2009年1月23日星期五

«ereblerning chigish noqtisi»

ئىخچام



«ئەرەبلەرنىڭ چىگىش نوقتىسى»


Updated 15.01.2009 20:40:10 UTC


م 2008- يىلى 27 – دېكابىردىن ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيىنىڭ غەززەگە قوزغىغان ھۇجۇمى نەتىجىسدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1000 دىن، يارىدار بولغانلار سانى بولسا نەچچە مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ ۋاسىتىلىك تەرەپتدارلىرى ئامېرىكا ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدۇر. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا رۇخسەت بەرگەندىن كېيىن، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ قانلىق ئۇرۇشتىن جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسرائىلىيىدىن بۇ ئۇرۇشنى بۇرۇنراق توختىتىشنى ئۆتۈنگەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. ئەمما. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئىسرائىلىيە ھاماسنىڭ راكېتا ھۇجۇملىرىنى باھانە قىلىپ، غەززە خەلقىگە ھاماسنىڭ كېلەر قېتىملىق سايلامدا ھۆكۈمەت بېىشىغا چىقىشىغا ئاۋاز بېرىشىنى توختىتىشىنى، ئەگەر ئەكسىچە بولغاندا كېرەكلىك ساۋاق بېرىدىغانلىقىنى جار سېلىپ، ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلماقتا.

تۆۋەندە ھەيدەر چاقماقنىڭ بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

ئىسرائىلىيە، پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتىغا رەقىب پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئۆز قولى بىلەن قۇرۇپ چىققان ۋە كەڭ يول ئېچىپ بەرگەن ھاماسنىڭ بۇنچىلىك دەرىجىدە چوڭىيىپ كېتىشىنى مۆلچەرلىيەلمىگەنلىكىتىن، يەنى چوتنى خام سوققانلىقتىن ھازىرچە ھاماسنى پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتىغا قارىشى كۈچ سۈپىتىدە تۇرغۇزۇپ، ھەققىي مەنىدىكى تەسىر كۈچگە ئىگە قىلماسلىقتىن ئىبارەت سىياسىي پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا ئورۇنماقتا. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئەللىرىمۇ ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ سىياسىتىنى مۇۋاپىق دەپ قارىماقتا.

ئەرەبلەر، ئىسرائىلىيە بىلەن 1948-،1958-،1967- ۋە 1973- يىللىرى بولۇپ جەمئى تۆت قېتىم ئۇرۇش قىلدى ۋە ھەر قېتىمقى ئۇرۇشتا ئۆز زېمىنىدىن قەدەممۇ قەدەم ئايرىلىپ قالدى. ئىسرائىلىيە قۇرۇلغاندىن بۇيان، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بەرگەندىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇردى. لېكىن، بۇ توقۇنۇشلاردا ئەرەبلەر ھەر دائىم يېڭىلىپ قالدى.
1973- يىلىدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن ئەرەبلەر، ئىسرائىلىيىگە يالغۇز تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇرۇش تاكتىكىسى بىلەن بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتى.
نەتىجىدە، مۆتىدىل ئەرەب دۆلەتلىرى ئۈچ يول يەنى ئۈچ ئسىتىراتىگىينى سىناق قىلىپ باقتى،
بۇلارنىڭ بىرىنچىسى: پەلەستىن مەسلىسىنى يالغۇز ئەرەب مەسىلىسى بولۇشتىن، ئىسلام مەسلىسىگە ئايلاندۇرۇش،
ئىككىنچىسى، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بولۇپ، ئىسرائىلىيىنى قوللايدىغان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئۇلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرۇشقا تېرىشىش ياكى ئۇلارنى بىتەرەپ بولۇشقا ئۈندەش،
ئۈچىنچىسى، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەپلىشىپ قېلىشنىڭ يوللىرىنى تېپىش قاتارلىقلاردۇر.

ئەرەبلەر يۇقىردىكى بۇ ئۈچ ئسىتىراتىگىيىنى ناھايىتى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلدى.

پەلەستىن مەسىلىسى - ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى دىندار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان ئورتاق مەسىلىسى بولۇپ قالدى. ئىسرائىلىيە قايسى ۋاقىتتا پەلەستىنگە ھۇجۇم قوزغىسا، ئىسلام ئەللىرىدە ئىسرائىلىيىگە قارىشى قاتتىق نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلىش بىلەن بىرگە، پەلەستىنلىكلەرگە بەس- بەستە ياردەم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىنماقتا. ئىسرائىلىيىنڭ زورلۇق – زومبۇلۇق قىلىش ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە، ئادەتتكى مۇسۇلمانلارمۇ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. بۇنداق نارازىلىق ھەرىكىتى ھۆكۈمەتلەرگە قاتتىق تەسىر قىلىپ، ئىسرائىلىيىگە قارىشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا تۈرتكە بولماقتا. بۇ خىل ئەھۋال غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغىمۇ ئورتاق، ئەلۋەتتە.

ئەرەبلەر، ئىسرائىلىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گوماشتىسى بولغان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى ئازراق بولسىمۇ ئىجابىي قەدەم ئېلىشقا كۆندۈرگەندەك قىلىدۇ. لېكىن، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان يەھۇدىيلارنىڭ تەسىر كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەھۇدىيلارنىڭ بىشەملەرچە تەلەپلىرىگە سەل قارىشى مۈمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆز مەنپەئەتىگە نىسبەتەن قايسى ئۇسۇل مۇۋاپىق بولسا، شۇ بويىچە بىرتەرەپ قىلىشى تۇرغانلا گەپ. ئەرەبلەر ئامېرىكىغا قارىغاندا ياۋروپالىقلارغا تېخىمۇ بەكرەك تەسىر كۆرسىتەلىشى مۈمكىن. بۇ سەۋەپتىن ئەرەبلەرنىڭ ياۋرۇپاغا بولغان بېسىمى ئۈنۈمىنى خېلى كۆرسەتتى.
ئەرەبلەرنىڭ ئىسىرائىلىيە بىلەن ئەپلىشىپ ئۆتۈش يوللىرىنى تېپىش ئسىتىراتىگىيسى، نەتىجىدە ئەرەبلەرنىڭ ئۆز ئارا جەڭگە – جىدەل قىلىشلىرىغا سەۋەپ بولدى.
مىسىر ۋە ئېئوردانىيە ئۈچىنچى ئسىىتىراتىگىيىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە ئۈلۈش ئېلىپ ئامېرىكا ۋە ئسىرائىلىيىدىن بەزى ياردەملەرنى قوبۇل قىلدى، نەتىجىدە ھەم ئۆز خەلقىنى، ھەمدە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويدى.
ئىنسانپەرۋەر ياردەم ئەتىرەتلىرىنىمۇ چېگراسىدىن ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلمىغان مىسىر ھۆكۈمىتى، دىندارلار تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە ئېلىندى.
ھۆسنى مۇبارەك ۋە تەرەپدارلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ كەتمىنىنى چېپىشى، ئەرەبلەر ئىچىدە مىسىرنىڭ ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ قويۇشى تۇرغانلا گەپ.
بۇنداق بولسا ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدا تەسىر دائىرسىنى يوقاتقان مىسىر ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ كۆزىدىمۇ ئۆز ئېتىبارىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا پارس قولتىقىنىڭ ئەڭ باي دۆلەتلىرىدىن بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەر، ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىق ئورنقاندىن باشقا پەلەستىن مەسلىسىگە تېگىشلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەيىپلەنمەكتە.

ئەرەب ھۆكۈمرانلىرى بىر تەرەپتە يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا، يەنە بىر تەرەپتە ئۆز دۆلىتى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى غەزەپكە تولغان دىندالارنىڭ ئوتتۇرىسسدا سىقىشىپ قالدى.
ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ھاماسقا تاقابىل تۈرۈش ئۈچۈن، ھەر تۈرلۈك زورلۇق – زۇمبۇلۇق ۋاستىلىرىنى توختاۋسىز ئىشلىتىۋاتىدۇ. ناۋادا بۇلار بۇنداق قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلسا، يېقىن ئىتتىپاقداشلىرى بولغان مىسىر ۋە ئېئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ يېڭىدىن بىر ھاماسنى يۆلەپ چىقىرىپ، تېخىمۇ قاتتىق بولغان ۋاستىلەرنى ئىشلىتىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ.

ئەرەب دىندارلىرى ۋە مىللەتچىلىرى پارس قولتىقى دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشلىرىدىن ئىنتايىن بىئاراملىق ھېس قىلغانلىقىلىرىنى ھەر دائىم ئەسكەرتىپ تۇرماقتا. ئەرەب دائىرلىرى پەلەستىن مەسىلىسىگە نىسبەتەن، ئەرەب بولمىغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە قارىغاندا بوشراق ئەھمىيەت بېرىدىغان ھالەتكە كېلىپ قېلىشىنىڭ بەدىلىنى ئۆزى خەلقىگە تۆلەشكە ياكى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيىگە قارىتا ئىجرا قىلغان يۇمشاق سىياسەتلىرىنى باشتىن ئاياق بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.


مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/
*********************************


«ereblerning chigish noqtisi»


Updated 15.01.2009 20:40:10 UTC


2008-yili 27– dékabirdin hazirghiche dawamlishiwatqan isra'iliyining ghezzege qozghighan hujumi netijisde hayatidin ayrilghanlarning sani 1000 din, yaridar bolghanlar sani bolsa nechche mingdin éship ketti. Bu qétimqi hujumning wasitilik tereptdarliri amérika we ereb döletliridur. Amérika qoshma shtatliri bu qétimqi urushqa ruxset bergendin kéyin, dunya jama'etchilikining bu qanliq urushtin jawabkarliqqa tartidighanliqini nahayiti yaxshi bilgenliki .Üchün, isra'iliyidin bu urushni burunraq toxtitishni ötün'genliki hemmimizge melum. Emma. Buning eksiche, isra'iliye hamasning rakéta hujumlirini bahane qilip, ghezze xelqige hamasning kéler qétimliq saylamda hökümet béishigha chiqishigha awaz bérishini toxtitishini, eger eksiche bolghanda kéreklik sawaq béridighanliqini jar sélip, özining rezil meqsitige yétish üchün qolidin kélishiche heriket qilmaqta.

Töwende heyder chaqmaqning bu mesilige munasiwetlik analizi diqqitinglargha sunimiz:

Isra'iliye, pelestin azatliq teshkilatigha reqib peyda qilish üchün öz qoli bilen qurup chiqqan we keng yol échip bergen hamasning bunchilik derijide chongiyip kétishini mölcherliyelmigenlikitin, yeni chotni xam soqqanliqtin hazirche hamasni pelestin azatliq teshkilatigha qarishi küch süpitide turghuzup, heqqiy menidiki tesir küchge ige qilmasliqtin ibaret siyasiy pilanini ijra qilishqa orunmaqta. Amérika qoshma shitatliri we yawropa ellirimu isra'iliyining bu siyasitini muwapiq dep qarimaqta.

Erebler, isra'iliye bilen 1948-,1958-,1967- we 1973- yilliri bolup jem'i töt qétim urush qildi we her qétimqi urushta öz zéminidin qedemmu qedem ayrilip qaldi. Isra'iliye qurulghandin buyan, terepler otturisida urush yüz bergendin bashqa yene nurghunlighan toqunushlar yüz bérip turdi. Lékin, bu toqunushlarda erebler her da'im yéngilip qaldi.
1973- yilidiki urushtin kéyin erebler, isra'iliyige yalghuz taqabil turalmaydighanliqini we urush taktikisi bilen birer netijige érishelmeydighanliqini chüshünüp yetti.
Netijide, mötidil ereb döletliri üch yol yeni üch sitiratigiyni sinaq qilip baqti,
Bularning birinchisi: pelestin meslisini yalghuz ereb mesilisi bolushtin, islam meslisige aylandurush,
Ikkinchisi, amérika qoshma shitatliri we yawropa döletliri bolup, isra'iliyini qollaydighan barliq döletler bilen téximu yaxshi munasiwet ornitish we ulargha yaxshi tesir qaldurushqa térishish yaki ularni biterep bolushqa ündesh,
Üchinchisi, isra'iliye bilen epliship qélishning yollirini tépish qatarliqlardur.

Erebler yuqirdiki bu üch sitiratigiyini nahayiti yaxshi ishqa ashurup keldi.

Pelestin mesilisi - islam döletliridiki dindar musulmanlarning eng muhim bolghan ortaq mesilisi bolup qaldi. Isra'iliye qaysi waqitta pelestin'ge hujum qozghisa, islam elliride isra'iliyige qarishi qattiq naraziliq heriketliri élip bérilish bilen birge, pelestinliklerge bes- beste yardem qilishqa seperwer qilinmaqta. Isra'iliyinng zorluq – zombuluq qilish arqiliq élip barghan herbiy heriketlirige, adettki musulmanlarmu qattiq naraziliq bildürmekte. Bundaq naraziliq herikiti hökümetlerge qattiq tesir qilip, isra'iliyige qarishi heriket élip bérishqa türtke bolmaqta. Bu xil ehwal gherb döletliride yashawatqan musulmanlarghimu ortaq, elwette.

Erebler, isra'iliyining eng chong gomashtisi bolghan amérika qoshma shtatlirini azraq bolsimu ijabiy qedem élishqa köndürgendek qilidu. Lékin, amérikida yashawatqan yehudiylarning tesir küchi intayin küchlük bolghanliqi üchün, amérika hökümiti yehudiylarning bishemlerche teleplirige sel qarishi mümkin emes elwette. Shunga amérika hökümiti öz menpe'etige nisbeten qaysi usul muwapiq bolsa, shu boyiche birterep qilishi turghanla gep. Erebler amérikigha qarighanda yawropaliqlargha téximu bekrek tesir körsitelishi mümkin. Bu seweptin ereblerning yawrupagha bolghan bésimi ünümini xéli körsetti.
Ereblerning isira'iliye bilen epliship ötüsh yollirini tépish sitiratigiysi, netijide ereblerning öz ara jengge – jidel qilishlirigha sewep boldi.
Misir we é'ordaniye üchinchi siitiratigiyidin paydilinip, özige ülüsh élip amérika we sira'iliyidin bezi yardemlerni qobul qildi, netijide hem öz xelqini, hemde bashqa islam döletliridiki musulmanlarning ghezipini qozghap qoydi.
Insanperwer yardem etiretlirinimu chégrasidin ötüshke ruxset qilmighan misir hökümiti, dindarlar teripidin qara tizimlikke élindi.
Hösni mubarek we terepdarlirining amérika we isra'iliyining ketminini chépishi, erebler ichide misirning obrazini xünükleshtürüp qoyushi turghanla gep.
Bundaq bolsa ereb we islam dunyasida tesir da'irsini yoqatqan misir amérika we isra'iliyining közidimu öz étibarini yoqitip qoyidu.
Uningdin bashqa pars qoltiqining eng bay döletliridin bolghan se'udi erebistani we kuweyt qatarliq döletler, amérika bilen hemkarliq ornqandin bashqa pelestin meslisige tégishlik derijide köngül bölmigenliki üchün eyiplenmekte.

Ereb hökümranliri bir terepte yéqin munasiwette bolghan amérika we yawropa, yene bir terepte öz döliti we musulman döletliridiki ghezepke tolghan dindalarning otturissda siqiship qaldi.
Amérika we isra'iliye hamasqa taqabil türüsh üchün, her türlük zorluq – zumbuluq wastilirini toxtawsiz ishlitiwatidu. Nawada bular bundaq qattiq qolluq siyasitini dawamliq ijra qilsa, yéqin ittipaqdashliri bolghan misir we é'ordaniye qatarliq döletlermu yéngidin bir hamasni yölep chiqirip, téximu qattiq bolghan wastilerni ishlitishke qarap yüzlinidu.

Ereb dindarliri we milletchiliri pars qoltiqi döletlirining amérika bilen yéqin munasiwette bolushliridin intayin bi'aramliq hés qilghanliqilirini her da'im eskertip turmaqta. Ereb da'irliri pelestin mesilisige nisbeten, ereb bolmighan musulman döletlirige qarighanda boshraq ehmiyet béridighan haletke kélip qélishining bedilini özi xelqige töleshke yaki amérika we isra'iliyige qarita ijra qilghan yumshaq siyasetlirini bashtin ayaq bir qur közdin kechürüshke mejbur bolup qélishi mumkin.


Menbe: http://palastinbiz.Blogspot.Com/
*********************************


没有评论:

发表评论