2009年4月27日星期一

Isra'iliye yene nime qilmaqchi?



ئىسرائىلىيە يەنە نىمە قىلماقچى؟


ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى: «لىۋان ئاللا پارتىيىسى تېررورلۇق تەشكىلات، ئۇلار غەززە رايونىغا ئىراندىن قورال توشۇپ ئىسرائىلىيىگە ھۇجۇم قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئىراننىڭ غەززە ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىش بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ رەھبىرى نەسىرۇللانى يوقىتىش زۆرۈردۇر» دېدى.

«ئەرەب تورى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانىياخۇنىڭ يېقىنى - ئىسرائىلىيە قاتناش مىنىستىرى خاتىن ئىسرائىلىيە ھەربىي دائىرىلىرى رادىئو ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «لىۋان ئاللا پارتىيىسى تېررورلۇق تەشكىلات، ئۇنى قورالسىزلاندۇرۇش كېرەك، بۇ تەشكىلات غەززە رايونىغا ئىراندىن قورال يۆتكەپ، پەلەستىندىكى ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىسرائىلىيىگە ھۇجۇم قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ، ئاللا پارتىيىسى ئىراننىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىپ، پەلەستىن ۋەزىيىتىگە قول تىقىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ، ھەر قانداق مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇرۇش قىلمىشىدۇر» دېدى.

ئىسرائىلىيە قاتناش مىنىستىرى خاتىن «خاماس» ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ھازىر غەززە رايونىنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان ‹خاماس› بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئويۇن قائىدىسى ئەمدى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىلىشى كېرەك، ‹خاماس›قا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا يېڭى سىياسەت پات يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، ئالدى بىلەن غەززە ۋە ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا پاسىل تام قوپۇرۇلىدۇ، غەززە رايونىغا ماددىي بۇيۇم توشۇش مەسئۇلىيىتىنى ئىسرائىلىيە ئەمەس، بەلكى مىسىر ئۈستىگە ئالىدۇ»
ئۇ يەنە: «بەزىلەر ‹خاماس›نىڭ ئىچكى قىسمىدا رەھبەرلەر سىياسىي رەھبەرلەر ۋە ھەربىي رەھبەرلەر، دەپ ئايرىلغان، دەۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ‹خاماس›نىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ئوخشاش، ھېچقانداق پەرق يوق، ‹خاماس›نىڭ بارلىق رەھبەرلىرى ئىسرائىلىيىگە راكېتا ئوقى ئاتقانلىق ۋە غەززەگە قورال يۆتكىگەنلىك ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى كېرەك» دەپ تەھدىت سالدى.

ئوتتۇرا شەرق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە: «خاتىن نېتانىياخۇنىڭ ئىشەنچلىك ئادىمى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىسرائىلىيە ئىچكى كابىنېتىدىكى يادرولۇق قاتتىق قول شەخس، ئۇنىڭ مۇشۇ پەيتتە ئاللا پارتىيىسىنىڭ رەھبىرىنى يوقىتىۋېتىش توغرىسىدا ئاشكارا سۆز قىلىشى، نېتانىياخۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا يېڭى قاتتىق سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېيىلدى.

«سۇمۇرغ تورى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى»(2009-04-17)
*****************************

没有评论:

发表评论