پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى-«خاماس»
‹خاماس›نىڭ قۇرۇلۇشى
سىنىپىي جەمئىيەت بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، خەلقئارا ئىشلاردا مۇتلەق ئادىللىق ۋە ھەققانىيەت مەۋجۇت بولغان ئەمەس. زوراۋانلىق سىياسىيسى ۋە كۈچ سىياسىتى باشتىن –ئاخىر مۇھىم رول ئويناپ كەلدى.
بۇ ھال يۇرتلىرىدىن، زىمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان، دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان پەلەستىن خەلقىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئىسرائىلىيىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتىراپ قىلىش، غەربىي قىرغاق ۋە گازادىكى تەخمىنەن بەش مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتىردىن كۆپرەك زىمىندا مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش ئىنتايىن ئىلاجسىزلىقنىڭ تولىمۇ ئازاپلىق، شۇنداقلا بىردىنبىر ئاقىلانە تاللىۋېلىشى ئىدى. گەرچە ئىسرائىليە كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەرەب دۆلەتلىرىنى يېڭەلمىدى. نەچچە مىليون پەلەستىنلىكلەرنىمۇ بوي سۇندۇرالمىدى.
‹خاماس›نىڭ قۇرغۇچىسى ــ شەيخ ئەھمەد ياسىن
1987- يىلى 14- دىكابىر شەيخ ئەھمەد ياسىن بىلەن شەيخ سالاھ، ئىسا، ئىبراھىم، دوكتۇر ئابدۇ روتشى، فاتىخ دۇھان (بۇ كىشىلەرنىڭ كوپىنچىسى دوختۇر، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، ئىنژىنىېر ئىدى) قاتارلىق كىشىلەر يىغىن ئېچىپ، گازا رايۇنىدا «ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى» ــ ‹خاماس›نى قۇرۇشنى قارار قىلدى.
نەزەرىيە جەھەتتە، ‹خاماس› - «مىسىر قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى»نىڭ مۇتەپەككۇرى سەيىد قۇتۇب ۋە ئىراننىڭ مەنىۋىي داھىيسى ھۈمەينىنىڭ ھازىرقى زامان ئىسلامىزىم ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، «ئىسلام دۇنياسىنىڭ نۆۋەتتە قىلىدىغان جىددى ئىشى - چەتتىن كەلگەن بارلىق تەسىرلەرنى تازىلاپ ھەقىقىي ئىسلام جەمئىيىتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت» دەپ قارىدى.
شۇ يەردىكى ئىسلامىزىمچلارنىڭ قارىشىچە، پەلەستىندىكى ئەرەبلەرنىڭ ئىسرائىلىيىگە قارشى كۈرەشتە ئۈستى-ئۈستىلەپ يېڭىلىپ كىتىشىگە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھنىڭ يولىدىن چەتنەپ كىتىشى، دىندىن تاشقىرى مىللەتچىلىك، كومۇنىزىم قاتارلىق چەتتىن كەلگەن ھەر خىل ئىدىيىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى سەۋەپ بولدى. شۇڭا ئۇلار مۇسۇلمانلاردىن يېڭىۋاشتىن ئۆزگىرىپ، ھەق دىنغا قايتىشنى، ئىتىقادنى پاكلاشتۇرۇشنى، پۇتۇنلەي دىننىڭ قائىدىلىرى بىلەن ياشاشنى، جەمئىيەتنى شەرىئەت ۋە دىنىي ئەقىدە بىلەن ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ ئىتىقادىنى ۋە كۈچىنى كۈچەيتىشنى، ھەم جىھاد ئارقىلىق ئاخىرى يەھۇدىي زىئونىزىمى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، پۈتكۈل پەلەستىننى ئازاد قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
بۇنداق قاراش ياشلار ئىچىدە بەك ئەۋج ئېلىپ كەتتى. مانا بۇمۇ ‹خاماس›نىڭ نەچچە يىلدا بۇنچىلىك بەك تەرەققىي قىلىپ كىتەلىشىدىكى ئىدىيىۋى ئاساس ھىساپلىنىدۇ.
ئىسرائىلىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 1994-يىلىغا كەلگەندە ‹خاماس›نىڭ ئەزاسى 30 مىڭ ئادەمگە يەتكەن. ھەم نۇرغۇن قوللىغۇچىلار ۋە ھىسداشلىق قىلغۇچىلارغا ئىگە بولغان. گازا رايۇنىدىلا 50% دىن كۆپ يەرلىك كىشىلەر ‹خاماس›نى قوللايدىكەن. ‹خاماس› ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى ھەر كەسىپتىكى ياشلار بۇلۇپ، كۆپىنچىسى زىيالىلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن.
‹خاماس›نىڭ نىزامنامىسى
‹خاماس› 1988- يىلى غەربىي قىرغاقتا ۋە گازا رايۇنىدا «‹خاماس›نىڭ نىزامنامىسى»نى تارقاتتى.
بۇ 5 باب، 36 ماددىلىق نىزامنامە بۇلۇپ، «قۇرئان كەرىم»دىكى مۇناسىۋەتلىك سۈرە-ئايەتلەرنى كۆپلەپ نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كۈرەش پىروگىراممىسىنى ئىنىق ئوتتۇرغا قويغان.
«نىزامنامە»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
(1)
‹خاماس›نىڭ يىتەكچى پىرىنسىپى - مۇقەددەس ئىسلام دىنىدۇر.
‹خاماس› - مىسىر قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ شۆبىسى، شۇنداقلا دۇنيا ئىسلامىزىم ھەركىتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمىدۇر.
ئۇ دىندىن تاشقىرى مىللەتچىلىككە، كومۇنىزىمغا ۋە كاپىتالىزىمغا قارشى تۇرىدۇ.
ئۇنىڭ شۇئارى - «ئاللاھ - بىزنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىمىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام - بىزنىڭ ئۈلگىمىز، ‹قۇرئان كەرىم› - بىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىمىز، جىھاد - بىزنىڭ يولىمىز، ئاللاھ يولىدا شېھىد بۇلۇش - بىزنىڭ ئالىي غايىمىز» دىگەندىن ئىبارەت.
(2)
‹خاماس›نىڭ كۈرەش نىشانى - ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئىئوردان دەرياسىغىچە بولغان پەلەستىن زىمىنىدا ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت.
پەلەستىن زىمىنى مۇسۇلمانلارنىڭ قىيامەت قايىم بولغىچە ۋەخپىسىدۇر.
ھەرقانداق ئەرەب دۆلىتى ياكى بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى، ھەرقانداق پادىشاھ ياكى زۇڭتۇڭ ياكى ھەممە پادىشاھ، زۇڭتۇڭلارنىڭ ئۇنىڭدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، ئۇنى بۆلۈۋېتىش، سېتىش ياكى ئوغۇرلاش ھوقوقى يوق!
پەلەستىن زىمىنىنىڭ ھەرقانداق قىسمىدىن ۋاز كىچىشكە بولمايدۇ. باشقا دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئادەملەر ئىسلام دىنىغا بويسۇنۇش شەرتى ئاستىدا پەلەستىندە تۇرالايدۇ.
(3)
‹خاماس› يەھۇدىي زىئونىزىمىنى ۋە ئىسرائىلىيىنى يوقىتىش يولىدا كۈچ چىقىرىدۇ.
«جىھاد» ئارقىلىق پەلەستىننى ئازاد قىلىدۇ.
پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى پەلەستىننى ئازاد قىلىدىغان «جىھاد»قا قاتنىشىشقا چاقىرىدۇ.
ھەممە ئىسلام دۆلەتلىرىدىن پەلەستىننى ئازاد قىلىدىغان «جىھاد»قا ياردەم بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
(4)
پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى ھەرقانداق تەكلىپ، لايىھە، خەلقئارا يىغىن ‹خاماس›نىڭ ئىتىقادى بىلەن تىپىشىپ قالسا، (‹خاماس› ئۆز ئىتىقادىنى ئاساس قىلىدۇ)
پەلەستىننىڭ بىر قىسىم زىمىنىدىن ۋاز كەچسە، دىننىڭ بىر قىسمىدىن ۋاز كەچكەنلىك بۇلىدۇ.
پەلەستىننىڭ ئىگىلىك ھوقوقى ئاللاھقا مەنسۇپ بۇلۇپ، ئۇ ھەقتە سۆھبەتلىشىشكە بولمايدۇ، ئۇنى ئۆتۈنۈپ بىرىشكىمۇ بولمايدۇ.
پەلەستىن مەسلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جىھاددىن باشقا يولى يوق.
(5)
«پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى»‹فاتاخ› - ‹خاماس›قا ئەڭ يېقىن تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، بۇ تەشكىلاتتا دادىلىرىمىز، ئاكىلىرىمىز ۋە ئەل-ئاغىينە، يېقىن دوستلىرىمىز بار.
ۋەتىنىمىز، تەقدىرىمىز ۋە دۈشمىنىمىز ئورتاق.
«پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى» بىلەن كۈرەش نىشانىمىز بىر.
مەنبە:
«ھازىرقى زاماندىكى ئىسلامىزىم» دىگەن كىتاب
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
没有评论:
发表评论