۋە توغرا بولغان ياخشى يولنى كۆرسىتىش، بولۇپمۇ ھەرۋاقىت ئاللاھ تائالادىن ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆتۈرۈۋېتىش، ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىش، باسقۇنچىلار ئۇستىدىن غەلبە ئاتا قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر مۇھىمدۇر.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز پەلەستىندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىشقا، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قايتىشقا، ئىچكى تالاش-تارتىشنى تۇگۇتىپ، ھەقىقەت ئۈستىدە بىرلىشىش، بۆلۈنۈپ كېتىش ئارقىلىق دۈشمەنلەرگە تاجاۋۇزچىلىق پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز.

قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆز زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلغان دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك مۇھىم ئامىللارنى تولۇقلاش، بارلىق ئىشلارنى ئىخلاس بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ قىلىش، ناماز ئارقىلىق سەۋىرچان بولۇپ ئاللاھتىن ياردەم تىلەش، ھەممە ئىشتا ئېلىم ئەھلى، ئەقىل ئىگىلىرى تەجرىبىلىك كىشىلەردىن مەسلىھەت ئىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. مانا بۇ ھەققە ۋە توغرىغا مۇۋاپىق كېلىشنىڭ بەلگىسىدۇر.

شۇنداقلا دۇنيادىكى ئاقىللارنى، خەلقئارا جەمئىيەتلەرنى، بۇ مۇسىبەتكە ئەقىل ۋە ئىنساپ، ئادالەت قارىشى بىلەن نەزەر سىلىپ پەلەستىن خەلقىگە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى بېرىشكە، ئۇلاردىن چېكىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقان زۇلۇمنى كۆتۈرۈۋېتىشكە، ئۇلارنى ئۆز ئىززەت-ئابرۇيى بىلەن نورمال ھايات كۆچۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشقا ياردەمدە بولىشىغا چاقىرىمىز. مۇشۇنداق قىيىنچىلىق شارائىتتا ئۇلارغا ياردەم بەرگەن، ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن دۆلەت ۋە شەخسلەرگە رەھمەت-تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلادىن ئۆزىنىڭ گۈزەل ئىسمى ئالى سۈپەتلىرى بىلەن مۇشۇ ئۇممەتنىڭ غەم -قايغۇسىنى كۆتۈرۈۋېتىشىنى، دىنىنى ئەزىز قىلىشىنى، ئۆز كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىشىنى، ئۆزىنىڭ يېقىن بەندىلىرىگە ياردەم بېرىشىنى، ئۆز دۈشمەنلىرىنى خار قىلىشىنى، ئۇلارنىڭ ھىلە-مىكىرسىنى ئۆزىنىڭ زېيىنىغا قىلىشىنى، ئۇلارنىڭ ئەسكىلىكىگە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تاقابىل تۇرۇشىنى سورايمىز. ئاللاھ تائالا كائىناتنىڭ ئىگىسىدۇر ۋە بۇنىڭغا قادىردۇر.

دۇرۇت-سالاملار بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرەپلىكى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلار ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە بولسۇن.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باش مۇپتىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىملارنىڭ رەئىسى ۋە پەتىۋا كومىتېتىنىڭ دائىملىق ئەزاسى:
شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن مۇھەممەد ئال-شەيخ

مەنبە
http://www.islamhouse.com/p/191167

تولۇق ئوقۇش

2009年1月7日星期三

پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تىنچلىقىنى قوللايمەن






پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللايمەن


ۋاقتى : 2008-11-21


پەلەستىن ئىسرائىلىيەدە «ئەرەپ تىنچلىق تەشەببۇسى»نى تەشۋىق قىلدى.


پەلەستىن مىللى ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى رابۇ 20- نويابىر مۇنداق دىدى:
پەلەستىن ئىسرائىلىيەدە ئىبراي تىلىدا چىقىدىغان ئۈچ چوڭ گېزىتكە ئېلان بېرىپ، ئىسرائىلىيە خەلقىنى «ئەرەپ تىنىچلىق تەشەببۇسى»نى قوللاشقا چاقىردى.
رابۇ يەنە مۇنداق دىدى:
پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى تىنچ ھەل قىلىش لاھىيىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلىۋالغان ئەرەپ زىمىنىدىن چىكىنىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا ئەرەپ ئەللىرى ئاندىن ئىسرائىلىيە بىلەن نورمال مۇناسىۋەت ئورنىتالايدۇ.


ئىسرائىلىيە غەززە چىگرىسىنى ئېچىۋېتىشنى رەت قىلدى.


ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى باراك تۈنۈگۈن غەززە چىگرىسىنى ئېچىۋېتىش تەلىپىنى رەت قىلىپ مۇنداق دىدى:
چىگرا ئېغىزىنى ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ــ ۋەزىيەتنى تىنىچلاندۇرۇش.
ئانالىزچىلار مۇنداق دىيىشىتى:
بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇدا نەچچە كۈن داۋاملاشقان راكىتا ھۇجۇمىغا بەرگەن جاۋابى.
بۇ ھال ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرى ئىمزالىغان ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمىنىڭ قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق ھازىرچە ھىچقايسىسى بۇ خىيالىنى بىلدۈرۈشكە ئالدىرماسلىقى مۇمكىن.


ئوباما: «پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللايمەن» دىدى


ئامىرىكا مۇۋەققەت زۇڭتۇڭى ئوباما ئالدىنقى كۈنى پەلەستىن مىللى ھاكىمىيەت ئاپاراتىنىڭ رەئىسى ئابباس بىلەن تىلىفۇندا سۆزلىشىپ، پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
پەلەستىننىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى ئېرىكات تۈنۈگۈن مۇنداق دىدى:
ئوباما پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچ بىللە تۇرىدىغان ئىككى دۆلەت لاھىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا، پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇش مۇساپىسىنى قىسقارتىشقا ۋەدە بەردى

كەچلىك گېزىت خەۋەرلىرى

مەنبە
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid=46490

تولۇق ئوقۇش

تىنچلىق ئۈچۈن ئۇرۇشنى توختىتىش كىرەك


ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن قوشنا، قارشى تەرەپنى يېنىدىن كەتكۈزۈۋېتىشكە ھېچقايسىسىنىڭ ئىلاجى يوق، قارشى تەرەپ بىلەن تىنچ ئۆتۈشكە تىرىشىش ۋە ئالاقە جەريانىدا تەدرىجىي ئىشەنچ تۇرغۇزۇش بىردىنبىر مۇۋاپىق تاللاش. پەقەت ئۆزئارا ئىشەنگەن ۋە ئۆزئارا يول قويغاندا، قانلىق توقۇنۇشتىن يىراقلاشقاندىلا، ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشكىلى بولىدۇ



غەززەدىكى ئۇرۇشنى توختىتىش كىچىكسە بولمايدۇ


ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە زور كۆلەملىك ھەربىي ھۇجۇم قوزغىغىنىغا ئون كۈن بولدى.
2008 - يىلى 27 - ئۆكتەبىردىن 2009 - يىلى 7- يانۋارغىچە، توقۇنۇشتا 660 دىن كۆپ كىشى قازا قىلدى، 3100 دىن كۆپ كىشى يارىلاندى.
بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان قانلىق توقۇنۇش بىگۇناھ پۇقرالارغا ئاپەت ئېلىپ كېلىپ، ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسى پەيدا قىلدى.
ھازىرقى جىددىي ۋەزىپە توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنى ئۇرۇشنى توختىتىپ، مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا ئۈندەش. بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا غەلىبە قىلغۇچىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

تارىخىي ساۋاقلاردىن مەلۇمكى، زوراۋانلىققا زوراۋانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش مۇقەررەر يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىش پەيدا قىلىدۇ. ئۆچ ئېلىش ئۈزلۈكسىز كۈچىيىدۇ، ئۆچمەنلىك داۋاملىق ئۇلغىيىدۇ، ئازاب - ئوقۇبەت مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ، بۇ خىل قايتىلىنىش ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىدىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ قالدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن قوشنا، قارشى تەرەپنى يېنىدىن كەتكۈزۈۋېتىشكە ھېچقايسىسىنىڭ ئىلاجى يوق، قارشى تەرەپ بىلەن تىنچ ئۆتۈشكە تىرىشىش ۋە ئالاقە جەريانىدا تەدرىجىي ئىشەنچ تۇرغۇزۇش بىردىنبىر مۇۋاپىق تاللاش. پەقەت ئۆزئارا ئىشەنگەن ۋە ئۆزئارا يول قويغاندا، قانلىق توقۇنۇشتىن يىراقلاشقاندىلا، ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ھازىرقى توقۇنۇشنى تېزدىن تىنچىتىشتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇرەسسە قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.
ئۇرۇشنى توختىتىش ھەم سىياسىي ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىغا قايتىدىن مېڭىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ساداسى.
ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەر كېلىشتۈرۈشنى باشلىۋەتتى،
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى جىددىي يىغىن ئاچتى.
تېز ھەم ئۈنۈملۈك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ـ توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى، ئادەم ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى ئېغىرلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
تىنچلىق ئۈچۈن ئۇرۇشنى توختىتىشنى قەتئىي كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ.

بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ھەممىدىن ئۇۋال بولغىنى بالىلار...
215 بالا دۇنيانىڭ خوۋلۇق-خۇشلۇقىنى كۆرمەيلا شېھىد بولدى.
95 ئانىمۇ ئۇلارغا قۇشۇلدى


مەنبە
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-52713.html

تولۇق ئوقۇش

پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە مۇرەسسەلىشىش بېسىمىغا دۇچ كەلدى


ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى پەلەستىننىڭ غەززە رايونىنى بومباردىمان قىلىپ ئېغىر تالاپەت پەيدا قىلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە بىلەن «خاماس» ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كېيىنكى قەدەمدە قايسى يۆنىلىشكە تەرەققىي قىلىدۇ؟




پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە مۇرەسسەلىشىش بېسىمىغا دۇچ كەلدى


2009- 01- 06 12:36 شىنجاڭ گېزىتى


ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى پەلەستىننىڭ غەززە رايونىنى بومباردىمان قىلىپ ئېغىر تالاپەت پەيدا قىلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە بىلەن «خاماس» ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كېيىنكى قەدەمدە قايسى يۆنىلىشكە تەرەققىي قىلىدۇ؟ ھازىرچە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ غەززەدە قانچىلىك دەرىجىدە كەڭ كۆلەملىك قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى قىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش ئىنتايىن تەس، لېكىن تۈرلۈك ئالامەتلەردىن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن «خاماس»نىڭ مۇرەسسەلىشىپ، قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىدىن ساقلىنىش توغرىسىدا غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت مۇرەسسەلەشكەندىلا توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايوننىڭ ئىلگىرىكى تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.


ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى گېپىنىڭ ئورامىنى ئۆزگەرتتى


ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ئولمېرت 1 – يانۋار مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش قوزغاش نىيىتى يوق، ئۇرۇش لىنىيىسىنى كېڭەيتىشنىمۇ خالىمايدۇ، پەقەت غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكەتتە كۆزلىگەن نىشانغا تېزرەك يېتىشنى، ئاندىن ھەرىكەتنى تېزدىن ئاياغلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى ئولمېرت ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا: ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى قانچىلىك داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، شۇنچىلىك داۋاملاشتۇرىمىز، نىشانغا يەتمىگىچە توختىمايمىز، دېگەنىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لېۋنى فرانسىيىدە زىيارەتتە بولغاندا مۇنداق دېدى: «خاماس»قا بىر قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەت بىلەنلا تولۇق زەربە بەرگىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن «ئۇزاق مۇددەت»لىك ھەرىكەت قوللىنىش زۆرۈر. ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ ئىككى رەھبىرىنىڭ ئەڭ يېڭى مەيدانىدىن ئۇلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى قوزغاشقا ئالدىرىمايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.

تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى:
تۆۋەندىكى بىر قانچە ئامىل ئىسرائىلىيىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا كەڭ كۆلەملىك قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى قوزغاشتىن ساقلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن.
1 . «خاماس»نىڭ كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىشى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنى بىر قەدەر ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىشى مۇمكىن، چۈنكى بومباردىمان قىلىش «خاماس»نى قىلچىلىك تەۋرىتەلمىدى.
2 . قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىش ئىسرائىلىيىنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، چۈنكى بومباردىمان قىلىش باشلانغاندىن بۇيان ئىسرائىلىيىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىلىيە نىشانلىرىغا قارىتىلغان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇق ھۇجۇمىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن.
3 . خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ، چۈنكى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى كەڭ كۆلەملىك قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى قوزغايدىكەن، نۇرغۇن پەلەستىنلىك تالاپەتكە ئۇچرايدۇ، غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسى تېز كەسكىنلىشىدۇ.


«خاماس»نىڭ مەيدانى سەل – پەل يۇمشىدى


بۇلتۇر 31 – دېكابىر، غەززەنى ئەمەلىي كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان «خاماس»نىڭ ئالىي رەھبىرى ھەنىيە غەززەدە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم تېلېۋىزوردا، ئىسرائىلىيىنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى دەرھال شەرتسىز توختىتىشنى تەلەپ قىلدى ھەم ئىسرائىلىيە تەرەپ «خاماس» ئوتتۇرىغا قويغان غەززەنى قامال قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلىپىنى ئورۇندىسا، «بىر يەردە ئولتۇرۇپ بارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەستايىدىل سۆھبەتلىشىدىغانلىقى»نى ئېيتتى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: «خاماس»نىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتتا جاھىللىق بىلەن ئۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇۋالماسلىقىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىدىن باشقا يەنە ئىككى مۇھىم سەۋەب بار.
1. ئىسرائىلىيىنىڭ بىر قانچە كۈندىن بۇيانقى بومباردىمانىدا «خاماس»نىڭ ئەمەلىي كۈچى بەلگىلىك دەرىجىدە خورىدى. ھازىرقى ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىسرائىلىيە تەرەپ بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىيالىسا، «خاماس» كۈچىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
2. «خاماس» ئۇرۇش توختىتىش تەلىپىنى ئالدىن ئوتتۇرىغا قويسا، ئىسرائىلىيىنىڭ قورال ئىشلىتىشكە باھانە تېپىشىغا سەۋەب بولدى، دېگەن ئاتاقتىن ئۆزىنى قاچۇرالايدۇ.


پەلەستىنلىكلەر بۆلگۈنچىلىكنى بالدۇرراق ئاياغلاشتۇرۇشنى

ئۈمىد قىلماقتا



ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززەگە ھەربىي زەربە بەرگەندىن بېرى، پەلەستىندىكى ئاددىي پۇقرالار ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنى ئەيىبلەش بىلەن بىللە، بۆلگۈنچىلىكنى بالدۇرراق ئاياغلاشتۇرۇپ، پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىتتىپاقلىقنى قايتا ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. بۇ غەززە رايونىنى كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان «خاماس» بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى «فاتاخ»قا نىسبەتەن ئۆزىنى قاچۇرالمايدىغان سىياسىي بېسىم.
پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ رەئىسى، «فاتاخ» رەھبىرى ئابباس بۇلتۇر 31 – دېكابىر كەچتە تېلېۋىزىيە نۇتقى قىلىپ، «خاماس» بىلەن باشقا سىياسىي گۇرۇھ رەھبەرلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ ھازىرقى غەززە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئاياغلاشتۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.
بۇ ھەقتە «خاماس» رەھبىرى ھەنىيەھ شۇ كۈنى كەچتە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىگەندە مۇنداق دېدى: پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدا شەرتسىز سۆزلىشىپ يارىشىۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇ يەنە ئالاھىدە تەكىتلەپ: «خاماس»نىڭ غەززەدە مۇستەقىل ئەمەلىي گەۋدە قۇرۇپ، غەربىي قىرغاقتىكىلەر بىلەن ئايرىمىچىلىق قىلىش نىيىتى يوق، دېدى.
بۇنى، «خاماس»نىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىكى ئۆزگىرىش دېيىشكە بولىدۇ.
ھەنىيە بۇ سۆزنى قىلىشتىن بۇرۇن، «خاماس» بۇلتۇر 29 – دېكابىر ئابباسنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان تەكلىپىنى كەسكىن رەت قىلغانىدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: «خاماس»نىڭ پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشىگە، بۇلتۇر 11 – ئايدا مىسىر پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئومۇميۈزلۈك يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سالاسى ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن، «خاماس»نىڭ سۆزلىشىشكە بايقۇت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئارتىۋالغانلىقى سەۋەب بولغان. ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئابباسنىڭ مۇراجىئىتىگە يەنە ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرمىسا، «خاماس» خەلق رايىغا پۈتۈنلەي مۇخالىپ ئىش قىلغان بولىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى
مەنبە
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/news/content/2009-01/06/content_142216.htm

تولۇق ئوقۇش