显示标签为“پەلەستىن مەسىلىسى”的博文。显示所有博文
显示标签为“پەلەستىن مەسىلىسى”的博文。显示所有博文

2009年1月23日星期五

«ereblerning chigish noqtisi»

ئىخچام



«ئەرەبلەرنىڭ چىگىش نوقتىسى»


Updated 15.01.2009 20:40:10 UTC


م 2008- يىلى 27 – دېكابىردىن ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيىنىڭ غەززەگە قوزغىغان ھۇجۇمى نەتىجىسدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1000 دىن، يارىدار بولغانلار سانى بولسا نەچچە مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ ۋاسىتىلىك تەرەپتدارلىرى ئامېرىكا ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدۇر. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا رۇخسەت بەرگەندىن كېيىن، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ قانلىق ئۇرۇشتىن جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسرائىلىيىدىن بۇ ئۇرۇشنى بۇرۇنراق توختىتىشنى ئۆتۈنگەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. ئەمما. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئىسرائىلىيە ھاماسنىڭ راكېتا ھۇجۇملىرىنى باھانە قىلىپ، غەززە خەلقىگە ھاماسنىڭ كېلەر قېتىملىق سايلامدا ھۆكۈمەت بېىشىغا چىقىشىغا ئاۋاز بېرىشىنى توختىتىشىنى، ئەگەر ئەكسىچە بولغاندا كېرەكلىك ساۋاق بېرىدىغانلىقىنى جار سېلىپ، ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلماقتا.

تۆۋەندە ھەيدەر چاقماقنىڭ بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

ئىسرائىلىيە، پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتىغا رەقىب پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئۆز قولى بىلەن قۇرۇپ چىققان ۋە كەڭ يول ئېچىپ بەرگەن ھاماسنىڭ بۇنچىلىك دەرىجىدە چوڭىيىپ كېتىشىنى مۆلچەرلىيەلمىگەنلىكىتىن، يەنى چوتنى خام سوققانلىقتىن ھازىرچە ھاماسنى پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتىغا قارىشى كۈچ سۈپىتىدە تۇرغۇزۇپ، ھەققىي مەنىدىكى تەسىر كۈچگە ئىگە قىلماسلىقتىن ئىبارەت سىياسىي پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا ئورۇنماقتا. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئەللىرىمۇ ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ سىياسىتىنى مۇۋاپىق دەپ قارىماقتا.

ئەرەبلەر، ئىسرائىلىيە بىلەن 1948-،1958-،1967- ۋە 1973- يىللىرى بولۇپ جەمئى تۆت قېتىم ئۇرۇش قىلدى ۋە ھەر قېتىمقى ئۇرۇشتا ئۆز زېمىنىدىن قەدەممۇ قەدەم ئايرىلىپ قالدى. ئىسرائىلىيە قۇرۇلغاندىن بۇيان، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بەرگەندىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇردى. لېكىن، بۇ توقۇنۇشلاردا ئەرەبلەر ھەر دائىم يېڭىلىپ قالدى.
1973- يىلىدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن ئەرەبلەر، ئىسرائىلىيىگە يالغۇز تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇرۇش تاكتىكىسى بىلەن بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتى.
نەتىجىدە، مۆتىدىل ئەرەب دۆلەتلىرى ئۈچ يول يەنى ئۈچ ئسىتىراتىگىينى سىناق قىلىپ باقتى،
بۇلارنىڭ بىرىنچىسى: پەلەستىن مەسلىسىنى يالغۇز ئەرەب مەسىلىسى بولۇشتىن، ئىسلام مەسلىسىگە ئايلاندۇرۇش،
ئىككىنچىسى، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بولۇپ، ئىسرائىلىيىنى قوللايدىغان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئۇلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرۇشقا تېرىشىش ياكى ئۇلارنى بىتەرەپ بولۇشقا ئۈندەش،
ئۈچىنچىسى، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەپلىشىپ قېلىشنىڭ يوللىرىنى تېپىش قاتارلىقلاردۇر.

ئەرەبلەر يۇقىردىكى بۇ ئۈچ ئسىتىراتىگىيىنى ناھايىتى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلدى.

پەلەستىن مەسىلىسى - ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى دىندار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان ئورتاق مەسىلىسى بولۇپ قالدى. ئىسرائىلىيە قايسى ۋاقىتتا پەلەستىنگە ھۇجۇم قوزغىسا، ئىسلام ئەللىرىدە ئىسرائىلىيىگە قارىشى قاتتىق نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلىش بىلەن بىرگە، پەلەستىنلىكلەرگە بەس- بەستە ياردەم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىنماقتا. ئىسرائىلىيىنڭ زورلۇق – زومبۇلۇق قىلىش ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە، ئادەتتكى مۇسۇلمانلارمۇ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. بۇنداق نارازىلىق ھەرىكىتى ھۆكۈمەتلەرگە قاتتىق تەسىر قىلىپ، ئىسرائىلىيىگە قارىشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا تۈرتكە بولماقتا. بۇ خىل ئەھۋال غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغىمۇ ئورتاق، ئەلۋەتتە.

ئەرەبلەر، ئىسرائىلىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گوماشتىسى بولغان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى ئازراق بولسىمۇ ئىجابىي قەدەم ئېلىشقا كۆندۈرگەندەك قىلىدۇ. لېكىن، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان يەھۇدىيلارنىڭ تەسىر كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەھۇدىيلارنىڭ بىشەملەرچە تەلەپلىرىگە سەل قارىشى مۈمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆز مەنپەئەتىگە نىسبەتەن قايسى ئۇسۇل مۇۋاپىق بولسا، شۇ بويىچە بىرتەرەپ قىلىشى تۇرغانلا گەپ. ئەرەبلەر ئامېرىكىغا قارىغاندا ياۋروپالىقلارغا تېخىمۇ بەكرەك تەسىر كۆرسىتەلىشى مۈمكىن. بۇ سەۋەپتىن ئەرەبلەرنىڭ ياۋرۇپاغا بولغان بېسىمى ئۈنۈمىنى خېلى كۆرسەتتى.
ئەرەبلەرنىڭ ئىسىرائىلىيە بىلەن ئەپلىشىپ ئۆتۈش يوللىرىنى تېپىش ئسىتىراتىگىيسى، نەتىجىدە ئەرەبلەرنىڭ ئۆز ئارا جەڭگە – جىدەل قىلىشلىرىغا سەۋەپ بولدى.
مىسىر ۋە ئېئوردانىيە ئۈچىنچى ئسىىتىراتىگىيىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە ئۈلۈش ئېلىپ ئامېرىكا ۋە ئسىرائىلىيىدىن بەزى ياردەملەرنى قوبۇل قىلدى، نەتىجىدە ھەم ئۆز خەلقىنى، ھەمدە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويدى.
ئىنسانپەرۋەر ياردەم ئەتىرەتلىرىنىمۇ چېگراسىدىن ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلمىغان مىسىر ھۆكۈمىتى، دىندارلار تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە ئېلىندى.
ھۆسنى مۇبارەك ۋە تەرەپدارلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ كەتمىنىنى چېپىشى، ئەرەبلەر ئىچىدە مىسىرنىڭ ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ قويۇشى تۇرغانلا گەپ.
بۇنداق بولسا ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدا تەسىر دائىرسىنى يوقاتقان مىسىر ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ كۆزىدىمۇ ئۆز ئېتىبارىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا پارس قولتىقىنىڭ ئەڭ باي دۆلەتلىرىدىن بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەر، ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىق ئورنقاندىن باشقا پەلەستىن مەسلىسىگە تېگىشلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەيىپلەنمەكتە.

ئەرەب ھۆكۈمرانلىرى بىر تەرەپتە يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا، يەنە بىر تەرەپتە ئۆز دۆلىتى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى غەزەپكە تولغان دىندالارنىڭ ئوتتۇرىسسدا سىقىشىپ قالدى.
ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ھاماسقا تاقابىل تۈرۈش ئۈچۈن، ھەر تۈرلۈك زورلۇق – زۇمبۇلۇق ۋاستىلىرىنى توختاۋسىز ئىشلىتىۋاتىدۇ. ناۋادا بۇلار بۇنداق قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلسا، يېقىن ئىتتىپاقداشلىرى بولغان مىسىر ۋە ئېئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ يېڭىدىن بىر ھاماسنى يۆلەپ چىقىرىپ، تېخىمۇ قاتتىق بولغان ۋاستىلەرنى ئىشلىتىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ.

ئەرەب دىندارلىرى ۋە مىللەتچىلىرى پارس قولتىقى دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشلىرىدىن ئىنتايىن بىئاراملىق ھېس قىلغانلىقىلىرىنى ھەر دائىم ئەسكەرتىپ تۇرماقتا. ئەرەب دائىرلىرى پەلەستىن مەسىلىسىگە نىسبەتەن، ئەرەب بولمىغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە قارىغاندا بوشراق ئەھمىيەت بېرىدىغان ھالەتكە كېلىپ قېلىشىنىڭ بەدىلىنى ئۆزى خەلقىگە تۆلەشكە ياكى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيىگە قارىتا ئىجرا قىلغان يۇمشاق سىياسەتلىرىنى باشتىن ئاياق بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.


مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/
*********************************


«ereblerning chigish noqtisi»


Updated 15.01.2009 20:40:10 UTC


2008-yili 27– dékabirdin hazirghiche dawamlishiwatqan isra'iliyining ghezzege qozghighan hujumi netijisde hayatidin ayrilghanlarning sani 1000 din, yaridar bolghanlar sani bolsa nechche mingdin éship ketti. Bu qétimqi hujumning wasitilik tereptdarliri amérika we ereb döletliridur. Amérika qoshma shtatliri bu qétimqi urushqa ruxset bergendin kéyin, dunya jama'etchilikining bu qanliq urushtin jawabkarliqqa tartidighanliqini nahayiti yaxshi bilgenliki .Üchün, isra'iliyidin bu urushni burunraq toxtitishni ötün'genliki hemmimizge melum. Emma. Buning eksiche, isra'iliye hamasning rakéta hujumlirini bahane qilip, ghezze xelqige hamasning kéler qétimliq saylamda hökümet béishigha chiqishigha awaz bérishini toxtitishini, eger eksiche bolghanda kéreklik sawaq béridighanliqini jar sélip, özining rezil meqsitige yétish üchün qolidin kélishiche heriket qilmaqta.

Töwende heyder chaqmaqning bu mesilige munasiwetlik analizi diqqitinglargha sunimiz:

Isra'iliye, pelestin azatliq teshkilatigha reqib peyda qilish üchün öz qoli bilen qurup chiqqan we keng yol échip bergen hamasning bunchilik derijide chongiyip kétishini mölcherliyelmigenlikitin, yeni chotni xam soqqanliqtin hazirche hamasni pelestin azatliq teshkilatigha qarishi küch süpitide turghuzup, heqqiy menidiki tesir küchge ige qilmasliqtin ibaret siyasiy pilanini ijra qilishqa orunmaqta. Amérika qoshma shitatliri we yawropa ellirimu isra'iliyining bu siyasitini muwapiq dep qarimaqta.

Erebler, isra'iliye bilen 1948-,1958-,1967- we 1973- yilliri bolup jem'i töt qétim urush qildi we her qétimqi urushta öz zéminidin qedemmu qedem ayrilip qaldi. Isra'iliye qurulghandin buyan, terepler otturisida urush yüz bergendin bashqa yene nurghunlighan toqunushlar yüz bérip turdi. Lékin, bu toqunushlarda erebler her da'im yéngilip qaldi.
1973- yilidiki urushtin kéyin erebler, isra'iliyige yalghuz taqabil turalmaydighanliqini we urush taktikisi bilen birer netijige érishelmeydighanliqini chüshünüp yetti.
Netijide, mötidil ereb döletliri üch yol yeni üch sitiratigiyni sinaq qilip baqti,
Bularning birinchisi: pelestin meslisini yalghuz ereb mesilisi bolushtin, islam meslisige aylandurush,
Ikkinchisi, amérika qoshma shitatliri we yawropa döletliri bolup, isra'iliyini qollaydighan barliq döletler bilen téximu yaxshi munasiwet ornitish we ulargha yaxshi tesir qaldurushqa térishish yaki ularni biterep bolushqa ündesh,
Üchinchisi, isra'iliye bilen epliship qélishning yollirini tépish qatarliqlardur.

Erebler yuqirdiki bu üch sitiratigiyini nahayiti yaxshi ishqa ashurup keldi.

Pelestin mesilisi - islam döletliridiki dindar musulmanlarning eng muhim bolghan ortaq mesilisi bolup qaldi. Isra'iliye qaysi waqitta pelestin'ge hujum qozghisa, islam elliride isra'iliyige qarishi qattiq naraziliq heriketliri élip bérilish bilen birge, pelestinliklerge bes- beste yardem qilishqa seperwer qilinmaqta. Isra'iliyinng zorluq – zombuluq qilish arqiliq élip barghan herbiy heriketlirige, adettki musulmanlarmu qattiq naraziliq bildürmekte. Bundaq naraziliq herikiti hökümetlerge qattiq tesir qilip, isra'iliyige qarishi heriket élip bérishqa türtke bolmaqta. Bu xil ehwal gherb döletliride yashawatqan musulmanlarghimu ortaq, elwette.

Erebler, isra'iliyining eng chong gomashtisi bolghan amérika qoshma shtatlirini azraq bolsimu ijabiy qedem élishqa köndürgendek qilidu. Lékin, amérikida yashawatqan yehudiylarning tesir küchi intayin küchlük bolghanliqi üchün, amérika hökümiti yehudiylarning bishemlerche teleplirige sel qarishi mümkin emes elwette. Shunga amérika hökümiti öz menpe'etige nisbeten qaysi usul muwapiq bolsa, shu boyiche birterep qilishi turghanla gep. Erebler amérikigha qarighanda yawropaliqlargha téximu bekrek tesir körsitelishi mümkin. Bu seweptin ereblerning yawrupagha bolghan bésimi ünümini xéli körsetti.
Ereblerning isira'iliye bilen epliship ötüsh yollirini tépish sitiratigiysi, netijide ereblerning öz ara jengge – jidel qilishlirigha sewep boldi.
Misir we é'ordaniye üchinchi siitiratigiyidin paydilinip, özige ülüsh élip amérika we sira'iliyidin bezi yardemlerni qobul qildi, netijide hem öz xelqini, hemde bashqa islam döletliridiki musulmanlarning ghezipini qozghap qoydi.
Insanperwer yardem etiretlirinimu chégrasidin ötüshke ruxset qilmighan misir hökümiti, dindarlar teripidin qara tizimlikke élindi.
Hösni mubarek we terepdarlirining amérika we isra'iliyining ketminini chépishi, erebler ichide misirning obrazini xünükleshtürüp qoyushi turghanla gep.
Bundaq bolsa ereb we islam dunyasida tesir da'irsini yoqatqan misir amérika we isra'iliyining közidimu öz étibarini yoqitip qoyidu.
Uningdin bashqa pars qoltiqining eng bay döletliridin bolghan se'udi erebistani we kuweyt qatarliq döletler, amérika bilen hemkarliq ornqandin bashqa pelestin meslisige tégishlik derijide köngül bölmigenliki üchün eyiplenmekte.

Ereb hökümranliri bir terepte yéqin munasiwette bolghan amérika we yawropa, yene bir terepte öz döliti we musulman döletliridiki ghezepke tolghan dindalarning otturissda siqiship qaldi.
Amérika we isra'iliye hamasqa taqabil türüsh üchün, her türlük zorluq – zumbuluq wastilirini toxtawsiz ishlitiwatidu. Nawada bular bundaq qattiq qolluq siyasitini dawamliq ijra qilsa, yéqin ittipaqdashliri bolghan misir we é'ordaniye qatarliq döletlermu yéngidin bir hamasni yölep chiqirip, téximu qattiq bolghan wastilerni ishlitishke qarap yüzlinidu.

Ereb dindarliri we milletchiliri pars qoltiqi döletlirining amérika bilen yéqin munasiwette bolushliridin intayin bi'aramliq hés qilghanliqilirini her da'im eskertip turmaqta. Ereb da'irliri pelestin mesilisige nisbeten, ereb bolmighan musulman döletlirige qarighanda boshraq ehmiyet béridighan haletke kélip qélishining bedilini özi xelqige töleshke yaki amérika we isra'iliyige qarita ijra qilghan yumshaq siyasetlirini bashtin ayaq bir qur közdin kechürüshke mejbur bolup qélishi mumkin.


Menbe: http://palastinbiz.Blogspot.Com/
*********************************


تولۇق ئوقۇش

2009年1月17日星期六

فاتاخ بىلەن خاماسنىڭ ئىختىلاپى

ئىخچام




پەلەستىندە «فاتاخ» بىلەن «خاماس»تىن ئىبارەت

ئىككى قېرىنداشنىڭ ئەپلەشمىكى نىمە ئۈچۈن تەس؟



2007-07-04 «شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى» خەۋەرلەر تورى
«تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى»


يېقىندىن بۇيان، پەلەستىندە يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەزھەپلەر توقۇنۇشى يۈز بېرىپ، خاماس قوراللىق كۈچلىرى فاتاخ بىلەن بولغان توقۇنۇشتا، غەززە رايونىنى كونترول قىلدى.
پەلەستىن مىللىي ھوقوقلۇق ئاپپاراتىنىڭ رەئىسى ئابباس2007- يىلى 6- ئاينىڭ 20- كۈنى سۆز قىلىپ، خاماس ئەزالىرىنى «تېررورچىلار» دەپ ئاتىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ غەززە رايونىنى زۈلمەت دۇنياغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى ئەيىپلىدى.

فاتاخ بىلەن خاماس ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشەلمەسلىكنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟
ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ قېتىملىق توقۇنۇشنىڭ خاراكتىرىنىڭ ئىلگىرىكى توقۇنۇشلارغا ئوخشاشمايدىغان قانداق يەرلىرى بار؟

ئەرافات ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، پەلەستن ۋەزىيىتى بىر مەھەل مۇقىم بولدى.
ئەمما، خاماس 2006- يىلى 1- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 2- نۆۋەتلىك پەلەستىن قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتى سايلىمىدا پەلەستىن سىياسىي سەھنىسىگە ئۇزۇن مەزگىل يېتەكچىلىك قىلىپ كەلگەن پەلەستىن ئازادلىق ھەركىتى- «فاتاخ»نى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى.
پەلەستىن مىللىي ھوقوقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى بولغان ئابباس «خاماس»قا ئۇخشاش كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولغان تەشكىلاتنى «فاتاخ» يېتەكچىلىكىدىكى پەلەستىن سىياسىي تۈزۈلمىسىگە ئېلىپ كىرمەكچى بولدى.
«خاماس» بولسا، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پەلەستىن جەمئىيىتىگە بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشنى ئويلىدى.
ھەر ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشنى ئويلىغانلىقتىن، پەلەستىن ئەرافات دەۋرىدىن كېيىنكى ئىچكى جەھەتتە تەرتىپكە سېلىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى.
بۇ مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ ئورتاقلىق ھاسىل قىلغان ھەمدە ھەمكارلاشقان بولسىمۇ، ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلار ئۈزۈلۈپ باقمىدى.
ئەمما، بىزنىڭ ھازىر كۆرىۋاتقىنىمىز ئىككى تەرەپنىڭ تەدرىجىي يىراقلىشىشىدىن ئىبارەت بولۇپ،
بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار بار:

ئىچكى ئامىلنى ئېلىپ ئېيتساق،
ئاساسلىقى ئىككى تەرەپنىڭ خاماس كونتروللۇقىدىكى ھەربىي كۈچلەر ۋە پەلەستىن خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ كونتروللۇق ھوقوقى قاتارلىق بەزى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىختىلاپلىرىدا ئىپادىلىنىدۇ.
فاتاخ باشتىن- ئاخىر خاماس ئۆز ئالدىغا قۇرغان ئىجرا قىلغۇچى قىسىمنى تارقىتىۋېتىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.
ئەمما بۇ قىسىم خاماسنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش ئاساسى دەپ قارالغاچقا، خاماسنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.
بۇ يىل 3- ئايدا، سەئۇدىي ئەرەبىستانى قاتارلىق ئەرەب ئەللىرىنىڭ كېلىشتۈرۈشى ئاستىدا، خاماس بىلەن فاتاخ بىرلەشمە ھاكىمىيەت تەشكىللىگەن بولسىمۇ، بۇ ئىختىلاپ ھەل قىلىنمىدى.
ئىككى تەرەپ يەنىلا خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا قوماندانلىق قىلىش ھوقوقىغا ئىگە بولغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى مەسىلىسىدە تالاش- تارتىش قىلدى، ھەتتاكى قوراللىق توقۇنۇشتى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى مەزھەپنىڭ سىياسىي پروگراممىسىدا ماھىيەتلىك پەرق بولغانلىقتىن، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيىسى ۋە ئىسرائىلىيىگە قاراتقان سىياسىتىدە ئىختىلاپ كۆرۈلدى.
ئابباس «ئىسرائىلىيىگە قارىتا زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىش، ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىش، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش» قاتارلىق مۆتىدىل سىياسەتلەرنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلدى.
ھانىياھ بولسا خاماسنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قاتتىق قوللارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا، «ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلماسلىقتا چىڭ تۇردى»

تاشقى ئامىلنىڭ تەسىرى ئاساسلىقى ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ خاماس سەھنىگە چىققاندىن باشلاپلا دېپلۇماتىيە ۋە مالىيە جەھەتتە بېسىم ئىشلىتىپ، خاماس ھۆكۈمىتىنى قىيىن ئەھۋالدا قويغانلىقىدا ئىپادىلەندى.
بۇ ئوبىيكتىپ جەھەتتە «فاتاخ»نىڭ «خاماس» بىلەن بىر سەپتە تۇرماسلىقىنى كۈچەيتىۋەتتى.
شۇنداقلا ئابباس رەئىس بولغان «پەلەستىن مىللىي ھوقوقلۇق ئورگىنى» بىلەن خاماس رەھبەرلىكىدىكى «ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى»دىن ئىبارەت تەڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان ئىككى ھوقوق مەركىزىنى شەكىللەندۈردى.

خاماسنىڭ «قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشنى خالىماسلىق، ئىسرائىلىيىنىڭ ئېتىراپ قىلماسلىق» سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتكە ياتمايدىغان تەرەپلىرى بار بولۇپ، بۇ پەلەستىن- ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىگە پايدىسىز.
ئەمما، «خاماس»نىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن سايلامدا غەلبە قىلىشى - ئۇنىڭ كۆرەش قىلىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، خەلق رايىنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ نەتىجىسى ھىساپلىنىدۇ.

ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ قېتىمقى توقۇنۇش بىلەن ئىلگىرىكى توقۇنۇشلار ماھىيەت جەھەتتە پەرقسىز بولۇپ، بۇ قېتىمقى توقۇنۇش ئىلگىرىكى توقۇنۇشلارنىڭ داۋامى ھىساپلىنىدۇ.
ئوخشاشمايدىغان يېرى پەقەت بۇ قېتىم ئىش چوڭىيىپ قالدى.

ئابباسنىڭ ھانىياھنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىغا قارىتا، ئامېرىكا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇزۇندىن بۇيان، ئامېرىكا پەلەستىن ئىچكى ۋەزىيىتىگە قارىتا قانداق سىياسەت قوللىنىپ كەلدى؟ پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە بۇ خىل سىياسەتنىڭ قانداق مەسئۇلىيىتى بار؟

ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان سىياسىتى ئىسرائىلىيىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىغا قارىتا، ئامېرىكا لىنىيە خەرىتىسى پىلانىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولسىمۇ، دېمۇكىراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پەلەستىن- ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەلەستىن مىللىي ھوقوقلۇق ئورگىنىدىن «يېڭى رەھبەرنى سايلاپ چىقىش، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش، مۇكەممەل بولغان ئەدلىيە ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، مالىيە ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تەسىس قىلىش قاتارلىق بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى» تەلەپ قىلدى.
كېيىنكى مەزگىللەردە، ئەرافات ئامېرىكىنىڭ زور بېسىم ئىشلىتىشى ئاستىدا، «ۋاقىتلىق ئىچكى كابىنت قۇرۇش، نىگىزلىك قانۇننى تەستىقلاش، پەلەستىن خەۋپسىزلىك قىسمىنىڭ قوماندانى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە مالىيە مىنىستىرىنى ئالماشتۇرۇش» قاتارلىق بىر قاتار ئىسلاھات پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى ھەمدە 2003- يىلنىڭ باشلىرىدا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا يەنە ئەرافاتنىڭ «پەلەستىن ئىچكى قىسمىدىكى رادىكال كۈچلەرگە زەربە بېرىپ، خاماس قاتارلىق رادىكال تەشكىلاتلارنى قورالسىزلاندۇرۇشىنى» تەلەپ قىلدى.
بۇ مەقسىدىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن، ئامېرىكا پەلەستىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، ئىسرائىلىيىنىڭ ئەرافاتقا قارىتا ئايرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشىغا قاراپ تۇردى. «لىنىيە خەرىتىسى پىلانى» توختىتىپ قويۇلدى.

ئەرافات ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا دېمۇكىراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە پەلەستىنگە داۋاملىق بېسىم ئىشلەتتى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بىلايىر بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا «پەلەستىننىڭ تەقدىرى پەلەستىنلىكلەر ئۆزىنىڭ قولىدا. ئەگەر سىلەر ئەركىن، دېمۇكىراتىك بولغان جەمئىيەتكە ئىھتىياجلىق بولمايمىز دىسەڭلەر، بىز ھىچنىمە قىلالمايمىز» دېدى.

بۇش يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن،
بىر تەرەپتىن «تىنچلىق لىنىيە خەرىتىسى» پىلانىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرسە،
يەنە بىر تەرەپتىن ئابباس باشچىلىقىدىكى پەلەستىن مىللىي ھوقوقلۇق ئاپپاراتىنىڭ داۋاملىق ھالدا دېمۇكىراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى.
دەل مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئالدىدا، خاماس سايلام ئارقىلىق سىياسىي ئېقىمغا كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

«خاماس»نىڭ سايلامدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى «فاتاخ»قا نىسبەتەن ئېغىر زەربە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەلەستىننىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىي مۇساپىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى.
بۇنداق نەتىجىنىڭ بولۇشىنى ئامېرىكا ئۈمىد قىلمايتتى.
ئامېرىكا دەسلەپتە دېمۇكىراتىك سايلام ئېلىپ بېرىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سايلام نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمىدى.
بۇ قاتلامدىن قارىغاندا، پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان دىيىشكە بولىدۇ.

ھازىر، ئامېرىكا يەنە ئابباسنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خاماسقا قارىتىلغان بېسىمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە گازا رايونىدىكى رادىكال كۈچلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىشنى پىلانلىماقتا.

مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/

تولۇق ئوقۇش

2009年1月16日星期五

پەلەستىن–ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ۋە ئوباما

ئىخچام



پەلەستىن–ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى مەسىلىسىدە

ئوباما سىناققا دۇچ كەلدى



2009- 01- 15 12:13
«شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى»
خەۋەرلەر تورى


ئىسرائىلىيىنىڭ غەززە رايونىغا قوزغىغان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي زەربە بىرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقىنىغا 14 – يانۋار 18 كۈن بولدى.
بۇ توقۇنۇشتا 900 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى.
4000 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.
پەلەستىن– ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان زور ئىنسانپەرۋەرلىككە يات ئاپەت خەلقئارا جەمىئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققەت–ئېتىبارىنى قوزغىدى.
بۇ توقۇنۇش ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان ئوباما قەسەم بىرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالغاندىن كىيىن يولۇقىدىغان زور خەلقئارا كرزىس بولۇپ قالىدۇ شۇنداقلا ئوبامانىڭ بۇ خەلقئارا كرزىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى بىۋاستە سىنايدۇ.

ئىسرائىلىيە ئارمىيسىنىڭ غەززەغا زور كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاش پەيتىنى تاللىشى ئىسرائىلىيىنىڭ ئوبامادىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى.

بۇنىڭ سەۋەبى:

بىرىنچى،
ئوباما بۇشقا قارىغاندا ئىسرائىلىيىگە بەك يېقىنچىلىق قىلىپ كەتمەيدۇ. ئوباما سايلامغا قاتناشقاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيىنىڭ دۆلەت ئىچى شۇنىڭدەك ئامېرىكىدىكى يەھۇدىلار ئۇنىڭ سىياسەتتە ئەرەپ ئەللىرىگە ئېغىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى؛

ئىككىنچى،
ئىسرائىلىيە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە قاراتقان يېڭى سىياسىتىدىن قاتتىق تەشۋىشلىنىۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيە تەرەپ، ئوبامانىڭ ئاشكارا قىلغان سۆزىدىن، «ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى ئىران، سۈرىيە شۇنىڭدەك ئاللاھ پارتىيىسى، خاماسقا قاراتقان سىياسىتىنى تەڭشىشى مۇمكىن» دەپ ھېساپلىدى،
ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ بۇ تەڭشەشنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز ئامىللارنى ئېلىپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ؛

ئۈچىنچى،
ئوبامانىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتىنى تەڭشىشى ئىسرائىلىيىنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن.
ئوباما ئىراقتىن قوشۇن چىكىندۈردىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە «ئوتتۇرا شەرق - تېرورلۇققا قارشى جەڭنىڭ مەركىزى بولمايدۇ، ئامېرىكا دىققىتىنى ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا قارىتىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيە بىخەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ.


ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ زور كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىغا نۇرغۇن مۇددىئا يوشۇرۇنغان بولۇپ،
بىرىنچىدىن:
خاماسنى ئاجىزلىتىپ، غەززە شۇنىڭدەك پەلەستىن سىياسىي كۈچلىرىنىڭ سېلىشتۇرما كۈچىنى ئۆزگەرتىپ، ئابباس باشچىلىقىدىكى مۆتىدىل گۇرۇھ كۈچلىرىنى يۆلەش، فاتاخنىڭ غەززەدىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش؛

ئىككىنچىدىن،
ئىسرائىلىيە 2006–يىلىدىكى لىۋانغا قاراتقان ئۇرۇشنىڭ مەغلۇبىيەت كۆلەڭگىسىنى يوقىتىپ، ئارمىيىنىڭ ھەيۋىسىنى قايتىدىن نامايەن قىلىپ، ئىسرائىلىيىدىكى ئالغا پارتىيىسىنىڭ 2–ئاينىڭ 10– كۈنى ئۆتكۈزىلىغان پارلامېنت سايلىمى ئۈچۈن سايلام بېلىتى توپلىماقچى بولىۋاتىدۇ.

ئۈچىنچىدىن،
ئوباماغا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ ئالاھىدە مۇناسىۋەت يولىدىن يىراقلاپ كەتمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

پەلەستىن–ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ ئوبامانى سىنىشى -ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە قاراتقان سىياسىتىنى سىناش،
بۇ خىل يۈزلىنىش ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ كۈلگۈسى تەرەققىياتىغا چوقۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئاساسلىقى مۇنۇلاردىن ئىبارەت؛

بىرىنچى، پەلەستىن– ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى - ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى،
ئوبامانىڭ پەلەستىن–ئىسرائىلىيە كرزىسىنى بىر تەرەپ قىلىشى - ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ قالماستىن، بەلكى كەلگۈسىدە ئامېرىكا–ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئامېرىكا بىلەن ئەرەپ ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئاساسىنى بارلققا كەلتۈرىدۇ.
بۇ ئىش ئوبدان بىر تەرەپ قىلىنمسىا، ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ،
ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىق مۇساپىسى ئېغىر سىناققا دۇچ كىلىدۇ.

ئىككىنچى،
پەلەستىن–ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى - ئامېرىكىنىڭ ئەرەپ ئەللىرى بىلەن، شۇنىڭدەك ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئوباما رىقابەت سايلىمىدا، «يېڭىچە، ئىجابىي شەكىلدە ئىسلام دۇنياسى بىلەن ئالاقىنى يولغا قويۇپ، ئامېرىكا بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدىغانلىقى توغرىسىدا» ۋەدە بەرگەن ھەمدە «ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ 100 كۈن ئىچىدە بىر ئىسلام دۆلىتىنى تاللاپ مۇھىم سۆز قىلىپ، بۇنى يېڭى ئالاقە شەكلىنىڭ مۇقەددىمىسى قىلىدىغانلىقىنى» ئېيتقان ئىدى.
ئەمما ناۋادا بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا ئوباما ئىسرائىلىيەپەرەس دەپ قارىلىدىغان بولسا، شۈبھىسىزكى، بۇ سىياسەت كۈچلۈك سەلبىي تەسىر قوزغىشى مۇمكىن؛

ئۈچىنچى،
بۇ قېتىمقى توقۇنۇش ئامېرىكىنىڭ ئىراققا قاراتقان سىياسىتى، شۇنىڭدەك تېرورلۇققا قارشى سىياسىتىنى تەڭشىشىگە خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
پەلەستىن– ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ كەسكىنلىشىپ، ئوتتۇرا شەرقتە كۈچلۈك داۋالغۇش پەيدا قىلىشى، ئوبامانىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنى ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا يۆتكەش ھەل قىلغۇچ تەدبىرىگە قايتىدىن قاراپ چىقىشىغا مەجبۇرلىشىشى مۇمكىن.

ھازىرغىچە، پات ئارىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان ئوباما ئىسرائىلىيىنىڭ ھەرىكىتىگە ئاشكارا باھا بىرىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى،
«بىر دۆلەتتە ئىككى خوجايىننىڭ بولۇشىغا يول قويماسلىق كېرەك» دەپلا قويۇپ، قانلىق توقۇنۇشقا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.
ئوباما ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكىتىگە سۈكۈت قىلدى،
رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرىۋالماسلىقى ئۇنىڭ توقۇنۇشقا بىر نىمە دېيەلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى، يەنە ئۇ ئۆزىگە ئازراق ئىمكانىيەت قالدۇرماقچى بولدى،
ئەمما ناۋادا ئۇ تەختكە ئولتۇرسىلا بىر مەيدان «يۈزتۇرانە جەڭ»گە يولۇقۇپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشى تەس بولىدۇ.
پەلەستىن– ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسدىكى بۇ قېتىمقى توقۇنۇش - ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن يولۇقىدىغان بىر زور خەلقئارا كرزىس بولۇپ، ئۇ ئوبامانىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ئەقىل پاراسىتىنى ۋە كرىزسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئىقتىدارىنى بىۋاستە سىنايدۇ.

مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/


تولۇق ئوقۇش

2009年1月13日星期二

غەززەنىڭ غەلىبە قىلىشىدا شەك يوق





غەززەنىڭ غەلىبە قىلىشىدا شەك يوق



شەيخ يۈسۈف قەرەداۋى


«دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار ئىتتىپاقى»نىڭ رەئىسى، شەيخ، دوكتۇر يۇسۇپ قەرەداۋى بارلىق ئىسلام ئۈممىتىگە غەززەلىقلارنىڭ شەكسىز غەلىبە قازىنىدىغانلىقىدىن، بۇنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە كورسەتمە بەردى.

ئالىم قەرەداۋى بۇ سۆزىنى2009 - يىلى 9 - يانۋار كۈنى قاتاردىكى نۇرغۇن ئەر-ئايال ۋە ئۆسمۈر بالىلار قاتناشقان جۈمە نامىزىنىڭ خۇتبىسىدا غەززەگە ياردەم توغرىسىدا سوزلىگەندە ئوتتۇرىغا قويدى.

ئالىم قەرەداۋى مۇنداق دىدى:
بىز غەززەدىكى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ غەلىبە قازىنىشىغا چۇڭقۇر ئىشىنىشىمىز كىرەك، ياردەم شەكسىز كىلىدۇ، لىكىن بۇ ياردەم ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىيىتى بويىچە بولىدۇ. ھەرگىزمۇ ئىنسان خالىغىنىدەك بولمايدۇ. دۇنيانىڭ قانۇنىيىتى ئوز يولىدا ماڭىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئاللاھنىڭ ياردىمى كىلىدۇ.

ئالىم قەرەداۋى ئاللاھنىڭ: «سىلەر بەدر كۈنى ئاجىز ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەردى، شۈكۈرچان بەندە بولىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھدىن قورقۇڭلار» دىگەن ئايىتىنى ئوقۇپ، كۇفرى ئەھلىنىڭ زۇلمىغا، ئاتىكاچىلىقىغا، تاجاۋۇزچىلىقىغا قىرىنداشلارنىڭ سەبرى قىلىشىنى، ھەقىقەت يولىدا مۇستەھكەم تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، - «بىز بەدر كۈنىدىكىدەك بىر كۈننى كۈتىۋاتىمىز، ئاللاھ ئۇ كۈندە ئىمان ئەھلىگە ياردەم بىرىدۇ» دىدى.

ئالىم قەرەداۋى بەزى كىشىلەرنىڭ «ھاماس ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق كىلىشىمىنى يەنە يىڭىلاپ ئىمزالىمىغان سەۋەبلىك بۇ ئۇرۇش بولىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ھاماس سەۋەپچى» دىگەن سۆزىگە رەددىيە بىرىپ مۇنداق دىدى:
«ھاماس كۆپ سەۋىر قىلدى، ئىسرائىلىيەلىكلەر غەززەنى ئۇزۇن زامان قورشىۋالدى، غەززە خەلقىنى سۇ، يىمەكلىك، كىيىم-كىچەك، دورا، يىقىلغۇ، توك قاتارلىق ھاياتلىقنىڭ بارلىق ئىھتىياجلىرىدىن مەھرۇم قويدى، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاران توشقۇزغان كىلىشىمنى، پايدىسى يوق كىلىشىمنى يەنە يىڭىلامدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار مۇئمىن، ئەركىن كىشىلەر! غەززە خەلقى لايىق كۆرسە، ‹ماقۇل›-دەيدۇ، كىلىشىم ئىمزالىنىدۇ، ئەگەر ئىمزالاشنى خالىمىسا ‹ياق› دەيدۇ، قىرىنداشلىرىمىز كىلىشىمنى يىڭىلاپ ئىمزالاشنى خالىمىدى. شۇنداقتمۇ ئۇلار ھىچ كىمگە تاجاۋۇز قىلمىدى، پەقەت ئۆزىنى قوغدىدى.
بەزى ئاڭقاۋ كىشىلەر: ‹ھاماس مەسىلىنى دىنىي مەسىلىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى، بۇ دۇنيا خەلقىنى بىزگە قارشى قىلىپ قويدۇ›-دىيىشتى.
ئۇلارغا جاۋاپ شۇكى: ھاماس مەسىلىنى دىنى مەسىلىگە ئايلاندۇرىۋەتمىدى، بۇ ئەسلىدىن دىنىي مەسىلە. يەھۇدىيلار دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىن فەلەستىنگە نىمە ئۈچۈن يىغىلدى؟
تەۋراتتىكى(ئۆزگەرتىۋىتىلگەن) دىنىي تەلىماتىنى ئاساس قىلغان، ئۇخلىماي كۆرىدىغان چۈشلىرىگە ئاساسەن فەلەستىن يەھۇدىيلار ئۈچۈن ۋەدە قىلىنغان جايمىش، ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن يىغىلدى.
ئەھۋال شۇنداق تۇرسا بىز نىمە ئۈچۈن جەڭلىرىمىزدىن ئىسلامنى چىقىرىۋىتىشكە ئۇرۇنىمىز؟
بىزنىڭ دىندىن يىراقلىشىشىمىز - يەھۇدىيلارنىڭ مەقسىتى.
ئۇلار(يەھۇدىيلار) مەسىلىنى مەسىلىنىڭ نىگىزى بولغان دىنىي كەيپىياتتىن يىراقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئۇلار شۇنداق قىلغاندىلا بىزنى ئارقىمۇ-ئارقا مەغلۇپ قىلالايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ.
چۈنكى يەھۇدىيلار جەڭگە ‹يەھۇدىي› نامى بىلەن كىردى، لىكىن بىز ‹مۇسۇلمان› نامىمىز بىلەن كىرمىدۇق،
ئۇلار ‹تەۋرات› بىلەن بىرگە كىردى، بىز ‹قۇرئان› بىلەن كىرمىدۇق،
ئۇلار شەنبىنى ئۇلۇغلاپ كىردى، بىز جۈمەنى ئۇلۇغلىمىدۇق،
ئۇلار ھەيكەلنى قوغداش ئۈچۈن كىردى، بىز ئەقسا مەسچىدىنى قوغداپ كىرمىدۇق،
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز جەڭنى ماھىيىتىدىن قىلىشىمىز كىرەك،
جەڭگە ‹مۇسۇلمان› نامى بىلەن كىرىشىمىز لازىم،
شۇ چاغدىلا ئاللا بىزگە ياردەم بىرىدۇ،
مۇئمىنلەرنىڭ ئىرادىسى كۈچىيىدۇ،
دۈشمەنلىرىمىز تىزلا مەغلۇپ بولىدۇ»

قەرەداۋى مۇنداق دىدى: «نۇرغۇن ھۆكۈمرانلار بىزگە ياردەم بەرمىگەن بولسىمۇ، يەنە ھەمدى ئىبن خەلىيفەگە ئوخشاش نۇرغۇن ھۆكۈمرانلار خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ بىزگە ياردەم بىرىۋاتىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كىرەك»

قەرەداۋى نامايىش قىلىش ئارقىلىق غەززە ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلگەنلەرگە رەھمەت ئىيتىپ مۇنداق دىدى: «سىلەر ياردەم ۋە غەزەپ كۈنىدە بۇ ھەرىكىتىڭلارنى ئاللاھ ئۈچۈن قىلدىڭلار،
ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە كۆپەيتىپ بىرىدۇ.
قەرەداۋى ئاخىردا ئۆز خەلقى بىلەن بىر سەپتە غەززەنى قوللاپ تۇرغان قاتار ھۆكۈمىتىگە تەشەككۇر ئىيتتى.

مەنبە
http://bbs.qimbulak.com/read.php?tid=1106

مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/



تولۇق ئوقۇش

2009年1月12日星期一

پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تۇقۇنۇشىنىڭ ھەقىقىي سىرى







پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تۇقۇنۇشىنىڭ ھەقىقىي سىرى


خەرىتىگە قارايدىغان بولساق پەلەستىننىڭ ئورنى - ئاسىيانىڭ غەربىگە، ئوتتۇرا دىڭىز ۋە ئىئوردان دەرياسى ئارىلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبى قىزىل دىڭىزنىڭ ئۇقەبە قولتۇغىغا، قۇرۇقلۇقتا شىمالى لىۋان بىلەن، شەرقتە سۇرىيە، ئىئوردانىيەلەر بىلەن، جەنۇبى مىسىر بىلەن چىگرىلىنىدۇ.
پەلەستىن - ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋرۇپا قىتئەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش تۇگۇنى.

پەلەستىنلىكلەر :«پەلەستىن ئەزەلدىنلا بىزنىڭ جايىمىز، بىز بۇ جاينى ئىگەللىگەندىن كىيىن ئىزچىل ھالدا ئولتۇراقلىشىپ ،تىرىكچىلىك قىلىپ كەلدۇق. شۇڭا پەلەستىن - بىزنىڭ زىمىنىمىز، پەلەستىن بىزگە مەنسۇپ» دەيدۇ.

ئىسرائىلىيەلىكلەر: «يەھۇدىيلار - پەلەستىنگە ئەرەبلەردىن بۇرۇن كەلگەن، بىر قىسىم يەھۇدىيلار بۇ جايدا ئىزچىل ئولتۇراقلىشىپ كەلدى، شۇڭا پەلەستىن - بىزگە تەۋە بۇلۇپ، بىزنىڭ زىمىنىمىز بۇلۇشى كىرەك» دەپ قارايدۇ.

ئۇنداقتا پەلەستىننىڭ خۇجايىلىرى زادى كىم؟
زادى قايسىنىڭ توغرا؟
قايسىنىڭ خاتا ؟
پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تۇقۇنۇشى زادى نىمىشقا ھەل بولمايدۇ؟
نىمىشقا قانلار تۇكۇلىدۇ؟
كىمنىڭ ھەق؟
كىمنىڭ ناھەق؟


گەپنى تارىختىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ:

(1) پەلەستىن ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە.
مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرى «كانائان » دەپ ئاتىلىدىغان يېرىم كوچمەن قەبىلە ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىن بۇ زىمىنغا كۇچۇپ كىلىپ ئولتۇراقلاشتى ۋە «كانئان» دولىتىنى قۇردى.

(2) مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000 يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا يەھۇدىلارنىڭ ئەسلى ئەجدادى بولغان «ئىبراي» دەپ ئاتىلىدىغان كوچمەن چارۋىچى قەبىلە ئىفرات دەرياسى ۋادىلىرىدىكى يايالاقلاردىن دەل مۇشۇ زىمىنغا كۇچۇپ كىلىپ، مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 1020-يىللىرى ئىبراي قەبىلىسى تۇنجى يەھۇدىلار دولىتىنى قۇرۇپ ئىروسالىمنى پەيتەخىت قىلدى.

(3) مىلادىدىن ئىلگىرى 12-13-ئەسىرلەرنىڭ ئارلىقىدا ئىگەي دىڭىز بويىدىن «فىلىستىن» قەبىلىسىمۇ بۇ يەرگە كۇچۇپ كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ، «فىلىستىنلا» دولىتىنى قۇردى. دەل ھازىرقى «پەلەستىن» دىگەن نام «پىلىستىن»دىن ئۆزگۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، گىرىك تىلىدا «فىلىستىنلا زىمىنى» دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ.

دىمەك: پەلەستىن زىمىنىدا يۇقارقى 3 قەبىلە ئولتۇراقلاشقان بۇلۇپ، تارىخى ئارقا كۇرۇنىشى ئىنتايىن مۇرەككەپ.

12-ئەسىردە ئىسلام دىنى ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا بارلىققا كەلگەندىن كىيىن، ئەرەبلەر سىرتقا قارىتا كىڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلىدى. 640 - يىلى پەلەستىننى ئىشغال قىلدى. بۇ ۋاقىتتا پەلەستىن زىمىنىدا پەقەت بىر نەچچە مىڭلا يەھۇدىيلار قىپقالغان ئىدى. ئەرەبلەر پەلەستىننى ئىگەللىگەندىن كىيىن، بۇ زىمىنغا ئەرەبلەر ئۈزلۈكسىز كۆچۇپ كىلىپ يەرلىك «پىلىستىن»لارنىڭ مەدەنىيىتىنى قۇبۇل قىلدى ۋە ئۇلار بىلەن ئاسسىمىلاتسىيە بۇلۇپ، ھازىرقى پەلەستىن ئەرەبلىرىنى شەكىللەندۇردى. ئۇلار 1300 نەچچە يىللاردىن بۇيان بۇ يەردە ئىزچىل ئولتۇراقلىشىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كۆپىيىپ پەلەستىن زىمىنىنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلاندى.


ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ بارلىققا كىلىشى

پەلەستىنگە ئەرەبلەر كۇچۇپ كىلىپ پىلىستىنلار قەبىلىسى بىلەن ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ پەلەستىننىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلانغاندىن كىيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىيلار دىندا ۋە ئادەتلىرىدە بەك چىڭ تۇرغانلىغى ئۇچۇن كەمسىتىلىشكە ئۇچرىدى ۋە ياۋرۇپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن قوغلاندى (ۋە قىرغىن) قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار «مىللىي كەمسىتىلىشتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن-بىر چىقىش يولى - بىرلىشىش ۋە ئىتىپاقلىشىش» دەپ قاراپ، ياۋرۇپادىن كىلىپ پەلەستىنگە بىرىپ «يەھۇدىيلار دولىتىنى قۇرۇش» دەپ مۇئەييەنلەشتۇردى.

1931-يىلى يەھۇدىيلار ئۆز پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن بىر يانتاياقنىڭ بولۇشىنىڭ زۇرۇر ئىكەنلىگىنى تۇنۇپ يېتىپ، ئالدى بىلەن ئەنگىلىيەنى تايىنىش ئوبىكتى قىلىپ تاللىۋالدى. ئەنگىلىيە ھۇكۇمىتىمۇ مەلۇم پايدىنى كوزلەپ بۇ مەسىلىگە ناھايىتى قىزغىن مۇئامىلە قىلدى ۋە يەھۇدىيلارنى قوللىدى.
1918-يىلى ئەنگىلىيە پەلەستىن زىمىنىغا بىسىپ كىرىپ ئىشغال قىلدى ۋە پەلەستىنگە بولغان كونتۇرۇللىقنى يۇرگۇزۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ تۇركۇم تۇركۇملەپ پەلەستىن زىمىنىغا كۇچۇپ كىلىشكە ئىلھام بەردى ۋە رىغبەتلەندۇردى.
نەتىجىدە يەھۇدىيلارنىڭ سانى 39-يىلدىكى 50 مىڭدىن بىراقلا 445مىڭغا يەتتى.

بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئەرەبلەر ۋەزىيەت مۇشۇنداق كىتىۋەرسە يەھۇدىيلارنىڭ سانى كوپىيىپ كىتىپ پەلەستىننىڭ قولدىن كىتىپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئەنگىلىيە ھۇكۇمىتىنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان ئەرەبلەرنى چەتكە قىقىش، يەھۇدىيلارنى قوللاش سىياسىتىگە كەسكىن قارشى تۇردى.
نەتىجىدە يەھۇدىيلار بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ پەلەستىن زىمىنىدا يەر سېتىۋېلىش پەلەستىنگە داۋاملىق كۇچۇپ كىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرىگە ئەنگىليە ھۇكۇمىتى ئۆزگەرتىش كىرگۇزدى.
بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا دەسلەپكى قەدەمدە مىللى زىدىيەت بارلىققا كەلدى.
بۇ ۋاقىتتا يەھۇدىيلار نىشاننى بۇراپ ئەنگىلىيىگە تايىنىش ۋاستىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئامىرىكىغا تايىنىشنىڭ «ئاقىلانە چارە» ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى ۋە ئامىرىكىغا تايىنىش يولىنى تاللىۋالدى ۋە ئامىرىكىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى.

... دەل زىددىيەت پارتلاي دەپ قالغان ۋەزىيەتتە ئەنگىلىيە ھۇكۇمىتى پەلەستىن مەسىلىسىنى ب د ت نىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇردى.
ب د ت 1947-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۇنى 2-نوۋەتلىك ب د ت يىغىنىدا پەلەستىننى ئىككىگە بۆلۇپ، يەھۇدىيلار دۆلىتى ۋە پەلەستىن دۆلىتىدىن ئىبارەت ئىككى زىمىنغا ئايرىپ، زىددىيەتنى مۇشۇ ئۇسۇلدا ھەل قىلىش لاھىيىسىنى ماقۇللىدى.
(يەھۇدىلارغا تۇتاش-تۇتاش سالا ئىتىزلار، سۇيى مول پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى دىڭىز بويلىرى بېرىلدى، پەلەستىنلىكلەرگە بىر بىرىگە تۇتاشمايدىغان قاقاس يەرلەر، پايدىلىنىش قىممىتى توۋەن زىمىنلار ئايرىپ بىرىلدى)
بۇ ۋاقىتتا ئامىرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ لاھىيەنى بىرلىكتە قوللىدى. بۇنىڭ بىلەن ب د ت نىڭ پەلەستىننى بۆلۇپ ئايرىپ بىرىش لاھىيىسى بۇ زىمىندا يەھۇدىيلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش ۋە ھۆكۇمران بولۇش ئارزۇسىنى قانۇنلاشتۇردى.
شۇنىڭ بىلەن 1948-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۇنى يەھۇدىيلار پەلەستىن زىمىنىدىكى ب د ت ئۆزىگە ئايرىپ بەرگەن زىمىندا «ئسرائىلىيە دولىتى»نىڭ قۇرۇلغانلىغىنى رەسمى جاكارلىدى.
ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن، بۇ رايۇندىكى بۇرۇندىنلا ئولتۇراقلىشىپ كىلىۋاتقان ئەرەپلەرنى قوغلاپ چىقىرىشقا باشلىدى ھەمدە كىڭەيمىچىلىك قىلىپ، ب د ت بۆلۇپ بەرگەن زىمىندىن ھالقىپ، پەلەستىن ئەرەبلىرىگە بۆلۇپ بېرىلگەن 5700 كۇۋادىرات كىلومىتىر يەرنى ئۆكتەملىك بىلەن ئارتۇق ئىگەللىۋالدى.
بۇنىڭ بىلەن پەلەستىن زىمىنىنىڭ 5 تىن 4 قىسمى ئىسرائىلىيەنىڭ قولىغا ئۆتۇپ كەتتى ھەمدە بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئەرەبلەر بۇ زىمىندىن قوغلاندى.
نەتىجىدە قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلالمىدى.


پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تۇقۇنۇشىنىڭ ھەل بولماسلىقىدىكى ئاساسى سەۋەپلەر

يۇقارقى پەلەستىن تارىخىدىن شۇنى كۆرۇشكە بولىدۇكى:
مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000 يىللاردىن مىلادى 12-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ئۇرۇن ئالمىشىىشى نەتىجىسىدە يەھۇدىيلارنىڭ ئاز بىر قىسمى بۇ رايۇندا ئىزچىل ياشاپ، يەھۇدىيلارنى پەلەستىنگە باغلاپ تۇردى ۋە تارىخنى 20- ئەسىرگە ئۇلاشتۇردى.

ئەرەپلەرمۇ پەلەستىنگە كەلگەندىن كىيىن، يەرلىك ئاھالىلار بىلەن ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ ھازىرقى پەلەستىن ئەرەبلىرىنى شەكىلەندۇردى.
ئۇلار 1300 نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ رايۇندا ئىزچىل ھالدا ئولتۇراقلىشىپ كەلمەكتە. شۇڭا يەھۇدىيلار بىلەن ئەرەبلەرنىڭ پەلەستىندىكى ئورتاق مەۋجۇتلىقى - ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان پاكىت.
ھازىر مانا پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تۇقۇنۇشىغا 60 يىلدىن ئاشتى.

تۇقۇنۇشنىڭ ھەل بولماسلىغىدىكى سەۋەپ:

(1) دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ قول تىقىشى ۋە قوللىشى.
ئامرىكا 1948-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۇنى ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلۇپ، 11 مىنۇتتىن كىيىن 1-بولۇپ ئىتىراپ قىلغان دۆلەت بولدى.
سوۋېت ئىتىپاقى 2-بولۇپ ئىتىراپ قىلدى.
بۇ ئىككى دولەت ماھىيەتتە تۇقۇنۇشنى كەسكىنلەشتۇرۇۋەتتى.

(2) تۇقۇنۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىگە تۇتقان قاتتىق قول پۇزىتسىيىسى مەسىلىنىڭ ھەل بولماسلىغىدىكى ئاساسى سەۋەپ بوپ قالدى.

(3) پەلەستىنلىكلەر بولسۇن ياكى باشقا ئەرەب ئەللىرى بولسۇن، ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى.
(1974 - يىلى «پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى» تەسلىكتە قۇرۇلدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنىي ۋەكىللىك سالاھىيىتى بارمۇ- يوقمۇ؟ دىگەن مەسىلىدە تالاش - تارتىش بولۇپ، تاكى 1974-يىلى 10-ئايغىچە بەزى ئەرەب ئەللىرى تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنمىدى، ھەتتا بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى.
بۇ سەۋەبلىك بەزىدە ئىچكى تۇقۇنۇش يۇز بەردى.

1988-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۇنى ئاران دىگەندە، سەرگەردان «پەلەستىن دۆلىتى» قۇرۇلدى. لىكىن نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ يېڭى دۆلەتنى ئىتىراپ قىلمىدى.
ھەتتا نۇرغۇن ئەرەب دولەتلىرىمۇ «پەلەستىن دولىتى»نى ئىتىراپ قىلمىدى.
قىزىق يېرى، پەلەستىندىكى نۇرغۇن تەشكىلاتلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ بىرلىك بولمىدى ...
ھەتتا مۇشۇنداق ھالقىلىق ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ داھىسىنى تىكلەشنى رەت قىلدى.
نەتىجىدە پەلەستىن دۆلىتى يېتىم قالدى ۋە «پەلەستىن دۆلىتى» دەپ ئاتاشتىن قىپ قالدى.
پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان ئىسرائىلىيە دۆلىتى ئامىرىكىنىڭ قوللىشى تۇرتكىسىدە زىمىن، ھوقۇق ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزلۇكسىز زورايدىۋە كۇچايدى.


ئامىرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىشىنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟

(1) ئامىرىكا زىددىيەتكە قول تىقىش ئارقىلىق ئەرەب ئەللىرىنى كونتۇرۇل قىلىپ ئوتتۇرا شەرقتىكى خوجايىنلىق رولىنى ساقلاپ قالماقچى.
(2) ئامىرىكا «يەھۇدىيلارنىڭ ياشاش ھۇقۇقى بار، ئۇلارنى قوغداش زۇرۇر» دەپ قارايدۇ.
(3) يەھۇدىيلار كومۇنىزىمغا قارشى تۇرغاچقا، ئامىرىكا ئۇنى «ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم كۇچ» دەپ قاراپ، كومۇنىزىمنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تارقىلىشىنى توسۇپ، رادىكال ئەرەبلەرگە زەربە بەرگىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
(4) ئامىرىكىدا تەخمىنەن 6 مىليۇن يەھۇدىي بار بولۇپ، ئۇلار ئامىرىكا ئىقتىسادىدا مۇھىم ئۇرۇننى ئىگەللەيدۇ.
(5) ئامىرىكا ئىسرائىلىيە بىلەن مەدىنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلالايدۇ.
شۇڭا ئىسرائىلىيىنى ھەقىقىي قىيامەتلىك دوستى ھىساپلايدۇ.

گەرچە خەلقئارا جەمئىيەت تۇقۇنۇشنى ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىك كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، توقۇنۇش يەنىلا يۇز بېرىۋاتىدۇ ... قانلار تۇكۇلىۋاتىدۇ.
دۇنيادىكى بارلىق ئاقكۇڭۇل خەلقلەر تۇقۇنۇشنىڭ تەل-تۇكۇس ھەل بولۇشىنى، بىھۇدە قان تۆكۈلۈشنىڭ يۇز بەرمەسلىكىنى ئۇمىد قىلماقتا...

ئىزاھات:
بۇ يازمىنى پەقەت كۇرۇپ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
پايدىلانغان ماتىرىياللار:
«شىنجاڭ داشۇ ئىلمى ژورنىلى1991» -يىلى 4-سان (115-124)بەتلەر
دۇنيا تارىخى، تور. دۇنيا خەرىتەسى.
2009-يىل 11-يانۋار

torgha teyyarlighuci: «diyarim»din - yaruq

مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/

تولۇق ئوقۇش

2009年1月7日星期三

پەلەستىن ـ ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ كېلىپ چىقىشى


ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەرەبلەر بىلەن ئىسرائىلىيىلىكلەر ئوتتۇرىسىدا بەش قېتىم زور كۆلەملىك ئۇرۇش پارتىلىدى. ئىسرائىلىيە ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق يىرۇسالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىننىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى ئىشغال قىلىۋالدى. يۈزمىڭلىغان پەلەستىنلىك يۇرت - ماكانىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ مۇساپىر بولۇپ كەتتى
ـــــــــــــــــــــــــــــ



پەلەستىن ـ ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ كېلىپ چىقىشى



ئەڭ دەسلەپتە پەلەستىن ــ ھازىرقى ئىسرائىلىيە، گازا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە ئىئوردانىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. يەھۇدىيلەر بىلەن ئەرەپلەر بۇ ماكاندا ئولتۇراقلاشقانىدى.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پەلەستىن ئەنگىلىيىنىڭ «ھامىلىق ھۆكۈمرانلىقىدىكى جاي» بولۇپ قالدى. ئەنگىلىيە ئۇنى ئىككى بۆلەككە، يەنى ئىئوردان دەرياسىنى چىگرا قىلىپ، شەرقىي ۋە غەربىي بۆلەككە ئايرىدى. شەرقىي بۆلەك ـ تاشقى ئىئوردانىيە (ھازىرقى ئىئوردانىيە پادىشاھلىقى) دەپ، غەربىي بۆلەك يەنىلا پەلەستىن (ھازىرقى ئىسرائىلىيە، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە گازا رايونى) دەپ ئاتىلىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىيلار پەلەستىنگە كۆچۈپ كېلىش جەريانىدا يەھۇدىيلار بىلەن پەلەستىندىكى ئەرەبلەر ئارىسىدا كۆپ قېتىم قانلىق توقۇنۇش بولدى.
1947- يىلى 11- ئايدا ب د ت پەلەستىننى بۆلۈپ ئىدارە قىلىشقا دائىر 181-نۇمۇرلۇق قارارنى ماقۇللاپ، 27 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان پەلەستىن زىمىنىدا يەھۇدىيلار دۆلىتى بىلەن پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇشنى، يىرۇسالىمنى خەلقئارالاشتۇرۇشنى بېكىتتى.
1948-يىلى 14-ماي ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلدى.
بۇ قارار پەلەستىنلىكلەر ھەم ئەرەپ ئەللىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن، پەلەستىن دۆلىتى دۇنياغا كېلەلمىدى.

ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەرەبلەر بىلەن ئىسرائىلىيىلىكلەر ئوتتۇرىسىدا بەش قېتىم زور كۆلەملىك ئۇرۇش پارتىلىدى. ئىسرائىلىيە ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق يىرۇسالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىننىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى ئىشغال قىلىۋالدى، يۈزمىڭلىغان پەلەستىنلىك يۇرت-ماكانىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ مۇساپىر بولۇپ كەتتى.
ئۇزۇندىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلىۋالغان ئەرەپلەر زىمىنىدا يەھۇدىيلار ئولتۇراق مەھەللىسى كىڭەيتىش ئارقىلىق «بۈيۈك ئىسرائىلىيە دۆلىتى» قۇرۇش غەرىزىدە بولدى.

مىللەتلەر ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۇرت ماكانىغا قايتىش ئۈچۈن پەلەستىنلىكلەر قوراللىق كۈرەش قىلىشقا باشلىدى.
1964-يىلى 5-ئايدا «پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى» قۇرۇلدى. بۇ تەشكىلات «پەلەستىن زىمىنىدا يەھۇدىي قىساسچىلىرىنى يوقىتىش»نى نىشان قىلدى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن پەلەستىن ئىسرائىلىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى قوراللىق كۈرەشنى باشلىدى. ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش ئىككى تەرەپكە ھېچكىمنىڭ ھېچكىمنى يوقىتالمايدىغانلىقىنى تونۇتتى. خەلقئارا جەمئىيىتىنىڭ ياراشتۇرىشى ئارقىسىدا ئىككى تەرەپ مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى .

1991-يىلى 10-ئايدا مادرىد ئوتتۇرا شەرىق تىنچلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئەرەبلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا جاپا-مۇشەققەتلىك تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى. بۇ سۆھبەت ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق قەدىمىگە دائىر ئاچقۇچ بولدى.
1993-يىلى 9-ئايدا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپ تۇنجى تىنچلىق كېلىشىمى ـــ پەلەستىن ئاپتونومىيىسىنىڭ «پىرىنسىپال خىتابنامىسى»نى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ يەنە بىر يۈرۈش كېلىشىم ئىمزالىدى.
ۋاھالەنكى، بۇ كېلىشىملەر بىر نەچچە نۆۋەتلىك ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قەستەن ئارقىغا سۈرۈشى سەۋەبىدىن ئۈزۈل-كېسىل ئىجرا قىلىنمىدى.
گەرچە ئالاقىدار كېلىشىمگە ئاساسەن، پەلەستىن 1994-يىلى 5-ئايدا ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، بىراق ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتىكى سۆھبەتتە ئىككى تەرەپنىڭ يىرۇسالىمنىڭ تەۋەلىكى، يەھۇدىيلار ئولتۇراق مەھەللىسى، پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى يۇرت-ماكانىغا قايتۇرۇش، ئىككى تەرەپنىڭ چىگراسىنى ئايرىش قاتارلىق قول تۇتىدىغان مەسىلىلەردە ئىختىلابى ئېغىر بولغانلىقتىن، ھازىرغىچە مەڭگۈلۈك تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىنمىدى.

2000-يىلى 9-ئايدا ئىسرائىلىيىدىكى قاتتىق قوللار گۇرۇھىنىڭ رەھبىرى شارۇن ئىسلامنىڭ مۇقەددەس جايى ــ ئەقسا مەسچىدىگە كىرىپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر مەيدان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە قانلىق توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بولۇپمۇ 2001-يىلى 3-ئايدا شارۇن ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن شارۇن بىر قاتار قاتتىق سىياسەتنى قوللانغانلىقتىن، پەلەستىندىكى بەزى رادىكال تەشكىلاتلار ئىسرائىلىيىگە قارىتا بىر قاتار «تېرورلۇق ھەرىكىتى»نى پەيدا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە قاتتىق زەربە بېرىپ ئۆچ ئالدى.
پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپ ۋەزىيىتى ئۆچ ئېلىشقا قارشى تۇرۇشتەك يامان خاراكتىرلىك ئايلىنىشقا چۈشۈپ قالدى.

«شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلى 2003-يىل 1-سان

مەنبە
http://www.orkhun.com/BBS/read.php?tid=493

تولۇق ئوقۇش

پەلەستىن دۆلەتمۇ؟




پەلەستىن دۆلەتمۇ؟


م 1- دۇنيا ئۇرۇشىدا پەلەستىن رايونىنىڭ ھۆكۈمرانى ئەنگىلىيە ئىئوردان دەرياسىنى پاسىل قىلغان بولۇپ، پەلەستىننى «شەرقىي قىسىم» ۋە «غەربىي قىسىم» دەپ ئىككىگە ئايرىۋەتكەن.
«شەرقىي قىسمىنى» ــ تاشقى ئىئوردانىيە (بۈگۈنكى ئىئوردانىيە پادىشالىقى)، «غەربىي قىسمىنى» ــ يەنىلا پەلەستىن، يەنى ھازىرقى (ئىسرائىلىيە، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە رايونى) دەپ ئاتاپ ئەنگىلىيىنىڭ مانداتلىق تېرىتورىيە دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.
1947 - يىلى ب د ت يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ، پەلەستىندە 1948 - يىلى ئەنگىلىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەندىن كىيىن، يەھۇدىلار دۆلىتى ۋە ئەرەب دۆلىتىنى قۇرۇش، يېروسالىمنى خەلقارالاشتۇرۇش بەلگىلەنگەن.

1988 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى پەلەستىن مەملىكەتلىك كومىتېتى 19 - قېتىملىق پەۋقۇلاددە يىغىندا «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نى ماقۇللاپ، پەلەستىندە يېروسالېمنى پايتەخت قىلغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.
«خىتابنامە»دە پەلەستىننىڭ 1947 - يىلى ب د ت ماقۇللىغان 181 - نومۇرلۇق قارارىنى (بۆلۈپ ئىدارە قىلىش قارارى) قوبۇل قىلغانلىقى ئېنىق ئېيتىلغان. پەلەستىننىڭ چىگرا مەسىلىسى كېيىن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا قالدۇرۇلغان.
پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر 130 نەچچە دۆلەت ئۇنى ئېتىراپ قىلدى. پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى ئىلگىرى 90 نەچچە دۆلەتتە تەسىس قىلغان ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر پەلەستىن باش ئەلچىخانىسى دەپ ئۆزگەرتىلدى.
1988 - يىلى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى پەلەستىن ب د ت كۈزەتكۈچىسى بولدى.
1998 - يىلى 7 - ئايدا ب د ت ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ تەكلىپىنى ماقۇللاپ پەلەستىننىڭ ب د ت دىكى كۆزەتكۈچىسىلىك ئورنىنى ئۆستۈردى.

مەنبە:
«پايدىلىنىش خەۋىرى»م
http://www.uzchi.com/google/showart.asp?cat_id=42&art_id=265

تولۇق ئوقۇش

پەلەستىن پاجىئەسى - كىمنىڭ پاجىئەسى؟


پەلەستىن خەلقىنىڭ يەھۇدى قىساسچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىدىن ئىبارەت ئىغىر پاجىئەگە يولۇققانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزلەنگەن بۇ جۇمە خۇتبىسىدە قەرەداۋى دوكتۇر پەلەستىندە يۇز بىرىۋاتقان يەھۇدى قىساسچىلىرىغا قارشى ئىسلام ئەرەب توقۇنىشىنىڭ ماھىيىتىنى يورۇتۇپ بەرگەن



پەلەستىن پاجىئەسى - كىمنىڭ پاجىئەسى؟


دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى كىڭىشىنىڭ رەئىسى دوكتۇر يۇسۇپ قەرەداۋى 16-ماي دۇھادىكى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مەسجىدىدە سۆزلىگەن جۇمە نوتىقىدا «يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىندە ھىچقانداق تارىخىي ۋە دىنى ھەققى يوق ئىكەنلىكىنى كۇچلۇك تەكىتلىدى ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ پاجىئەسى پۇتۇن ئىسلام مىللىتىنىڭ پاجىئەسى، بۇ مىللەت ھامان غەلىبە قازىنىدۇ، چۇنكى ھەقىقەت داۋاملىق ناھەقچىلىق ئۇستىدىن غەلبە قازىنىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

پەلەستىن خەلقىنىڭ يەھۇدى قىساسچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىدىن ئىبارەت ئىغىر پاجىئەگە يولۇققانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزلەنگەن بۇ جۇمە خۇتبىسىدە قەرەداۋى دوكتۇر پەلەستىندە يۇز بىرىۋاتقان يەھۇدى قىساسچىلىرىغا قارشى ئىسلام ئەرەب توقۇنىشىنىڭ ماھىيىتىنى يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەھۇدىلارنىڭ مۇقەددەس زىمىن بىلەن بولغان تارىخى ئالاقىسى ۋە ئۇلارنىڭ يىڭى دەۋردىكى مۇستەملىكىچى كۇچلەر بىلەن قانداق سۇيقەستلەرنى پىلانلىغانلىقى توغىرسىدا توختىلىپ ئۆتتى ۋە ئۇلارنىڭ غەلىبە قىلىشى ۋە مەقسىدىگە يىتىۋىلىشىنىڭ ئاساسى سەۋەبىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.

قەرەداۋى دوكتۇر مۇنداق دىدى: «پەلەستىن پاجىئەسى ھەقىقەتەن ئىغىر پاجىئە بولۇپ، ئۇ يالغۇز پەلەستىن خەلقىنىڭلا پاجىئەسى بولماستىن، بەلكى پۇتۇن ئىسلام مىللىتىنىڭ پاجىئەسى. ئەگەر پەلەستىنلىكلەر بۇ زىمىندىن ۋاز كەچكەن تەقدىردىمۇ، پۇتۇن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭ ئۇچۇن كۆرەش قىلىشى دىنىي مەجبۇرىيەت ھىسابلىناتتى. چۇنكى قۇددۇس ئۇلارنىڭ شەخسى مۇلكى بولماستىن، بەلكى پۇتۇن ئىسلام مىللىتىنىڭ مۇلىكى. ئۇ بۇ بىر ئەۋلادنىڭلا مۇلكى بولماستىن، بەلكى كەلگۇسىدىكى ئەۋلادنىڭمۇ مۇلكى. شۇڭلاشقا ھىچكىمنىڭ ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىش ھوقوقى يوق،

قەرەداۋى يەنە مۇنداق دىدى: ئىسلام ئۇممىتى چوقۇم غەلىبە قازىنىدۇ. چۇنكى مۇسۇلمانلار مۇڭغۇللار ۋە خىرىستىيان كىرىست ئارمىيسى ئۇستىدىنمۇ غەلبە قازانغان. بىز غەلىبىنىڭ چوقۇم كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. چۇنكى ھەقىقەت ھامان رەزىللىك ئۇستىدىن غەلىبە قىلىدۇ،ئىسرائىلىيەنىڭ چەكتىن ئاشقان بىشەملىكى ھەرگىزمۇ ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ. ئامرىكىنىڭ ئۆكتەملىكىمۇ ئەلۋەتتە شۇنداق. بىز پەلەستىن ۋە لىۋاندىكى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىماننىڭ كۇچى بىلەن ئۇلارنى قانداق باپلىغانلىقىنى كۆردۇق.
قەرەداۋى دوكتۇر يەنە لىۋان ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى. لىۋاندىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئختىلاپنى تاشلاپ بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىرىق قىلىش بىلەن نوتىقىنى ئاخىرلاشتۇردى


مەنبە
http://huxpurak.cn/munbar/ShowPost.asp?ThreadID=223
***************************************

تولۇق ئوقۇش

2009年1月6日星期二

مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ ماھىيىتى




م
ۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدىكى

كۈرەشنىڭ ماھىيىتى



تۆۋەندىكى ماقالە قاتار يىرىم ئارال تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇستاز، دوكتۇر يۇسۇپ قەرەداۋى بىلەن
«شەرىئەت ۋە ھايات» ماۋزۇسىدا ئىلىپ بىرىۋاتقان ھەپتىلىك سۆھبەر پىروگىراممىسى بولۇپ،
سۆھبەت تىمىسى: «مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىلار ئارىسىدىكى كۆرەش»
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


كىرىش سۆز:
بىز بۇگۇن مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىلار ئوتتۇرسىدىكى كۆرەش ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى،ئۇ بىر ئەقىدە
كۆرىشىمۇ؟ياكى زىمىن تالىشىش كۆرىشىمۇ؟ھازىرقى تارىخى رىئاللىقتا مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىلار بىرگە
ياشىيالىشى مومكىنمۇ؟دىگەن تىمىلاردا سۆھبەت ئىلىپ بارىمىز ۋە يۇقارقى بىر قاتار سۇئاللىرىمىزنى
ئۇستاز،دوكتۇر يۇسۇپ قەرەداۋىغا تاشلايمىز،


دىكتور:
ھازىر مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىلار ئوتتۇرسىدا كۆرەش بولىۋاتىدۇ،ئەگەر بىز ئارقىمىزغا بۇرۇلۇپ 1400يىل
بۇرۇنقى تارىخقا قايتساق يەھۇدىلارنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ئوبرازى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى قانداق بولغان؟بۇ
خۇسۇسىيتلەر ھەربىر يەھۇدىغا تەدبىقلىنامدۇ ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋردە ياشىغان يەھۇدىلارغىلا
خاسمۇ؟

قەرەداۋى:
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن،بارلىق ماختاش ۋە مەدھىيە ئاللاغا
خاس، ئاللانىڭ ئەلچىسىگە رەھمەت ۋە خاتىرجەملىك يار بولسۇن،
مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىلار ئوتتۇرسىدىكى كۆرەش ئەقىدە كۆرىشىمۇ ياكى زىمىن كۆرىشىمۇ؟ زىمىن كۆرىشى بىز بىلەن يەھۇدىلار ئوتتۇرسىدىكى كۆرەشتىن ئەقىدە تەبىئىتىنى يوققا چىقىرامدۇ؟ دىگەن مەسىلىلەردە ئاۋام
ئارىسىدا بىر تالاي خاتا چۇشەنچىلەر مەۋجۇت،مەن بۇرۇنمۇ دىگەن ۋە يەنە ھازىرمۇ داۋاملىق دەيمەنكى بىز
بىلەن يەھۇدىلار ئوتتۇرسىدىكى كۆرەش قانداقتۇ ئۇلارنىڭ يەھۇدى بولغانلىقى ئۇچۇن بولغان كۆرەش ئەمەس
بەلكى زىمىن كۆرىشى، چۇنكى يەھۇدىلار كىتاپ ئەھلىدىن بولۇپ ئۇلارنىڭ تامىقىنى يىيىش ۋە ئۇلار بىلەن
قۇدا-باجا بولۇش رۇخسەت قىلىنغان، يەھۇدىلار نەچچە ئەسىرلەپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسىدە ياشىغان، لىكىن يەھۇدىلار بىزنىڭ زىمىنىمىز—پەلەستىن زىمىنى،ئىسرا ۋە مىراجنىڭ زىمىنى، مەسجىدى ئەقسانىڭ زىمىنىغا كۆز تىككەندىن باشلاپ ۋە مەسجىدى ئەقسانى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە دۆلەت قۇرۇش سۇيقەستىنى پىلانلىغاندىن باشلاپ بىز بىلەن ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى كۆرەش باشلاندى، لىكىن بۇ دىگەنلىكى بۇ كۆرەشتىن ئەقىدە ۋە دىن خۇسۇسىيتىنى پۇتۇنلەي يوققا چىقارغانلىق ئەمەس،
بۇ مەسىلىنى چۇشىنىشتە خىلى كۆپ قايمۇقۇش بار.
بىزنىڭ كۆرىشىمىز ئەقىدە ئۇچۇن بولغان كۆرەش ئەمەس بەلكى زىمىن ئۇچۇن بولغان كۆرەش دىگەنلىك ــ بۇ كۆرەش ئەقىدە ياكى دىندىن پۇتۇنلەي مۇستەسنا، ئادا-جۇدا دىگەنلىكتىن دىرەك بەرمەيدۇ، چۇنكى بىزمۇ دىنىي مىللەت، يەھۇدىلارمۇ ھەم دىنىي مىللەت، بىزنىڭ زىمىن ئۇچۇن بولغان كۆرىشىمىز ئەلۋەتتە دىن بىلەن
ئارلىشىپ، بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ، چۇنكى بىر مۇسۇلمان ۋەتىنىنى قوغدىغان ۋاقتىدا پەقەت ئۇنىڭ توپىسى ۋە تۇپرىقىنىلا قوغدىماستىن، بەلكى بىر ئىسلام زىمىنىنى ۋە ئىسلام ۋەتىنىنىمۇ قوغىدىغان بولىدۇ، شۇڭلاشقا ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا ئۆلتۇرۇلگەن ئادەم شەھىد بولىدۇ، پۇل-مىلىنى قوغداش يولىدا ئۆلتۇرۇلگەن ئادەم شەھىد بولىدۇ، ئائىلە-بالا-چاقىلىرىنى قوغداش يولىدا ئۆلتۇرۇلگەن ئادەم شەھىد بولىدۇ،ئۆزىنى قوغداش يولىدا ئۆلتۇرۇلگەن ئادەم شەھىد بولىدۇ، دەپ يۇقاردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى شەھىد دەپ ئىتىبارغا ئالغان ۋاقتىمىزدا مانا بۇ، بۇ دىنى كۆرەش دىگەنلىكتىن ئىبارەت، بىر دىندار ئىنساننىڭ ھەممە كۆرەشلىرىگە دىن ئارلىشىپ كەتكەن بولىدۇ، بولۇپمۇ يەھۇدىلار بىلەن بولغان بۇ كۆرىشىمىز تىخىمۇ شۇنداق، چۇنكى پەلەستىن زىمىنى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى قىبلىسىنىڭ زىمىنى، پەيغەمبەرلەر زىمىنى، ئىسلامدىكى ئۇچ كاتتا مەسجدىنىڭ ئۇچىنچىسى جايلاشقان زىمىن ۋە يەنە ئىسرا ۋە مىراجنىڭ زىمىنى، بۇ زىمىننىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قىشىدا ئالاھىدا خۇسۇسىيتى ۋە ئۆزگىچە ئورنى بار، مۇسۇلمانلار مانا موشۇنداق ئۇلۇغ خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زىمىننى ئەلۋەتتە قوغدايدۇ،
شۇنىڭغا ئوخشاش يەھۇدىلارغا نىسبەتەنمۇ بۇ بىر دىنىي كۆرەش، چۇنكى ئۇلار بۇ زىمىننى ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان زىمىن دەپ قارايدۇ،ۋە ئۇنىڭغا نىسبەتەن تەۋرات ۋە تەلمۇتنى مەنبە قىلغان نۇرغۇن چۇشلەرنى كۆرىدۇ،ۋە خام خىياللاردا بولىدۇ،ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئاللا،خەلىق ۋە زىمىندىن ئىبارەت ئۇچ نەرسە بار يەنە بەزىسى بۇ ئۇچىنى تەۋرات،زىمىن،خەلىق دىگەن ئۇچ نەرسە دەپمۇ قارايدۇ مانا بۇ ئۇچى ئۇلارنىڭ قارىشىدا بىربىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ۋە بىر بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن،شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇلار بىزگە دىن نامى بىلەن ئۇرۇش ئاچىدۇ،شۇڭلاشقا بىز بۇ كۆرەشتىن دىننى چىقىرۋەتمەكچى بولغان كىشىلەرگە ئىتىراز بىلدۇرىمىز،شۇنىڭ ئۇچۇن مىنىڭ بىزنىڭ يەھۇدىلار بىلەن بولغان كۆرىشىمىز ئەقىدە كۆرىشى ئەمەس بەلكى زىمىن ئۇچۇن بولغان كۆرەش دىگەن سۆزۇمنى بۇ مەسىلىدىن دىنى ۋە ئەقىدىۋى تەرەپنى چىقىرۋەتمەكچى دەپ چۇشەنمەسلىكىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن،بىزنىڭ بۇ كۆرىشىمىزدىن دىنى ۋە ئەقىدىۋى خۇسۇسىيەتنى چىقىرىۋىتىش بۇ بىر خىيانەت،مەن بۇنى دىمەكچى ئەمەس،شۇڭلاشقا مىنىڭ سۆزۇم بۇ مەقسەتتە چۇشىنىلمەسلىكى كىرەك،مەن پەقەت بۇ سۆزلىرىم ئارقىلىق بەزى كىشىلەرگە ئاللانىڭ ‹‹ئىنسانلارنىڭ مۆئمىنلەرگە ئۆچمەنلىكى،ئاداۋىتى ئەڭ قاتتىقى يەھۇدىلار ۋە مۇشرىكلار ئىكەنلىكىنى تاپىسەن››دىگەن ئايتىنى قانداق چۇشىنىشنى ئىيتىپ بەرمەكچى،بۇ ئايەتتە كۆرسىتىلگىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى ۋەزىيەت بولۇپ،ئۇنىڭدىن كىيىن يەھۇدىلار مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسىگە كىرگەن،ۋە ئۇلار ئارىسىدا خاتىرجەم،تىنىچ ئامان ياشىغان،ئۇلار ھەممە يەردىن قوغلانغان ۋاقتىدا پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭ قىشىدىنلا ئورۇنلىشىدىغان جاي تاپقان،ئۇلار تىخى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا كاتتا بايلار ۋە زەردارلاردەك تۇمۇش كەچۇرگەن ئىدى،بىز بىلەن ئۇلار ئارىسىدا ئانچە-مۇنچە كۆرۇلۇپ قالىدىغان مەدىنىيەت توقۇنۇشىدىن باشقا ھىچقانداق كۆرەش يوق ئىدى،بۇ توقۇنۇشلار ئۇلارنىڭ بىرقىسىم مەنبەسى يوق ئىسرائىل خوراپاتلىرىنى ئىسلامنىڭ ساپ مەدىنىيەت مەنبەلىرىگە سىڭدۇرىشى ۋە ئۇنىڭ ساپلىقىنى بۇلغىشىدىن كىلىپ چىققان بولۇپ،بۇ ئىش ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق،ئۇلارنىڭ بىرقىسىم كىتاپلىرىنى ئوقۇش ۋە ئىغىزچە تارقىلىپ يۇرگەن رىۋايەتلىرى ئاڭلاش ئارقىلىق يۇز بەرگەن ئىدى،شۇنىڭدەك يەنە يەھۇدىلارنىڭ خەلىپە ئوسمان ۋە ئۆمەر دەۋرىدە يۇز بەرگەن ئىشلاردىمۇ مۇھىم رولى بولغان،يەھۇدى ئابدۇللا ئىبنى سىبائنىڭ رولى ھەممىدىن چوڭ بولغان ئىدى،يەنە كەئىب ئىبنى ئەخباردەك مۇسۇلمان بولىۋىلىپ ئىشنى ئەپلەشتۇرگەنلەرمۇ بولغان،ئومومەن قىلىپ ئىيتقاندا 13ئەسىردىن بۇيان مۇسۇلمانلار يەھۇدىلارغا ناسارالارغا ئوخشاشلا مۇئامىلە قىلغان،ئەڭ دەسلەپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار بىلەن ئەھدى تۇزۇشكەن بولۇپ،ئۇلار ئۇنىڭغا خىيانەت قىلغان،شۇنىڭدا شەك يوقكى يەھۇدىلار ۋە ئومومەن بەنى ئىسرائىلنىڭ ئۆزىگە خاس، ئاتا-بوۋىلىرىدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان خۇي-خاراكتىرى بولۇپ قۇرئان كەرىم ئۇلارنى تەپسىلى بايان قىلغان،ئۇلارنى بىز بۇرۇنقى سۆھبەتلىرىمىزدە قوپاللىق،خىيانيەتچىلىك،شەخسىيەتچىلىك،تار مىللەتچىلىك،،،دەپ تىلغا ئالغان ئىدۇق،
ئۇلار ھەتتا يۇقارقى خاراكتىرلىرى تۇپەيلى تەۋراتنىمۇ ئاخىرەت،جەننەت ۋە دەۋزەخ توغۇرلۇق ئەمەس بەلكى يەھۇدىلار توغۇرلۇقلا ۋە ئۇلارنىڭ ھەرخىل ئەھۋاللىرى توغۇرلۇقلا سۆزلەيدىغان بىر مىللەتچىلىك كىتابىغا ئايلاندۇرىۋالغان،ۋە دىنىنىمۇ بىر مىللەتچىلىك دىنىغا ئايلاندۇرىۋالغان، يەھۇدىلارنىڭ روھىدا،خاراكتىرىدا ۋە ئەخلاقىدا ۋە ئىددىيلىرىدە مەۋجۇت يۇقارقى خاراكتىرلارنى مانا شۇ ئۆزگەرتىلگەن تەۋرات ۋە يەنە ئۇلارنىڭ تەلمۇد دىگەن كىتابى پەيدا قىلغان،ئۇلار تەلمۇدىدىكى مەخپى ئىددىيەلەرنى تەۋراتنىڭ تەلىملىرىدىنمۇ بەكرەك مۇھىم بىلىدۇ،تەلمۇدنىڭ ئىددىيلىرى يەھۇدىلارنى باشقا ئىنسانلاردىن ئايرىم ۋە ئالاھىدە بىر سىنىپ،باشقا ئىنسانلار يەھۇدىلارغا قۇل بولۇپ ياشىشى كىرەك دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ،ۋە يەھۇدىلاردىن باشقا خەلىقلەرنى ھايۋانلاردىنمۇ پەس،ھەتتا ئىتلاردىنمۇ تۆۋەن دەپ ئۇگىتىدۇ،بۇلارنى بىز بىلىمىز،ھىچكىم ئۇنى يالغان دىيەلمەيدۇ،مەن بۇ سۆزلەرنى بىر مۇسۇلمان بولۇش سۇپتىم بىلەن دىنى نوقتىدىن ئىيتىۋاتىمەن،يەھۇدىلارمۇ ناسارالارغا ئوخشاشلا كىتاپ ئەھلى،ھەتتا يەھۇدىلار تۇگىمەس دۇشمەنلىكلەرنى قىلىۋاتقان موشۇ دەۋىردىمۇ يەنىلا شۇنداق،ئۇلارنىڭ بۇ دۇشمەنلىكلىرى تۇپەيلىدىن بۇ ھەقىقەتكە تانغىلى بولمايدۇ،بىر زامانلاردا(كىرىست ئۇرۇشى دەۋرىدە) ناسارالار بىزگە يەھۇدىلاردىنمۇ قاتتىق ئۆچمەنلىك قىلغان ئىدى،ئۇ چاغلاردا يەھۇدىلار مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە تۇرغان،ئەڭ ياخشىسى بىز ھەر ئىشقا ئۆز لايىقىدا مۇئامىلە قىلىشىمىز كىرەك،مەسىلەن سىز مەندىن بىر مۇسۇلمان يەھۇدى ئايال بىلەن توي قىلسا بولامدۇ؟دەپ سورىسىڭىز،مەن ياق دەپ جاۋاپ بىرىمەن،چۇنكى بارلىق ئالىملار مۇسۇلمانلارغا ئۇرۇش ئاچقان قەۋىمدىن ئۇلار ھەتتا كىتاپ ئەھلى بولغان تەقدىردىمۇ قىز ئىلىشقا بولمايدىغانلىقىدا بىرلىككە كەلگەن،بۇ خۇددى بىر ئىسرائىلىيەلىك جاسۇس بىلەن توي قىلغاندەكلا ئىش،بىزنىڭ ئىنچىكە تەكشۇرۇشللىرىمىزگە قارىغاندا يەھۇدىلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلىيەنى قوللايدۇ،دىمەك دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدىكى ھەرقانداق يەھۇدى ئايال بىلەن توي قىلىشقا بولمايدۇ،مانا بۇ ئومومى ھۆكۇم،چۇنكى بارلىق يەھۇدىلارنى ئىسرائىليە بىلەن بىللە دەپ قاراش تۇپ قائىدە ھىساپلىنىدۇ،ئىسرائىليە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىلارنى قوللاۋاتىدۇ،ئامرىكىدىكى يەھۇدىلار مالىيە گوروھىنىڭ ئىسرائىليەنىڭ مەيدانغا كىشىلى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدا ھوقوق،مالىيە،قورال-ياراق جەھەتلەردىن ئىزچىل قوللىشى ۋە ياردىمى بار،ئامرىكىنىڭ ئىسرائىليەنى قوللىشىغىمۇ ئامرىكىدىكى يەھۇدى مالىيە گوروھى تەسىر كۆرسەتكەن.

دىكتور:
تەتقىقاتلاردىن ئامرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەملىكە مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ،يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىن زىمىنىدا دۆلەت قۇرۇشىغا يار-يۆلەك بولغانلىقى ئاشكارلاندى،سىزنىڭ بۇنىڭغا قارىتا قارىشىڭىز نىمە؟
قەرەداۋى؛
بۇنداق بولىشى ئەلۋەتتە ئىنىق،چۇنكى مۇستەملىكىچىلەر بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلاردىن قورىقسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ھەسەت قىلىدۇ،ئۇستازىمىز مۇھەممەد غەززالى مۇستەملىكىچىلىك ھەسەتخورلۇق ۋە تاماخورلۇقتۇر دىگەن ئىدى،ئۇلارنىڭ ھەسەتخورلىقى كىرىسىت ئۇرۇشى دەۋرىدىكى مەغلۇبىيتىدىن تارتىپ ساقلىنىپ كىلىۋاتىدۇ،ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلاردىن ئەنسىرىشى ۋە قورقۇشى ۋە ئۇلارنى دۇنيادا قايتا باش كۆتۇرگىلى ۋە ئۇستۇن بولغىلى ۋە بىر كۇچ سۇپىتىدە نامايان بولغىلى قويماسلىققا ئىزچىل ئۇرۇنۇش دەل مانا موشۇ تۇرلۇك تەپەككۇرنىڭ نەتىجىسى،شۇڭلاشقا ئۇلار ئىسرئىليەدىن ئىبارەت بىر شوخىنى مۇسۇلمانلار ئارىسىغا تىكىشى ئەلۋەتتە مومكىن ئىش،ئۇلارنىڭ ئىيتىشىچە ئەسلىدە ناپالىيون بوناپارتمۇ بۇندىن بۇرۇن يەھۇدى دۆلىتى پەيدا قىلىش توغىرسىدا ئويلانغان ئىكەن،بۇمۇ ھەم مومكىن،يەھۇدىلاردىن موشۇ چۇشنى كۆرىۋاتقانلار دەلمۇ دەل ناسارالارنىڭ موشۇ قورقۇنچىسىدىن پايدىلاندى،چۇنكى زالىملار داۋاملىق بىربىرى بىلەن ياردەملىشىدۇ،ھەيران قالارلىق ئىش شۇكى ئۇلار ئادەتتە بىربىرى بىلەن ئانچە ئەپ بولمىسىمۇ لىكىن بىزگە--مۇسۇلمانلارغا --قارشى تۇرۇشقا كەلگەندە بىردىنلا ئىتتىپاقلىشىدۇ،

دىكتور:
بۇگۇنكى يەھۇدىلارنىڭ ھەممىسى ئاللا ئۇلارنى سۇپەتلىگەن ئىسرائىل ئەۋلاتلىرىدىنمۇ؟ياكى ئىسرائىل ئەۋلاتلىرى تارىختا ئۆتكەن بىر گوروھ كىشىلەر بولۇپ بۇگۇنكى يەھۇدىلارنىڭ ئۇلار بىلەن ئالاقىسى يوقمۇ؟
قەرەداۋى؛
ئىسرائىل ئەۋلادلىرى تارىختا ئۆتكەن بىر جامائەت،لىكىن ئۇلار تىخى تۇگىمىگەن،ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ھىلىھەم مەۋجۇت،لىكىن ھازىرقى يەھۇدىلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل ئەۋلادلىرىدىنمۇ دىگەندە،يەھۇدىلار موشۇنداق ئىكەنلىكىنى كۇچەپ تەشەببۇس قىلسىمۇ،ۋە يەھۇدىلارنىڭ ھەممىسى بىر نەسەپتىن دەۋاتقان بولسىمۇ لىكىن يەھۇدىزىم دىگەن قانداقتۇ بىر مىللى سالاھىيەت ئەمەس بەلكى بىر دىن،ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك دىغا دىگەن خالىغان ئادەملەر كىرىۋىرىدۇ، «بۇگۇنكى يەھۇدىلار يەھۇدى ئەمەس» دىگەن كىتاپنى يازغان بۇنيامىن فىرىدمان بۇنداق دىيىش ئارقىلىق ھازىرقى دۇنيادىكى كۆپىنچە يەھۇدىلار ۋە غەرىبى ياۋرۇپادا ياشىغان يەھۇدىلار ئىسرائىل ئەۋلاتلىرىدىن ئەمەس دىمەكچى بولغان ئىدى،سىز ئۇلارنىڭ چىرايىغا قارىسىڭىزمۇ يەمەن يەھۇدىلىرىنىڭ ئىسرائىليە يەھۇدىلىرىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرىسىز ۋە ھازىرقى يەھۇدىلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل ئەۋلادلىرىدىن دەپ ئىيتالمايسىز،دىمەك ئۇلارنى ئىسرائىل ئەۋلادى،ئىسمائىل ئەۋلادى ۋە مىخائىل ئەۋلادىدىن بولۇپ تۇرلۇك ئەۋلادلاردىن دىيىشكە بولىدۇ.

دىكتور:
سىزنىڭچە بولغاندا مۇسۇلمانلار يەمەن،ئىراق ۋە باشقا ئەرەپ دۆلەتلىرىدىكى يەھۇدىلارغا قانداق قارىشى كىرەك؟
قەرەداۋى:
ئۇلاردىن ئۆزى تۇرىۋاتقان دۆلەتنىڭ ياخشى پۇقراسى بولۇش ئىرادىسىنى ئاشكارلىغان ۋە ئىسرائىليە ھازىر يۇرگۇزىۋاتقان قانلىق قىرغىنچىلىقتىن ئادا-جۇدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن،ۋە تىنىچ پۇقرا بولۇپ ياشاۋاتقانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش لازىم،ئۇلارغا تۆھمەت قىلىشقا بولمايدۇ،چۇنكى بىز كىشىلەرنىڭ قەلبىنى يىرىپ تەكشۇرۇپ بىقىشقا بۇيرۇلمىغان،ھەدىستىمۇ؛‹‹بىز سىرتىغا قاراپ ھۆكۇم قىلىمىز،يۇشۇرغانلىرىغا ئاللا ئۆزى ئىگە››دەپ كەلگەن،ھەرقانداق ئادەم بولسۇن ئۆزىنىڭ بىز بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىسا ۋە ئىسرائىليە ئىلىپ بىرىۋاتقان قىرغىنچىلىق،قان تۆكۇش ۋە بۇلانچىلىقلارنى ئىنكار قىلسا بىز ئۇلارغا ئۆزىمىزدەك مۇئامىلە قىلىمىز.

دىكتور:
يەھۇدىلار دۇچار بولغان كوللىكتىپ قىرغىنچىلىقلارغا نىسبەتەن سىزنىڭ قارىشىڭىز نىمە؟بىز مۇسۇلمانلارنىڭ قىشىدا يەھۇدىلار داۋاملىق موشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ دىگەندىن بىشارەت بىرىدىغان نەرسە بارمۇ؟
قەرەداۋى:
شۇنداق بىزنىڭ قىشىمىزدا سۇرە ئىسرادا يەھۇدىلارنىڭ زىمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقى ۋە ئاللانىڭ ئۇلارنى جازالايدىغان ۋە ئازاپلايدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىدىغانلىقى توغۇلۇق ئايەتلەر بار،ئاللا مۇنداق دەيدۇ؛‹‹ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتاپتا(يەنى تەۋراتتا)پەلەستىن زىمىنىدا چوقۇم ئىككى قىتىم بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر،ۋە زۇلۇم قىلىش بىلەن،ئاللا چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىش بىلەن تولىمۇ ھەددىڭلاردىن ئىشىپ كىتىسىلەر،دەپ ۋەھى قىلدۇق››ئاللا يەنە؛‹‹(.ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار،)پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە رەھىم قىلىشى مۇھەققەق يىقىندۇر،ئەگەر سىلەر قايتساڭلار،(يەنى بۇزغۇنچىلىق قىلساڭلار،)بىز قايتىمىز،(يەنى بىز سىلەرنى قايتا جازالايمىز،)بىز جەھەننەمنى كاپىرلار ئۇچۇن زىندان قىلدۇق،››بۇ ئايەتتە دىمەكچى بولغان مەزمۇن؛سىلەر قايتىدىن بۇزۇقچىلىق قىلساڭلار،بىزمۇ سىلەرنى جازالاز ئۇچۇن قايتىدىن زالىملارنى ۋە قاتتىق قول كىشىلەرنى سىلەرگە ھۆكۇمران قىلىپ قويىمىز،دىگەندىن ئىبارەت،شۇنىڭدەك يەنە ئاللا بىزگە يەھۇدىلاردىن بىر بۆلۇك كىشىلەرنىڭ ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كىين،قىيامەت كۇنىگىچە ئۇلارنى ئازاپلاپ تۇرىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىيتقان،ئۇلار ئەلۋەتتە قاتتىق قوللۇق بىلەن ۋە زوركۇچ بىلەن كىلىدۇ،ئىشلار بۇختۇننەسىر دەۋرىدىن باشلاپ مۇسۇلمانلار دەۋرگىچە،قەيسەر ۋە گىتلىر دەۋرىگىچە مانا شۇ بويچە بولۇپ كەلدى،ئاللا يەنە ئۇلار توغۇرسىدا؛‹‹بىز ئۇلارنى زىمىندا گوروھ،گوروھلار بۆلىۋەتتۇق››دىگەن بولۇپ،رۇم دەۋرىدىن باشلاپ ئۇلار بۆلۇنۇپ تىرە-پىرەن بولۇپ كەتتى ۋە بۇگۇنگىچە زىمىننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا چىچىپ،توزۇپ كەتتى،مانا بۇ ئاللانىڭ ۋەدىسى،پەلەستىن زىمىنىغىمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىلارنىڭ ھەممىسىلا يىغىلىپ بولۇشى مومكىن ئەمەس،ئاللا خالىسا ئەڭ ئاخىرقى ھالاكىتىنى كۇتىۋىلىشى ئۇچۇن پەقەت ئۇلارنىڭ كۆپرەك قىسمىلا بۇ يەرگە يىغىلىدۇ.

دىكتور:
بۇگۇن ئەرەبلەر بىلەن يەھۇدىلار ئوتتۇرسىدا مەۋجۇت سۇلھى ۋە كىلىشىملەرنىڭ قانۇنلۇقلىقىغا قانداق قارايسىز؟
قەرەداۋى:
يەھۇدىلار ياكى قانلىق قىرغىنچىلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىق بىلەن تۇرىۋاتقان ۋە بىر دۆلەت دەپ قارىلىپ كىلىۋاتقان ئىسرائىليە پەلەستىن زىمىنىغا پەقەت پەلەستىندىكى ئەرەپلەر ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ياشايدىغان شەخىسلەر سۇپىتىدىلا قەدەم باسقان،ئاندىن يەھۇدى قىساسچىلىرىنىڭ ئەسەبىيلىكى قوزغالغان ۋاقىتلاردىن كىيىن ئۇلار پەلەستىنگە كوللىكتىپ شەكىلدە كۆچۇپ كىلىشكە باشلىدى،ۋە تاكى پەلەستىندىن ئىبارەت بۇ زىمىندا دۆلىتىنى قۇرۇپ بولغىچە زورلۇق-زۇمبۇلۇق ۋە ئۇرۇش جىدەل بىلەن ئۆزىنىڭ نوپوزىنى مەجبۇرى تىكلىدى،پەلەستىن زىمىنى ئىگەللىۋالدى ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى،بۇنى نىمە دەيمىز؟بۇ ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ زىمىنىنى قورال كۇچى بىلەن تارتىۋىلىش ۋە بۇلىۋلىش،ئى قوزىچاق بۆرە ھۆكۇمرانلىق قىلسۇن سەن بويسۇنغىن،ئى قەلەم قىلىچ سۆزلىسۇن سەن جىم تۇغىن دىگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس،شەرىئەت لوگىكىسى بۇنىڭغا نىمە دەيدۇ؟ئەلۋەتتە مىنى بوزەك قىلىشىڭغا يول قويمايمەن،زىمىنىمنى بۇلىۋىلىشىڭغا ۋە ھەققىمنى ئىلىۋىلىشىڭغا ئۇنىمايمەن،سىنىڭ قانۇنلۇقلىقىڭنى ئىتراپ قىلمايمەن،كۇچۇم يىتىشىچە ساڭا قارشى تۇرىمەن،قولۇمدىن كەلگەننى قىلىمەن دەيدۇ،ئاللا مۇنداق دەيدۇ؛‹‹دۇشمەنلىرىڭلار(بىلەن ئۇچۇن ئۇرۇش قىلىش ئۇچۇن)قولۇڭلاردىن كىلىشچە قورال كۇچى،جەڭ ئىتى تەييارلاڭلار،بۇنىڭ بىلەن ئاللانىڭ دۇشمىنى ۋە ئۆزۇڭلارنىڭ دۇشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۇشمەنلەرنى قورقىتىسىلەر،ئۇلارنى سىلەر تونۇمايسىلەر،ئاللا تونۇيدۇ،سىلەرنىڭ ئاللا يولىدا سەرىپ قىلغىنىڭلار مەيلى نىمە بولسا بولسۇن،سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بىرىلىدۇ،سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ،(يەنى بۇ ساۋاپتىن ھىچ نەرسە كىمەيتىۋىتىلمەيدۇ،)››بۇ يەردىكى مۇھىم ئىش ئۇلار قانداق تەييارلىق قىلغان بولسا شۇنداق تەييارلىق قىلىش ئەمەس بەلكى نىمگە كۇچى يەتسە شۇنى تەييالاش،ۋە كۇچى يەتكەنچە قارشى تۇرۇش ،لىكىن ھەرقانداق ئەھۋالدا سىنىڭ قانۇنلۇق ھوقوقۇڭنى تارتىۋالغان باسقۇچىلارغا ۋە زىمىنىڭنى بۇلىۋالغان تاجاجاۋۇزچىلارغا باش ئەگمەسلىك،ئۇلارنى ئىتراپ قىلماسلىق،ۋە ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى قانۇنلۇنلاشتۇرىشىغا يول قويماسلىق كىرەك،بۇ خىل ئەھۋالدا مەلۇم ۋاقىتقىچە ئۇرۇش توختىتىپ تۇرۇشقا ۋە ھەرئىككى تەرەپ قوشۇلغان ئەھۋال ئاستىدا بىربىرىدىن قولىنى يىغىپ تۇرۇشقا بولىدۇ،لىكىن ھازىر تۇزۇلىۋاتقان سۇلھى ۋە ئەھدىنامىلەر يەھۇدىلارنىڭ باسقۇنچىلىقى ۋە تاجاۋۇزچىلىقىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرىنىۋاتقان كىلىشىملەردىن باشقا نەرسە ئەمەس،بۇ ئوپئوچۇقلا پەلەستىن يەھۇدىلارنىڭ زىمىنى،سىنىڭ ئۇنى تەلەپ قىلىش ھەققىڭ يوق دىگەنلىك،ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمى دىگەن ئىككى تەرەپ بىرلىككە كەلگەن ۋە قوشۇلغان ئەھۋالدا مۇئەييەن مۇددەتكىچە بىربىرى بىلەن ئۇرۇشماي،بىربىرىدىن قولىنى يىغىپ تۇرۇش دىگەنلىك بولىدۇ،ئۇنىڭدا ھازىرقى مەۋجۇت ھالەتنى قوبۇل قىلىش،ئىتراپ قىلىش دىگەن نەرسە يوق،لىكىن ئۇلارنىڭ دىمەكچى بولغان سۇلھى،كىلىشىملىرى ھازىرقى ھالەتنى ئىتراپ قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت،ئەرەپلەر تاكى 1967-يىلىغىچە ئىسرائىليە دۇشمەن ۋە تاجاۋۇزچى دەپ كەلگەن ئىدى،67-يىلىدىكى يىڭى تاجاۋۇزچىلىقتىن كىيىن ئەرەپلەرنىڭ سىياسىتى ئۆزگەردى،(يەنى ئىسرائىليەنى ئىتراپ قىلىشقا ئۆزگەردى،ت،)ۋە بۇ ئۆزگەرگەن سىياسەتلىرى ئارقىلىق قولدىن كەتكەن زىمىنلىرىنى قايتۇرىۋالماقچى بولدى،ئۇلار 67-يىلى قولدىن كەتكەن زىمىنلىرىنى قايتۇرىۋالماقچى،ئۇنداقتا 48-يىلى قولدىن كەتكەن زىمىنلارچۇ؟بۇ خۇددى يىڭى تاجاۋۇزچىلىق كونا تاجاۋۇزچىلىقنى قانۇنلاشتۇرغاندەك ئىش ئەمەسمۇ؟!!!ئىككى تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئارىسىدىكى پەرىق نىمە؟ئۇلارنىڭ تۇزگەن تىنىچلىق كىلىشىملىرىمۇ ئادىل،باراۋەر شەكىلدىكى كىلىشىم بولماستىن بەلكى كۇچلۇكلەرنىڭ ئاجىزلارغا تاڭغان ۋە نىمىنى خالىسا شۇنى قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان كىلىشىمى،چۇنكى بۇ كىلىشىملەردە قۇددۇس مەسىلىسى،پەلەستىن مۇساپىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قايتىش مەسىلىسى،چىگرا مەسىلىسى،كۆچمەن كۆچۇرۇپ،ئولتۇراق ئۆي سىلىشنى توختىتىش مەسىلىسىدەك مۇھىم مەسىلىلەر ھەل قىلىنماي تاشلاپ قويۇلغان.

دىكتور:
بىز بىلەن پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەھبىرى ئەھمەد ياسىنمۇ بار،
قەرەداۋى:
مەن ئۇنىڭغا مىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان سالىمىمنى ۋە سىغىنىشىمنى ۋە ئۇنىڭ داۋاملىق سالامەت، خاتىرجەم، مۇستەھكەم تۇرىشى ۋە غەلبە قىلىشىغا بولغان دۇئايىمنى يەتكۇزۇپ قويۇشىڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن.

دىكتور:
شەيىخ ياسىن مەن سىزدىن بىر سۇئال سورىماقچى،سىز پەلەستىن قوزغىلىڭى ئۆزىنىڭ نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدى دەپ قارامسىز؟
شەيىخ ياسىن:
ئى قىرىندىشىم! قوزغىلاڭ كۆتۇرىشىمىزدە نۇرۇغۇن نىشانلار بار ئىدى،ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئەلۋەتتە تاجاۋۇزچىلارنى يوقتىش ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرىنى تازلاش ئىدى،قوزغىلاڭنىڭ بۇ نىشانى ئەمەلگە ئاشمىدى،چۇنكى تاجاۋۇزچىلار ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرى ھىلىمۇ مەۋجۇت،بۇنىڭغا سەۋەپ بولغىنى ئاتالمىش ئوسلۇ كىلىشىمى،بۇ كىلىشىم پەلەستىن خەلىقىنى كىلىشىمنى قوللىغۇچىلار ۋە قارشى تۇرغۇچىلار دەپ ئىككىگە بۆلىۋەتتى،قوللىغانلار قوللىغان پىتى قەپقالدى، قارشى تۇرغۇچىلار يەنى بىز قارشى تۇرغان پىتى قەپقالدۇق،ۋە ھىلىمۇ داۋاملىق قارشى تۇرىۋاتىمىز،لىكىن بۆلۇنۇش پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىنى ئاجىزلاشتۇرىۋەتتى،شۇنداق بولسىمۇ پەلەستىن زىمنىدا تاجاۋۇزچىلارغا قوراللىق قارشى تۇرۇش ھەركىتى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ،

دىكتور:
ھۆرمەتلىك شەيىخ پەلەستىن ھۆكۇمىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئىسرائىليە قوبۇل قىلسۇن ياكى رەت قىلسۇن 1999-يىلى پەلەستىن دۆلىتىنىڭ چوقۇم قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى،پەلەستىن دۆلىتى دىگەن ئۇقۇمىغا قارىتا سىزنىڭ قارىشىڭىز نىمە؟
شەيىخ ياسىن:
پەلەستىن خەلىقىنىڭ ھەممىسى دۆلىتى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ،بىزمۇ ھەم دۆلەت قۇرۇشقا قارشى تۇرمايمىز،لىكىن بىزنىڭ ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يوللىرىمىز ئوخشىمايدۇ،ئوسلۇ كىلىشىمىنىڭ بۇ چۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىشى مومكىن ئەمەس،چۇنكى پەلەستىن زىمىنى 1967-يىلىدىن كىيىن پەلەستىن خەلىقىگە تەۋە بولماي قالدى،ۋە ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرىنىڭ قورشاۋى ئوتتۇرسىدىكى كىچىك بىر كەنىتكە ئايىلىنىپ قالدى،ئىسرائىليەنىڭ بىزنى ھەر ۋاقىت ھاياتلىق ۋاستىلىرىدىن ئايرىپ تاشلاشقا كۇچى يتىدىغان بۇنداق شارائىتتا قانداقمۇ دۆلەت قۇرۇشقا مومكىن بولسۇن؟!دۆۋلەت قۇرۇش ئچۇن مۇستەقىل ۋە قۇددۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۇتۇن زىمىن بولىشى كىرەك.

دىكتور:
سىلەرگە قۇددۇس،غەززا رايۇنى،غەرىبى قىرغاق ۋە باشقا بىر قىسىم رايۇنلار يىتەرلىكمۇ ياكى سىلەر پەلەستىن زىمىنىنىڭ ھەممىسىنى تەلەپ قىلامسىلەر؟
شەيىخ ياسىن:
بىز تەلەپ قىلىۋاتقان پەلەستىن دۆلىتى پۇتۇن پەلەستىن زىمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،پەلەستىن ئىسرا ۋە مىراجنىڭ زىمىنى،مانا بۇ بىزنىڭ بىرىنچى نىشانىمىز،لىكىن ھازىر بىزنىڭ بۇ يىراق نىشانغا يەتكۇدەك ھالىمىز يوق،بىزھازىرقى ئىستىراتىگىيلىك نىشانىمىزنى 1967-يىلىدىن كىيىنكى زىىمىنغا مەركەزلەشتۇرسەك بولىدۇ،شۇڭلاشقا ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ ۋە دۇنياغا بىزنىڭ تىنىچلىقىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى لىكىن دۇشمەنلىرىمىزنىڭ ئۇنى كىرەك قىلمايدىغانلىقىنى ۋە داۋاملىق بىزنى يوقىتىشنىلا ئويلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش مەقسىدىدە مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلەپ ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمى ھاسىل قىلىش توغىرسىدا ئىزدىنىمىز.

دىكتور:
ھازىر جىھاد،قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە تىرورلۇق بىربىرى بىلەن ئارلىشىپ كەتتى،پۇتۇن دۇنيا ھازىر يۇقارقىدىكىلەرنى تىرورلۇق دەپ ئاتاپ ئۇلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرىۋاتىدۇ،ھەتتا تىھراندا ئىچىلماقچى بولغان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار قۇرۇلتىيىمۇ تىرورلۇققا قارشى تۇرۇش سۆھبىتى توغىرسىدا مەخسۇس ۋاقىت ئاجراتماقچى،سىلەر بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟
شەيىخ ياسىن:
ئۆزىنىڭ ھەققىنى تەلەپ قىلىۋاتقان،ئۆزىنىڭ زىمىنى،ۋەتىنى ۋە خەلىقىنى بىسىۋالغان تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۆرەش قىلىۋاتقان خەلىق قانداقمۇ تىرورچى دەپ ئاتالسۇن؟!تىرورچى دەپ باشقىلارنىڭ زىمىنىنى بۇلىۋالغان ۋە ئۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلغان،ھەركۇنى بالىلارنى،ئاياللارنىڭ ۋە قىرىلارنى ئۆلتۇرىۋاتقان،ھەركۇنى بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتقان،كىشىلەرنى يەيدىغان يىمەكلىكى ۋە ئىچىدىغان سۇيىدىن ئايرىۋاتقان،تۇرالغۇلارنى ۋەيران قىلىپ،ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنى قوغلاپ چىقىرىۋاتقانلارنى دەيمىز،مانا بۇلار تىرورچى،ئەمما كىشىلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە باسقۇنچىلىققا قارشى تۇرىۋاتقان كىشىلەرنى تىرورچى دەپ چۇشىنىۋىلىشى بۇ بىر تارىخى خاتالىق ۋە ھەقنى ئاستىن ئۇستۇن قىلىۋەتكەنلىك،بىز پەقەتلا ھەققىمىزنى تەلەپ قىلغۇچىلارمىز،بىز ئۆزىمىزنىڭ ھەققى ۋە زىمىنى ئۇچۇن ئۇرۇشىمىز،مەن بىزنىڭ تىھراندىكى ئىسلام قۇرۇلتىيىغا قاتناشماقچى بولىۋاتقان مۇسۇلمان قىرىداشلىرىمىزغا ۋە رەھبەر قىرىنداشلىرىمزغا شۇنى دەيمەنكى،بۇ قۇرۇلتاي پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەققى توغۇرسىدا مۇنازىرە ئىلىپ بىرىشى ۋە پەلەستىن خەلىقىنىڭ ھەققىنى قوغدايدىغان قالقان بولىشى كىرەك،تاجاۋۇزچىلىق ھەقىقى تىرورلۇقتۇر،بىز قىرىنداشلىرىمىزنىڭ پەلەستىن توغۇرسىدىكى سۆزلىرىنى ئەمىلى ھەركەتكە ئايلاندۇرىشىنى ئۇمىد قىلىمىز،ئاللا مۇنداق دەيدۇ؛‹‹ئى مۆئمىنلەر!نىمە ئۇچۇن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر؟(يەنى ئەمەلدە سىلەر قىلمايدىغان ياخشى ئىشلارنى ئاغزىڭلاردا نىمە ئۇچۇن قىلىمىز دەيسىلەر؟)سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ياخشى ئىشنى(قىلىمىز)دىيىشىڭلار،ئاللانىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ (كۆرىلىدىغان نەرسىدۇر)،››بىز ئەرەپلەر ۋە مۇسۇلمانلار ۋە يەنە دۇنيادىكى باشقا ھەققانىيەرتنى ۋە ئادالەتنى ياقىلايدىغان خەلىقلەرنىڭ ئىزىلگەن،قۇربان بولىۋاتقان پەلەستىن خەلىقى تەرەپتە تۇرىشىنى تەلەپ قىلىمىز،بىز دۇنيانىڭ تاجاۋۇزچىلار تەرەپتە ئەمەس بەلكى بىز تەرەپتە تۇرىشىنى تەلەپ قىلىمىز،موبادا ئۇلار ئەمەلى ھەركىتى بىلەن بىز تەرەپتە تۇرالمىسا ئەڭ ئاز بولغاندا مەنىۋى جەھەتتىن قوللاش ئارقىلىق بىز تەرەپتە تۇرسىمۇ مەيلى،مانا بۇ ئادىللىق،مانا بۇ توغىرلىق بولىدۇ،تىرورچى دەپ كىشىلەرنىڭ زىمىنىنى بۇلىۋالغان ۋە ئۇلارنى ئۆلتۇرىۋاتقان گۇناھكار قاتىللارنى دەيمىز،4مىلىيۇن پەلەستىن خەلىقى زىمىنىدىن قوغلاندى،يەنە 2مىلىيۇن خەلىق غەززا رايۇنى ۋە غەرىبى قىرغاقتا ئىسرائىليەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ،يەنە 67-يىلىدىن بۇرۇنقى پەلەستىن زىمىنىدا بىر مىليۇنغا يىقىن خەلق بارئىدى،(ئۇلارمۇ ھازىر ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا)مانا موشۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشقاندا 7 مىليۇنغا يىقىن پەلەستىن خەلقى تاجاۋۇزچىلىق ۋە باسقۇنچىلىقىنىڭ زۇرۇلىمغا ئۇچراۋاتىدۇ،مانا بىز موشۇنىڭ ئۇچۇن خەلقىمىزنىڭ ۋە ۋەتىنىمزنىڭ ئازاتلىقىنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز،بىز—ئاللا خالىسا—تاكى غەلبە قىلغۇچە ۋە پۇتۇن ھەق-ھوقوقلىرىمىزنى قايتۇرۇپ ئالغۇچە ئاللا يولىدا ئۇرۇش قىلىمىز ۋە كۆرەش قىلىمىز،

دىكتور:
مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىلار ئوتتۇرسىدىكى كۆرەشنىڭ كەلگۇسىگە قانداق قاريسىز؟
شەيىخ ياسىن:
بىزنىڭ يەھۇدىلار بىلەن بولغان كۆرىشىمىز،تاجاۋۇزچىلىققا ۋە باسقۇنچىلىققا ئۇچىرغان ۋەتەننى قۇتقۇزۇش كۆرىشىدۇر،بىزنىڭ كەلگۇسىمىز بىزنىڭ قايتىپ كەلگەن زىمىنىمىزدۇر،موشۇ ۋەتەن قايتىپ كەلگەندە،قوغلاپ چىقىرىلغان خەلىق يۇرتىغا قايتقاندا بۇ كۆرەىش ئاخىرلىشىدۇ،بىز يەھۇدىلار بىلەن ئۇلارنىڭ يەھۇدى بولغانلىقى ئۇچۇن ئۇرۇشمايمىز،بەلىكى ئىسلام بىزنى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىيدۇ ۋە بارلىق دىن ئەھلىگە ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىيدۇ،بىز ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ بىزنىڭ زىمىنىمىزنى بىسىۋالغانلىقى ئۇچۇن ئۇرۇشىمىز،بىزنىڭ قارىشىمىزچە بۇ كۆرەشنىڭ كەلگۇسى ھەتتاكى بۇ ۋەتەن ئازاد بولىغىچە ۋە قوغلانغان خەلىق يۇرتلىرىغا-موشۇ مۇقەددەدس،پاك تۇپرىقىغا قايتىپ كەلگۇچە داۋاملىشىدۇ،بۇ كۆرەشنىڭ ھەتتا بىزنىڭ غەلبە قىلغان كۇنىمىزگە بارمىغۇچە توختاپ قىلىشى مومكىن ئەمەس،ئاللا مۇنداق دەيدۇ؛‹‹غەلبە پەقەت غالىپ ۋە ھىكىمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللا تەرىپىدىنلا بولىدۇ،››

دىكتور:
رەھمەت سىزگە پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىنىڭ رەھبىرى شەيىخ ئەھمەد ياسىن، ھۆرمەتلىك شەيىخ قەرەداۋى ئاخىرقى سۇئالنىڭ جاۋابى توغۇرسىدا شەيىخ ياسىن بىلەن سىزنىڭ ئارىڭىزدا ئورتاقلىق بارمۇ؟بۇ كۆرەشنىڭ كەلگۇسىگە نىسبەتەن سىزنىڭ قارىشىڭىز نىمە؟
قەرەداۋى؛
ھەتتاكى زىمىن ئۆز ئىگىسىگە قايتىپ كەلگۇچە ۋە ھەق ھەق ئىگىسىگە قايتقۇچە كۆرەش داۋاملاشقۇچىدۇر،ۋە جىھاد پەرىزدۇر،مىنىڭ دەپ ئۆتكىنىمدەك ئاللا بىزنىڭ يادرو ئوق بىشى تەييارلىشىمىزنى تەلەپ قىلمايدۇ،بىز پەقەت كۇچىمىزنىڭ يىتىشىچە تەييارلىق قىلىمىز ۋە قولىمىزدىن كىلىشچە جىھاد قىلىمىز،ئەھۋال قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر بىز مەڭگۇ تەسلىم بولمايمىز ۋە مەڭگۇ باش ئەگمەيمىز،مانا بۇ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ۋە بىزنىڭ ئۇستىمىزدىكى ۋاجىپ،بىز ئۆزىمىزنىڭ ھەق ئىگىسى ئىكەنلىكىمىزگە قەتئى ئىشىنىمىز،ئەڭ ئاخىرقى غەلبە ھەق ئىگىسىگە مەنسۇپ بولىدۇ،باتىلنىڭ دۆلىتى بىر سائەتلىك بولسا ھەقنىڭ دۆلىتى قىيامەتكىچە بولىدۇ،بىز ھەق ئارقىلىق باتىلنى يىڭىمىز،باتىل ھامان يوقىلىدۇ،ئاللا مۇنداق دەيدۇ؛‹‹ھەق كەلدى ۋە باتىل يوقالدى،شۇبھىسىزكى باتىل يوقالغۇچىدۇر››كىرىسىت ئۇرۇشى دەۋرىدە پەلەستىن 200 يىل بىسىۋىلىنغان،مەسجىدى ئەقسامۇ 90 يىل كىرىسىت تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قولىدا تۇرغان،مانا شۇنداق تۇرۇپمۇ مۇسۇلمانلار ھەققىنى يەنىلا قايتۇرىۋالغان،بىز ئاللا خالىسا غەلبىنىڭ چوقۇم بىز تەرەپتە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز،قۇرئان كەرىم،ھەدىس،رىئاللىق،تارىخ ۋە ئاللانىڭ كائىناتقا ئورناتقان قانۇنىيەتلىرى ۋە يەنە ھەتتا يەھۇدىلارنىڭ ئۆزى بىزنىڭ غەلبە قىلىدىغانلىقىمىزنىڭ خوش بىشارەتلىرىنى سۆزلەپ تۇرۇپتۇ،بەزى پەلەستىنلىكلەر مۇشى دايانغا بىزگە بىزنىڭ ھامان غەلبە قىلىدىغانلىقىمىز ۋە پەلەستىن زىمىنىنى قايتۇرىۋالىدىغانلىقىمىز توغۇرلۇق بىشارەتلەر بولىۋاتىدۇ،دىگەندە ئۇ بىزمۇ شۇنداق قارايمىز،لىكىن بىزنى يىڭىدىغىنى سىلەر بۇ ئەۋلاد ئەمەس دەپ جاۋاپ بەرگەن،ئاللا خالىسا ئاللانىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىگە،ئىسلامنىڭ دىن ئىكەنلىكىگە،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللانىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە رازى بولغان،ئاللا رازىلىقى ئۇچۇن ئۆز روھىنى قولىغا ئالغان ۋە بىشىنى ئالىقىنىغا ئىلىپ قويغان ھەقىقى مۇسۇلمان ئەۋلادلا بۇ غەلبىنى قولغا كەلتۇرەلەيدۇ،ئۇلار ئۆزىنى سائەتلىك بومبىغا ئايلاندۇرۇپ بۇ دۇشمەننى پارتىلىتىدۇ،ئاللا خالىسا مانا موشۇ تەلەپ قىلىنغان ئەۋلادنى بىز تەلەپ قىلىنغان غەلبىنى قولغا كەلتۇرىدىغان ئەۋلاد دەپ ئاتىساق بولىدۇ.

مەنبە
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-89931.html
مەنبە: خەنزۇچە ئىسلام نورى توربىتى

تولۇق ئوقۇش