يۈسۈف قەرەداۋى يەنە مۇنداق دىدى: «ئەنئەنىۋى باسمىدىكى مۇقەدەس كىتاب تەۋراتقا ئىشىنىدىغان يەھۇدىلار مۇسۇلمانلارغا ئەڭ يىقىن، بۇ ئىككى دىننىڭ ھەقىقى ئىتىقاتچىلىرى نۇرغۇن پىرىنسىپلىق مەسىلىلەردە ئوخشاش پىرىنسىپقا ۋە دىنى يۇسۇنلارغا ئەمەل قىلىدۇ»م
مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىلار ئوتتۇرسىدا
ئەزەلدىن دۇشمەنلىك يوق
دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى كىڭىشىنىڭ رەئىسى دوكتۇر يۇسۇپ قەرەداۋى دۇھادىكى شەخسى تۇرالغۇسىدا ئۇچ يەھۇدى رابىيسى(دىنى رەھبىرى)بىلەن كۆرۇشتى،ئۇلار يەھۇدى قىساسچىلىق ھەركىتى(زىئونىزىمى)گە قارشى ھەركەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، قاتارغا زامانىمىزدىكى بۇ مەشھۇر ئىسلام ئالىمىنى زىيارەت قىلىش ئۇچۇن كەلگەن،
قەرەداۋى دوكتۇر ھازىر دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى كىڭىشىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۇستىگە ئىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ يەھۇدى مىھمانلارنى ناھايىتى قىزغىن كۇتىۋالدى ۋە ئىككى دىننىڭ ئەنئەنىۋى دوسلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلىشىنى ئۇمىد قىلدى.
ئۇ مۇنداق دىدى: «نەچچە يۇز يىللاردىن بىرى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئولتۇراقلاشقان يەھۇدى پۇقرالىرى تىنىچ - ئىناق ياشىغان ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەتلەپ ئەپ ئۆتۇشكەن»
ئۇ يەنە مۇنداق دىدى: «مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىلار ئوتتۇرسىدا ئەزەلدىن دۇشمەنلىك يوق»
قەرەداۋى دوكتۇر مۇنداق دىدى: «يەھۇدىلار ياۋرۇپادا ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ناھايىتى پۇلدار ئادەملەر بولغان، بىراق ئۇلار ئەزەلدىن مۇسۇلمانلار بىلەن زىدىيەتلەشمىگەن»
بۇ يەھۇدى ھىبرىيلىرى قەرەداۋىنىڭ ئىككى دىن توغىرسىدىكى تارىخى باھاسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن باشلىرىنى لىڭشىتىپ قايىللىقىنى ئىپادىلىدى،
ئۇ يەنە مۇنداق دىدى: «ئەنئەنىۋى باسمىدىكى مۇقەدەس كىتاب تەۋراتقا ئىشىنىدىغان يەھۇدىلار مۇسۇلمانلارغا ئەڭ يىقىن، بۇ ئىككى دىننىڭ ھەقىقى ئىتىقاتچىلىرى نۇرغۇن پىرىنسىپلىق مەسىلىلەردە ئوخشاش پىرىنسىپقا ۋە دىنى يۇسۇنلارغا ئەمەل قىلىدۇ، مەسىلەن ئەرلەرنى خەتنە قىلىش، شەرئى يۇسۇن بويىچە بوغۇزلانغان ماللارنى يىيىش، چوشقا گۆشى يىمەسلىك، مەسچىتلەردە ۋە يەھۇدى ئىبادەتخانىلىرىدا ھەيكەل، بۇت بولىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق... قاتارلىقلار»
ئۇ تارىخقا نەزەر سىلىپ مۇنداق دىدى: «ئەينى ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار ئىسپانىيەدە چەتئەللىكلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچىرغاندا مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىيلار ئوخشاش بەخىتسىزلىككە دۇچار بولغان، تاجاۋۇزچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە بىرلىكتە ئۇچىرغان»
ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:«مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىلار ئىتتىپاقلىشىشى ۋە غەربنىڭ سىرىق مەدەنىيىتى، ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ توي قىلىشى، ئىجتىمائى ئادالەتسىزلىك ... قاتارلىق ئورتاق دۇشمەنگە بىرلىكتە قارشى تۇرىشى كىرەك»
بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىشىپ يەھۇدىلار جەمئىيىتىگە دوستانە سۆزلىشىشنى چاقىرىق قىلىپ ئوچۇق خەت ئەۋەتكەن ئىدى،
قەرەداۋى دوكتۇر مۇنداق دىدى: «مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىلارنىڭ مۇناسىۋىتى زامانىمىزدىكى يەھۇدى قىساسچىلىق ھەركىتى ۋە ئۇلارنىڭ يەھۇدى قىساسچىلق دۆلىتى - ئىسرائىلىيەنى قۇرىشى بىلەن يامانلىشىشقا باشلىدى، چۇنكى ئۇلار غەرب كۇچلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا پەلەستىن خەلقىگە مەنسۇپ بولغان زىمىننى تارتىۋالدى»
زىيارەتكە كەلگەن بۇ ئۇچ يەھۇدى ھىبىرىينىڭ ھەر بىرىنىڭ كۆكرىكىدە بىردىن ئىزناك بولۇپ ئۇنىڭ ئۇستىگە «مەن يەھۇدى، لىكىن يەھۇدى قىساسچى ئۇنسۇرى ئەمەس» دەپ يىزىلغان ئىدى،
رابى كوھىن مۇنداق دىدى: «يەھۇدى دىنى ۋە تەۋرات بىگۇناھ خەلقنى ئۆلتۈرۈشنى چەكلەيدۇ، يەرلىك خەلقنى ئۇلارنىڭ زىمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ»
زامانىمىزدىكى يەھۇدى قىساسچىلىرى غەرب كۇچلىرى تىزگىنلىۋالغان خەلقئارا سىياسى ھەركەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ پىلانلىشى بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا زورلۇق بىلەن بىر يەھۇدى دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رۇشەن سىياسى مەقسىتى بار،
1948- يىلىدىن باشلاپ غەرب قوراللاندۇرغان يەھۇدى قىساسچى كۇچلىرى پەلەستىنگە كىرىپ، قورال كۇچى بىلەن زىمىن بۇلىدى ۋە مىلىيۇنلىغان پەلەستىن خەلقىنى ئۇلارنىڭ ئەسلى زىمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ زىمىنىنى تارتىۋالدى، شۇنىڭدىن باشلاپ مىلىيۇنلىغان پەلەستىن خەلقى مۇساپىرلىق يولىغا مىڭىپ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ۋەتىنى ۋە زىمىنىدىن ئايرىلىپ قالدى،
1948-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۇنى پەلەستىن خەلقىدىن بۇلىۋالغان زىمىندا قانخۇر ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلدى،
زىيارەتكە كەلگەن يەھۇدى رابىيلىرىنىڭ بىرى سىلار داۋى يەھۇدى قىساسچىلىق ھەركىتىگە قارشى ھەركەتنىڭ باياناتچىسى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دىدى: «يەھۇدى قىساسچىلىق ھەركىتىنىڭ بارلىق ھەركەتلىرى يەھۇدىلارنىڭ مۇقەددەس كىتابىغا خىلاپ، ئۇلار سىياسى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن ۋاستە تاللىمايدۇ»
ئۇ(سىلار داۋى) نىڭ تەشكىلاتى پۇتۇن دۇنيادىكى ئەنئەنىۋى يەھۇدى دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان يۇز مىڭلىغان ئىخلاسمەن مۇرىتلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار، يەھۇدى قىساسچىلىق ھەركىتى نامى ئاستىدا قوزغالغان ئەرەبلەرگە قارىتىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرىغا تۇپتىن قارشى تۇرىدۇ ۋە ‹پەلەستىن خەلقىگە مەنسۇپ بولغان زىمىن ۋە ھوقوق يەنىلا ئۇلارغا قايتۇرىلىشى كىرەك، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقوقلىق دۆلىتىنى قۇرىشىغا ياردەم بىرىش لازىم، ئىسرائىلىيە تارىخ سەھنىىسىدىن چىكىنىشى كىرەك،پەقەت موشۇنداق بولغاندىلا ئوتتۇرا شەرىقتە ھەقىقى مەنىدىكى تىنىچىلق ئىشقا ئاشىدۇ› دىگەن قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ،
سىلارى يەنە مۇنداق دەپ قارايدۇ: «تەۋرات ۋە ئىسرائىل تارىخىغا ئاساسلانغاندا ھازىرقى ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقى ئاخىرلىشىشى لازىم»
مەنبە: خەنزۇچە ئىسلام نورى توربىتى
http://norislam.com/information/Article/news/international/200805/20080506115056_4094.html

没有评论:
发表评论