ئىسرائىلىيە ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىشى مۈمكىن
مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرى:
ئۇرۇشتا بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ تاسادىپى ئۈلۈپ كىتىشى بۇلۇپ تۇرىدۇ، بىراق ب د ت نىڭ ئىنسانپەرلىك ئىشلىرى ئىشىخانىسىنىڭ دوكلادى خەلقارا جەمئىيەتنى گاڭگىرىتىپ قويدى.
دوكلاتتا دىيىلىشىچە، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ سۆزلىرىدىن قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززاغا قارىتىلغان ھۈجۇم جەريانىدا قەستەنلىك بىلەن 30 نەچچە نەپەر تىنچ ئاھالىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن.
ب د ت نىڭ كىشىلىك ھۇقۇق بويىچە ئالىي دەرىجىلىك خادىمىنىڭ دىيىشىچە، بۇ ۋەقەدە «ئۇرۇش جىنايىتى» شەكىللىنىشنىڭ ئالامەتلىرى بار ئىكەن ۋە بۇ ۋەقە مەخسۇس تەكشۈرۈلىدىكەن.
دوكلاتتا دىيىلىشىچە، بۇ يارىدارلار بىر ئۆيدىن قۇتقۇزىۋىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يارىسى پارتلاشتىن كىلىپ چىققان.
ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، بۇ كىىشىلەر بىر قەبىلىدىن بولۇپ 100 دەك كىشى بىر ئۆيگە سولاپ قۇيۇلغان ۋە ئىككىنچى كۈنى بۇ ئۆي توپقا تۇتۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئون كىشى قازا قىلغان.
ئىسرائىلىيەنىڭ بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ دىيىشىچە، بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە بىرىشىغا يول قويمىغان.
تۆت كۈندىن كىيىن ئاندىن بۇ ئۆيدىكى يارىدارلار ۋە باشقىلار قۇتقۇزۇۋىلىنغان.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتىنىڭ ئالى دەرىجىلىك خىزمەتچىسى لەيىر خانىمنىڭ جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا دىيىشىچە، «ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىدە ئۇرۇش جىنايىتى شەكىللىنىش ئالامەتلىرى بار»
ئۇ مۇنداق دىدى: «‹خاماس»نىڭ ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىغا راكىتا ئېتىپ ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىنى قۇبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، بىراق ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇنى باھانە قىلىپ تىنچ ئاھالىغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا بولمايدۇ.
لىكىن ئىسرائىلىيە بۇ ئەيىپلەشلەرنى رەت قىلدى.
ئسرائىلىيە باياناتچىسى بۇ توغرىسىدا: «بىز بارلىق ھەرىكەت خاتىرىسىنى تەكشۈردۇق، بىراق تىنچ ئاھالىلەر بار ئۆينى توپ ئوقىدا بومباردىمان قىلغان ئىشنى بايقىمىدۇق» دىدى.
نۆۋەتتە ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلىرى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋىتىپتۇ.
مەنبە
http://news.sina.com.cn/w/2009-01-11/011317018461.shtml
http://www.termiler.com/ShowPost.asp?ThreadID=734
没有评论:
发表评论