بۇ يەردىكى مەسىلە زېمىندا.
بۇ زېمىن زادى كىمنىڭ؟
ئوخشاش بىر پارچە يەرنى پەلەستىنلىكلەرمۇ، ئىسرائىلىيىلىكلەرمۇ ئۆزىنىڭ دەيدۇ
ئىسرائىلىيە – پەلەستىن توقۇنۇشى
مەدەنىيەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز
2007-09-24 11:13 «شىنجاڭ گېزىتى»
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىسرائىلىيىنىڭ ھازىرقى زامان داڭلىق يازغۇچىسى ئامورس ئوز جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى چەت ئەل ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 2007 - يىلى 9 - ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان ئىدى.
«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى 2007- يىلى 3– سېنتەبىر بېيجىڭ خەلقئارا مېھمانسارىيىدا، خەلقئاراغا تونۇلغان بۇ مەشھۇر ئىبرانىي تىلى يازغۇچىسىنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.
مەدەنىيەت توقۇنۇشى مەۋجۇت ئەمەس،
پەقەت رادىكاللار بىلەن باشقىلارنىڭ توقۇنۇشى مەۋجۇت
مۇخبىر:
ئۇرۇش ئىسرائىلىيە مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، سىزچە ئۇرۇشنىڭ مەدەنىيەتكە يەتكۈزىدىغان ئەڭ چوڭ زىيىنى نېمە؟
ئامورس ئوز:
ئەڭ چوڭ زىيىنى ئادەمنىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈشى. ھەر بىر ئادەم بىر دۇنيا، بىر ئالەم. ئۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ زىيىنى شۇكى، ئۇرۇشتا ئۆلۈم بولىدۇ، يەھۇدىيلار ئۆلىدۇ، ئەرەبلەر ئۆلىدۇ. مەن شۇنچە يىللاردىن بۇيان تىنچلىق ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدىم، چۈنكى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇدھىش يېرى ئۇ ئادەم ئۆلتۈرىدۇ.
مۇخبىر:
سىز پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيىلىكلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش مەدەنىيەت توقۇنۇشى ئەمەس، بەلكى زېمىن توقۇنۇشى دېدىڭىز، ئۇنداقتا بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟
ئامورس ئوز:
رادىكاللار بىزنىڭ توقۇنۇشىمىزنى دىنىي ئۇرۇشقا ئايلاندۇرماقچى، بىراق بۇ توقۇنۇش ھەرگىزمۇ دىن ئۇرۇشى ئەمەس. ئۇلار بىزنىڭ توقۇنۇشىمىزنى مەدەنىيەت توقۇنۇشىغا ئايلاندۇرماقچى، ئەمما ئۇ مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر تىنچ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، بۇ يەردىكى مەسىلە زېمىندا. بۇ زېمىن زادى كىمنىڭ؟ ئوخشاش بىر پارچە يەرنى پەلەستىنلىكلەرمۇ، ئىسرائىلىيىلىكلەرمۇ ئۆزىنىڭ دەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەم شۇنداق دېيىشكە ھەققى بار. مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى زېمىننى ئىككى دۆلەتكە بۆلۈپ بېرىش. بۇ زېمىن مەسىلىسى، ھەرگىزمۇ پەلسەپە، دىن ۋە مەدەنىيەت مەسىلىسى ئەمەس.
مۇخبىر:
سىز شۇڭا سامۇئىل خۇنتىنگتون(ئامېرىكىنىڭ داڭلىق دىپلوماتىيە سىياسەتچىسى)نىڭ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى نەزەرىيىسىگە قوشۇلمايدىكەنسىز – دە؟
ئامورس ئوز:
شۇنداق، مەن بۇ قاراشقا قوشۇلمايمەن. 21–ئەسىردىكى توقۇنۇش مەدەنىيەت توقۇنۇشى ئەمەس، بەلكى رادىكاللار بىلەن باشقا كىشىلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش. رادىكاللار ھەر قايسى مەدەنىيەتلەردە مەۋجۇت، ئىسلام دىنىدىلا بولۇپ قالماي، خرىستىئان دىنى، يەھۇدىي دىنى ۋە باشقا مەدەنىيەتلەردىمۇ رادىكاللار بار. رادىكاللار قالاقلىقنىڭ مەنبەسى. رادىكاللار زامانىۋىلىشىشقا، يۈكسىلىشكە، ئاياللارنىڭ ئازادلىقىغا قارشى تۇرىدۇ. مانا بۇ ھازىرقى دۇنيادا قالاقلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ يىلتىزى.
ئاياللار ئازاد قىلىنمىسا، جەمئىيەت قالاقلىشىدۇ
مۇخبىر:
بۇ بىر رېئال ئەھۋال، ئەمما نېمە ئۈچۈن؟
ئامورس ئوز:
ئەگەر ئاياللار ئازاد قىلىنمىسا، ياخشى تەربىيىگە ئىگە بولمىسا، ئۇلار بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلىيەلمەيدۇ. بالىلىق ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەزگىل، ئەگەر ئانىنىڭ تەپەككۇر دائىرىسى تار بولسا، بالىسىنىڭ تەپەككۇرى تار دائىرىلىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ ھالەت جەمئىيەتنى قالاقلىققا باشلايدۇ.
مۇخبىر:
سىز بۇ قېتىم «جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ يەھۇدىيلارغا ئوخشاش ناھايىتى تىرىشچان ئىكەنلىكىنى بايقىدىم» دېدىڭىز، بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟
ئامورس ئوز:
مەن جۇڭگونى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن چۈشىنىمەن.
بىرى، ئانام ئېيتىپ بەرگەن بالىلار چۆچەكلىرىدىكى جۇڭگو،
يەنى قەدىمكى زاماندىكى ئەمەلدارلار، ئەجدىھا ۋە جادۇگەرلەر؛
ئىككىنچىسى، كىتابتا يېزىلغان جۇڭگو،
يەنى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازاب – ئوقۇبەتلىرى، ياپۇنلارنىڭ تاجاۋۇزى، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ زۇلۇمى ۋە ئاچارچىلىق؛
ئۈچىنچىسى، ھازىر ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈۋاتقان جۇڭگو.
مەن بېيجىڭ، شاڭخەينى كۆردۈم، يېزىلارغا بېرىپ باقمىدىم. شۇڭا بىر تەرەپلىمە چۈشەنچەمگە تايىنىپ، ئومۇمىي يەكۈن چىقىرالمايمەن. مەن بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدە غايەت زور ئېنېرگىيىنى ۋە ئۈمىدۋار كەيپىياتنى كۆردۈم. شۇنىسى ئېنىقكى، كىشىلەردە كەلگۈسىدىن خاۋاتىرلىنىش تۇيغۇسى بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى ئۈمىدۋار ئىكەن، كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدىكەن.
يەھۇدىي مەدەنىيىتى مۇنازىرىگە ئىلھام بېرىدۇ
مۇخبىر:
تارىختا يەھۇدىي مىللىتىدىن نۇرغۇن يازغۇچى، ئالىم ۋە مۇتەپەككۇرلار چىققان. سىلەر ئۇزاق مۇددەتلىك ئازاب – ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈردۈڭلار، بۇ ھال سىلەرنى تەپەككۇرغا تېخىمۇ ماھىرلاشتۇردىمۇ؟
ئامورس ئوز:
مەن جۇڭگولۇقلارنىڭمۇ كۆپ ئازاب – ئوقۇبەت تارتقانلىقىنى بىلىمەن. مەن سىلەرنىڭ تارىخ ۋە ئەدەبىياتىڭلارنى ئوقۇغان، سىلەر تارتقان كۈلپەتلەرنى چۈشىنىمەن. ئازاب – ئوقۇبەت يەھۇدىيلارنىڭلا بەلگىسى ئەمەس. ئەمما يەھۇدىيلارنىڭ يۇرت – ماكانسىز قېلىشتەك ئۆزگىچە كەچۈرمىشى بار، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئىلىم – پەن، مۇزىكا، ئىدىيە قاتارلىق جەھەتلەردىن باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشكەن. جۇڭگولۇقلار ئىجادچانلىقىنى سەددىچىن سېپىلى، خان سارىيىنى سېلىشقا سەرپ قىلىۋاتقاندا، يەھۇدىيلار ئىجادچانلىقىنى ئىلىم – پەنگە، تەتقىقاتقا، تەپەككۇرغا ۋە مۇزىكا ئىجادىيىتىگە بېغىشلىدى.
مۇخبىر:
سىلەر نەچچە مىڭ يىل سەرسان – سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن مىللەت بولساڭلارمۇ، ئەنئەنىنى تىرىشىپ ساقلاپ كەلدىڭلار، بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما يەنە نېمە سەۋەبتىن زامانىۋىلاشتۇرۇشنى شۇنچىلىك كەڭ قورساقلىق بىلەن ھىمايە قىلىسىلەر؟
ئامورس ئوز:
ئىدىيىدە ئازاد بولۇش ئەزەلدىن يەھۇدىي ئەنئەنىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى. گۇمانلىنىش ۋە مۇنازىرە يەھۇدىي ئەنئەنىسىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى. مەن بۇنىڭ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىسى بىلەن ئانچە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىمەن. يەھۇدىي ئوقۇتقۇچىلار قەدىمدىن تارتىپ ئوقۇغۇچىلارنى باشقىلارغا جەڭ ئېلان قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلگەن. ھازىرمۇ ئىسرائىلىيىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە، ئوقۇتقۇچى ھەر سائەتلىك دەرسنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلاردىن: «باشقىچە پىكرىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورايدۇ.
مېنىڭچە، مۇنازىرە قىلىشقا، گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش يەھۇدىي مەدەنىيىتىدىكى بىر سىر.
ئىسرائىلىيىدە 7 مىليون ئادەم بار، بۇ بەلكىم بېيجىڭدىكى ئىككى رايوننىڭ ئاھالىسىگە تەڭ كېلىشى مۇمكىن.
ئەمما بۇ 7 مىليون ئادەم 7 مىليون زۇڭتۇڭ، 7 مىليون ماشىيە (تەۋراتتىكى مەنىسى «ئاللا تاللىغان كىشى»، ھازىرقى ئىبرانى تىلىدا «قۇتقۇزغۇچى» مەنىسىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ)نىڭ رولىنى ئوينايدۇ.
ھەممە ئادەم مۇنازىرە قىلىدۇ، ھەر بىر ئادەم مېنىڭ بىلىدىغىنىم تېخىمۇ كۆپ، دەپ قارايدۇ.
كىتاب ئەنئەنىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ
مۇخبىر:
بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيىلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىتاب ئوقۇش مىقدارى دۇنيادىكى باشقا ھەر قانداق دۆلەتنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشىدىكەن. سىزچە ئىسرائىلىيىلىكلەر كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادىتىنى قانداق يېتىلدۈرگەن؟
ئامورس ئوز:
بۇ يەھۇدىي مىللىتىنىڭ تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نەچچە مىڭ يىل مابەينىدە يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ئۆز دۆلىتى بولمىدى. باشقا مىللەتلەر خان سارىيى، كۆۋرۈكلەرنى ياساۋاتقاندا، يەھۇدىيلار كىتاب ئوقۇدى، كىتاب يازدى. شۇنداق قىلىپ يەھۇدىيلار كىتابقا چوڭقۇر مېھىر باغلىدى.
يەھۇدىيلاردا كونىلاردىن قالغان: «كىتاب ئائىلەم» دېگەن سۆز بار.
مۇخبىر:
سىز جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيە ئوخشاش بىر مەسىلىگە، يەنى زامانىۋىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، قەدىمكى ئەنئەنىنى قانداق ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە، دېدىڭىز، سىزنىڭچە ئەنئەنىنى قانداق ساقلاپ قېلىش كېرەك؟
ئامورس ئوز:
ئەڭ مۇھىمى، ئەدەبىيات بىلەن تىل. ئەدەبىيات مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ياخشى تارقاتقۇچىسى. كىتاب ئوقۇش كېرەك، كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇشقا دەۋەت قىلىش كېرەك. كىتاب ئەنئەنىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دىن
مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/
没有评论:
发表评论