يەھۇدىيلارنىڭ مائارىپ پەلسەپەسى
بىلىم - مەڭگۈلۈك بايلىق
تارىختا يەھۇدىيلارنىڭ مەۋجۈدلۇق ۋە تەرەققىيات ھوقوقى كاپالەتكە ئىگە بولمىغاچقا، ماددىي بايلىقنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يوقلىدىغانلىقىغا، ئەمما بىلم ۋە ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئۆزلىرىگە مەڭگۈ ھەمراھ بولىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنگەن.
ئۇلار بىردىنبىر تايانچىسىنىڭ ئەقىل-پاراسەت ئىكەنلىكىنى، ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق بايلىق يارىتىپ، مەۋجۈت بولۇش، تەرەققىي قىلش بوشلۇقىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.
يەھۇدىي دىنىنىڭ دەستورى ھېسابلىنىدىغان «تەلمۇت»تا:
«دۇنيا ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ نەپەسلىنىشى بىلەنلا ئۇزاققىچە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ»،
«ئۆگەنگۈچىلەر يوق شەھەر گۇمران بولىدۇ»
دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ.
شۇڭا ھەر بىر يەھۇدىي ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىگە:
«كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆيگە ئوت كېتىپ، مال - دۇنيالار ئوتتا كۆيۇپ كەتسە، نىمىنى ئېلىپ قاچىسەن؟» دەپ سوئال قويغىنىدا،
كۆپ ساندىكى بالىلار :«پۇل» ياكى «ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى» دەپ جاۋاب بېرىشىدىكەن.
ئاتا-ئانىسى «شەكىلسىز، رەڭسىز، تەمسىز بىر نەرسە بار، ئۇنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسەن؟» دەپ قايتا سورايدىكەن،
پەرزەنتى جاۋاب بېرەلمىسە، ئاتا-ئانىسى:
«بالام ، سىلەر ئېلىپ كېتىدىغان نەرسە - پۇل ياكى ئۈنچە-مەرۋايىت ئەمەس، بەلكى بىلىمدۇر. چۈنكى بىلىمنى ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ. تىرىكلا بولساڭ، بىلىم ساڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ،
مەيلى قەيەرگە بارما، ئۇنى يوقىتىپ قويما» دەپ تەلىم بېرىدىكەن.
مەكتەپنى قەدىرلەش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش
يەھۇدىي جەمئىيىتىدە «پاراسەتلىك كىشى پادىشاھتىن ئۇلۇغ. پاراسەتلىك كىشىلەر ئۆلۈپ كەتسە، دۇنيادا ئەقىل-پاراسەتمۇ مەۋجۈت بولمايدۇ، ئەمما پادىشاھ ئۆلسە، ھەرقانداق پاراسەتلىك كىشىنىڭ شاگىرتى ئۇنىڭ ئورنىغا چىقالايدۇ» دەپ قارايدىكەن.
يەھۇدىيلار مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىكەن.
ئۇلار مەكتەپنى «مەۋجۈدلۇقنى ساقلاپ قېلىشتا سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان قۇدۇق» دەپ قارايدىكەن.
1919-يىلى يەھۇدىيلارنىڭ ئەرەبلەر بىلەن بولغان توقۇنۇشى بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، يېرۇسالىمدىكى ئىبراي ئۇنۋېرىسىتىتىغا توپ-زەمبىرەك سادالىرى ئىچىدە ئۇل سېلىنىپ، ئۇرۇش-توقۇنۇش ئىچىدىمۇ بۇ قۇرۇلۇش توختىتىپ قويۇلماي، 1925-يىلى پۈتۈپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.
ئىسرائىلىيەدە
ئىبراي ئۇنۋېرىستىتى،
تىلئاۋىف ئۇنۋېرىستىتى،
خەيفا ئۇنۋېرىستىتى،
ئىسرائىلىيە سانائەت ئۇنۋېرسىتىتى،
بارىلان ئۇنۋېرىستىتى،
بىگىن-گورىئان ئۇنۋېرىسىتىتى
قاتارلىق دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالتە ئۇنۋېرىسىتىت بار.
ئىسرائىلىيەدىكى نۇرغۇن ئۇنۋېرىسىتىتلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى خەلقئارا ئىلىم ساھەسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ.
ئۆگىنىش ـــ ئەقىل-پاراسەتنى ئاشۇرىدۇ
يەھۇدىيلار: «ئادەتتىكىچە ئۆگىنىش - بىر خىل دورامچىلىق، ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق يېڭىلىق ياراتقىلى بولمايدۇ، بىلىم ئۆگىنىشنىڭ پۈتكۈل جەريانلىرىنى چىڭ تۇتقاندىلا، ئەقىل-پاراسەتنى قېزىش ئارقىلىق ئىقتىدارنى نامايەن قىلغىلى بولىدۇ» دەپ قارايدۇ.
شۇڭا ئۇلار بىلىمىلا بار، ئەمما ئىقتىدارى يوق كىشىلەرنى «كىتاب ئارتىۋالغان ئىشەك»كە تەمسىل قىلىدۇ.
ئۇلار ئۆگەنگەندە چوڭقۇرلاپ بىلىم ئېلىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، «چوڭقۇر قۇدۇقنىڭ سۈيىنى تارتىۋەرسىمۇ تۈگىمەيدۇ، تېيىز قۇدۇقنىڭ سۈيى بىرلا تارتسا تۈگەپ كېتىدۇ» دەپ قارايدۇ.
مائارىپقا مەبلەغ سېلىش - ئەڭ ياخشى مەبلەغ سېلىش
ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، باشتىن-ئاخىر مائارىپنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. «مائارىپ ئارقىلىق دۆلەت قۇرۇش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق دۆلەت قۇرۇش» - ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئىنتىلىش نىشانى قىلىنغان.
رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلەرمۇ ئىزچىل رەۋىشتە «يوقىرى سۈپەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى مىللەتنىڭ مەۋجۈد بولۇپ تۇرۇش-تۇرالماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپكى مەسىلە» دەپ قارىغان.
1949-يىلى ئىسرائىلىيە «مەجبورىيەت مائارىپى قانونى»نى ئېلان قىلغان.
1953-يىلى «دۆلەت مائارىپ قانونى»نى ئېلان قىلغان.
1969-يىلى «مەكتەپلەر تەكشۈرۈش قانونى»نى ئېلان قىلغان.
ئىسرائىلىيە «كۆچمەنلەر دۆلىتى» بولغاچقا،
«دۆلەت مائارىپ قانونى»دا ئېنىق قىلىپ:
«ئىسرائىلىيە مائارىپىنىڭ نىشانى:
بىرى، ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ۋە ئىقتىدار ئۆگىتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش.
يەنەبىرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدىكى قوشۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت پەرقىنى يوقىتىپ، يېڭى بىر خىل يەھۇدىي مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش» دەپ بەلگىلەنگەن.
ئىسرائىلىيىنىڭ مائارىپقا سالغان مەبلىغى ئىنتايىن يوقىرى.
20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ ئىسرائىلىيىنىڭ مائارىپ خىراجىتى باشتىن-ئاخىر خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومىي قىممىتىنىڭ 8% ىنى ئىگىلەپ كەلگەن.
ئىسرائىلىيىنىڭ نوپوسى ئارانلا 5 مىليون نەچچە يۈزمىڭ.
ئەمما مەكتەپلەرنىڭ سانى 1 مىليون 380 مىڭدىن ئارتۇق.
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن پۇقرالارنىڭ نوپوسىنى نىسبەتلەشتۈرگەندە، ئامىرىكا ۋە كانادادىن تۆۋەن ، ياۋروپا ئەللىرىدىن يوقىرىكەن.
ئىسرائىلىيىدە ھەر 4500 كىشى ئىچىدە بىر پراففېسسور ياكى دوتسېنىت بار ئىكەن.
ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش
يەھۇدىيلار: «ئىلىم تەھسىل قىلىشنىڭ چېكى بولمايدۇ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش - بىر خىل مۇقەددەس بۇرچ، بىر ئادەم مەيلى قانچە ياشقا كىرگەن بولسۇن، قانچىلىك دەرىجىدە نامرات بولسۇن، توختىماي ئۆگىنىشى كېرەك» دەپ قارايدىكەن.
شۇڭا بارلىق يەھۇدىيلار «ئۆگەنگۈچى - مول بىلىمگە ئىگە كىشىدىنمۇ ئۇلۇغدۇر» دېگەن ئەقىدىگە ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىدىكەن.
ئۇلار يەنە «ئۆگىنىش ئارقىلىق ياشلىق باھار ۋە ياشلارغا خاس كەيپىياتنى ساقلاپ قالغىلى، ئۆگىنىش ئارقىلىق ‹بايلىق›قا ئېرىشىپ، مەنەۋىي جەھەتتە قانائەت ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ» دەپ قارايدىكەن.
مەنبە: «شىجاڭ ياشلىرى» ژورنىلى
مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/
没有评论:
发表评论