2009年1月14日星期三

يەھۇدىيلار ئافرىقىدا دۆلەت قۇرماقچى بولغان



يەھۇدىيلار ئافرىقىدا دۆلەت قۇرماقچى بولغان


ئەگەر ئوتتۇرا شەرقنى يېقىنقى ۋە ھازىرقى دۇنيادىكى مەڭگۈلۈك قىزىق نۇقتا دېسەك، ئۇنداقتا پەلەستىندىن ئىبارەت ئانچە كەڭ بولمىغان زېمىندا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان بىر-بىرىنى قىرىشىپ كېلىۋاتقان يەھۇدىيلار بىلەن ئەرەبلەرنى توختىماي توقۇنۇشۇپ كېلىۋاتقان رەقىبلەر دېيىشكە بولىدۇ.
قەدىمكى زامان تارىخىدا يەھۇدىيلارنىڭ ئاخىرقى ھاكىمىيىتى مىلادى 135-يىلى گۇمران بولغان، رىم ئىمپېرىيىسى قالغان نۇرغۇن يەھۇدىينى ياشىغان جايىدىن قوغلاپ چىقارغان، بۇ جاينىڭ ئەسلىدىكى «ئىسرائىلىيە»، «يەھۇدىي» دېگەن ناملىرىمۇ يوقاپ، ئورنىغا «سۇرىيە ۋە پەلەستىن» دەپ يېڭى نام قويۇلغان.
ئۇنداقتا، يەھۇدىي دۆلىتى ئايرىلغىنىغا ئىككى مىڭ يىلغا يېقىن بولغان بۇ جايغا قانداق قايتقان؟


ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشتىن دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە

يەھۇدىيلار ئۆز مىللىتىنىڭ دىن ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى ئۇزاقتىن بۇيان ساقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تارقاق ئولتۇراقلىشىپ كەلمەكتە، ئوتتۇرا ئەسىر ۋە كېيىنكى خېلى ئۇزاق تارىخىي مەزگىلدە يەھۇدىيلار ئومۇمىي سانىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدىغان ياۋروپادىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئاساسىي سىياسىي خاھىشى «ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش» بولۇپ، ئۇلار بۇرژۇئازىيىنىڭ «ئادەم دۇنياغا كۆز ئېچىپلا باراۋەر بولۇش» ئىدىيىسىدىن پايدىلىنىپ، يەھۇدىيلارنىڭ ياۋروپادىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان باراۋەر ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى. لېكىن 1848 - يىلىدىكى ياۋروپا ئىنقىلابىدىن كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتنىڭ فېئودال پادىشاھلىرى ئىنقىلابنى يەھۇدىيلارغا دۆڭگىدى ھەم قايتىدىن يەھۇدىيلارنى چەتكە قېقىش ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى.
ئىنقىلابتىن كېيىن ھەر قايسى ئەللەردە مىللەتچىلىك كەيپىياتى يۇقىرى بولۇپ، «يات مىللەت» بولغان يەھۇدىيلار بىر تەرەپتىن ھەر قايسى ئەللەردە چەتكە قېقىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلاردا «نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ يەھۇدىي دۆلىتىمىزنى قۇرمايمىز؟» دېگەندەك چەكلىگىلى بولمايدىغان بىر خىل يېڭى كەيپىيات پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
بۇ ئىدىيىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان كىشى موسېس ھېس
(Moses Hess)
ئىسىملىك گېرمانىيىلىك يەھۇدىي بولۇپ، ئۇ 1862- يىلى «رىم ۋە يىرۇسالىم، ئاخىرقى مىللىي مەسىلە» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، «دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش - يەھۇدىيلارنىڭ چىقىش يولى» دېگەن ئىدىيىنى تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.
1882-يىلى لېئو پىنكستېيىن ئىسىملىك پولشالىق يەھۇدىي ئىمزاسىز ماقالا ئېلان قىلىپ: «بىز يەھۇدىيلار خەقنىڭ جۇۋىسىدا تەرلىمەكتىمىز، سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانسېرى باشقىلارنىڭ شۇنچە ئۆچمەنلىكىگە ئۇچراۋاتىمىز، بىز يەھۇدىيلارنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولىمىز - مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش، بۇنىڭ ئۇسۇلى: بىز يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزىمىزگە تەۋە دۆلىتىمىزنى قۇرۇش ئۈچۈن، دۇنيا يەھۇدىيلار قۇرۇلتىيى ئېچىپ، مەبلەغ غەملەپ مۇۋاپىق يەر سېتىۋېلىش» دېگەن.
شۇ يىلى روسىيىنىڭ خائېركوفتا ئوقۇۋاتقان 14 ستۇدېنت «تەۋرات»تىكى قىسسىلەردە تىلغا ئېلىنغان‹ زىئون›، يەنى ‹پەلەستىن› دېگەن نامدىن پايدىلىنىپ، «زىئونغا قايتىش» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلات قۇرغان.
1890- يىلى ئاۋسترىيىلىك بىرنبائۇم
(Birnbaum)
دېگەن كىشى زىئونىزم - «يەھۇدىي قىساسچىلىقى» ئاتالغۇسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ھەم زىئونىزم - يەھۇدىي قىساسچىلىقىنىڭ نامىغا ئايلانغان.
1894- يىلى فرانسىيىدە مەشھۇر دىرىفۇس ۋەقەسى يۈز بەردى. يەھۇدىي ئوفىتسىر دىرىفۇسنىڭ بىگۇناھ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى غەربىي ياۋروپادىكى يەھۇدىيلارنىڭ مىللىي ھىسسىياتىنى قوزغىدى، بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىي قىساسچىلىقى بارا-بارا يەھۇدىيلارنىڭ ئاساسىي ئېڭىغا ئايلاندى.


ئافرىقىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ دۆلەت قۇرۇشقا تەييارلىنىش

يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ دەسلەپتە ئىسرائىلىيە بىلەن بىۋاسىتە چېتىشلىقى يوق ئىدى.
«يەھۇدى دۆلىتى» توغرىسىدا خېرزل
(Herzl)
پەلەستىن بىلەن ئارگېنتىنادىن ئىبارەت ئىككى نامزات لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويغان،
ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىككى جايدا «مىللەت مەۋجۇت بولمىغان زېمىن» بار بولۇپ، يەھۇدىلاردەك «تىرىكچىلىك قىلىدىغان زېمىنى يوق مىللەت»نىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا ناھايىتى مۇۋاپىق كېلەتتى.
دەسلەپكى دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھىسى خىلمۇ خىل بولغان:
ئەنگلىيە ئافرىقىدىن بىر پارچە زېمىننى يەھۇدىيلارغا سېتىپ بېرىپ، «يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ ئۇلى» قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن.
يەنە بەزىلەر جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىي ياكى جەنۇبىي ئامىرىكىدىن يەر سېتىۋېلىش توغرىسىدىمۇ چوت سوققان،
ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى يەھۇدىي بايلارنىڭ مالىيە كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئىگىسىز قاقاس يەر سېتىۋېلىپ دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەتلا بولغان، خالاس.
1903- يىلى ئەينى چاغدىكى روسىيىنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قارىتا، ئەنگلىيە مۇستەملىكىسىنىڭ لاۋازىمەت ۋەزىرى جوسېف چامبېرلېين
(Joseph Chamberlain)
تېئودور خېرزل (Theodor Herzl)
رەھبەرلىكىدىكى «زىئونىزم»(يەھۇدىي قىساسچىلىقى) تەشكىلاتىغا ئەنگلىيىگە قاراشلىق «ئۇگاندا پىلانى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەنگلىيىگە قاراشلىق شەرقىي ئافرىقىدىكى 13 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىننى يەھۇدىيلارنىڭ يۇرت-ماكانى قىلىشقا ئاجرىتىپ بەرمەكچى، ئەگەر يەھۇدىيلار كۆچمەن بولۇپ بارماقچى بولسا، يېشىل چىراق يېقىپ بەرمەكچى بولغان. نۇرغۇن كىشى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يەھۇدىيلارنىڭ بۇ يەرگە ئورۇنلىشىشىنى ئۈمىد قىلغان.
1903- يىلى شۋېتسارىيىنىڭ باسېلدا ئېچىلغان«زىئونىزم»(يەھۇدىي قىساسچىلىقى) قۇرۇلتىيىدا كۆپ تەرەپ بۇ پىلان توغرىسىدا كەسكىن مۇنازىرە قىلغان.
1904-يىلى «زىئونىزم»(يەھۇدىي قىساسچىلىقى) قۇرۇلتىيى بېكىتىلگەن يېڭى يۇرت-ماكاننى تەكشۈرۈشكە ئۈچ ۋەكىل ئەۋەتكەن. پىلاندىكى يېڭى ماكاننىڭ ئېگىزلىك كېلىماتى بىلەن ياۋروپانىڭ كېلىماتى ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇ جاي ياۋروپادىكى يەھۇدىيلارنىڭ كۆچۈپ بېرىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بولسىمۇ، ئېگىزلىكنىڭ ھەممە يېرىدە خەتەرلىك ياۋايى ھايۋان بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەردە ئاھالىلەر ئەسلىدىنلا ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئافرىقىدىكى نوپۇس ئەڭ زىچ رايون بولغاچقا، يەرلىك كىشىلەرنىڭ ياۋروپالىق كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىشى ناتايىن ئىدى. «زىئونىزم» (يەھۇدى قىساسچىلىقى) قۇرۇلتىيى تەكشۈرۈش ئۆمىكى تاپشۇرغان دوكلاتنى مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن، 1905-يىلى ئەنگلىيىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىشنى قارار قىلدى.
«ئارگېنتىنا لايىھىسى»- خېرزل دەسلەپتە ئوتتۇرىغا قويغان «يەھۇدى دۆلىتى»گە ئالاقىدار ئىككى نامزات لايىھىنىڭ بىرى ئىدى، چۈنكى ئارگېنتىنانىڭ پامپاس ئوتلىقى كەڭ، ئادەم شالاڭ، گېرمانىيىلىك نۇرغۇن كۆچمەن بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەھۇدىي ئىدى، خېرزلنىڭ دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پرىنسىپى- «زېمىنى يوق بۇ مىللەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مىللەت يوق بىر پارچە زېمىن تېپىش» ئىدى، شۇڭا، ئۇ ئارگېنتىنا ناھايىتى مۇۋاپىق دەپ قارىغان، لېكىن «ئارگېنتىنا لايىھىسى» تىزلا ئىنكار قىلىندى، چۈنكى، ئۇ جايدا گېرمانىيىلىك كۆچمەنلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت جىددىي بولۇپ، يەھۇدىيلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمەيتتى، شۇڭا، يەھۇدىي سودىگەرلەر بۇ پىلانغا قىزىقمىدى.
1908- يىلى يەھۇدىيلار پەلەستىندىن يەر سېتىۋېلىپ، كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى تەشكىللىك« تىرىلدۈرۈش ھەرىكىتى»گە ئايلاندۇردى.
1909-يىلى «كىببۇتز»(kibbutz) دەم ئاتالغان يەھۇدىيلار مەھەللىسى پەلەستىندە تۇنجى قېتىم پەيدا بولدى.
1- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىغىچە، شەرقىي ياۋروپادىن تەخمىنەن 40 مىڭ يەھۇدىي پەلەستىنگە كۆچۈپ كەلدى.


ئىسرائىلىيە دۆلەت قۇرۇپ ئەتىسىلا ئۇرۇش پارتلىدى

1- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى يەھۇديىلار دۆلىتى بىلەن پەلەستىننى يەنىمۇ بىر قەدەم يېقىنلاشتۇردى. يەھۇدىيلارنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى بالفۇر (Balfour) پەلەستىندە «يەھۇدىلار يۇرتى» قۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 65 سۆزلۈك بۇ خەت يەھۇدى قىساسچىلىقىنىڭ«تىلتۇرمارى»غا ئايلاندى.
1920- يىلى ئەنگلىيە پەلەستىننى ئىشغال قىلىۋالدى ھەم ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆزىگە پىششىق بولغان «پارچىلاپ باشقۇرۇش» ھىيلە-مىكىرىنى قوللىنىشقا باشلىدى.
2- دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا، ياۋروپادا ئالتە مىليۇن يەھۇدىي ھاياتىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيلارنىڭ قۇرۇلمىسىدا تەل-تۆكۈس ئۆزگىرىش بولدى،
«يۇرت-ماكانىغا قايتىش» - نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىيلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈرەك ساداسىغا، «يەھۇدى دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» - غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.
1947- يىلى 11- ئاينىڭ 29- كۈنى ب د ت يىغىنىدا« پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىنى بۆلۈپ باشقۇرۇش قارارى» ماقۇللىنىپ، ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەرەب دۆلىتى ۋە يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇپ، پەلەستىنگە قارىتا بۆلۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش بەلگىلەندى.
1948-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنگلىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى، بېن گۇرىئون
(Ben-Gurion)
تېل ئاۋىۋدا يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، دۆلەت نامىنىڭ« ئىسرائىلىيە» دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
خۇددى بېن گۇرىئون ئېيتقاندەك: «يەھۇدىي قىساسچىلىقى ھەرىكىتى چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، يەھۇدىيلار ئۆزىگە تەۋە زېمىننى قولغا كەلتۈرۈگەن بىر قېتىملىق ئۇچىغا چىققان سىياسىي ھەرىكەت بولدى»
بۇ يول ئەگرى-توقاي، جاپا-مۇشەققەتلىك بولۇپ، «ئارقاندا ئەمەس، بەلكى قىل ئۈستىدە ماڭغانلىق ئىدى»، لېكىن، ئۇلار بۇ يولدا ماڭالىدى.
ھالبۇكى، ئەرەبلەر روشەنكى «مەغلۇب بولغان باسقۇنچىلار»نى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىدى، ئىسرائىلىيە دۆلىتى قايتىدىن پەيدا بولغان كۈننىڭ ئەتىسى بەش ئەرەب دۆلىتى ئىسرائىلىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى،
«يەھۇدى دۆلىتىنى يوقىتىش» - ئاخىرقى مەقسەت قىلىنغان 1-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتلىدى، مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيىسى «تېز ئۇرۇش قىلىپ، تېز غەلىبە قىلىپ، ئىسرائىلىيىنى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە تۈپ-تۈز قىلىۋېتىش»تەك جەڭ نىشانىنى بېكىتتى، ئەينى چاغدا 60 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئەينى چاغدىكى «زىئون»نىڭ ئەتراپىدا ھازىرقىدەك سىياسىي تېرروتىرىيە پەيدا بولىدىغانلىقىنى ھېچكىممۇ خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى.

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دىن

مەنبە
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-90999.html

1 条评论:

  1. ئەپسۇس،بەكمۇ ئەپسۇس،ھەممە ئىشلارنى اللەقا تاپشۇردۇم

    回复删除