显示标签为“پەلەستىندە ئۇرۇش”的博文。显示所有博文
显示标签为“پەلەستىندە ئۇرۇش”的博文。显示所有博文

2009年1月11日星期日

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ سەۋەبى


غەززە رايونى ــ ئىسرائىلىيىنىڭ غەربىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان تار ھەم ئۇزۇن رايون بولۇپ، بۇ جاي ـــ 1994– يىلى 5 – ئايدا پەلەستىن ئالدى بىلەن چەكلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان رايونلارنىڭ بىرى.
2005– يىل 8 – ئاينىڭ 15– كۈنى ئىسرائىلىيە ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىپ، بۇ رايوندىن چېكىنگەن.



ئىسرائىلىيىنىڭ غەززە رايونىغا دائىم ھەربىي زەربە بېرىشىگە

نېمە سەۋەب بولدى؟



2008- 03- 05 10:53 «شىنجاڭ گېزىتى»


پەلەستىن جىددىي قۇتقۇزۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنى 2008- يىلى 1– مارت مۇنداق دېدى:
«ئىسرائىلىيە قوشۇنى 1 – مارت سەھەردىن باشلاپ غەززە رايونىغا يەنە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى، نەتىجىدە 68 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى، 200 نەچچە كىشى يارىلاندى. بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە بىر كۈندە پەلەستىنلىكلەر ئەڭ كۆپ تالاپەتكە ئۇچرىغان بىر قېتىملىق ھەرىكەت بولدى»

غەززە رايونى ــ ئىسرائىلىيىنىڭ غەربىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان تار ھەم ئۇزۇن رايون بولۇپ، بۇ جاي ـــ 1994– يىلى 5 – ئايدا پەلەستىن ئالدى بىلەن چەكلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان رايونلارنىڭ بىرى.
2005– يىل 8 – ئاينىڭ 15– كۈنى ئىسرائىلىيە ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىپ، بۇ رايوندىن چېكىنگەن.

ئىسرائىلىيە بۇ رايوننى ئۇزاقتىن بۇيان قامال قىلىپ كەلگەچكە، غەززەلىكلەر ئىزچىل ئىنتايىن غۇربەتچىلىكتە ياشىغان. شۇ سەۋەبتىن، بۇ جاي پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرى توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان رايونغا ئايلانغان.
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى - «خاماس» ۋە ئىسلام غازات تەشكىلاتى قاتارلىق ئاساسلىق قوراللىق تەشكىلاتلارمۇ بۇ يەرگە يىغىلغان.

ئۇزاقتىن بۇيان، پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى - «فاتاخ»نى ئاساسىي گەۋدە قىلغان پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىزچىل پەلەستىن خەلقىنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋەكىلى بولۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە بىلەن بىر قاتار تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن سۆھبەت ھەمراھى. لېكىن، 2006– يىلى 1 – ئاينىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىن قانۇن چىقىرىش كومىتېتى سايلىمىدا، «خاماس» «فاتاخ»نى يېڭىپ سايلامدا غەلىبە قىلدى.

1987– يىلى قۇرۇلغان «خاماس» - ھاكىمىيەت بىلەن دىنىي ھوقۇقنى بىرلەشتۈرگەن رادىكال تەشكىلات، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىگە قارشى، ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.

«خاماس»نىڭ غەلىبە قىلىشى ئىسرائىلىيىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى دەرھال «خاماس» بىلەن سۆھبەتلەشمەسلىك، «خاماس» تەشكىللىگەن ياكى قاتناشقان پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلماسلىق ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلماسلىق پرىنسىپى تۇرغۇزدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى يەنە پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنى بىلەن سۆزلىشىشكە ئۈچ شەرت قويدى. يەنى، (1) «خاماس» قاتارلىق پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتلىرى زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشى؛
(2) «خاماس» ئىسرائىلىيىنى يوقىتىش نىيىتىدىن يېنىشى؛
(3) «خاماس» ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىمزالىغان تىنچلىق كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى شەرت.

«خاماس» ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ ئۈچ شەرتىنى رەت قىلغاچقا، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىزچىل بايقۇت قىلىندى ۋە قامال قىلىندى. بولۇپمۇ 2007– يىلى 6 – ئايدا «خاماس» غەززە رايونىنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە غەززە رايونىدىن باشقا جايلارغا تۇتۇشىدىغان بارلىق يوللارنى توسۇپ، ئۇنى قاتتىق قامال قىلدى، شۇنداقلا غەززەدىكى قوراللىق خادىملارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتتى. شۇ يىلى 9 – ئايدا ئىسرائىلىيە «خاماس» كونتروللۇقىدىكى غەززە رايونىنى «دۈشمەن رايونى» دەپ جاكارلىدى.

2007– يىل 11 – ئاينىڭ 27– كۈنى ئېچىلغان ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى توغرىسىدىكى خەلقئارا يىغىندا، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا كۆپ يىللار بولغان تىنچلىق مۇساپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنى ۋە پەلەستىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىش بىلەن بىللە، غەززە رايونىدىكى «خاماس» قاتارلىق قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرىغا ھەربىي زەربە بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇردى.

ئىسرائىلىيىنىڭ قامال قىلىشى ۋە ھەربىي زەربە بېرىشىگە قارىتا، پەلەستىن قوراللىق خادىملىرى ئىسرائىلىيە تەۋەسىدىكى نىشانلارغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلدى.
بۇ يىل (2008 - يىلى) 4 – فېۋرال ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىدىكى دىمونا شەھىرى پىدائىيلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى،
«خاماس»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتى بۇ ۋەقەدە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2008 - يىلى 6 – فېۋرال «خاماس» تەۋەلىكىدىكى قوراللىق تەشكىلات «كاسان برىگادىسى» ئىسرائىلىيە تەۋەلىكىنى راكېتا ۋە مىناميوت بىلەن 31 قېتىم بومباردىمان قىلدى.
2008 - يىلى 27– فېۋرال پەلەستىن قوراللىق خادىملىرى ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرگە يەنە 40 نەچچە راكېتا قويۇپ بەردى.
نەتىجىدە ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا ئۇدا ھۇجۇم قىلىپ ئۆچ ئالدى.


شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەنبە
http://palastinbiz.blogspot.com/
ـــــــــــــــــــــــــــــــــ

تولۇق ئوقۇش

2009年1月8日星期四

ئىسرائىلىيە نېمە ئۈچۈن غەززەگە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىدۇ؟


بۇ قېتىمقى غەززەگە قوزغىغان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى 2006 – يىلى ئىسرائىلىيە – لىۋان توقۇنۇشىدىن بۇيانقى، ئىسرائىلىيە قوزغىغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۇرۇش، بۇ ھال كىشىنى ئىككى ئۇرۇشنى سېلىشتۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.




ئىسرائىلىيە نېمە ئۈچۈن غەززەگە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىدۇ؟


2009- 01- 08 12:05 شىنجاڭ گېزىتى


ئىسرائىلىيە قوشۇنى 2009 - يىلى 4 – يانۋار غەززەنىڭ شىمالى ۋە شەرقىدىن شەھەر مەركىزىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، غەززەنى مۇھاسىرىگە ئالدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززەگە قىلغان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىنى نېمە ئۈچۈن داۋاملىق كۈچەيتىدۇ؟
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى‹خاماس› بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟


«خاماس» ئېغىر زەربە يېدى


ئىسرائىلىيىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ 2008 – يىل 27 – دېكابىر باشلىغان، ئۇدا يەتتە كۈن داۋاملاشقان بومباردىمانى، يەنى «قوغۇشۇن قۇيۇش» ھەرىكىتى «خاماس»نى ئېغىر زەربىگە ئۇچراتقان. ھازىرغا قەدەر «خاماس»نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۈچ رەھبىرى بومباردىماندا قازا قىلدى، يۇقىرى قاتلام قوماندانلىق سىستېمىسى خېلى چوڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. بۇنىڭدىن باشقا، «خاماس»نىڭ قوماندانلىق ئاپپاراتى بىتچىت قىلىندى، خادىملىرى تالاپەتكە ئۇچرىدى، قورال – ياراغ ئامبىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ خادىمى مۇنداق دېدى: «خاماس»نىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىنى توسۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكىتى تەشكىللىيەلمىگەنلىكى، ئۇنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە زەربە يېگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسرائىلىيە يەنە مۇنداق قارىدى: «خاماس»نىڭ قوراللىق كۈچلىرى، بولۇپمۇ قارىمىقىدىكى «قەسەم برىگادىسى»نىڭ ئەمەلىي كۈچى يەنىلا مەۋجۇت، «خاماس»نىڭ ئىسرائىلىيىگە ھۇجۇم قوزغاشقا ھېلىھەم قۇربى يېتىدۇ.

لېكىن غەززەدىكى تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ھازىرقى باسقۇچتا، غەززەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى باسقۇچىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنى مەلۇم دەرىجىدە تالاپەتكە ئۇچرىتالايدۇ. «خاماس» قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈستۈنلۈكى شۇكى، ئۇلار غەززەنىڭ يەر شەكلىنى پىششىق بىلگەچكە، «پارتىزانلىق ئۇرۇشى تاكتىكىسى» قوللىنالايدۇ.


قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قوزغاشنىڭ سەۋەبى بار


بۇ قېتىمقى غەززەگە قوزغىغان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى 2006 – يىلى ئىسرائىلىيە – لىۋان توقۇنۇشىدىن بۇيانقى، ئىسرائىلىيە قوزغىغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۇرۇش، بۇ ھال كىشىنى ئىككى ئۇرۇشنى سېلىشتۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.
پەلەستىنلىك تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ئىسرائىلىيە – لىۋان توقۇنۇشىدا ئىسرائىلىيىنىڭ تەييارلىقى پۈتمىگەن، لېكىن بۇ قېتىم غەززەگە ھۇجۇم قىلىشتا تولۇق تەييارلىق قىلغاچقا ئۇرۇشنى كەسكىن داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.

ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ سالاھىيەتلىك تەتقىقاتچىسى ئېمىلى لاندور مۇنداق قارىدى: يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ پوزىتسىيىسى ياكى ھەرىكەت كۆلىمىدىن بولسۇن، ئىسرائىلىيە بۇ قېتىم «قەتئىي نىيەتكە كەلدى». ئىسرائىلىيە ھەربىي دائىرىلىرى ئۇرۇشقا قاتناشقانلارنىڭ كونكرېت سانىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە تەخمىنەن ئۇچ برىگادا ئەسكەر قاتناشقان.


ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ قېتىم قاتتىق قوللۇق قىلىشىدا نېمە سەۋەب بار؟


ئىسرائىلىيە بارلان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئىبار مۇنداق قارىدى:
ئۆتكەن سەككىز يىلدا ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاھالىلەر باشتىن – ئاخىر راكېتا ھۇجۇمىنىڭ تەھدىتىدە ياشاپ كەلدى. بۇنىڭ تەسىرى ۋە خەلقنىڭ بېسىمى بۇ قېتىمقى بومباردىمان ۋە قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىغا بىۋاسىتە سەۋەب بولغان. بۇ، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.
ئىسرائىلىيىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر ھەربىي ھەرىكەتنىڭ سىياسىي بىلەن مۇناسىۋەتسىزلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بەزى تەھلىلچىلەر: 10 – فېۋرال ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسرائىلىيە ئومۇمىي سايلىمى يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ سايلامغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ھەربىي ھەرىكەت غەلىبىلىك بولسا، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىتتىپاققا پايدىلىق بولىدۇ، دەپ قارىدى.
ئىسرائىلىيە نىشانىغا يېتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ئولمېرت 4 – يانۋار ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: بەلگىلەنگەن نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، يەنى ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا ئۇزاققىچە ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ غەززە رايونىدا قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى قوللىنىشتىن باشقا تاللىشى يوق. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى باراك مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتىن قوزغىغان ھۇجۇمى ئوڭۇشلۇق ھەم قىسقا مۇددەتلىك بولمايدۇ، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى بەلگىلەنگەن ئۇرۇش نىشانىغا يەتمىگىچە ھۇجۇمنى توختاتمايدۇ.
ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى پېرس 4 – يانۋار مۇنداق دېدى:
ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى غەززەنى قايتا ئىشغال قىلىش ئەمەس، «خاماس»نى ئاغدۇرۇۋېتىشمۇ ئەمەس، بەلكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى توسۇش.
دىپلوماتىيە مىنىستىرى لېفنى مۇنداق كۆرسەتتى: «خاماس»نىڭ غەززە رايونىنى كونترول قىلىشىنى ئاياغلاشتۇرغاندىلا، جەنۇبتىكى رايونلاردا تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

تەھلىلچىلەر مۇنداق كۆرسەتتى: ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ بۇ قېتىم قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى ئۆچ ئېلىش ياكى جازالاشنىڭ چېكىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتتى، ئىسرائىلىيە بومباردىمان قىلىپ غەززەدىكى قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىغا راكېتا بىلەن ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇپ قالالمىغانلىقتىن، قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى مەقسىتىگە يەتمىگىچە چېكىنمەيدىغاندەك قىلىدۇ.
ھازىر، خەلقئارا جەمئىيەت غەززەنىڭ ۋەزىيىتىگە يۈكسەك دىققەت قىلىۋاتىدۇ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلىش ساداسى كۈندىن – كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ. لېكىن بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ تىرىشچانلىقلار ئىسرائىلىيىنىڭ نىشانغا يېتىش ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەسلىكى مۇمكىن، دەپ قارىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەنبە
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/news/content/2009-01/08/content_142723.htm


تولۇق ئوقۇش

2009年1月7日星期三

پەلەستىن بالىلىرىنىڭ بۆلەك تاللىشى يوقمۇ؟




ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىگە زەربە بېرىۋاتقان پەلەستىنلىك ئۆسمۈر

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ




پەلەستىن بالىلىرىنىڭ بۆلەك تاللىشى يوقمۇ؟


ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى بىلەن پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرى غەززا ئەتراپىدىكى رايونلاردا كەسكىن ئېتىشتى

جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 6-يانۋار تېلىگراممىسى:
شۇ جاي ۋاقتى2009- يىل 5-يانۋار كەچتە، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى پىيادە ئەسكەرلرى بىلەن پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرى غەززانىڭ شىمالىدا كەسكىن ئېتىشقان. ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى پىيادە ئەسكەرلرى توپ ئوقىنىڭ ھىمايىسىدە غەززا رايونىغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن.

ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى كەچتە ئىسرائىلىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى يەنە غەززانىڭ جەنۇبىدىكى كۆپ سانلىق لەخمىلەرگە ھۇجۇم قىلغان.
بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردە خاماس قۇراللىق كۈچلىرى بۇ لەخمىلەردىن پايدىلىنىپ مىسىر ۋە غەززا رايونىدىن قۇرال-ياراق ئەتكەس قىلغان ۋە خادىملارنى توشۇغان دەپ خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

يەنە بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نەچچە ئون ئىسرائىلىيە تانكىسى 5-يانۋار غەززانىڭ جەنۇبىدىكى نوپۇسى زىچ رايونغا بېسىپ كىرگەن ھەمدە شۇ رايوندىكى قوراللىق كۈچلەر بىلەن كەسكىن ئېتىشقان. كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ نەچچە ئون تانكىسى غەززانىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي قىسمىنى يېرىم سائەتكە يېقىن ئوققا تۇتقان، بىر نەچچە ئىمارەت ۋەيران قىلىنغان، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلغان.
ھازىرغا قەدەر، توقۇنۇشتا قازا قىلغانلار 555 كە، يارىلانغانلار 2700 دىن كۆپرەككە يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ قىسىمى پەلەستىنلىكلەر.

ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى پېرىس: «خاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەلىپىنى قوبۇل قىلمايمىز» دېدى

جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ (2009)5- يانۋار تېلىگراممىسى:
ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى پېرىس 4-يانۋار ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خاماسنىڭ ھەقىقەتەن ئۇرۇش توختىتىشنى ھەمدە چىگرا يوللىرىنى ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، لىكىن ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى، خاماسنىڭ ئېچىۋېتىلگەن چىگرا يوللىرى ئارقىلىق ئىراندىن قۇرال-ياراق كىرگۈزۈپ، ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

مەنبە: تېڭشۈن تورى
http://news.qq.com/zt/2008/yslkxjs

مەنبە
http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=30672

تولۇق ئوقۇش

پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە 20 يىل لەخمە ئۇرۇشى قىلغان


مىسىر ھۆكۈمىتى 2007 - يىلى 13– نويابىر ئۆتكەن ئون ئايدا مىسىر چېگرا ساقچىلىرىنىڭ مىسىر چېگرىسىدا 60 لەخمىنى بايقىغانلىقىنى ھەم بىتچىت قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا لەخمىدە مىڭ توننا پارتلىغۇچ بۇيۇمنى بايقىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ لەخمىلەر خاماسنىڭ ئىسرائىلىيىگە زەربە بېرىش يولى، شۇنداقلا خاماسنىڭ قامالنى بۇزۇپ تاشلاشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇپ، قورال ئەتكەس قىلىش، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ پاراكەندە قىلىش، ئاشلىق، زاپاس ئەشيالارنى توشۇش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان بولۇپ، گازادىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ «جان تومۇرى» دەپ ئاتالغان



پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە 20 يىل لەخمە ئۇرۇشى قىلغان


ۋاقتى: 2007-12-5 20:00:56


مىسىر ھۆكۈمىتى 2007 - يىلى 13– نويابىر ئۆتكەن ئون ئايدا مىسىر چېگرا ساقچىلىرىنىڭ مىسىر چېگرىسىدا 60 لەخمىنى بايقىغانلىقىنى ھەم بىتچىت قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا لەخمىدە مىڭ توننا پارتلىغۇچ بۇيۇمنى بايقىغانلىقىنى جاكارلىدى. مىسىر يەنە ئالاقىدار سۈرەتلەرنى كۆرگەزمە قىلىپ، گازادىكى يەر ئاستىغا 25 يىل يوشۇرۇلغان يەر ئاستى سىرلىق ئوردىسىنى دۇنياغا ئاشكارىلىدى.

بايقالغان لەخمىدىكى رافا ئاھالىسى ھۈسەييىم مۇخبىرلارغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئائىلەمدىكى لەخمىنىڭ كولانغىنىغا ئىككى يىل بولدى، دەسلەپتە خاماس ئەزالىرى ئۆيۈمگە كېلىپ يەرنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ‹ناھايىتى پۇختا ھەم چېگرىغا يېقىن ئىكەن› دەپ قاراپ، ماڭا پۇل بېرىپ ئۆيۈمنىڭ ئاستىغا لەخمە كولاشقا قوشۇلۇشىمنى بۇيرىدى ھەم لەخمە كولىنىپ بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىدىغان چاغدا ماڭا داۋاملىق ھەق بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. پۇلنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن بۇ ئىشقا قوشۇلدۇم. شۇنىڭ بىلەن خاماس بىر مۇنچە كىشىنى ياللاپ كېلىپ كولاشقا باشلىدى. ئۇلار ئۆيۈمنىڭ ئىچىدىن باشلاپ كولاپ، ئالدى بىلەن تىك قۇدۇققا ئوخشايدىغان، دىئامېتىرى بىر مېتىر، چوڭقۇرلۇقى ئون نەچچە مېتىر كېلىدىغان چوڭقۇر ئازگال كولىدى. ئۇلار ئادەتتە كۈنىگە ئون مېتىرلىق سۈرئەت بىلەن لەخمە كولايدىغان بولۇپ، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ئۈچ ئايدىن بەش ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا بىر لەخمىنى كولاپ بولاتتى.

«ئىسلام لىنىيىسى» تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رافادىكى لەخمىلەرنىڭ ئېغىزلىرى كۆپىنچە ئاھالىنىڭ تۇرالغۇسىغا، مەسىلەن: ياتاق ئۆي، مېھمانخانا، ھاجەتخانا، بەزىدە تېخى بالىلارنىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇلغان. بۇ لەخمىلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە نەچچە يۈز مېتىر كېلىدىكەن، لېكىن ئىچىنىڭ پەرقى بەك زور بولۇپ، كۆپىنچىسى ناھايىتى ئاددىي ئىكەن، بەزىلىرى ناھايىتى ھەشەمەتلىك بولۇپ، تاختاي ياتقۇزۇلغان، توك، ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى، ھەتتا لىفت ئورنىتىلغان ئىكەن. بىر لەخمىنىڭ تەننەرخى ئاز دېگەندە 10 مىڭ دوللارغا يېتىدىكەن.

كولومبىيە رادىئو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گازادا، بولۇپمۇ جەنۇبىدىكى مىسىر بىلەن چېگرىلىنىدىغان رافا رايونىدا «لەخمىدىن پايدىلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغانلار» ناھايىتى كۆپ بولۇپ، خوجايىن، كولىغۇچى، مال توشۇغۇچى قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇلازىمەت شەكىللەنگەن، لەخمىلەر ئۆمۈچۈك تورىدەك زىچ، ھەممە يەرگە تارقالغان بولۇپ، لەخمىلەرنىڭ ئىقتىدارىغىمۇ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىكەن.
بۇ لەخمىلەر خاماسنىڭ ئىسرائىلىيىگە زەربە بېرىش يولى، شۇنداقلا خاماسنىڭ قامالنى بۇزۇپ تاشلاشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇپ، قورال ئەتكەس قىلىش، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ پاراكەندە قىلىش، ئاشلىق، زاپاس ئەشيالارنى توشۇش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان بولۇپ، گازادىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ «جان تومۇرى» دەپ ئاتالغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گازادىكى تۇنجى لەخمە 1982–يىلى ياسالغان. خاماس لەخمە ئارقىلىق ئەتكەس قىلغان
قوراللار
AK -47 تىپلىق ،M -16
تىپلىق ئاپتومات، راكېتا قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسى، تانكىغا قارشى قۇرۇلما قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ئەڭ كەسكىن بولغان مەزگىلدە، ئەڭ ئادەتتىكى بىر
AK -47
تىپلىق ئاپتومات مىسىردا 500 دوللارغا سېتىلغان بولسا، گازاغا ئېلىپ كېلىنگەندە 2500 دوللارغا ئۆسكەن، غايەت زور پايدا بوشلۇقى نۇرغۇن كىشىنى جەلپ قىلىپ، ئۇلار پايدا ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان. 2006–يىلىلا لەخمە ئارقىلىق گازاغا كىرگەن تۈرلۈك مىلتىق ئون نەچچە مىڭغا، راكېتا 800 نەچچىگە، تانكىغا قارشى قۇرۇلما 300 نەچچە يۈرۈشكە، پارتلاتقۇچ دورا نەچچە مىڭ توننىغا يەتكەن.

ئىسرائىلىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، گازادىكى لەخمە «بالا – قازا» ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن ئىككى يىلدا خاماس قوراللىق خادىملىرى كۆپ قېتىم لەخمىنى بىۋاسىتە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئاستىغىچە كولاپ ياكى ئىچىنى پارتلاتقۇچ دورا بىلەن تولدۇرۇپ پارتلاتقان ياكى بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىپ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

«لەخمە بومبا»غا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى گازا رايونىدىكى قاراۋۇلخانا ۋە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى ئازايتىش ھەم ئېگىز برونېۋىكلىق كۆچمە ئۆينى ھازىرقى بېتون ئىمارەتنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشنى، تايانچ پونكىتلىرىنىڭ بېتون پولىنى مۇستەھكەملەشنى پىلانلىماقتا. ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى يەنە پەلەستىن قوراللىق خادىملىرىنىڭ لەخمىنى تايانچ پونكىتنىڭ ئاستىغىچە كولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تايانچ پونكىتلارنىڭ ئەتراپىغا چوڭقۇر ئازگال كولىماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى يەنە كومپاس ۋە سېنزور سەپلەنگەن ماشىنا ئادەمنى لەخمە لىنىيىسىنى بېكىتىشكە ئىشلەتمەكتە.

ھازىرغىچە ئىسرائىلىيە نەچچە مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، نۇرغۇن ئەسكىرىي كۈچنى ھەرىكەتلەندۈردى ھەم يەر ئاستىنى ئاۋاز ئارقىلىق كونترول قىلىش تېخنىكىسى ۋە سېنزور قاتارلىق يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق ئۆلچەش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، رازۋېدكا قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، «لەخمە ئۇرۇشى»غا تاقابىل تۇردى، لېكىن، ئۈنۈمى زور بولمىدى.
ئىسرائىلىيە ھەربىي دائىرىلىرى: «30 نەچچە لەخمىنى بۇزۇپ تاشلىدۇق، لېكىن يەنە سانسىزلىغان لەخمە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە» دېدى.

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دىن

مەنبە
http://www.algiyar.com/baxbat/shownews.asp?news_id=73

تولۇق ئوقۇش

غەززەدىكى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان پۇقرالار


http://www.express.com.pk/images/NP_LHE/20090107/Sub_Images/1100551106-1.jpg

ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى 27 – دېكابىر چۈشتىن باشلاپ غەززە رايونىغا نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. 28 – دېكابىرغىچە، تەخمىنەن 300 كىشى قازا قىلدى، 1000 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى




غەززەدىكى ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان پەلەستىنلىك پۇقرالار


2008- 12- 31 13:03 شىنجاڭ گېزىتى


غەززەدىكى ئەڭ ئاساسلىق دوختۇرخانا بولغان ئەلشىپا دوختۇرخانىسى 27 – دېكابىر چۈشتىن كېيىن غەززە رايونىدىكى ئەڭ ئالدىراش، ئەڭ ئېچىنىشلىق جايلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى، كېسەلخانا، كارىدورلار يارىدارلار بىلەن لىق تولدى. دوختۇرخانا مېيىتخانىسىغا قازا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى سىغدۇرۇشقا ئامال بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېيىتلار داۋاملىق يۆتكەپ كېلىنىۋاتاتتى.
پەلەستىنلىك 28 ياشلىق يىگىت مۇھەممەد ھاشىر ئەلشىپا دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كىرىپلا، ئاكىسىنىڭ مۇزلاپ كەتكەن مېيىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى.
مۇھەممەد ھاشىرنىڭ ئاكىسى فالىس ھاشىر بومبا مۇتەخەسسىسى بولۇپ، پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى(خاماس) ساقچى قىسىمىنىڭ ئەزاسى ئىدى. ئۇ 27 – دېكابىر چۈشتە ئىسرائىلىيە غەززەنى 1 – قېتىم بومباردىمان قىلغاندا قازا قىلغان. غەززەدىكى نۇرغۇن كىشىگە ئوخشاش، فالىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ 28 – دېكابىر ئەلشىپا دوختۇرخانىسىغا كېلىپ ئۇنىڭ مېيىتىنى تېپىۋېلىشتى.
مۇھەممەد ھاشىر ئۆزىنى تەستە بېسىۋېلىپ: ئاللادىن ماڭا بۇ ئىشلارغا يۈزلىنەلىگۈدەك كۈچ ئاتا قىلىشىنى، فالىسنىڭ روھىنى جەننەتتە قىلىشىنى تىلەيمەن، بىز ئەڭ ياخشى قېرىندىشىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق، دېدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى 27 – دېكابىر چۈشتىن باشلاپ غەززە رايونىغا نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. 28 – دېكابىرغىچە، تەخمىنەن 300 كىشى قازا قىلدى، 1000 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغاندىن كېيىن، غەززە جىددىي قۇتقۇزۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنى كۈندىلىك خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپلا قالماي، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ سوئاللىرىغىمۇ جاۋاب بېرىپ، ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر بىلەن تەمىنلىدى. ھەسەنى «ئالدىراش»لىققا بەكمۇ ئۆچ ئىكەن، چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىراش بولۇشى قېرىنداشلىرىنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ھەسەنى مۇنداق دېدى: غەززەدىكى بارلىق دوختۇرخانا جىددىي ھالەتكە ئۆتۈپ، ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتى ۋە يارىدارلارنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسى دورا، ئۈسكۈنە ۋە خادىم ئىنتايىن كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
36 ياشلىق قاتناش ساقچىسى مۇھەممەد ئەبۇ ھامىد ھەر كۈنى ئەلشىپا دوختۇرخانىسى ئەتراپىدا قاتناشقا قوماندانلىق قىلاتتى. ئىسرائىلىيىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۇ نۇرغۇن خىزمەتدىشى ۋە دوستىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئۇ: غەززەنىڭ قانچىلىك ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكىگە قاراپ بېقىڭلار، بۇ جايدىن قان ۋە پوروخ ھىدىلا كېلىدۇ، دېدى غەزەپلەنگەن ھالدا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى
مەنبە
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/news/content/2008-12/31/content_141255.htm

تولۇق ئوقۇش

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ سەۋەبى


غەززە رايونى ئىسرائىلىيىنىڭ غەربىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان تار ھەم ئۇزۇن رايون،
1994– يىلى 5 – ئايدا پەلەستىن ئالدى بىلەن چەكلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان رايونلارنىڭ بىرى.
2005– يىل 8 – ئاينىڭ 15– كۈنى ئىسرائىلىيە ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىپ، بۇ رايوندىن چېكىنگەن.
ئىسرائىلىيە بۇ رايوننى ئۇزاقتىن بۇيان قامال قىلىپ كەلگەچكە، غەززەلىكلەر ئىزچىل ئىنتايىن غۇربەتچىلىكتە ياشىغان. شۇ سەۋەبتىن، بۇ جاي پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرى توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان رايونغا ئايلانغان



ئىسرائىلىيىنىڭ غەززە رايونىغا ئۇدا ھەربىي زەربە بېرىشىگە

نېمە سەۋەب بولدى؟



2008- 03- 05 10:53 شىنجاڭ گېزىتى


پەلەستىن جىددىي قۇتقۇزۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنى 1 – مارت مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە قوشۇنى 1 – مارت سەھەردىن باشلاپ غەززە رايونىغا يەنە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى، نەتىجىدە 68 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى، 200 نەچچە كىشى يارىلاندى. بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە بىر كۈندە پەلەستىنلىكلەر ئەڭ كۆپ تالاپەتكە ئۇچرىغان بىر قېتىملىق ھەرىكەت بولدى.
غەززە رايونى ئىسرائىلىيىنىڭ غەربىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان تار ھەم ئۇزۇن رايون، 1994– يىلى 5 – ئايدا پەلەستىن ئالدى بىلەن چەكلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان رايونلارنىڭ بىرى.
2005– يىل 8 – ئاينىڭ 15– كۈنى ئىسرائىلىيە ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىپ، بۇ رايوندىن چېكىنگەن.
ئىسرائىلىيە بۇ رايوننى ئۇزاقتىن بۇيان قامال قىلىپ كەلگەچكە، غەززەلىكلەر ئىزچىل ئىنتايىن غۇربەتچىلىكتە ياشىغان. شۇ سەۋەبتىن، بۇ جاي پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرى توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان رايونغا ئايلانغان. پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى(خاماس) ۋە ئىسلام غازات تەشكىلاتى قاتارلىق ئاساسلىق قوراللىق تەشكىلاتلارمۇ بۇ يەرگە يىغىلغان.
ئۇزاقتىن بۇيان، پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى(فاتاخ)نى ئاساسىي گەۋدە قىلغان پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىزچىل پەلەستىن خەلقىنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋەكىلى بولۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە بىلەن بىر قاتار تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن سۆھبەت ھەمراھى. لېكىن، 2006– يىلى 1 – ئاينىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىن قانۇن چىقىرىش كومىتېتى سايلىمىدا، خاماس فاتاخنى يېڭىپ سايلامدا غەلىبە قىلدى. 1987– يىلى قۇرۇلغان خاماس ھاكىمىيەت بىلەن دىنىي ھوقۇقنى بىرلەشتۈرگەن رادىكال تەشكىلات، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىگە قارشى، ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.
خاماسنىڭ غەلىبە قىلىشى ئىسرائىلىيىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى دەرھال خاماس بىلەن سۆھبەتلەشمەسلىك، خاماس تەشكىللىگەن ياكى قاتناشقان پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلماسلىق ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلماسلىق پرىنسىپى تۇرغۇزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى يەنە پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنى بىلەن سۆزلىشىشكە ئۈچ شەرت قويدى. يەنى، خاماس قاتارلىق پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتلىرى زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشى، خاماس ئىسرائىلىيىنى يوقىتىش نىيىتىدىن يېنىشى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىمزالىغان تىنچلىق كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى شەرت.
خاماس ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ ئۈچ شەرتىنى رەت قىلغاچقا، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىزچىل بايقۇت قىلىندى ۋە قامال قىلىندى. بولۇپمۇ 2007– يىلى 6 – ئايدا خاماس غەززە رايونىنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە غەززە بۇ رايوندىن باشقا جايلارغا تۇتۇشىدىغان بارلىق يوللارنى توسۇپ، ئۇنى قاتتىق قامال قىلدى، شۇنداقلا غەززەدىكى قوراللىق خادىملارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتتى. شۇ يىلى 9 – ئايدا ئىسرائىلىيە خاماس كونتروللۇقىدىكى غەززە رايونىنى «دۈشمەن رايونى» دەپ جاكارلىدى.
2007– يىل 11 – ئاينىڭ 27– كۈنى ئېچىلغان ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى توغرىسىدىكى خەلقئارا يىغىندا، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا كۆپ يىللار بولغان تىنچلىق مۇساپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنى ۋە پەلەستىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىش بىلەن بىللە، غەززە رايونىدىكى خاماس قاتارلىق قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرىغا ھەربىي زەربە بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇردى.
ئىسرائىلىيىنىڭ قامال قىلىشى ۋە ھەربىي زەربە بېرىشىگە قارىتا، پەلەستىن قوراللىق خادىملىرى ئىسرائىلىيە تەۋەسىدىكى نىشانلارغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلدى. بۇ يىل 4 – فېۋرال ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىدىكى دىمونا شەھىرى پىدائىيلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، خاماسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتى بۇ ۋەقەدە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 6 – فېۋرال خاماس تەۋەلىكىدىكى قوراللىق تەشكىلات «كاسان برىگادىسى» ئىسرائىلىيە تەۋەلىكىنى راكېتا ۋە مىناميوت بىلەن 31 قېتىم بومباردىمان قىلدى. 27– فېۋرال پەلەستىن قوراللىق خادىملىرى ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرگە يەنە 40 نەچچە راكېتا قويۇپ بەردى، ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا ئۇدا ھۇجۇم قىلىپ ئۆچ ئالدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى
مەنبە
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/news/content/2008-03/05/content_54363.htm

تولۇق ئوقۇش