2009年1月12日星期一

غەززە پاجىئەسىدە قۇربان بولغان «خاماس» رەھبەرلىرى



غەززە پاجىئەسىدە قۇربان بولغان «خاماس» رەھبەرلىرى


بىر ھەپتىدىن بۇيان، ئىسرائىلىيە غەززەدىكى خاماسنىڭ نىشانلىرىغا 700 نەچچە قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى ۋە بومباردىمان قىلدى.
2009-يىللىق يېڭى يىل كۈنىدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا خاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي رەھبىرى نىزار رايان قازا قىلدى،
2009-يىلى 2-يانۋار خاماسنىڭ يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى ئەبۇ زاكارا ئال جامال ئېغىر يارىلىنىپ، 2009-يىلى 3-يانۋار سەھەردە قازا قىلدى.

49 ياشلىق نىزار رايان-خاماسنىڭ ئەڭ مۇھىم بەش رەھبىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تۆت يىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئۆلتۈرگەن خاماسنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى.
نىزار رايان غەززە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى ئىدى.
بىراق، ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇنىڭ 2004-يىلىدىكى بومباردىماندا قازا قىلغان خاماسنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مەنىۋى داھىيسى ياسىنغا ۋارىسلىق قىلىپ، خاماسنىڭ ئالىي دىنىي داھىيسى بولغانلىقىنى ئېيتتى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغاندىن كېيىن، ئۇ كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئادەمبومبا ھۇجۇمى قوزغاشنى مۇراجىئەت قىلغان، يەنە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى «بومباردىمان قىلىمىز» دەپ تەھدىت سالغان بىنانىڭ ئۆگزىسىگە چىقىۋېلىپ كۆپ قېتىم ئېتىراز بىلدۈرگەن.
نىزار رايان ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى «بومباردىمان قىلىمىز» دەپ ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىنمۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن شۇ بىنادىن كەتمىگەن.
نىزار راياننىڭ ئىككى خوتۇنى، تۆت بالىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىغان،
ئۇنىڭ 11 پەرزەنتى بار ئىدى.
ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى»دە: «ئۇنىڭ 11 پەرزەنتىنىڭ ھەممىسى بەختسىزلىككە ئۇچرىدى» دەپ خەۋەر قىلىندى.

نىزار رايان-خاماسنىڭ ئاساسلىق قوراللىق گۇرۇھى قەسەم برىگادىسىنىڭ رەھبىرى ۋە ھەربىي قوماندانى بولۇپ، پائالىيەتلەرگە ھەربىي فورما كىيىپ باراتتى. ئۇ ئىسرائىلىيە بىلەن ئابباسنى كۆپ قېتىم ئەيىبلىگەن ھەم خاماسنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئاخىر قولغا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

ئىسرائىلىيىنىڭ خاماسنىڭ رەھبەرلىرىنى يوقىتىشقا باشلىغىنىغا خېلى بولدى.
نىزار رايان قازا قىلغاندىن كېيىن، خاماسنىڭ رەھبىرى ھانىياھ تېخىمۇ كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇپ قالدى.

ھانىياھ 45 ياشتا بولۇپ، 12 پەرزەنتى بار.
ئۇ غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇرىدۇ.
ھانىياھنى ئىسرائىلىيە 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئۇنى ئۈچ قېتىم قولغا ئالغان.
1992-يىلى ئىسرائىلىيە ئۇنى 400 مۇساپىر بىلەن تەڭ لىۋاندىن قوغلاپ چىقارغان.
ئۇ ياسىننىڭ قابىل ياردەمچىسى ئىدى.
2003-يىلى ياسىن تۇنجى قېتىم ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، ھانىياھ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى،
يېرىم يىلدىن كېيىن، ياسىن يەنە قەستكە ئۇچراپ قازا قىلدى.
ھانىياھ چىقىشقاق، تۇرمۇشتا ئاددىي-ساددا بولۇپ، باش مىنىستىر بولۇشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتەپ باقمىغان.
پەلەستىنلىكلەر ئۇنى بەك قوللايدۇ.
ئۇ-خاماسنىڭ ئەڭ قاتتىق قول رەھبىرى.

بىر قانچە كۈندىن بۇيانقى ھاۋا ھۇجۇمىدا خاماسنىڭ ئالىي دەرىجىلىك بومبا مۇتەخەسسىسى ئامىر مەنسىلمۇ شېھىت بولدى.
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىيىشىچە: ئۇ ئۆزى راكىتا ئېتىش ئۈچۈن چىقىپ، ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغان.

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» ۋە (2009-01-12)«شىنجاڭ گېزىتى»م

مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/
*******************************************

没有评论:

发表评论