2009年4月27日星期一

Isra'iliyening ghezzeghe uda huqum qilishigha néme seweb boldi?



ئىسرائىلىيىنىڭ غەززە رايونىغا ئۇدا ھەربىي زەربە بېرىشىگە نېمە سەۋەب بولدى؟


پەلەستىن جىددىي قۇتقۇزۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنى 2008-يىلى 1-مارت مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە قوشۇنى 2008-يىلى 1-مارت سەھەردىن باشلاپ غەززە رايونىغا يەنە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى، نەتىجىدە 68 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى، 200 نەچچە كىشى يارىلاندى. بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە بىر كۈندە پەلەستىنلىكلەر ئەڭ كۆپ تالاپەتكە ئۇچرىغان بىر قېتىملىق ھەرىكەت بولدى.

غەززە رايونى-ئىسرائىلىيىنىڭ غەربىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان تار ھەم ئۇزۇن رايون.
1994–يىلى 5-ئايدا پەلەستىن ئالدى بىلەن چەكلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان رايونلارنىڭ بىرى.
2005–يىل 8-ئاينىڭ 15–كۈنى ئىسرائىلىيە ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىپ، بۇ رايوندىن چېكىنگەن.
ئىسرائىلىيە بۇ رايوننى ئۇزاقتىن بۇيان قامال قىلىپ كەلگەچكە، غەززەلىكلەر ئىزچىل ئىنتايىن غۇربەتچىلىكتە ياشىغان.
شۇ سەۋەبتىن، بۇ جاي پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرى توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان رايونغا ئايلانغان.
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى(خاماس) ۋە ئىسلام غازات تەشكىلاتى قاتارلىق ئاساسلىق قوراللىق تەشكىلاتلارمۇ بۇ يەرگە يىغىلغان.

ئۇزاقتىن بۇيان، پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى(فاتاخ)نى ئاساسىي گەۋدە قىلغان پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىزچىل پەلەستىن خەلقىنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋەكىلى بولۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە بىلەن بىر قاتار تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن سۆھبەت ھەمراھى.
لېكىن، 2006–يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىن قانۇن چىقىرىش كومىتېتى سايلىمىدا، خاماس فاتاخنى يېڭىپ سايلامدا غەلىبە قىلدى.
1987–يىلى قۇرۇلغان خاماس ھاكىمىيەت بىلەن دىنىي ھوقۇقنى بىرلەشتۈرگەن رادىكال تەشكىلات، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىگە قارشى، ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.

خاماسنىڭ غەلىبە قىلىشى ئىسرائىلىيىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى دەرھال خاماس بىلەن سۆھبەتلەشمەسلىك، خاماس تەشكىللىگەن ياكى قاتناشقان پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلماسلىق ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلماسلىق پرىنسىپى تۇرغۇزدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى يەنە پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنى بىلەن سۆزلىشىشكە ئۈچ شەرت قويدى.
يەنى، خاماس قاتارلىق پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتلىرى زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشى، خاماس ئىسرائىلىيىنى يوقىتىش نىيىتىدىن يېنىشى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىمزالىغان تىنچلىق كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى شەرت.

خاماس ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ ئۈچ شەرتىنى رەت قىلغاچقا، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىزچىل بايقۇت قىلىندى ۋە قامال قىلىندى.
بولۇپمۇ 2007–يىلى 6-ئايدا خاماس غەززە رايونىنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە غەززەدىن باشقا جايلارغا تۇتۇشىدىغان بارلىق يوللارنى توسۇپ، ئۇنى قاتتىق قامال قىلدى، شۇنداقلا غەززەدىكى قوراللىق خادىملارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتتى.
2007-يىلى يىلى 9-ئايدا ئىسرائىلىيە خاماس كونتروللۇقىدىكى غەززە رايونىنى «دۈشمەن رايونى» دەپ جاكارلىدى.

2007–يىل 11-ئاينىڭ 27–كۈنى ئېچىلغان ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى توغرىسىدىكى خەلقئارا يىغىندا، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا كۆپ يىللار بولغان تىنچلىق مۇساپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنى ۋە پەلەستىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىش بىلەن بىللە، غەززە رايونىدىكى خاماس قاتارلىق قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرىغا ھەربىي زەربە بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇردى.

ئىسرائىلىيىنىڭ قامال قىلىشى ۋە ھەربىي زەربە بېرىشىگە قارىتا، پەلەستىن قوراللىق خادىملىرى ئىسرائىلىيە تەۋەسىدىكى نىشانلارغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلدى.
2008-يىلى 4-فېۋرال ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىدىكى دىمونا شەھىرى پىدائىيلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، خاماسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتى بۇ ۋەقەدە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2008-يىلى 6-فېۋرال خاماس تەۋەلىكىدىكى قوراللىق تەشكىلات «كاسان برىگادىسى» ئىسرائىلىيە تەۋەلىكىنى راكېتا ۋە مىناميوت بىلەن 31 قېتىم بومباردىمان قىلدى.
2008-يىلى 27–فېۋرال پەلەستىن قوراللىق خادىملىرى ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرگە يەنە 40 نەچچە راكېتا قويۇپ بەردى.
ئىسرائىلىيە بۇلارنى باھانە قىلىپ غەززە رايونىغا ئۇدا ھۇجۇم قىلىپ ئۆچ ئالدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى«شىنجاڭ گېزىتى»(2008-03-05)
*****************************************

没有评论:

发表评论