پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق تەشكىلاتى ــ «خاماس»نىڭ
سۈرگۈندىكى سىياسى لىدىرى خالىد مەشئەل
ھازىرغا قەدەر سۈرگۈندە ياشاۋاتقان خالىد مەشئەل 1956 ـ يىلى پەلەستىننىڭ رامئاللا شەھىرىگە يېقىن بىر يېزىدا دۇنياغا كەلگەن.
1967 ـ يىلىدىكى ئۇرۇشتا كۇۋەيتكە كۆچۈپ كەلگەن،
1971 ـ مۇسۇلمان قېرىنداشلار (ئىخۋانۇل مۇسلىمىين) جامائىتىگە ئەزا بولغان.
بىر قانچە يىل كۇۋەيتتە فىزىكا ئۇقۇتقىچىلىقى قىلغان خالىد مەشئەل 1987 ـ يىلى باشلانغان پارتىزانلىق ھەرىكەتتىن كېيىن ھاماس تەشكىلاتىغا قېتىلىدۇ. بىرىنچى قىتىملىق پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدىن كېيىن كۇۋەيتتە ياشاۋاتقان نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەر ئىئوردانىيىگە كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، مەشئەلمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە ئىئوردانىيىگە كۆچۈپ كېلىپ يەنىلا ھاماسنىڭ ئىقتىسادىنى كۆچەيتمەك ئۈچۈن تىرىشىدۇ. شۇنىڭدەك تەشكىلاتنىڭ سۈرىيە ۋە ئىرانغا ئوخشاش دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدۇ.
بۇ ئارىدا ‹مۇساد› ــ ئىسرائىلىيە ئاخبارات كۈچلىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلىدۇ. 1997 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى كانادا پاسپۇرتى كۆتۈرگەن 10 نەپەر ‹مۇساد› ئەزاسى نىتانياھۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىئوردانىيىگە كىرىدۇ ۋە سۇيىقەست پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرماق بولىدۇ. بىراق سۇيىقەست ئاشكارىلىنىپ ئىككى نەپەر ‹مۇساد› ئەزاسى ئىئوردانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرىلىدۇ. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ۋەقەدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن نامايىشلارنى بېسىقتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىۋاتقان بىر پەيتتە. ئىئوردانىيە پادىشاھى مەلىك ھۈسەيىن ئەگەر ئىسرائىلىيە زەھەر قايتۇرۇش دورىسى ئەۋەتمەيدىغان بولسا ئىسرائىلىيە ئاخبارات ئىدارىسىگە مەنسۇپ ئىككى كىشىنىڭ ئۆلتۈرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە زەھەر قايتۇرغۇچ دورىسىنى ئەۋەتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان شەيخ ئەھمەد ياسىننىمۇ قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
پادىشاھ ھۈسەيننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەختتە ئولتۇرغان ئابدۇللا ھاماسنىڭ ئۇمماندىكى ئىشخانىسىنى تاقىۋىتىدۇ.
1999 ـ ئاۋغۇستتا مەشئەل ۋە ئۇنىڭ ئۈچ سەپدىشى ئىئوردانىيەدىن ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ. تۈنجى بولۇپ قاتارغا دۆلىتىگە كەلگەن مەشئەل 2001 ـ سۈرىيەگە كېلىپ توختايدۇ. 2003 ـ يىلىدا ھاماسنىڭ روھانى لىدىرى شەيخ ئەھمەد ياسىن ئىسرائىلىيە باسقۇنچىلىرى تەرىپىدىن شېھىد قىلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن تەشكىلاتنىڭ خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رانتىسىنىڭمۇ شېھىد قىلىنىشىدىن كېيىن پارتىيە يېڭى لىدىرلارنى جاكارلىماسلىق يولىنى توتۇپ مېڭىۋاتقان بولسىمۇ، خالىد مەشئەل تەشكىلاتنىڭ ھازىرقى سىياسى لىدىرلىق خىزمىتىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردە بولغان سايلامدا ھاماس پارتىيەسى ئۇتقاندىن كېيىن ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە باشلىق غەرب ئەللىرى ھاماس پارتىيەسى قۇرماقچى بولغان يېڭى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقان بولسىمۇ، خالىد مەشئەل باشچىلىقىدىكى ھاماسنىڭ پۈتۈن خادىملىرى قاتتىق رەت قىلىش بىلەن بىرگە، پەلەستىن زېمىنىدىن مۇستەملىكە ئاستىدا قالغان بىر غېرىچمۇ يەر قالمىغانغا قەدەر كۈرەشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاۋاتىدۇ
مەنبە
http://www.islam114.cn/bbs/read.php?tid-980.html
没有评论:
发表评论