بۇ يىلقى 60 - قىتىملىق دۆلەت كۈنى ۋە كۈلپەت كۈنى
ئىسرائىلىيىنىڭ 60 - قىتىملىق دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا ئامىرىكا پىرىزدىنتى بۇش قاتناشتى.
2008- 05- 19 09:46 «شىنجاڭ گېزىتى»
ئىسرائىلىيىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى ۋە ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش 2008 - يىلى 14 – ماي رەپىقىسى لاۋرانى ئېلىپ، بۇ يىل 2 – قېتىم ئىسرائىلىيىگە كەلدى.
ئىسرائىلىيە بۇشتىن باشقا يەنە 12 دۆلەتنىڭ باشلىقىنى تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەنگلىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى بلايىر، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى گورباچېۋ، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى، دوكتور كىسسىنگىر، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ماگناتى مۇردوك قاتارلىقلارمۇ ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
ئىسرائىلىيە ساقچى دائىرىلىرى ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىق ئۈچۈن «سۈزۈك ئاسمان – 2» ناملىق قوغداش پىلانى تۈزۈپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 15 مىڭ خىللانغان ساقچىنى ئاجراتتى؛ يەنە ئارمىيىدىن بەزى مەرگەنلەرنى يۆتكەپ، بۇش ۋە باشقا چەت ئەللىك سىياسىي ئەربابلار چۈشكەن مېھانساراينىڭ ئۆگزىسى، ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇردى.
بۇش يولغا چىقىشتىن ئىلگىرىلا ئىسرائىلىيىنى: «ئىسرائىلىيە - ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئۈلگىسى»، «ئۈزلۈكسىز گۈللىنىۋاتقان ۋە جەسۇرانە ھاياتىي كۈچكە تولغان دۆلەت» دەپ ماختىغانىدى.
ئىسرائىلىيە «زېمىن» گېزىتىدە: «بۇش قاتارلىق چەت ئەل سىياسىي ئەربابلىرى ۋە داڭلىق شەخسلەرنىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش كاتتا مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى ئىسرائىلىيىدىن ئىبارەت يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى نامايان قىلدى» دېيىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەلەستىنلىكلەر چوڭقۇر قايغۇ – ھەسرەتكە چۆمدى، ئۇلار 60 – قېتىملىق «كۈلپەت كۈنى»نى ھەسرەتلىك خاتىرىلەشكە باشلىدى.
1948 – يىل 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى، يەنى ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان كۈننىڭ ئەتىسى، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا 1 – قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتلىدى، زور تۈركۈمدىكى پەلەستىنلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە قېچىپ كەتتى. كېيىن، پەلەستىنلىكلەر 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنىنى مىللەتنىڭ «كۈلپەت كۈنى» قىلدى.
ئىران ئىسرائىلىيىنىڭ «تۇغۇلغان كۈن» ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
ئىران زۇڭتۇڭى نىجاد: «ئىسرائىلىيە ھالاكەتكە يۈزلەنگەن تەن، ئۇ ھەرقانچە تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزسىمۇ تىرىلەلمەيدۇ» دېدى.
ئىسرائىلىيىنىڭ قۇرۇلغىنىغا 60 يىل بولسىمۇ، ھازىرغىچە دۈشمەنلىرى كۆپ. پەلەستىندىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان لىۋان ۋە سۇرىيە بىلەن توقۇنۇشۇپ تۇرماقتا.
ھازىر دۇنيادا يەنە 50 نەچچە دۆلەت ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى.
«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دىن
مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/
ــــــــــــــــــــــــــــ
没有评论:
发表评论