显示标签为“Ereblerni chüshinish”的博文。显示所有博文
显示标签为“Ereblerni chüshinish”的博文。显示所有博文

2009年4月28日星期二

Ereblerni dunyagha tonutuwatqan «eljezire»



ئەرەب دۇنياسىنى جاھانغا تونۇتۇۋاتقان قاتار «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى


سىز ئوتتۇرا شەرق رايونىدا خالىغان بىر كىشىدىن قايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ پروگراممىلىرىنى ياقتۇرىسىز، دەپ سورىسىڭىز، چوقۇم «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭكىنى، دەپ كەسكىن جاۋاب بېرىدۇ.
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باش شتابى قاتار پايتەختى دۇھادا بولۇپ، بىر قەۋەتلىك ئاددىي ئۆيلەرگە ئورۇنلاشقان، بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆرۈنۈشتە جۇڭگودىكى ناھىيە دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغىمۇ يەتمەيدۇ.

620 مىڭ نوپۇسى، 11 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىنى بار كىچىك دۆلەت قاتاردىكى بۇ يىل ئەمدىلا «13 ياش»قا كىرگەن، «ناھىيە» دەرىجىلىك بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھازىر دۇنيادا 65 مىليوندىن كۆپرەك كۆرۈرمەنى بار.
بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئافغانىستان ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىن لادىننىڭ سىنئالغۇسىنى بىرقانچە قېتىم مۇستەقىل كۆرسىتىپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان.
«دېڭىز قولتۇقىدىكىCNN »، «ئەرەبلەرنىڭBBC »سى دەپ تەرىپلەنگەن «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئوتتۇرا شەرقتىكى نامى چىقمىغان كىچىك دۆلەت قاتارنى جاھان ئەھلىگە بىراقلا تونۇتتى.

«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1996-يىلى شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن قۇرۇلغان.
ئۇزاق ئۆتمەي «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 24 سائەتلىك ئىنگلىزچە ئاخبارات قانىلى ئېچىلدى،
بۇ قانال «ئاخبارات قارالمىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلەيمىز» دېگەننى شوئار قىلىپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنى دۇنياغا يېقىنلاشتۇردى.
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 70 نەچچە دۆلەتتە مۇخبىرلار پونكىتى بار،
بۇ پونكىتلاردىكى مۇخبىرلار ھەر قانداق ۋەقەدە بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

يېقىنقى غەززە ئۇرۇشىدا، ئامېرىكىنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۆزگىچىرەك بولغانلىقتىن، غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىسرائىلىيە قوزغىغان بۇ ئۇرۇشتىن ساقلىنىشقا بەكرەك كۆڭۈل بۆلدى.
بىراق «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى غەززە ئۇرۇشىنى 24 سائەت ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىپ، غەززەنىڭ زادى قانداق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى پۈتكۈل دۇنياغا ئاشكارىلىدى.
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋەقەلەرنى ئەرەب دۇنياسى نۇقتىئىنەزەرى بويىچە خەۋەر قىلىپ، ئەرەب دۇنياسىنىڭ ۋاكالىتەن سۆزلىگۈچىسى بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئەرەب دۇنياسىنىڭ جامائەت مۇناسىۋىتى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى مۇخبىر ئىنگلىز تىلىدا راۋان سۆزلىشىدىغان، غەربلەشكەن ئەرەب زىيالىيلىرى.
دەسلەپكى مەزگىلدە، «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىBBC نىڭ ئوتتۇرا شەرق قانىلى تارقىتىۋېتىلگەن پۇرسەتتە ئۆزىنىڭ ئىختىساسلىقلىرىنى تولۇقلىدى.
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەمىر ھاماد ئەنگلىيىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيىنىڭ تېلېۋىزىيە تۈزۈلمىسىنى پىششىق بىلىدۇ ھەم بۇنى قوللايدۇ.

«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پروگراممىلارنى تۈزۈش ئەندىزىسىنى CNN ,BBC غا يېقىنلاشتۇرۇپ، نەق مەيداندا بىۋاسىتە ئاڭلىتىش، ئالدىنقى سەپتىكى مۇخبىر بىلەن ئالاقىلىشىش، 24 سائەت خەۋەر ئاڭلىتىشنى يولغا قويدى.
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ ئارتۇقچىلىقى بىلەن ناھايىتى تېزلىكتە غەرب بازىرىغا كىردى.
چۈنكى غەرب تاماشىبىنلىرى ئۆزلىرىگە تونۇش ئەندىزىنى قوبۇل قىلاتتى.
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى غەرب مۇخبىرلىرىدەك تەپەككۈر قىلىپ، مەسىلىلەرگە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ نۇقتىئىنەزەرى بويىچە قاراپ، دۇنيا ئەھلىگە مەسىلىلەرگە باھا بېرىشنىڭ باشقىچە يولىنى كۆرسەتتى.
بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىستانسىسىنىڭ كۆرۈرمەنلىرى ناھايىتى كۆپەيدى.

«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى «ئۆلۈشكە جۈرئەت قىلالايدىغان قوشۇن».
ئۇلار نۇرغۇن ئۇرۇشتا ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلىدى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى غەززە ئۇرۇشىدا، ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ئۇرۇش خەۋەرلىرىنى قاتتىق مەخپىي تۇتۇپ، ھەر قانداق چەتئەل مۇخبىرلىرىنى كىرگۈزمىدى.
ئەمما كۆرۈرمەنلەر «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پروگراممىلىرىدا ھەر كۈنى مۇخبىر ئېممان مورسېنيېدىننىڭ ئوق ئۆتمەس كىيىم كىيىپ، غەززەدىكى ئۇرۇش نەق مەيدانىنى ئەرەب ۋە ئىنگلىز تىلىدا ھەقىقىي خەۋەر قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، غەززە ئۇرۇشىدىن بۇيان، بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى كۆرۈش نىسبىتى ئالتە ھەسسىدىن، تور پونكىتلىرىنىڭ كۆرۈش نىسبىتى% 150 ئاشقان.

«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چەكلەنگەن رايونغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئەرەب دۇنياسىدا ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسى ساھەسىدىكى تۇيغۇن تېمىلارنى مۇھاكىمە قىلدى.
ھەتتا ئوخشىمىغان پىكىردىكى زاتلارنى زىيارەت قىلدى.
بۇ كۆپلىگەن كۆرۈرمەنلەرنى جەلپ قىلدى، يۇقىرى قاتلام زاتلىرىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتتى.

ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسىسى ما شياۋلىن دائىم «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇ جايغا بارىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھەر تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش جەھەتتە ناھايىتى ياخشى رول ئوينىدى، بۇ ئىستانسا ئىسرائىلىيە، پەلەستىن ۋەكىللىرىنى پروگراممىغا تەكلىپ قىلىپ، زىيارەت جەريانىنى ئۆز پېتىچە، راستچىللىق بىلەن كۆرسەتتى. بىراق چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىش ئۇسۇلىدا زور بەدەل تۆلىدى.
ئامېرىكا «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئاغزى»نى ئېتىشنى ئويلىدى،
ئەرەب دۇنياسىدىكى بەزى مۇتەئەسسىپ دۆلەتلەر «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئاڭلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقاردى،
ھەتتا «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى مۇخبىرلار پونكىتىنى تاقىدى.
ئەمما بۇلار «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى چەكلىيەلمىدى.
ئەكسچە دۇنياغا كەڭ تارقالغان يوشۇرۇن قورال بولۇپ قالدى.

قاتارنىڭ دۇنيا دىققىتىنى تارتىشى، بۇ جاينىڭ رايون، ھەتتا دۇنيا ئىشلىرىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

«شىنخۇا تورى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى»(2009-04-27)
*****************************************

تولۇق ئوقۇش

2009年4月10日星期五

Ereb elliri ittipaqining kelgüsi qandaq bolidu?


Ereb elliri ittipaqining kelgüsi qandaq bolidu?


Ereb elliri ittipaqigha eza döletler bashliqlirining 21–nöwetlik yighini yéqinda qatar paytexti dohada ötküzüldi, bu yighin'gha 22 eza döletning 16 sining dölet bashliqi qatnashti. yighin'gha qatnashqanlar ilgirikidin körünerlik köp boldi, bolupmu sudan zungtungi beshirning bu yighin'gha qatnashqanliqi ereb elliri ittipaqining ishenchisini ashurdi. Halbuki, misir zongtungi mubarek qatarliq eza döletler bashliqlirining bu yighin'gha qatnashmighanliqi ereb elliri ittipaqining ichki qismida yenila ixtilap barliqini körsitip berdi.

Sudan zungtungining yighin'gha qatnashqanliqi ereb elliri ittipaqining ishenchisini kücheytti

Sudan zungtungi beshir xelq'ara jinayi ishlar sotining tutush buyruqigha pisent qilmay, ereb elliri ittipaqigha eza döletler bashliqliri yighini échilishtin bir kün ilgiri dohagha bérip, shu jayda ötküzülidighan ereb elliri ittipaqigha eza döletler bashliqliri yighini we ereb – jenubiy amérika döletliri bashliqliri yighinigha qatnishishta ching turdi, bu ish ereb elliri ittipaqining ishenchisini ashurdi.
Sudan zungtungi mesiliside, ereb elliri ittipaqigha eza döletler birdek pikirde bolup, xelq'ara jinayi ishlar sotining sudanning ichki ishlirigha arilashqanliqigha birdek étiraz bildürdi.
Ereb elliri ittipaqining bash katipi musa «ereb ellirining tinchliq we adilliqqa mohtaj ikenliki»ni tunji qétim tekitlep: sudan darfur mesilisi sudanning ichki ishi, xelq'ara jinayi ishlar sotining sudan zungtungi beshirni tutush buyruqi chiqarghanliqi bir döletning ichki ishlirigha arilashqanliq,dédi.

«aka» yighin'gha qatnashmidi

Misir ottura sherq rayonidiki nopusi eng köp chong dölet bolup, ereb ellirining «akisi», dep qarilip kelmekte. Misirning ottura sherq rayonidiki muhim ornidin gumanlinishqa bolmaydu. ereb elliri ittipaqining bash shtabimu misir paytexti qahirede tesis qilin'ghan.
Közetküchiler: misir zungtungi mubarekning bu nöwetlik ereb elliri ittipaqigha eza döletler bashliqliri yighinigha qatnashmighanliqigha ereb ellirining közqarishining yiraqliship ketkenliki, nurghun mesilide ortaqliq hasil qilghili bolmaywatqanliqi seweb bolghan, misirning bu nöwetlik bashliqlar yighini arqiliq nöwettiki rayon krizisini hel qilghili bolidighanliqidin ümid kütüp ketmeydighanliqini chüshendüridu,dep qarashti.
Ereb elliri axbarat wasitiliri: mubarekning bu yighin'gha qatnashmighanliqi misir bilen qatarning nurghun ziddiyiti we ixtilapi barliqidin dérek béridu, dep qaridi.

Shimaliy afriqidiki bezi döletler bilen ereb elliri ittipaqining munasiwiti barghanséri suslashmaqta

Meghrib ittipaqigha eza besh döletning rehbiri ichide liwiye rehbiri kazaféydin bashqa, qalghan töt eza döletning bashliqliri yighin'gha qatnashmidi, bu, meghrib ittipaqi bilen ereb elliri ittipaqi munasiwitining barghanséri yiraqlishiwatqanliqidin dérek béridu.
Ereb elliri ittipaqigha eza döletler bashliqliri yighinigha qatnashqan liwiye bilen se'udi erebistani qatarliq döletler otturisida éghir ixtilap bar, ikki terep munasiwitide dawamliq sürkilish bolup turidu. Liwiye rehbiri kazaféy ereb elliri ittipaqini rayon krizisini bir terep qilishta ajizliq qildi, dep köp qétim ötkür sözler bilen eyibligen. U hetta 2003-yilidiki ereb elliri ittipaqigha eza döletler bashliqliri yighinida se'udi erebistani padishahi bilen qattiq qiziriship qalghan, ikki terep bir-birini eyiblep hetta tilliship, yighinning bir mehel üzülüp qélishigha seweb bolghan.
Tehlilchiler: se'udi erebistani ereb elliri, jumlidin islam dunyasida muhim orun'gha ige, liwiyining kayishliri bezi ereb ellirining naraziliqini qozghaydu. Liwiyining ereb elliridiki obrazi barghanséri xunüklishiwatidu, kazaféy hazir liwiyining afriqa döletliri ittipaqida téximu muhim rol oynishini qolgha keltürüsh bilen bolup kétip, ereb-isra'iliye toqunushi qatarliq ottura sherq mesililirige köngül bölgüdek zéhni qalmidi, dep qaridi.

Iran amili ereb elliri ittipaqigha eza döletlerni chüshep turmaqta

Ereb elliri ittipaqigha eza döletler rayon krizisini hel qilghanda, hemishe iran amilining tesiri tüpeylidin birdek pikirge kélelmeywatidu. Iran gerche ereb elliri ittipaqigha eza dölet bolmisimu, biraq eng muhim islam döletlirining biri, iranning meydani we pozitsiyisi ereb ellirige zor tesir körsitidu, shunga, ereb ellirining iran mesilisidiki pozitsiyiside zor ixtilap bar.
Pelestin mesiliside, se'udi erebistani, misir qatarliq döletler abbas rehberlikidiki pelestin milliy azadliq herikiti (fatax)ni qollaydu, halbuki, iran, suriye qatarliq döletler xamasqa hertereplime yardem bériwatidu.
Tehlilchiler: iran pars qoltuqi rayonidiki eng qudretlik döletning biri, uning etrapidiki ereb elliri iran bilen arazliship qélishni xalimaydu, chünki iran bilen qarshilishish rayon muqimliqigha paydisiz, dep qaridi.
Tehlilchiler mundaq körsetti: rayon xaraktéridiki bashqa ittipaqdashlar bilen sélishturghanda, ereb elliri ittipaqining ilgirilesh yoli bekla egri – toqay boldi, shor péshane ereb dunyasi keskin xirisqa duch kelmekte. Ichki ixtilapni qandaq tügitip, uzaqtin buyanqi ziddiyetni qandaq hel qilip, her qaysi ellerning krizis aldida birikme küch hasil qilishigha qandaq türtke bolushta ereb elliri ittipaqida yene hel qilishqa tégishlik qiyin mesililer xélila köp.

Menbe: «shinjang géziti»(2009-04-10)
****************************************

تولۇق ئوقۇش

2009年3月28日星期六

ئەرەب دۇنياسىنىڭ مائارىپ ئەھۋالى ئۇستىدە تەھلىل



ئەرەب دۇنياسىنىڭ مائارىپ ئەھۋالى ئۇستىدە تەھلىل


ئەرەب دۆلەتلىرى مائارىپ مىنىستىرلىكنىڭ ئەمەلدارلىرى 2007-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۇنى قاتار پايتەختى دۇھادا «ھازىرقى زامان بىلىملىرى تەتقىقات يىغىنى» ئۆتكۇزدى. يىغىن ئىككى كۇن داۋاملىشىپ «ئەرەب دۇنياسىنىڭ مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىش» تىمىسىدا مەخسۇس تەتقىقات ئىلىپ باردى ۋە ئەرەبلەرنىڭ ئارقىدا قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەم كەلگۇسىدىكى تەرەققىيات لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

بۇ تەتقىقات يىغىنىنڭ رەئىسى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىجتىمائى پەنلەر ئىنىستىتۇنىڭ مۇدىرى لافىيا گىباس دوكتۇر، يىغىنغا ئەرەب بىرلەشمە خەلىفىلىكى تەرەققىيات كومىتىتى رايۇنلۇق كىڭىشىنىڭ باشلىغى ھىسام ناگىپ دوكتۇر ۋە لىۋان ئۇنۋىرستىتى مائارىپشۇناسلىق پاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى ئادنان ئەمىن فىروپىسۇر قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى،

ناگىپ دوكتۇرنىڭ قارىشىچە، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققى قىلالماي بىر ئىزىدا توختاپ قىلىشىغا تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر سەۋەب بولغان:

بىرىنچىدىن: ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنىڭ قاتماللىقى ۋە بىكىنمىلىكى سەۋەب بولغان، مەسىلەن ئۇلارنىڭ چەتئەل تىلى ئۇگىنىشكە قىزىقماسلىقى سىرتقى دۇنيادىكى يىڭى بىلىملەرنى قوبۇل قىلىشتىن ئۇلارنى چەكلىپ قويغان، ئۇ مۇنداق دىدى: «راۋان چەتئەل تىلى ئىقتىدارى بولمىسا زامانىۋى بىلىملەردىن ئايرىلىپ قىلىپ، مۇتەئەسسىپ تۇرمۇش شەكلى ئىچىدە چەكلىنىپ قالىدىغان گەپ، بۇ ئاجىزلىقنى بويسۇندۇرۇش ئۇچۇن مائارىپ تارماقلىرى چەتئەل تىلى ئوقۇتۇشنى كۇچەيتىشى، ئۇنى ئەرەب تىلى بىلەن تەڭ ئىلىپ مىڭىشى كىرەك، ئەرەب تىلى ئالاقە تىلى، چەتئەل تىلى بولسا بىلىم ئىزدەيدىغان قورال، ئوقۇغۇچىلار ھەر ئىككىلىسىنى پىششىق بىلىشى كىرەك»

ئىككىنچىدىن، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مائارىپقا سالغان مەبلىغى يىتەرسىز، بولۇپمۇ ئالىي مائارىپقا تىخىمۇ شۇنداق، يۇقۇرى دەرىجىلىك مەكتەپلەردە جىددى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ئىلىپ بىرىپ، دۇنيا بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ قوللىنىشچانلىقى ۋە ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇش كىرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاساسىي مائارىپنى يۇقۇرى دەرىجىلىك مائارىپنىڭ سەۋىيەسىگە ماس ئىلىپ مىڭىش لازىم.
ئۇ مۇنداق دىدى: «نۇرغۇن ئەرەب دۆلەتلىرىدە، بولۇپمۇ ئاشۇ نوپوسى زىچ شەھەرلەردە مائارىپنىڭ ئىككى قۇتۇبقا ئايرىلىش ھادىسىسى پەيدا بولدى، نۇرغۇن ياشلار كەسپى مەكتەپلەر ياكى مەخسۇس تىخنىكا مەكتەبلىرىگە كىرىشكە ئوتتەك قىزىقىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ساپاسى يۇقۇرى ئەمەس، يەنە بىر تەرەپتىن ئىلىپ ئىيتقاندا ناھايتى ئاز ساندىكى ياشلار پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن يۇقۇرى دەرىجىلىك مەكتەبلەرگە ئۆرلەپ ئوقۇشقا قىزىقسىمۇ بىسىم ناھايىتى ئىغىر، مائارىپنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق تارقىلىشدا مەسىلە مەۋجۇت»

ناگىپ دوكتۇرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئۇچىنچىدىن: مائارىپ پۇرسىتىنىڭ تەكشىسىزلىكى ۋە ئوقۇتۇش ئۆلچىمىنىڭ بىردەك بولماسلىقى پەن ۋە بىلىملەر ئارىسىدا ھاڭ پەيدا قىلغان، ئۇنى ماسلاشتۇرۇش ۋە بىرلەشتۇرۇش قىيىن،
مەسىلىنىڭ يىلتىزى - دۆلەتنىڭ مائارىپقا سالغان سىلىنمىسىنىڭ تەكشىسىزلىكى، يۇقۇرى سەۋىيەدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىتىشسىزلىكى.
مەسىلەن: ئۇچتىن ئىككى قىسىم ئالىي مەكتەبلەرنىڭ ئاساسى ئەسلىھەلىرى قالاق، ئۆز-ئارا ئىلمىي ماسلىشىش ھەم بىرلىككە كەلگەن باشقۇرۇش كەمچىل.

بۇ خەمىد-سالام مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۇزۇلگەن تۇنجى قىتىملىق ئەرەب دۆلەتلىرى مائارىب تەتقىقات يىغىنى بولۇپ، تىخى بىرىنجى قىتىملىق سىناق.

خەنزۇچە نور ئىسلام تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
**********************************

تولۇق ئوقۇش

2009年1月17日星期六

Ereb elliride ötken ajayip künler

ئىخچام




Ereb elliride ötken ajayip künler


‹edebiy xatire›


Adil tuniyaz


Aptor ilawisi:

Ikki yil bu zémindin - shinjang diyaridin rizqim kötürülgen bolsa kérek, 2000 - yilidin 2002 - yilighiche ereb birleshme xelipilikide oqush we ziyaret qilish pursitige érishtim. Ereb birleshme xelipiliki ottura sherqtiki bay döletlerning biri hésablinidu. Yer meydani 30 ming kwadrat kilométir, nopusi 2 milyon 925 (1995 - yilidiki statistikiliq melumat ). Néfit we tebi'iy gaz bayliqi bilen ereb yérim arilidiki «zerdargha» aylan'ghan bu dölet ebuzebi, ajjan, dubey, fujeyre, rasnul xeymi, sharja, nummi'el qeywan qatarliq yette xelipiliktin teshkil tapqan bolup, paytexti ebuzebi. Bu dölet pirisiye qoltuqi, ohjan qoltuqi, se'udi erebistan qatarliq dölet we rayonlar bilen chégrilinidu. En'gliye ereb yérim arilidiki iqlimi qurghaq, ot issiq bu zéminni 1820 - yili bésiwalghan. 2 - dunya urushidin kéyin aptonomiye hoquqi bergen. 1972 - yili en'gliye esker chékindürüp ereb birleshme xelipilikining musteqilliqini étirap qilghan. Bu dölette 1960 - yili tunji qétim néfit tépilishtin ilgiri yerlik ahalilerning asasliq tirikchiliki béliqchiliq we merwayitchiliq iken. Bu döletning padishahi sheyx zayid néfitni xelq turmushigha ishlitish we iqtisadiy jehette échiwétish siyasitini yolgha qoyghan qisqighine 20 nechche yil jeryanida ajayip tereqqiyatlargha ériship, ottura sherqning soda we pul mu'amile merkizige aylan'ghan. Men ereb birleshme xelipilikide körgen - bilgenlirimge a'it yazmilardin tallap uyghur tilidiki dangliq zhurnallarning biri bolghan «junggo milletliri» zhurnilining ixlasmen oqurmenlirige sundum.


Yopyoruq ereb kéchiliri


Ürümchi waqti kéche sa'et bir bolghanda kütküchi qiz ayropilanning sharja shehirige qonush aldida turghanliqini, sa'itimizni ikki sa'et arqigha burap, bu yer waqti 11 gha toghrilishimzni uqturdi. Ürümchi waqti imarat (ereb birleshme xelipilikining erebche qisqartip atilishi)ningkidin ikki sa'et baldur iken. Ayropilan asta - asta peslewatatti. Dérizidin qarisam töwende köz chaqnitip turghan renggareng chiraghlar, ghuwa yer yüzide uzun sozulghan yaysiman kök yoruqluq köründi. Men jimirlawatqan bu kök yoruqluqning déngiz ikenlikini pemlidim , ikki qewetlik yumilaq bina, meschit gümbizi, del - derex, sim tor we may yol sizilghan bu bir parche menzire resimi ayrodrom idi. Biz menzire resimning ichige kirduq. Ayropilanning arqa yan ishikidin putimizni yerge élipla özimizni yumilaq binaning ikkinchi qewitide, nurghun karidorluq eynek qesirde körduq. Manga oxshash burut qoyuwalghan ayropilan saqchisi, pasport, wiza tekshürgüchiler, yük - taq basquchi adem, ishqilip hemmisi dégüdek chiray - turqining yiraq asiya milletliriningkidek emesliki bilen közümge uyghurlardekla körünüp ketti. Béshigha qeshqer yéziliriningkidek aq shapaq bök kiyiwalghan, saqal - burutluq illiq chiray hammalni pütünley özimizge oxshitip uyghurche gep qilip tashlaptimen. U külümsirep qoyup aghzini hangwaqtilarche achqandila, men özümning yéngilishkenlikimni bildim. Shundaqtimu bir azdin kéyin u meqsitimni uqqandek in'glizche we erebche «men pars, siz junggoluq musulmanmu?» dédi. Men erebche: «he'e, oylighiningiz toghra, elhemdulilla musulmanmen»dep jawab berdim.
Wisal shadliqi we didar mestxushluqida chamadan bésilghan qol harwini ittirip ayrodrom binasidin talagha chiqqinimizda qizighan tonurning teptidek issiq hawa yüzlirimge güppide uruldi - de, aldimizdiki yapyéshil chimliq köyüwatqan yéshil ottek tuyuldi. Bu hawaning tonurdin birla perqi déngizdin kelgen nemxushluq idi.
Ereb kéchisi _ tinch, yéqimliq, yopyoruq. Hemme yerde chiraghlar yénip turidu. Chiraghning köplükidin sheherning birer yéridin qarangghuluqni yaki xire - shire bulung - puchqaqnimu tapqili bolmaydu. Yuqiri sür'etlik yol boylirida kéchiche yénip turidighan chiraghlar goya boshluqtiki tutash ketken renggareng nur zenjiridek sheherdin ins - jin uchrimaydighan chöl - jezirige, chöllerdin déngizgha we taghlargha kirip kétidu. Ereb kéchisi qiziqarliq, ajayip - gharayib, güzel weqeler yüz bergen ming bir kéchige oxshash séhirlik we qaynaq, 24 sa'et échilidighan supirmarkit (derijidin tashqiri soda saray) largha yérim kéchide kirsingizmu yénik muzika sadasi ichide harwilirini ittirip mal tallawatqan kishilerni köridikensiz.
Qarangghu chüshüp xupten namizidin tarqighandin kéyin erebler ésil mashinilirini heydep, xotun - baliliri bilen birge sheherdiki eng dangliq supirmarkitlargha qarap aqidiken. Mal tallap, yep - ichip, téléwizor körüp, ibadet qilip dégendek pa'aliyetler bilen tün nisbigiche uxlimaydiken. Qarighanda kündüzliri uxlap, kéchisi heriket qilish ereblerning aditige aylinip qalghandek qilidu. Imaratqa bérip tunji ayda sharja shehiride bir misirliq tul momayning bir éghiz öyini ayliqi sekkiz yüz derhem (junggo puligha 1840 yüen) ge ijarige alghaniduq. Binaning tötinchi qewitidiki bir yürüsh töt éghizliq bu öyning biride uning chong oghli, biride 15 - 16 yashlardiki qizi turatti, yene biride ottura mektepte oquydighan kichik oghli bilen özi turatti. Yatiqimgha qoshna hujridiki chong oghli ishtin yénipla téléwizor yaki kompyutér bilen bolup tang étishqa yéqin uxlaytti. Qalghan ikki öydiki téléwizor awaziningmu qachan öchkenlikini bilmey quliqimgha paxta tiqiwélip uxlap qalattim. Kéche sa'et ikkilerde qiziq mayning gazh - guzhidin yaki qazan - chömüchlerning tarangshighan awazidin oyghinip ashxanigha chiqsam héliqi momay sémizliktin özini aran kötürüp irghanglighan péti tamaq étiwatqan bolatti. Kündüzliri bolsa ishikni taqap chüshkiche uxlaytti.
Ereb kéchisi - tinch, bixeter. Meyli siz chet ellik bolung, musulman yaki gheyriy musulman bolung, er yaki ayal bolung, yérim kéchidimu sheher kochilirida dexlisiz, xatirjem mangalaydikensiz. Imaratning qanun ijrasi qattiq, amanliq ishliri dunya boyiche aldida, saqchi mashiniliri sheher kochilirida kéche - kündüz uyaqtin - buyaqqa charlap turidiken. Ming bir kéchidikidek kéchilerde, tilsimattek kochilarda xatirjem seyle qilip yürginingizde aldingizgha uchraydighini qiriq qaraqchi yaki birer bulangchi emes, sizge chirayliq salam bérip ötüp kétidighan charlighuchi saqchi bolidiken.
Yopyoruq ereb kéchiliri islam dinining simwoli bolghan hilal ay bilen kishiler qelbini yorutup, imarat zéminida tinchliq we xatirjemlikning nurluq obrazini jilwilendüridiken.


Déngiz boyidiki ezan awazi


Yérim kéchide mashina bilen dubey shehirige kirginimde déngiz bar iken, biraq uni körmeptimen. Ereb diyaridiki tunji axshimi ayalim bilen xeyber méhmanxanisigha chüshkende déngiz bizdin 50 qedem nérida dolqunlap turghaniken, biraq uning yénimda ikenlikini bilmeptimen. Chinidek pakiz dubey kochilirigha quyashning tengge tillaliri jiringlap tökülgen chaghda déngiz ap'aq dolqunlap bizni saqlawatqaniken. Biz uningdin bixewer öz resmiyetlirimiz üchün aldirash kétiwatqanda yuqiri sür'etlik yol boyida tunji qétim déngizni kördüm. Déngiz sémont tam we rishatkilar keynide tiz pükmes tutqundek tömür zenjirlerge bar küch bilen özini uratti. Déngizmu tunji qétim méni kördi. Men taksida, eynek qepes ichide öz teqdirimge zenjirbende qilin'ghanidim. Déngiz bilen tunji uchrishish mana shundaq tolimu sus, opul - topul, kishini ümidsizlendüridighan uchrishish boldi. Qirghaqqa döwilinip ketken mal sanduqliri, déngizdiki égiz - égiz yük paraxotliri, uchup yürgen aq chaykilar, qirghaqqa yéqin su yüzide leylep qalghan shéshe, yaltiraq exlet - chawarlar méning köpkök déngizgha yollighan qizghin salimimni tosuwalghanidi. Biraq, xeterlik déngiz seperliride ajayip - gharayip weqeler yüz bergen ming bir kéchidin manga tonush bu déngiz men ékranlarda körgen déngizdin nechche hesse güzel we séhirlik idi.
Imaratning yette shehiri pütünley dégüdek déngiz bilen chishliship turidiken. Paytext ebuzebige qarashliq astane _ el'eyin shehiridin bashqa herqandaq bir sheherdin ishikni achsila déngiz körünidiken yaki mashina bilen sheher sirtigha sel - pel mangsila, déngizning aghzigha chiqip qalidiken, dubey _ ottura sherqning soda merkizi we «qumluqtiki shyanggang» dep atalghan heqiqiy déngiz shehiri iken. U déngiz arqiliq bardubey we diyradubey dep ikkige bölünüp ketken. Su bilen söyüshüp turghan ikki dubey arisida kishiler kocha aptobusigha oxshash nöwet bilen qatnaydighan kira kémilirige olturup ikki - üch minut ichidila yene bir dubeyge qedem basidiken yaki taksigha olturup asman pelek paraxotlar toxtap turghan reshidiye (in'glizche rashid) portining kirish éghizidin bashlan'ghan déngiz asti tonélidin ötüp 15 - 20 minut ichide seyyah özini ikkinchi dubeyning ademler éqinida köridiken. Bir uchi déngizdin bashlinip bazargha kirip kétidighan yoruq kochilar, astigha qashtéshi yatquzulghan meschit - saraylar, renggareng mal bilen tolghan mermer tüwrüklük supirmarkitlar, chöcheklerdiki altun dölitige kélip qalghandek héssiyatqa keltüridighan köz yetküsiz jawahirat bazarliri imaratqa tunji kelgen herqandaq ademni hayajanlandurmay qalmaydiken.
Wetendiki chaghda her küni etigende ingeklirimni qirip tursammu chüshkiche tikkide bolup kétidighan yirik saqallirim we etrapimdiki köp kishilerdin perqlinip turidighan burutum bilen ürümchi kochilirida sel xudüksirep qalattim. Köz aldimda uyaqtin - buyaqqa ötüwatqan saqalliq ingekler, herreng, herqisma burutlar, etir purap turidighan aq perijilik gahida sellilik ademler arisida musulman dunyasining manga tonush belgiliri namayan bolatti. Shunche qaynaq kochidimu birer ünlükrek awazni, warang - churungni anglighili bolmaytti. Shunche köp ademler arisidimu ay - yillap urushup - taliship qalghanlarni körgili bolmaytti. Meyli ereb yaki hindi bolsun, meyli pars yaki pakistanliq bolsun, bu yerde adem bilen adem arisida bir xil yumshaq munasiwet mewjut iken. Ushtumtut birer qiyinchiliqqa duch kelsingiz yaki birer jayni bilmey kochida ikkilinip turup qalghan bolsingiz, qaysi tilda bolsun ademler sizge chüshendürüp qoyushqa, qizghinliq bilen yardem bérishke teyyar iken. Eger yoldin ötmekchi bolup turghan bolsingiz uchqandek kéliwatqan mashinilar astilap toxtap béridiken. Yaki shopur qol isharisi qilip sizning awwal ötüwélishingizni buyruydiken. Eger késip ötmekchi bolghini ayal kishi bolsa ehwal téximu bashqiche bolup, mashinilar besh - on métir yiraqtinla toxtap toluq ötüp bolghandila andin qozghilidiken. Yolda, banka - saraylar we herqandaq ish béjirish ornida ayallarning izzet - hörmiti yuqiri, orni alahide bolidiken. Birer resmiyet ötesh üchün öchiretning eng aldida turghan bolsingiz eng axirida kirip kelgen bir ayalning ishi birinchi bolup béjirilidighanliqi bu yerde normal ehwal iken. Ayallarning yoshurup qoyulghan göherdek etiwarlinishi, teshnaliqta turghan erler teripidin mebudlarche ulughlinishi ottek issiq, nemxush déngiz hawasida téximu bilinidiken. Musulmanlarning we barliq ademlerning bir - birige bolghan issiq méhrini téximu chongqur hés qilghili bolidiken.
Qolumda éghir somka, qaqiram aptapta el'eyindin ebuzebige baridighan yolda taksi saqlap turattim. Yéqin etrapta sayidighudek birer tüpmu derex yoq idi. Béshimdin ayighimghiche shurqirap ter quyulatti. Del shu chaghda uchqandek kéliwatqan bir aq renglik pikap yénimdila toxtidi. Biraq, bu taksi emes idi. Teqi - turqi we kandora (erlerning yektek toni)sidin qarighanda mashinidiki muwatin (yerlik)dek qilatti.
_ hey miskin, ebuzebigimu?
_ he'e.
_ ya'alla, mashinamgha chiqiwal, yolimiz birken.
_ alla sanga rehmet qilsun !
Men somkini keyni orunduqqa qoyup uning yénida olturdum. Mashinining hawadinidin chiqiwatqan muzdek tok shamalda issiqmu, 180 kilométir yolmu we chöl - jezirimu bilinmidi. Axir aldimizda upuqqiche sozulghan kök déngiz köründi. Biz déngiz boyidiki heshemetlik sheher ebuzebige rengmureng chéchekler we yapyéshil derexler bilen ünsiz kirip kelduq. Biraq, bu sükütimizde ademler arisidiki déngizdek chongqur muhebbet bar idi.
Bu chaghda namazdigerge ezan chiqti. Ezan awazi manga shundaq tesir qildiki, men ömrümde bundaq jezbdar awazni yene bir anglighinimni esliyelmeymen. Uningda déngizning ich - ichidin chayqilishliri, ka'inattiki asman jisimlirining bir - birige mas aylinishliri, qushlarning hawadiki qanat qéqishi, qilichlarning walildishi, tögilerning örkishi, ademlerning hayajan'gha tolghan nepesliri, yéngidin dunyagha köz achqan bowaqning ingnge sadasi, halak bolghan sheherlerdiki jimjitliq, resulillaning widalishish nutqi we shunng'gha oxshash mungluq awazlar bilen menggü untulmas körünüshler bar idi. Uningda yaxshiliqning eladmu'ewlad dawamlishishi we insaniyetning yüksek rohiy pellige chaqirilishi bar idi. Ezan awazini anglash bilen dukandarlar dukinini taqap, kétiwatqanlar qedimini burap meschit taman aqatti, menmu déngiz dolqunidek ademler éqinigha qétildim.


Pelestinlik kitabpurush


Dunyaning yer shekli xeritisige qarighan adem qumluq boyliridiki közge aran chéliqidighan chékitning ornidiki jayda ademler qumdek mighildap turidighan chong sheherler barliqini, u yerdiki kishilerning hör-bextiyar turmushini yaki erkinliki üchün sadasiz qan töküp qilghan urushini körelmeydu. Bir tal chékit astida qatar-qatar aq térekler yaki xormiliq baghlar, déngiz yaki taqir taghlar, hésabsiz néfit yaki déhqanni toyghuzalmaywatqan hosulsiz étizlar, étilip chiqqan chipar yolwas yaki süt ichiwatqan müshük bar. Issiqta köyüwatqan qumluqmu, ormandiki yamghurmu, erebmu yaki uyghurmu bar.
Men yershari xeritiside tirnaqchilik sizilghan bu döletning xeritige chüshmigen el'eyin shehiride chiraghlar jimirlap turghan bir kechliki kitabxanigha kirdim. Qatar - qatar birnechche kitabxana bar bu restidiki men kirgen kitabxanida kitab heqiqeten köp idi. Kitablarning igiligen nisbitidin qarighanda üchtin ikkisi erebche, üchtin birsi in'glizche kitablar idi. Men kitab jahazilirini bir haza arilighandin kéyin in'glizche kitablar arisidin nobél mukapatigha érishken érlandiye sha'iri yitizning we hazirqi zaman amérika sha'irlirining bir shé'irlar toplimini tallidim. Kitabxanida adem anche köp emes idi. Aldimdiki qara abayi kiygen muwatine chokan pul tölep bolushigha men qolumdiki ikki kitabni sundum. Kitabpurush chachliri chüshüp ketken, yüzlirini qoruq basqan, qarimaqqa 50 yashlargha kirgendek körünidighan at yüzlük ereb idi. Kiyinishidin uning muwatin emesliki chiqip turatti. U qolumdiki kitablarni élip örüp - chörüp qarighandin kéyin manga lappide bir köz tashlidi. Adette kitabxanigha kiridighanlar yüzde yüz muwatinlar yaki anda - sanda bashqa yerlik erebler bolatti. U manga - bu alahide xéridargha qiziqip qalghanidi.
_ kechürüng, bir minut texir qilip tursingiz.
U manga in'glizche özre éytip méning keynimdin kelgen ereb qizning kitablirini élip bahasini hésablashqa bashlidi. Qolidiki ish tügigendin kéyin bashqiche qizghinliq bilen manga buruldi:
_ siz iranliqmu?
_ yaq.
_ afghanmu?
_ yaq.
_ undaqta ...
Men taksi shopurliridin, dukan xizmetchiliridin, yéngiyache tonushqan herbir ademdin oxshash so'al we oxshash qiyaslarni tola anglawérip zérikip ketkenidim. Men jawab ornigha uningdin qayturup soridim.
_ siz pelestinlikmu ya liwanliqmu?
- masha'alla, pelestinlikmen. Ismim hemude, erebler ichidimu in'glizche shé'irlarni oquydighanlar köp emes, siz zadi qaysi dölettin?
_ men junggodin kelgen musulman.
U gépimge azraqmu ishenmidi.
_ men junggoluqlarni obdan bilimen. Burutingiz, köz we qéshingiz oxshimay turidu.
Men junggoning gherbiy shimalidiki shinjang uyghur aptonom rayonidin kelgenlikimni éyttim. Uning jungxua xelq jumhuriyiti zéminining altidin birini igileydighan shunche chong zémin we bu yerdiki 8 milyondin artuq musulman millet _ uyghurdin zadila xewiri yoq iken. Eksiche yershari xeritisidiki kichikkine bir jay _ pelestinni herbir uyghur we pütün dunya asasen bilidu. Men epsuslan'ghan halda qolumdiki kitablarni uninggha tenglidim.
_ men bahasi 30 derhemlik bu kitablarni sizge 20 derhemge bérey. Menmu shé'irni yaxshi körimen. Biz dost bolup qalayli.
_ rehmet .
_ eger waqtingiz bolsa ete chüshtimu kelsingiz, chüshliri dukanda xéridar az, biz keng - kushade mungdishiwalalaymiz.
Men üch kündin kéyin chüsh waqtida yene keldim. Hemude méni quchaqlap turup qizghin qarshi aldi. Kitabxanisida ayda 600 derhem ma'ash alidighan hindistanliq kitab satquchi bilen özidin bashqa héchkim yoq idi. U mendin ereb tili sewiyemning qanchilik ikenlikini soridi.
_ özümning höddisidin chiqalaymen, _ dédim jawaben.
_ undaqta biz erebche sözleshsekmu bolghudekqu _ he?
U birnechche ereb sha'irlirining shé'irini teyyarlap qoyghaniken, hayajan bilen déklamatsiye qilishqa bashlidi.
_ chüshinelidingizmu?
_ azraq chüshendim, men muhebbet lirikilirining padishahi dep nam alghan sha'ir nizar qubbanining shé'irlirini in'glizchidin körüp baqqanmen. Amérikiliq ereb sha'iri sherif elmusaning shé'irlirini yaqturimen.
_ masha'alla, mana bu yerde nizar qubbanining qesidiler toplimi bar, anglang-he?
U ayallarning téni rélisqa oxshaydu, erler goya parawoz dégendek misraliri bar bir shé'irni oqudi.
_ bilemsiz, men sizdek sha'ir emes, lékin shé'irni yaxshi körimen, 15 - 16 yash chaghlirimdin bashlap kitab oqush we hörlük üchün küresh qilish méning hayat nishanim bolup qalghan. Qolumgha qoralmu alghan, yasir arapatqa egiship siyasiy pa'aliyetlerge qatnashqan, türmidimu yatqan, aptobusqa pul yoq talay qétim sheherdin - sheherge piyade qachqan. Kün - künlep achmu qalghan. Imaratqa kélip 7 - 8 yilliq sersanchiliqtin kéyin bu kitabxanini shérik échiwaldim. Némila bolsun hayattiki bir nishanimni ishqa ashurdum. Biraq, birer qétim ichimdin échilip külüp baqmidim. Biz pelestinliklerni yehudiylarmu, bashqa ereb döletlirimu yaxshi körmeydu. Dunyada bizge orun yoq. Chünki, bir millet öz wetinide qanchilik xar, qanchilik töwen bolsimu yiqilghanda öz yérige yiqilidu. Haman bir küni qeddini kötüridu. Kishi yurtida qanchilik me'ishet körsimu menggü ikkinchi puqra sanilidu … hayatning qattiqchiliqi méni waqitsiz qéritip qoydi. Belkim sizgimu chong körünüp ketkendimen. Bu yil emdila 36 yashqa kirdim.
Men öz közümge ishenmey qaldim. Aldimda yüzlirige qat - qat qoruq chüshken, chachliri chüshüp taqir béshida anda - sanda tük qalghan 63 yashliq bir boway turatti. Bu bay _ bayashat erkin ereb dölitimu uning pelestinlik ikenlikidek heqiqiy salahiyitini yutuwételmigenidi. Eksiche negila barsun pelestinlik dégen bu isim goya qulluq tamghisidek uni azablaytti. Bu azab, otning ichide köygüchilerningkidin nechche hesse küchlük bolghan, otning téshida köyüwatqan bir musapirning öz wetinini séghinish we wijdan otida puchilinish azabi idi.


Masqat kochisidiki uyghur


Omman'gha ichkirilep kirgenséri, biz özimizni qedimki zamandiki bir dölette kétiwatqandek hés qilishqa bashliduq. Bireymi bazirida körgen xam késektin qopurulghan lay kün'gürilik égiz tamlar, tamlarning puchuqlirida aptap sunup buquldawatqan minglighan kök kepter; Yol boyi ademge pat - pat salqin tuyghu bexsh étidighan yéshil étizlar, bagh - waranlar; Issiqta éshek minip kétiwatqan ommanliq boway; Yolning otturidiki xorma derixi tüwige tashtin tarashlap yasalghan qiypash kozigha chüshüwatqan su; Héjir qacha, iwriq; Masqat shehirige yéqin achaldiki heykeltarashning ajayip esiri _ altun neqishlik sanduqning kötürülüp turghan aghzidin körünüp qalghan zer basqan kiyim - kéchek we ünche - merwayit ... Biz goya eli baba we qiriq qaraqchi mushu yerdidek hés qilduq. Ommanning paytexti masqat _ bir tilsimat iken. Biz bu sheherge kirginimiznimu we chiqqinimiznimu bilelmiduq. Birdem mangsaq qedimiy, birqedem mangsaq zamaniwi; Uyaqqa qarisaq tagh, buyaqqa qarisaq déngiz. Égiz binalargha qarap masqatqa kirip bolduq dégende sehra tüsini alghan xormiliq baghlar, étizlar, öy - imaretsiz, ademsiz uzundin - uzun tashlanduq yerler; Birer yérim sa'ettin kéyin körünüp qalidighan ikki yandiki taghda aliqanche bosh yer qoymay sélin'ghan ghuchchide öyler, inchike ücheydek kocha; Mermer qesir, eynek saraylar, arqidin yene köpkök déngiz we tagh, yan - yénida mighildap turghan kishiler … mana bu ommanning paytexti masqat idi.
Gülbahar haji xénim bilen yasin haji bizning kélish waqtimizni pemlep aldin'ala aldimizgha chiqip turghaniken. Gerche biz burun anche tonushup ketmisekmu, uyghurning awazini anglighili bolmaydighan yaqa yurttiki natonush bir kochida bir-biri bilen uchrashqan töt uyghurning xushalliqigha héchnéme toghra kelmeytti.
Uyghurning dunyawi ghéribliqi wetendin nechche ming kilométir yiraqliqta bir pes ghem - qayghusiz qizghinliqqa, uruq - tughqanlarche xushalliqqa we hayajanliq shé'irgha aylandi.
Men mana mushundaq jem bolushlarni teswirlep «yurtdashlar» dégen shé'irimda mundaq yazghanidim:

Dubey shehiri tilsimat eynek
Yitken derex özini izder,
Kochida
Oruq erwahlar uyghur biz der.
Uyghur - uyghurgha tartilghan perde,
Polu bilen lengmen bar yerde,
Uyghurni kördüm.
……………

Ular bizning kélishimizge ülgürtüp polu dümlep qoyghaniken. Biz oxshighan polugha ishtiha bilen éghiz tegkech, qizghin paranggha chüshüp kettuq.
Gülbahar xénimning tesirlik sergüzeshtiliri, jasariti, tewekkülchiliki _ soda saheside muweppeqiyet qazan'ghan uyghur ayallirining ortaq yoli bolsa kérek, dep oylidim. U deslep hökümet igilikidiki bir soda sariyida prékazchik bolghan. «qorsaqtin éshinmaydighan azghina ma'ashqa baghlinip qalghandin köre, néme bolsam bir tewekkülchilik qilip baqay» dégen niyetke kelgen we pursetni ching tutquchi uyghur sodigerlirining qatarida pakistan'gha chiqqan. U yerde yasinjan bilen shérikliship ikki arida mal yötkigen. Bir qétim sodida ziyan tartip hemme desmayisidin ayrilip qalghan. Uning xaraktéridiki hayatqa qizghinliq, tewekkülchilik we yéngi makan izdesh rohi uni jim turghuzmighan. U bir qisim uyghur oqetchilirining imaratqa qatnawatqanliqini anglap, ötne qilip bolsimu u yerge bérip baqmaqchi bolghan. 1997 - yili u imaratqa kelgende, kelgüside altun xezinining derwazisini achidighan bu chokan'gha bashqa uyghurlar anche diqqet qilip ketmigeniken.
_ bu jeryanda achliqnimu, yoqsuzluqnimu kördüm; Bashqa kün chüshkende yölesh oyida sun'ghan xeyrlik qollarnimu, jöndesh koyida bolghan aldamchi kazzaplarnimu kördüm. Chet elde puli yoq adem herkimge éghir kélidiken, hemme adem qachidiken; Pul tapqanda yatmu, düshmenmu xush chiray achidiken …
U, dubeyge tiqiliwalghan uyghurlardin tüzükrek hallinip qalghan birersinimu körmeptu. U tewekkül qilip, birsidin nésige alghan azghina merwayit bilen qoshna dölet omman'gha bériptu. Omman imaratqa qarighanda kembeghel dölet bolghachqa, uyghurlardin birersiningmu u yerge bérip béqish xiyaligha kelmigeniken. U ommanda bu azghina merwayitni heyran qalarliq halda birge on, hetta yigirme hesse paydisigha sétiptu. Andin derhal junggogha qaytip bir yoli yette, sekkiz somka merwayit yötkeptu.
_ hazir masqatning jawahirat bazirida méni tonumaydighan birermu dukandar yoq, bu ach paqilarni xuddi gürüchke toyghuzghandek toyghuzuwettim. Ular mendin sétiwalghan merwayitlarni hazirmu sétip bolalmaywatidu. Hazir u aqmas soda, biraq shu merwayitlarning paydisida men yol tépiwaldim. Junggoning erzan malliri ereblerningmu ishtihasini échiwetti. Hazir ayropilan we paraxotlarda mal yötkep, xenzular bilen bille yermenkilerge qatnishiwatimen. Belkim imaratqa qarighanda silerge omman kona we kembeghel körünüp ketkendu? Bilemsiz, pul tapqan yerler ademning közige ot körünidu. Chet elning herqandaq yéride men üchün masqat kochiliridek chirayliq we pakiz yer yoq ...
Kechte gülbahar haji xénimning geplirige meptun bolghan halda ayalim bilen masqat kochilirini aylanduq. Qatar - qatar etir dukanliri, renggareng chiraghlar walildap turghan botka - peshtaxtilar, ghuwa qarangghuluqta peske sanggilighan taghlar, tar kochilarning ayighidiki déngiz … birnechche kün bu kochilar mangimu ot körünüp ketti.


Yawropadin kelgen musulman


Köpni körgen jahankezdilerning éytishiche, imarat bilen kanada eng emin, bixeter dölet iken. Eger gollandiyidin kelgen bir kompyutér ustisi bilen tasadipiy mungdiship qalmighan bolsam, tesewwurumdiki «yéshil yawropa» köz aldimdiki bu qaqas diyargha nisbeten menggü tinchliq we xatirjemlikning belgisi bolup qéliwergen bolatti.
Bir küni namazdigerdin kéyin dubeydin el'eyin shehirige qaytmaqchi boldum. Bir gollandiyilik musulman bilen seperdash bolup qaldim. U gollandiyide bir kompyutér shirkitide ishleydiken.
_ men bu döletni yaxshi körüp qaldim, _ dédi u hayajan bilen _ gerche kelginimge üch künla bolghan bolsimu, men bu dölette ishlep qélishni oylawatimen. Negila qarisang musulman, könglüng échilip kétidu. Héchkim héchkimning heqqige xiyanet qilmaydiken, bulangchiliq, qorqutush, bozek étish yoq iken. Birer nersengni untup qélip, 15 - 20 minuttin kéyin izdep kelseng, uninggha héchkim chéqilmaydiken, turghan jayda turidiken. Némidégen emin dölet - bu _ men yawropaliq, lékin yawropadiki herqandaq bir dölette pul qapchuqini mundaq ashkara ésip mangalmaymen, keynimge chüshüwalidighan oghri yaki bulangchidin ensirep yürikim su. Démisimu küpkündüzde bundaq ishlar da'im közge chéliqip turidu, hetta saqchilarnimu urup - cheyliwétip, bulaydighanni bulap qachidu. Pah, imarat yolliri, goya mashina körgezmixanisigha oxshaydiken. Eng ésil, rengdar mashinilar mushu yerde iken, gerche hemme dangdar mashinilarni yaponiye, amérika we yawropada ishlisimu, bular emeliyette ereblerning astida iken. Biz yawropaliqlarning ishlitidighini eng erzan, adettiki mashinilar ...
Men heyranliqtin néme déyishimni bilelmey qaldim. Gherb elliri, téximu éniqraq éytqanda »yawropa« méning nezirimde hazirqi zaman medeniyitining simwoli we ülgisi idi. Goya insaniyetning rohiy we maddiy bayliqliri, güzel insaniy peziletler we yüksek pen - téxnika muweppeqiyetlirining hemmisi ashu yerge jem bolghandek tuyulatti. Biraq, bir yawropaliqning yawropa heqqidiki bayanlirigha qarighanda, mendikisi peqet yawropa heqqidiki bir güzel xiyaldin ibaret iken.


«tekiyxana»da


Kech bolghanda toxumu katekke kirip uxlaydu. Biraq, chet elde toxu katikichilik yataqningmu zeherdek qimmetlikining destidin bizge oxshash bashqa yurttin kelgen ghériblarning béshi qatidu. Eger asmanda uxlighili bolsa idi, chet elge chiqqan herbir adem xélila pitlinip qaytip kelgen bolatti. Biraq, bir küni men özüm turuwatqan el'eyin shehiridin bir ish bilen dubeyge keldim. Ishlirimni püttürgiche chüsh waqti bolup qaldi. Bu döletning aditide péshin waqtidin kéyinla kesip, tijaret toxtaydu, hemme dukanlar, hemme ishikler taqilip ademler chüshlük uyqusini bashliwétidu. Kochida adem körgili bolmay timtas bolup qalidu. Taki esirgiche sheher kündüzdiki qebristanliqqa aylinip qalidu. Ishimning quyruqini üzüsh üchün namazdigergiche 4 - 5 sa'et saqlishim kérek idi. Men sémont yollarning lawuldap turghan atesh issiqida nege bérishni bilmey qaldim. Boghuzumda yighigha oxshaydighan bir xil qirtaq tuyghu, yaqa yurt ghéribliqi, ichimge éghir bir qara tash ésiqliq turghandek ... Birdinla aldinqi qétim bir sodigerning dep bergini boyiche bu yerde bir uyghur échiwalghan «qanunsiz tekiyxana»ni izdeshke bashlidim. Anglishimche, bir jahankezdi sodiger ijarige alghan üch éghizliq bir öyni _ kélip - kétip yürgen uyghur oqetchiliri üchün yétip qopidighan yataq qilip, anche - munche tamaqmu chiqiridiken. Men 1 - 2 sa'etche izdep sorap chörgilep yürüp, axir u yerni tépip kirdim. Kona binadiki bu öy ishiktin kirishigila deliz, ashxana, bir chong, ikki kichik hujra bolup, kichik hujrida öy igisi turidiken. Qalghan ikkisige asti - üsti ikki qewetlik kariwat qoyulghan bolup, be'eyni oqughuchilar yatiqigha oxshaydiken. Kariwattin bashqa, adem olturup - qopqudek boshluqmu yoq bolup, tarliqidin ademning ichi siqilip kétetti.
Men bu tekiyxanigha kirgende yash oqetchi uyghur balilardin 5 - 6 si mungdiship olturghaniken. Men xushalliq we yatsirash ichide ular bilen bir - birlep körüshüp chiqtim. Ular perwasizliq bilen öz gépige chüshüp ketti. Men yénimdiki yéshi kichikrek birsige pes awazda gep qildim:
_ yataqta ademmu anche köp emesken - de?
_ nedikini, axsham on tötimiz qistiliship yattuq. Bir kéchiliki 20 derhem, höddes erzan, bir qacha tamaq on derhem, 23 yüen dégen gep ...
Udulumdiki burutluq yigit bizning gépimizge qulaq séliwatqan bolsa kérek, manga qarap: «yésenglar lengmen barghu deymen, hajimning ishikini chékip béqinglar» dédi. Men bu gepni anglap göher tépiwalghan ademdek xush bolup, derhalla ornumdin turdum. Ularning paringigha qulaq salghach chipildap terlep olturup maq lengmenni ishtiha bilen chaynawatsam, taraqqide ishik échildi. Hemmimiz ishikke qariduq. 30 bilen 40 yashning arisidiki bir xenzu kirip keldi.
_ hoy, men bu yerde uyghurlar yatamdiken désem, xenzularmu bar iken - de?
_ shundaq, _ dédi udulumdiki yigit _ umu mushu yerde yétip - qopidu, talada eng erzan yataqmu 70 - 80 derhem tursa. U yerlerde bir - birimizge chirayliq körünmigen bilen chet elde közge issiq körünidighan gepken, shunga mushu aghiniler bashlap keldi, özimu obdan némiken ...
Men jang famililik bu kishi bilen parangliship baqtim. U bir shirketning mehsulatigha bazar échish üchün wakaletchi izdep bu yerge kelgeniken. U bu yerning issiqidin, qimmetchiliktin, uyghurlar échiwalghan bu dengni 7 - 8 kün baldurraq biliwalalmighinidin birdem qaqshidi. Özining ichkiri ölkilerge barghandimu «shinjang lengmini»ni séghinip kétidighanliqini, teliyige bu yerdimu lengmen tépilip bek xush bolghanliqini éytti.

★★★★★

Aridin birer ayche ötkende men ayalim bilen dubey shehirige kelduq we qorsaqni esterliwélish üchün yene héliqi tekiyxanigha kirduq. Chong yataqning ishikini échipla heyran qaldim: michchide adem, ademning köplükidin yataqta olturghudek bosh yer yoq idi. Men ötken qétim körgen tonush chiraylardin birersimu körünmidi, bu ademlerning hemmisi 60 - 70 yashlarning qarisini alghan uyghur bowaylar idi. Bixsighan issiq we terligen puraqlar yataqni bir alghan bolsimu, qelbim éytqusiz bir hayajan'gha chömülgen; Uyghurning chirayini, qoy közlirini, tonush hidini, menggü héchnémige tégishkili, teng keltürgili bolmaydighan méhrini hés qilghanidim. Biraq, ularning men bilen ün - tinsiz körüshüshliri, ün - tinsiz möldürlep olturushliri yürek - baghrimni éziwetti. Men azraq ehwalliship ularning hej qilish üchün gheyriy resmiy yollar bilen kelgenler ikenlikini, se'udi erebistanigha bérishta hej wizisi alalmay kütüp turuwatqinigha birer ayche bolup qalghan kishiler ikenlikini uqtum. Uyghurchidin bashqa birer éghiz til uqmaydighan, kündilik 20 derhemlik yataq pulimu ulugh muddi'alar üchün ömür boyi qisinip yighqan pullirining aldida ulargha nisbeten yenila az tuyulmaydighanliqini bilettim. Némishqidur ular manga anche sir bermey, gep qilmay xewpsirigendek, bir nersidin shübhilen'gendek mu'amile qiliwatatti. Belkim béshidin köp issiq - soghuqni ötküzgen bu moysipitlar ulugh hej perzini ada qilip bolmay turupla qoymichi, kazzap, sapsapchigha uchrap awarichilikke yoluqushtin ensirise kérek. Chünki, chet elge chiqqanlarning bundaq qismetlirini menmu xéli anglighan. U küni tamaq yoq iken, ayalim yataq igisining hujrisidimu liq méhman barliqini, yashan'ghan ayallar we aran mangidighan bichare momaylarning ayalim bilen tonushqandin kéyin öz qizini körgendek quchaqlap, yighlap, hal - ehwal éytip ketkenlikini, shunga xéli hayal bolup qalghanliqini éytti. Her ikkimizning baghri ézilip ketkenidi, biraq bügün kech kirishtin burun ayalimni el'eyindiki döletlik uniwérsitétning talibe (qiz oqughuchilar) ler yatiqigha yetküzüp qoymisam bolmaytti. Biz ularning sepirige aqyol tilep yanduq.
Taksigha chiqip bu tekiyxanigha yéqin yerdiki «meydani beniyas» (beniyas meydani)din ötüp kétiwatqanda, bir menzirige közüm chüshti: meydandin yolgha qayrilidighan yerdiki daq sémontta bir boway olturatti. Béshida uyghur doppisi, uchisida aq ton, putida qara lata xey. Éngikini yölep, aldirash natonush kishiler topigha, heywetlik pikap - mashinilargha qarap xiyalgha chöküp ketkendek qilatti. Alladin bashqa hemme némisi natonush bu sheherde tilsiz, yolsiz, pulsiz uyghur özini tikendek yalghuz hés qilip shiddetlik ghéribliqni tétiwatatti ... Mashina asta ötüp kétiwatqanda shunche yéqindin körünüp turghan bu halet bayiqi körünüshler bilen qoshulup ichimni siyrildürüwetti. Közlirimge lömmide yash keldi ...

★★★★★

Men weten'ge qaytip kélip bir yillardin kéyin, dubey arqiliq ommandin kelgen yasin hajim bilen shu ehwallar toghriliq mungdiship qalduq.
_ u tekiyxana hazir yoq, _ dédi yasinjan, _ u yataqni achqanlar we türlük yollar bilen azdur - köptur bolsimu hajilarning puligha shérik bolghanlar hazir sorulup ketti. U yili gheyriy resmiy yollar bilen hej qilish üchün diyarimizdin ereb birleshme xelipilikige kelgenler birer yüzche ademge yetken. Ularning chekken riyazetliri, ghérib, miskin haliti dubey shehiri emirining quliqigha yétip hemmisini ayropilan bilen se'udigha heqsiz yolgha sélip qoyuptu, lékin hazir u terepning yolini qattiq tizginligechke, imarat arqiliq hejge mangidighanlar burunqidek köp emes ...
Men yasinjanning bayanliridin goya imaratqa qaytip bérip qalghandek, heshemetlik bir eldiki ghérib - ghurwa kishilirimizning chirayini qayta körgendek boldum.

★★★★★
Aptor: adil tuniyaz-«shinjang xelq radi'o istansisi» edebiyat-sen'et bölümide.
★★★★★

Menbe
Http://asrim.Cn/ShowPost.Asp?ThreadID=515

Menzil
Http://palastinbiz.Blogspot.Com/



تولۇق ئوقۇش

2009年1月9日星期五

Erebler bilen tonushush





Erebler bilen tonushush


Erebler - digen bu uqum asasen gherbiy asiya we shimaliy afriqida yashighuchi ereb tilida sözlishidighan, ereb elliri ahalisining asasiy gewdisini teshkil qilghuchi ereb milletler goruhini yaki xelqini körsitidu. Ularning omumi nupusi 250 milyundin ashidu.




Erebler yawrupa érqining hindi-ottura déngiz tipigha kiridu. Biraq ereb yérim arilining jenubi bilen shimaliy afriqidiki erebler ichide nigir érqining terkibimu bar.

Erebler sam-ham tilliri séstimisining sam tilliri guruppisigha tewe ereb tilining köp xil di'aliktini qollunidu.

Ereblerning köpinchisi islam dinining sünni mez'hipige itiqad qilidu, liwan, süriye, pelestin we i'ordaniyediki ereblerning az bir qisimi xiristiyan dinigha itqad qilidu.

Erebler ahalisining köp qisimi soda-tijaret, dihqanchiliq, charwichiliq bilen shughullinidu, bir qisimi nifitliklerde ishleydu.

Erebler esli ereb yérim arilida yashighuchi samlarning eng chong tarmiqi, miladidin ilgirila ikki derya wadisi(missopotamiye), süriye , misir we pelestin qatarliq jaylargha küchüp bérip olturaqlashqan.

Ereblerning qedimki assuriylar, eremler(aramiylar), xana'anlar, finkiyilikler, ibriylar(yehudilar) qatarliq qedimki qebile-quwimlar bilen qandashliq munasiwiti bar.

Hazir erebler nurghun döletlerge olturaqliship qalghachqa, turar jay, yimek-ichmek, kiyim-kichek, toy-merike, ülüm-yitim we turmush orup-adetliri qatarliq jehetlerde bir-biridin periqlinidu. Shundaqtimu ulargha ortaq bolghan islam dini qa'ide-yusunlirigha qattiq emel qilidu. Ularning turar jay, yimek-ichmek,kiyim-kichek,toy-merike, ülüm-yitim, héyit-bayramliri islam dinining tesirige chungqur uchrighachqa , orup-adet , til-yéziq, din, medeniyet qatarliq jehetlerde mu'eyyen ortaqliqni shekillendürgen.

Erebler shanliq medeniyet miraslirigha ige. Erebler islamiyettin kiyin qedimki sherq medeniyitini qubul qilip, dunyagha meshhur bolghan «ereb medinyiti» dep atilidighan shanliq medeniyet yaratqan. Bu xil medeniyet tar menidiki birla ereb medeniyiti emes, belki köp milletke xas, köp qatlamliq medeniyet bulup, edebiyat-sen'et, pelsepe, matimatka, miditsina, tarixshunasliq, xettatliq, binakarliq qatarliq nurghun sahelerni öz ichige alidu. Bular ereb milletliri xelqlirining eqil-parasitining jewhiri bulup hisaplinidu. Buning ichide ereb xelq éghiz edebiyatining enggüshteri, qedimki sherq xelq iposining jewhiri bolghan «ming bir kiche» ereb xelqining dunya medeniyet xezinisige qoshqan zor töhpisi hisaplinidu.

Erebler ruza héyit, qurban héyit, mewlud(hijiriye kalindari buyiche 3-ay), qedri kichisi(hijiriye kalindari buyiche 8-ayning 27-küni), barat kichisi(hijiriye kalindari buyiche 8-ayning 15-16-künidiki tünek kichisi), ashura ayimi (hijiriye kalindari buyiche her yili1-ayning 10-küni shi'e mez'hipidikilerning bayrimi) qatarliq ortaq ötküzilidighan diniy we en'eniwiy héyit bayramliri bar. Bu bayramlar yene islam dinining tarqilishigha egiship islam dinigha itiqad qilidighan gheyri ereb milletliriningmu diniy we en'eniwiy héyit bayramlirigha aylan'ghan.

Erebler hazir islam dinining bashlan'ghan waqti asas qilin'ghan hijiriye yilnamisini ishlitidu. Bu kalindar muhemmed eleyhisalamning mekkidin medinige seper(hijret) qilghan küni, yeni 622-yili 7-ayning 16-künidin bashlinidu. Shunga islam dinigha itiqad qilidighan erebler hem bashqa milletler hilal ay sheklini özige simwul qilidu.

Erebler ‹7› reqemini we aq, yishil rengni ulugh bilidu. Yishil reng chöl-bayawanni üzige makan qilghan erebler üchün hayatliqning we bexit-sa'adetning simwuli hisaplinidu.

Ereblerning isim-familisi uzun bulup, üch-töt bülekke bülinidu. Meslen: seudi erebistanining sabiq padishahi faysalning tuluq ism-familisi - faysal ibn abdul'eziz ibn abdulrahman el se'ud bulup, buning ichide faysal üzining ismi, abdul'eziz atisining ismi, abdulrahman bowisining ismi, se'ud bolsa familisi bulidu.

«dunya milletliri» dégen kitaptin élindi.

Menbe:
Http://bbs.Meshrep.Biz/read.Php?Tid=249&page=e&fpage=1

ــــــــــــــــــــــــــ

تولۇق ئوقۇش