پەلەستىندە «فاتاخ» بىلەن «خاماس»تىن ئىبارەت
ئىككى قېرىنداشنىڭ ئەپلەشمىكى نىمە ئۈچۈن تەس؟
2007-07-04 «شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى» خەۋەرلەر تورى
«تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى»
يېقىندىن بۇيان، پەلەستىندە يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەزھەپلەر توقۇنۇشى يۈز بېرىپ، خاماس قوراللىق كۈچلىرى فاتاخ بىلەن بولغان توقۇنۇشتا، غەززە رايونىنى كونترول قىلدى.
پەلەستىن مىللىي ھوقوقلۇق ئاپپاراتىنىڭ رەئىسى ئابباس2007- يىلى 6- ئاينىڭ 20- كۈنى سۆز قىلىپ، خاماس ئەزالىرىنى «تېررورچىلار» دەپ ئاتىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ غەززە رايونىنى زۈلمەت دۇنياغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى ئەيىپلىدى.
فاتاخ بىلەن خاماس ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشەلمەسلىكنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟
ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ قېتىملىق توقۇنۇشنىڭ خاراكتىرىنىڭ ئىلگىرىكى توقۇنۇشلارغا ئوخشاشمايدىغان قانداق يەرلىرى بار؟
ئەرافات ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، پەلەستن ۋەزىيىتى بىر مەھەل مۇقىم بولدى.
ئەمما، خاماس 2006- يىلى 1- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 2- نۆۋەتلىك پەلەستىن قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتى سايلىمىدا پەلەستىن سىياسىي سەھنىسىگە ئۇزۇن مەزگىل يېتەكچىلىك قىلىپ كەلگەن پەلەستىن ئازادلىق ھەركىتى- «فاتاخ»نى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى.
پەلەستىن مىللىي ھوقوقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى بولغان ئابباس «خاماس»قا ئۇخشاش كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولغان تەشكىلاتنى «فاتاخ» يېتەكچىلىكىدىكى پەلەستىن سىياسىي تۈزۈلمىسىگە ئېلىپ كىرمەكچى بولدى.
«خاماس» بولسا، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پەلەستىن جەمئىيىتىگە بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشنى ئويلىدى.
ھەر ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشنى ئويلىغانلىقتىن، پەلەستىن ئەرافات دەۋرىدىن كېيىنكى ئىچكى جەھەتتە تەرتىپكە سېلىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى.
بۇ مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ ئورتاقلىق ھاسىل قىلغان ھەمدە ھەمكارلاشقان بولسىمۇ، ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلار ئۈزۈلۈپ باقمىدى.
ئەمما، بىزنىڭ ھازىر كۆرىۋاتقىنىمىز ئىككى تەرەپنىڭ تەدرىجىي يىراقلىشىشىدىن ئىبارەت بولۇپ،
بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار بار:
ئىچكى ئامىلنى ئېلىپ ئېيتساق،
ئاساسلىقى ئىككى تەرەپنىڭ خاماس كونتروللۇقىدىكى ھەربىي كۈچلەر ۋە پەلەستىن خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ كونتروللۇق ھوقوقى قاتارلىق بەزى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىختىلاپلىرىدا ئىپادىلىنىدۇ.
فاتاخ باشتىن- ئاخىر خاماس ئۆز ئالدىغا قۇرغان ئىجرا قىلغۇچى قىسىمنى تارقىتىۋېتىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.
ئەمما بۇ قىسىم خاماسنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش ئاساسى دەپ قارالغاچقا، خاماسنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.
بۇ يىل 3- ئايدا، سەئۇدىي ئەرەبىستانى قاتارلىق ئەرەب ئەللىرىنىڭ كېلىشتۈرۈشى ئاستىدا، خاماس بىلەن فاتاخ بىرلەشمە ھاكىمىيەت تەشكىللىگەن بولسىمۇ، بۇ ئىختىلاپ ھەل قىلىنمىدى.
ئىككى تەرەپ يەنىلا خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا قوماندانلىق قىلىش ھوقوقىغا ئىگە بولغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى مەسىلىسىدە تالاش- تارتىش قىلدى، ھەتتاكى قوراللىق توقۇنۇشتى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى مەزھەپنىڭ سىياسىي پروگراممىسىدا ماھىيەتلىك پەرق بولغانلىقتىن، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيىسى ۋە ئىسرائىلىيىگە قاراتقان سىياسىتىدە ئىختىلاپ كۆرۈلدى.
ئابباس «ئىسرائىلىيىگە قارىتا زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىش، ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىش، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش» قاتارلىق مۆتىدىل سىياسەتلەرنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلدى.
ھانىياھ بولسا خاماسنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قاتتىق قوللارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا، «ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلماسلىقتا چىڭ تۇردى»
تاشقى ئامىلنىڭ تەسىرى ئاساسلىقى ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ خاماس سەھنىگە چىققاندىن باشلاپلا دېپلۇماتىيە ۋە مالىيە جەھەتتە بېسىم ئىشلىتىپ، خاماس ھۆكۈمىتىنى قىيىن ئەھۋالدا قويغانلىقىدا ئىپادىلەندى.
بۇ ئوبىيكتىپ جەھەتتە «فاتاخ»نىڭ «خاماس» بىلەن بىر سەپتە تۇرماسلىقىنى كۈچەيتىۋەتتى.
شۇنداقلا ئابباس رەئىس بولغان «پەلەستىن مىللىي ھوقوقلۇق ئورگىنى» بىلەن خاماس رەھبەرلىكىدىكى «ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى»دىن ئىبارەت تەڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان ئىككى ھوقوق مەركىزىنى شەكىللەندۈردى.
خاماسنىڭ «قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشنى خالىماسلىق، ئىسرائىلىيىنىڭ ئېتىراپ قىلماسلىق» سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتكە ياتمايدىغان تەرەپلىرى بار بولۇپ، بۇ پەلەستىن- ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىگە پايدىسىز.
ئەمما، «خاماس»نىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن سايلامدا غەلبە قىلىشى - ئۇنىڭ كۆرەش قىلىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، خەلق رايىنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ نەتىجىسى ھىساپلىنىدۇ.
ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ قېتىمقى توقۇنۇش بىلەن ئىلگىرىكى توقۇنۇشلار ماھىيەت جەھەتتە پەرقسىز بولۇپ، بۇ قېتىمقى توقۇنۇش ئىلگىرىكى توقۇنۇشلارنىڭ داۋامى ھىساپلىنىدۇ.
ئوخشاشمايدىغان يېرى پەقەت بۇ قېتىم ئىش چوڭىيىپ قالدى.
ئابباسنىڭ ھانىياھنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىغا قارىتا، ئامېرىكا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇزۇندىن بۇيان، ئامېرىكا پەلەستىن ئىچكى ۋەزىيىتىگە قارىتا قانداق سىياسەت قوللىنىپ كەلدى؟ پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە بۇ خىل سىياسەتنىڭ قانداق مەسئۇلىيىتى بار؟
ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان سىياسىتى ئىسرائىلىيىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىغا قارىتا، ئامېرىكا لىنىيە خەرىتىسى پىلانىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولسىمۇ، دېمۇكىراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پەلەستىن- ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەلەستىن مىللىي ھوقوقلۇق ئورگىنىدىن «يېڭى رەھبەرنى سايلاپ چىقىش، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش، مۇكەممەل بولغان ئەدلىيە ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، مالىيە ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تەسىس قىلىش قاتارلىق بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى» تەلەپ قىلدى.
كېيىنكى مەزگىللەردە، ئەرافات ئامېرىكىنىڭ زور بېسىم ئىشلىتىشى ئاستىدا، «ۋاقىتلىق ئىچكى كابىنت قۇرۇش، نىگىزلىك قانۇننى تەستىقلاش، پەلەستىن خەۋپسىزلىك قىسمىنىڭ قوماندانى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە مالىيە مىنىستىرىنى ئالماشتۇرۇش» قاتارلىق بىر قاتار ئىسلاھات پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى ھەمدە 2003- يىلنىڭ باشلىرىدا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا يەنە ئەرافاتنىڭ «پەلەستىن ئىچكى قىسمىدىكى رادىكال كۈچلەرگە زەربە بېرىپ، خاماس قاتارلىق رادىكال تەشكىلاتلارنى قورالسىزلاندۇرۇشىنى» تەلەپ قىلدى.
بۇ مەقسىدىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن، ئامېرىكا پەلەستىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، ئىسرائىلىيىنىڭ ئەرافاتقا قارىتا ئايرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشىغا قاراپ تۇردى. «لىنىيە خەرىتىسى پىلانى» توختىتىپ قويۇلدى.
ئەرافات ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا دېمۇكىراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە پەلەستىنگە داۋاملىق بېسىم ئىشلەتتى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بىلايىر بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا «پەلەستىننىڭ تەقدىرى پەلەستىنلىكلەر ئۆزىنىڭ قولىدا. ئەگەر سىلەر ئەركىن، دېمۇكىراتىك بولغان جەمئىيەتكە ئىھتىياجلىق بولمايمىز دىسەڭلەر، بىز ھىچنىمە قىلالمايمىز» دېدى.
بۇش يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن،
بىر تەرەپتىن «تىنچلىق لىنىيە خەرىتىسى» پىلانىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرسە،
يەنە بىر تەرەپتىن ئابباس باشچىلىقىدىكى پەلەستىن مىللىي ھوقوقلۇق ئاپپاراتىنىڭ داۋاملىق ھالدا دېمۇكىراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى.
دەل مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئالدىدا، خاماس سايلام ئارقىلىق سىياسىي ئېقىمغا كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
«خاماس»نىڭ سايلامدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى «فاتاخ»قا نىسبەتەن ئېغىر زەربە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەلەستىننىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىي مۇساپىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى.
بۇنداق نەتىجىنىڭ بولۇشىنى ئامېرىكا ئۈمىد قىلمايتتى.
ئامېرىكا دەسلەپتە دېمۇكىراتىك سايلام ئېلىپ بېرىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سايلام نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمىدى.
بۇ قاتلامدىن قارىغاندا، پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان دىيىشكە بولىدۇ.
ھازىر، ئامېرىكا يەنە ئابباسنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خاماسقا قارىتىلغان بېسىمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە گازا رايونىدىكى رادىكال كۈچلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىشنى پىلانلىماقتا.
مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/
没有评论:
发表评论