2009年4月28日星期二

Ereblerni dunyagha tonutuwatqan «eljezire»



ئەرەب دۇنياسىنى جاھانغا تونۇتۇۋاتقان قاتار «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى


سىز ئوتتۇرا شەرق رايونىدا خالىغان بىر كىشىدىن قايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ پروگراممىلىرىنى ياقتۇرىسىز، دەپ سورىسىڭىز، چوقۇم «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭكىنى، دەپ كەسكىن جاۋاب بېرىدۇ.
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باش شتابى قاتار پايتەختى دۇھادا بولۇپ، بىر قەۋەتلىك ئاددىي ئۆيلەرگە ئورۇنلاشقان، بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆرۈنۈشتە جۇڭگودىكى ناھىيە دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغىمۇ يەتمەيدۇ.

620 مىڭ نوپۇسى، 11 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىنى بار كىچىك دۆلەت قاتاردىكى بۇ يىل ئەمدىلا «13 ياش»قا كىرگەن، «ناھىيە» دەرىجىلىك بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھازىر دۇنيادا 65 مىليوندىن كۆپرەك كۆرۈرمەنى بار.
بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئافغانىستان ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىن لادىننىڭ سىنئالغۇسىنى بىرقانچە قېتىم مۇستەقىل كۆرسىتىپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان.
«دېڭىز قولتۇقىدىكىCNN »، «ئەرەبلەرنىڭBBC »سى دەپ تەرىپلەنگەن «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئوتتۇرا شەرقتىكى نامى چىقمىغان كىچىك دۆلەت قاتارنى جاھان ئەھلىگە بىراقلا تونۇتتى.

«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1996-يىلى شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن قۇرۇلغان.
ئۇزاق ئۆتمەي «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 24 سائەتلىك ئىنگلىزچە ئاخبارات قانىلى ئېچىلدى،
بۇ قانال «ئاخبارات قارالمىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلەيمىز» دېگەننى شوئار قىلىپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنى دۇنياغا يېقىنلاشتۇردى.
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 70 نەچچە دۆلەتتە مۇخبىرلار پونكىتى بار،
بۇ پونكىتلاردىكى مۇخبىرلار ھەر قانداق ۋەقەدە بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

يېقىنقى غەززە ئۇرۇشىدا، ئامېرىكىنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۆزگىچىرەك بولغانلىقتىن، غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىسرائىلىيە قوزغىغان بۇ ئۇرۇشتىن ساقلىنىشقا بەكرەك كۆڭۈل بۆلدى.
بىراق «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى غەززە ئۇرۇشىنى 24 سائەت ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىپ، غەززەنىڭ زادى قانداق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى پۈتكۈل دۇنياغا ئاشكارىلىدى.
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋەقەلەرنى ئەرەب دۇنياسى نۇقتىئىنەزەرى بويىچە خەۋەر قىلىپ، ئەرەب دۇنياسىنىڭ ۋاكالىتەن سۆزلىگۈچىسى بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئەرەب دۇنياسىنىڭ جامائەت مۇناسىۋىتى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى مۇخبىر ئىنگلىز تىلىدا راۋان سۆزلىشىدىغان، غەربلەشكەن ئەرەب زىيالىيلىرى.
دەسلەپكى مەزگىلدە، «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىBBC نىڭ ئوتتۇرا شەرق قانىلى تارقىتىۋېتىلگەن پۇرسەتتە ئۆزىنىڭ ئىختىساسلىقلىرىنى تولۇقلىدى.
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەمىر ھاماد ئەنگلىيىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيىنىڭ تېلېۋىزىيە تۈزۈلمىسىنى پىششىق بىلىدۇ ھەم بۇنى قوللايدۇ.

«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پروگراممىلارنى تۈزۈش ئەندىزىسىنى CNN ,BBC غا يېقىنلاشتۇرۇپ، نەق مەيداندا بىۋاسىتە ئاڭلىتىش، ئالدىنقى سەپتىكى مۇخبىر بىلەن ئالاقىلىشىش، 24 سائەت خەۋەر ئاڭلىتىشنى يولغا قويدى.
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ ئارتۇقچىلىقى بىلەن ناھايىتى تېزلىكتە غەرب بازىرىغا كىردى.
چۈنكى غەرب تاماشىبىنلىرى ئۆزلىرىگە تونۇش ئەندىزىنى قوبۇل قىلاتتى.
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى غەرب مۇخبىرلىرىدەك تەپەككۈر قىلىپ، مەسىلىلەرگە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ نۇقتىئىنەزەرى بويىچە قاراپ، دۇنيا ئەھلىگە مەسىلىلەرگە باھا بېرىشنىڭ باشقىچە يولىنى كۆرسەتتى.
بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىستانسىسىنىڭ كۆرۈرمەنلىرى ناھايىتى كۆپەيدى.

«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى «ئۆلۈشكە جۈرئەت قىلالايدىغان قوشۇن».
ئۇلار نۇرغۇن ئۇرۇشتا ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلىدى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى غەززە ئۇرۇشىدا، ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ئۇرۇش خەۋەرلىرىنى قاتتىق مەخپىي تۇتۇپ، ھەر قانداق چەتئەل مۇخبىرلىرىنى كىرگۈزمىدى.
ئەمما كۆرۈرمەنلەر «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پروگراممىلىرىدا ھەر كۈنى مۇخبىر ئېممان مورسېنيېدىننىڭ ئوق ئۆتمەس كىيىم كىيىپ، غەززەدىكى ئۇرۇش نەق مەيدانىنى ئەرەب ۋە ئىنگلىز تىلىدا ھەقىقىي خەۋەر قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، غەززە ئۇرۇشىدىن بۇيان، بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى كۆرۈش نىسبىتى ئالتە ھەسسىدىن، تور پونكىتلىرىنىڭ كۆرۈش نىسبىتى% 150 ئاشقان.

«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چەكلەنگەن رايونغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئەرەب دۇنياسىدا ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسى ساھەسىدىكى تۇيغۇن تېمىلارنى مۇھاكىمە قىلدى.
ھەتتا ئوخشىمىغان پىكىردىكى زاتلارنى زىيارەت قىلدى.
بۇ كۆپلىگەن كۆرۈرمەنلەرنى جەلپ قىلدى، يۇقىرى قاتلام زاتلىرىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتتى.

ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسىسى ما شياۋلىن دائىم «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇ جايغا بارىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھەر تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش جەھەتتە ناھايىتى ياخشى رول ئوينىدى، بۇ ئىستانسا ئىسرائىلىيە، پەلەستىن ۋەكىللىرىنى پروگراممىغا تەكلىپ قىلىپ، زىيارەت جەريانىنى ئۆز پېتىچە، راستچىللىق بىلەن كۆرسەتتى. بىراق چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىش ئۇسۇلىدا زور بەدەل تۆلىدى.
ئامېرىكا «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئاغزى»نى ئېتىشنى ئويلىدى،
ئەرەب دۇنياسىدىكى بەزى مۇتەئەسسىپ دۆلەتلەر «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئاڭلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقاردى،
ھەتتا «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى مۇخبىرلار پونكىتىنى تاقىدى.
ئەمما بۇلار «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى چەكلىيەلمىدى.
ئەكسچە دۇنياغا كەڭ تارقالغان يوشۇرۇن قورال بولۇپ قالدى.

قاتارنىڭ دۇنيا دىققىتىنى تارتىشى، بۇ جاينىڭ رايون، ھەتتا دۇنيا ئىشلىرىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

«شىنخۇا تورى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى»(2009-04-27)
*****************************************

تولۇق ئوقۇش

2009年4月27日星期一

Ottura sherqtiki asasliq milletler



ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاساسلىق مىللەتلەر


ئوتتۇرا شەرق رايۇنىنىڭ نۇپۇسى تەخمىنەن 490 مىليون ئەتراپىدا بۇلۇپ، چوڭ-كىچىك مىللەتتىن نەچچە ئونى بار.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئاساسى گەۋدە قىلغان، نۇپۇسى ئون مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەتلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

(1) ئەرەبلەر.
نوپۇسى تەخمىنەن 280 مىليون بۇلۇپ، ئاساسلىقى ئەرەب دۆلەتلىرىگە، يەنى ئەرەب ئىتىپاقىغا ئەزا 22 دۆلەتكە تارقالغان.

(2) تۈركلەر.
نوپۇسى تەخمىنەن 55 مىليون بۇلۇپ ،ئاساسلىقى تۈركىيە ۋە سىپروسقا جايلاشقان.

(3) پارسلار.
نوپۇسى تەخمىنەن 36 مىليون بولۇپ، ئاساسلىقى ئىراندا، پارس قولتۇغىدىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۈۋەيت، قاتار، بەھرەيىن قاتارلىق ئەرەپ دۆلەتلىرىدىمۇ بار.

(4) كوردلار،
نۇپۇسى تەخمىنەن 26 مىليون بولۇپ. ئاساسلىقى تۈركىيە، ئىران، ئىراق ۋە سۈرىيەگە تارقالغان.

(5) ئەزەربەيجانلار،
نوپۇسى تەخمىنەن 16مىليون بولۇپ، ئەزەربەيجان، ئىران ۋە تۈركىيەگە تارقالغان. ئۇلار ئىراندىكى 2-چوڭ مىللەت.

(6) پۇشتۇلار،
ئافغانىستاندىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت بۇلۇپ، تەخمىنەن 12 مىليون.

(7) بەربەرلەر،
نوپۇسى تەخمىنەن 14-25 مىليون دەپ خاتىرلەنگەن. ماراكەش، ئالجىرىيە، لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان.

(8) يەھۇدىلار، ئىسرائىلىيەدە تەخمىنەن 6 مىليون ئەتراپىدا.

ئوتتۇرا شەرقتە يەنە ئەرمەن، تۈركمەن، ئۆزبەك، تاجىك، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر بار.

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دىن ئېلىندى
*******************************

تولۇق ئوقۇش

Isra'iliye yene nime qilmaqchi?



ئىسرائىلىيە يەنە نىمە قىلماقچى؟


ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى: «لىۋان ئاللا پارتىيىسى تېررورلۇق تەشكىلات، ئۇلار غەززە رايونىغا ئىراندىن قورال توشۇپ ئىسرائىلىيىگە ھۇجۇم قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئىراننىڭ غەززە ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىش بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ رەھبىرى نەسىرۇللانى يوقىتىش زۆرۈردۇر» دېدى.

«ئەرەب تورى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانىياخۇنىڭ يېقىنى - ئىسرائىلىيە قاتناش مىنىستىرى خاتىن ئىسرائىلىيە ھەربىي دائىرىلىرى رادىئو ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «لىۋان ئاللا پارتىيىسى تېررورلۇق تەشكىلات، ئۇنى قورالسىزلاندۇرۇش كېرەك، بۇ تەشكىلات غەززە رايونىغا ئىراندىن قورال يۆتكەپ، پەلەستىندىكى ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىسرائىلىيىگە ھۇجۇم قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ، ئاللا پارتىيىسى ئىراننىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىپ، پەلەستىن ۋەزىيىتىگە قول تىقىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ، ھەر قانداق مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇرۇش قىلمىشىدۇر» دېدى.

ئىسرائىلىيە قاتناش مىنىستىرى خاتىن «خاماس» ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ھازىر غەززە رايونىنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان ‹خاماس› بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئويۇن قائىدىسى ئەمدى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىلىشى كېرەك، ‹خاماس›قا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا يېڭى سىياسەت پات يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، ئالدى بىلەن غەززە ۋە ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا پاسىل تام قوپۇرۇلىدۇ، غەززە رايونىغا ماددىي بۇيۇم توشۇش مەسئۇلىيىتىنى ئىسرائىلىيە ئەمەس، بەلكى مىسىر ئۈستىگە ئالىدۇ»
ئۇ يەنە: «بەزىلەر ‹خاماس›نىڭ ئىچكى قىسمىدا رەھبەرلەر سىياسىي رەھبەرلەر ۋە ھەربىي رەھبەرلەر، دەپ ئايرىلغان، دەۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ‹خاماس›نىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ئوخشاش، ھېچقانداق پەرق يوق، ‹خاماس›نىڭ بارلىق رەھبەرلىرى ئىسرائىلىيىگە راكېتا ئوقى ئاتقانلىق ۋە غەززەگە قورال يۆتكىگەنلىك ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى كېرەك» دەپ تەھدىت سالدى.

ئوتتۇرا شەرق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە: «خاتىن نېتانىياخۇنىڭ ئىشەنچلىك ئادىمى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىسرائىلىيە ئىچكى كابىنېتىدىكى يادرولۇق قاتتىق قول شەخس، ئۇنىڭ مۇشۇ پەيتتە ئاللا پارتىيىسىنىڭ رەھبىرىنى يوقىتىۋېتىش توغرىسىدا ئاشكارا سۆز قىلىشى، نېتانىياخۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا يېڭى قاتتىق سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېيىلدى.

«سۇمۇرغ تورى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى»(2009-04-17)
*****************************

تولۇق ئوقۇش

pelestinning dahisi-yasir erafat



پەلەستىننىڭ داھىسى-ياسىر ئەرافات


ئەرافاتنىڭ تۇلۇق ئىسمى-مۇھەممەد ئابدۇرەھمان ئابدۇرەئۇف ئەل قۇدۋا ئەل ھۇسەيىن ئەرافات.
مۇھەممەد ئابدۇرەھمان ئوزىنىڭ، ئابدۇرەئۇف دادىسىنىڭ، ئەرافات چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمىدۇر.
ئەرافات 1929-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۇنى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھرىدە پەلەستىنلىك بىر كۆچمەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن(بەزىلەر ئۇنى قۇددۇستا تۇغۇلدى دەپمۇ يېزىشىدۇ).
ئەرافات قاھىرە ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا 1948-يىلى ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىغا، 1949-يىلى غەززە ئۇرۇشىغا قاتناشقان.
1952-1956-يىللىرى ئارىسىدا ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى بولدى.
«ياسىر» دىگەن ئىسمىنى مۇشۇ يىللاردا ئىشلەتكەن.
ئەرافات پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقاندىن باشلاپ «ئەبۇ ئاممار» تەخەللۇسىنى قوللانغان.
ياسىر ئەرافات 1957-يىلى قۇرۇلۇش ئىنژىنىرى سۇپىتى بىلەن كۇۋەيىتكە كەلگەن.
ئەرافات كۇۋەيتتە 1958-يىلى «ئەل پەتىھ»(پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى)نى قۇرغان.
لىكىن ھىچ بىر ئەرەب دۆلىتىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمىگەن.
ئەرافات پەلەستىن خەلقىگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۇچۇن قۇراللىق كۇرەش قىلىشقا باشلىغان.
1964-يىلى ئىئوردانىيەگە كۆچۇپ كەلگەن.
ئىئوردانىيەدىن ئسرائىلىيەگە قارشى قوراللىق ھۇجۇملارنى قوزغىغان.
شۇنىڭ بىلەن پەلەستىن ئازاتلىقى ئۇچۇن كۇرەش قىلغۇچى بارلىق پائالىيەتچىلەر ئىئوردانىيەگە كىلىشكە باشلىغان.
ئىئوردانىيەنىڭ پادىشاھى ھۈسەيىن دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كوزدە تۇتۇپ، 1969-يىلى ئەرافاتنى باش مىنىستىرلىققا تەكلىپ قىلغان. لىكىن ئەرافات «مۇستەقىل پەلەستىن» غايىسى ئۇچۇن بۇ تەكلىپنى رەت قىلغان.

1970-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۇنى ئەرافاتنىڭ ئەسكەرلىرى دۇنيانىڭ بىر قانچە نوقتىسىدىن ئىئوردانىيەنىڭ پايتەختى ئۇممانغا 50 كىلومىتىر يىقىنلىقتىكى داۋسۇن ئايرىدۇرۇمىدىن بەش ئايرۇپىلاننى بۇلىغان ۋە يولۇچىلارنى چۈشۈرۋىتىپ ئايرۇپىلانلارنىڭ ھەممىسىگە ئوت قۇيىۋەتكەن.
بۇنىڭ بىلەن ياسىر ئەرافات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامىرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «خەلقئارالىق تېرورچى» دەپ ئىلان قىلىنغان.

1970-يىلى يىل ئاخىرىدا ئىئوردانىيە ئارمىيىسى ئەرافاتنىڭ 20 مىڭ كىشىلىك ئارمىيەسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ قاخشاتقۇچ زەربە بەرگەن.
بۇ ئۇرۇشتا ئەرافاتنىڭ ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى ئۆلگەن. بەش مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى يارىلانغان.
ئۇ قالغان ئەسكىرىي كۇچلىرىنى ئىلىپ لىۋانغا قىچىپ كەلدى.
شۇنداق قىلىپ ھاياتىدىكى ئەڭ زور ئەسكىرىي زەربە ئۆز مىللىتى بولغان ئەرەبلەردىن كەلگەن.

1972-يىلى ئەراپات رەھبەرلىكىدىكى پەلەستىن كۈچلىرى ئاۋىستىرىيەنىڭ ۋىينا شەھرىگە كىتىۋاتقان بىر يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنى گۆرۈگە ئىلىپ، ئسرائىلىيەنىڭ لۇد شەھرىگە قوندۇرغان ۋە 24 نەپەر يولۇچىنى ئۆلتۇرگەن.
نەتىجىدە بارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە ئەرافاتنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان.

1972-يىلى 9-ئايدا گىرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئولىمپىك يىغىنىدا ئەرافاتنىڭ ئادەملىرى 11 نەپەر ئسرائىلىيەلىك تەنھەركەتچىنى ئەسىرگە ئېلىپ ھەممىسىنى ئۆلتۇرۇۋەتكەن. بۇ ۋەقە تارىختا «قارا سىنتەبىر» نامى بىلەن مەشھۇر.
1982-يىلى لىۋان ئسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ئەرافات تۇنىسقا يەرلەشكەن.
1988-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۇنى ئەرافات «پەلەستىن دۆلىتى» قۇرۇلغانلىغىنى جاكالىغان ۋە دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلانغان.

1990-يىلىدىكى بىرىنچى قىتىملىق پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا سادام ھۈسەيىننى قوللىغان.
بىرىنچى قىتىملىق پارس قولتۇقى ئۇرۇشى ئىراقنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئەرافات مۆتىدىل سىياسەت قوللۇنۇپ، ئامىرىكا، ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋاستىچىلىقىدا ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلىغان.
1993-يىلى ئەراپات ئىسرائىلىيەنىڭ شۇ چاغدىكى باش مىنىستىرى ئىساك رابىن بىلەن «ئوسلۇ تىنچلىق كىلىشىمى»نى ئىمزالاپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئىوردان دەرياسىنىڭ غەربىي بىلەن غەززەدە پەلەستىن ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.
1994-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۇنى ئايرىلغىنىغا يىگىرمە يەتتە يىل بولغان پەلەستىن زىمىنىغا قايتىپ كېلىپ، پەلەستىن ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنى قۇرغان ۋە ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بولغان.
1994-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى پەلەستىن مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن قىلىش ئۈچۈن زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىپ، سىياسىي سۆھبەت يولىنى تاللىغانلىقى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە كىلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىغا تىگىشلىك تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئىساك رابىن ۋە ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شىمون پىرىس بىلەن بىللە «نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى»غا ئىرىشكەن.
2004-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۇنى 75 يىشىدا پارىژ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر ھەربىي دوختۇرخانىدا ۋاپات بولغان.

ياسىر ئەرافات ئۆزىنىڭ پەلەستىن ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۆرەش تارىخىدا، بىر «خەلقارالىق تېرورچى»دىن پەلەستىن ئىشلىرىنىڭ دۇنيادىكى قانۇنلۇق ۋەكىلىگە، ئاندىن «نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى»نىڭ ساھىبىغا ئايلانغان.
ياسىر ئەرافات بۇگۇنمۇ ئازاتلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ نەزەرىدە بىر بۈيۈك قەھرىمان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن ئىلھام ۋە جاسارەت مەنبەسى بولماقتا.

*************************

تولۇق ئوقۇش

Isra'iliyening ghezzeghe uda huqum qilishigha néme seweb boldi?



ئىسرائىلىيىنىڭ غەززە رايونىغا ئۇدا ھەربىي زەربە بېرىشىگە نېمە سەۋەب بولدى؟


پەلەستىن جىددىي قۇتقۇزۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنى 2008-يىلى 1-مارت مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە قوشۇنى 2008-يىلى 1-مارت سەھەردىن باشلاپ غەززە رايونىغا يەنە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى، نەتىجىدە 68 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى، 200 نەچچە كىشى يارىلاندى. بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە بىر كۈندە پەلەستىنلىكلەر ئەڭ كۆپ تالاپەتكە ئۇچرىغان بىر قېتىملىق ھەرىكەت بولدى.

غەززە رايونى-ئىسرائىلىيىنىڭ غەربىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان تار ھەم ئۇزۇن رايون.
1994–يىلى 5-ئايدا پەلەستىن ئالدى بىلەن چەكلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان رايونلارنىڭ بىرى.
2005–يىل 8-ئاينىڭ 15–كۈنى ئىسرائىلىيە ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىپ، بۇ رايوندىن چېكىنگەن.
ئىسرائىلىيە بۇ رايوننى ئۇزاقتىن بۇيان قامال قىلىپ كەلگەچكە، غەززەلىكلەر ئىزچىل ئىنتايىن غۇربەتچىلىكتە ياشىغان.
شۇ سەۋەبتىن، بۇ جاي پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرى توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان رايونغا ئايلانغان.
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى(خاماس) ۋە ئىسلام غازات تەشكىلاتى قاتارلىق ئاساسلىق قوراللىق تەشكىلاتلارمۇ بۇ يەرگە يىغىلغان.

ئۇزاقتىن بۇيان، پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى(فاتاخ)نى ئاساسىي گەۋدە قىلغان پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىزچىل پەلەستىن خەلقىنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋەكىلى بولۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە بىلەن بىر قاتار تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن سۆھبەت ھەمراھى.
لېكىن، 2006–يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىن قانۇن چىقىرىش كومىتېتى سايلىمىدا، خاماس فاتاخنى يېڭىپ سايلامدا غەلىبە قىلدى.
1987–يىلى قۇرۇلغان خاماس ھاكىمىيەت بىلەن دىنىي ھوقۇقنى بىرلەشتۈرگەن رادىكال تەشكىلات، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىگە قارشى، ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.

خاماسنىڭ غەلىبە قىلىشى ئىسرائىلىيىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى دەرھال خاماس بىلەن سۆھبەتلەشمەسلىك، خاماس تەشكىللىگەن ياكى قاتناشقان پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلماسلىق ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلماسلىق پرىنسىپى تۇرغۇزدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى يەنە پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنى بىلەن سۆزلىشىشكە ئۈچ شەرت قويدى.
يەنى، خاماس قاتارلىق پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتلىرى زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشى، خاماس ئىسرائىلىيىنى يوقىتىش نىيىتىدىن يېنىشى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىمزالىغان تىنچلىق كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى شەرت.

خاماس ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ ئۈچ شەرتىنى رەت قىلغاچقا، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىزچىل بايقۇت قىلىندى ۋە قامال قىلىندى.
بولۇپمۇ 2007–يىلى 6-ئايدا خاماس غەززە رايونىنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە غەززەدىن باشقا جايلارغا تۇتۇشىدىغان بارلىق يوللارنى توسۇپ، ئۇنى قاتتىق قامال قىلدى، شۇنداقلا غەززەدىكى قوراللىق خادىملارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتتى.
2007-يىلى يىلى 9-ئايدا ئىسرائىلىيە خاماس كونتروللۇقىدىكى غەززە رايونىنى «دۈشمەن رايونى» دەپ جاكارلىدى.

2007–يىل 11-ئاينىڭ 27–كۈنى ئېچىلغان ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى توغرىسىدىكى خەلقئارا يىغىندا، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا كۆپ يىللار بولغان تىنچلىق مۇساپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنى ۋە پەلەستىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىش بىلەن بىللە، غەززە رايونىدىكى خاماس قاتارلىق قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرىغا ھەربىي زەربە بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇردى.

ئىسرائىلىيىنىڭ قامال قىلىشى ۋە ھەربىي زەربە بېرىشىگە قارىتا، پەلەستىن قوراللىق خادىملىرى ئىسرائىلىيە تەۋەسىدىكى نىشانلارغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلدى.
2008-يىلى 4-فېۋرال ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىدىكى دىمونا شەھىرى پىدائىيلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، خاماسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتى بۇ ۋەقەدە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2008-يىلى 6-فېۋرال خاماس تەۋەلىكىدىكى قوراللىق تەشكىلات «كاسان برىگادىسى» ئىسرائىلىيە تەۋەلىكىنى راكېتا ۋە مىناميوت بىلەن 31 قېتىم بومباردىمان قىلدى.
2008-يىلى 27–فېۋرال پەلەستىن قوراللىق خادىملىرى ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرگە يەنە 40 نەچچە راكېتا قويۇپ بەردى.
ئىسرائىلىيە بۇلارنى باھانە قىلىپ غەززە رايونىغا ئۇدا ھۇجۇم قىلىپ ئۆچ ئالدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى«شىنجاڭ گېزىتى»(2008-03-05)
*****************************************

تولۇق ئوقۇش

2009年4月11日星期六

Amérikining ottura sherq yéngi siyasiti


Amérika ottura sherq yéngi siyasitini yolgha qoyushni bashlidi


Amérikining dölet katipi hilari klinton 2009-yili 1-mart ottura sherq we yawropadiki ziyaritini bashlidi.
Ottura sherqte, u misir, isra'iliye we pelestinni ziyaret qildi.
Ghezzeni qayta qurush xelq'ara yighinigha qatnishishtin bashqa, uning bu qétimqi sepiridiki yene bir muhim nuqta pelestin-isra'iliye tinchliq söhbitini ilgiri sürüsh.
Ottura sherqtiki axbarat wasitiliride: «hilarining bu qétimqi ziyaritining meqsiti- obama hökümitining ottura sherq yéngi siyasitige alaqidar wedisini emelge ashurush» dep qaraldi.

Obama saylam riqabitide, u aqsaraygha kirgendin kéyin eng awwal pelestin-isra'iliye tinchliq söhbitini ilgiri süridighanliqini éytqanidi, ottura sherq jama'etchiliki buni qollidi, emma ular yene obamaning peqet shundaqla dep qoyghan bolushidinmu ensiridi. Amérika pul mu'amile krizisi patqiqigha chongqur patqanliqtin, aqsarayning yéngi rehberlik benzisi téximu köp zéhnini ichki iqtisadqa qaritishqa mejbur boldi hem tashqi istratégiyisini tedrijiy taraytti, shunga obamaning ottura sherq ishlirini ish küntertipining eng aldigha qoyushigha amal bolmay qaldi.

Hazirqi ehwaldin qarighanda, obama iqtisadqa türtke bolushning bir qatar layihilirini otturigha qoyush bilen bille, özining ottura sherq yéngi siyasiti wedisini untup qalmighandek qilidu, héchbolmighanda u ottura sherq mesililirini hel qilishni ilgiri süridighanliqini xalaydighanliqini bildürdi.
Obama bu yil 2-ayning axiridin kéler yil 8-ayning axiridin ilgiri iraqtin esker chékindürüsh yéngi istratégiyisini tamamlaydighanliqini jakarlighandin kéyin, hazir yene dölet katipi hilarini pelestin we isra'iliyige ziyaretke ewetti.
Omumiy jehettin qarighanda, amérikining ottura sherqtiki tüp menpe'itini qoghdap, amérikining rayon ishliridiki rehberlik orni we sözlesh hoquqini mustehkemlesh- obama hökümitining ottura sherq diplomatiyisini kücheytishtiki istratégiyilik oylinishi, shundaqla uning ottura sherq yéngi siyasitining yadrosi we chiqish nuqtisi.

Qisqisi, obamaning ottura sherq yéngi siyasiti asasliqi töwendikidek alahidiliklerge ige:

Birinchi, «özgirish» kozirini dawamliq otturigha tashlap, ottura sherq mesiliside yéngiliq yaritishqa tiriship, amérikining obrazini eslige keltürüsh. Obama nisbeten yumshaq siyaset qollinip, ottura sherqte amérikining obrazini qaytidin tiklep, özining tesir küchini ashurushi mumkin. Bu hem obama teshebbus qiliwatqan «özgirish» chaqiriqi bilen birdek.

Ikkinchi, ottura sherqni bir pütün gewde qilip, iraqtin esker chékindürüsh bilen bille, pelestin-isra'iliyining tinchliq söhbitide ilgirileshni qolgha keltürüsh, shundaqla ottura sherqtiki barliq döletler bilen bolghan uchrishishning muhimliqini tekitlesh. Bu meqsetke yétish üchün, obamaning kelgüside ottura sherqqe bolghan diplomatiye we siyasiy sélinmini ashurushi éhtimalgha intayin yéqin. Obama amérika «téximu aqilane, téximu uzaq we omumyüzlük yol» üstide izdinishke mohtaj, dep tekitlidi, iraq we ottura sherq bixeterlikige kapaletlik qilish üchün, amérika iran we suriye qatarliq döletler bilen omumyüzlük munasiwet baghlishi kérek. Körüwélishqa boliduki, ottura sherq mesilisini her qaysi qatlamlardin ilgiri sürüsh amérika yéngi hökümiti izdinidighan bir yéngi nishan'gha aylan'ghandek qilidu.

Üchinchi, yekkichilikni ajizlashturup, ottura sherq ishlirigha köp terepni qatnashturush. Obama amérikining ottura sherq ishliridiki ilgiriki sawaqlardin ibret élip, amérikining pelestin-isra'iliye ishliridiki yétekchilik hoquqini aldinqi shert qilghan halda, bashqa her qaysi tereplerning qatnishishigha tebi'iy keng qorsaq bolup, ottura sherq qiyin mesililirini birliship hel qilish üstide izdendi. Yéqinda, amérikining rosiye we yawropa ittipaqi yuqiri derijilik emeldarlirining ottura sherqte köplep ziyarette bolushini qarshi alghanliqi bu nuqtini chüshendüridu.
Ottura sherq jama'etchiliki hilarining ottura sherq sepirige belgilik ümid baghlidi, emma qismen mutexessisler yene mundaq eskertti: obamaning ottura sherq yéngi siyasiti téxi emdila bashlandi, uni yene közitishke toghra kélidu. Pelestin-isra'iliye mesilisining yiltizi chongqur, shunga uni ilgiri sürüshte choqum pishshiq siyasiy eqil-paraset shundaqla qet'iy sewrchanliq we keng qorsaqliq bolushi kérek, buningdin sirt yene weziyetni mölcherlep, küchesh nuqtisini toghra tépishqa toghra kélidu. Bu dölet katipi hilarining bir-ikki qétimliq ziyariti bilenla hel bolidighan ishlar emes.

Shinxua agéntliqi we «shinjang géziti»(2009-03-08)
**********************************************

تولۇق ئوقۇش

Fayizning istipa bérishining paydisi barmu?


Fayizning istipa bérishi pelestinning ichki qismidiki yarishishqa türtke bolarmu?


Pelestin ötkünchi hökümitining zunglisi fayiz 2009-yili 7-mart tusattin pelestin milliy hakimiyet orginining re'isi abbasqa istépaname sunup, pelestinning ichki qismidiki yarishishqa shara'it yaritish üchün mushundaq qarargha kelgenlikini éytti.
Tehlilchiler: «fayiz yéngi nöwetlik yarishish söhbiti bashlinishqa üch kün qalghanda istépaname sundi, buning simowolluq ehmiyiti emeliy ehmiyitidinmu zor bolushi mumkin» déyishti.
Pelestin ötkünchi hökümitining zungli ishxanisi élan qilghan bayanatta éytilishiche: «fayizning istépa bérishi 2009-yili 10-mart qahirede ötküzülidighan pelestin ichki yarishish söhbitige shara'it yaritish üchün iken»
Bayanatta mundaq déyilgen: «pelestin ichki yarishish söhbiti pelestindiki hazirqi bölünmichilikke xatime béridighan qimmetlik purset, uni pelestinning ichki qismidiki yarishish we ittipaqliqni emelge ashurushning mustehkem asasi qilish kérek»
Bayanatta mundaq déyilgen: «eger pelestin birleshme milliy hökümiti qurulsa, fayizning istépanamisi derhal küchke ige bolidu, nawada martning axirighiche birleshme hökümet yenila qurulmisa, fayiz istépa bermeydu»
Fayiz istépaname sun'ghandin kéyin abbas ipade bildürüp: «fayiz we u rehberlikidiki ötkünchi hökümetning istépa bérishi pelestinning ichki yarishish söhbitini ilgiri sürüshke paydiliq» dédi.
Abbas pelestin birleshme milliy hökümitining mushu ayning axirighiche qurulushini ümid qilidighanliqini bildürdi, shuning bilen bille yene fayizning pelestin ichki yarishish söhbiti ünümge érishküche dawamliq wezipe ötüshini ümid qildi.
Tehlilchiler omumyüzlük mundaq qaridi: «fayizning istépaname sunushi pelestin ichki yarishish söhbitining yene bir muhim achquchluq peytke kiridighanliqidin dérek béridu, u abbas rehberlikidiki i'ordan deryasining gherbiy qirghiqidiki «hakimiyet»ning yarishish semimiyitini bildürüsh üchün töligen bedili, shundaqla xamasqa bésim ishlitip, uni yarishish söhbitide muresse qilishqa ündesh üchündur»
Hazirqi ehwaldin qarighanda, xamasning fayizning istépaname sun'ghanliqigha qayturghan inkasi anche ijabiy bolmighan, gerche «qarshi alidighanliqi»ni bildürgen bolsimu, shuning bilen bille yene, fayiz ötkünchi hökümiti bashlinishidila «qanunsiz» idi, uning istépa sorishi pelestin ichki yarishish söhbiti bilen munasiwetsiz, dep tekitlidi.
Gherbiy qirghaq we ghezzediki tehlilchiler mundaq qaridi: fayiz we uning hökümitining istépa bérishining yarishish söhbiti üchün emeliy ehmiyiti anche zor emes. Isra'iliyining «qoghushun quyush» herbiy herikitidin kéyin, xelq'ara jem'iyet ghezzege 5 milyard dollardin artuq yardem bérimiz, dep wede qilghan bolsimu, yardemni qandaq bérish qiyin mesilige aylandi: bir tereptin, xamas gerche ghezzeni kontrol qiliwalghan bolsimu, xelq'ara jem'iyetning omumyüzlük étirap qilishigha érishelmidi; Yene bir tereptin, xamas qatnashmisa ghezzeni qayta qurush pilani we türlirini yolgha qoyghili bolmaydu. Shundaq bolghachqa, ikki terep yariship yéngi milliy birleshme hökümet qurush üstide izdinishke mejbur boldi.

Shinxua agéntliqi we «shinjang géziti»(2009-03-17)
***************************************************

تولۇق ئوقۇش

Shalitni qutquzushtiki tengqischiliq


Shalitni qutquzushtiki tengqischiliq


2009-yili 21-mart isra'iliye eskiri shalitning esirge chüshkinige 1000 kün boldi. Üch yildin buyan isra'iliye hökümiti uni qutquzushqa barliq zéhnini serp qildi. Isra'iliye ammisi her terepke qatrap muraji'et qilsimu, ünümi bolmidi. Shalitning ehwali isra'iliyining pelestin bilen bolghan tinchliq mesiliside tengqisliqta qalghanliqini körsitip berdi.
2006-yili 6-ayda ghezze rayonidiki pelestin qoralliq küchliri chégridin ötüp tuyuqsiz hujum qilish herikitide, isra'iliye eskiri shalitni qolgha aldi, islam qarshiliq körsitish herikiti(xamas)ni öz ichige alghan pelestindiki köpligen guruhlar bu heriketke qatnashti. Xamas isra'iliyidin qamaqtiki 1450 pelestinlikning ornigha shalitni almashturushni telep qildi, buning ichide ölüwélish xaraktérlik hujum yaki bashqa hujum heriketlirige yétekchilik qilghan yaki qatnashqan 450 pelestinlik bar.

Shuningdin kéyin, isra'iliye shalitni qutquzush üchün bir tereptin ghezzege nurghun qétim herbiy heriket qollinip, xamasqa bésim ishletken, yene bir tereptin, pelestin bilen köp qétim wasitilik söhbet ötküzgen bolsimu, ikkila xil wasite ünüm bermidi. Isra'iliyining dölet mudapi'e ministiri barak bulturning axirida isra'iliye armiyisi ghezzege qozghighan «qoghushun quyush herikiti»diki nishanlarning biri shalitni qutquzush ikenlikini étirap qildi, lékin bu nishan'gha yételmidi.

Isra'iliye jeng qilipmu, söhbet ötküzüpmu shalitni qayturup kélelmidi. Bu, isra'iliyining pelestin bilen bolghan tinchliq söhbitide tengqisliqta qalghanliqining ixcham körünüshi. Bir tereptin, isra'iliye herbiy wasite arqiliq xamasni meghlup qilalmidi; Yene bir tereptin, herxil sewebler tüpeylidin, isra'iliye yene xamas bilen biwasite yaki wasitilik söhbet ötküzgende mahiyetlik yol qoyushni, mesilen: ghezze rayonigha qaratqan qamalni emeldin qaldurushni xalimidi.
Xamasning nuqtisidin qarighanda, meyli jeng qilsun yaki söhbet ötküzsun, özining taqabil turush charisi bar. Jeng qilghanda pütünley ghelibe qilish tes bolsimu, özini qoghdap qélishtin ensirmeydu; Söhbet ötküzgende herikitini jimjitliq bilen ipadilise bolidu, némila dégen bilen shalit xamasning qolida, ghezze rayonimu emeliy kontrolluqida. Xamas heqiqiy nepke érishmeydiken, hergiz yol qoymaydu.
Isra'iliye bilen xamas arisidiki mesililerdin bashqa, isra'iliye bilen pelestin arisida yene chégra ayrish, yérusalémning teweliki, pelestin musapirlirining qaytip kélishi, yehudiylar mehellisining kéngiyishi, su bayliqini teqsimlesh qatarliq birqatar qiyin mesililer bar. Bu amillar isra'iliye-pelestin tinchliq musapisining müshkül, asta bolushini belgilidi.
Shek-shübhisizki, shalitning ötken üch yildiki kechürmishliri qarshilishishning mesilini hel qilalmayla qalmay, ehwalni téximu yamanlashturuwétidighanliqini ispatlidi.

Menbe: «shinjang géziti»(2009-03-30)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

تولۇق ئوقۇش

Türkiye bilen iraqning yéqinlishishining sewebi


Türkiye bilen iraqning qaytidin yéqinlishishining sewebi bar


Türkiye zungtungi gül 2009-yili 24-mart iraqtiki ikki künlük ziyaritini axirlashturdi. Bu türkiye dölet rehbirining 33 yildin buyan iraqni tunji qétim ziyaret qilishi. Türkiye bilen iraqning zungliliri bultur öz'ara ziyaretni bashlighanidi. Iraq zungtungi talabani 2008-yili we 2009-yili 3-ayda türkiyini ikki qétim ziyaret qildi.
Bu qétimqi ziyarette, türkiye eng köngül bölidighan mesile yenila iraq hökümitining iraqning shimalidiki kurdlar rayonini ishghal qiliwalghan türkiye kurd ishchilar partiyisi qoralliq unsurlirining chégridin ötüp türkiyige hujum qilishini qandaq tosushi boldi. Iraq bolsa, türkiyining deryaning yuqiri éqinidiki dölet bolush süpiti bilen ifrat deryasi we tigris deryasining iraq chégrisidin ötidighan su bayliqini qandaq teqsimlishige bekrek köngül böldi.
Iraq zungtungi talabani mundaq dédi: iraqning shimalidiki türkiye kurd ishchilar partiyisining ya qoral tashlash, ya iraq zéminidin chiqip kétishtin ibaret ikki tallishi bar. Bu hazirgha qeder iraqning yuqiri qatlam rehberlirining kurd ishchilar partiyisi mesilisige tutqan eng qattiq pozitsiyisi. Biraq kurd millitidin bolghan talabanining türkiye hökümitining kurdlar mesilisige alaqidar siyasitini qollishi hergizmu shertsiz emes. Talabani mushu ayda türkiyini ziyaret qilghanda, türkiye hökümitining kurd ishchilar partiyisining ezalirini alahide kechürüm qilip, kurdlarning özining milliy medeniyitige ige bolushigha ruxset qilishini muraji'et qildi.
Türkiye zungtungi gül mundaq tekitlidi: türkiye bilen iraq arisidiki barliq mesililerni, bolupmu kurd ishchilar partiyisi mesilisini choqum hel qilidighan waqit keldi. Xewerlerde déyilishiche, gül bu qétim baghdadni ziyaret qilghanda, kurd ishchilar partiyisi mesilisini hel qilishni ikki döletning barliq sahediki hemkarliqining aldinqi sherti qilghan.
Énérgiye bayliqi kemchil bolghan türkiye her yili iraqtiki kirkuktin türkiyining chéyxan portighiche bolghan néfit we tebi'iy gaz turubisidin iraqning köp miqdardiki énérgiyisige ige bolidu. Iraq éhtiyajliq bolghan ifrat deryasi we tigris deryasining süyi türkiyidin bashlinidu. Iraq kelgüsidiki qayta qurushta éhtiyajliq bolghan sana'et, yéza igiliki we turmushqa ishlitilidighan sugha kapaletlik qilish üchün, türkiye bilen su teqsimlesh kélishimi imzalashqa jiddiy éhtiyajliq.
Talash-tartish, ixtilaplarni qandaq bir terep qilip, hemkarlishish üchün shara'it yaritish türkiye-iraq rehberlirining eqil-parasitini sinaydighan bir qiyin mesilige aylandi.

«xelq géziti»din we «shinjang géziti»(2009-03-31)
***************************************

تولۇق ئوقۇش

Ottura sherqtiki krizisida turuwatqan döletler


Ottura sherqtiki pul mu'amile krizisida turuwatqan néfit ishlepchiqarghuchi döletler


Bultur 9-ayda xelq'arada pul mu'amile krizisi omumyüzlük partlighandin buyan, ottura sherqtiki asasliq néfit ishlep chiqiridighan se'udi erebistani, ereb birleshme xelipiliki, kuweyt qatarliq döletler dunya iqtisadining chékinishi élip kelgen tehditni künséri hés qildi. Pul mu'amile krizisining emeliy gewde iqtisadigha tedrijiy singip kirishige egiship, ottura sherq dunyadiki néfit ishlep chiqiridighan rayon bolush süpiti bilen, néfitqa bolghan éhtiyaj töwenlesh we néfit bahasi birdinla chüshüp kétishning éghir zerbisige uchridi.
Ereb chetke néfit chiqarghuchi döletler teshkilati OAPEC ning bu yilning béshida élan qilghan doklatqa qarighanda, her bir tung néfit bahasi bir dollar chüshse, ereb döletlirining yilliq néfit kirimi 4 milyard dollardin köprek kémiyidiken. Se'udi erebistani ereb dunyasidiki eng chong iqtisadiy gewde, néfit mehsulati miqdari dunyaning aldinqi qatarida turidu. Hazir, néfit éksport kirimi se'udi erebistani éksport omumiy sommisining %88 ini igilep, se'udi erebistani hökümiti xam chot kirimining %87 ini igileydu. Xelq'arada néfit bahasi bultur 7 –aydiki herbir tungi texminen 147 dollardin hazirqi texminen 50 dollargha chüshüp qalghanliqtin, se'udi erebistanining 2009-yilidiki hökümet maliyiside xéli zor kölemde qizil reqem körüldi. Shuning bilen bille, se'udi erebistani iqtisadining éshish sür'itimu körünerlik astilidi.
Néfit kirimining aziyishi hökümetning maliye kirimige tesir körsitipla qalmay, yene se'udi erebistanining néfit kespide ul eslihelerge yéterlik meblegh sélinmasliqni keltürüp chiqardi. Se'udi erebistani hökümitining statistika qilishiche, néfit kespide ul eslihe qurulushigha 400 milyard dollar meblegh sélishqa toghra kélidiken.
Pul mu'amile krizisining tesiri tüpeylidin, ereb birleshme xelipilikining néfit kirimi bulturqining oxshash mezgilidikidin köp azlidi. Mölcherlinishiche, 2009-yili bu döletning hökümet maliyiside qizil reqem körülüp, iqtisadning éshish nisbiti 2008-yilidiki %7.5 tin %3.1 ke chüshüshi mumkin iken. Ereb birleshme xelipilikide pul mu'amile bazarliri keng échiwétilgenliktin, kapitalning sirtqa éqip kétishini kontrol qilish teske toxtighan. Hazir pay bahasining chüshüshi ottura sherq döletliri ichide aldinqi orunda turidiken.
Kuweyt néfit éksport qilghuchi döletler teshkilatidiki néfit ishlep chiqiridighan muhim döletlerning biri. Pul mu'amile krizisi omumyüzlük partlighandin buyan, kuweytte pay bazirining bazar qimmiti zor hejimde töwenligenliktin, ottura, kichik paychilar éghir ziyan'gha uchridi. Kuweyttiki 2-chong soda bankisi- pars qoltuqi bankisi chet eldiki pul mu'amile hasiliy mehsulat sodisida éghir ziyan tartqanliqtin, bu bankining tor nuqtilirida pul amanet qoyghuchilar qista-qistangchiliqta pul tégishish ehwali körüldi. Bultur 3-aydin yil axirighiche, kuweytning igilik hoquqluq bayliq fondi pul mu'amile krizisi sewebidin 31 milyard dollar ziyan tartti. Shuning bilen bille, xelq'arada néfit bahasi birdinla chüshüp ketkenliktin, kuweytning maliye kirimi zor derijide azlap ketti.
Ottura sherqtiki néfit ishlep chiqiridighan döletler iqtisadni janlandurush üchün, maliyini janlandurush aktip siyasetlirini arqa-arqidin yolgha qoydi. Buning ichide se'udi erebistanining tesis qilghan 2009-yilidiki maliye xam choti 126 milyard 700 milyon dollar bolup, bulturqining oxshash mezgilidikidin %16 köpeydi, hökümet yene shexsiyler we chet elning meblegh sélishi yéterlik bolmasliq ehwalini toluqlash üchün, kelgüsi besh yilda ul eslihe qurulushigha 400 milyard dollar meblegh sélish pilanini otturigha qoydi. Ereb birleshme xelipiliki merkiziy hökümiti bu yil 3-ayning béshida dölet karxanilirining 2009-yili mudditi toshidighan qerzlirini qayturushi üchün, dubeyge 10 milyard dollar qerz berdi.
Buningdin sirt, kuweyt bulturning axirida iqtisadni muqimlashturush boyiche jiddiy ehwalgha taqabil turush guruppisi qurdi hem dölet iqtisadining chékinip kétishidin saqlinish üchün, omumiy sommisi 5 milyard dollarliq iqtisadni janlandurush layihisi tüzdi.

Shinxua agéntliqi, «shinjang géziti»(2009-04-01)
*************************************************

تولۇق ئوقۇش

Ottura sherq rayonida su maydin qimmet


Ottura sherq rayonida su maydin qimmet


Dunya boyiche eng chong néfit döliti se'udi erebistanida 91-nomurluq bir litir bénzinning bahasi texminen 0.12 dollar, lékin botulkigha qachilan'ghan bir litir ichimlik suning bahasi texminen 0.40 dollargha yétidu.
Ottura sherqte nopusi eng köp dölet misirda 90-nomurluq bir litir bénzinning bahasi texminen 0.33 dollar, lékin bir litir minéral suning bahasi texminen 0.34 dollar.
Pars qoltuqidiki néfit köp chiqidighan dölet ereb birleshme xelipilikide bir litir bénzinning bahasi texminen 0.45 dollar bolup, suning bahasidin anche perqlinip ketmeydu.
Yuqiridiki sanliq melumatlar kallingizdin ötmesliki mumkin,
Emma suning maydin qimmet bolushi ottura sherq rayonidiki ré'alliq.
Ottura sherq rayonining énérgiye merkizi ikenliki hemmige ayan.
Bu rayonda néfit bayliqi intayin mol bolghachqa «néfit okyani» dep nam alghan.
Hazir dunya boyiche éniqlan'ghan 1 tirilyon 200 milyard tung néfit zapisining %70 i ottura sherq rayonigha merkezleshken.
Lékin ottura sherq rayonida su bayliqi intayin kemchil.
Ottura sherq rayoni yer sharidiki quruqluq kölimining %9 ini igileydu.
Lékin su bayliqi dunya su bayliqining %0.7 ini igileydu.
Uning üstige köp qismi nil deryasi, tigris deryasi, éfrat deryasi we i'ordan deryasi jilghisi rayonigha merkezleshken.
Ichkili bolidighan su pütkül ottura sherq rayonida barghanséri azlawatqan néfittinmu qimmetlik bayliqqa aylandi.
Dunya bankisining statistika qilishiche, 2025-yili ottura sherq rayonida kishi béshigha toghra kélidighan tebi'iy ichimlik su miqdari aran 700 kub métirgha chüshüp qalidiken, bu 1990-yilidikining ikkidin bir qismigha toghra kélidu, uning üstige hazirqi suning süpitimu ilgirikige yetmeydiken.

Suning maydin qimmet bolushida nurghun seweb bar.
Aldi bilen tebi'iy jughrapiyilik shara'it közde tutulidu.
Sehrayi kebir qumluqi, ereb qumluqi we ottura déngizning sherqidiki qumluq ottura sherqqe tehdit boluwatidu.
Chölliship kétishning aldini élish jéngide insanlar belgilik netije qazandi.
Mesilen: isra'iliyining témitip sughirish we misirning «tushka qurulushi».
Lékin ottura sherq rayonida mutleq köp qisim dölet ashliqta özini özi qamdiyalmighachqa, importqa tayinidu.
Uningdin qalsa kilimat amili.
Ottura sherq rayonining hawasi qurghaq, yamghur miqdari az.
Misir paytexti qahire bilen ottura déngizning ariliqi aran 215 kilométir kélidighan, nil deryasi sheherni késip ötidighan bolsimu, yilliq höl-yéghin miqdari aran 28 millimétir.
Buningdin bashqa, üzlüksiz köpiyiwatqan nopus su jiddiychilikini téximu keskinleshtürüwetti.
Ottura sherq rayonining nopusi yiligha texminen %3lik sür'et bilen köpiyiwatidu. Bu dunyaning otturiche sewiyisidin xélila yuqiri bolghachqa, kishi béshigha toghra kélidighan su miqdari barghanséri azlap kétiwatidu.

Shinxua agéntliqi, «shinjang géziti»(2009-04-02)
***********************************************

تولۇق ئوقۇش

28 yilda bir qétim quyashqa iltija qilish


Yehudilarning 28 yilda bir qétim quyashqa iltija qilish pa'aliyiti


Fransiye axbarat agéntliqi xewirige qarighanda, érusalmdiki nechche on ming yehudi 2009-yili 8-aprél tang atmastinla «yigha témi» aldida quyashning chiqishini saqlap turghan, bu küni ular yéngi kötürülgen quyashqa iltija qilidighan bolup , bu en'eniwi pa'aliyet 28 yilda bir qétim ötküzülidiken.
Bu küni,«yigha témi»ning aldidiki xelq meydani aq sharpa artiwalghan er-ayal, chong-kichikler bilen toshup ketken bolup, etraptiki öylerning ögzilirimu bosh qalmighan. Yehudilar bu yerde bu künki quyashning deslepki nurlirini körüwélishni saqlaydiken
Quyashqa iltija qilghuchining éytishiche, yehudilarning en'eniwi qarishida quyash 28 yilda bir qétim aylinip eslidiki ornigha qaytidiken, bu küni quyashqa iltija qilishqa qatnishalighan kishi bir yil bext-sa'adetlik turmush kechüridiken.

munasiwetlik resimler:








«tengritagh tori»(2009-04-09)
********************************

تولۇق ئوقۇش

Se'udi erebistani padishahliqi


Se'udi erebistani padishahliqi heqqide


Dölet nami: se'udi erebistani padishahliqi.
Orni: se'udi erebistani asiyaning gherbiy jenubidiki ereb yérim ariligha jaylashqan bolup, sherqte pars qoltuqigha, gherbte qizil déngizgha tutishidu. Misirning sinay yérim arili, i'ordaniye, kuweyt, behreyin, erep birleshme xelipiliki, oman sultanliqi, yemen démukiratik xelq jumhuriyiti we erep yemen jumhuriyiti bilen qoshna.
Omumi yer kölimi: 2 milyon 250 ming kuwadirat kiliométir bolup, pütün erep yirim arili omomiy yer kölimining beshtin töt qismini igileydu. Pütün memliket nejid, hijaz, najira, xasa we asirdin ibaret besh ölkige bölun'gen.
Nopusi: 25 milyun 570 minggha yétidu.

Dölet bayriqi: se'udi erebistanining bayriqi tik töt bulungluq yéshil bayraq bulup, üstige aq reng bilen «la'ilahe illellahu muhemmedun rosulullah» digen erebche kelime yézilghan. Uning astigha bir qélich toghrisigha quyulghan. Bu bayraqtiki tewhid kelimisi bilen qilich- heqiqet bilen küchke wekillik qilidu.
Se'udi erebistanining dölet bayriqini yer bilen su yüzige tegküzüshke bolmaydu. Bayraq herqandaq shara'itta qet'iy yérim chüshürülmeydu.

Paytexti: riyad shehiri.
Asasliq sheherliri: jidde, mekke, medine, dehran
Tili: erep tili, én'giliz tili we furansuz tilimu köp qollinidu.
Pul birliki: riyal. Parche pul nami helle bulup bir riyal 100 hellige teng.
Dölet bayrimi: 9-ayning 23-kuni (dölet birlikke kelgen kuni)

Diniy itiqadi: se'udi erebistani xelqining mutleq köp qismi islam dinining sünniy mez'hipide. Xasa ölkisi we gherby rayunidiki 60 ming kishi shi'e mez'hipide.
Se'udi erebistani islam dini peyda bolghan jay bolup, islam dinining ikki chong muqeddes jayi mekke bilen medine se'udi erebistanining chigrisi ichige jaylashqan. Her yili dunyaning her qaysi jayliridin milyunlighan musulmanlar bu yerge kélip hej tawap qilidu.

Se'udi erebistani tarixni xatirleshte hijiriye kalindarini qollinidu. Hijiriye kalindari - muhemmed eleyhissalamning mekkidin medinige hijret qilghan waqtidin, yeni miladiye 622-yilidin bashlinidu.
Waqit perqi: waqti béyjing waqtidin 5 sa'et, ürümchi waqtidin 3 sa'et kiyin turidu.
Hükümet organliri adette shenbidin charshenbigiche besh kün ishleydu.

Se'udi erebistanining néfit zapisi we néfit mehsulat miqdari dunya buyiche aldinqi qatarda turidu.
Tekshürüp éniqlan'ghan néfit zapisi 264 milyard 300 milyun tong bolup, dunya néfit zapisining texminen 4/1 ini igelleydu.

Se'udi erebistanining dölet nami padishahliqning qurghuchisi ibin se'udi(1953-1880)ning ismidin kelgen bolup, se'udi jemetining nami bilen ereb sözining birikishidin tüzülgen.
Bu döletning «se'udi» namida atilishi se'udi jemetining padishahliqta körsetken tarixiy rolini teqdirlesh sewebidin bolghan.
Se'udi jemeti 18-esirning otturliri bash kötürüp chiqqan bolup, ularning esli zimini öz waqtidiki nejiddiki «dira'iye» idi.
«dira'iye» kichik bir yurt bolup, xelipisi muhemmed ibni se'udi wahabilarning qorghuchisi abdulwahab bilen hemkarliship, tunji se'udi shahliqini qurghan we türk impériyisige béqin'ghan.
Shuningdin kiyinki 150 yil mabeynide se'udi dölitining zimini üzlüksiz kingeygen.
1902-yili ibin se'udi riyad hakimiyiti (bugünki se'udi erebistanining paytexti)ni meghlup qilip, najid we hijaz qatarliq keng ziminlarni birlikke keltüridu we 1926-yili özini padishah dep jakarlaydu.
«ereb» sözi eng burun miladidin ilgirki 853-yili assuriye (dejle we éfrat derya wadisining shimali qismi qedimde assuriye dep atalghan) abidiliride körülgen. Yeni «erebiye» bolup, süriye chölliridiki köchmen charwichi qebililer-bedewilerni körsitidu. Buning erebchidiki menisi «qumluq, chöllük» bolup, «se'udi»ning menisi «bexit qumluqi» dégenlik bolidu.
1932-yili 9-ayning 24-küni dölet nami se'udi erebistani padishahliqi qilip békitilgen bolup, se'udi xan jemetining ereb döliti dégen menisi bar.
Se'udi erebistani xelqining köpchiliki erebler bolup, %15etrapida chet el muhajirliri bar.

(munasiwetlik mezmunlar dawamliq toluqlinidu)
************************************


Asiyadiki dölet-se'udi erebistani (沙特阿拉伯)


Se'udi erebistani gherbiy asiyadiki ereb yérim ariligha jaylashqan dölet. Yer meydani texminen 2 milyon 400 ming kwadrat kilométirdin artuq bolup, pütün ereb yérim arilining 5/4 qisimini teshkil qilidu.
Uning gherbiy teripi qizil déngiz, sherqiy teripi pirsiye suliri bilen yuyulup turidu.
Memuriy jehettin najid, hijaz, asir we sherqiy rayondin ibaret töt chong rayonni öz ichige alidu.
Se'udi erebistanning ahalisi 9 milyon 750 mingdin ashidu(1980-yilidiki sanliq melumat).
Ahalining köp qismini erebler teshkil qilidu. Yene 2 milyondin oshuq chet ellikler bar. Buning 900 mingini asiyaliqlar, 100 mingini yawropaliqlar, amérikiliqlar teshkil qilidu,
Ahalining mutleq köp qismi islam dinigha étiqad qilidu,
Ereb tilini ortaq qollinidu,
Paytexti riyad shehiri.
Se'udi erebistan islam dinining shekillen'gen jayi, u jayda islam dinining muqeddes sheherliridin mekke bilen medine bar.

Se'udi erebistanda 7-esirde ereb impériyisi qurulghan.
8-esirde bu impériye ereb yérim arilidin shimaliy afriqa, jenubiy yawropagha kéngiyip, chong impériye bolup shekillen'gen.
11-esirdin bashlap ereb impériyisi ajizlishishqa bashlighan.
16-esirge kelgende osman türk impériyisining bir ölkisi bolghan.
19-esirning axirigha kelgende en'gliyilikler bésip kirishke bashlighan.
1924-yili najidning hökümrani ébin se'udi hijazni özige qoshup erebistan yérim arilini birlikke keltürgen.
1932-yili dölet namini «se'udi erebistan» dep atighan.

Se'udi erebistan tarixta yéza igilik, charwichiliqni asas qilatti. Erebistanda néfit bayqalghandin kéyin, yéza igilikining xelq igilikide tutqan salmiqi bek töwenlep ketti.
Hazir se'udi erebistanida déhqanchiliq, charwichiliq, yéza igilik ishlepchiqirish omumiy qimmiti pütün xelq igiliki ishlepchiqirish omumiy qimmitining aran 1.2% ni teshkil qilidu.
Néfit se'udi erebistanning jan tomuri, se'udi erebistanning néfit zapisi dunya boyiche birinchi orunda turidu. Uning néfit élish, néfit ayrish sana'iti tereqqiy qilghan. Uning pérsiye qoltuqi boyigha jaylashqan rastanora porti dunyadiki 10 chong néfit ayrish sana'et merkizining biri bolup, bu jaydiki zawutlar yiligha 30 milyon tonnidin artuq néfitni bir terep qilidu.

Dölet bayriqining chüshendürülüshi:
«bext-sa'adet qumluqi» dep atalghan se'udi erebistan padishahliqi- islam dini tarqalghan jay bolup, her yili milyonlighan musulmanlar her yerdin muqeddes sheher-mekkige kélip hej qilidu; Se'udi erebistanliqlar buningdin intayin pexirlinip, uningdin alemche shan-sherep hés qilidu.
Se'udiliqlar özlirining milliy iptixarliqini padishahliqning dölet bayriqida körsitip, dölet bayriqining renggi we nusxisi jehette özlirining islam dinigha bolghan sadaqiti we hörmitini gewdilik ipadiligen.
Yéshilliq- islam dunyasidikiler eng yaxshi köridighan hem hörmetleydighan reng bolup, u muhemmed eleyhissalamning bash yaghliqining renggi bilen oxshash iken. Shunga, u muqeddes hem xeyrilik bolup, islamgha simwol qilin'ghan.
Yéshil dölet bayriqi- ereb ellirining dölet bayriqi ichide ajayip jelipkarliqqa ige bolup, pak we seltenetlik körünidu;
Yéshil bayraqqa «la'ilehe illellahu muhemmedun resulilla» dégen xet yézilghan, astida ereblerning uzaq tarixi eks ettürülgen zulpiqar bulup, ghazat arqiliq islamning shan-shöhritini qoghdashtin yanmaydighanliqini bildürgen. Bu goya barliq musulmanlargha bérilgen ünsiz chaqiriq bolup, se'udi erebistanning islam dinining makani bolush süpitide ereb dunyasidiki dahiyliq orni gewdilendürülgen.

Dölet gérbining chüshendürülüshi
Xorma derixi qumluqta ösidighan yéshil ösümlük bolup, qumluqtiki köchmen milletlerge nisbeten intayin muhim roli bar, ü qumluqtiki bostanliqning belgisi;
Qumluq dölet zéminining köp qismini igileydighan se'udi erebistanda kishiler xorma derixini «döletning simwoli» dep qaraydu.
Xorma derixining tüwide ikki altun destilik ereb zulpiqari gireleshtürülgen bolup, buningda xelqning döletning musteqilliqi we dini étiqadini qoghdashtek qet'iy ishenchisi ipadilen'gen.

****************************


Se'udi erebistanining néfitchiliki


(2-14-2008)
Se'udi erebistani dunya néfit zapisining töttin bir qismigha ige, yene kélip dunyadiki eng chong néfit ékspoty qilghuchi dölet.
1999-yili se'udi erebistani amérikini künige 1 milyon 400 ming barrél néfit bilen teminligen (amérikining shu yilliq néfit import miqdarining %16 ini igiligen).

Néfit éksporti se'udi erebistani éksport kirimining %80~ %85 chamisini, GDP (milliy ishlepchiqirish omumiy qimmiti) ning %35 ~ %40 ini teshkil qilidu. Gerche hazir iqtisadiy endizini köp xillashturush boyiche islah qiliwatqan bolsimu, lékin u asasliqi néfitchilikke tayinidu.
Yéqinqi yillardin buyanqi néfit ximiye kespi sélinmisi ikkilemchi kesiplerning ornini nispiy östürdi. 1998-yilidin 1999-yilining béshighiche néfit bahasining chüshüp kétishi ayaghlashqan we se'udi erebistanining iqtisadi ehwali zor derijide yaxshilan'ghan bolsimu, lékin se'udi erebistani yenila iqtisadni xususiylashturush qatarliq muhim tedbirlerning bésimigha duch kelmekte.
1999-yili GDP ning emeliy ishish nisbiti aran %0.4 bolghan. 2000-yili néfit bahasi örligendin kéyin GDP ning ishish nisbiti %5.1 ke yetken.
Shahzade abdulla: «aldimizda qiyinchiliq éghir, se'udi erebistani we qoltuqtiki néfit chiqidighan bashqa döletlerning güllinish dewri ötüp ketti» dédi.
Se'udi erebistanigha nisbeten éytqanda, duch kelgen yene bir jiddiy xiris nopusning téz köpiyishi bilen omumiy mülükchilikte bolmighan karxanilarda yashlarning ishqa orunlishish mesilisidin ibaret.
Ilgiriki on yilgha yéqin waqitta, se'udi erebistanining iqtisadining éshish nisbiti nopusning köpiyish nisbitige yétishelmey qaldi, bu hal kishi béshigha toghra kélidighan kirimning töwenlep kétishige sewebchi boldi. Hökümet 1995-yilidin 2000-yilighiche bolghan tereqqiyat yirik pilanida xususiy igilik (jümlidin shérik karxanilar)ni tereqqiy qildurushqa ilham bérip, hökümetning arilishishini azaytish siyasitini resmiy békitken bolsimu, lékin mezkur tedbirning sür'iti asta boldi
(buningdiki asasliq seweb köp qisim kishiler özining ishsiz qélishidin we padishah jemetining bezi chong karxanilirining tosalghu bolushidin endishe qilghanliqida boldi).
Se'udi erebistani néfitchilikke béridighan qoshumche yardemni tedrijiy azaytip, bajni östürüp, maliye islahatigha tutush qildi. Nöwette bular asasen yoligha sélin'ghandek qilidu. Chet el sodigerlirining meblegh sélishigha alaqidar maddilarni tüzitishnimu oylashqan.
1999-yili öktebirning axirida, chet ellik meblegh salghuchi sodigerlerning ortaq fondni sétiwélish arqiliq se'udi erebistani shirketlirining péyini sétiwélishigha ijazet bérilgen.
Se'udi erebistanining igilikni xususiylashturushigha türtke bolghan yene bir heriketlendürgüchi küch- 2000-yilining axiridin burun dunya soda teshkilatigha kirish bolghan. Lékin türlük seweblerdin dunya soda teshkilatigha kirishi kéchiktürülgen.
Dunya soda teshkilati se'udi erebistanining iqtisadiy endiziside ghayet zor özgirish peyda qilidu.
Se'udi erebistanining WTO (dunya soda teshkilati)gha kirishide ikki seweb bar:
Biri, chet el meblighini jelp qilishni ümid qilish;
Yene biri, dölitining néfit ximiye sana'itide yéngi bazar échish.
Padishah fahid 1999-yili noyabirda mundaq dégen: «dunya bir gewdilishishke yüzliniwatidu, se'udi erebistanimu arqida qalmasliqi kérek»
U yene dunyaning bir gewdilishishige muweppeqiyetlik qatnishish bilen bille qoltuq ellirining iqtisadiy, siyasiy we herbiy qatarliq tereplerdiki rayonlar ara birlishishni tekitligenidi.
Qoltuq hemkarliq komitéti (GCC) bu jehette tunji qedemni basti.
Nöwette, se'udi erebistani qoltuq hemkarliq komitétigha eza döletlerdin import qilghan malgha qarita bajni kechürüm qilish siyasitini yolgha qoydi.
Yene bir pilan «xadimlarni öz dölitidin élish», nishani- hazir se'udi erebistanida ishlewatqan 5~6 milyon chet ellik xadimning %60 ning ornigha öz dölitining xadimlirini dessitish.
Mezkur pilanni yolgha qoyush üchün, se'udi erebistani bezi alahide ish türide ishleydighanlargha wiza tarqitishni toxtitip, özining xadimlirini kespiy jehettin terbiyilep, xususiy karxanilarning öz dölitining xadimlirini yallashqa shara'it yaratti.
Hökümetning tijariti anche yaxshi bolmighan bezi dölet karxanilirigha yilda qoshumche yardem bérishi we iqtisadiy ziyinini üstige élishi se'udiy erebistani maliyiside qizil reqem körülüshidiki asasiy seweb.
Maliye ministiri karxanini xususiylashturushni yolgha qoyushni muraji'et qildi.
Nöwette xususiy igilik se'udi erebistani GDP sining %40 ini igileydu, %89 ishqa orunlishish pursiti bilen teminleydu. Biraq yallanma xadimlarning aran %5 ~ %10 ila se'udi erebistaniliq.

1999-yili dékabirda, hökümet bir qeder mute'essip bolghan 2000-yilliq maliye xam chot layihisini békitti. Uningda néfitchilik sélinmisi aran %2 köpeytildi. Buningdin bashqa 2000-yili yanwarda, se'udi erebistani 11 kishidin teshkillen'gen «néfit we kan ishliri komitéti» qurghanliqini jakarlidi. Bu komitétning asasliq funksiyisi iqtisadi yéterlik bolghan se'udi erebistanining omumiy nishanigha asasen énérgiye sana'itini xususiylashturush bilen munasiwetlik bolushi mumkin.

Néfit:
Se'udi erebistani(kuweyt bilen bolghan biterep rayonni öz ichige alidu)ning éniqlan'ghan néfit zapisi 261 milyard barrél (dunya boyiche omumiy zapasning töttin birini teshkil qilidu), axirqi hésabta ayriwélinidighan yéqilghu may 1 tirilyon barrél bolup, u néfit ishlepchiqiridighan we éksport qilidighan chong dölet bolidu. 1999-yil martta opékqa eza döletler qerellik yighinida, se'udi erebistani özining néfit mehsulatini künige 743 ming 800 barrélgha (eslide 1 milyon barrél idi) chüshürüshke qoshulghan (biterep rayonni öz ichige almaydu).

Se'udi erebistanida 77 néfitlik, gazliq bar, néfit zapisining yérimi dégüdek sekkiz néfitlikke jaylashqan, ular gawar (dunyadiki eng chong quruqluq néfitliki, mölcherlen'gen qalduq zapisi 70 milyard barrél) bilen safaniye (dunyadiki eng chong déngiz néfitliki, mölcherlen'gen qalduq zapisi 19 milyard barrél) ni öz ichige alidu. Se'udi erebistanining néfit quduqlirining sani 1430 gha yetmeydu, gawar néfitlikining mehsulati se'udining omumiy néfit mehsulatining yérimini igileydu.

Se'udi erebistanidin chiqidighan néfit köp xil bolup, qoyuq néfittin tartip alahide yénik néfitqiche hemmisi chiqidu.
Eng yénik néfit quruqluq néfitlikidin, otturahal néfit bilen qoyuq néfit déngizdin chiqidu.
Gawar néfitliki API 340 néfiti chiqidighan asasliq jay.
Ebqayiq néfitliki (éniqlan'ghan zapisi 17 milyard barrél bolghan chong tiptiki néfitlik) din API 370 ereb alahide yénik néfiti chiqidu.
1994-yilidin bashlap, hewtantrénd néfitliki (hewtan néfitliki we uning chetliridiki bir qanche kichik nuguyim néfitliki, hizmiye néfitlikini öz ichige alidu)din künige 200 ming barrél néfit chiqidu, uning günggürt terkibi %0.06 bolup, u ereb alahide yénik néfiti hésablinidu,
Mölcherlinishiche mezkur néfitlik 30 milyard barrél suyuqlashturulidighan tebi'iy gaz zapisigha ige iken.

Quruqluqta zuluf néfitlikini öz ichige alghan ereb otturahal néfiti chiqidu (künlük mehsulati 500 ming barrél).
Marjan néfitliki (künlük mehsulati 270 ming barrél) bilen safarniye néfitlikidin ereb qoyuq néfiti chiqidu.
Biterep rayonning éniqlan'ghan néfit zapisi 5 milyard barrél.
Rayon da'iriside yaponiyining ikki AOC shirkiti déngizdin kafl bilen xot néfitlikini achqan, bu yaponiyining aldinqi kesiplerdiki échish ishigha qiziqqanliqini körsitidu. Kirimning %80 i AOC ning igidarliqigha tewe bolup, se'udi erebistani bilen kuweyt %10 tin ige bolidu. Téksako shirkitimu quruqluqtin sefra néfitliki, fawaris jenubiy néfitliki we umgudayr jenubiy néfitlikini achqan. AOC shirkitining se'udi erebistani bilen imzalighan toxtamining waqti 2000–yil 27-féwral toshqandin kéyin yene uzartti, kuweyt bilen imzalighan toxtamining waqti 2003-yil yanwarda toshqandin kéyin yene uzartti. Se'udi erebistani AOC shirkitining se'udi erebistanigha dawamliq meblegh sélishini we néfit sétiwélishini qarshi alidu. Yaponiyimu se'udi erebistanigha 4 milyard dollar soda qerzi bergen, u asasliqi tuz ayrish, tok chiqirish we néfit ximiye sana'itini tereqqiy qildurush qatarliq tereplerge ishlitilidu.

Pristan we néfit aqquzush turubiliri. Se'udi erebistanidin chiqqan néfitning köp qismi ereb qoltuqi arqiliq ebqayiq zawutigha yetküzülidu, eng chong néfit transfort porti ereb qoltuqidiki rastanura porti (künlük toshush iqtidari 5 milyon barrél), ju'aymah porti (künige 3 milyon barrél) we qizil déngizdiki yanbu porti (künige 3 milyon barrél) din ibaret.

Se'udi erebistanida asasliq néfit yetküzüsh turuba liniyisidin ikkisi bar,
Biri, künlük yetküzüsh iqtidari 4 milyon 800 ming barrél bolghan sherqtin gherbke néfit yetküzüsh turuba liniyisi, uningda asasliqi gherbiy qisimdiki néfit ayrish zawutigha yetküzülidu yaki se'udi erebistanining yénik yaki alahide yénik néfiti qizil déngiz arqiliq yawropa bazarlirigha biwasite éksport qilinidu.
Uning bilen parallék yatquzulghan künlük yetküzüsh iqtidari 270 ming barrél bolghan ebqayiq yanbu suyuqlashturulghan tebi'iy gaz turuba liniyisi bar bolup, uningdiki yanbudiki néfit ximiye zawutigha néfit yetküzülidu.
Pan erebiye liniyisi zapas liniye hésablinidu (1970- yilidin buyan i'ordaniyining bir kichik néfit ayrish zawutini cheklik mulazimet bilen teminligen). Künlük yetküzüsh iqtidari 1 milyon 650 ming barrél bolghan iraq se'udi erebistani turuba liniyisi (IPSS-2) 1990- yili iraq kuweytke tajawuz qilghanda menggülük taqalghan.

Se'udi erebistanining néfit ministiri nayim mundaq deydu: «bizning néfit éksport qilish we turuba arqiliq yetküzüsh iqtidarimiz yétip ashidu, sherq gherb liniyisining künlük néfit yetküzüsh iqtidari 5 milyon barrél, téxi yérim yüklük halette ishlep kéliwatidu. Ereb qoltuqining éksport pristani künige 14 milyon barrél toshush wezipisini üstige alghan, umu yérim yüklük halette ishlep kéliwatidu»

Néfit ayrish:
1998-yilidin 1999-yilining bashlirighiche néfitning bahasi chüshüp ketkenliktin se'udi erebistanining maliye xam chotida jiddiylik körülgen. Shuningdin ilgiri se'udi erebistani néfit ayrish kespining derijisini östürüsh we uni tereqqiy qildurush üchün meblegh salghan, bu künlük ishlepchiqirish iqtidari 300 ming barrél bolghan rastanura néfit ayrish zawutining derijisini östürüsh üchün sélin'ghan 1 milyard 200 milyon dollarni öz ichige alidu), qizil déngiz boyidiki rabig néfit ayrish zawutini özgertishmu pilan'gha kirgüzülgen.

Tebi'iy gaz:
E'udi erebistanining éniqlan'ghan tebi'iy gaz zapisi 204 tirilyon 500 milyard kub fut bolup, dunyada 5- orunda turidu (rosiye, iran, qatar we ereb birleshme xelipikidin kéyin turidu). Texminen üchtin ikki qismi bille peyda bolghan gaz bolup, asasliqi quruqluqtiki gawar gazliqi bilen déngizdiki safaniye we zuluf gazliqidin kélidu. Buning ichide gawar gazliqining zapisi memliket boyiche tebi'iy gaz zapisining üchtin birini teshkil qilidu. Se'udi erebistanining bille peyda bolghan gaz chiqidighan gazliqliridin bashqisi kuf néfit uwisining chongqur qatlirigha, gawar néfitlikining tektige jaylashqan. Yene biri biterep rayon'gha jaylashqan, qoshna bolghan kafl gazliqini yaponiyining AOC shirkiti ijazet élip achqan. Eng gherbidiki midyan rayonidinmu tebi'iy gazliq bayqaldi.

2007-yilidin bashlap se'udi erebistanining tebi'iy gaz éhtiyaji %8 lik sür'et bilen éship, tebi'iy gaz mehsulatini ashurush hökümet tarmaqliri eng köngül bölidighan mesile bolup qaldi. Tebi'iy gazni échish sélinmisi aramko shirkiti xam chotining köprekini teshkil qilidu (1999-yili aramko shirkiti kelgüsi 45 yilda 45 milyard dollar meblegh sélip tebi'iy gazni échish we pishshiqlash sana'itini tereqqiy qildurushni qarar qilghan)

*********************************


Se'udiy erebistanining omumiy ehwali


Musteqil bolghan küni: 1932-yili 23-séntebir.
Nopusi: 20 milyon 500 ming (yilda %3.5 lik sür'et bilen ashqan)(1999- yilidiki melumat)
Jughrapiyilik orni: ereb qoltuqi bilen qizil déngizning ariliqida.

Asasliq sheherliri:
Riyad (padishah turidighan paytext),
Jidde (memuriy paytext),
Mekke,
Medine,
Damman,
Jubeyl,
Bureyde.

Tili: ereb tili
Millet terkibi: erebler (%90), afriqa asiyaliqlar (%10).
Dini: islam dini (%100)

Dölet mudapi'esi:
Quruqluq armiyiside 70 ming,
Déngiz armiyiside 13500,
Hawa armiyiside 18 ming,
Déngiz boyini qoghdash etritide 4500,
Xelq'ara muhapizet etritide 57 ming adem bar,
Qebililer alghan esker 20 ming,
Chégra qismi 10500 adem. (1997-yil awghust)

Iqtisadiy ehwali:
Puli: riyal
Bazardiki oborot nisbiti(2000): 1 dollar 3.751 riyalgha teng.
Milliy ishlepchiqirish omumiy qimmiti(1999) : 137 milyard 300 milyon dollar
Milliy ishlepchiqirish omumiy qimmitining emeliy éshish nisbiti(1999) : %0.4; (2000) %5.1
Pul paxalliqi nisbiti(1999): %0.2; (2000) %2.7
Ishsizliq nibisti (hökümettin bashqilarning sanliq melumati)(1999): erler: %27~ %35, ayallar: %95
Omumiy kirimi(1999): menpiy 102 milyard dollar; (2000): menpiy 29 milyard dollar
Asasliq soda shériki(1999): yaponiye, amérika, yawropa ittipaqi döletliri
Éksport sommisi(1999): 436 milyard dollar (asasliqi néfit we néfit mehsulatliri)
Import sommisi(1999): 284 milyard dollar (asasliqi sana'et mehsulatliri, métal, yémeklik)
Aktip balanis(1999): 153 milyard dollar
Néfit éksport kirimi(1999): 35 milyard dollar (1998- yilidikige qarighanda %17 ashqan)
Néfit éksport kirimining omumiy éksport kirimide igiligen pirsent(1999): %80 etrapida.
Tashqi qerzi(1999): 203 milyard dollar

Énérgiye ehwali:
Éniqlan'ghan néfit zapisi(2000): 263 milyard 500 milyon barrél
(biterep rayonning yérim mehsulatini öz ichige alidu)

Néfit mehsulati(1999) künlük mehsulati 8 milyon 500 ming barrél.
(buning ichide 7 milyon 800 ming barrél néfit bar)
Yéqilghu may serpiyat miqdari(1999): künlüki 1 milyard 950 ming barrél
Sap import miqdari(1999): künige 7 milyon 300 ming barrél
Néfit ayrish iqtidari(2000): künige 1 milyon 710 ming barrél
Tebi'iy gaz zapisi(2000): 204 tirilyon 500 miyard kub fut
Tebi'iy gaz mehsulati serpiyati(1998): 1 tirilyon 650 milyard kub fut
Tok chiqirish iqtidari(1998): 21 milyard wat

Néfit we tebi'iy gaz sana'iti

Asasliq chet el meblighidiki néfit shirketliri:
ACO,
Mobil,
Shéll,
Téksako

Asasliq portlar:
Jidde,
Jubeyl ras elkafl,
Rastanura,
Ju'eymenmrabigh,
Yanbu,
Zuluf

Asasliq néfitlikler:
Gawar,
Safaniye,
Najid,
Ebqayiq,
Bérri,
Menife,
Zuluf,
Shaybah,
Ebu sa'afa,
Qurusaniye

Asasliq yetküzüsh liniyisi(yetküzüsh iqtidari künige 1 milyon barrél):
Néfit liniyisi (4 milyon 800 ming barrél),
Ipsa1(500 ming barrél),
Ipsa 2 (1 milyon 700 ming barrél),
Ebqayiq yanbu tebi'iy gaz liniyisi (400 ming barrél)
(izahat: ipsa 1 liniyisi 1990-yilidin bashlap taqalghan)

Asasliq néfit ayrish zawutliri(2000):
Aramko ras tanura künige 325 ming barrél;
Rabig künige 325 ming barrél;
Yanbu künige 190 ming barrél; Riyad künige 140 ming barrél;
Jidde künige 42 ming barrél;
Aramko mobil yanbu künige 366 ming barrél;
PETROMIN/SHELL-AL-JUBAIL künige 292 ming barrél;
Ereb néfit shirkiti ras el kafl künige 30 ming barrél.

**************************************

تولۇق ئوقۇش

Amirika isra'iliyeni «yadro döliti» didi


Amérika Isra'iliyining «yadro qorali bar dölet»likini Tunji qétim étirap qildi


Isra'iliye «dölet zémini géziti»ning 2009-yilliq 8–mart sanida, amérika armiyisi birleshme qisimining qomandanliq shtabi élan qilghan «birleshme jeng qilish muhiti» namliq höjjitidin neqil keltürülüp mundaq déyildi:
«isra'iliye, iran, pakistan, hindistan, chawshyen we rosiye qatarliq yadro qorali bar döletler yaysiman jaylashqan, amérika bu rayonlargha bekla qiziqidu».
Amérika herbiy terep höjjette isra'iliyini tunji qétim ashkara halda «yadro qorali bar dölet» dep atap, amérikining tarixtin buyanqi müjmel pozitsiyisini özgertti.
Bu xewer ottura sherq rayonini zilzilige saldi.
Buningdin ilgiri amérika ashkarilighan hökümet höjjetliride isra'iliyining yadro pilani tüzük tilgha élinmaytti, amérika armiyisining yuqiri derijilik emeldarlirimu ezeldin hökümet salahiyiti bilen isra'iliyini «yadro qorali bar dölet» dep atap baqmighan.
Isra'iliye hökümet terepmu yadro qorali mesiliside izchil «müjmel» meydan tutqan.
Iran axbart wasitiliri bu tuyuqsiz özgirishke yéqindin diqqet qildi.
Iran «téhran waqit géziti»de ilan qilin'ghan «amérika isra'iliyining yadro chümperdisini échip tashlidi» serlewhilik maqalide mundaq déyildi:
«amérika armiyisining birleshme qisim qomandanliq shtabi amérika dölet mudapi'e ministirlikige tewe, u dölet mudapi'e ministirliki qarmiqidiki birdinbir rayon we iqtidar mejburiyiti bir gewdileshken qomandanliq shtabi bolush süpiti bilen amérikining herbiy küchini tertipke sélish, kelgüsi birleshme jeng yéngi uqumi békitish we tereqqiy qildurush xizmitini zimmisige alghan bolup, intayin muhim mes'uliyet yüklen'gen. Amérikining pozitsiyisi izchil turaqsiz idi, lékin ‹isra'iliyining 200 yadro oqbéshi bar› dégen sözge nurghun kishi ishinidu.»
Maqalide isra'iliyining yadro qorali barliqigha a'it ispatlar misal keltürüldi.
Maqalide mundaq déyildi: «isra'iliye zunglisi olmért ziyaret jeryanida chandurup: ‹iran amérika, fransiye, isra'iliye we rosiyige oxshash yadro qoraligha ige bolushqa intiliwatqan yerde, bu mesilige néme dégülük?› dep salghan. Bu ish isra'iliyide keng da'iride tenqid qozghighan, öktichiler partiyisidin bolghan bezi parlamént ezaliri uning wezipisidin istépa bérishini telep qilghan.»
Fransiyining sabiq zungtungi shirak 2007–yili mundaq dégen: «iran yadro oqini qayerge étishi mumkin? Isra'iliyichu?» bu sözmu kishilerde isra'iliyining yadro qorali barliqi toghrisida qiyas peyda qilghan.
Iran axbarat apparati mundaq qarighan: «isra'iliyining hazir az dégendimu 80 yadro oqbéshi bar, yadro zerbe bérish iqtidari jehette dunyada tötinchi orunda turidu.»
Lékin gherb axbarat wasitiliri amérikining «isra'iliyining yadro qorali bar» dégen xewiri toghrisida köp birnéme déyishmidi.
Shuning bilen bille isra'iliye herbiy axbarat idarisining bashliqi 8–mart ichki kabintqa doklat yollap mundaq dédi:
«iran yadro qorali yasashqa éhtiyajliq achquchluq téxnika ötkilidin muweppeqiyetlik ötti, hazir yadro qoraligha ige bolush istratégiyilik nishanigha qarap qedemmuqedem ilgirilewatidu»
Bu uchur yawropa, amérika axbarat wasitiliri teripidin köplep xewer qilindi. Bezi axbarat wasitiliri bu ehwalni mundaq analiz qildi:
Isra'iliye diqqetni burash üchün bu uchurni qesten tarqatti, uning meqsiti köpchilikni isra'iliye yadro mesilisige emes, belki iran yadro mesilisige diqqet qildurush.
Yene bezi mutexessisler mundaq qaridi:
Amérikining bu xewerni élan qilishidiki meqsiti, iran bilen bolghan qarshilishish weziyitini peseytip, iranning keypiyatini tengshesh, shu arqiliq isra'iliyining inkasinimu közitip, uning aldin qoral ishlitish idiyisini tizginlesh.

Menbe: «shinjang géziti»-(2009-03-25)
****************************************

تولۇق ئوقۇش

2009年4月10日星期五

Isra'iliye yéngi hökümiti duch kélidighan «üch mesile»


Isra'iliye yéngi hökümiti duch kélidighan «üch mesile»


Isra'iliye likud guruhining rehbiri nétaniyaxu 2009-yili 31mart küni bash ministirliq textige olturup, yéngi hökümet teshkillidi.
Nétaniyaxu wezipige olturush bilenla, gerche yéngi bolmisimu, lékin murekkep, chigish üch mesilige duch keldi.

(1) isra'iliye-pelestin munasiwiti qatmallashti

Nétaniyaxu 2009-yili 31-mart bash ministirliq textige olturghandin kéyin, pelestin milliy hakimiyet orginining re'isi abbas 1-aprél: nétaniyaxu «tinchliqni yaqlimaydighan rehber» dep, xelq'ara jem'iyetning uninggha bésim ishlitishini muraji'et qildi.
Abbas: nétaniyaxuning «ikki dölet layihisi»ni teshebbus qilmaydighanliqi, yehudiylar mehellisi qurushni toxtitishnimu xalimaydighanliqi turghan gep, dédi.

Pelestin terepning pozitsiyisini pütünley asassiz dégilimu bolmaydu. Nétaniyaxu musteqil pelestin döliti qurush mesilisidin özini qachurup keldi, shundaqla «isra'iliyining xewpsizlikige tehdit shekillendürmisila, isra'iliye pelestinde aptonomiyini yolgha qoyush kélishimini imzalap, isra'iliye bilen pelestinning ortaq tinchliq berpa qilishini ilgiri süridu, dep tekitlep keldi» .

Ottura sherq tinchliq musapisidiki biwasite alaqidar terep- pelestinning isra'iliye yéngi hökümitige tutqan pozitsiyisimu kelgüsidiki pelestin-isra'iliye munasiwitining tereqqiyat yüzlinishide intayin muhim rol oynaydu. «mötidil» dep nam qazan'ghan abbasmu nétaniyaxu rehberlikidiki yéngi hökümetke ishenmeydighanliqini éytti.
Pelestin bilen bolghan munasiwetni qandaq békitish isra'iliye yéngi hökümitining muhim témisi bolup qalidu.

(2) xelq'ara jem'iyet qatmu-qat bésim ishletti

B d t bash katipi ban kimon 1-aprél bayanat élan qilip, sira'iliyining yéngi zunglisi nétaniyaxuning ottura sherq tinchliqi we bixeterlikige alaqidar meslilerde hemkarlishishini ümid qildi.
Yawropa ittipaqigha eza bezi döletlerning aliy emeldarliri: isra'iliye «ikki dölet» layihesini qobul qilidighanliqini éniq bildürüshi kérek, bolmisa yawropa ittipaqi bilen isra'iliyining munasiwitini tonglitishni oylishimiz, déyishti.
Isra'iliyining ittipaqdishi amérikimu ottura sherq siyasitini bara-bara tengshewatidu.
Amérikining dölet katipi hilari klintonning ottura sherqte ziyarette bolghanliqi, shundaqla uning pelestin mesilisige tutqan pozitsiyisidin amérikining ottura sherq yéngi siyasitidiki tepekkurida musteqil pelestin döliti qurush mesilisining küntertipke kirgüzülüwatqanliqini körüwélishqa bolidu.
Eger nétaniyaxu hökümiti «ikki dölet layihisi»din dawamliq özini qachursa, bu mesilide isra'iliyining amérika bilen ixtilapliship qalidighanliqi turghan gep.

(3) ichki kabint qurulmisi murekkep yaki mukemmel emes

Isra'iliye yéngi hökümiti besh partiye kishiliridin terkib tapti. Kabint kölimi 40 kishige yéqinlashti. Bu misli körülmigen ish. Her qaysi partiye-guruhlar wekilliri hakimiyet yürgüzgüchi ittipaqqa kirdi, ularning öz aldigha arzu-istiki we nishani bar.
Sol qanat partiye-léyburistlar partiyisi bilen yéngi hökümettiki bashqa partiye-guruhlarning siyasiy idiyisidimu nahayiti zor ixtilap mewjut,
Ikki ong qanat partiye «yurtimiz isra'iliye» bilen shas partiyisining ixtilapimu téxi tügigini yoq.
Her qaysi partiye-guruhlarning pelestin döliti qurush, ijtima'iy parawanliq siyasiti qatarliq mesililerdiki pikirlirimu oxshash emes.
Yéngi hökümet qurulmisining mislisiz zor we murekkep bolushi, hakimiyet yürgüzüsh ittipaqidiki partiye-guruhlarning pikrining birdek bolmasliqi kelgüside nétaniyaxuning yéngi hökümetni idare qilish iqtidarigha nisbeten zor sinaq bolup qalidu.

Menbe: «shinjang géziti»-(2009-04-07)
***************************************

تولۇق ئوقۇش

«üchinchi dunya urushi ghezzedin bashlinamdu?»


«üchinchi dunya urushi ghezzedin bashlinamdu?»


«yer shari waqit géziti»ning xewer qilishiche, rosiye siyasiy küzetküchisi démtiri: «nöwettiki isra'ilye-pelestin toqunishi 3-dunya urushining ot piltsi bulup qélishi mumkin digen»

(bu mulahizide diyiliwatqan «nöwettiki isra'ilye-pelestin toqunishi»- 2008-yili 12-ayning 27-küni bashlan'ghan isra'iliyening ghezzege qilghan shiddetlik hujumini körsitidu)

Rosiye aginitliqi 2008-yili 31-dikabir «3-dunya urushi gazadin bashlinamdu?» sewherlik muhakime maqalisni élan qilghan. Maqalida «2008-yil külkilik ayaq étish weqesi bilen ayaqlashsa bulatti, biraq undaq bolmidi. Ottura sherqte nurghun bigunah kishiler partilitip öltürüldi. Neziriye jehettin élip éyitqanda, kishiler yéngi yilda 3-dunya urushigha qarap mangdimu?» diyilgen.
Maqalide yene bundaq mumkinchilikni chetke qéqishqa bolmaydu. Chünki 1-dunya urushi bir qétimliq térorluq qestlesh sewebidin partilghan. Eger pelestin-isra'ilye weziyiti mushundaq nacharlishiwiridighan bolsa, urushning da'irisi kéngiyip süriye bilen liwan'gha tutishidu. Bu chaghda isra'iliye bu ikki döletkimu hujum qilidu. Eger iran bu urushqa qétilmaqchi bolsa, u choqum süriye we liwan'gha yardem biridu. Halbuki iranning pars qoltuqi rayunida awyamatkisi bar, ichki déngizning bu ensizlik amili rosiyeni bu urushqa sörep kiridu. Rosiye choqum bilen iran'gha yardem biridu.
Uningdin bashqa isra'ilyede yadro qorali bar, emma iranda yoq. Weziyet osalliship ketse isra'iliye yadro qorali ishlitishi mumkin, bu eng osal aqiwet, shunga putkül jemiyet isra'iliyige urushni toxtitishni murajet qilish lazim diyilgen.

Menbe:http://news.Ifeng.Com/world/special/jiasha/news/200812/1231_5302_949024.Sht
Menbe: http://bbs.Diyarim.Com/read.Php?Tid=30757
**********************************

تولۇق ئوقۇش

Ereb elliri ittipaqining kelgüsi qandaq bolidu?


Ereb elliri ittipaqining kelgüsi qandaq bolidu?


Ereb elliri ittipaqigha eza döletler bashliqlirining 21–nöwetlik yighini yéqinda qatar paytexti dohada ötküzüldi, bu yighin'gha 22 eza döletning 16 sining dölet bashliqi qatnashti. yighin'gha qatnashqanlar ilgirikidin körünerlik köp boldi, bolupmu sudan zungtungi beshirning bu yighin'gha qatnashqanliqi ereb elliri ittipaqining ishenchisini ashurdi. Halbuki, misir zongtungi mubarek qatarliq eza döletler bashliqlirining bu yighin'gha qatnashmighanliqi ereb elliri ittipaqining ichki qismida yenila ixtilap barliqini körsitip berdi.

Sudan zungtungining yighin'gha qatnashqanliqi ereb elliri ittipaqining ishenchisini kücheytti

Sudan zungtungi beshir xelq'ara jinayi ishlar sotining tutush buyruqigha pisent qilmay, ereb elliri ittipaqigha eza döletler bashliqliri yighini échilishtin bir kün ilgiri dohagha bérip, shu jayda ötküzülidighan ereb elliri ittipaqigha eza döletler bashliqliri yighini we ereb – jenubiy amérika döletliri bashliqliri yighinigha qatnishishta ching turdi, bu ish ereb elliri ittipaqining ishenchisini ashurdi.
Sudan zungtungi mesiliside, ereb elliri ittipaqigha eza döletler birdek pikirde bolup, xelq'ara jinayi ishlar sotining sudanning ichki ishlirigha arilashqanliqigha birdek étiraz bildürdi.
Ereb elliri ittipaqining bash katipi musa «ereb ellirining tinchliq we adilliqqa mohtaj ikenliki»ni tunji qétim tekitlep: sudan darfur mesilisi sudanning ichki ishi, xelq'ara jinayi ishlar sotining sudan zungtungi beshirni tutush buyruqi chiqarghanliqi bir döletning ichki ishlirigha arilashqanliq,dédi.

«aka» yighin'gha qatnashmidi

Misir ottura sherq rayonidiki nopusi eng köp chong dölet bolup, ereb ellirining «akisi», dep qarilip kelmekte. Misirning ottura sherq rayonidiki muhim ornidin gumanlinishqa bolmaydu. ereb elliri ittipaqining bash shtabimu misir paytexti qahirede tesis qilin'ghan.
Közetküchiler: misir zungtungi mubarekning bu nöwetlik ereb elliri ittipaqigha eza döletler bashliqliri yighinigha qatnashmighanliqigha ereb ellirining közqarishining yiraqliship ketkenliki, nurghun mesilide ortaqliq hasil qilghili bolmaywatqanliqi seweb bolghan, misirning bu nöwetlik bashliqlar yighini arqiliq nöwettiki rayon krizisini hel qilghili bolidighanliqidin ümid kütüp ketmeydighanliqini chüshendüridu,dep qarashti.
Ereb elliri axbarat wasitiliri: mubarekning bu yighin'gha qatnashmighanliqi misir bilen qatarning nurghun ziddiyiti we ixtilapi barliqidin dérek béridu, dep qaridi.

Shimaliy afriqidiki bezi döletler bilen ereb elliri ittipaqining munasiwiti barghanséri suslashmaqta

Meghrib ittipaqigha eza besh döletning rehbiri ichide liwiye rehbiri kazaféydin bashqa, qalghan töt eza döletning bashliqliri yighin'gha qatnashmidi, bu, meghrib ittipaqi bilen ereb elliri ittipaqi munasiwitining barghanséri yiraqlishiwatqanliqidin dérek béridu.
Ereb elliri ittipaqigha eza döletler bashliqliri yighinigha qatnashqan liwiye bilen se'udi erebistani qatarliq döletler otturisida éghir ixtilap bar, ikki terep munasiwitide dawamliq sürkilish bolup turidu. Liwiye rehbiri kazaféy ereb elliri ittipaqini rayon krizisini bir terep qilishta ajizliq qildi, dep köp qétim ötkür sözler bilen eyibligen. U hetta 2003-yilidiki ereb elliri ittipaqigha eza döletler bashliqliri yighinida se'udi erebistani padishahi bilen qattiq qiziriship qalghan, ikki terep bir-birini eyiblep hetta tilliship, yighinning bir mehel üzülüp qélishigha seweb bolghan.
Tehlilchiler: se'udi erebistani ereb elliri, jumlidin islam dunyasida muhim orun'gha ige, liwiyining kayishliri bezi ereb ellirining naraziliqini qozghaydu. Liwiyining ereb elliridiki obrazi barghanséri xunüklishiwatidu, kazaféy hazir liwiyining afriqa döletliri ittipaqida téximu muhim rol oynishini qolgha keltürüsh bilen bolup kétip, ereb-isra'iliye toqunushi qatarliq ottura sherq mesililirige köngül bölgüdek zéhni qalmidi, dep qaridi.

Iran amili ereb elliri ittipaqigha eza döletlerni chüshep turmaqta

Ereb elliri ittipaqigha eza döletler rayon krizisini hel qilghanda, hemishe iran amilining tesiri tüpeylidin birdek pikirge kélelmeywatidu. Iran gerche ereb elliri ittipaqigha eza dölet bolmisimu, biraq eng muhim islam döletlirining biri, iranning meydani we pozitsiyisi ereb ellirige zor tesir körsitidu, shunga, ereb ellirining iran mesilisidiki pozitsiyiside zor ixtilap bar.
Pelestin mesiliside, se'udi erebistani, misir qatarliq döletler abbas rehberlikidiki pelestin milliy azadliq herikiti (fatax)ni qollaydu, halbuki, iran, suriye qatarliq döletler xamasqa hertereplime yardem bériwatidu.
Tehlilchiler: iran pars qoltuqi rayonidiki eng qudretlik döletning biri, uning etrapidiki ereb elliri iran bilen arazliship qélishni xalimaydu, chünki iran bilen qarshilishish rayon muqimliqigha paydisiz, dep qaridi.
Tehlilchiler mundaq körsetti: rayon xaraktéridiki bashqa ittipaqdashlar bilen sélishturghanda, ereb elliri ittipaqining ilgirilesh yoli bekla egri – toqay boldi, shor péshane ereb dunyasi keskin xirisqa duch kelmekte. Ichki ixtilapni qandaq tügitip, uzaqtin buyanqi ziddiyetni qandaq hel qilip, her qaysi ellerning krizis aldida birikme küch hasil qilishigha qandaq türtke bolushta ereb elliri ittipaqida yene hel qilishqa tégishlik qiyin mesililer xélila köp.

Menbe: «shinjang géziti»(2009-04-10)
****************************************

تولۇق ئوقۇش

2009年4月3日星期五

Iran–isra'iliye mesilisi we türkiye


Iran-isra'iliye munasiwetliri we türkiyining ottura sherqte jari qilduruwatqan roli


(10-03-2009)Türkiye awazi radi'osi:

Iran, 1979-yilidiki islam inqilawidin kéyin, xelq'ara jama'etchilikning éghizidin chüshmidi. Islam inqilawidin kéyinla, yeni 1979-yili 4-noyabirda téhrandiki amérika elchixanisi bir guruppa iranliq teripidin bésiwélindi we 90 neper amérikiliqni görüge éliwélip, 444 kün tutup turdi. Eyni zamanda 1980-yilidin 1988-yilliri arisidiki sekkiz yil dawamlashqan iran–iraq urushi partlidi. Iranning xoshna döletlerge islamiy tüzümni kéngeytish siyasiti we radikal islamiy guruppilargha bergen yardemliri éghizlardin chüshmidi. Yéqinqi ikki yildin boyan iran yadro qorali ishlepchiqirish siyasiti sewebi bilen xelq'ara jama'etchilikning küntertipidiki qiziq nuqtiliq rolini dawamlashturup keldi.

Iranning yadro énérgiyisi siyasiti hem iranning, hemda rayonning béshini aghritidighandek qilidu. Iranning yadro énérgiyisi kirishi 1975-yili shah mezgilide bashlighan bolsimu, biraq, bu xizmetler axirlashmay turupla, shah, iranni tashlap chiqip kétishke mejbur bolup qaldi. Iran islam hökümiti 1995-yili rusiye bilen kélishim tüzüsh arqiliq qaytidin yadro énérgiyisi pa'aliyitini bashliwetti. Lékin, amérika we isra'iliye iran islam hökümitining rusiye bilen birlikte yadro énérgiyisi pa'aliyiti élip bérishigha illiq qarimaytti. Rusiye, amérika we isra'iliye teripidin iran'gha qarita yürgüziliwatqan imbargolargha perwa qilmay, 2007-yili dékabr éyida xelq'ara atom énérgiyisi orginining nazariti astida 82 tonna yadroluq yéqilghuni bushehirdiki yadro énérgiyisi istansisida ishlitish üchün iran'gha berdi. 2007-yilidin béri isra'iliye, iranning esli meqsiti yadro énérgiyisi emes, atom bombisi yasap chiqishtin ibaret, déyish arqiliq iranning yadro énérgiyisi xizmetlirige tosalghuluq qilishqa tiriship kelmekte. Birleshken döletler teshkilatigha qarashliq xelq'ara yadro énérgiyisi merkizi bashliqi misirliq muhemmed elberadé'i, iranning herbiy eslihe ishlepchiqirish meqstide yadro pa'aliyiti élip bériwatqanliqigha da'ir héchqandaq pakitning yoqliqini bir qanche qétim otturigha qoydi. Amérika merkizi axbarat idarisining sabiq bashliqi méka'il haydén «iranning yadro qorali ishlewatqanliqigha a'it héchqandaq delil yoq» dégen bolsa, yéngi bashliqi dénis blayr «iranning qolida ne yadro qorali, ne eskiri yadro pilani, deydighan bir nerse yoq» déyish arqiliq iranni aqlidi. Lékin isra'iliye hem buninggha, hem birleshken döletler teshkilati teripidin yadro énérgiyisi istansisigha orunlashturulghan kaméra we bashqa küzitish sistémiliri bilen xelq'ara sewiyidiki mutexessislerning toyuqsiz tekshürüshliridin kéyin teyyarlan'ghan döklatlirighimu qayil bolmay, iranning yadro qorali ishlepchiqirish koyida ikenlikige ishinip keldi. Eger isra'iliye iran bilen urush qilish üchün yadro énérgiyisi xizmetlirini bahane qiliwatqan bolsa we heqiqetenmu yadro qoralidin qorqidighan bolsa, bu ishenchsizliktin kélip chiqqan bir mesile bolghan bolidu. Mezkur ishench krizisini türkiyige oxshighan muresseleshtürgüchi bir döletning wasitisi arqiliq her ikki terep hel qilalaydu we hel qilishi lazim. Ottua sherq rayonidiki xelq urushlardin tolimu zérikip ketti. Buninggha misal süpitide, pelestin–isra'iliye urushi, iran–iraq urushi, iraqning kuweytni istila qilishi, amérika we gherb ellirining saddamni kuweyttin qoghlap chiqirish urushi we amérika–en'giliye qatarliq döletlerning 2003- yilidiki iraqqa qaratqan hujumlirini körsitish mumkin.
Nöwette isra'iliye–iran otturisidiki munasiwet yériklishishke bashlidi. Isra'iliyilik emeldarlar kéyinki mezgillerde iran'gha qarita herbiy jehettin mudaxile qilishlirining mumkinliki heqqide öz köz qarashlirini izchil türde otturigha qoyup kelmekte. Iran emeldarliri bolsa, yadro énérgiyisi pa'aliyetliridinmu bekrek, yehudiylargha qarshi pikirlirini küshkürtküchi shekilde otturigha qoymaqta. Türkiye rayondiki yadro qorallirigha qarshi ikenlikini bir qanche qétim resmiy otturigha qoydi. Isra'iliyimu mexpi shekilde yasap chiqqan atom qorallirini yoq qilidighan bolsa, iranning eger rastinla isra'iliye dewa qilghandek yadro pilanliri mewjut bolghan ehwalda uningdin wazkechtürüsh téximu asan'gha toxtaydu. Irandiki 2009-yili iyun éyida ötküzülidighan jumhur re'islik saylamliri nahayiti muhim. Eger ehmedi néjad qayta jumhur re'isi bolup saylinip qalidighan we isra'iliyige qarshi qattiq pozitsiyiini dawamlashturidighan bolsa, undaqta, ottura sherqning weziyiti yene keskinliship kétishi mumkin. Bundaq ehwalda, türkiye rayonning muqimliq we tinchliqi üchün qolidin kélishiche tirishchanliq körsitishi shert. Chünki bundaq jiddiy weziyette her ikki terep bilen munasiwetliri yaxshi bolghan türkiye tinchliqni qutquzup qalalishi mumkin.
********************************************

تولۇق ئوقۇش

2009年4月2日星期四

Isra'iliyining yéngi zunglisi-nétaniyaxu


Isra'iliyining yéngi zunglisi-nétaniyaxu

Likud guruhining re'isi nétaniyaxu bashchiliqidiki isra'iliyining yéngi bir nöwetlik hökümiti shu jay waqti bilen 2009-yili 31-mart kechte parlaméntta qesem bérip wezipe tapshuruwaldi. Bu, nétaniyaxuning 2-qétim isra'iliye zunglisi bolushi.

Nétaniyaxu 1949-yil 21-öktebir tél'awifta tughulghan, amérika massachuséts téxnologiye institutini pütkürüp, bakalawrliq, magistirliq unwanigha érishken.

Nétaniyaxu 1967-yilidin 1972-yilighiche isra'iliye dölet mudapi'e armiyisining alahide qisimida wezipe ötigen;
1976-yilidin 1988-yilighiche, yunasén térrorluqqa qarshi turush tetqiqat apparati ijra'iye komitétining ezasi, mudiri bolghan;
1982-yilidin 1984-yilighiche, isra'iliyining amérikida turushluq elchiler ömikining mu'awin bashliqi bolghan;
1984-yilidin 1988-yilighiche isra'iliyining b d t da turushluq bash elchisi bolghan.

Nétaniyaxu 1988-yili likud guruhining parlamént ezaliqigha saylan'ghan;
1988-yildin 1991-yilighiche mu'awin diplomatiye ministiri bolghan;
1991-yilidin 1992-yilighiche zungli mehkimisining mu'awin ministiri bolghan;
1993-yili likud guruhining re'isilikige saylan'ghan.
1996-yili 29-may omumiy saylamda ghelibe qilip, isra'iliyining 27 – nöwetlik hökümet zungliliqigha saylan'ghan,
1998-yili qoshumche diplomatiye ministiri bolghan.

Nétaniyaxu textke chiqqandin kéyin «zémin bedilige tinchliqqa érishish» prinsipini özgertip, «xewpsizlik bedilige tinchliqqa érishish»ni otturigha qoyghan.
Nétaniyaxu hökümitining ottura sherq tinchliq musapisi mesiliside yolgha qoyghan qattiq qol lushyeni ereb döletlirining qarshi turushigha uchrapla qalmay, yene isra'iliye xelqiningmu qarshiliqigha uchrighan, uning üstige likud guruhining ichki qisimida éghir parchilinish bolghanliqi, shuningdek amérika nétaniyaxuning ottura sherq tinchliq musapisini ilgiri sürüsh mesilisidiki siyasetliridin narazi bolghanliqi üchün, 1999-yili 5-ayda ötküzülgen parlamént we zungli saylimida öktichi partiye léboristlar partiyisining re'isi barak mutleq üstünlük bilen nétaniyaxuni meghlup qilip, isra'iliyining yéngi nöwetlik zunglisi bolghan. Nétaniyaxu omumiy saylamda meghlup bolghandin kéyin siyasiy sehnidin chékinip chiqip, parlamént ezasi bolmaydighanliqini jakarlighan.

Nétaniyaxu 2002-yili 11-ayda siyasiy sehnige qaytip kélip, qaranchuq ichki kabinétning diplomatiye ministiri bolghan,
2003-yili 2-ayda hökümetning maliye ministiri bolghan;
2005-yili 12-ayda yene bir qétim likud guruhining re'isilikige saylan'ghan hem 2007-yili 8-ayda dawamliq wezipide olturghan.

Isra'iliyide 2009-yil 10-féwral küni 18-nöwetlik parlamént saylimi ötküzüldi. Bu qitimqi saylamda diplomatiye ministiri léwni rehberlikidiki biterep partiye «ilgirilesh partiyisi»(«algha partiyesi») parlaménttiki 28 orun'gha ériship, asasliq riqabetchisi nétaniyaxu rehberlikidiki ottura ong qanat partiye «likud guruhi»din bir orun artuq boldi, lékin ikki terepla parlaménttiki köp sandiki orun'gha érishelmidi. Isra'iliye zungtungi pérés likud guruhi bashchiliqidiki ong qanat lagéridikilerning bu qétimqi saylamda 120 orundin 65 orun'gha érishkenlikini nezerde tutup, 20-féwral nétaniyaxugha resmiy yéngi hökümet qurush hoquqi berdi.

Menbe: «shinjang géziti»-(2009-04-02)
***********************************


Isra'iliye yéngi hökümiti qesem bérip wezipe tapshuruwaldi

Shinxua agéntliqi, yérusalém, 2009-yili 31-mart télégrammisi.
Likod guruhining re'isi nétaniyaxu rehberlikidiki isra'iliyining yéngi bir nöwetlik hökümiti 2009-yili 31-mart kechte parlaméntta qesem bérip wezipe tapshuruwaldi.
Isra'iliye parlaméntida shu küni kechte ötküzülgen nechche sa'etlik munaziridin kéyin, nétaniyaxu shu küni etigende tapshurghan yéngi hökümet teshkillesh layihisi 45 awazgha qarshi 65 awaz bilen maqullandi. Yéngi hökümetning ministirliri sehnige chiqip qesem berdi.
Nétaniyaxu on yil ötkendin kéyin zungliliq wezipisige qayta olturupla qalmay, bu qétim yene qoshumche maliye-isitratégiye ministiri boldi. Bulardin bashqa, köp talash-tartish qozghighan ong qanat zat lébérman diplomatiye ministiri, barak yenila dölet mudapi'e ministiri boldi.
Nétaniyaxu shu küni kechtiki yighinda: «qoshna döletler we barliq ereb dunyasi bilen adil bolghan, uzaqqiche dawamlishidighan tinchliqni ishqa ashurush üchün pütün küchüm bilen tirishimen» dédi.

«shinjang géziti»-(2009-04-02)
*********************************

تولۇق ئوقۇش

2009年3月28日星期六

قارشىلىق كۆرسىتىش - قۇددۇسنى ئازاد قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى

ئىخچام


قارشىلىق كۆرسىتىش - قۇددۇسنى ئازاد قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى


2007-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۇنى تۇركىيەنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە چاقىرىلغان قۇددۇس خەلقئارا مۇنبىرى يىپىلدى.
مۇنبەر مۇنۇلارنى كۇچەپ تەكىتلىدى: قارشىلىق كۆرسىتىش - قۇددۇسنى ئازاد قىلىشنىڭ بىردىن-بىر چىقىش يولى»
ئامىرىكا يىتەكچىلىك قىلغان بىر قاتار خەلقئارالىق ئوتتۇراشەرق يىغىنلارغا قارىتا، خەلقئارا قۇددۇس مۇنبىرى ئۇنىڭ مومكىنچىلىكىگە گۇمانىنى ئىپادىلىدى،
قۇددۇس مۇنبىرى يەنە ئامرىكىنىڭ ئاننابۇلىس شەھرىدە چاقىرىلغان ئاتالمىش خەلقئارا تىنچلىق يىغىنىغا بولغان گۇمانىنى بىلدۇردى،
قۇددۇس مۇنبىرى يىپىلىش مۇراسىمىدا بايانات ئىلان قىلىپ، ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىنى يەھۇدى قىساسچىلىرىنىڭ پەلەستىندىكى بولغان ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى،
باياناتتا مۇنداق دىيىلدى: «بارلىق شەكىللەردە قانات يايدۇرۇلغان ھەرخىل سەۋىيەدىكى قارشىلىقلار- قۇددۇسنى ئازاد قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چىقىش يولى»
بايانات يەنە مۇنۇلارنى كۇچەپ تەكىتلىدى: «پەلەستىن مۇساپىرلىرىنىڭ ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىش ھوقۇقى بار، بۇنى ھىچكىمنىڭ بىكار قىلىۋىتىش ۋە سودىلىشىش ھوقوقى يوق»
پەلەستىندىكى خاماس بىلەن پاتاختىن ئىبارەت ئىككى گورۇھنىڭ جىدەللىرىگە قارىتا مۇنداق دىيىلدى: «ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قورشىۋىلىنغان بارلىق پەلەستىنلىك قىرىنداشلار ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشى لازىم»
ئىسرائىليەگە قارىتا ئىلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دىيىلدى: «يەھۇدى قىساسچىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئىگە بولغان يادرو قورالى ۋە ئۆزىنىڭ كىڭەيمىچىلىك قارا نىيىتىگە تايىنىپ قۇددۇس ۋە پەلەستىننى ئۇدا ئىشغال قىلىۋىلىشى - باشتىن ئاخىر پەلەستىندىكى قانلىق توقۇنۇش ۋە پاجىئەنى كەلتۇرۇپ چىقارغان باش سەۋەب، دۇنيادىكى تىنچلىقنى سۆيىدىغان ۋە ئىنسان ھوقوقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بارلىق كىشىلەر ئوتتۇرا شەرقنىڭ يىڭى بىر نۆۋەتلىك قانلىق ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ قىلىپ دۇنيا تىنچلىقىغا خەۋىپ كەلتۇرىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلماقتا»

2007يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۇنىدىن 17-كۇنىگىچە بولغان قۇددۇس خەلقئارالىق مۇنبىرىگە جەمئى 5000 مىڭ ئادەم قاتناشتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمان ئالىملار، خرىستىيانلار، سىياسى رەھبەرلەر، مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە ساھەسىدىكى سەرخىللار، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئەلئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، سەنئەتكارلار ۋە ئاخبارات تارقىتىش خادىملىرى بار.

ئەرەبچە «ئىسلام ئەۋىنلايىن تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى
مەنبە: http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-31244-fpage-149.html
*********************************************

تولۇق ئوقۇش

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ئوڭغا مايىللىشىشى»



ئىسرائىلىيە سىياسىي سەھنىسىنىڭ «ئوڭغا مايىللىشىشى» پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ


ئىسرائىلىيە لىكۇد گۇرۇھىنىڭ رەئىسى نېتانىياخۇ يېقىندا چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات پارتىيە - «يۇرتىمىز-ئىسرائىلىيە»نىڭ رەئىسى لىبېرمان بىلەن بىرلىكتە كابىنېت تەشكىللەش كېلىشىمى ئىمزالىدى.
ھازىرقى كابىنېت تەشكىللەش ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، ئىسرائىلىيىنىڭ نېتانىياخۇ رەھبەرلىكىدىكى ئوڭ قانات ھۆكۈمەت قۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.
ئىسرائىلىيە 10-فېۋرال ئېلان قىلغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىدە ئىسرائىلىيە سىياسىي سەھنىسىدە روشەن «ئوڭغا مايىللىشىش» خاھىشى كۆرۈلگەنلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلدى.
ھازىرقى دېپلوماتىيە مىنىستىرى لىۋنى رەھبەرلىكىدىكى بىتەرەپ پارتىيە - ئالغا پارتىيىسى 28 ئورۇن بىلەن پارلامېنتتىكى ئەڭ چوڭ پارتىيىگە ئايلانغان بولسىمۇ، لىكۇد گۇرۇھىنىڭكىدىن بىر ئورۇنلا ئالدىدا تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالغا پارتىيىسى باشلامچىلىقىدىكى بىتەرەپ، سول قانات پارتىيىلەر 120 ئورۇن ئىچىدە پەقەت 55 ئورۇنغىلا ئېرىشىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن لىكۇد گۇرۇھى باشلامچىلىقىدىكى ئوڭ قانات پارتىيىلەرگە يېڭىلىپ قالدى. ئوڭ قانات پارتىيىلەرنىڭ بىردەك تەۋسىيە قىلىشى بىلەن نېتانىياخۇ 20-فېۋرال كابىنېت تەشكىللەش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋالدى.
نېتانىياخۇ ئەزەلدىن پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە قاتتىق مەيداندا تۇرۇپ كەلدى، ئۇ 1996-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە زۇڭلى بولغان مەزگىلدە، ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كلىنتوننىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى بىلەن زىت يول تۇتتى. ئۇ كېيىن بېسىم تۈپەيلىدىن ئوسلو كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، قىسمەن ئوڭ قانات پارتىيىلەرنىڭ مۇرەسسە قىلىشقا ئېتىراز بىلدۈرۈشى سەۋەبىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقتى، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىمۇ ئاغدۇرۇلدى. پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە 2007-يىلىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكىنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلىغاندىن كېيىن، ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ رەھبىرى بولغان نېتانىياخۇ ئالغا پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىدە بەك يول قويۇۋېتىشىگە ئىزچىل قارشى تۇردى.
پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، نېتانىياخۇ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى «ئىككى دۆلەت» ھەل قىلىش لايىھىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرمىدى. ئۇ پەلەستىننىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ چېگرا، يېرۇسالېم، مەھەللە قاتارلىق يادرولۇق مەسىلىلەرگە ئائىت سۆھبەتنى كېچىكتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ يەنە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى يەھۇدىيلار مەھەللىسىنىڭ «تەبىئىي كېڭىيىشى»نى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نېتانىياخۇنىڭ مەيدانى پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، شۇنداقلا نېتانىياخۇنىڭ بۇ مەيدانى بىلەن ئامېرىكا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسى ئارىسىدىمۇ خېلى زور ئىختىلاپ بولدى.
پەلەستىن دائىرىلىرى: «نېتانياخۇنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق سىياسىي مەسىلىنى سۇسلاشتۇرۇش، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ئۇسۇلى تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن» دەپ قارىدى.
ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى فېۋرالنىڭ بېشىدا پەلەستىن، ئىسرائىلىيە رايونىدا زىيارەتتە بولغاندىمۇ «ئامېرىكىنىڭ پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيىنىڭ مەھەللىلەرنى كېڭەيتىشى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى».
ئىسرائىلىيە سىياسىي سەھنىسىنىڭ«ئوڭغا مايىللىشىش» يۈزلىنىشى پەلەستىن دائىرىلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دېققىتىنى قوزغىدى. پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى مالىكى يېقىندا ئىسرائىلىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىككى دۆلەت لايىھىسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى ھەم پەلەستىن دائىرىلىرى: پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىگە قارشى تۇرىدىغان ھەرقانداق ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلەشمەيدۇ، دېدى. مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەبۇل گايتمۇ: بۇ يۈزلىنىش پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋە رايون مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قاتمۇ قات قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ، دېدى. ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارمۇ ئىسرائىلىيە كەلگۈسى يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىككى دۆلەت لايىھىسى»نى قوللاپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىقىنى ئىمكانقەدەر تېز ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

«شىنجاڭ گېزىتى»-(2009-03-27)
********************************

تولۇق ئوقۇش

يەھۇدىي قىساسچى ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايەتلىك قىلمىشلىرى



يەھۇدىي قىساسچى ھاكىمىيىتىنىڭ 2002-يىلدىكى جىنايەتلىك قىلمىشلىرى


ئىسرائىلىيە ئەرافاتنىڭ تۇرالغۇسىنى قورشىۋىلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئىشغال قىلىنغان رايوندا پەلەستىنلىكلەرنى غالجىرلىق بىلەن قىرغىن قىلىۋاتقان پەيتتە، شارون ھوكۇمىتى «ئېغىزنى ئېتىش» ئۇچۇن ھېچنىمىگە پىسەنت قىلماي، ئاشكارا ھالەتتە زىيارەتكە كەلگەن چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئوق چىقىرىپ، خەۋەر مەنبەسىنى قامال قىلماقچى بولدى. ھالبۇكى، ئەنگىلىيە ئايال مۇخبىرى مارىيە.كولىن ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، ئالدىنقى سەپتىن ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى يەتكۇزۇپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ جىنايەتلىك قىلمىشلىرىنى ئېچىپ تاشلىدى.
2002-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۇنىدىكى «يەكشەنبىلىك تايمىس گېزىتى» پۇتۇن ماقالىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن غەرپ دۇنياسى زىلزىلىگە كەلدى.


1-جىنايەت: قۇچىقىدا بوۋىقىنى كوتۇرۇۋالغان ئانىنى ئېتىپ ئولتۇرۇش

تۇنجى قېتىم ئانا بولغان سورىدا.ئەبۇ گىھاب ئىلگىرى ئىسرائىلىيە ئارمىيسىگە ئازراق ئۇمىت بىلەن قارايدىغان بولغاچقا، ئۆزىدەك پۇخرانىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلىشىغا ئىشەنمەيتتى، ئۇ ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بولغاچ، تەبىئى ھالدا ئامېرىكىنىڭ خىيالپەرەسلىك ئىدىيىسى بار ئىدى. لېكىن يولدىشى ئۇنى ماشىنىدا دادىسىنىڭ تۇرالغۇسىغا يەتكۇزۇپ قويۇۋاتقاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىسىيەنىڭ ئوقى ئۇنىڭ بېشىغا تېگىپ ياش ھاياتىدىن ئايرىدى، قاتتىق ھەسرەتلەنگەن يولدىشى ھېچنىمىگە قارىماي قان ئىچىدىكى ئايالى تەرەپكە ئومىلىگەندە، ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى ئەمدىلا 10 ئايلىق بولغان بوۋاق تېخى ۋىلىقلاپ كۇلۇۋاتاتتى، بەلكىم بۇ نارەسىدە كوز ئالدىدىكى ئىشلارنى «بىر مەيدان ئويۇن، خالاس» دەپ ئويلىغان چېغى. ئالدىنقى ھەپتە سورېدانىڭ جەسىتى رامئاللا دوختۇرخانىسىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىكى بىر قەبرىستانلىققا قويۇلدى. ماشىنا توختىتىش مەيدانى قەبرىستانلىق بولۇپ قالدى، چۇنكى رامئاللانىڭ ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلىرىنىڭ ماشىنا توختىتىش ئويلىرىمۇ جەسەت بىلەن توشۇپ كەتكەچكە بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق.
سورېدانىڭ يولدىشى يۇزلىرى قان بىلەن بويالغان بولسىمۇ، بالىسىنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرغان ئايالىنىڭ «مۇراد» دەپ ئوزىنىڭ ئىسمىنى چاقىرغانلىقىنى مەڭگۇ ئۇنتۇيالمايدۇ.
مۇراد ئەسلەپ: كېچىدە ماشىنا ھەيدىگەچكە بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى سەل مۇگدەپ قالغان ئىدۇق، قېيناتامنىڭ ئويىگە 200 مىتىرچە قالغاندا ئىسرائىل ئەسكەرلىرى ئوق ئېتىپ بىزگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، مەن دەرھال ماشىنىدىن چۇشتۇم، ئارىلىقىمىز پەقەت بەش مىتىرلا قالغان ئىدى، دەل شۇ چاغدا مولدۇردەك ئوققا دۇچ كەلدۇق.
مۇرادنىڭ مۇرىسى، بوينىغا ئوق تەككەن ئىدى، ئۇ بىرنەچچە ئەسكەرنىڭ ماشىنىنىڭ ئىچىگە قاراپ قاقاقلاپ كۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئېنىق ئەسلىيەلىدى، چۇنكى ئايالى ئوق تېگىپ قان ئىچىدە ياردەمچىسىز ياتاتتى، مۇراد غايەت زور ئاغرىققا چىداپ بالىسىنى قۇچاقلىغىنىچە ماشىنىدىن چىققان بولسىمۇ بىر نەچچە قەدەم مېڭىپلا يىقىلدى، ئاندىن كۇچىنىڭ بېرىچە «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ توۋلىدى. قوشنىلاردىن بىرى ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بولغان بولسىمۇ ئىسرائىل ئەسكەرلىرى توسۇۋالدى. قېيناتىسى سالاھ ھاياتىغا تەۋەككۇل قىلىپ مىڭ تەستە كۇيوغلى بىلەن نەۋرىسىنى ئويگە ئېلىپ كىرىۋالدى، ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇلار ماشىنىنىڭ ئالدى ئورۇندۇقىدىن سورېدانىڭ مۇزلاپ كەتكەن جەسىتىنى تاپتى.


2-جىنايەت: ھاسا كۆتۇرگەن قېرى موماينى ئېتىپ تاشلاش

ئوتكەن بىر ھەپتىدە، ئىسرائىل ئارمىيىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار سورېدا بىلەنلا توختاپ قالمىدى. 4-ئاينىڭ 5-كۇنىگىچە 27 ئادەم رامئاللادا ئولتۇرۇلدى.
سورېدانىڭ قەبرىسى يېنىدىكى يەنە بىر جەسەت سەفران ئىسىملىك 50 نەچچە ياشلىق موماي ئىدى.
ئۇ ھاسىسىغا تايىنىپ رامئاللا دوختۇرخانىسىدىن چىقىۋاتقاندا ئىسرائىل ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئولتۇرۇلگەن. موماينىڭ ھەربىي ھالەتكە قارىماي دوختۇرخانىغا بېرىشى ئۇنىڭ چىدىغۇسىز ئاغرىۋاتقان پۇتىنى دوختۇرغا كورسىتىش ئۇچۇن ئىدى.
موماينىڭ رەھىمسىزلەرچە ئولتۇرۇلگەنلىكىنى ئاڭلىغان مەسئۇل دوختۇرى ئەھمەد خارىم ئازاپلانغان ھالدا: «موماي ئەمەلىيەتتە ئىسرائىل ئارمىيىسىگە ھېچقانداق خەۋپ ئەكەلمەيتتى» دىدى.
بىلھىلېم شەھرىدە ئىسرائىل ئارمىيىسى خىرىستىيان چىركاۋىنى قورشىۋالغاندا 200 چە پەلەستىن جەڭچىسى بۇ يەردە ئىدى، 4-ئاينىڭ2-كۇنى ئىسرائىل ئەسكەرلىرى پەلەستىن خەلق ئەسكەرلىرىنى قورشىۋالغاندىن كىيىن ئۇلار ئامالسىز چىركاۋغا كىرىپ پاناھلاندى، «ئەيسانىڭ تۇغۇلغان يېرى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ يەردە شۇنىڭدىن كىيىن تارىختا تۇنجى قېتىم قانلىق پاجىئە يۇز بەردى. ئىسرائىل تانكىلىرى ھەتتا چىركاۋدىكى مۇناخ-پوپلارغىمۇ ئاپتوماتنى قاراتتى.
رىم پاپاسى چىركاۋدىكى كىشىلەرگە فاكىس يوللاپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگارىنىڭ ياردىمىگە ئىشىنىپ دۇئا قىلىشقا تەۋسىيە قىلدى، ئىسرائىل تەرەپمۇ چىركاۋغا بېسىپ كىرىپ ھەربىي ھەرىكەت قوللانمايدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن بولسىمۇ، ئىچىدىكى كىشىلەر بۇنىڭ بىلەن ئامانلىققا ئېرىشەلمىدى.
6-كۇنى سەھەردە چىركاۋنىڭ ئىپىسكوپى فالتاس دەرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرماقچى بولغاندا ئوق تېگىپ ۋاپات بولدى. 69 ياشلىق مۇناخ ۋېنج: «مەن ھەربىرەيلەنگە بىر پارچىدىن بولكا تارقىتىپ بېرىشنى ئويلىغان بولساممۇ، چىركاۋدىكى يىمەكلىكلەر ناھايىتى ئاز بولغاچقا ھەرگىز يىتىشمەيتتى» دىدى.


3-جىنايەت: تېلىفۇننى باشقىلارغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئاغزىغا كاچاتلاش پەقەت كوڭۇل ئېچىش ئۇچۇن.

گەرچە بەزى كۇنلەر سەل تىنچ ئوتكەندەك تۇرسىمۇ، پەلەستىن ئاھالىلىرى پات ئارىدا كېلىدىغان قىيىنچىلىققا قارشى كۇرەش قىلىشى كېرەك. 4-ئاينىڭ 6-كۇنى رامئاللا شەھەر مەركىزىدىكى خىرىستوس چىركاۋى ئەتراپىدا زىياد ئائىلىسى ئۇلارنىڭ 19ياشلىق ئوغلى مەجىدنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۇتمەكتە ئىدى. 4-ئاينىڭ 2-كۇنى ئىسرائىل ئەسكەرلىرى ئويمۇ-ئوي ئاختۇرۇش داۋامىدا مەجىد، ئۇنىڭ دادىسى، يەنە بىر ئەرنى تۇتۇپ كەتكەن ئىدى.
بۇ ئەسكەرلەر ئىشىكتىن كىرىپلا: «سەنلەر خاماسنىڭ ئەزالىرى!» دەپ ۋارقىرىدى.
بىر قوشنا مۇنداق دىدى: «بىز تۇشمۇ تۇشتىن بىزنىڭ خىرىستىيان مۇرىتلىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتقان بولساقمۇ ئۇلار پىسەنت قىلمىدى»
مەجىدنىڭ ئاتىسى مۇھەممەد زىياد كىيىن قويۇۋىتىلدى، ئۇ 48 ياش، يېقىننى كۆرۇش كوزئەينىكى تاقىۋالغان بولۇپ، مۇخبىرلارغا مۇنۇلارنى سوزلەپ بەردى: «ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ھەربىر ئادەمنى ئۆيدىن چىقارغاندىن كىيىن ئەرلەر، ئاياللار، بالىلارنى ئايرىشتى. ئەرلەر ئىسرائىلىيە قوماندانلىق شىتابىغا ئېلىپ مېڭىلدى، بىر تانكا ئۇلارنى مۇھاپىزەت قىلىپ ماڭدى. كىيىن ھەممەيلەن كۆزلىرىمىز ئېتىلگەن ھالدا يېقىن ئەتراپتىكى بىر ھەربىي گازارمىدا سوراق قىلىندۇق. بۇ ۋاقىتتا ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك خورلاش تەلۋىلىرىگە ئايلانغان ئىدى، بىر ئەسكەر ھەتتا تېل-ئاۋىۋدىكى بىر دوستىغا تېلىفۇن بېرىپ: ‹ئاغىنە، بۇنى ئاڭلىغىن› دەپلا ئارىمىزدىكى بىرەيلەننىڭ ئاغزىغا قاتتىق ئۇردى، ئۇ كىشى ئازاپتىن ۋايجانلاپ كەتتى. ئاندىن ئۇ ئەسكەر دوستىغا: ‹ئاڭلىدىڭمۇ؟› دىگەندىن كىيىن قاقاقلاپ كۇلۇپ كەتتى. زىيادنىڭ قورسىقىمۇ خېلى كوپ مۇشقا دۇچ كەلدى. سوراق تۇگىگەندىن كىيىن ئۇ قويۇۋىتىلدى، ئاندىن يامغۇردا ئۈچ ئىنگىلىز مىلى يۇرۇپ ئويىگە قايتتى.


4-جىنايەت: پەلەستىن مائارىپ مىنىستىرلىكى بىناسىنى بومباردىمان قىلىش

4-ئاينىڭ2-كۇنى ئىسرائىلىيە تانكىلىرى ۋە تىك ئۇچارلىرى پەلەستىننىڭ بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش قوماندانلىق شىتاۋىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئورگان پەلەستىن ئۇچۇن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ. ئىچىدىكى خادىملارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن مەشىق ۋە قۇراللاندۇرۇلغان، خۇددى ئەنگىلىيە ھەربىي ئاخبارات 5-باشقارمىسىغا ئوخشايتتى. ئەگەر ئىسرائىلىيىنىڭ نىشانى تىرورچىلارنى تۇتۇش بولسا، بۇ بىنانى نىشانلاش پەقەتلا ئادەمنىڭ ئەقلىدىن ئۆتمەيتتى.
يەنە بىر قوشۇن رامئاللادىكى ھوكۇمەت بىناسىنى ۋەيران قىلدى. 4-ئاينىڭ 5-كۇنى پەلەستىن مائارىپ مىنىستىرى ئەبۇ خۇمۇس پۇتۇنلەي ۋەيران بولغان مىنىستىرلىك بىناسىغا قايتىپ كەلدى، ئۇ ئىسرائىل ئارمىيىسىنىڭ ئىشخانىلاردىكى بارلىق ئەسلىھەلەرنى نابۇت قىلغانلىقىنى بايقىدى.
گۆرۇگە ئېلىنغان بىر بىنا باشقۇرغۇچى خادىم: «ھەربىر ئوينىڭ ئالدىغا كەلگەندە مەن ئۇلارغا ئىچىدە ئادەم يوقلىقىنى دىگەن بولساممۇ يەنىلا مېنى كىرگۇزۇپ ئاندىن ئوزلىرى كىرىپ ۋەيران قىلىشتى» دىدى.
ئىشخانلارنىڭ ھەممە يېرى دىگۇدەك كاردىن چىققان كومپىيۇتېر زاپچاسلىرى، ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋىتىلگەن ئارخىپ-ماتىرىياللار بىلەن تولغان ئىدى. ھوكۇمەت بىناسىدىكى بىخەتەرلىك ساندۇقى ئېچىۋىتىلىپ، ئىچىدىكى 5800 فونت سىتىرلىڭ بايلىق يوقالغان.
ئەبۇ خۇمۇس مۇنداق دىدى: «مەن بۇ ۋەيرانچىلىقنى كۆرۇپ قاتتىق قايغۇردۇم، ئۇلار ئاختۇرماقچى بولسا مەن چۇشىنىمەن، لېكىن بۇنداق ئاختۇرماسلىق كېرەكتە. ئەگەر كىيىنكىلەر بۇ مەنزىرىنى كۆرسە مەن قانداقمۇ ئۇلارغا ‹تېنچلىق كېرەك، ئۇرۇش كېرەك ئەمەس› دەپ تەربىيە قىلالايمەن؟»
بىر مەيدان نېرىدىكى قانۇن چىقىرىش كومىتىتى بىناسىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا قالغان بولۇپ، بۇ ئورۇنلار نەچچە مىليون دوللار بىلەن ئاران پۇتكەن ئىدى.
شاروننىڭ پىلانى بەلكىم ئەرافاتنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ياكى يوقىتىپ، 10يىل بۇرۇنقى ھالەتكە - ئىسرائىل ئارمىيىسىنىڭ ئىشغال قىلىنغان رايونغا پۇتۇنلەي ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا قايتۇرماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن،
ئەينى چاغدا ئەرافاتتىن باشقا پەلەستىنلىك بۇ ئىشنى مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارىغان،
ھازىر نۇرغۇن كىشى شاروننى بەك يىراقلاپ كېتىپ كەينىگە يانالمايدىغان ھالەتكە كەپقالدى دەپ ئەنسىرەشكە باشلىدى.
مۇتەخەسىسلەر: «تۆمۇر زوڭلى شارون بايقىغان-بايقىمىغانلىقىدىن قەتئىنەزەر، ئۇ ھازىر ئىسرائىلىيىنى ئومۇميۇزلۇك ئۇرۇش پاتقىقىغا ئىتتىرىۋاتىدۇ» دەپ قاراشتى.
پەقەت ئۇنىڭ پەلەستىن خەلقىنى قانلىق باستۇرۇش سىياسىتى ئوزگەرمەيدىكەن، ئىسرائىلىيە چىگرىسى ئىچىدە ئادەم بومبا پارتلاشتىن توختىمايدۇ.
خەلققە تىنچلىق بولمىغان شۇ كۇنلەرنىڭ بىرىدە خەلقئارالىق ياكى دولەت ئىچىدىكى بېسىملار ھامان بۇ «قۇرغۇي شەخس»نى تەختتىن چۇشۇرىدۇ.

- گۇي لىياڭ
***********************

تولۇق ئوقۇش