2009年1月21日星期三

ئىسرائىلىيە «خاماس»تىن ئۈمىد كۈتمەيدۇ





ئىسرائىلىيە «خاماس»تىن ئۈمىد كۈتمەيدۇ


ئىسرائىلىيەنىڭ گازا ئېلىپ بارغان 22 كۈنلۈك تاجاۋۇزچىلىقىدا، قازا قىلغان كىشى 1414 كە يەتتى.
يارىلانغان ئادەم سانى 5500 دىن ئاشتى.
بۇ سان تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن.
ئىسرائىلىيە گازادا ئەڭ يېڭى قوراللىرىنى سىناق قىلغان. بولۇپمۇ ئادەم بەدىنىگە ئەڭ زىيانلىق، چەكلەنگەن قوراللارنىمۇ ئېتىشقا پېتىنغان بولۇپ، ھىچقانداق خەلقئارالىق قانۇنلارنى كۆزگە ئىلمىغان.

2009 - يىلى 20 - يانۋار كۈنى نەچچە مىڭلىغان «خاماس»نىڭ قوللىغۇچىللىرى، «خاماس»نىڭ ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىقىغا باشتىن-ئاخىرى قارشى تۇرۇپ، بوشاشماي جەڭ قىلغانلىقىنى تەبىرىكلەپ، گازادىكى پەلەستىن قانۇن ئورگىنىنىڭ بىناسى (پۈتۈنلەي پارتىلتىۋېتىلگەن) ئالدىغا يىغىلىپ، قوللىرىدا «خاماس»نىڭ يېشىل رەڭلىك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، «خاماس يەڭدى»دەپ تەنتەنە قىلىشتى.

ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمىدىن كىيىنمۇ تىركىشىش داۋاملاشماقتا،
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىر تەرەپتىن چىكىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن تانكىلىرىنى ھەيدەپ گازانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى رايونلارغا ھىچقانداق ئوق ئاتماستىن كىرىۋاتىدۇ.
ئىسرائىلىيە جەڭ پاراخوتلىرى ئىككى قېتىم گازاغا قارىتىپ، توپ ئوقى ئاتتى.
ئۇرۇش توختىغان كۈننىڭ ئەتىسى بىر پەلەستىنلىك ئادەم ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنىدى.
20-يانۋار كۈنى يەنە بىر پەلەستىنلىك دىھقان كىشى «چەكلەنگەن رايونغا يېقىنلاشتى» دىگەن سەۋەپ بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلدى.
بۇ قېتىمقى تىنىچلىقمۇ ئانچە ئۇزۇنغا بارمايدىغاندەك قىلىدۇ.
بۇ نىمە ئۈچۈن؟
بۇنىڭ جاۋابىنى ئىسرائىلىيە بىلەن «خاماس»نىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىزدەش كىرەك؟
ئىسرائىلىيە «خاماس»قا ئىشىنەمدۇ؟
2008 - يىلى 6 - ئايدا ئىسرائىلىيە بىلەن «خاماس» مىسىرنىڭ كىلىشتۈرۈشى نەتىجىسىدە 6 ئايلىق ئۇرۇش توختۇتۇش كىلىشىمى تۈزگەن ئىدى.
بۇ كىلىشىمگە قارىتا ئسرائىلىيە قانداق پوزىتسىيەدە بولدى؟
بىز ئەينى ۋاقىتتىكى مۇلاھىزىنى ئوقۇپ باقايلى:


غەززەدىكى سۈلھى - خەۋپ يوشۇرۇنغان جىمجىتلىق


2008-06-26 «شىنجاڭ گېزىتى»


ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى 2008 - يىلى 18 – ئىيۇن، مىسىرنىڭ كېلىشتۈرۈشى نەتىجىسىدە ئىسرائىلىيىنىڭ غەززە رايونىدىكى پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى(خاماس)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوراللىق گۇرۇھلار بىلەن ئالتە ئايلىق سۈلھى تۈزگەنلىكىنى، ئىككى تەرەپنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 19 – ئىيۇن سائەت 6 دىن باشلاپ بارلىق ھۇجۇم ھەرىكەتلىرىنى توختىتىدىغانلىقىنى دەلىللىدى. بۇنىڭ بىلەن ئالاقىدار تەرەپلەر بىر قانچە ئاي سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان بۇ ھۆججەتنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان بولدى.

سۈلھى بويىچە ئۇرۇش توختاپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي قامالنى بوشىتىپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، خام ماتېرىيال قاتارلىق زۆرۈر ئەشيالارنىڭ چېگرىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدىن غەززە رايونىغا توشۇلۇشىغا يول قويىدۇ. ئارقىدىن ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس مىسىرنىڭ كېلىشتۈرۈشىدە ئەسىرگە ئېلىنغان ئىسرائىلىيىلىك ئەسكەر شارىتنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا داۋاملىق سۆھبەتلىشىدۇ، شۇنداقلا ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلى بىلەن غەززە رايونى ئارىسىدىكى قورال ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش ئەھۋالىنى باھالايدۇ. ئەگەر سۆھبەت ئوڭۇشلۇق بولسا، ئىسرائىلىيە غەززە رايونى بىلەن سىناي يېرىم ئارىلىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان رافا پورتىنى ئېچىۋېتىشنى ئويلىشىدۇ. سۈلھى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى رايوندا داۋاملىق ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى چەكلىيەلمەيدۇ.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، خاماس قاتارلىق قوراللىق تەشكىلاتلار بىلەن سۈلھى تۈزۈش ياكى غەززە رايونىدا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى. لېكىن ئىسرائىلىيە ئاخىرقى ھېسابتا خاماس بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە قوشۇلدى.
ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بېرىن مۇنداق قارىدى:
سۈلھى ئىسرائىلىيىنىڭ جەنوبىي رايونىنى ھۇجۇمدىن ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش. سۈلھى خاماسنىڭ ھەرىكىتىنى مەلۇم دەرىجىدە قانۇنلاشتۇرۇپ، پەلەستىندىكى ئەمەلىيەتچىلەرنىڭ ئورنىنى مەلۇم دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرسىمۇ، لېكىن سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە، غەززە رايونىغا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ خەۋپى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىگە تېخىمۇ ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.

غەززە رايونىغا قارىتىلغان قامالنى بىكار قىلىش، شارىتنى قويۇپ بېرىش، قورال ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش قاتارلىق مەسىلىلەر ئىلگىرى ئىككى تەرەپنىڭ سۈلھى سۆھبىتىدىكى تالاش – تارتىش قىلىنىدىغان قىزىق نۇقتىلار ئىدى. ھازىر بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لايىھىسى سۈلھىدە مۇناسىپ ئەكس ئەتتى. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە خاماسنىڭ باياناتچىسى بۇ سۈلھىگە بىردەك رىئايە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەگەر سۈلھى ئىجرا قىلىنسا، ئىسرائىلىيە بىلەن غەززە رايونىدىكى قوراللىق تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى «دەۋرىي زوراۋانلىق»قا خاتىمە بېرىلىدۇ، غەززە رايونى بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىمۇ ياخشىلىنىدۇ.

ئىككى تەرەپ سۈلھىدە ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتىشكەن بولسىمۇ، لېكىن سۈلھىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇش – قويۇلماسلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس.
ئىسرائىليە زۇڭلىسى ئولمېرت 18 – ئىيۇن مۇنداق دېدى:
ئىسرائىلىيە خاماستىن ئۈمىد كۈتمەيدۇ.
سۈلھى ۋاقىتلىق، «بەلكىم ئىنتايىن قىسقا» بولۇشى مۇمكىن.
ئۇ يەنە: شارىتنى قويۇپ بېرىش سۈلھىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى، دەپ تەكىتلىدى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى ئاشكىناچ 17 – ئىيۇل مۇنداق دېدى:
ئىسرائىلىيە سۈلھىنى چوقۇم سىناپ بېقىشى كېرەك، ئەمما غەززە رايونىدا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشقا داۋاملىق تەييارلىق كۆرمەي بولمايدۇ.

خاماس رەھبىرى مۇسا ئەلى مۇنداق دېدى:
سۈلھى بىلەن شارىتنى قويۇپ بېرىش ئىككى مەسىلە، ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەلەستىندىكى قوراللىق تەشكىلاتلارمۇ «ئاجىز ھالەتتە ئەمەس»، ئىسرائىلىيىنىڭ سۈلھىگە خىلاپ ھەر قانداق قىلمىشى جاۋابسىز قالمايدۇ.

تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى:
ئىسرائىلىيە بىلەن خاماسنىڭ ۋاقىتلىق سۈلھىنى ئىشقا ئاشۇرۇش – ئاشۇرالماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ھەربىي سۈركىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئىسرائىلىيىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى رامون ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈلھىگە قوشۇلغانلىقىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىللە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: غەززە رايونىدا ھەربىي توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر، شۇ چاغدا ئىسرائىلىيە تېخىمۇ چوڭ بەدەل تۆلەيدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/

没有评论:

发表评论