ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچى - قانداق كۈچ؟
Updated 13.01.2009 01:32:17 UTC
ئىسرائىلىيىنىڭ 2008-يىلى 27-دېكابىردىن بۇيان پەلەستىننىڭ غەززە رايۇنىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھەرىكىتى، ھەممىنى چوڭقۇر قايغۇغا چۈمدۈردى.
سەبىي بالىلار، ياشانغانلار ۋە ئاياللارنىڭ پەقەت پەلەستىنلىك بولغانلىقى ئۈچۈنلا، پەقەت ئۇ يەردە ياشىغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆلتۈرۈلۈشى، ھەم ئەخلاقىي ھەم قانۇنىي جەھەتتىن جىنايەتتۇر.
ئەمما، قانداق ئىشكىن، 1948 – يىلىدىن ئېتىبارەن، يەنى ئىسرائىلىيە قۇرۇلغاندىن بۇيان، كۆپلىگەن قانۇنسىز ھەرىكەتلەر ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئاياغ ئاستى قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، نە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، نە باشقا خەلقئارالىق بىرەر تەشكىلات ياكى ئورگان تەرىپىدىن ھېچقانداق بىر جازا ۋە ئىمبارگو يۈرگۈزۈلۈپ باقمىدى.
ئىنسان ئىختىيارسىز ھالدا،
ئىسرائىلىيىنىڭ كۈچى ھېچكىم قول تەككۈزەلمەيدىغان قانداق كۇچتۇر؟!
دەپ سوراپ قېلىشى مۇمكىن.
ئىسرائىلىيە 1948- يىلىدىن ئېتىبارەن ئېزىلگەن، زۇلۇمغا دۈچ كەلگەن، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن، بىچارە بىر خەلقنىڭ رولىنى ئويناش ئارقىلىق ھېسداشلىق ۋە قوللاشقا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
ھازىرقى ئىسرائىلىيە - بۇرۇنقى ئىسرائىلىيە ئەمەس.
يەھۇدىيلارمۇ - بۇرۇنقى يەھۇدىيلار ئەمەس.
يەھۇدىيلار ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدىكى ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆز – ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارتۇقچىلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ھەم تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە، ھەم بايدۇر. بۇ دۆلەتلەر، ئىسلام دۆلەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى، ئىسرائىلىيىنىڭ تۈرلۈك ياردەملىرى ۋە تەشكىلى ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەم ئىسرائىلىيىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ۋە سىياسەتلىرىنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە ئورگانلاردا ھېمايە قىلماقتا،
ھەم ھېچكىمنىڭ ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشىغا يول قويمىدى ۋە قويمايمايۋاتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ھېچكىم ئېغىز ئاچالمايدىغان كۈچلۈك بىر دۆلەتكە ئايلاندى.
يەر كۆلىمىنىڭ كىچىك ۋە نوپۇسىنىڭ ئاز بولۇشىغا قارىماي، ئىسرائىلىيىنىڭ بۇنچىلىك ئەسكەر ۋە قۇرال – ياراققا ئېگە بولۇشى، شۇنىڭدەك ئەرەبلەرگە قارشى بىرەر قېتىم بولسىمۇ يېڭىلىپ قالماسلىقىمۇ ئىسرائىلىيىگە خاس بىر خىل ئەھۋالدۇر.
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە ئىشلىرىغا قانچىلىك پۇل سەرپ قىلغانلىقىنى ۋە قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىماي كەلمەكتە.
ھەربىي ساھەگە بۇنچىلىك كۆپ چىقىم قىلىشىغا قارىماي، ئىسرائىلىيىنىڭ تىلغا ئالغۇدەك بىرەر كىرىزىسقا دۈچ كېلىپ باقمىغانلىقىغا شاھىت بولماقتىمىز.
چۈنكى بۇ پۇللار دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان يەھۇدىيلار تەرىپىدىن تەمىنلىنىپ كەلمەكتە.
قەغەز ئۈستىدە 5 مىليون نوپۇس بولۇپ كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىسرائىلىيىدە پەقەت 2 مىليون ئىنسان ياشىماقتا. بىر قىسمى ئۇرۇشتىن قاچماقتا، يەنە بىر قىسمى ئىسرائىلىيىگە ياردەم بولسۇن ئۈچۈن، قوش پۇقرالىق تۈزۈمدىن پايدىلىنىپ، ئىسرائىلىيىنىڭ نۇپۇسىنى كۆپ قىلىپ كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىشقا ئورۇنۇپ كەلمەكتە.
بۇنچىلىك قوللاش ۋە كۈچكە ئېگە بولغان ئىسرائىلىيە، 1948- يىلىدىن تارتىپ، تا ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ئامانلىقىنى كاپالەتكە ئېگە قىلالماي كەلمەكتە.
تۈركلەرنىڭ ‹قاپاقنىڭ سۈيىدە تۈگمەن چۆرگىلىمەيدۇ› دەيدىغان ناھايىتى مەشھۇر بىر ماقالى بار. ئىسرائىلىيىنى ئىسرائىلىيە قىلغان ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە ئامېرىكىدىكى يەھۇدىيلار بىلەن ئۇلارنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ھۆكۈمەتلەردۇر.
لېكىن، بۇ خىل ياردەملەر قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟
بۇنىسى ھازىرچە بىزگە نامەلۇم.
بىراق، مەيلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى مەيلى غەربتىكى باشقا دۆلەتلەردە بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئىسرائىلىيىگە بېرىۋاتقان بۇ ياردەملىرى دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن تالاش – تارتىش قىلىنىشقا باشلىدى.
ئىسرائىلىيە بۇنچىلىك دەرىجىدە سىرتنىڭ ياردىمىنى ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ھەم بۇنچىلىك كۆپ جىنايەتلەرنى سادىر قىلالمىغان بولاتتى، ھەم ئەرەبلەر بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىشتا تېخىمۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلغان بولاتتى.
ئىسرائىلىيىنى قوللاۋاتقان بارلىق دۆلەتلەر، ئورگانلار ۋە كىشىلەرنىڭ ئىسرائىلىيە سادىر قىلىۋاتقان بۇ جىنايەتلەردە ئەلۋەتتە مەسئۇلىيىتى بار.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئەمدى بولسىمۇ ئىسرائىلىيىگە ئۇلارنىڭ بىر مۇقەددەس مەۋجۇتلۇق ئەمەسلىكلىرىنى ئېيتىشى لازىم.
چۈنكى، ئىسرائىلىيىنى بۇ قەدەر جۈرئەتكە ئىگە قىلغان ئەڭ ئاساسىي ياردەم - ئامېرىكىنىڭ ياردىمىدۇر
مەنبە
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=f2172862-7a8f-4e0b-9039-9d42151cd6f5
مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/

没有评论:
发表评论