2009年1月9日星期五

بەش قىتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى

点击查看原始尺寸



م2008 - يىلى 12- ئاينىڭ 29 - كۈنى ئىسرائىلىيە پەلەستىننىڭ غەززە رايۇنىغا تۇيۇقسىز ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، قانلىق پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۇرغۇن مەسۇم بالىلار ۋە بىگۈناھ ئاياللار ئىسرائىلىيەنىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقىدا قىممەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ھۇجۇمدىن كېيىن ئىسرائىلىيە زوڭلىسى باراك «ھازىر ئۇرۇش قىلىدىغان پەيت، ئۇرۇش توختۇتۇش ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، ئىسرائىلىيە يەر يۈزىدىنمۇ ھۇجۇم قىلىدۇ» دىدى.
پەلەستىندىكى ‹خاماس› رەھبەرلىرى كەسكىن ھالدا: «ئۇمۇمىيۈزلۈك ئۇرۇش» قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ 6- قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى بولۇپ قىلىشى مۈمكىنمۇ؟؟؟


بەش قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى



1-قېتىملىق ئۇرۇش (1948-1949)


1948 -يىلى 5-ئايدا ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ بىرلەشكەن ئارمىيەسى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلدى.
1949-يىلى 1-ئايدا ئىسرائىلىيەنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى بىلەن ئەرەبلەر ئۇرۇش توختۇتۇشقا مەجبۇر بولدى


2-قېتىملىق ئۇرۇش (1956-1957)


1957-يىلى 7-ئايدا، مىسىر سۇۋەيش قانىلىنى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىغا ئېلىش ئارقىلىق، ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ مۈلكىنى ئۆتكۈزۈۋالماقچى بولغاندا، ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيە ئىسرائىلىيەنى مىسىرغا ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتتى. نەتىجىدە 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىسرائىلىيە مىسىرغا ھۇجۇم قىلدى. 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىلىشتۈرۈشى بىلەن ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختاتتى.


3-قېتىملىق ئۇرۇش (1967-يىلى)


1967-يىلى 6-ئاينىڭ 5- كۈنى ئىسرائىلىيە كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ ئەرەپ ئىتتىپاقىنىڭ بىرلەشكەن ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ئارمىيە كۈچىنى بىتچىت قىلىپ قەدىمىي شەھەر ئېروسالىمنى تارتىۋالدى.


4-قېتىملىق (1973-1974)


1973-يىلى 10 - ئايدا مىسىر ئىسرائىلىيەگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. مىسىر بىلەن سۈرىيە ئايرىم-ئايرىم ھالدا سىناي يېرىم ئارىلى ۋە گولان ئىگىزلىگىدىن ئىسرائىلىيىگە ھۇجۇم قىلدى. ئىراقمۇ بۇ قېتىم بۇ ئۇرۇشقا قاتناشتى. ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە ئەرەپ قوشۇنلىرى غەلىبە قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە قاتتىق زەربە بەردى.
كىيىن ئىسرائىلىيە تىزلىكتە ئۆزىنى ئوڭشىۋىلىپ، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىنى بېسىۋالدى. بۇ قىتىمقى ئۇرۇش تارىختا«ئۆكتەبىر ئۇرۇشى» دەپ ئاتالدى. مىسىر سىناي يېرىم ئارىلىنى ئىسرائىلىيەدىن 1978- يىلى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قايتۇرۇۋالدى.


5-قېتىملىق ئۇرۇش (1982-يىلى)


1982- يىلى 6- ئايدا ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ ئۇرۇشقا سۇرىيەمۇ قاتناشتى. ئەڭ ئاخىرىدا ئىسرائىلىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى»نى لىۋاندىن قوغلاپ چىقاردى


(بۇ ماتىرىيال «بىلىش بلوگى»دىكى مەنبەگە ئاساسەن تولۇقلاپ تەييارلاندى)
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

没有评论:

发表评论