2009年4月28日星期二

Ereblerni dunyagha tonutuwatqan «eljezire»



ئەرەب دۇنياسىنى جاھانغا تونۇتۇۋاتقان قاتار «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى


سىز ئوتتۇرا شەرق رايونىدا خالىغان بىر كىشىدىن قايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ پروگراممىلىرىنى ياقتۇرىسىز، دەپ سورىسىڭىز، چوقۇم «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭكىنى، دەپ كەسكىن جاۋاب بېرىدۇ.
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باش شتابى قاتار پايتەختى دۇھادا بولۇپ، بىر قەۋەتلىك ئاددىي ئۆيلەرگە ئورۇنلاشقان، بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆرۈنۈشتە جۇڭگودىكى ناھىيە دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغىمۇ يەتمەيدۇ.

620 مىڭ نوپۇسى، 11 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىنى بار كىچىك دۆلەت قاتاردىكى بۇ يىل ئەمدىلا «13 ياش»قا كىرگەن، «ناھىيە» دەرىجىلىك بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھازىر دۇنيادا 65 مىليوندىن كۆپرەك كۆرۈرمەنى بار.
بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئافغانىستان ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىن لادىننىڭ سىنئالغۇسىنى بىرقانچە قېتىم مۇستەقىل كۆرسىتىپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان.
«دېڭىز قولتۇقىدىكىCNN »، «ئەرەبلەرنىڭBBC »سى دەپ تەرىپلەنگەن «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئوتتۇرا شەرقتىكى نامى چىقمىغان كىچىك دۆلەت قاتارنى جاھان ئەھلىگە بىراقلا تونۇتتى.

«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1996-يىلى شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن قۇرۇلغان.
ئۇزاق ئۆتمەي «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 24 سائەتلىك ئىنگلىزچە ئاخبارات قانىلى ئېچىلدى،
بۇ قانال «ئاخبارات قارالمىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلەيمىز» دېگەننى شوئار قىلىپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنى دۇنياغا يېقىنلاشتۇردى.
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 70 نەچچە دۆلەتتە مۇخبىرلار پونكىتى بار،
بۇ پونكىتلاردىكى مۇخبىرلار ھەر قانداق ۋەقەدە بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

يېقىنقى غەززە ئۇرۇشىدا، ئامېرىكىنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۆزگىچىرەك بولغانلىقتىن، غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىسرائىلىيە قوزغىغان بۇ ئۇرۇشتىن ساقلىنىشقا بەكرەك كۆڭۈل بۆلدى.
بىراق «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى غەززە ئۇرۇشىنى 24 سائەت ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىپ، غەززەنىڭ زادى قانداق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى پۈتكۈل دۇنياغا ئاشكارىلىدى.
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋەقەلەرنى ئەرەب دۇنياسى نۇقتىئىنەزەرى بويىچە خەۋەر قىلىپ، ئەرەب دۇنياسىنىڭ ۋاكالىتەن سۆزلىگۈچىسى بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئەرەب دۇنياسىنىڭ جامائەت مۇناسىۋىتى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى مۇخبىر ئىنگلىز تىلىدا راۋان سۆزلىشىدىغان، غەربلەشكەن ئەرەب زىيالىيلىرى.
دەسلەپكى مەزگىلدە، «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىBBC نىڭ ئوتتۇرا شەرق قانىلى تارقىتىۋېتىلگەن پۇرسەتتە ئۆزىنىڭ ئىختىساسلىقلىرىنى تولۇقلىدى.
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەمىر ھاماد ئەنگلىيىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيىنىڭ تېلېۋىزىيە تۈزۈلمىسىنى پىششىق بىلىدۇ ھەم بۇنى قوللايدۇ.

«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پروگراممىلارنى تۈزۈش ئەندىزىسىنى CNN ,BBC غا يېقىنلاشتۇرۇپ، نەق مەيداندا بىۋاسىتە ئاڭلىتىش، ئالدىنقى سەپتىكى مۇخبىر بىلەن ئالاقىلىشىش، 24 سائەت خەۋەر ئاڭلىتىشنى يولغا قويدى.
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ ئارتۇقچىلىقى بىلەن ناھايىتى تېزلىكتە غەرب بازىرىغا كىردى.
چۈنكى غەرب تاماشىبىنلىرى ئۆزلىرىگە تونۇش ئەندىزىنى قوبۇل قىلاتتى.
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى غەرب مۇخبىرلىرىدەك تەپەككۈر قىلىپ، مەسىلىلەرگە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ نۇقتىئىنەزەرى بويىچە قاراپ، دۇنيا ئەھلىگە مەسىلىلەرگە باھا بېرىشنىڭ باشقىچە يولىنى كۆرسەتتى.
بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىستانسىسىنىڭ كۆرۈرمەنلىرى ناھايىتى كۆپەيدى.

«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى «ئۆلۈشكە جۈرئەت قىلالايدىغان قوشۇن».
ئۇلار نۇرغۇن ئۇرۇشتا ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلىدى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى غەززە ئۇرۇشىدا، ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ئۇرۇش خەۋەرلىرىنى قاتتىق مەخپىي تۇتۇپ، ھەر قانداق چەتئەل مۇخبىرلىرىنى كىرگۈزمىدى.
ئەمما كۆرۈرمەنلەر «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پروگراممىلىرىدا ھەر كۈنى مۇخبىر ئېممان مورسېنيېدىننىڭ ئوق ئۆتمەس كىيىم كىيىپ، غەززەدىكى ئۇرۇش نەق مەيدانىنى ئەرەب ۋە ئىنگلىز تىلىدا ھەقىقىي خەۋەر قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، غەززە ئۇرۇشىدىن بۇيان، بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى كۆرۈش نىسبىتى ئالتە ھەسسىدىن، تور پونكىتلىرىنىڭ كۆرۈش نىسبىتى% 150 ئاشقان.

«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چەكلەنگەن رايونغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئەرەب دۇنياسىدا ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسى ساھەسىدىكى تۇيغۇن تېمىلارنى مۇھاكىمە قىلدى.
ھەتتا ئوخشىمىغان پىكىردىكى زاتلارنى زىيارەت قىلدى.
بۇ كۆپلىگەن كۆرۈرمەنلەرنى جەلپ قىلدى، يۇقىرى قاتلام زاتلىرىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتتى.

ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسىسى ما شياۋلىن دائىم «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇ جايغا بارىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھەر تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش جەھەتتە ناھايىتى ياخشى رول ئوينىدى، بۇ ئىستانسا ئىسرائىلىيە، پەلەستىن ۋەكىللىرىنى پروگراممىغا تەكلىپ قىلىپ، زىيارەت جەريانىنى ئۆز پېتىچە، راستچىللىق بىلەن كۆرسەتتى. بىراق چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىش ئۇسۇلىدا زور بەدەل تۆلىدى.
ئامېرىكا «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئاغزى»نى ئېتىشنى ئويلىدى،
ئەرەب دۇنياسىدىكى بەزى مۇتەئەسسىپ دۆلەتلەر «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئاڭلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقاردى،
ھەتتا «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى مۇخبىرلار پونكىتىنى تاقىدى.
ئەمما بۇلار «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى چەكلىيەلمىدى.
ئەكسچە دۇنياغا كەڭ تارقالغان يوشۇرۇن قورال بولۇپ قالدى.

قاتارنىڭ دۇنيا دىققىتىنى تارتىشى، بۇ جاينىڭ رايون، ھەتتا دۇنيا ئىشلىرىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

«شىنخۇا تورى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى»(2009-04-27)
*****************************************

تولۇق ئوقۇش

2009年4月27日星期一

Ottura sherqtiki asasliq milletler



ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاساسلىق مىللەتلەر


ئوتتۇرا شەرق رايۇنىنىڭ نۇپۇسى تەخمىنەن 490 مىليون ئەتراپىدا بۇلۇپ، چوڭ-كىچىك مىللەتتىن نەچچە ئونى بار.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئاساسى گەۋدە قىلغان، نۇپۇسى ئون مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەتلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

(1) ئەرەبلەر.
نوپۇسى تەخمىنەن 280 مىليون بۇلۇپ، ئاساسلىقى ئەرەب دۆلەتلىرىگە، يەنى ئەرەب ئىتىپاقىغا ئەزا 22 دۆلەتكە تارقالغان.

(2) تۈركلەر.
نوپۇسى تەخمىنەن 55 مىليون بۇلۇپ ،ئاساسلىقى تۈركىيە ۋە سىپروسقا جايلاشقان.

(3) پارسلار.
نوپۇسى تەخمىنەن 36 مىليون بولۇپ، ئاساسلىقى ئىراندا، پارس قولتۇغىدىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۈۋەيت، قاتار، بەھرەيىن قاتارلىق ئەرەپ دۆلەتلىرىدىمۇ بار.

(4) كوردلار،
نۇپۇسى تەخمىنەن 26 مىليون بولۇپ. ئاساسلىقى تۈركىيە، ئىران، ئىراق ۋە سۈرىيەگە تارقالغان.

(5) ئەزەربەيجانلار،
نوپۇسى تەخمىنەن 16مىليون بولۇپ، ئەزەربەيجان، ئىران ۋە تۈركىيەگە تارقالغان. ئۇلار ئىراندىكى 2-چوڭ مىللەت.

(6) پۇشتۇلار،
ئافغانىستاندىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت بۇلۇپ، تەخمىنەن 12 مىليون.

(7) بەربەرلەر،
نوپۇسى تەخمىنەن 14-25 مىليون دەپ خاتىرلەنگەن. ماراكەش، ئالجىرىيە، لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان.

(8) يەھۇدىلار، ئىسرائىلىيەدە تەخمىنەن 6 مىليون ئەتراپىدا.

ئوتتۇرا شەرقتە يەنە ئەرمەن، تۈركمەن، ئۆزبەك، تاجىك، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر بار.

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دىن ئېلىندى
*******************************

تولۇق ئوقۇش

Isra'iliye yene nime qilmaqchi?



ئىسرائىلىيە يەنە نىمە قىلماقچى؟


ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى: «لىۋان ئاللا پارتىيىسى تېررورلۇق تەشكىلات، ئۇلار غەززە رايونىغا ئىراندىن قورال توشۇپ ئىسرائىلىيىگە ھۇجۇم قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئىراننىڭ غەززە ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىش بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ رەھبىرى نەسىرۇللانى يوقىتىش زۆرۈردۇر» دېدى.

«ئەرەب تورى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانىياخۇنىڭ يېقىنى - ئىسرائىلىيە قاتناش مىنىستىرى خاتىن ئىسرائىلىيە ھەربىي دائىرىلىرى رادىئو ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «لىۋان ئاللا پارتىيىسى تېررورلۇق تەشكىلات، ئۇنى قورالسىزلاندۇرۇش كېرەك، بۇ تەشكىلات غەززە رايونىغا ئىراندىن قورال يۆتكەپ، پەلەستىندىكى ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىسرائىلىيىگە ھۇجۇم قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ، ئاللا پارتىيىسى ئىراننىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىپ، پەلەستىن ۋەزىيىتىگە قول تىقىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ، ھەر قانداق مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇرۇش قىلمىشىدۇر» دېدى.

ئىسرائىلىيە قاتناش مىنىستىرى خاتىن «خاماس» ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ھازىر غەززە رايونىنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان ‹خاماس› بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئويۇن قائىدىسى ئەمدى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىلىشى كېرەك، ‹خاماس›قا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا يېڭى سىياسەت پات يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، ئالدى بىلەن غەززە ۋە ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا پاسىل تام قوپۇرۇلىدۇ، غەززە رايونىغا ماددىي بۇيۇم توشۇش مەسئۇلىيىتىنى ئىسرائىلىيە ئەمەس، بەلكى مىسىر ئۈستىگە ئالىدۇ»
ئۇ يەنە: «بەزىلەر ‹خاماس›نىڭ ئىچكى قىسمىدا رەھبەرلەر سىياسىي رەھبەرلەر ۋە ھەربىي رەھبەرلەر، دەپ ئايرىلغان، دەۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ‹خاماس›نىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ئوخشاش، ھېچقانداق پەرق يوق، ‹خاماس›نىڭ بارلىق رەھبەرلىرى ئىسرائىلىيىگە راكېتا ئوقى ئاتقانلىق ۋە غەززەگە قورال يۆتكىگەنلىك ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى كېرەك» دەپ تەھدىت سالدى.

ئوتتۇرا شەرق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە: «خاتىن نېتانىياخۇنىڭ ئىشەنچلىك ئادىمى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىسرائىلىيە ئىچكى كابىنېتىدىكى يادرولۇق قاتتىق قول شەخس، ئۇنىڭ مۇشۇ پەيتتە ئاللا پارتىيىسىنىڭ رەھبىرىنى يوقىتىۋېتىش توغرىسىدا ئاشكارا سۆز قىلىشى، نېتانىياخۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا يېڭى قاتتىق سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېيىلدى.

«سۇمۇرغ تورى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى»(2009-04-17)
*****************************

تولۇق ئوقۇش

pelestinning dahisi-yasir erafat



پەلەستىننىڭ داھىسى-ياسىر ئەرافات


ئەرافاتنىڭ تۇلۇق ئىسمى-مۇھەممەد ئابدۇرەھمان ئابدۇرەئۇف ئەل قۇدۋا ئەل ھۇسەيىن ئەرافات.
مۇھەممەد ئابدۇرەھمان ئوزىنىڭ، ئابدۇرەئۇف دادىسىنىڭ، ئەرافات چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمىدۇر.
ئەرافات 1929-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۇنى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھرىدە پەلەستىنلىك بىر كۆچمەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن(بەزىلەر ئۇنى قۇددۇستا تۇغۇلدى دەپمۇ يېزىشىدۇ).
ئەرافات قاھىرە ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا 1948-يىلى ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىغا، 1949-يىلى غەززە ئۇرۇشىغا قاتناشقان.
1952-1956-يىللىرى ئارىسىدا ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى بولدى.
«ياسىر» دىگەن ئىسمىنى مۇشۇ يىللاردا ئىشلەتكەن.
ئەرافات پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقاندىن باشلاپ «ئەبۇ ئاممار» تەخەللۇسىنى قوللانغان.
ياسىر ئەرافات 1957-يىلى قۇرۇلۇش ئىنژىنىرى سۇپىتى بىلەن كۇۋەيىتكە كەلگەن.
ئەرافات كۇۋەيتتە 1958-يىلى «ئەل پەتىھ»(پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى)نى قۇرغان.
لىكىن ھىچ بىر ئەرەب دۆلىتىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمىگەن.
ئەرافات پەلەستىن خەلقىگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۇچۇن قۇراللىق كۇرەش قىلىشقا باشلىغان.
1964-يىلى ئىئوردانىيەگە كۆچۇپ كەلگەن.
ئىئوردانىيەدىن ئسرائىلىيەگە قارشى قوراللىق ھۇجۇملارنى قوزغىغان.
شۇنىڭ بىلەن پەلەستىن ئازاتلىقى ئۇچۇن كۇرەش قىلغۇچى بارلىق پائالىيەتچىلەر ئىئوردانىيەگە كىلىشكە باشلىغان.
ئىئوردانىيەنىڭ پادىشاھى ھۈسەيىن دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كوزدە تۇتۇپ، 1969-يىلى ئەرافاتنى باش مىنىستىرلىققا تەكلىپ قىلغان. لىكىن ئەرافات «مۇستەقىل پەلەستىن» غايىسى ئۇچۇن بۇ تەكلىپنى رەت قىلغان.

1970-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۇنى ئەرافاتنىڭ ئەسكەرلىرى دۇنيانىڭ بىر قانچە نوقتىسىدىن ئىئوردانىيەنىڭ پايتەختى ئۇممانغا 50 كىلومىتىر يىقىنلىقتىكى داۋسۇن ئايرىدۇرۇمىدىن بەش ئايرۇپىلاننى بۇلىغان ۋە يولۇچىلارنى چۈشۈرۋىتىپ ئايرۇپىلانلارنىڭ ھەممىسىگە ئوت قۇيىۋەتكەن.
بۇنىڭ بىلەن ياسىر ئەرافات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامىرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «خەلقئارالىق تېرورچى» دەپ ئىلان قىلىنغان.

1970-يىلى يىل ئاخىرىدا ئىئوردانىيە ئارمىيىسى ئەرافاتنىڭ 20 مىڭ كىشىلىك ئارمىيەسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ قاخشاتقۇچ زەربە بەرگەن.
بۇ ئۇرۇشتا ئەرافاتنىڭ ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى ئۆلگەن. بەش مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى يارىلانغان.
ئۇ قالغان ئەسكىرىي كۇچلىرىنى ئىلىپ لىۋانغا قىچىپ كەلدى.
شۇنداق قىلىپ ھاياتىدىكى ئەڭ زور ئەسكىرىي زەربە ئۆز مىللىتى بولغان ئەرەبلەردىن كەلگەن.

1972-يىلى ئەراپات رەھبەرلىكىدىكى پەلەستىن كۈچلىرى ئاۋىستىرىيەنىڭ ۋىينا شەھرىگە كىتىۋاتقان بىر يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنى گۆرۈگە ئىلىپ، ئسرائىلىيەنىڭ لۇد شەھرىگە قوندۇرغان ۋە 24 نەپەر يولۇچىنى ئۆلتۇرگەن.
نەتىجىدە بارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە ئەرافاتنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان.

1972-يىلى 9-ئايدا گىرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئولىمپىك يىغىنىدا ئەرافاتنىڭ ئادەملىرى 11 نەپەر ئسرائىلىيەلىك تەنھەركەتچىنى ئەسىرگە ئېلىپ ھەممىسىنى ئۆلتۇرۇۋەتكەن. بۇ ۋەقە تارىختا «قارا سىنتەبىر» نامى بىلەن مەشھۇر.
1982-يىلى لىۋان ئسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ئەرافات تۇنىسقا يەرلەشكەن.
1988-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۇنى ئەرافات «پەلەستىن دۆلىتى» قۇرۇلغانلىغىنى جاكالىغان ۋە دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلانغان.

1990-يىلىدىكى بىرىنچى قىتىملىق پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا سادام ھۈسەيىننى قوللىغان.
بىرىنچى قىتىملىق پارس قولتۇقى ئۇرۇشى ئىراقنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئەرافات مۆتىدىل سىياسەت قوللۇنۇپ، ئامىرىكا، ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋاستىچىلىقىدا ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلىغان.
1993-يىلى ئەراپات ئىسرائىلىيەنىڭ شۇ چاغدىكى باش مىنىستىرى ئىساك رابىن بىلەن «ئوسلۇ تىنچلىق كىلىشىمى»نى ئىمزالاپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئىوردان دەرياسىنىڭ غەربىي بىلەن غەززەدە پەلەستىن ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.
1994-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۇنى ئايرىلغىنىغا يىگىرمە يەتتە يىل بولغان پەلەستىن زىمىنىغا قايتىپ كېلىپ، پەلەستىن ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنى قۇرغان ۋە ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بولغان.
1994-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى پەلەستىن مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن قىلىش ئۈچۈن زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىپ، سىياسىي سۆھبەت يولىنى تاللىغانلىقى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە كىلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىغا تىگىشلىك تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئىساك رابىن ۋە ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شىمون پىرىس بىلەن بىللە «نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى»غا ئىرىشكەن.
2004-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۇنى 75 يىشىدا پارىژ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر ھەربىي دوختۇرخانىدا ۋاپات بولغان.

ياسىر ئەرافات ئۆزىنىڭ پەلەستىن ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۆرەش تارىخىدا، بىر «خەلقارالىق تېرورچى»دىن پەلەستىن ئىشلىرىنىڭ دۇنيادىكى قانۇنلۇق ۋەكىلىگە، ئاندىن «نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى»نىڭ ساھىبىغا ئايلانغان.
ياسىر ئەرافات بۇگۇنمۇ ئازاتلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ نەزەرىدە بىر بۈيۈك قەھرىمان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن ئىلھام ۋە جاسارەت مەنبەسى بولماقتا.

*************************

تولۇق ئوقۇش

Isra'iliyening ghezzeghe uda huqum qilishigha néme seweb boldi?



ئىسرائىلىيىنىڭ غەززە رايونىغا ئۇدا ھەربىي زەربە بېرىشىگە نېمە سەۋەب بولدى؟


پەلەستىن جىددىي قۇتقۇزۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنى 2008-يىلى 1-مارت مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە قوشۇنى 2008-يىلى 1-مارت سەھەردىن باشلاپ غەززە رايونىغا يەنە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى، نەتىجىدە 68 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى، 200 نەچچە كىشى يارىلاندى. بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە بىر كۈندە پەلەستىنلىكلەر ئەڭ كۆپ تالاپەتكە ئۇچرىغان بىر قېتىملىق ھەرىكەت بولدى.

غەززە رايونى-ئىسرائىلىيىنىڭ غەربىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان تار ھەم ئۇزۇن رايون.
1994–يىلى 5-ئايدا پەلەستىن ئالدى بىلەن چەكلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان رايونلارنىڭ بىرى.
2005–يىل 8-ئاينىڭ 15–كۈنى ئىسرائىلىيە ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىپ، بۇ رايوندىن چېكىنگەن.
ئىسرائىلىيە بۇ رايوننى ئۇزاقتىن بۇيان قامال قىلىپ كەلگەچكە، غەززەلىكلەر ئىزچىل ئىنتايىن غۇربەتچىلىكتە ياشىغان.
شۇ سەۋەبتىن، بۇ جاي پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرى توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان رايونغا ئايلانغان.
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى(خاماس) ۋە ئىسلام غازات تەشكىلاتى قاتارلىق ئاساسلىق قوراللىق تەشكىلاتلارمۇ بۇ يەرگە يىغىلغان.

ئۇزاقتىن بۇيان، پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى(فاتاخ)نى ئاساسىي گەۋدە قىلغان پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىزچىل پەلەستىن خەلقىنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋەكىلى بولۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە بىلەن بىر قاتار تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن سۆھبەت ھەمراھى.
لېكىن، 2006–يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىن قانۇن چىقىرىش كومىتېتى سايلىمىدا، خاماس فاتاخنى يېڭىپ سايلامدا غەلىبە قىلدى.
1987–يىلى قۇرۇلغان خاماس ھاكىمىيەت بىلەن دىنىي ھوقۇقنى بىرلەشتۈرگەن رادىكال تەشكىلات، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىگە قارشى، ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.

خاماسنىڭ غەلىبە قىلىشى ئىسرائىلىيىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى دەرھال خاماس بىلەن سۆھبەتلەشمەسلىك، خاماس تەشكىللىگەن ياكى قاتناشقان پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلماسلىق ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلماسلىق پرىنسىپى تۇرغۇزدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى يەنە پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنى بىلەن سۆزلىشىشكە ئۈچ شەرت قويدى.
يەنى، خاماس قاتارلىق پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتلىرى زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشى، خاماس ئىسرائىلىيىنى يوقىتىش نىيىتىدىن يېنىشى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىمزالىغان تىنچلىق كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى شەرت.

خاماس ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ ئۈچ شەرتىنى رەت قىلغاچقا، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىزچىل بايقۇت قىلىندى ۋە قامال قىلىندى.
بولۇپمۇ 2007–يىلى 6-ئايدا خاماس غەززە رايونىنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە غەززەدىن باشقا جايلارغا تۇتۇشىدىغان بارلىق يوللارنى توسۇپ، ئۇنى قاتتىق قامال قىلدى، شۇنداقلا غەززەدىكى قوراللىق خادىملارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتتى.
2007-يىلى يىلى 9-ئايدا ئىسرائىلىيە خاماس كونتروللۇقىدىكى غەززە رايونىنى «دۈشمەن رايونى» دەپ جاكارلىدى.

2007–يىل 11-ئاينىڭ 27–كۈنى ئېچىلغان ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى توغرىسىدىكى خەلقئارا يىغىندا، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا كۆپ يىللار بولغان تىنچلىق مۇساپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنى ۋە پەلەستىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىش بىلەن بىللە، غەززە رايونىدىكى خاماس قاتارلىق قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرىغا ھەربىي زەربە بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇردى.

ئىسرائىلىيىنىڭ قامال قىلىشى ۋە ھەربىي زەربە بېرىشىگە قارىتا، پەلەستىن قوراللىق خادىملىرى ئىسرائىلىيە تەۋەسىدىكى نىشانلارغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلدى.
2008-يىلى 4-فېۋرال ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىدىكى دىمونا شەھىرى پىدائىيلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، خاماسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتى بۇ ۋەقەدە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2008-يىلى 6-فېۋرال خاماس تەۋەلىكىدىكى قوراللىق تەشكىلات «كاسان برىگادىسى» ئىسرائىلىيە تەۋەلىكىنى راكېتا ۋە مىناميوت بىلەن 31 قېتىم بومباردىمان قىلدى.
2008-يىلى 27–فېۋرال پەلەستىن قوراللىق خادىملىرى ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرگە يەنە 40 نەچچە راكېتا قويۇپ بەردى.
ئىسرائىلىيە بۇلارنى باھانە قىلىپ غەززە رايونىغا ئۇدا ھۇجۇم قىلىپ ئۆچ ئالدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى«شىنجاڭ گېزىتى»(2008-03-05)
*****************************************

تولۇق ئوقۇش

2009年4月11日星期六

Amérikining ottura sherq yéngi siyasiti


Amérika ottura sherq yéngi siyasitini yolgha qoyushni bashlidi


Amérikining dölet katipi hilari klinton 2009-yili 1-mart ottura sherq we yawropadiki ziyaritini bashlidi.
Ottura sherqte, u misir, isra'iliye we pelestinni ziyaret qildi.
Ghezzeni qayta qurush xelq'ara yighinigha qatnishishtin bashqa, uning bu qétimqi sepiridiki yene bir muhim nuqta pelestin-isra'iliye tinchliq söhbitini ilgiri sürüsh.
Ottura sherqtiki axbarat wasitiliride: «hilarining bu qétimqi ziyaritining meqsiti- obama hökümitining ottura sherq yéngi siyasitige alaqidar wedisini emelge ashurush» dep qaraldi.

Obama saylam riqabitide, u aqsaraygha kirgendin kéyin eng awwal pelestin-isra'iliye tinchliq söhbitini ilgiri süridighanliqini éytqanidi, ottura sherq jama'etchiliki buni qollidi, emma ular yene obamaning peqet shundaqla dep qoyghan bolushidinmu ensiridi. Amérika pul mu'amile krizisi patqiqigha chongqur patqanliqtin, aqsarayning yéngi rehberlik benzisi téximu köp zéhnini ichki iqtisadqa qaritishqa mejbur boldi hem tashqi istratégiyisini tedrijiy taraytti, shunga obamaning ottura sherq ishlirini ish küntertipining eng aldigha qoyushigha amal bolmay qaldi.

Hazirqi ehwaldin qarighanda, obama iqtisadqa türtke bolushning bir qatar layihilirini otturigha qoyush bilen bille, özining ottura sherq yéngi siyasiti wedisini untup qalmighandek qilidu, héchbolmighanda u ottura sherq mesililirini hel qilishni ilgiri süridighanliqini xalaydighanliqini bildürdi.
Obama bu yil 2-ayning axiridin kéler yil 8-ayning axiridin ilgiri iraqtin esker chékindürüsh yéngi istratégiyisini tamamlaydighanliqini jakarlighandin kéyin, hazir yene dölet katipi hilarini pelestin we isra'iliyige ziyaretke ewetti.
Omumiy jehettin qarighanda, amérikining ottura sherqtiki tüp menpe'itini qoghdap, amérikining rayon ishliridiki rehberlik orni we sözlesh hoquqini mustehkemlesh- obama hökümitining ottura sherq diplomatiyisini kücheytishtiki istratégiyilik oylinishi, shundaqla uning ottura sherq yéngi siyasitining yadrosi we chiqish nuqtisi.

Qisqisi, obamaning ottura sherq yéngi siyasiti asasliqi töwendikidek alahidiliklerge ige:

Birinchi, «özgirish» kozirini dawamliq otturigha tashlap, ottura sherq mesiliside yéngiliq yaritishqa tiriship, amérikining obrazini eslige keltürüsh. Obama nisbeten yumshaq siyaset qollinip, ottura sherqte amérikining obrazini qaytidin tiklep, özining tesir küchini ashurushi mumkin. Bu hem obama teshebbus qiliwatqan «özgirish» chaqiriqi bilen birdek.

Ikkinchi, ottura sherqni bir pütün gewde qilip, iraqtin esker chékindürüsh bilen bille, pelestin-isra'iliyining tinchliq söhbitide ilgirileshni qolgha keltürüsh, shundaqla ottura sherqtiki barliq döletler bilen bolghan uchrishishning muhimliqini tekitlesh. Bu meqsetke yétish üchün, obamaning kelgüside ottura sherqqe bolghan diplomatiye we siyasiy sélinmini ashurushi éhtimalgha intayin yéqin. Obama amérika «téximu aqilane, téximu uzaq we omumyüzlük yol» üstide izdinishke mohtaj, dep tekitlidi, iraq we ottura sherq bixeterlikige kapaletlik qilish üchün, amérika iran we suriye qatarliq döletler bilen omumyüzlük munasiwet baghlishi kérek. Körüwélishqa boliduki, ottura sherq mesilisini her qaysi qatlamlardin ilgiri sürüsh amérika yéngi hökümiti izdinidighan bir yéngi nishan'gha aylan'ghandek qilidu.

Üchinchi, yekkichilikni ajizlashturup, ottura sherq ishlirigha köp terepni qatnashturush. Obama amérikining ottura sherq ishliridiki ilgiriki sawaqlardin ibret élip, amérikining pelestin-isra'iliye ishliridiki yétekchilik hoquqini aldinqi shert qilghan halda, bashqa her qaysi tereplerning qatnishishigha tebi'iy keng qorsaq bolup, ottura sherq qiyin mesililirini birliship hel qilish üstide izdendi. Yéqinda, amérikining rosiye we yawropa ittipaqi yuqiri derijilik emeldarlirining ottura sherqte köplep ziyarette bolushini qarshi alghanliqi bu nuqtini chüshendüridu.
Ottura sherq jama'etchiliki hilarining ottura sherq sepirige belgilik ümid baghlidi, emma qismen mutexessisler yene mundaq eskertti: obamaning ottura sherq yéngi siyasiti téxi emdila bashlandi, uni yene közitishke toghra kélidu. Pelestin-isra'iliye mesilisining yiltizi chongqur, shunga uni ilgiri sürüshte choqum pishshiq siyasiy eqil-paraset shundaqla qet'iy sewrchanliq we keng qorsaqliq bolushi kérek, buningdin sirt yene weziyetni mölcherlep, küchesh nuqtisini toghra tépishqa toghra kélidu. Bu dölet katipi hilarining bir-ikki qétimliq ziyariti bilenla hel bolidighan ishlar emes.

Shinxua agéntliqi we «shinjang géziti»(2009-03-08)
**********************************************

تولۇق ئوقۇش

Fayizning istipa bérishining paydisi barmu?


Fayizning istipa bérishi pelestinning ichki qismidiki yarishishqa türtke bolarmu?


Pelestin ötkünchi hökümitining zunglisi fayiz 2009-yili 7-mart tusattin pelestin milliy hakimiyet orginining re'isi abbasqa istépaname sunup, pelestinning ichki qismidiki yarishishqa shara'it yaritish üchün mushundaq qarargha kelgenlikini éytti.
Tehlilchiler: «fayiz yéngi nöwetlik yarishish söhbiti bashlinishqa üch kün qalghanda istépaname sundi, buning simowolluq ehmiyiti emeliy ehmiyitidinmu zor bolushi mumkin» déyishti.
Pelestin ötkünchi hökümitining zungli ishxanisi élan qilghan bayanatta éytilishiche: «fayizning istépa bérishi 2009-yili 10-mart qahirede ötküzülidighan pelestin ichki yarishish söhbitige shara'it yaritish üchün iken»
Bayanatta mundaq déyilgen: «pelestin ichki yarishish söhbiti pelestindiki hazirqi bölünmichilikke xatime béridighan qimmetlik purset, uni pelestinning ichki qismidiki yarishish we ittipaqliqni emelge ashurushning mustehkem asasi qilish kérek»
Bayanatta mundaq déyilgen: «eger pelestin birleshme milliy hökümiti qurulsa, fayizning istépanamisi derhal küchke ige bolidu, nawada martning axirighiche birleshme hökümet yenila qurulmisa, fayiz istépa bermeydu»
Fayiz istépaname sun'ghandin kéyin abbas ipade bildürüp: «fayiz we u rehberlikidiki ötkünchi hökümetning istépa bérishi pelestinning ichki yarishish söhbitini ilgiri sürüshke paydiliq» dédi.
Abbas pelestin birleshme milliy hökümitining mushu ayning axirighiche qurulushini ümid qilidighanliqini bildürdi, shuning bilen bille yene fayizning pelestin ichki yarishish söhbiti ünümge érishküche dawamliq wezipe ötüshini ümid qildi.
Tehlilchiler omumyüzlük mundaq qaridi: «fayizning istépaname sunushi pelestin ichki yarishish söhbitining yene bir muhim achquchluq peytke kiridighanliqidin dérek béridu, u abbas rehberlikidiki i'ordan deryasining gherbiy qirghiqidiki «hakimiyet»ning yarishish semimiyitini bildürüsh üchün töligen bedili, shundaqla xamasqa bésim ishlitip, uni yarishish söhbitide muresse qilishqa ündesh üchündur»
Hazirqi ehwaldin qarighanda, xamasning fayizning istépaname sun'ghanliqigha qayturghan inkasi anche ijabiy bolmighan, gerche «qarshi alidighanliqi»ni bildürgen bolsimu, shuning bilen bille yene, fayiz ötkünchi hökümiti bashlinishidila «qanunsiz» idi, uning istépa sorishi pelestin ichki yarishish söhbiti bilen munasiwetsiz, dep tekitlidi.
Gherbiy qirghaq we ghezzediki tehlilchiler mundaq qaridi: fayiz we uning hökümitining istépa bérishining yarishish söhbiti üchün emeliy ehmiyiti anche zor emes. Isra'iliyining «qoghushun quyush» herbiy herikitidin kéyin, xelq'ara jem'iyet ghezzege 5 milyard dollardin artuq yardem bérimiz, dep wede qilghan bolsimu, yardemni qandaq bérish qiyin mesilige aylandi: bir tereptin, xamas gerche ghezzeni kontrol qiliwalghan bolsimu, xelq'ara jem'iyetning omumyüzlük étirap qilishigha érishelmidi; Yene bir tereptin, xamas qatnashmisa ghezzeni qayta qurush pilani we türlirini yolgha qoyghili bolmaydu. Shundaq bolghachqa, ikki terep yariship yéngi milliy birleshme hökümet qurush üstide izdinishke mejbur boldi.

Shinxua agéntliqi we «shinjang géziti»(2009-03-17)
***************************************************

تولۇق ئوقۇش

Shalitni qutquzushtiki tengqischiliq


Shalitni qutquzushtiki tengqischiliq


2009-yili 21-mart isra'iliye eskiri shalitning esirge chüshkinige 1000 kün boldi. Üch yildin buyan isra'iliye hökümiti uni qutquzushqa barliq zéhnini serp qildi. Isra'iliye ammisi her terepke qatrap muraji'et qilsimu, ünümi bolmidi. Shalitning ehwali isra'iliyining pelestin bilen bolghan tinchliq mesiliside tengqisliqta qalghanliqini körsitip berdi.
2006-yili 6-ayda ghezze rayonidiki pelestin qoralliq küchliri chégridin ötüp tuyuqsiz hujum qilish herikitide, isra'iliye eskiri shalitni qolgha aldi, islam qarshiliq körsitish herikiti(xamas)ni öz ichige alghan pelestindiki köpligen guruhlar bu heriketke qatnashti. Xamas isra'iliyidin qamaqtiki 1450 pelestinlikning ornigha shalitni almashturushni telep qildi, buning ichide ölüwélish xaraktérlik hujum yaki bashqa hujum heriketlirige yétekchilik qilghan yaki qatnashqan 450 pelestinlik bar.

Shuningdin kéyin, isra'iliye shalitni qutquzush üchün bir tereptin ghezzege nurghun qétim herbiy heriket qollinip, xamasqa bésim ishletken, yene bir tereptin, pelestin bilen köp qétim wasitilik söhbet ötküzgen bolsimu, ikkila xil wasite ünüm bermidi. Isra'iliyining dölet mudapi'e ministiri barak bulturning axirida isra'iliye armiyisi ghezzege qozghighan «qoghushun quyush herikiti»diki nishanlarning biri shalitni qutquzush ikenlikini étirap qildi, lékin bu nishan'gha yételmidi.

Isra'iliye jeng qilipmu, söhbet ötküzüpmu shalitni qayturup kélelmidi. Bu, isra'iliyining pelestin bilen bolghan tinchliq söhbitide tengqisliqta qalghanliqining ixcham körünüshi. Bir tereptin, isra'iliye herbiy wasite arqiliq xamasni meghlup qilalmidi; Yene bir tereptin, herxil sewebler tüpeylidin, isra'iliye yene xamas bilen biwasite yaki wasitilik söhbet ötküzgende mahiyetlik yol qoyushni, mesilen: ghezze rayonigha qaratqan qamalni emeldin qaldurushni xalimidi.
Xamasning nuqtisidin qarighanda, meyli jeng qilsun yaki söhbet ötküzsun, özining taqabil turush charisi bar. Jeng qilghanda pütünley ghelibe qilish tes bolsimu, özini qoghdap qélishtin ensirmeydu; Söhbet ötküzgende herikitini jimjitliq bilen ipadilise bolidu, némila dégen bilen shalit xamasning qolida, ghezze rayonimu emeliy kontrolluqida. Xamas heqiqiy nepke érishmeydiken, hergiz yol qoymaydu.
Isra'iliye bilen xamas arisidiki mesililerdin bashqa, isra'iliye bilen pelestin arisida yene chégra ayrish, yérusalémning teweliki, pelestin musapirlirining qaytip kélishi, yehudiylar mehellisining kéngiyishi, su bayliqini teqsimlesh qatarliq birqatar qiyin mesililer bar. Bu amillar isra'iliye-pelestin tinchliq musapisining müshkül, asta bolushini belgilidi.
Shek-shübhisizki, shalitning ötken üch yildiki kechürmishliri qarshilishishning mesilini hel qilalmayla qalmay, ehwalni téximu yamanlashturuwétidighanliqini ispatlidi.

Menbe: «shinjang géziti»(2009-03-30)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

تولۇق ئوقۇش

Türkiye bilen iraqning yéqinlishishining sewebi


Türkiye bilen iraqning qaytidin yéqinlishishining sewebi bar


Türkiye zungtungi gül 2009-yili 24-mart iraqtiki ikki künlük ziyaritini axirlashturdi. Bu türkiye dölet rehbirining 33 yildin buyan iraqni tunji qétim ziyaret qilishi. Türkiye bilen iraqning zungliliri bultur öz'ara ziyaretni bashlighanidi. Iraq zungtungi talabani 2008-yili we 2009-yili 3-ayda türkiyini ikki qétim ziyaret qildi.
Bu qétimqi ziyarette, türkiye eng köngül bölidighan mesile yenila iraq hökümitining iraqning shimalidiki kurdlar rayonini ishghal qiliwalghan türkiye kurd ishchilar partiyisi qoralliq unsurlirining chégridin ötüp türkiyige hujum qilishini qandaq tosushi boldi. Iraq bolsa, türkiyining deryaning yuqiri éqinidiki dölet bolush süpiti bilen ifrat deryasi we tigris deryasining iraq chégrisidin ötidighan su bayliqini qandaq teqsimlishige bekrek köngül böldi.
Iraq zungtungi talabani mundaq dédi: iraqning shimalidiki türkiye kurd ishchilar partiyisining ya qoral tashlash, ya iraq zéminidin chiqip kétishtin ibaret ikki tallishi bar. Bu hazirgha qeder iraqning yuqiri qatlam rehberlirining kurd ishchilar partiyisi mesilisige tutqan eng qattiq pozitsiyisi. Biraq kurd millitidin bolghan talabanining türkiye hökümitining kurdlar mesilisige alaqidar siyasitini qollishi hergizmu shertsiz emes. Talabani mushu ayda türkiyini ziyaret qilghanda, türkiye hökümitining kurd ishchilar partiyisining ezalirini alahide kechürüm qilip, kurdlarning özining milliy medeniyitige ige bolushigha ruxset qilishini muraji'et qildi.
Türkiye zungtungi gül mundaq tekitlidi: türkiye bilen iraq arisidiki barliq mesililerni, bolupmu kurd ishchilar partiyisi mesilisini choqum hel qilidighan waqit keldi. Xewerlerde déyilishiche, gül bu qétim baghdadni ziyaret qilghanda, kurd ishchilar partiyisi mesilisini hel qilishni ikki döletning barliq sahediki hemkarliqining aldinqi sherti qilghan.
Énérgiye bayliqi kemchil bolghan türkiye her yili iraqtiki kirkuktin türkiyining chéyxan portighiche bolghan néfit we tebi'iy gaz turubisidin iraqning köp miqdardiki énérgiyisige ige bolidu. Iraq éhtiyajliq bolghan ifrat deryasi we tigris deryasining süyi türkiyidin bashlinidu. Iraq kelgüsidiki qayta qurushta éhtiyajliq bolghan sana'et, yéza igiliki we turmushqa ishlitilidighan sugha kapaletlik qilish üchün, türkiye bilen su teqsimlesh kélishimi imzalashqa jiddiy éhtiyajliq.
Talash-tartish, ixtilaplarni qandaq bir terep qilip, hemkarlishish üchün shara'it yaritish türkiye-iraq rehberlirining eqil-parasitini sinaydighan bir qiyin mesilige aylandi.

«xelq géziti»din we «shinjang géziti»(2009-03-31)
***************************************

تولۇق ئوقۇش

Ottura sherqtiki krizisida turuwatqan döletler


Ottura sherqtiki pul mu'amile krizisida turuwatqan néfit ishlepchiqarghuchi döletler


Bultur 9-ayda xelq'arada pul mu'amile krizisi omumyüzlük partlighandin buyan, ottura sherqtiki asasliq néfit ishlep chiqiridighan se'udi erebistani, ereb birleshme xelipiliki, kuweyt qatarliq döletler dunya iqtisadining chékinishi élip kelgen tehditni künséri hés qildi. Pul mu'amile krizisining emeliy gewde iqtisadigha tedrijiy singip kirishige egiship, ottura sherq dunyadiki néfit ishlep chiqiridighan rayon bolush süpiti bilen, néfitqa bolghan éhtiyaj töwenlesh we néfit bahasi birdinla chüshüp kétishning éghir zerbisige uchridi.
Ereb chetke néfit chiqarghuchi döletler teshkilati OAPEC ning bu yilning béshida élan qilghan doklatqa qarighanda, her bir tung néfit bahasi bir dollar chüshse, ereb döletlirining yilliq néfit kirimi 4 milyard dollardin köprek kémiyidiken. Se'udi erebistani ereb dunyasidiki eng chong iqtisadiy gewde, néfit mehsulati miqdari dunyaning aldinqi qatarida turidu. Hazir, néfit éksport kirimi se'udi erebistani éksport omumiy sommisining %88 ini igilep, se'udi erebistani hökümiti xam chot kirimining %87 ini igileydu. Xelq'arada néfit bahasi bultur 7 –aydiki herbir tungi texminen 147 dollardin hazirqi texminen 50 dollargha chüshüp qalghanliqtin, se'udi erebistanining 2009-yilidiki hökümet maliyiside xéli zor kölemde qizil reqem körüldi. Shuning bilen bille, se'udi erebistani iqtisadining éshish sür'itimu körünerlik astilidi.
Néfit kirimining aziyishi hökümetning maliye kirimige tesir körsitipla qalmay, yene se'udi erebistanining néfit kespide ul eslihelerge yéterlik meblegh sélinmasliqni keltürüp chiqardi. Se'udi erebistani hökümitining statistika qilishiche, néfit kespide ul eslihe qurulushigha 400 milyard dollar meblegh sélishqa toghra kélidiken.
Pul mu'amile krizisining tesiri tüpeylidin, ereb birleshme xelipilikining néfit kirimi bulturqining oxshash mezgilidikidin köp azlidi. Mölcherlinishiche, 2009-yili bu döletning hökümet maliyiside qizil reqem körülüp, iqtisadning éshish nisbiti 2008-yilidiki %7.5 tin %3.1 ke chüshüshi mumkin iken. Ereb birleshme xelipilikide pul mu'amile bazarliri keng échiwétilgenliktin, kapitalning sirtqa éqip kétishini kontrol qilish teske toxtighan. Hazir pay bahasining chüshüshi ottura sherq döletliri ichide aldinqi orunda turidiken.
Kuweyt néfit éksport qilghuchi döletler teshkilatidiki néfit ishlep chiqiridighan muhim döletlerning biri. Pul mu'amile krizisi omumyüzlük partlighandin buyan, kuweytte pay bazirining bazar qimmiti zor hejimde töwenligenliktin, ottura, kichik paychilar éghir ziyan'gha uchridi. Kuweyttiki 2-chong soda bankisi- pars qoltuqi bankisi chet eldiki pul mu'amile hasiliy mehsulat sodisida éghir ziyan tartqanliqtin, bu bankining tor nuqtilirida pul amanet qoyghuchilar qista-qistangchiliqta pul tégishish ehwali körüldi. Bultur 3-aydin yil axirighiche, kuweytning igilik hoquqluq bayliq fondi pul mu'amile krizisi sewebidin 31 milyard dollar ziyan tartti. Shuning bilen bille, xelq'arada néfit bahasi birdinla chüshüp ketkenliktin, kuweytning maliye kirimi zor derijide azlap ketti.
Ottura sherqtiki néfit ishlep chiqiridighan döletler iqtisadni janlandurush üchün, maliyini janlandurush aktip siyasetlirini arqa-arqidin yolgha qoydi. Buning ichide se'udi erebistanining tesis qilghan 2009-yilidiki maliye xam choti 126 milyard 700 milyon dollar bolup, bulturqining oxshash mezgilidikidin %16 köpeydi, hökümet yene shexsiyler we chet elning meblegh sélishi yéterlik bolmasliq ehwalini toluqlash üchün, kelgüsi besh yilda ul eslihe qurulushigha 400 milyard dollar meblegh sélish pilanini otturigha qoydi. Ereb birleshme xelipiliki merkiziy hökümiti bu yil 3-ayning béshida dölet karxanilirining 2009-yili mudditi toshidighan qerzlirini qayturushi üchün, dubeyge 10 milyard dollar qerz berdi.
Buningdin sirt, kuweyt bulturning axirida iqtisadni muqimlashturush boyiche jiddiy ehwalgha taqabil turush guruppisi qurdi hem dölet iqtisadining chékinip kétishidin saqlinish üchün, omumiy sommisi 5 milyard dollarliq iqtisadni janlandurush layihisi tüzdi.

Shinxua agéntliqi, «shinjang géziti»(2009-04-01)
*************************************************

تولۇق ئوقۇش