2009年1月7日星期三

پەلەستىن ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە




پەلەستىن ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە


9 f5 V, V% S4 D
پەلەستىننىڭ دۆلەت گىرىبى



پەلەستىنلىكلەر(Palestinians)
م«پەلەستىن ئەرەبلىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار ئاساسەن ئېئۇردانىيە، ئىسرائىلىيە، گازا رايونى ئەتراپى، لېۋان سۈرىيە، كۈۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. پەلەستىن دۆلىتىدىكى ۋە سىرىتتا مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن پەلەستىنلىكلەرنى قوشقاندا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئومومىي نوپوسى 6 مىليون 390 مىڭ (1997-يىلىدىكى سىتاتىسكا).




پەلەستىنلىكلەر ياۋروپا ئېرىقىنىڭ ھېندى-ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ. سام-ھام تىللىرى سېستىمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىل-يېزىقىنى قوللىنىدۇ. پەلەستىنلىكلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى ساملارنىڭ بىر تارمىقى خانائانلار بىلەن پەلەستىنگە كېيىن كۆچۈپ كەلگەن فلىستىئانلار بولۇپ، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 13-ئەسىردە، فلىستىئانلار پەلەستىن دېڭىز بويى رايونىدا دۆلەت قۇرغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، ئېبرايلار پەلەستىنگە كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىرگە كەلگەندە،يەھۇدىيلار پەلەستىن زىمىنىدا ئىبران خاندانلىقىنى قۇرغان. كېيىن بابىلۇن، پارس قاتارلىق سىرىتقى كۈچلەر تاجاۋۇز قىلىپ پەلەستىن زىمىنىنى ئىگىلىۋالغان.مىلادىيدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىردە،رىم ئېمپىرىيىسى تاجاۋۇز قىلىپ، كۆپ قىسىم يەھۇدىيلارنى پەلەستىن زىمىنىدىن قوغلاپ چىقارغان. مىلادىيە 7-ئەسىرگە كەلگەندە، پەلەستىن زىمىنى ئەرەب ئېمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قالغان. ئەرەبلەر پەلەستىن زىمىنىغا تۈركۈملەپ كۆچۈپ،شۇ يەردىكى يەرلىك مىللەرتلەر بىلەن ئاسمىلاتسىيىلىشىپ، ھازىرقى پەلەستىن ئەرەبلىرىنى شەكىللەندۈرگەن.
1920-يىلى، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قول تىقىشى بىلەن، پەلەستىن زىمىنى شەرقىي ۋە غەربىي ئىككى بۆلەككە پارچىلىنىدۇ. شەرقىي تەرىپى سىرتقى ئىئوردانىيە (ھازىرقى ئېئۇردانىيە خانىدانلىقى)، غەرب تەرىپى(ھازىرقى ئىسرائىلىيە، ئىئوردانىيە دەرياسى غەربى قىرغاق رايونى ۋە گازا رايونى) پەلەستىن دەپ ئاتىلىدۇ، پەلەستىن ئەنگىلىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقىدا بولىدۇ.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، يەھۇدىيلار پەلەستىن زىمىنىغا ئېقىپ كىرىپ، يەرلىك خەلق بىلەن زىمىن پۈتۈنلۈكى تالىشىپ قانلىق توقۇنۇشلارنى پەيدا قىلىدۇ. 1947-يىلى،ئامىرىكا ۋە ئەنگىلىيىنىڭ قوللىشى بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «بۆلۈپ تىزگىنلەش تاكتىكىسى»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئەنگىلىيىنىڭ پەلەستىندىكى مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقىنى بىكار قىلىپ، پەلەستىن زىمىنىنى، يەھۇدىيلار دۆلىتى (تەخمىنەن 15 مىڭ 200 كۋادىرات كىلومىتىر)، ئەرەبلەر دۆلىتى (تەخمىنەن 11 مىڭ 500 كۋادىرات كلومىتىر) ۋە يىرۇسالىم (تەخمىنەن 176 كۋادىرات كلۇمىتىر)دىن ئىبارەت ئۇچ چىگرىغا بۆلىدۇ. لېكىن ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئىسرائىلىيە دۆلىتى كىڭەيمىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا، 1948-، 1956-، 1967-، 1973-يىللىرى پەلەستىنلىكلەرگە تۆت قېتىم زور كۆلەملىك ئۇرۇش قوزغاپ، بىر مىليوندىن كۆپرەك پەلەستىنلىكنى ئۆز زىمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىۋىتىدۇ. دەل مۇشۇ قانلىق توقۇنۇشلار ئەۋجىگە چىققان مەزگىلدە،«پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى» قۇرۇلىدۇ.
1988-يىلى پەلەستىن «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىپ،1947-يىلىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «بۆلۈپ تىزگىنلەش تاكتىكىسى»غا ئاساسەن بۆلۈنگەن پەلەستىن زىمىنىدا يىرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ... گەرچە بۇ بۈگۈنگە قەدەر دۇنيادىكى 100 نەچچە دۆلەت پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن پەلەستىن خەلقىنىڭ تىنچلىققا تاشلىغان قەدەملىرى بىر قىسىم سىرتقى ۋە ئىچكى بۆلۇنۇشلارنىڭ «قارىشلىقلىرى» ئاستىدا، مەزمۇت ئىلگىرلىيەلمەي، ھەقىقىي ئىگىلىك ھوقوقى ۋە زىمىن پۈتۈنلۈكى بىلەن ئارىلىق ساقلاپ كەلمەكتە.
پەلەستىنلىكلەر دېھقانچىلىق ۋە يېرىم كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي، ئارپا، پۇرچاق، تاماكا قاتارلىق زىرائەتلەتنى ئۆستۈرىدۇ. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئات، ئېشەك، تۆگە قاتارلىقلارنى باقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا قۇرۇلۇش، پىششىقلاپ ئىشلەش، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا كەسىپلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. پەلەستىنلىكلەرنىڭ ياغاچ ۋە ئەينەكتە ئىشلىگەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، كەشتىچىلىك سەنئىتىنىڭ خېلى داڭقى بار.
پەلەستىنلىكەر ئەمگەكچان، باتۇر ھەم ناھايىتى ئەدەب-قائىدىلىك كېلىدۇ. ئۇچراشقاندا سالام-سەھەت قىلىشنى ئۆز ئارا ھۆرمەت دەپلا قارىماستىن، بەلكى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۆچ-ئاداۋەتنى ئۆچۈرىدىغان قورال دەپ قارىشىدۇ.
پەلەستىنلىكلەر قوشنىلار ئارا قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلايدىغان ناھايىتى ياخشى ئادىتى بار. ئۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە، بىرەر يېڭى قوشنا كۆچۈپ كەلسە، شۇ كۈنى ئۇنى ئۆيىگە چاقىرىپ زىياپەت بېرىدۇ. يېڭى قوشنا بولغىچىمۇ جاۋابەن قوشنىلارنى چاقىرىپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
پەلەستىنلىكلەر تۇرار جاي، كىيىم-كېچەك، ئۆلۈم-يىتىم، نەزىر-چىراق، يىمەك-ئىچمەك، ھېيت-ئايەم ئادەتلىرى ئاساسەن باشقا ئەرەب ئەللىرىگەن ئوخشىشى كېتىدۇ. ئەمما توي-تۆكۈن ئىشلىرىدا. باشقا مىللەتلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان قىزىقارلىق، ئۆزىگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرى بار.
توي تەكلىپى قويۇش كۈنى: بۇ كۈنى، يىگىت تەرەپتىن بىر كىشى (ئاتىسى ياكى ئائىلىدە ئورنى يۇقۇرى كىشى) قىز تەرەپكە بېرىپ، قىزغا «تەلەپ قويۇش» شېئىرى ئوقۇپ، يىگىتنىڭ تەكلىپىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يىگىتنىڭ شۇ قىزغا توي تەكلىپى قويقانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
«خۇشاللىق چىيى»: يىگىت قىزنى كۆچۈرۈپ كېلىش يولىدا، يول ئۈستىدىكى قوشنىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، بىر پىيالىدىن چاي ئىچىدۇ. مانا بۇ «خۇشاللىق چىيى» نى كۆرسىتىدۇ. بۇ چاغدا، باشقا ياشلار توپى بولغان يىگىتنىڭ بەدەنلىرىگە بەس-بەستە يىڭنە سانجىشىدۇ، گەرچە ناھايىتى ئاغرىپ كەتسىمۇ، يىگىپ يەنىلا خۇشال-خۇرام كەيپىياتنى ساقلايدۇ. بۇ يىگىتنىڭ تويى بولغاندىن خوشال ئىكەنلىكى ۋە ئەرلىك جاسارىتىنى نامايەن قىلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
«ئېيىق ئۇسۇلى»: توينىڭ ھارپا كۈنى،ئوغۇل-قىزلار تويى بولىدىغان قىزنىڭ ئۆيى ئالدىغا يىغىلىپ«ئېيىق ئۇسۇلى» ئوينىشىدۇ.قىز-يىگىتلەر يېرىم چەمبەر بولۇپ تىزىلىشقاندىن كىيىن،ئېيىق سۈرىتىدە ياسىنىۋالغان ياش ئوتتۇرغا چۈشۈپ، ئېيىقتەك ھۆركىرەپ، دۇمباققا تەڭكەش قىلىپ ئۇسۇل ئوينايدۇ،قايسى تەرەپكە يېقىنلاشسا،شۇ تەرەپتىكى دۇمباق ساداسى رىتىمى تىزلىشىدۇ.بۇ،ئېيىقتەك كۈچتۈڭگۈر جانلىقنىڭمۇ قىزنى قاچالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
«يەتتە قېتىم كىيىم ئالماشتۇرۇش»: تويى بولغان قىز تويىدا ئاق،قىزىل،يېشىل، سېرىق،كۆك،بىنەپشە، قارا بولۇپ جەمئىي يەتتە خىل رەڭدىكى كىيىملەرنى ئالماشتۇرىدۇ،ئەڭ ئاخىرىدا قارا رەڭلىك كىيىم كىيىپ يىگىت بىلەن ئۇسۇل ئوينايدۇ. مېھمانلار پۇلنىڭ ئۈستىگە ئۆزلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ تويغا قويۇشىدۇ.
ئۇزان مەزگىللىك ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى، دۆلەت ئىچىدىكى گاھ پەسىيىپ، گاھ ئەۋجىگە چىقىدىغان توقۇنۇشلار پەلەستىنلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىغا، ئىقتىساد ۋە مائارىپ تەرەققىياتىغا زور توسالغۇلارنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، سىتاتىسكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2000-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە پەلەستىن دۆلىتىدىكى ئىقتىسادى زىيان 16 مىليارد دوللارغا يەتكەن، ئىشسىرلىق نىسبىتى %38 كە يەتكەن. مائارىپ تەرەققىياتىمۇ نىسبەتەن ئارقىدا بولۇپ، ساۋاتسىزلىق نىسبىتى %11،6 كە يەتكەن (پەلەستىندە ئالىي مەكتەپتىن ئاران 8 ى بار). پەلەستىن خەلقىنىڭ قەلبىنى «توقۇنۇش»تىن ئىبارەت قارا بۇلۇت قاپلاپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما پەلەستىنلىكلەرنىڭ قەلنىدىكى تىنىچ-خاتىرجەم تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىد نۇرلىرى مەڭگۈ ئۆچۈپ قالمايدۇ... چۈنكى، تىنىچلىق، ئىناقلىق مەۋجۇت بولغاندىلا، ئاندىن تەرەققىياتنىڭ بولىدىغانلقىنى ئۇلار ئوبدان چۈشىنىدۇ


پەلەستىننىڭ خەرىتىسى

$ P/ b" W8 ]& Z- `( M

مەنبە
http://www.anwar.cn/redirect.php?tid=12339&goto=lastpost

没有评论:

发表评论