پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تۇقۇنۇشىنىڭ ھەقىقىي سىرى
خەرىتىگە قارايدىغان بولساق پەلەستىننىڭ ئورنى - ئاسىيانىڭ غەربىگە، ئوتتۇرا دىڭىز ۋە ئىئوردان دەرياسى ئارىلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبى قىزىل دىڭىزنىڭ ئۇقەبە قولتۇغىغا، قۇرۇقلۇقتا شىمالى لىۋان بىلەن، شەرقتە سۇرىيە، ئىئوردانىيەلەر بىلەن، جەنۇبى مىسىر بىلەن چىگرىلىنىدۇ.
پەلەستىن - ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋرۇپا قىتئەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش تۇگۇنى.
پەلەستىنلىكلەر :«پەلەستىن ئەزەلدىنلا بىزنىڭ جايىمىز، بىز بۇ جاينى ئىگەللىگەندىن كىيىن ئىزچىل ھالدا ئولتۇراقلىشىپ ،تىرىكچىلىك قىلىپ كەلدۇق. شۇڭا پەلەستىن - بىزنىڭ زىمىنىمىز، پەلەستىن بىزگە مەنسۇپ» دەيدۇ.
ئىسرائىلىيەلىكلەر: «يەھۇدىيلار - پەلەستىنگە ئەرەبلەردىن بۇرۇن كەلگەن، بىر قىسىم يەھۇدىيلار بۇ جايدا ئىزچىل ئولتۇراقلىشىپ كەلدى، شۇڭا پەلەستىن - بىزگە تەۋە بۇلۇپ، بىزنىڭ زىمىنىمىز بۇلۇشى كىرەك» دەپ قارايدۇ.
ئۇنداقتا پەلەستىننىڭ خۇجايىلىرى زادى كىم؟
زادى قايسىنىڭ توغرا؟
قايسىنىڭ خاتا ؟
پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تۇقۇنۇشى زادى نىمىشقا ھەل بولمايدۇ؟
نىمىشقا قانلار تۇكۇلىدۇ؟
كىمنىڭ ھەق؟
كىمنىڭ ناھەق؟
گەپنى تارىختىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ:
(1) پەلەستىن ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە.
مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرى «كانائان » دەپ ئاتىلىدىغان يېرىم كوچمەن قەبىلە ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىن بۇ زىمىنغا كۇچۇپ كىلىپ ئولتۇراقلاشتى ۋە «كانئان» دولىتىنى قۇردى.
(2) مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000 يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا يەھۇدىلارنىڭ ئەسلى ئەجدادى بولغان «ئىبراي» دەپ ئاتىلىدىغان كوچمەن چارۋىچى قەبىلە ئىفرات دەرياسى ۋادىلىرىدىكى يايالاقلاردىن دەل مۇشۇ زىمىنغا كۇچۇپ كىلىپ، مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 1020-يىللىرى ئىبراي قەبىلىسى تۇنجى يەھۇدىلار دولىتىنى قۇرۇپ ئىروسالىمنى پەيتەخىت قىلدى.
(3) مىلادىدىن ئىلگىرى 12-13-ئەسىرلەرنىڭ ئارلىقىدا ئىگەي دىڭىز بويىدىن «فىلىستىن» قەبىلىسىمۇ بۇ يەرگە كۇچۇپ كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ، «فىلىستىنلا» دولىتىنى قۇردى. دەل ھازىرقى «پەلەستىن» دىگەن نام «پىلىستىن»دىن ئۆزگۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، گىرىك تىلىدا «فىلىستىنلا زىمىنى» دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ.
دىمەك: پەلەستىن زىمىنىدا يۇقارقى 3 قەبىلە ئولتۇراقلاشقان بۇلۇپ، تارىخى ئارقا كۇرۇنىشى ئىنتايىن مۇرەككەپ.
12-ئەسىردە ئىسلام دىنى ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا بارلىققا كەلگەندىن كىيىن، ئەرەبلەر سىرتقا قارىتا كىڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلىدى. 640 - يىلى پەلەستىننى ئىشغال قىلدى. بۇ ۋاقىتتا پەلەستىن زىمىنىدا پەقەت بىر نەچچە مىڭلا يەھۇدىيلار قىپقالغان ئىدى. ئەرەبلەر پەلەستىننى ئىگەللىگەندىن كىيىن، بۇ زىمىنغا ئەرەبلەر ئۈزلۈكسىز كۆچۇپ كىلىپ يەرلىك «پىلىستىن»لارنىڭ مەدەنىيىتىنى قۇبۇل قىلدى ۋە ئۇلار بىلەن ئاسسىمىلاتسىيە بۇلۇپ، ھازىرقى پەلەستىن ئەرەبلىرىنى شەكىللەندۇردى. ئۇلار 1300 نەچچە يىللاردىن بۇيان بۇ يەردە ئىزچىل ئولتۇراقلىشىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كۆپىيىپ پەلەستىن زىمىنىنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلاندى.
ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ بارلىققا كىلىشى
پەلەستىنگە ئەرەبلەر كۇچۇپ كىلىپ پىلىستىنلار قەبىلىسى بىلەن ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ پەلەستىننىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلانغاندىن كىيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىيلار دىندا ۋە ئادەتلىرىدە بەك چىڭ تۇرغانلىغى ئۇچۇن كەمسىتىلىشكە ئۇچرىدى ۋە ياۋرۇپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن قوغلاندى (ۋە قىرغىن) قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار «مىللىي كەمسىتىلىشتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن-بىر چىقىش يولى - بىرلىشىش ۋە ئىتىپاقلىشىش» دەپ قاراپ، ياۋرۇپادىن كىلىپ پەلەستىنگە بىرىپ «يەھۇدىيلار دولىتىنى قۇرۇش» دەپ مۇئەييەنلەشتۇردى.
1931-يىلى يەھۇدىيلار ئۆز پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن بىر يانتاياقنىڭ بولۇشىنىڭ زۇرۇر ئىكەنلىگىنى تۇنۇپ يېتىپ، ئالدى بىلەن ئەنگىلىيەنى تايىنىش ئوبىكتى قىلىپ تاللىۋالدى. ئەنگىلىيە ھۇكۇمىتىمۇ مەلۇم پايدىنى كوزلەپ بۇ مەسىلىگە ناھايىتى قىزغىن مۇئامىلە قىلدى ۋە يەھۇدىيلارنى قوللىدى.
1918-يىلى ئەنگىلىيە پەلەستىن زىمىنىغا بىسىپ كىرىپ ئىشغال قىلدى ۋە پەلەستىنگە بولغان كونتۇرۇللىقنى يۇرگۇزۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ تۇركۇم تۇركۇملەپ پەلەستىن زىمىنىغا كۇچۇپ كىلىشكە ئىلھام بەردى ۋە رىغبەتلەندۇردى.
نەتىجىدە يەھۇدىيلارنىڭ سانى 39-يىلدىكى 50 مىڭدىن بىراقلا 445مىڭغا يەتتى.
بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئەرەبلەر ۋەزىيەت مۇشۇنداق كىتىۋەرسە يەھۇدىيلارنىڭ سانى كوپىيىپ كىتىپ پەلەستىننىڭ قولدىن كىتىپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئەنگىلىيە ھۇكۇمىتىنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان ئەرەبلەرنى چەتكە قىقىش، يەھۇدىيلارنى قوللاش سىياسىتىگە كەسكىن قارشى تۇردى.
نەتىجىدە يەھۇدىيلار بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ پەلەستىن زىمىنىدا يەر سېتىۋېلىش پەلەستىنگە داۋاملىق كۇچۇپ كىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرىگە ئەنگىليە ھۇكۇمىتى ئۆزگەرتىش كىرگۇزدى.
بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا دەسلەپكى قەدەمدە مىللى زىدىيەت بارلىققا كەلدى.
بۇ ۋاقىتتا يەھۇدىيلار نىشاننى بۇراپ ئەنگىلىيىگە تايىنىش ۋاستىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئامىرىكىغا تايىنىشنىڭ «ئاقىلانە چارە» ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى ۋە ئامىرىكىغا تايىنىش يولىنى تاللىۋالدى ۋە ئامىرىكىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى.
... دەل زىددىيەت پارتلاي دەپ قالغان ۋەزىيەتتە ئەنگىلىيە ھۇكۇمىتى پەلەستىن مەسىلىسىنى ب د ت نىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇردى.
ب د ت 1947-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۇنى 2-نوۋەتلىك ب د ت يىغىنىدا پەلەستىننى ئىككىگە بۆلۇپ، يەھۇدىيلار دۆلىتى ۋە پەلەستىن دۆلىتىدىن ئىبارەت ئىككى زىمىنغا ئايرىپ، زىددىيەتنى مۇشۇ ئۇسۇلدا ھەل قىلىش لاھىيىسىنى ماقۇللىدى.
(يەھۇدىلارغا تۇتاش-تۇتاش سالا ئىتىزلار، سۇيى مول پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى دىڭىز بويلىرى بېرىلدى، پەلەستىنلىكلەرگە بىر بىرىگە تۇتاشمايدىغان قاقاس يەرلەر، پايدىلىنىش قىممىتى توۋەن زىمىنلار ئايرىپ بىرىلدى)
بۇ ۋاقىتتا ئامىرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ لاھىيەنى بىرلىكتە قوللىدى. بۇنىڭ بىلەن ب د ت نىڭ پەلەستىننى بۆلۇپ ئايرىپ بىرىش لاھىيىسى بۇ زىمىندا يەھۇدىيلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش ۋە ھۆكۇمران بولۇش ئارزۇسىنى قانۇنلاشتۇردى.
شۇنىڭ بىلەن 1948-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۇنى يەھۇدىيلار پەلەستىن زىمىنىدىكى ب د ت ئۆزىگە ئايرىپ بەرگەن زىمىندا «ئسرائىلىيە دولىتى»نىڭ قۇرۇلغانلىغىنى رەسمى جاكارلىدى.
ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن، بۇ رايۇندىكى بۇرۇندىنلا ئولتۇراقلىشىپ كىلىۋاتقان ئەرەپلەرنى قوغلاپ چىقىرىشقا باشلىدى ھەمدە كىڭەيمىچىلىك قىلىپ، ب د ت بۆلۇپ بەرگەن زىمىندىن ھالقىپ، پەلەستىن ئەرەبلىرىگە بۆلۇپ بېرىلگەن 5700 كۇۋادىرات كىلومىتىر يەرنى ئۆكتەملىك بىلەن ئارتۇق ئىگەللىۋالدى.
بۇنىڭ بىلەن پەلەستىن زىمىنىنىڭ 5 تىن 4 قىسمى ئىسرائىلىيەنىڭ قولىغا ئۆتۇپ كەتتى ھەمدە بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئەرەبلەر بۇ زىمىندىن قوغلاندى.
نەتىجىدە قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلالمىدى.
پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تۇقۇنۇشىنىڭ ھەل بولماسلىقىدىكى ئاساسى سەۋەپلەر
يۇقارقى پەلەستىن تارىخىدىن شۇنى كۆرۇشكە بولىدۇكى:
مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000 يىللاردىن مىلادى 12-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ئۇرۇن ئالمىشىىشى نەتىجىسىدە يەھۇدىيلارنىڭ ئاز بىر قىسمى بۇ رايۇندا ئىزچىل ياشاپ، يەھۇدىيلارنى پەلەستىنگە باغلاپ تۇردى ۋە تارىخنى 20- ئەسىرگە ئۇلاشتۇردى.
ئەرەپلەرمۇ پەلەستىنگە كەلگەندىن كىيىن، يەرلىك ئاھالىلار بىلەن ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ ھازىرقى پەلەستىن ئەرەبلىرىنى شەكىلەندۇردى.
ئۇلار 1300 نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ رايۇندا ئىزچىل ھالدا ئولتۇراقلىشىپ كەلمەكتە. شۇڭا يەھۇدىيلار بىلەن ئەرەبلەرنىڭ پەلەستىندىكى ئورتاق مەۋجۇتلىقى - ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان پاكىت.
ھازىر مانا پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تۇقۇنۇشىغا 60 يىلدىن ئاشتى.
تۇقۇنۇشنىڭ ھەل بولماسلىغىدىكى سەۋەپ:
(1) دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ قول تىقىشى ۋە قوللىشى.
ئامرىكا 1948-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۇنى ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلۇپ، 11 مىنۇتتىن كىيىن 1-بولۇپ ئىتىراپ قىلغان دۆلەت بولدى.
سوۋېت ئىتىپاقى 2-بولۇپ ئىتىراپ قىلدى.
بۇ ئىككى دولەت ماھىيەتتە تۇقۇنۇشنى كەسكىنلەشتۇرۇۋەتتى.
(2) تۇقۇنۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىگە تۇتقان قاتتىق قول پۇزىتسىيىسى مەسىلىنىڭ ھەل بولماسلىغىدىكى ئاساسى سەۋەپ بوپ قالدى.
(3) پەلەستىنلىكلەر بولسۇن ياكى باشقا ئەرەب ئەللىرى بولسۇن، ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى.
(1974 - يىلى «پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى» تەسلىكتە قۇرۇلدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنىي ۋەكىللىك سالاھىيىتى بارمۇ- يوقمۇ؟ دىگەن مەسىلىدە تالاش - تارتىش بولۇپ، تاكى 1974-يىلى 10-ئايغىچە بەزى ئەرەب ئەللىرى تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنمىدى، ھەتتا بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى.
بۇ سەۋەبلىك بەزىدە ئىچكى تۇقۇنۇش يۇز بەردى.
1988-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۇنى ئاران دىگەندە، سەرگەردان «پەلەستىن دۆلىتى» قۇرۇلدى. لىكىن نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ يېڭى دۆلەتنى ئىتىراپ قىلمىدى.
ھەتتا نۇرغۇن ئەرەب دولەتلىرىمۇ «پەلەستىن دولىتى»نى ئىتىراپ قىلمىدى.
قىزىق يېرى، پەلەستىندىكى نۇرغۇن تەشكىلاتلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ بىرلىك بولمىدى ...
ھەتتا مۇشۇنداق ھالقىلىق ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ داھىسىنى تىكلەشنى رەت قىلدى.
نەتىجىدە پەلەستىن دۆلىتى يېتىم قالدى ۋە «پەلەستىن دۆلىتى» دەپ ئاتاشتىن قىپ قالدى.
پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان ئىسرائىلىيە دۆلىتى ئامىرىكىنىڭ قوللىشى تۇرتكىسىدە زىمىن، ھوقۇق ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزلۇكسىز زورايدىۋە كۇچايدى.
ئامىرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىشىنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟
(1) ئامىرىكا زىددىيەتكە قول تىقىش ئارقىلىق ئەرەب ئەللىرىنى كونتۇرۇل قىلىپ ئوتتۇرا شەرقتىكى خوجايىنلىق رولىنى ساقلاپ قالماقچى.
(2) ئامىرىكا «يەھۇدىيلارنىڭ ياشاش ھۇقۇقى بار، ئۇلارنى قوغداش زۇرۇر» دەپ قارايدۇ.
(3) يەھۇدىيلار كومۇنىزىمغا قارشى تۇرغاچقا، ئامىرىكا ئۇنى «ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم كۇچ» دەپ قاراپ، كومۇنىزىمنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تارقىلىشىنى توسۇپ، رادىكال ئەرەبلەرگە زەربە بەرگىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
(4) ئامىرىكىدا تەخمىنەن 6 مىليۇن يەھۇدىي بار بولۇپ، ئۇلار ئامىرىكا ئىقتىسادىدا مۇھىم ئۇرۇننى ئىگەللەيدۇ.
(5) ئامىرىكا ئىسرائىلىيە بىلەن مەدىنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلالايدۇ.
شۇڭا ئىسرائىلىيىنى ھەقىقىي قىيامەتلىك دوستى ھىساپلايدۇ.
گەرچە خەلقئارا جەمئىيەت تۇقۇنۇشنى ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىك كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، توقۇنۇش يەنىلا يۇز بېرىۋاتىدۇ ... قانلار تۇكۇلىۋاتىدۇ.
دۇنيادىكى بارلىق ئاقكۇڭۇل خەلقلەر تۇقۇنۇشنىڭ تەل-تۇكۇس ھەل بولۇشىنى، بىھۇدە قان تۆكۈلۈشنىڭ يۇز بەرمەسلىكىنى ئۇمىد قىلماقتا...
ئىزاھات:
بۇ يازمىنى پەقەت كۇرۇپ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
پايدىلانغان ماتىرىياللار:
«شىنجاڭ داشۇ ئىلمى ژورنىلى1991» -يىلى 4-سان (115-124)بەتلەر
دۇنيا تارىخى، تور. دۇنيا خەرىتەسى.
2009-يىل 11-يانۋار
torgha teyyarlighuci: «diyarim»din - yaruq
مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/
没有评论:
发表评论