2009年1月13日星期二

غەززە پاجىئەسى قايسى دەرىجىگە يەتتى؟





غەززە پاجىئەسى قايسى دەرىجىگە يەتتى؟


ئىسرائىلىيىنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇمىدا بەش مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى ۋە يارىلاندى


2009- 01- 13 17:00 تەڭرىتاغ تورى


غەززەنىڭ شىمالىدىكى رايونلار ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى




«شىنخۇا تورى» رامئاللا 2009 - يىلى 12 – يانۋار تېلېگراممىسى:

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيسىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرى2009 - يىلى 12 – يانۋار غەززە رايونىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر غەززە شەھىرىنىڭ مەركىزىگە قاراپ ئىلگىرلىگەن.
پەلەستىن جىددىي قۇتقۇزۇش تارماقلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ كۈنى چۈشكىچە ، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان 17 كۈنلۈك ھەربىي ھەرىكىتىدە قازا قىلغان پەلەستىنلىك 900 دىن ئېشىپ كەتكەن ، يارىلانغانلار 4100 گە يەتكەن .


ئىسرائىلىيە ئارمىيسىنىڭ ھۇجۇمىدا ۋەيران بولغان ئولتۇراق ئۆيلەر



شۇ يەردىكى نەق مەيداندا كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ تانكا ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى شۇ كۈنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا غەززەنىڭ شەرقىي ۋە شىمالىغا ھۇجۇم قىلغان. شۇ كۈنى كۈندۈزدە، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززە شەھىرىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىدىكى رايونلارنى بومباردىمان قىلغان.
غەززە رايونىدىكى پەلەستىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئورنىنىڭ مەسئۇلى ھاسانىنىڭ 12 – يانۋار ئېيتىشىچە، شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىدە ئاز دېگەندە يەتتە پەلەستىنلىك قازا قىلغان بولۇپ ، قازا قىلغانلار ئىچىدە ئىككى ئايال ۋە ئىككى بالا بار ئىكەن .


پەلەستىنلىكلەر ئۇرۇش سەۋەبىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى



ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەدى نىجاد ئالدىنقى كۈنى ئالجېرىيە زۇڭتۇڭى بۇتىفىلىكىقا يازغان خېتىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېزلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت قوللىنىپ، ئىسرائىلىيىنىڭ غەززەگە قاراتقان كونتروللۇقى ۋە ھەربىي ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، غەززە رايونىدا تېخىمۇ چوڭ كۆلەملىك ئىنسانپەرۋەرلىككە يات ئاپەتنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇراجىئەت قىلغان.
ئۇ خېتىدە يەنە مۇنداق دېگەن: ئىران ئىسرائىلىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى توسۇپ، پەلەستىن خەلقىگە ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىشىشقا تەييارلىنىپ بولدى.
ۋىنىسۇئىلا زۇڭتۇڭى چاۋس 11 – يانۋار ۋىنىسۇئىلانىڭ 12.5 توننا تببىي داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان بۇيۇملىرى بېسىلغان ئايروپىلانىنىڭ شۇ كۈنى مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىن پەلەستىن خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىنى ، ۋىننىسۇئىلانىڭ يەنە غەززە رايونىنى 80 توننا يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان . چاۋس يەنە ئىسرائىلىيىنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىپلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئىسرائىلىيىنىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
پەلەستىنگە دائىر بىلىملەر خەزىنىسى
http://palastinbiz.blogspot.com/
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

没有评论:

发表评论