2009年3月28日星期六

قارشىلىق كۆرسىتىش - قۇددۇسنى ئازاد قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى

ئىخچام


قارشىلىق كۆرسىتىش - قۇددۇسنى ئازاد قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى


2007-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۇنى تۇركىيەنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە چاقىرىلغان قۇددۇس خەلقئارا مۇنبىرى يىپىلدى.
مۇنبەر مۇنۇلارنى كۇچەپ تەكىتلىدى: قارشىلىق كۆرسىتىش - قۇددۇسنى ئازاد قىلىشنىڭ بىردىن-بىر چىقىش يولى»
ئامىرىكا يىتەكچىلىك قىلغان بىر قاتار خەلقئارالىق ئوتتۇراشەرق يىغىنلارغا قارىتا، خەلقئارا قۇددۇس مۇنبىرى ئۇنىڭ مومكىنچىلىكىگە گۇمانىنى ئىپادىلىدى،
قۇددۇس مۇنبىرى يەنە ئامرىكىنىڭ ئاننابۇلىس شەھرىدە چاقىرىلغان ئاتالمىش خەلقئارا تىنچلىق يىغىنىغا بولغان گۇمانىنى بىلدۇردى،
قۇددۇس مۇنبىرى يىپىلىش مۇراسىمىدا بايانات ئىلان قىلىپ، ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىنى يەھۇدى قىساسچىلىرىنىڭ پەلەستىندىكى بولغان ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى،
باياناتتا مۇنداق دىيىلدى: «بارلىق شەكىللەردە قانات يايدۇرۇلغان ھەرخىل سەۋىيەدىكى قارشىلىقلار- قۇددۇسنى ئازاد قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چىقىش يولى»
بايانات يەنە مۇنۇلارنى كۇچەپ تەكىتلىدى: «پەلەستىن مۇساپىرلىرىنىڭ ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىش ھوقۇقى بار، بۇنى ھىچكىمنىڭ بىكار قىلىۋىتىش ۋە سودىلىشىش ھوقوقى يوق»
پەلەستىندىكى خاماس بىلەن پاتاختىن ئىبارەت ئىككى گورۇھنىڭ جىدەللىرىگە قارىتا مۇنداق دىيىلدى: «ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قورشىۋىلىنغان بارلىق پەلەستىنلىك قىرىنداشلار ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشى لازىم»
ئىسرائىليەگە قارىتا ئىلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دىيىلدى: «يەھۇدى قىساسچىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئىگە بولغان يادرو قورالى ۋە ئۆزىنىڭ كىڭەيمىچىلىك قارا نىيىتىگە تايىنىپ قۇددۇس ۋە پەلەستىننى ئۇدا ئىشغال قىلىۋىلىشى - باشتىن ئاخىر پەلەستىندىكى قانلىق توقۇنۇش ۋە پاجىئەنى كەلتۇرۇپ چىقارغان باش سەۋەب، دۇنيادىكى تىنچلىقنى سۆيىدىغان ۋە ئىنسان ھوقوقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بارلىق كىشىلەر ئوتتۇرا شەرقنىڭ يىڭى بىر نۆۋەتلىك قانلىق ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ قىلىپ دۇنيا تىنچلىقىغا خەۋىپ كەلتۇرىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلماقتا»

2007يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۇنىدىن 17-كۇنىگىچە بولغان قۇددۇس خەلقئارالىق مۇنبىرىگە جەمئى 5000 مىڭ ئادەم قاتناشتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمان ئالىملار، خرىستىيانلار، سىياسى رەھبەرلەر، مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە ساھەسىدىكى سەرخىللار، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئەلئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، سەنئەتكارلار ۋە ئاخبارات تارقىتىش خادىملىرى بار.

ئەرەبچە «ئىسلام ئەۋىنلايىن تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى
مەنبە: http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-31244-fpage-149.html
*********************************************

تولۇق ئوقۇش

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ئوڭغا مايىللىشىشى»



ئىسرائىلىيە سىياسىي سەھنىسىنىڭ «ئوڭغا مايىللىشىشى» پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ


ئىسرائىلىيە لىكۇد گۇرۇھىنىڭ رەئىسى نېتانىياخۇ يېقىندا چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات پارتىيە - «يۇرتىمىز-ئىسرائىلىيە»نىڭ رەئىسى لىبېرمان بىلەن بىرلىكتە كابىنېت تەشكىللەش كېلىشىمى ئىمزالىدى.
ھازىرقى كابىنېت تەشكىللەش ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، ئىسرائىلىيىنىڭ نېتانىياخۇ رەھبەرلىكىدىكى ئوڭ قانات ھۆكۈمەت قۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.
ئىسرائىلىيە 10-فېۋرال ئېلان قىلغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىدە ئىسرائىلىيە سىياسىي سەھنىسىدە روشەن «ئوڭغا مايىللىشىش» خاھىشى كۆرۈلگەنلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلدى.
ھازىرقى دېپلوماتىيە مىنىستىرى لىۋنى رەھبەرلىكىدىكى بىتەرەپ پارتىيە - ئالغا پارتىيىسى 28 ئورۇن بىلەن پارلامېنتتىكى ئەڭ چوڭ پارتىيىگە ئايلانغان بولسىمۇ، لىكۇد گۇرۇھىنىڭكىدىن بىر ئورۇنلا ئالدىدا تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالغا پارتىيىسى باشلامچىلىقىدىكى بىتەرەپ، سول قانات پارتىيىلەر 120 ئورۇن ئىچىدە پەقەت 55 ئورۇنغىلا ئېرىشىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن لىكۇد گۇرۇھى باشلامچىلىقىدىكى ئوڭ قانات پارتىيىلەرگە يېڭىلىپ قالدى. ئوڭ قانات پارتىيىلەرنىڭ بىردەك تەۋسىيە قىلىشى بىلەن نېتانىياخۇ 20-فېۋرال كابىنېت تەشكىللەش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋالدى.
نېتانىياخۇ ئەزەلدىن پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە قاتتىق مەيداندا تۇرۇپ كەلدى، ئۇ 1996-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە زۇڭلى بولغان مەزگىلدە، ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كلىنتوننىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى بىلەن زىت يول تۇتتى. ئۇ كېيىن بېسىم تۈپەيلىدىن ئوسلو كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، قىسمەن ئوڭ قانات پارتىيىلەرنىڭ مۇرەسسە قىلىشقا ئېتىراز بىلدۈرۈشى سەۋەبىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقتى، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىمۇ ئاغدۇرۇلدى. پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە 2007-يىلىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكىنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلىغاندىن كېيىن، ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ رەھبىرى بولغان نېتانىياخۇ ئالغا پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىدە بەك يول قويۇۋېتىشىگە ئىزچىل قارشى تۇردى.
پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، نېتانىياخۇ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى «ئىككى دۆلەت» ھەل قىلىش لايىھىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرمىدى. ئۇ پەلەستىننىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ چېگرا، يېرۇسالېم، مەھەللە قاتارلىق يادرولۇق مەسىلىلەرگە ئائىت سۆھبەتنى كېچىكتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ يەنە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى يەھۇدىيلار مەھەللىسىنىڭ «تەبىئىي كېڭىيىشى»نى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نېتانىياخۇنىڭ مەيدانى پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، شۇنداقلا نېتانىياخۇنىڭ بۇ مەيدانى بىلەن ئامېرىكا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسى ئارىسىدىمۇ خېلى زور ئىختىلاپ بولدى.
پەلەستىن دائىرىلىرى: «نېتانياخۇنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق سىياسىي مەسىلىنى سۇسلاشتۇرۇش، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ئۇسۇلى تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن» دەپ قارىدى.
ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى فېۋرالنىڭ بېشىدا پەلەستىن، ئىسرائىلىيە رايونىدا زىيارەتتە بولغاندىمۇ «ئامېرىكىنىڭ پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيىنىڭ مەھەللىلەرنى كېڭەيتىشى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى».
ئىسرائىلىيە سىياسىي سەھنىسىنىڭ«ئوڭغا مايىللىشىش» يۈزلىنىشى پەلەستىن دائىرىلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دېققىتىنى قوزغىدى. پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى مالىكى يېقىندا ئىسرائىلىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىككى دۆلەت لايىھىسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى ھەم پەلەستىن دائىرىلىرى: پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىگە قارشى تۇرىدىغان ھەرقانداق ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلەشمەيدۇ، دېدى. مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەبۇل گايتمۇ: بۇ يۈزلىنىش پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋە رايون مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قاتمۇ قات قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ، دېدى. ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارمۇ ئىسرائىلىيە كەلگۈسى يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىككى دۆلەت لايىھىسى»نى قوللاپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىقىنى ئىمكانقەدەر تېز ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

«شىنجاڭ گېزىتى»-(2009-03-27)
********************************

تولۇق ئوقۇش

يەھۇدىي قىساسچى ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايەتلىك قىلمىشلىرى



يەھۇدىي قىساسچى ھاكىمىيىتىنىڭ 2002-يىلدىكى جىنايەتلىك قىلمىشلىرى


ئىسرائىلىيە ئەرافاتنىڭ تۇرالغۇسىنى قورشىۋىلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئىشغال قىلىنغان رايوندا پەلەستىنلىكلەرنى غالجىرلىق بىلەن قىرغىن قىلىۋاتقان پەيتتە، شارون ھوكۇمىتى «ئېغىزنى ئېتىش» ئۇچۇن ھېچنىمىگە پىسەنت قىلماي، ئاشكارا ھالەتتە زىيارەتكە كەلگەن چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئوق چىقىرىپ، خەۋەر مەنبەسىنى قامال قىلماقچى بولدى. ھالبۇكى، ئەنگىلىيە ئايال مۇخبىرى مارىيە.كولىن ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، ئالدىنقى سەپتىن ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى يەتكۇزۇپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ جىنايەتلىك قىلمىشلىرىنى ئېچىپ تاشلىدى.
2002-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۇنىدىكى «يەكشەنبىلىك تايمىس گېزىتى» پۇتۇن ماقالىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن غەرپ دۇنياسى زىلزىلىگە كەلدى.


1-جىنايەت: قۇچىقىدا بوۋىقىنى كوتۇرۇۋالغان ئانىنى ئېتىپ ئولتۇرۇش

تۇنجى قېتىم ئانا بولغان سورىدا.ئەبۇ گىھاب ئىلگىرى ئىسرائىلىيە ئارمىيسىگە ئازراق ئۇمىت بىلەن قارايدىغان بولغاچقا، ئۆزىدەك پۇخرانىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلىشىغا ئىشەنمەيتتى، ئۇ ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بولغاچ، تەبىئى ھالدا ئامېرىكىنىڭ خىيالپەرەسلىك ئىدىيىسى بار ئىدى. لېكىن يولدىشى ئۇنى ماشىنىدا دادىسىنىڭ تۇرالغۇسىغا يەتكۇزۇپ قويۇۋاتقاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىسىيەنىڭ ئوقى ئۇنىڭ بېشىغا تېگىپ ياش ھاياتىدىن ئايرىدى، قاتتىق ھەسرەتلەنگەن يولدىشى ھېچنىمىگە قارىماي قان ئىچىدىكى ئايالى تەرەپكە ئومىلىگەندە، ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى ئەمدىلا 10 ئايلىق بولغان بوۋاق تېخى ۋىلىقلاپ كۇلۇۋاتاتتى، بەلكىم بۇ نارەسىدە كوز ئالدىدىكى ئىشلارنى «بىر مەيدان ئويۇن، خالاس» دەپ ئويلىغان چېغى. ئالدىنقى ھەپتە سورېدانىڭ جەسىتى رامئاللا دوختۇرخانىسىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىكى بىر قەبرىستانلىققا قويۇلدى. ماشىنا توختىتىش مەيدانى قەبرىستانلىق بولۇپ قالدى، چۇنكى رامئاللانىڭ ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلىرىنىڭ ماشىنا توختىتىش ئويلىرىمۇ جەسەت بىلەن توشۇپ كەتكەچكە بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق.
سورېدانىڭ يولدىشى يۇزلىرى قان بىلەن بويالغان بولسىمۇ، بالىسىنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرغان ئايالىنىڭ «مۇراد» دەپ ئوزىنىڭ ئىسمىنى چاقىرغانلىقىنى مەڭگۇ ئۇنتۇيالمايدۇ.
مۇراد ئەسلەپ: كېچىدە ماشىنا ھەيدىگەچكە بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى سەل مۇگدەپ قالغان ئىدۇق، قېيناتامنىڭ ئويىگە 200 مىتىرچە قالغاندا ئىسرائىل ئەسكەرلىرى ئوق ئېتىپ بىزگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، مەن دەرھال ماشىنىدىن چۇشتۇم، ئارىلىقىمىز پەقەت بەش مىتىرلا قالغان ئىدى، دەل شۇ چاغدا مولدۇردەك ئوققا دۇچ كەلدۇق.
مۇرادنىڭ مۇرىسى، بوينىغا ئوق تەككەن ئىدى، ئۇ بىرنەچچە ئەسكەرنىڭ ماشىنىنىڭ ئىچىگە قاراپ قاقاقلاپ كۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئېنىق ئەسلىيەلىدى، چۇنكى ئايالى ئوق تېگىپ قان ئىچىدە ياردەمچىسىز ياتاتتى، مۇراد غايەت زور ئاغرىققا چىداپ بالىسىنى قۇچاقلىغىنىچە ماشىنىدىن چىققان بولسىمۇ بىر نەچچە قەدەم مېڭىپلا يىقىلدى، ئاندىن كۇچىنىڭ بېرىچە «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ توۋلىدى. قوشنىلاردىن بىرى ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بولغان بولسىمۇ ئىسرائىل ئەسكەرلىرى توسۇۋالدى. قېيناتىسى سالاھ ھاياتىغا تەۋەككۇل قىلىپ مىڭ تەستە كۇيوغلى بىلەن نەۋرىسىنى ئويگە ئېلىپ كىرىۋالدى، ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇلار ماشىنىنىڭ ئالدى ئورۇندۇقىدىن سورېدانىڭ مۇزلاپ كەتكەن جەسىتىنى تاپتى.


2-جىنايەت: ھاسا كۆتۇرگەن قېرى موماينى ئېتىپ تاشلاش

ئوتكەن بىر ھەپتىدە، ئىسرائىل ئارمىيىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار سورېدا بىلەنلا توختاپ قالمىدى. 4-ئاينىڭ 5-كۇنىگىچە 27 ئادەم رامئاللادا ئولتۇرۇلدى.
سورېدانىڭ قەبرىسى يېنىدىكى يەنە بىر جەسەت سەفران ئىسىملىك 50 نەچچە ياشلىق موماي ئىدى.
ئۇ ھاسىسىغا تايىنىپ رامئاللا دوختۇرخانىسىدىن چىقىۋاتقاندا ئىسرائىل ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئولتۇرۇلگەن. موماينىڭ ھەربىي ھالەتكە قارىماي دوختۇرخانىغا بېرىشى ئۇنىڭ چىدىغۇسىز ئاغرىۋاتقان پۇتىنى دوختۇرغا كورسىتىش ئۇچۇن ئىدى.
موماينىڭ رەھىمسىزلەرچە ئولتۇرۇلگەنلىكىنى ئاڭلىغان مەسئۇل دوختۇرى ئەھمەد خارىم ئازاپلانغان ھالدا: «موماي ئەمەلىيەتتە ئىسرائىل ئارمىيىسىگە ھېچقانداق خەۋپ ئەكەلمەيتتى» دىدى.
بىلھىلېم شەھرىدە ئىسرائىل ئارمىيىسى خىرىستىيان چىركاۋىنى قورشىۋالغاندا 200 چە پەلەستىن جەڭچىسى بۇ يەردە ئىدى، 4-ئاينىڭ2-كۇنى ئىسرائىل ئەسكەرلىرى پەلەستىن خەلق ئەسكەرلىرىنى قورشىۋالغاندىن كىيىن ئۇلار ئامالسىز چىركاۋغا كىرىپ پاناھلاندى، «ئەيسانىڭ تۇغۇلغان يېرى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ يەردە شۇنىڭدىن كىيىن تارىختا تۇنجى قېتىم قانلىق پاجىئە يۇز بەردى. ئىسرائىل تانكىلىرى ھەتتا چىركاۋدىكى مۇناخ-پوپلارغىمۇ ئاپتوماتنى قاراتتى.
رىم پاپاسى چىركاۋدىكى كىشىلەرگە فاكىس يوللاپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگارىنىڭ ياردىمىگە ئىشىنىپ دۇئا قىلىشقا تەۋسىيە قىلدى، ئىسرائىل تەرەپمۇ چىركاۋغا بېسىپ كىرىپ ھەربىي ھەرىكەت قوللانمايدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن بولسىمۇ، ئىچىدىكى كىشىلەر بۇنىڭ بىلەن ئامانلىققا ئېرىشەلمىدى.
6-كۇنى سەھەردە چىركاۋنىڭ ئىپىسكوپى فالتاس دەرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرماقچى بولغاندا ئوق تېگىپ ۋاپات بولدى. 69 ياشلىق مۇناخ ۋېنج: «مەن ھەربىرەيلەنگە بىر پارچىدىن بولكا تارقىتىپ بېرىشنى ئويلىغان بولساممۇ، چىركاۋدىكى يىمەكلىكلەر ناھايىتى ئاز بولغاچقا ھەرگىز يىتىشمەيتتى» دىدى.


3-جىنايەت: تېلىفۇننى باشقىلارغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئاغزىغا كاچاتلاش پەقەت كوڭۇل ئېچىش ئۇچۇن.

گەرچە بەزى كۇنلەر سەل تىنچ ئوتكەندەك تۇرسىمۇ، پەلەستىن ئاھالىلىرى پات ئارىدا كېلىدىغان قىيىنچىلىققا قارشى كۇرەش قىلىشى كېرەك. 4-ئاينىڭ 6-كۇنى رامئاللا شەھەر مەركىزىدىكى خىرىستوس چىركاۋى ئەتراپىدا زىياد ئائىلىسى ئۇلارنىڭ 19ياشلىق ئوغلى مەجىدنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۇتمەكتە ئىدى. 4-ئاينىڭ 2-كۇنى ئىسرائىل ئەسكەرلىرى ئويمۇ-ئوي ئاختۇرۇش داۋامىدا مەجىد، ئۇنىڭ دادىسى، يەنە بىر ئەرنى تۇتۇپ كەتكەن ئىدى.
بۇ ئەسكەرلەر ئىشىكتىن كىرىپلا: «سەنلەر خاماسنىڭ ئەزالىرى!» دەپ ۋارقىرىدى.
بىر قوشنا مۇنداق دىدى: «بىز تۇشمۇ تۇشتىن بىزنىڭ خىرىستىيان مۇرىتلىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتقان بولساقمۇ ئۇلار پىسەنت قىلمىدى»
مەجىدنىڭ ئاتىسى مۇھەممەد زىياد كىيىن قويۇۋىتىلدى، ئۇ 48 ياش، يېقىننى كۆرۇش كوزئەينىكى تاقىۋالغان بولۇپ، مۇخبىرلارغا مۇنۇلارنى سوزلەپ بەردى: «ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ھەربىر ئادەمنى ئۆيدىن چىقارغاندىن كىيىن ئەرلەر، ئاياللار، بالىلارنى ئايرىشتى. ئەرلەر ئىسرائىلىيە قوماندانلىق شىتابىغا ئېلىپ مېڭىلدى، بىر تانكا ئۇلارنى مۇھاپىزەت قىلىپ ماڭدى. كىيىن ھەممەيلەن كۆزلىرىمىز ئېتىلگەن ھالدا يېقىن ئەتراپتىكى بىر ھەربىي گازارمىدا سوراق قىلىندۇق. بۇ ۋاقىتتا ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك خورلاش تەلۋىلىرىگە ئايلانغان ئىدى، بىر ئەسكەر ھەتتا تېل-ئاۋىۋدىكى بىر دوستىغا تېلىفۇن بېرىپ: ‹ئاغىنە، بۇنى ئاڭلىغىن› دەپلا ئارىمىزدىكى بىرەيلەننىڭ ئاغزىغا قاتتىق ئۇردى، ئۇ كىشى ئازاپتىن ۋايجانلاپ كەتتى. ئاندىن ئۇ ئەسكەر دوستىغا: ‹ئاڭلىدىڭمۇ؟› دىگەندىن كىيىن قاقاقلاپ كۇلۇپ كەتتى. زىيادنىڭ قورسىقىمۇ خېلى كوپ مۇشقا دۇچ كەلدى. سوراق تۇگىگەندىن كىيىن ئۇ قويۇۋىتىلدى، ئاندىن يامغۇردا ئۈچ ئىنگىلىز مىلى يۇرۇپ ئويىگە قايتتى.


4-جىنايەت: پەلەستىن مائارىپ مىنىستىرلىكى بىناسىنى بومباردىمان قىلىش

4-ئاينىڭ2-كۇنى ئىسرائىلىيە تانكىلىرى ۋە تىك ئۇچارلىرى پەلەستىننىڭ بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش قوماندانلىق شىتاۋىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئورگان پەلەستىن ئۇچۇن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ. ئىچىدىكى خادىملارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن مەشىق ۋە قۇراللاندۇرۇلغان، خۇددى ئەنگىلىيە ھەربىي ئاخبارات 5-باشقارمىسىغا ئوخشايتتى. ئەگەر ئىسرائىلىيىنىڭ نىشانى تىرورچىلارنى تۇتۇش بولسا، بۇ بىنانى نىشانلاش پەقەتلا ئادەمنىڭ ئەقلىدىن ئۆتمەيتتى.
يەنە بىر قوشۇن رامئاللادىكى ھوكۇمەت بىناسىنى ۋەيران قىلدى. 4-ئاينىڭ 5-كۇنى پەلەستىن مائارىپ مىنىستىرى ئەبۇ خۇمۇس پۇتۇنلەي ۋەيران بولغان مىنىستىرلىك بىناسىغا قايتىپ كەلدى، ئۇ ئىسرائىل ئارمىيىسىنىڭ ئىشخانىلاردىكى بارلىق ئەسلىھەلەرنى نابۇت قىلغانلىقىنى بايقىدى.
گۆرۇگە ئېلىنغان بىر بىنا باشقۇرغۇچى خادىم: «ھەربىر ئوينىڭ ئالدىغا كەلگەندە مەن ئۇلارغا ئىچىدە ئادەم يوقلىقىنى دىگەن بولساممۇ يەنىلا مېنى كىرگۇزۇپ ئاندىن ئوزلىرى كىرىپ ۋەيران قىلىشتى» دىدى.
ئىشخانلارنىڭ ھەممە يېرى دىگۇدەك كاردىن چىققان كومپىيۇتېر زاپچاسلىرى، ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋىتىلگەن ئارخىپ-ماتىرىياللار بىلەن تولغان ئىدى. ھوكۇمەت بىناسىدىكى بىخەتەرلىك ساندۇقى ئېچىۋىتىلىپ، ئىچىدىكى 5800 فونت سىتىرلىڭ بايلىق يوقالغان.
ئەبۇ خۇمۇس مۇنداق دىدى: «مەن بۇ ۋەيرانچىلىقنى كۆرۇپ قاتتىق قايغۇردۇم، ئۇلار ئاختۇرماقچى بولسا مەن چۇشىنىمەن، لېكىن بۇنداق ئاختۇرماسلىق كېرەكتە. ئەگەر كىيىنكىلەر بۇ مەنزىرىنى كۆرسە مەن قانداقمۇ ئۇلارغا ‹تېنچلىق كېرەك، ئۇرۇش كېرەك ئەمەس› دەپ تەربىيە قىلالايمەن؟»
بىر مەيدان نېرىدىكى قانۇن چىقىرىش كومىتىتى بىناسىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا قالغان بولۇپ، بۇ ئورۇنلار نەچچە مىليون دوللار بىلەن ئاران پۇتكەن ئىدى.
شاروننىڭ پىلانى بەلكىم ئەرافاتنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ياكى يوقىتىپ، 10يىل بۇرۇنقى ھالەتكە - ئىسرائىل ئارمىيىسىنىڭ ئىشغال قىلىنغان رايونغا پۇتۇنلەي ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا قايتۇرماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن،
ئەينى چاغدا ئەرافاتتىن باشقا پەلەستىنلىك بۇ ئىشنى مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارىغان،
ھازىر نۇرغۇن كىشى شاروننى بەك يىراقلاپ كېتىپ كەينىگە يانالمايدىغان ھالەتكە كەپقالدى دەپ ئەنسىرەشكە باشلىدى.
مۇتەخەسىسلەر: «تۆمۇر زوڭلى شارون بايقىغان-بايقىمىغانلىقىدىن قەتئىنەزەر، ئۇ ھازىر ئىسرائىلىيىنى ئومۇميۇزلۇك ئۇرۇش پاتقىقىغا ئىتتىرىۋاتىدۇ» دەپ قاراشتى.
پەقەت ئۇنىڭ پەلەستىن خەلقىنى قانلىق باستۇرۇش سىياسىتى ئوزگەرمەيدىكەن، ئىسرائىلىيە چىگرىسى ئىچىدە ئادەم بومبا پارتلاشتىن توختىمايدۇ.
خەلققە تىنچلىق بولمىغان شۇ كۇنلەرنىڭ بىرىدە خەلقئارالىق ياكى دولەت ئىچىدىكى بېسىملار ھامان بۇ «قۇرغۇي شەخس»نى تەختتىن چۇشۇرىدۇ.

- گۇي لىياڭ
***********************

تولۇق ئوقۇش

ئەرەب دۇنياسىنىڭ مائارىپ ئەھۋالى ئۇستىدە تەھلىل



ئەرەب دۇنياسىنىڭ مائارىپ ئەھۋالى ئۇستىدە تەھلىل


ئەرەب دۆلەتلىرى مائارىپ مىنىستىرلىكنىڭ ئەمەلدارلىرى 2007-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۇنى قاتار پايتەختى دۇھادا «ھازىرقى زامان بىلىملىرى تەتقىقات يىغىنى» ئۆتكۇزدى. يىغىن ئىككى كۇن داۋاملىشىپ «ئەرەب دۇنياسىنىڭ مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىش» تىمىسىدا مەخسۇس تەتقىقات ئىلىپ باردى ۋە ئەرەبلەرنىڭ ئارقىدا قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەم كەلگۇسىدىكى تەرەققىيات لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

بۇ تەتقىقات يىغىنىنڭ رەئىسى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىجتىمائى پەنلەر ئىنىستىتۇنىڭ مۇدىرى لافىيا گىباس دوكتۇر، يىغىنغا ئەرەب بىرلەشمە خەلىفىلىكى تەرەققىيات كومىتىتى رايۇنلۇق كىڭىشىنىڭ باشلىغى ھىسام ناگىپ دوكتۇر ۋە لىۋان ئۇنۋىرستىتى مائارىپشۇناسلىق پاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى ئادنان ئەمىن فىروپىسۇر قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى،

ناگىپ دوكتۇرنىڭ قارىشىچە، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققى قىلالماي بىر ئىزىدا توختاپ قىلىشىغا تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر سەۋەب بولغان:

بىرىنچىدىن: ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنىڭ قاتماللىقى ۋە بىكىنمىلىكى سەۋەب بولغان، مەسىلەن ئۇلارنىڭ چەتئەل تىلى ئۇگىنىشكە قىزىقماسلىقى سىرتقى دۇنيادىكى يىڭى بىلىملەرنى قوبۇل قىلىشتىن ئۇلارنى چەكلىپ قويغان، ئۇ مۇنداق دىدى: «راۋان چەتئەل تىلى ئىقتىدارى بولمىسا زامانىۋى بىلىملەردىن ئايرىلىپ قىلىپ، مۇتەئەسسىپ تۇرمۇش شەكلى ئىچىدە چەكلىنىپ قالىدىغان گەپ، بۇ ئاجىزلىقنى بويسۇندۇرۇش ئۇچۇن مائارىپ تارماقلىرى چەتئەل تىلى ئوقۇتۇشنى كۇچەيتىشى، ئۇنى ئەرەب تىلى بىلەن تەڭ ئىلىپ مىڭىشى كىرەك، ئەرەب تىلى ئالاقە تىلى، چەتئەل تىلى بولسا بىلىم ئىزدەيدىغان قورال، ئوقۇغۇچىلار ھەر ئىككىلىسىنى پىششىق بىلىشى كىرەك»

ئىككىنچىدىن، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مائارىپقا سالغان مەبلىغى يىتەرسىز، بولۇپمۇ ئالىي مائارىپقا تىخىمۇ شۇنداق، يۇقۇرى دەرىجىلىك مەكتەپلەردە جىددى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ئىلىپ بىرىپ، دۇنيا بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ قوللىنىشچانلىقى ۋە ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇش كىرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاساسىي مائارىپنى يۇقۇرى دەرىجىلىك مائارىپنىڭ سەۋىيەسىگە ماس ئىلىپ مىڭىش لازىم.
ئۇ مۇنداق دىدى: «نۇرغۇن ئەرەب دۆلەتلىرىدە، بولۇپمۇ ئاشۇ نوپوسى زىچ شەھەرلەردە مائارىپنىڭ ئىككى قۇتۇبقا ئايرىلىش ھادىسىسى پەيدا بولدى، نۇرغۇن ياشلار كەسپى مەكتەپلەر ياكى مەخسۇس تىخنىكا مەكتەبلىرىگە كىرىشكە ئوتتەك قىزىقىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ساپاسى يۇقۇرى ئەمەس، يەنە بىر تەرەپتىن ئىلىپ ئىيتقاندا ناھايتى ئاز ساندىكى ياشلار پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن يۇقۇرى دەرىجىلىك مەكتەبلەرگە ئۆرلەپ ئوقۇشقا قىزىقسىمۇ بىسىم ناھايىتى ئىغىر، مائارىپنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق تارقىلىشدا مەسىلە مەۋجۇت»

ناگىپ دوكتۇرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئۇچىنچىدىن: مائارىپ پۇرسىتىنىڭ تەكشىسىزلىكى ۋە ئوقۇتۇش ئۆلچىمىنىڭ بىردەك بولماسلىقى پەن ۋە بىلىملەر ئارىسىدا ھاڭ پەيدا قىلغان، ئۇنى ماسلاشتۇرۇش ۋە بىرلەشتۇرۇش قىيىن،
مەسىلىنىڭ يىلتىزى - دۆلەتنىڭ مائارىپقا سالغان سىلىنمىسىنىڭ تەكشىسىزلىكى، يۇقۇرى سەۋىيەدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىتىشسىزلىكى.
مەسىلەن: ئۇچتىن ئىككى قىسىم ئالىي مەكتەبلەرنىڭ ئاساسى ئەسلىھەلىرى قالاق، ئۆز-ئارا ئىلمىي ماسلىشىش ھەم بىرلىككە كەلگەن باشقۇرۇش كەمچىل.

بۇ خەمىد-سالام مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۇزۇلگەن تۇنجى قىتىملىق ئەرەب دۆلەتلىرى مائارىب تەتقىقات يىغىنى بولۇپ، تىخى بىرىنجى قىتىملىق سىناق.

خەنزۇچە نور ئىسلام تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
**********************************

تولۇق ئوقۇش

2009年3月14日星期六

ھىلارى خانىمنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى زىيارىتى


ھىلارى خانىمنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى زىيارىتى ئۇچرىشىش سىياسىتىگە ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كلىنتۇن 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 1–كۈنىدىن 7–كۈنىگىچە ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپادىكى ئالتە دۆلەتتە زىيارەتتە بولدى. بۇ ئۇنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغاندىن كىيىن تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا شەرقنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

ئوتتۇرا شەرق رايونى ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دىپلوماتىيىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۇنى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مول ئېنېرگىيە ۋە مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورنى بەلگىلىگەن.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما سايلام رىقابىتىگە قاتناشقاندا، «ئامېرىكا دىپلوماتىيە جەھەتتە بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ، بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم مەزمۇن- ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئۇچرىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش» دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدى. ھىلارىنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا شەرق سەپىرىنى بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك ئۇچرىشىشقا قاراپ تاشلىغان تەييارلىق سەپىرى دېيىشكە بولىدۇ
ھىلارى مىسىردا زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە، مىسىرنى پەلەستىننىڭ ئىچكى قىىسىمدىكى گۇرۇھلارنىڭ يارىشىشى ئۈستىدە داۋاملىق سۆزلىشىشتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە رىغەتلەندرۈردى ھەمدە مىسىرنىڭ شامشەيختە ئۆتكۈزۈلگەن غەززەنى قايتا قۇرۇپ چىقىش خەلقئارا يىغىنغا قاتناشتى.
ھىلارى ئىسرائىلىيىدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە، ئىلگىرىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ قانۇنسىز يەھۇدىلار مەھەللىسى قۇرۇپ چىقىشى قاتارلىق ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقىنى بۇزۇش ھەرىكىتىگە تۇتقان جىم بولىۋېلىش ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىر قەدەر كەسكىن مۇنازىرە ئېلىپ باردى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يېڭىدىن زۇڭلى بولغان نىتانىياخۇغا مۇنداق بىر ئۇچۇرنى: يەنى «پەلەستىن ئىسرائىلىيە بىلەن ئاخىرقى كېلىشىم ئىمزالىمىغان تەقدىردىمۇ، ئامېرىكا پەلەستىننىڭ تېزلىكتە دۆلەت قۇرۇشىنى قوللايدۇ» دەپ سىگىنال بەردى. بۇ نىتانىياخۇنىڭ ئىزچىل يولغا قويۇپ كىلىۋاتقان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشقا قارشى تۇرۇش مەيدانىغا بىرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش بولدى.
گەرچە ھىلارى ئاخىرىدا «غەززەنى قۇرۇپ چىقىش مەبلىغىنىڭ خاماسنىڭ قولىغا چۈشۈپ كىتىشىگە ھەرگىز يول قويۇشقا بولمايدۇ» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا خاماسنىڭ ھەمكارلىقى بولمىسا، ھېچكىمنىڭ غەززە رايونىنى قايتا قۇرۇپ چىقالمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. ھىلارى مۇنداق دېدى: «ئەگەر خاماس ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلمىسا، ئامېرىكا خاماسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشمايدۇ». بۇ سۆزنىڭ مەنىسى چوڭقۇر، پەقەت خاماسلا ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلسا ، ئامېرىكا خاماسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىن بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە قوللايدۇ. گەرچە خاماس ھازىرغىچە ئەسلىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتمىگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا يەنىلا فاتاخنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى خاماسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللىشىنى قوللايدۇ. بۇ بۇش دەۋرىدىكى ئامېرىكىنىڭ فاتاخنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئۆز ئالدىغا ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاش سىياسىتى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولدى، شۇنداقلا ئوبامانىڭ ئوتتۇرا شەرق يېڭى سىياسىتىدىكى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتا بولدى.
ھىلارى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە، ئوبامانىڭ بىر ئاي ئىچىدە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قانداق قىلغاندا ئىراقتىن قوشۇنلىرىنى بىخەتەر، ئۈنۈملۈك چېكىندۈرۈدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ھىلارى يەنە تۈركىيەنىڭ سۈرىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ۋاستىلىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىدا رول ئوينىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ماختىدى. تۈركىيىنىڭ سۈرىيە ۋە خاماس بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بار، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى كونا ئىتتىپاقدىشى. مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى ئامېرىكىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى دەمەشققە يىتىپ بېرىپ سۈرىيە تەرەپ بىلەن ئۇچراشتى. ھىلارى، «ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىدە تۇرۇشقا باش ئەلچىنى قايتىدىن تەيىنلەش-تەيىنلىمەسلىكى پەۋقۇلئاددە ئەلچى بىلەن سۈرىيە تەرەپنىڭ ئۇچرىشىش ئەھۋالىغا باغلىق» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.
سۈرىيە ئىراننىڭ مەزكۇر رايوندىكى بىردىن-بىر ئىتتىپاقداش دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ئامېرىكىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى قامال قىلىشىغا ئۇچرىدى، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى 2005-يىلى لىۋاننىڭ زۇڭلىسى خەلىل قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كىيىن ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلدى. ھازىرغىچە ئۇ دەمەشققە قايتىپ كەلمىدى. ئەمما ئوباما قەسەم بىرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالغان قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە ئامېرىكا 4 پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى چەتئەللەرگە زىيارەتكە ئەۋەتتى، بىر پەۋقۇلئاددە ۋەكىللەر ئۆمىكى دەمەشقنى زىيارەت قىلدى.


(2009-03-13)-«شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى» خەۋەرلەر تورى.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

تولۇق ئوقۇش

2009年3月5日星期四

ھىلارى خانىم ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىندە زىيارەتتە


ھىلارى خانىم ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىندە زىيارەتتە بولدى

ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى كىلىنتون 2-مارت كەچتە ئىسرائىلىيىنىڭ بېن گۇرىئان خەلقئارا ئايروپورتىغا چۈشۈپ ئىسرائىلىيە، پەلەستىن رايونىدىكى 36 سائەتلىك زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ ھىلارىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيە، پەلەستىن رايونىغا تۇنجى قېتىم زىيارەتكە بېرىشى.



ھىلارى ئىسرائىلىيىدە زىيارەتتە بولدى


2009- يىلى 3- مارت ئامىرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى ھىلارى كلىنتون خانىم ئىسرائىلىيىنىڭ ئېرۇسالىمدىكى چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرە سارىيىغا بېرىپ، ئەينى ۋاقىتتا ناتسىستلار قىرغىن قىلغان 6 مىليون يەھۇدىي ئۈچۈن گۈل چەمبىرەك قويدى.

شىنخۇا تورى، يېرۇسالېم،–3 مارت تېلېگراممىسى:
ئىسرائىلىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى 3-مارت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش ئىسرائىلىيىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئامېرىكا پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى ئاكتىپ قوللايدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى كىلىنتون 2-مارت كەچتە ئىسرائىلىيىنىڭ بېن گۇرىئان خەلقئارا ئايروپورتىغا چۈشۈپ ئىسرائىلىيە، پەلەستىن رايونىدىكى 36 سائەتلىك زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ ھىلارىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيە، پەلەستىن رايونىغا تۇنجى قېتىم زىيارەتكە بېرىشى.
زىيارەت كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن، ھىلارى 4-مارت ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى شەھەر رامئاللاھقا بېرىپ، پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فايېز بىلەن كۆرۈشىدىكەن .


– 3مارت ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى پېرىس بىلەن ھىلارى ئېرۇسالىمدا بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

«تەڭرىتاغ تورى»-(2009-03-04)
*****************************


ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقانداق ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكا قەتئىي قوللايدۇ


ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيىدە مەيلى قايسى ھۆكۈمەت قۇرۇلىشىدىن قەتئىينەزەر قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى


(03-03-2009)
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى:

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون، ئامېرىكىنىڭ ئىسرالىيىدە مەيلى قايسى ھۆكۈمەت قۇرۇلىشىدىن قەتئىينەزەر قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
غەززەگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يىغىنغا ئىشتىراك قىلغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيىشدە زىيارەتتە بولغان ھىلارى كلىنتون، جۇمھۇر رەئىسى شىمون پېرېس بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ۋە ئورتاق قىممەت ئۆلچىمىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئىئانە قىلغۇچى دۆلەتلەر يىغىنىدا، ئىسرائىلىيە – پەلەستىن توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈلمىنىڭ ناھايىتى ياخشى چارە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھىلارى كىلىنتون، ئىسرائىلىيىگە راكېتا بومبىلىرى ئارقىلىق قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ توختىتىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى ۋە ئىسرائىلىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆز پۇقرالىرى ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتسا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىسرائىلىيە جۇمھۇر رەئىسى شىمون پېرېسمۇ، غەززەدىن راكېتا بومبىلىرى ئارقىلىق پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان ھاماسقا قارشى چارە – تەدبىر قوللىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھىلارى كلىنتون بىلەن پېرېس ئۇچرىشىشىغا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى مىتچېلمۇ ئىشتىراك قىلدى.
چۈشتىن كېيىن باش مىنىستىر ئەھۇد ئولمەرت بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرى لىۋنى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىدىغان ھىلارى كلىنتون، ئەتە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدا زىيارەتتە بولىدىكەن، ھەمدە پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئى. ئەمىن
************************


تولۇق مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلىشى كېرەك

ھىلارى كلىنتون، ئىسرائىلىيە - پەلەستىن تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرىلىشى ئۈچۈن، تولۇق مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى


(04-03-2009)
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى:

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئارىسىدا تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرىلىشى ئۈچۈن تولۇق مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى جەريانىدا ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلغان ھىلارى كلىنتون، باش مىنىستىر ئەھۇد ئولمېرت، مۇداپىئە مىنىستىرى ئەھۇد باراك، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تزىپى لىۋنى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىشتا، ئىسرائىلىيىنىڭ ھاماس باشقۇرىشىدىكى غەززە شەھىرىنىڭ چېگرىلىرىنى تاقىۋېتىشى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىنسانىي تراگىدىيىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلىرىنى تىلغا ئالغان ھىلارى كلىنتون ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىنسانىي ئىھتىياجلىرىنى قامدىيالىشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيىنىڭ چېگرىلاردىن ئۆتۈش ئىشلىرىدا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرىلىشى ئۈچۈن تولۇق مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ھىلارى كلىنتون، تىنچلىقنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىشى ئۈچۇن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون بىلەن ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى گىئورگى مىتچىلنىڭ، بۈگۈن پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدا ئۇچرىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىرى: مىركامىل كاشىغەرىي
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭



ھىلارى سۇرىيىگە «زەيتۇن شېخى» سۇندى
************************


ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى ھىلارى ئىككى ئالاھىدە ئەلچىنى سۇرىيىگە ئەۋەتىپ ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ھەم ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ ئايرىم – ئايرىم مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى قاتارلىقلارغا ئەڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. 2005 – يىلى، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بۇش سۇرىيىنى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللىدى، دەپ، سۇرىيىدىكى ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەنىدى. ھىلارى مۇنداق دېدى: گەرچە ھازىر، ئامېرىكا بىلەن سۇرىيىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېگىلى بولمىسىمۇ، سۆھبەت ئۆز ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇڭا سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. ھىلارى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا سۇرىيىنىڭ پايتەختى دەمەشىققە تېزدىن ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئامېرىكا – سۇرىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدۇ، زۇڭتۇڭ ئوبامامۇ سۇرىيىدە باش ئەلچى تۇرغۇزۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىشىدۇ.

«جوڭگو ئاخبارات تورى»دىن
«شىنجاڭ گېزىتى»-(2009-03-05)
**********************************
(dawami toluqlap yollinidu)
**********************************

Hillary Clinton meets with Palestinian President Mahmoud Abbas at his Ramallah headquarters today(2009-yil 5-mart)
**********************************

تولۇق ئوقۇش