سەككىز قىتىملىق ئەھلىسەلىب ئۇرۇشى
پەلەستىندىكى يىرۇسالىم شەھىرى ئەزەلدىن تارتىپ دۇنيادىكى بارلىق خىرىستىيان، يەھۇدىي ۋە ئىسلام دىنىدىكىلەر تەرىپىدىن بىردەك مۇقەددەس جاي دەپ قارىلاتتى.
ئىسلام دىنى بارلىققا كىلىپ، 640- يىلى بۇ تارىخىي شەھەر مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، باشقا دىندىكىلەرنىڭ بۇ جايدىكى ھەرقانداق دىنىي پائالىيىتىگە چەك قۇيۇلماي كەلگەن.
10- ئەسىرگە كەلگەندە، يىرۇسالىمنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى يېڭىدىن ئىسلامغا كىرگەن سەلجۇقىيلارنىڭ قولىغا ئۆتتى.
ئىسلامنىڭ باشقا دىندىكىلەرگە قاراتقان ھۆرىيەت ئاساسىنى تولۇق تۇنۇپ يەتمىگەن، پەقەتلا يۇقىرى دىنىي قىزغىنلىققا ئىگە سەلجۇق تۇركلىرى باشقا دىندىكىلەرنىڭ دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىكىگە دەخلى -تەرۇز قىلدى.
نەتىجىدە ئۆزىنى «پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسى» دەپ ئاتىشىپ كەلگەن رىم پاپالىرى، غەربىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمرانلىرى ۋە يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر «مۇقەددەس جاينى قۇتقۇزۇش»نى باھانە قىلىپ دىنىي ئۇرۇش قوزغىدى.
«ئەھلىسەلىپ» نامىدا باشلانغان بۇ ئۇرۇش بارا-بارا ھەقىقىي ئەپتى -بەشىرىسىنى تولۇق ئاشكارىلاپ، تۇغ قىلىپ كۆتۈرگەن كىرىستلىرىنى بىر ياققا چۆرىۋېتىپ، بۇلاڭ -تالاڭ ئېلىپ باردى.
دۇنيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىدا يۈز بەرگەن ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى ئىككى يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە 10 نەچچە قېتىم، ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ پىراۋۇسلاۋىيە مەزھىپىدىكى خىرىستىيانلارغا قارىتا بىر نەچچە قېتىم ئېلىپ بېرىلدى.
1-قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى (1096-1099)
ئاساسلىق قۇشۇنغا ئىنگلىز كارولى پاتىخ كىليومنىڭ ئوغلى بولغان نورماندىيە كېنەزى روفەر، فىرانسىيە كارولىنىڭ قېرىندىشى ھوك دېۋورماندو، تاراند پادىشاھى بوھموند، تولوزا كېنەزى رايموند، بوئىلونلۇق گود فىراۋا، ئۇنىڭ ئىنىسى كورنىلىق بالدىۋىن ھەم پاپانىڭ ئەلچىسى ئارمالەر قوماندانلىق قىلدى.
جەمئى كەسپىي ھەربىيلەر ۋە چەۋەندازلاردىن 150 مىڭ كىشىلىك قۇشۇن 1097- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ۋىزانتىيىگە جەم بولدى.
بۇ ۋاقىتتا كىچىك ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان سەلجۇق ھۆكۈمرانلىرى ئۆز - ئارا ئىچكى ئۇرۇش قىلىۋاتقان بولۇپ، قىلىچ ئارسلانخان بىلەن تۈرك ئاقسۆڭەكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ كەتكەن ئىدى.
گەرچە قىلىچ ئارسلانخاننىڭ قوشۇنلىرى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغان بولسىمۇ، ئۇرۇشتا يېڭىلىپ يىرۇسالىم 1009- يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى قولدىن كەتتى.
2-قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى (1147-1149)
ئىمادىدىن زەڭگى سۈرىيەدە زەڭگىلەر سۇلالىسىنى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى كېنەزلەرگە كۈچلۈك زەربە بەرگەنلىكى ۋە روھا شەھىرىنى تارتىۋالغانلىقى پۈتكۈل خىرىستىيان دۇنياسىدا چوڭ تەسىر ۋە زىلزىلە قوزغىدى.
رىم پاپاسى ئىۋگىنىئوس ئوتتۇرىغا چىقىپ يەنە بىر قېتىملىق ئەھلىسەلپ ئۇرۇشى قوزغىدى.
250 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەشكىللىنىپ، 1147-يىلى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ يۈرۈش باشلىدى.
ئۇلار كونىستانتىنپول ۋە ئانادولو ئارقىلىق شامغا قاراپ يولغا چىقتى.
لىكىن سەلجۇقىيلاردىن سالاھىدىن ۋە ئاتىسى شىركوھنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى نەتىجىسىدە كىرىست ئارمىيىسى مەغلۇپ بولۇپ، يىرۇسالىمنىڭ كارولى - لوسگىنانلىق گوئى ئەسىرگە چۈشتى.
بۇنىڭدىن چۈچۈپ كەتكەن رىم پاپاسى 3-قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشىنى قوزغاشقا تەييارلىق قىلدى.
خەلق ئاممىسىدىن سېلىق يىغدى.
بۇ «سالاھىدىن سېلىقى» دەپ ئاتالدى.
3-قېتىملىق ئەھلىسەلپ ئۇرۇشى (1189-1192)
رىم پاپاسى كىلىماننىڭ كۈچلۈك تەشەببۇسى بىلەن گىرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق 13 دۆلەت بۇ ئۇرۇشقا قاتناشتى.
بۇ قېتىم 100 مىڭدىن ئارتۇق چەۋەنداز ئاتلاندى.
لىكىن سەلجۇقلارنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى ئارقىسىدا بۇ قۇشۇن مەغلۇپ بولدى،
ئەنگىلىيە كارولى رىچاد مەسىلىنى تىنىچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن سىڭلىسى جۇئاننانى سالاھىدىننىڭ ئىنىسى سەيپىدىنگە ياتلىق قىلدى.
تۇغۇلغان بالىغا «شاھزادە» دەپ نام بىرىلدى.
ئەھلىسەلىپچىلەرنىڭ تىنچ يول بىلەن يېرۇسالىمغا بېرىپ تاۋاپ قىلىشقا قۇشۇلدى. ئۈچ ئايدىن كىيىن سالاھىدىن ئەييۇبى ۋاپات بولدى.
4-قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى(1202-1204)
1 -قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ دەل بىر ئەسىردىن كىيىن، غەربىي ياۋروپالىق ئۇرۇشقاق بۇلاڭچىلار «ئەھلىسەلىپ» نامىدا يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش قوزغىدى.
بۇ ئۇرۇش «مۇقەددەس جاينى قۇتقۇزۇش» ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىلەن بىر دىندىكى شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىگە قارشى بولدى.
شەرقىي رىم لەشكەرلىرى ۋە خەلقى ئەھلىسەلىپ باسقۇنچىلىرىنى پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلىغاندىن كىيىن ئىمپىرىيە ئەسلىگە كەلدى.
شەرقىي رىمنى تاكى ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى ئىگەللىگەنگە قەدەر ئىمپىراتور مىخائىل ئەۋلادى باشقۇرۇپ كەلدى.
5-قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى (1216-1221)
مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمىگەن رىم پاپاسى ھونۇرۇس «ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسى»نى قۇتقۇزۇش نامى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش قوزغىدى.
مىسىردا باش قوماندان پراگ قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ سۈلھى تەلەپ قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىملىق ئۇرۇشمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.
6-قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى (1228-1229)
بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ھەقىقى دىنىي تۈس ئالمىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭغا پاپا تەشەببۇسچى بولدى.
بۇ ئۇرۇشقا گېرمانىيە كارولى ھېنىرى(4)نىڭ ئوغلى فىرىدىرخ(2) قوماندانلىق قىلدى.
بۇ ۋاقىتتا ئەييۇبىيە سۇلالىسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا تەخت تالىشىش كۈرىشى يۈز بەرگەن بولۇپ، قالايمىقانچىلىقتا قالغانىدى.
يىرۇسالىم قولدىن كەتكەن بولۇپ 1240-يىلى مەلىك سالھنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى ۋە چىڭگىزخاننىڭ ھۇجۇمى بىلەن خارەزىمدىن چىكىنگەن بىر تۈرك قومانداننىڭ ياردىمى بىلەن يىرۇسالىم يەنە ئەييۇبىيەلەرنىڭ قوماندانلىقىغا ئۆتتى.
7-قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى(1240-1249)
چارەك ئەسىردىن كىيىن، رىم پاپاسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن غەربىي ياۋروپادىكى ئەللەر 7-قېتىملىق ئۇرۇشنى قوزغىدى.
بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا فىرانسىيە كارولى سان لوئى قوماندانلىق قىلدى.
لىكىن بۇ قۇشۇن ۋابا كېسىلىنىڭ تارقىلىشى، كەلكۈن كىلىشى ھەم مەلىك سالھ قۇشۇنلىرىنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قىلىشى نەتىجىسىدە مەغلۇپ بولۇپ، سان لوئى ئەسىرگە چۈشتى ۋە 3 مىلىيۇن فىرانىك تۆلەپ يۇرتىغا قايتتى.
8-قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى (1270-1271)
بۇ قېتىملىقى سان لوئىنىڭ ئىنىسى ئانجۇلۇق چارلىز تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى.
لىكىن بۇلارمۇ مەغلۇپ بولدى.
رىم پاپالىرى ۋە غەربىي ياۋروپادىكى ھەر قايسى ئەل فىئودال ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئەھلىسەلىپ» دەپ ئاتالغان ئۇرۇشلار، ئۇمۇمەن ئىككى ئەسىردىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئىچىدە ئون نەچچە قېتىم ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ ئۇرۇشلارنىڭ بەزىسى تارىخىي ۋە دىنىي قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن، بەزىسى پاپا ۋە ئايرىم ھۆكۈمرانلارنىڭ سىياسىي غەرىزى تۈپەيلىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. بۇ ئۇرۇشلار تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ئۇرۇشلار ئىچىدە داۋام قىلغان ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن، ئۇرۇشقا قاتناشقان ئەللەرگە كەلتۈرگەن زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر بولغان تارىخى ئاپەتتۇر.
ــــــــــــــــــــــــ
مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/
没有评论:
发表评论