ئىسرائىلىيەنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن «خاماس»
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ (20 - ئەسىرنىڭ) 70-يىللىرى، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۆز-ئارا چەكلەپ تۇرىدىغان كۈچ تېپىپ، ئارافات باشچىلىقىدىكى پەلەستىن مىللى ئازاتلىق تەشكىلاتى - «فاتاخ»نى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولدى. ئۇلار ئىسلام تەشكىلاتى ئىچىدىن مۇۋاپىق نامزات ئىزدىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىسلام تەشكىلاتى - «خاماس» دەھرىي تەشكىلات «فاتاخ»تىن نارازى ئىدى. شۇڭا ئىسرائىلىيە بۇ ئىسلام تەشكىلاتلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ھامان چوقۇم «فاتاخ»نى ئاجىزلاشتۇرىدۇ دەپ قارايتتى.
«خاماس» ئەسلى پەقەت ئىسلام تەشكىلاتى بولۇپ، ئەل ئىچىدە پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئىسرائىلىيە «خاماس»نى تاللاپ ئۇنىڭغا ئاستىرتتىن ياردەم بەردى. ئىسرائىلىيىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن «خاماس» «فاتاخ»نىڭ ئەل ئىچىدىكى تەسىرىنى ئىگىلىدى ھەمدە «فاتاخ»تىن ئىشىپ كەتتى. بۇ دەل ئىسرائىلىيىنىڭ ئارزۇسى ئىدى. بۇنداق بولغاندا «فاتاخ»نىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئىلىپ بىرىشىنى چەكلىگىلى بولاتتى، چۈنكى ئىسرائىلىيە پەلەستىندە تېنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قىلچە خالىمايدۇ. شۇڭا ئىسرائىلىيە پەقەت تېنچلىق سۆھبىتىنى كىچىكتۈرۈشنىلا ئويلايدۇ.
بوش ھۆكۈمىتى بۈيۈك ئوتتۇرا شەرقنى ئۆزگەرتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. «خاماس» پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىپلا تۇرىدىكەن، ئىسرائىلىيە ھىچ كۈچىمەيلا مۇنداق 3 مەقسەتكە يىتەلەيدۇ:
(1). پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ماجرانى داۋاملاشتۇرۇش.
(2). ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىن بىلەن تېنچلىق سۆھبىتى ئىمزالاشنى رەت قىلىشىغا باھانە ئىزدەش.
(3). ئوتتۇرا شەرق توقۇنۇشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىنى ساقلاپ، ئەرەپ دۇنياسىدا مەڭگۈ بۈلۈنمىچىلىك پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا كۈڭۈل بولىشىنى توسۇش.
ئاخبارات ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىسرائىلىيە 1970-يىلىدىن باشلاپ «خاماس» بىلەن مەخپى سودىلىشىپ، ئۇلارغا بىۋاستە ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن. بۇخىل ياردەم كۆپ يىل داۋاملاشقان.
مەسىلەن: 1978-يىلى ئىسرائىلىيە «خاماس»نىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ قانۇنلۇق دىنى تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلغان. گەرچە بۇنىڭ بىلەن «خاماس» ئىسرائىلىيىنىڭ قورالى بولۇپ قالدى دىيىشكە بولمىسىمۇ، ئەمما «خاماس» بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى كۈچلەندۈردى ھەمدە پەلەستىندىكى مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلارنىڭ قەلبىنى ئۇتتى. ئاخىرىدا كۈچلۈك سىياسى كۈچ بولۇپ شەكىللەندى. بۇنىڭ بىلەن 2002-يىلىدىكى چوڭ سايلامدا «خاماس» غەلبە قىلدى.
2002-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىسرائىلىيىدىكى نوپۇزلۇق، پىشقەدەم مۇخبىر رىچاد ماقالە ئىلان قىلىپ، «ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا پەلەستىندە بۆلۈنمىچىلىك پەيدا قىلىپ، «فاتاخ»نىڭ ئىسرائىلىيىگە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇردى، بۇ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاقىلانىلىقى» دىگەن ئىدى.
ئەسلىدىكى خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتى بولغان «خاماس» كۈچلەنگەندىن كېيىن قەتئى قارشىلىق كۆرسىتىدىغان تەشكىلات بولۇپ، ئىسرائىلىيىگە تېخىمۇ تەھدىد بولدى، ئۇنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسى «فاتاخ»تىنمۇ ئىشىپ كەتتى، ھەمدە قەتئىي باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى شارۇن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بايقاپ، «خاماس»نى تېرورلۇق تەشكىلات دەپ ئىلان قىلدى. پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى «فاتاخ» پەلەستىندە مىللەتچىلىك ۋە دەھرىي سىياسەتنى تەشۋىق قىلىپ، كەلگۈسىدە پەلەستىن دۆلىتىنى دىموكراتىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا، «خاماس» كەڭ خەلقئارا ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، پەلەستىننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئىسلام ئىشلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئەمما ئىسرائىلىيە «خاماس»قا ئانچە ئېتىبار بەرمىدى، چۈنكى ئۇلار ئىلغار قۇراللار بىلەن «خاماس»قا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاسان ئىكەنلىكىگە، «خاماس»نى ئىسرائىلىيىنىڭ قۇدرەتلىك قۇرالى ئاستىدا مەڭگۈ كونتىرول قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
«خاماس»نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئىسرائىلىيىنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئىلىپ بىرىشنى كەينىگە سۈرۈشكە پايدىلىق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەلەستىن بىلەن ئۇرۇش قىلىش جەريانىدا ئىسرائىلىيە تېخىمۇ كۆپ زىمىن ۋە ئىدارە قىلىش كۈچىگە ئىگە بولاتتى. بۇ بۈيۈك ئىسرائىلىيە پىلانىغا پايدىلىق ئىدى. چۈنكى ئىسرائىلىيە چوقۇم تېخىمۇ كۆپ زىمىننى ئىشغال قىلغاندىلا ئاندىن ئوتتۇرا شەرقتە چوڭ دۆلەت قۇرۇپ، بارلىق ئەرەپ ئەللىرىنى نازارەت قىلالايدۇ.
ئەمما «خاماس» بارغانسىرى مۇستەقىل بولۇپ، ئىچكى قىسمىدىكى گۇمانلىق كىشىلەرنى تازىلاپ، خەلقئارادا بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئىرىشتى. بۇ ئىسرائىلىيەگە چوڭ تەھدىد بولدى.
«خاماس» گازا رايۇنىدا كۈچ جۇغلىدى ھەمدە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى. ئىسرائىلىيە بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمىغۇدەك ھالەتكە يەتتى، شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى گازا توقۇنىشى يۈز بەردى. بۇ چاغدا ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مۆتىدىل ئابباسنى ئەسلەپ، كۈچلۈك قۇراللىق ھۇجۇم ئارقىلىق «خاماس»نى ۋەيران قىلغاندىن كېيىن گازا رايۇنىنى ئابباسقا تاپشۇرۇپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلاشنى يەنە كېچىكتۈرمەكچى بولدى.
يۇقارقى تەھلىل چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئىلان قىلىنغان، «ئىسلام نۇرى» تورىدىن ئېلىنغان.
مەنبە
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-54726.html
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
Isra'iliyening qollishigha irishken «xamas»
Aldinqi esirning (20 - esirning) 70-yilliri, isra'iliye hökümiti pelestinning ichki qismida öz-ara cheklep turidighan küch tépip, arafat bashchiliqidiki pelestin milli azatliq teshkilati - «fatax»ni ajizlashturmaqchi boldi. Ular islam teshkilati ichidin muwapiq namzat izdidi. Chünki ularning neziride islam teshkilati - «xamas» dehriy teshkilat «fatax»tin narazi idi. Shunga isra'iliye bu islam teshkilatliri üstünlükni igiligen haman choqum «fatax»ni ajizlashturidu dep qaraytti.
«xamas» esli peqet islam teshkilati bolup, el ichide parawanliq we ijtima'i ishlar bilen shughullinatti. Isra'iliye «xamas»ni tallap uninggha astirttin yardem berdi. Isra'iliyining qutritishi bilen «xamas» «fatax»ning el ichidiki tesirini igilidi hemde «fatax»tin iship ketti. Bu del isra'iliyining arzusi idi. Bundaq bolghanda «fatax»ning isra'iliye bilen tinchliq söhbiti ilip birishini chekligili bolatti, chünki isra'iliye pelestinde ténchliqni ishqa ashurushni qilche xalimaydu. Shunga isra'iliye peqet ténchliq söhbitini kichiktürüshnila oylaydu.
Bosh hökümiti büyük ottura sherqni özgertish pilanini otturigha qoydi. «xamas» pelestinning ichki qismida bölgünchilik peyda qilipla turidiken, isra'iliye hich küchimeyla mundaq 3 meqsetke yiteleydu:
(1). Pelestinning ichki qismidiki majrani dawamlashturush.
(2). Isra'iliyining pelestin bilen ténchliq söhbiti imzalashni ret qilishigha bahane izdesh.
(3). Ottura sherq toqunushining uzun muddet dawamlishini saqlap, erep dunyasida menggü bülünmichilik peyda qilip, ularning pelestin-isra'iliye toqunushigha küngül bolishini tosush.
Axbarat emeldarlirining ashkarilishiche, isra'iliye 1970-yilidin bashlap «xamas» bilen mexpi sodiliship, ulargha biwaste iqtisadiy yardem bergen. Buxil yardem köp yil dawamlashqan.
Mesilen: 1978-yili isra'iliye «xamas»ning pelestinliklerning qanunluq dini teshkilati ikenlikini ashkara étirap qilghan. Gerche buning bilen «xamas» isra'iliyining qorali bolup qaldi diyishke bolmisimu, emma «xamas» bu pursettin paydilinip özini küchlendürdi hemde pelestindiki musulmanlar we xiristiyanlarning qelbini utti. Axirida küchlük siyasi küch bolup shekillendi. Buning bilen 2002-yilidiki chong saylamda «xamas» ghelbe qildi.
2002-yili 6-ayning 28-küni isra'iliyidiki nopuzluq, pishqedem muxbir richad maqale ilan qilip, «isra'iliye hökümiti muweppiqiyetlik halda pelestinde bölünmichilik peyda qilip, «fatax»ning isra'iliyige qarshiliq körsitish küchini ajizlashturdi, bu isra'iliye hökümitining aqilaniliqi» digen idi.
Eslidiki xeyr-saxawet teshkilati bolghan «xamas» küchlen'gendin kéyin qet'i qarshiliq körsitidighan teshkilat bolup, isra'iliyige téximu tehdid boldi, uning qarshiliq körsitish iradisi «fatax»tinmu iship ketti, hemde qet'iy bash egmeydighanliqini bildürdi.
Isra'iliye zunglisi sharun ishning chataqliqini bayqap, «xamas»ni térorluq teshkilat dep ilan qildi. Pelestin azatliq teshkilati «fatax» pelestinde milletchilik we dehriy siyasetni teshwiq qilip, kelgüside pelestin dölitini dimokratik dölet qilip qurup chiqidighanliqini jakarlighanda, «xamas» keng xelq'ara alaqini qanat yaydurup, pelestinning ichi we sirtida islam ishliri üchün köresh qilidighanliqini jakarlidi.
Emma isra'iliye «xamas»qa anche étibar bermidi, chünki ular ilghar qurallar bilen «xamas»qa taqabil turushning asan ikenlikige, «xamas»ni isra'iliyining qudretlik qurali astida menggü kontirol qilghili bolidighanliqigha ishinetti.
«xamas»ning mewjut bolup turushi isra'iliyining tinchliq söhbiti ilip birishni keynige sürüshke paydiliq idi. Uning üstige pelestin bilen urush qilish jeryanida isra'iliye téximu köp zimin we idare qilish küchige ige bolatti. Bu büyük isra'iliye pilanigha paydiliq idi. Chünki isra'iliye choqum téximu köp ziminni ishghal qilghandila andin ottura sherqte chong dölet qurup, barliq erep ellirini nazaret qilalaydu.
Emma «xamas» barghansiri musteqil bolup, ichki qismidiki gumanliq kishilerni tazilap, xelq'arada bir qisim küchlerning qollishi we yardimige irishti. Bu isra'iliyege chong tehdid boldi.
«xamas» gaza rayunida küch jughlidi hemde keng xelq ammisining qollishigha irishti. Isra'iliye buninggha chidap turalmighudek haletke yetti, shuning bilen hazirqi gaza toqunishi yüz berdi. Bu chaghda isra'iliye qatarliq döletler mötidil abbasni eslep, küchlük quralliq hujum arqiliq «xamas»ni weyran qilghandin kéyin gaza rayunini abbasqa tapshurup, pelestin-isra'iliye tinchliq söhbitini qayta bashlashni yene kéchiktürmekchi boldi.
Yuqarqi tehlil chet'el axbarat wastilirida ilan qilin'ghan, «islam nuri» toridin élin'ghan.
Menbe
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-54726.html
没有评论:
发表评论