显示标签为“پەلەستىن ئەدەبىياتى”的博文。显示所有博文
显示标签为“پەلەستىن ئەدەبىياتى”的博文。显示所有博文

2009年1月14日星期三

ئەي غەززەلىك ئوقۇغۇچىلار

ئىخچام



ئەي غەززەلىك ئوقۇغۇچىلار ... غەزەپ


نىزار قەببانىي(سۈرىيە)


ئەي غەززەلىك ئوقۇغۇچىلار...
ئۆگىتىڭلار بىزگە...
سىلەردە بار ئازغىنە نەرسە
بىز ئۇنتۇپ كەتكەنمىز شۇنچە...
ئۆگىتىڭلار بىزگە...
ئادەم بولۇشنى
ئادىمىيلىكىمىز پۇلغا ئايلاندى
ئۇ بىزگە ھەقىقىي قىلمايدۇ جىلۋە...

ئۆگىتىڭلار بىزگە...
بالىلارنىڭ قولىدىكى تاشلار نە سەۋەب
قىممەتلىك بىرلىيانتقا ئايلانغىنىنى...
قانداق قىلىپ ئايلانغاندۇ ئۇ
بالىلارنىڭ ۋەلسىپىتىگە،
مىنالارغا، يىپەك كەمەرگە...
پىستىرمىلارغىچە...

قانداق قىلىپ سۈت بوتۇلكىسىدىكى
ئېمىزگىنىڭ توسالغۇسىزلا
بىر پىچاققا ئايلانغىنىنى

ئەي غەززەلىك ئوقۇغۇچىلار
ئاڭلىتىشىمىزغا قۇلاق سالماڭلار...
ئاڭلىماڭلار گېپىمىزنىمۇ...

كۈرەش قىلىڭلار...
كۈرەش قىلىڭلار...
بارلىق كۈچۈڭلار بىلەن
ھەم قولۇڭلاردىكى تۇتقان ئىش بىلەن
سورىماڭلار بىزدىن ھىچنىمە...

بىزدىكى ئادەملەرنىڭ ھىساباتىمۇ
كۆپىيىدۇ...
ئازىيىدۇ...
سىلەرنىڭ ئۇرۇشىڭلار داۋاملىشىدۇ
بىز سىلەردىن قاچۇرىمىز ئۆزىمىزنىمۇ...

بىز قاچاقلارمىز
مەجبۇرىيەتتىن قورققان ئۆلگىدەك،
سىلەرنىڭ ئارقىنىڭلار كېلىدۇ ھامان
بىزنى بىر كۈن دارغا ئاسقىلى...

بىز شۇنداق ئادەملەر...
قەبرىگىمۇ ئىگە بولالمىغان
ھەتتا ئىگە -چاقىسىز يېتىم بالا بىز...

بىز ئۆيىمىزنى ساقلاپ قالغان بۇرۇنلا...
شۇڭا سىلەردىن تەلەپ قىلىمىز
ئەجدەرھا بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى...

بىز كەمسىتىلگەنمىز،
سىلەردىن بۇرۇنقى مىڭ ئەسىردىمۇ...
ھەتتا سىلەر بوزەك ئېتىلىپ
ياشىغان بىر ئايدىكى نەچچە ئەسىردە...

ئەي غەززەلىك ئوقۇغۇچىلار...
خېتىمىزگە جاۋاپ يازماڭلار
ھەم ئوقۇماڭلار خېتىمىزنىمۇ
بىز سىلەرنىڭ ئاتا - بوۋاڭلار...
ئوخشىمايمىز ئەمما سىلەرگە...
بىز سىلەرنىڭ چوقۇنغۇچۇڭلار...
چوقۇنماڭلار ئەمما بىزلەرگە...

بىز قاتنىشىمىز بېسىقتۇرۇشلارغا...
ھەم سىياسىي يالغانچىلىقلارغا...
بىز ياسايمىز قەبرىلەرنى...
ھەم ياسايمىز تۇرمىلارنىمۇ...

ئازات قىل بىزنى
بىزدىكى قورقۇنۇچلۇق مەسىلىلەردىن
يىراق قىل بىزنى
كاللىمىزدىكى ئەپىيۇنلاردىن.

ئۈگەتكىن بىزگە
زېمىنغا ئىگە بولۇش ئۇسۇلىنىمۇ،
ھەم ئايرىلماسلىقنى ۋەتەن ھەسرىتىدىن...

ئەي سۆيۈملۈك بالىلار
سالام سىلەرگە...
ئاللاھ تىلىكىڭلارنى ئىجابەت قىلسۇن
ياسىمەن گۈلى
پۇرۇخ ھىدى قاپلىغان زېمىندىن ئۈنسۇن
زاھىر بولسۇن ئالدىڭلاردا
يارىمىزدا ئۆستۈرۈلگەن خۇشبۇي ئەتىرگۈل...

بۇ خاتىرە دەپتەر ۋە رەڭ ئىنقىلابىدۇر...
مېلودىيەگە ئايلانغان
ئېغىزىمىزنىڭ ئۇچىدىلا...

ئاتا قىل بىزگە
جەسۇر يىگىتلەرنى، غۇرۇرىمىزنىمۇ
بەتبەشرىلىكنى يۇيىۋەت بىزدىن
پاكلىغىن بىزنى

ئالۋاستىلارنىڭ ئەپسۇنىدىن قورقماڭلار ھەرگىز...
ھاياتلىق ھىچقاچان بولماس بەدەلسىز

يەھۇدىينىڭ زامانى بۇ دەپ
ئارزۇيىڭلار كەتمىسۇن قۇرۇپ.
دۈشمىنىڭلار غۇلايدۇ بىر كۈن...
بىز ھامىنى ياشايمىز كۈلۈپ...

ئەي غەززەنىڭ ساراڭلىرى
ھەممىڭلارغا مەرھابا
ساراڭلىقىڭلاردىن
كېلىپ قالسا ناۋادا بىزگە ئەركىنلىك

سىياسىينىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىشى
ئاتام زامانىسىدا ئۆتۈپ كەتكەن ئىش
ئۆگىتىڭلار بىزگە ساراڭ بولۇشنى

1988 - يىل

ئىنگلىزچىدىن تۇنيۇقۇق79 تەرجىمە قىلغان.

مەنزىل
http://asrim.cn/ShowPost.asp?ThreadID=1279

تولۇق ئوقۇش

2009年1月12日星期一

خالىد فەيياد: غەززەلىك بالىنىڭ نىداسى





بۇ شېئىر خالىد فەيياد تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، كىيىن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇشى مۈمكىن، مەن ئەرەبچىسىنى تاپالمىغاچقا، ئىنگلىزچىسىنى تەرجىمە قىلدىم. سەۋىيەم چەكلىك، شېئىر يېزىش ئىقتىدارىم پەقەت بولمىغاچقا، بۇنى شېئىر شەكىلىدە تەرجىمە قىلالمىدىم.
شېئىرنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىنى بىللە يوللاپ قويدۇم. ئىنگلىزچە بىلىدىغانلار سىلىشتۇرۇپ باققاي.

(ھۆرمەت بىلەن: يىشىلتۇغ - «سەلكىن» مۇنبىرىدىن)



مەن غەززەلىك بىر سەبىي بالا


ئاپتورى: خالىد فەيياد

تەرجىمە قىلغۇچى: يىشىلتۇغ


بېشىم قىيىپ ماڭالمايلا قالدىم.
پۈتۈن بەدىنىم قاتتىق ئاغرىپ كىتىۋاتاتتى.
پەقەت دوستلىرىمنىڭ چىقىرىغان ئاۋازىنىلا ئاڭلايتىم.
بومبا بىز ئويناۋاتقان مەيدانغا چۈشكەندە
ئۇلارنىڭ بەدىنىنى كۆردۇم
ئەتراپىمدا چىچىلىپ ياتاتتى
تىتىلىپ كەتكەن بەدەنلەر ... جانسىز بەدەنلەر...
ئۇلارنى چاقىردىم
ھىچقايسىسىدىن جاۋاپ كەلمىدى.
مەن ئۇلارنى تۇتۇپ باقتىم
ئۇلار مىدىرلىمىدى.
ئۇلارنى لىڭشىتىپ باقتىم
ئۇلار يەنىلا مىدىرلىمايتى.
مەن قورقۇپ كەتتىم.
سىڭلىمنى ئىزدىدىم.
مەن ئۇنى خىش - كىسەكلەر ئارىسىدىن تاپتىم.
ئۇنىڭ چىرايلىق يۈزلىرى مىنى چۈچۈتىۋەتتى.
شۇندىلا مەن چۈشەندىم
قورقۇنچلۇق، قانلىق بەدەن ئىدى
تۇپا - چاڭلار بىسىپ كەتكەن ئىدى.
ئۇنىڭ قولى نەدىدۇ؟
شۇ قول بىلەن ئۇ ماڭا ئىسىلاتتى.
نىمىشقا ئۇنىڭ كۆزلىرى ماڭا تىكىلىدۇ؟ لىكىن نىمىشقا چىمىلدىمايدۇ؟
مېنىڭ ئىسمىمنى نىمىشقا چاقىرمايدۇ؟
ماڭا نىمىشقا گەپ قىلالمايدۇ؟
نىمىشقا ماڭا كۈلۈمسىرەلمەيدۇ؟
نىمىشقا نەپەس ئالمايدۇ؟
مەن شۇندىلا چۈشەندىم...
مەن ئۆيگە قايتاي.
مەن مەكتەپكە ئۆچ بولدۇم.
مەن ئۆيگە قايتماقچى بولدۇم.
ئۆيگە ئانامنىڭ قىشىغا.
ئانا سەن نەدە؟
سەن نەگە كەتتىڭ؟
پۇت-قولۇم قاتتىق ئاغرىيتى.
يۈزلىرىم قان بىلەن بويالغان.
مەكتەپ كىيىمىم تىتىلىپ جۇلجۇل،
توڭۇپ كەتتىم.
نىمە قىلىشىمنى بىلمىدىم.
مەن يالغۇز
قورقۇپ كەتتىم، قوسىقىم ئاچقان.
ئەمدى ئويۇن ئوينىيالمايمەن.
مەكتىپىممۇ يوق بولدى.
ئوينايدىغان مەيدانمۇ چالما كىسەك بولۇپ كەتتى.
ئاچام ئەمدى يىقىلىپ چۈشسەم يولىمەيدۇ.
ئۇنىڭ قولى يوق.
مىدىرلاشنىمۇ خالىمايدىكەن.
دوستلىرىممۇ يوق.
ئەمدى ئوينىغىممۇ يوق.
مەن چۈشەنمىدىم؟
مەن بىر كىچىك ئوغۇل بالا.
مەن تېخى بىر سەبىي.
ئۆيگە باردىم.
ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەر تۇراتتى.
ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە ياش، ماڭا قارىدى.
ئۇلار نىمىشقا كۈلۈمسىرىمەيدۇ؟
مەن ئۆيۈمنىڭ مۇشۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئويلىدىم.
ئۆيۈم نەگە كەتكەندۇ؟
ئۆيۈمدىمۇ مەكتەپتىكىدەك ئىش بولغانمىدۇ؟
ھەممىسى تۈگەپتۇ.
كارۋىتىم سۇنۇپتۇ ... ياستۇقۇممۇ يوق.
كۆرپىلىرىممۇ يوق.
بىردىن-بىر قونچىقىمنىمۇ تاپالمىدىم.
رەڭلىك قەلىمىممۇ يوق تۇرىدۇ.
ئەمدى خەتمۇ يازالمايدىغان بولدۇم.
بەدەنلىرىم ئاغرىيتى.
توڭدۇم، قوسىقىم ئاچتى.
پاچىقىم، بىلىكىم ئاغرىۋاتاتتى.
يۈزۈم كېسىلىپ كەتكەنتى.
ئانا!
سەن نەدە؟
باشقىلار ماڭا دەپ بەردى ئۇ كىتىپتۇ
بومبا ئۇنى ئېلىپ كېتىپتۇ
بومبا ئاسماندىن چۈشۈپتىمىش.
خۇدا ئاشۇ يەردا تۇرىدۇ دەپ ئويلىدىم.
خۇدا بومبىلارنى ئانامنى ئەكىلىشكە ئەۋەتكەنمىدۇ؟
نىمىشقا؟
خۇدا مىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلىدىم.
ئۇ نىمىشقا ئانامنى مەندىن ئېلىپ كىتىدۇ؟
ئەمدى كىم مىنىڭ كىيىملىرىمنى كەيدۇرىدۇ؟
كىم مىنى قۇچاقلايدۇ؟
يۈزلىرىمنى كىم يۇيىدۇ؟
كىم ماڭا تاماق ئىتىپ بىرىدۇ؟
كىم مېنى سۆيىدۇ؟
ئانا!
ئانا!
سەن نەدە؟
يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنى چاقىردىم.
مەن قورقىۋاتىمەن ئانا!!!
مەن ساڭا مۇھتاج.
قايتىپ كىلىشىڭنى تىلەيمەن.
مەن يارىلاندىم، بەدىنىم ئاغرىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىدىم لىكىن تاپالمىدىم.
بومبا ئۇنى ئېلىپ كەتتى.
لىكىن ئۇنىڭ ئاۋازى بۇ يەردە قالدى.
ئۇلارنىڭ مېنىمۇ ئېلىپ كىتىشىنى ئۈمىد قىلدىم.
مەن ئانام بىلەن بىللە تۇرۇشنى خالايمەن.
ئۇ دىگەن - مېنىڭ ئانام.
ئۇ مېنى سۆيىدۇ! مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن!
مەن چۈشەنمىدىم؟
مەن پەقەت كىچىك بىر بالا.
مەكتەپسىز، كىتاپسىز.
ئوينايدىغان مەيدانسىز.
كۆزىنى چىمىلدىتالمايدىغان ئاچام بار.
چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ قولىنى ئېلىپ كېتىپتۇ.
مەن پەقەت غەززەلىك بىر كىچىك بالا.
ئۆيۈم يوق بولدى.
بىردىن-بىر ئاناممۇ يوق بولدى.
ئاسمانغا قارىدىم.
ۋارىقىرىدىم.
خۇدادىن سورىدىم.
نىمىشقا؟
ئانامنى قايتۇرۇپ بەر.
ماڭا جاۋاب بەرمىدى؟
مەن بەكلا يالغۇز.
يارىلاندىم.
قوسىقىم ئىچىپ مۇزلاپ كەتتىم.
مەن پەقەت غەززەلىك بىر كىچىك بالا.
ماڭا ئانام كىرەك؟
ماڭا ئويۇنچۇقلىرىم كىرەك؟
ئانا!
ئانا!
ئانا!
سەن نەدە...؟

******************


شېئىرنىڭ ئىنگلىزچىسى


By Khaled Fayyad


I feel dizzy and its hard for me to walk.
I am in pain and hurt all over.
I could only hear the screams of my friends
As the bombs fall on our playground.
I see their bodies
Lying about me
Torn and lifeless;
I call their names,
They do not answer;
I touch them,
They do not move.
I shake them,
They do not stir.
I am afraid.
I run looking for my sister
I find her amongst the rubble,
Her beautiful face scares me
I do understand
Its is scarred and bloodied
And covered with dust.
Where is her hand
Which she used to hold me with?
Why do her eyes stare at me but not blink?
Why can she not call my name?
Why can she not talk to me?
Why can she not smile?
Why can she not breathe?
I do not understand.
I want to go home.
I do not like school any more
I want to go home
Home to my mom!
Mom where are you?
Why are you not here?
My hands and legs hurt
My face is covered with blood.
My uniform is torn and dirty
I am cold
I do not know what to do
I am all alone
Frightened and hungry.
I cannot play anymore
My school is gone
My playground lies in rubble
My sister cannot help me if I fall
She lost her hand
and does not want to move.
My friends are all gone
I don't want to play any more.
I do not understand
I am little boy
I am only a child!
I run home
Many people are there
They all look at me with tears in their eyes
Why are they not smiling?
I thought my home was here
Where did it go?
Did the same thing that happened to my school
Happen to my home?
It is gone
My bed is broken and I have no pillow
I have no blanket
I cannot find my only toy
My coloring pens are not there
I cannot draw any more!
I am in pain
Cold and hungry.
My legs, my arms hurt
My face is cut
Mom
Where are you?
People tell me she is gone
The bombs took her away
They came from the sky…
I thought God lives there
Did He send them to take my mom?
Why?
I thought God loved me too!
Why would He take her from me?
Who will tuck me in
Who will hold me in their arms
Who will wash my face?
Who will feed me
who will love me?
Mom, mom, where are you?
I call her crying.
I am afraid
I need you
I want you
I hurt and I am in pain.
I hear her but cannot find her
The bombs took her away
But her voice stayed here.
I wish they would take me
I want to be with her
She is my only mom
She loves me and I love her too!
I do not understand
I am little boy
Without school and books
Without a playground,
With a sister who cannot blink =BS'oBn^6
Because they took away her hand.
I am only a child from Gaza
My home is gone
My only mom is gone Zmbz-##HQ
People look at me and cry
I look at the sky
Crying
I ask God
Why?
Give me back my mom.
He does not answer me
I am all alone
I hurt
I am hungry and cold.
I am only a child from Gaza ,
I want my mom,
I want my toy.

***************************

مەنبە
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-53260.html

مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

تولۇق ئوقۇش

كۆز يىشىدا يېتىلمەكتە غەززە ئۆزى





كۆز يىشىدا يېتىلمەكتە غەززە ئۆزى!


بارچە ئىنسان ئاكا-ئۇكا، قان - قېرىنداش،
ئەرزىمەيدۇ تالاش-تارتىش، تۆككەن قانلار.
مېھىر-شەپقەت، مۇھەببەتكە خاس يۈرەكلەر،
ئەمدىلىكتە ئۆز ئەسلىنى ئۇنتىغانلار،
بىخۇدلۇقنى قان تۆكۈشكە ئايلاندۇرۇپ،
كۆز يىشىدا يېتىلمەكتە غەززە ئۆزى!

كۆمۈلسىمۇ لەھەتلەرگە كۆيگەن تەنلەر،
كۆمۈلمەيدۇ شەھىدلەرنىڭ ياڭراق ئۈنى.
ئاجىزلارنىڭ روھىغا كۈچ ئاتا قىلار
شەھىدلەرنىڭ ئادالەتنى كۈيلىگىنى.
شەھىدلىكنى ئىزدەپ يۈرەر ئويغاق جانلار،
كۆز يىشىدا يېتىلمەكتە غەززە ئۆزى!

نارەسىدەلەر بومبىلاردا كۆيۈپ كەتتى،
بۇ جاھاننىڭ خۇۋلۇقىنى كۆرمەي كەتتى.
ھىچ كىشىگە ئالايتماستىن كۆزلىرىنى،
سەبىيلىكنى، تەبەسسۇمنى ئېلىپ كەتتى.
ئاتىلارنىڭ يۈرىكىنى ياشلىغانلار...
كۆز يېشىدا يىتىلمەكتە غەززە ئۆزى!

ئانىلارمۇ «بار بالام» دەپ پەرزەنتىنىڭ
ئاتاكىغا ئۆتۈشىگە مەدەت بەردى،
جوھۇتلارنىڭ مىلتىقىغا تەڭلەپ كۆكرەك،
غەزەپلەرگە يۈرىكىدىن ئورۇن بەردى.
كۈنى تۇغار ئادالەتنى قوللىغاننىڭ،
كۆز يىشىدا يىتىلمەكتە غەززە ئۆزى!

«تارت! قولۇڭنى، بولدى بەس» دەپ بارچە ئىنسان،
نىدا قىلسا سۆزلىرىنى ئىنكار قىلدى.
تىنچلىقنىڭ بايرىقىنى يىرتىپ تاشلاپ،
كۈيۈنگەنلەر يۈرىكىنى لەختە قىلدى.
كۆر ئىپلاسلار، مۇشت تۈرىدۇ خارلانغانلار،
كۆز يېشىدا يىتىلمەكتە غەززە ئۆزى!

بەر قولۇڭنى، يۈرىكىدە ئوتى بارلار،
تىنىمىزدىن بار قىلايلى توساق تاملار،
ئوق ئۇرسىمۇ بىزنى ئۇرسۇن، كۈلسۇن جانلار،
شوخ ئوينىسۇن مەھەللىدە سەبىي بالىلار،
چۈنكى بالا - بۇ دۇنيانىڭ پاك كۈلكىسى،
كۆز يىشىدا يېتىلمەكتە غەززە ئۆزى!

مەنبە: «ھېسداشلىق خاتىرىلىرى»
(بۇ شېئىرنى «سەلكىن»دىكى ‹فاتاخ› يوللىغان)

مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/

تولۇق ئوقۇش

2009年1月8日星期四

مەھمۇد دەرۋىش شېئىرلىرى



شائىر مەھمۇد دەرۋىش 1942 - يىل پەلەستىندە تۇغۇلغان.
ئۇ 1961-، 1965-، 1966-، 1969-يىللىرى ئۇدا 5 قېتىم ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، 1970-يىلى موسكۋاغا ئوقۇشقا بېرىپ قايتا پەلەستىنگە قايتمىغان.
2008 - يىلى 9 - ئاۋغۇست (شەنبە) كۈنى ۋاپات بولغان.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


مەھمۇد دەرۋىشنىڭ شېئىر توپلاملىرىدىن:


(1) «قاناتسىز قۇشقاچلار» (1960-يىل)،
(2) «زەيتۇن ياپراقلىرى» (1964-يىل)،
(3) «پەلەستىنلىك ئاشىق» (1966-يىل)،
(4) «كېچىنىڭ ئاخىرى» (1967-يىل)،
(5) «سۆيۈملىكىم ئۇيقۇسىدىن تۇرماقتا» (1970-يىل)،
(6) «سۆيىمەن سېنى ياكى سۆيمەيمەن» (1972-يىل)،
(7) «تويلار» (1976-يىل)،
(8) «يۈكسەك سايىگە مەدھىيە» (1982-يىل)،
(9) «ئاز-تولا گۈل» (1985-يىل)،
(10) «ئىستىگىنىمنى كۆرىمەن» (1990-يىل)،
(11) «ئون بىر پلانېت» (1993-يىل) ... قاتارلىقلار بار.

شائىرنىڭ شېئىرلىرى نۇرغۇن چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان



مەھمۇد دەرۋىش (1941-2008) شېئىرلىرى




******************
دادا، مەن يۇسۇف
******************


تۇققانلىرىم خالىمايدۇ
ئۆز ئارىسىدا
قىرىنداشلىق دىگەن سۆز يوق
ئۇلار قامۇسىدا
چېقىۋالار ئەپنى تاپسا
ھەممە تۇققۇنۇم
ئۆلۇپ كەتسە دەيدۇ
مىنى ھەممە كاللىسدا،

ماختىماق بولۇپ تىلەشمەكتە
ماڭا ئۆلۇمنى
قۇلۇپلاپ قۇيۇشتىغۇ ! مەنسىز ئۆيۇڭنى
ئېتىزلاردىن ،باغچىلاردىن قۇغلىدى مىنى
زەھەرلەپمۇ ئۇلگۇردى يىمەكلىرىمنى

ئۇيۇنچۇقۇم بۇزۇلۇپ كەتتى
ئۇلار قولىدا
باھار بايرىمى ئۆتۇپ كەتتى
يەنە بىر قېتىم
ھەسەت قىلدى، قەستلەشتى
مىنى ھەم سىنى
نىمە قىلىپ تاشلىغانتىڭ
دىگىنە قېنى؟

كىپىنەكلەر قونۇشاتتى
مىنىڭ قولۇمغا
باشاقلارمۇ قۇيۇلاتتى
مىنىڭ قوينۇمغا
ئۇچارلىقلار سايرىشار
مىنىڭ دولۇمدا
نىمە قىلىپ تاشلىدىممەن
دىگىنە قېنى؟

دادا
زادى نىمە ئۇچۇن شۇنچە كۇلپەتلەر
يۇسۇف دەپ ئىسىم قويدۇڭ
نىمىشقا ماڭا؟
تۇققانلىرىم
قۇدۇققا تاشلاپ
بۆرە يىدى دەپ
باردىغۇ ساڭا؟!
بۆرە رەھىمدىل قېرىنداشلاردىن
بۆرە رەھىمدىل بىر تۇققانلاردىن
زادى نىمە كۇلپەت دىگىنە ماڭا،

قەدىرلىك دادا!
دەپ قويدۇڭمۇ يا ئۇلۇغ سىرىمنى
بىر چاغلاردا
«كۆردۇم مەن ئون بىر يۇلتۇزنى
قۇياش ۋە ئاينى
كۆردۇم مەن بۇلارنىڭ سەجدە قىلغىنىنى،(1)
دادا
دەپ سالدىڭمۇ سەن
بىر كىملەرگە مۇشۇ گىپىمنى»
★★★★★

---------------
ئىزاھات:
(1) سۇرە يۇسۇف 4- ئايەتنىڭ بىر قىسمى
ئەرەبچىدىن ئۇيسۇن تەرجىمسى
***** (2006\10\16 سەھەر ) *****



*************
ئانامنىڭ ئۇيىدە
*************


ئانامنىڭ ئۆيىدە سۈرىتىم ماڭا قاراپ سۆزلىگىلى تۇردى
ئۇ توختىماستىن سۇئال سورايتتى
ئەي مىھمىنىم سەن مەنمۇ؟
كۆزەينەك تاقىماستىن
سومكا كۇتەرمەستىن
سەن مىنىڭ 20 ياشقا كىرگەن ۋاقتىممۇ؟

سېپىل تاملىرىدىكى تۆشۇكلە رساڭا يىتەرلىك
ساڭا يۇلتۇزلار مەڭگۇ كۈتۈشنىڭ نىمىلىكنى ئۈگىتىپ قويىدۇ!

(مەن مەڭگۈلۈك؟! دەپ ئوز ئۇزەمگە پىچىرلىدىم)
ئەي مىھمىنىم سەن مەن ئىلگىرى بىرگە بولۇپ باققانمۇ؟!
بىزدىن كىم ئۆزىدىن تانالىسۇن!
ھورۇن ئاتنىڭ قېشىڭدا قالدۇرغان ئىزى ئىسىڭدىدۇ؟
ياكى سۈرەتتە گۈزەل چىقاي دەپ ھۆسىن تۈزەشتە يوق قىلىۋەتتىڭمۇ؟
سەن مەنمۇ؟!
ئەنقانىڭ قانىتى قەدىمىي نەي بىلەن تېشىلگەن يۈرىكىڭ ئېسىڭدىدۇ؟!
ياكى يولۇڭنى ئۆزگەرتىش بىلەن يۈرىكىڭنىمۇ ئۆزگەرىتتىڭمۇ؟!

مەن شۇنداق دىدىم

مەن سەندۇرمەن
«باغچىلاردا ئېسىقلىق بنەپىس گۈللەرنى تىنچلىق، ئىھتىرام بىلەن ئۈزگىنىمنى غايىپلىق كۆرسە
نىمە بولۇپ كىتەر» دىگەننى كۆرۇش ئۈچۈن مەن تاملاردىن چىقىپ كەتتىم!

ئۇ شۇنداق دىدى
خاتىرجەم قايتىپ كەل …

مەن !
تەگسىزلىكنىڭ چۇڭقۇرلۇقىنى قىياس قىلاي دەپ
كۆرەلمىگەن نەرسىلەرنى كۆرەي دەپ
مەن تاملاردىن چىقىپ كەتتىم
★★★★★

***************
ئۇيسۇن تەرجىمىسى
***************



*******************************
ئەي، ئۆتكۈنچى سۆزلەر ئارا ئۆتكۈچىلەر
*******************************


ئىسمىڭلارنى ئېلىپ كېتىڭلار
دېڭىزنىڭ كۆكلىكىدىن، ئەس قۇملىرىدىن خالىغانچە ئوغۇرلىۋېلىڭلار
رەسىملەرگە خالىغانچە چۈشىۋېلىڭلار
ئاسمان ئۆگزىسى زېمىنىمىزنىڭ تاشلىرى بىلەن قانداق قۇرۇلىدۇ
بۇنى بىلمەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىپ كېتىڭلار
ئەي، ئۆتكۈنچى سۆزلەر ئارا ئۆتكۈچىلەر
سىلەردىن قىلىچ، بىزدىن قېنىمىز
سىلەردىن پولات ۋە ئاتەش، بىزدىن گۆشىمىز
سىلەردىن يەنە بىر تانكا، بىزدىن تاش
سىلەردىن گاز بومبىسى، بىزدىن يامغۇر
كۆك ۋە ھاۋاغا قانچىلىك ئېھتىياجلىق بولساڭلار بىزمۇ شۇنچىلىك ئېھتىياجلىق
قېنىمىزدىن نېسىۋەڭلارنى ئېلىپ كېتىڭلار
كەچلىڭ ئولتۇرۇشىڭلارنى ئوينىۋېلىپ كېتىڭلار
بىز شېھىتلىرىمىزنىڭ گۈلىنى پەرۋىش قىلىشقا ئېھتىياجلىق
بىز قانداق خالىساق شۇنداق ياشاشقا ئېھتىياجلىق!
ئەي، ئۆتكۈنچى سۆزلەر ئارا ئۆتكۈچىلەر
ئاچچىق توزاڭدەك، نەردىن ئۆتسەڭلار ئۆتىۋېرىڭلار
شۇغىنىسى ئارىمىزدىن ئۇچار ھاشارەتلەردەك ئۆتمەڭلار
زېمىنىمىزدا بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىز بار
بىز ئۆستۈرۈش كېرەك بولغان
ھەم تېنىمىزنىڭ شەبنەملىرىدە سۇغۇرۇش كېرەك بولغان بۇغدىيىمىز بار
بۇ يەردە سىلەر رازى بولمايدىغان نەرسىلىرىمىز بار: تاش... ياكى خىجىللىق
خالىساڭلار ئۆتمۈشنى نەپىس بويۇملار بازىرىغا ئاپىرىڭلار
خالىساڭلار تورغاي ئىسكىلىتىنى چاقچۇق تەخسىگە ئېلىپ قايتۇرۇپ كېتىڭلار
سىلەر رازى بولمايدىغان نەرسىلىرىمىز بار: كېلەچىكىمىز بار
زېمىنىمىزدا بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىز بار
ئەي، ئۆتكۈنچى سۆزلەر ئارا ئۆتكۈچىلەر
خامخىياللىرىڭلارنى تاشلاندۇق ئورەككە دۆۋىلەپ قويۇپ كېتىڭلار
ۋاقىتنىڭ ئىستىرىلكىسىنى مۇقەددەس كالىنىڭ قانۇنىغا
ۋەياكى تاپانچا مۇزىكىسىنىڭ ۋاقتىغا قايتا توغرىلاپ قويۇڭلار!
بۇ يەردە سىلەر رازى بولمايدىغان نەرسىلىرىمىز بار، كېتىڭلار
بىزنىڭ سىلەردە يوق نەرسىلىرىمىز بار:
ئۇنتۇشقا ياكى ئەسلەشكە بولىدىغان بىر ۋەتەننى
قان بىلەن بوياۋاتقان بىر خەلقنى قان بىلەن بوياۋاتقان ۋەتىنىمىز بار
ئەي، ئۆتكۈنچى سۆزلەر ئارا ئۆتكۈچىلەر
كېتىدىغان ۋاقتىڭلار كەلدى
خالىغان يەردە ئولتۇراقلىشىڭلار، ئارىمىزدا ئۆلمەڭلار بىراق
زېمىنىمىزدا بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىز بار
بۇ يەردە بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىز بار
تۇنجى ھاياتلىق ئاۋازىمىز بار
بۈگۈنىمىز بار، بۈگۈنىمىز بار، كەلگۈسىمىز بار
بۇ يەردە بىزنىڭ دۇنيالىقىمىز بار... ئاخىرەتلىكىمىز بار
زېمىنىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار
قۇرۇقلۇقىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار... دېڭىزىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار
بۇغدىيىمىزدىن، تۇزىمىزدىن، يارىمىزدىن... ھەممە نەرسىدىن چىقىپ كېتىڭلار
ئېسىمىزنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن چىقىپ كېتىڭلار
ئەي، ئۆتكۈنچى سۆزلەر ئارا ئۆتكۈچىلەر!

ئەرەپچىدىن ئەخمەتجان ئوسمان تەرجىمە قىلغان
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ



*************************
ئۆلۈپ كەتكەنلىكىمگە ئىشەندىم
*************************


شەنبە كۈنى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىمگە ئىشەندىم
دېدىمكى: بىرنېمە دەپ ۋەسىيەت قالدۇرىشىم كېرەك
ئەمما، دېگۈدەك بىرنېمە تاپالمىدىم
دېدىمكى: ئۆلۈپ كەتكەنلىكىمنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن
بىرەر دوستنى چاقىرىشىم كېرەك
ئەمما، بىرەر كىشىنى تاپالمىدىم
دېدىمكى: گۆرىمنى تولدۇرۇشقا يول ئېلىشىم كېرەك
ئەمما، يولنى تاپالماي
گۆرۈم مەندىن قۇرۇق قالدى
دېدىمكى: سايىلەرنىڭ ئاخىرقى قۇرىنى يېزىشىم كېرەك
ئەمما، ئۇندىن يېزىقنىڭ ئۈستىگە سۇ ئاقتى
دېدىمكى: بۇندا ھەم شۇئان
بىرنېمە قىلىشىم كېرەك
ئەمما، ئۆلۈككە ياراشقۇدەك بىرەر ئىش - ھەرىكەت تاپالمىدىم
ۋارقىرىدىمكى: بۇ ئۆلۈمنىڭ مەنىسى يوق
سەزگۈ ئەزالىرىدا قالايمىقانچىلىق ھەم بىھۇدىچىلىك
ئۆزۈمنىڭ تولۇق ئۆلۈپ كەتكەنلىكىمگە ئىشەنمەيمەن
بەلكىم مەن يا ئۇنداق ئەمەس، يا بۇنداق
بەلكىم مەن ھاياتلىقتىكى قىسقا تەتىلىنى ئۆتكۈزىۋاتقان
پېنسىيىگە چىققان ئۆلۈكمەن

★★★★★
شائىرنىڭ بۇ يىل نەشىر قىلىنغان ئاخىرقى شېئىرلار توپلىمى «كېپىنەك ئىزى» دىن ئېلىندى، دېمىسىمۇ شائىر 2008 - يىلى 9 - ئاۋغۇست (شەنبە) كۈنى ئۆلۈپ كەتتى.
★★★★★

ئەرەبچىدىن ئە. ئوسمان تەرجىمە قىلغان.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ



****************************
مېنى ئۆلۈك ھالدا ياخشى كۆرىشىدۇ
****************************


بىزدىن چىققان ھەم بىزگە تەۋە ئىدى،
دېيىش ئۈچۈن ئۇلار مېنى ئۆلۈك ھالدا ياخشى كۆرىشىدۇ.
ئەينى قەدەملەرنى ئاڭلىدىم،
يىگىرمە يىلدىن بۇيان كېچە تېمىنى چەكمەكتە.
كېلىدۇ - يۇ، ئىشىكنى ئاچمايدۇ.
بىراق، ئەمدى كىرمەكتە.
ئۇندىن ئۈچەيلەن چىقماقتا: شائىر، قاتىل، ئوقۇرمەن.
شاراب ئىچمەمسىلەر؟ سورىدىم، ئىچىمىز، دېيىشتى.
قاچان ماڭا ئوق ئاتىسىلەر؟ سورىدىم.
ئالدىرىما! جاۋاب بېرىشتى.
رومكىلارنى تىكلىشىپ، خەلقنى كۈيلەشكە باشلىدى.
ماڭا قەست قىلىشنى قاچان باشلايسىلەر؟ سورىدىم.
باشلىۋەتتۇق... نېمە دەپ روھقا ئاياق ئەۋەتتىڭ؟ دېيىشتى.
يەر ئۈستىدە ماڭسۇن دەپ، دېدىم.
يەر قاپقارا تۇرسا، نېمە دەپ ئاپئاق شېئىرنى يازدىڭ؟ دېيىشتى.
چۈنكى يۈرىكىمگە ئوتتۇز دېڭىز قۇيىلىدۇ، جاۋاب بەردىم.
نېمە ئۈچۈن فرانسىيە شارابىنى ياقتۇرىسەن؟ دېيىشتى.
چۈنكى ئەڭ گۈزەل ئايالغا ھەقلىقمەن، دېدىم.
قانداق ئۆلۈشنى خالايسەن؟
تورۇستىن ئېقىۋاتقان يۇلتۇزلاردەك كۆك ھالدا...
شارابتىن يەنە ئىچەمسىلەر؟
ئىچىمىز، دېيىشتى.
شېئىر يېزىشىم ئۈچۈن
ئاستاراق بولىشىڭلارنى
مېنى بىرئازدىن - بىرئازدىن ئۆلتۈرىشىڭلارنى
سورايمەن، دېدىم.

★★★★★
شائىرنىڭ «ئاز-تولا گۈل» (1986-يىل) ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.
★★★★★

ئەرەبچىدىن ئە. ئوسمان تەرجىمىسى.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ



ــــــــــــــــــــــــــــــــ
تەشنا بولدۇم ئانامنىڭ نېنىغا
ـــــــــــــــــــــــــــــــ


ئانامغا
تەشنا بولدۇم ئانامنىڭ نېنىغا
تەشنا بولدۇم قەھۋەلىرىگە
تەشنا بولدۇم
ئانامنىڭ سىيلاشلىرىغا!

بالىلىق ئەسلىمەم زورايماقتا
كۈندىن -كۈنگە
ھاياتىمغا ئاشىق مەن، ئاشىق
ئەگەر ئۆلۇپ كەتسەم ناۋادا
يۈز كىلەلمەيمەن
ئانامنىڭ كۆز ياشلىرىغا

★★★

قايتىپ كەلسەم بىر كۈنلىرى مەن
چۈمبەل قىلغىن كىرپىكلىرىڭگە
ئوراپ قويغىن سۆڭەكلىرىمنى
تاپىنىڭدا پاكىزلانغان
ئوتانلارغا - ئوت چۆپلىرىڭگە
پۇتلىرىمنى تېڭىپ قوي مېنىڭ
تال-تال كەلگەن چاچلىرىڭ بىلەن
كۆينىكىڭنىڭ ساڭگىلىغان يىپلىرى بىلەن
.........
.........
تىگىپ كەتسەم يۈرىكىڭنىڭ زىل تارىلىرىغا!

★★★

قايتىپ كەلسەم ئەگەر ناۋادا
تونۇرلىرىڭغا ئوتۇن قىلىۋال
ئۆگزەڭدىكى كىر يايىدىغان
تانا قىلىۋال
مىنىڭ ماجالىم يوق ئۆرە تۇرۇشقا
سىنىڭ دۇئايىڭسىز
قېرىلىق يەتتى
قايتۇرۇپ بەر بالىلىقىمنىڭ چولپانلىقىنى
قارلىقاچلارغا ئەگىشىپ
سىزىۋالاي قايتىش يولۇمنى
سەن كۈتكەن ئۇۋىغا!

★★★

(ئەرەبچىدىن ئۇيسۇن تەرجىمە قىلغان)
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

مەنبە
http://asrim.cn/ShowPost.asp?ThreadID=460

تولۇق ئوقۇش