2009年1月7日星期三

ئىسرائىلىيە نېمە ئۈچۈن نىيىتىنى بۇزدى؟




ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى
تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن



2008- 12- 30 12:44 شىنجاڭ گېزىتى


ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيىسى2008 - يىلى 27 – دېكابىر غەززە رايونىغا تۇيۇقسىز كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى، ھازىرغىچە 271 كىشى قازا قىلدى، 900 نەچچە كىشى يارىلاندى. بۇ 1967 – يىلى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، غەززە رايونىدا تالاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان بىر كۈن بولدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى:
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىق توقۇنۇشى يۈز بېرىشى مۇمكىن.


ھۇجۇمنىڭ كۆلىمى چوڭ ھەم تۇيۇقسىز بولدى


ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى2008 - يىلى 27 – دېكابىر 80 نەچچە كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غەززە رايونىغا ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، نەچچە ئون نىشانغا زەربە بەرگەن. بۇ 1967 – يىلى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيىنىڭ غەززە رايونىغا قوزغىغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ ھۇجۇمى ئىكەن.
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ 27 – دېكابىر ھۇجۇم قوزغىشىدا شەك – شۈبھىسىزكى، ئاخبارات ئامىلى بار.چۈنكى شۇ كۈنى خاماسنىڭ نۇرغۇن قوراللىق خادىمى يىغىلىشقا قاتناشقان. ئىسرائىلىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى باراك: خاماسنىڭ 190 دىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك كوماندىرى زەربىگە ئۇچرىدى، دېدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق كۆرسەتتى: ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتىنىڭ تۇيۇقسىز بولغانلىقى ھەم كۆلىمىدىن قارىغاندا، مەقسىتى خاماس قوراللىق كۈچلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا ئېغىر زەربە بېرىپ ھەتتا ئۇلارنى تارمار قىلىپ، ئۇلارنى ئىسرائىلىيىگە يەنە ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش.


ئىسرائىلىيە نېمە ئۈچۈن نىيىتىنى بۇزدى؟


تەھلىلچىلەر ۋە ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كېلەر يىلى 2 – ئايدا ئىسرائىلىيىنىڭ پارلامېنت سايلىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ غەززەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى خېلى بۇرۇنلا پەملىگەن ئىدى.
بىۋاسىتە سەۋەبتىن قارىغاندا، پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس)نىڭ ئۈزۈلدۈرمەي مىنامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلىشى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا پىلتە بولغان. ئەمما چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبتىن قارىغاندا، غەززەگە ھۇجۇم قىلىش ئىسرائىلىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىياسىي كۈچلەرنىڭ سايلام ئالدىدىكى كۈچ سىنىشىشىنىڭ نەتىجىسى.
ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئالغا پارتىيىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، خاماسقا زەربە بېرىش سايلام ۋەزىيىتىنىڭ قىستىشىدىن بولغان. چۈنكى 25 – دېكابىر ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر ھازىر سايلام ئۆتكۈزۈلسە، لىكۇد گۇرۇھى باشچىلىقىدىكى ئوڭچىل پارتىيە – گۇرۇھلار خېلى زور ئۈستۈنلۈك بىلەن ئالغا پارتىيىسى باشچىلىقىدىكى سولچىل پارتىيىلەرنى مەغلۇپ قىلىدىكەن.
ئۆكتىچى پارتىيە لىكۇد گۇرۇھىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خاماسقا زەربە بېرىش، شۈبھىسىزكى، كىرىم بار چىقىم يوق ‹‹سودا››. ئەگەر ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ قوللانغان ھەرىكىتى خاماسنىڭ مىنامىيوت ھۇجۇمىنى چەكلىيەلىسە، ئۇ ھالدا ئىزچىل خاماسقا قاتتىق قول بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن لىكۇد گۇرۇھى جەزمەن بۇ تۆھپىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالالايدۇ؛ ئەگەر ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكىتى ئوڭۇشلۇق بولمىسا، لىكۇد گۇرۇھى مەسئۇلىيەتنى جەزمەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىتتىپاققا ئارتىپ قويىدۇ.
ئىسرائىلىيىنىڭ خاماسقا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش نىيىتىگە كېلىشىدە خاماسنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ كۈنسايىن كۈچەيگەنلىكىمۇ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئىسرائىلىيىنىڭ ئېيتىشىچە، خاماس ئىككى يىلدىن بۇيان لىۋان ئاللا پارتىيىسىنى ئۈلگە قىلىپ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىۋېتىپتۇ.


ھاۋا ھۇجۇمى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ


ئىسرائىلىيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ مەقسىتى ھازىر غەززە رايونىنى تىزگىنلەپ تۇرۇۋاتقان خاماسنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، غەززە رايونىدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارنى ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبى قىسمىغا مىنامىيوت ئېتىشنى توختىتىشقا مەجبۇرلاش. لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئېنىقكى تېخى مەقسىتىگە يەتكىنى يوق.
بىرىنچىدىن، پەلەستىن قوراللىقلىرى ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا داۋاملىق مىنامىيوت ئېتىپ، بىر ئىسرائىلىيىلىك پۇقرانى ئۆلتۈردى، نەچچە كىشىنى يارىلاندۇردى. ئىككىنچىدىن، گەرچە خاماس بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، خاماسنىڭ ئاپپاراتلىرى داۋاملىق ئىشلىمەكتە، خاماس كونتروللۇقىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى داۋاملىق سۆز قىلماقتا.
بۇنىڭدىن سىرت، تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىسرائىلىيىگە قارشى كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن. 27 – دېكابىر ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززە رايونىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى نەچچە شەھەردە ئىسرائىلىيىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن، ھېبرون بىلەن رامئاللاھتىكى نامايىش ئاخىرىدا نامايىشچىلار بىلەن ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئارىسىدىكى زوراۋانلىق توقۇنۇشىغا ئايلانغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى
مەنبە
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/news/content/2008-12/30/content_140977.htm

没有评论:

发表评论