پەلەستىندە ۋەزىيەت كەسكىنلەشمەكتە
پەلەستىن – ئىسرائىلىيە مەسلىسىنىڭ ھەل بۇلۇشىىغا دائىر ئۈمۈتلەرنىڭ كۈنسايىن ئاجىزلىشىشى بىلەن بىرگە، پەلەستىندە ۋەزىيەت قاتتىق كەسكىنلەشمەكتە
(02-12-2008)
turkiye awazi radiosi xewiri:
پەلەستىن – ئىسرائىلىيە مەسلىسىنىڭ ھەل بۇلۇشىىغا دائىر ئۈمىتلەرنىڭ كۈنسايىن ئاجىزلىشىشى بىلەن بىرگە، پەلەستىندە ۋەزىيەت قاتتىق كەسكىنلەشمەكتە. پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى مەركەز كومتىتىنىڭ 2008-يىلى 24-نويابىردا مەھمۇت ئابباسنى كەلگۈسىدىكى پەلەستىن دۆلىتىنىڭ لىدىرى سۈپىتىدە سايلاپ چىقىشى ھاماس ۋە ئەل فەتىھ كېلىشەلمەسلىكىگە يەنە بىر مەسىلە تۇغدۇرۇپ بەردى.
نۆۋەتتە جەرەن گۈرسەلەرنىڭ بۇ تىماغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى ھۇرزۇرڭلارغا سۇنىمىز.
ھاماس بۇ سايلامغا قارىشى چىقماقتا. ھاماس بۇ سايلامنىىڭ ئاساسى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ، مەركەر كومتىتىنىڭ بۇنداق ھوقۇقى يوقلىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. كىينىكى مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىققان تەرەققىياتلارنىڭ، ئابباسنىڭ 9-يانىۋاردا پەلەستىن ئاپتونۇم ئىدارە ھاكىميىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 9. يانىۋاردىن كېيىن، ھاماس ۋە رەھبەرلىك كومتىتى ئارىسىدا تىمىغا مۇناسىۋەتلىك كۆز قاراشلارنىڭ پەرقىلىق بولۇشىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچۈرىشى بىلەن بىرگە ھاماسنىڭ تەسىر دائىرسىدىكى گاززەدە ھاماسنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەيدىغان دۆلەت باشلىقىنى ئابباسنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بىرلىشىنى مەقسەت قىلىنغانلىقى بىلىنمەكتە، چۈنكى ئابباس: پەلەستىن ھاكىميىتىگە ئىگىدارچىلىق قىلماقچى بولىۋاتىدۇ.
داۋالغۇش پەيدا قىلغان باشقا بىر مەسىلە بولسا، ئابباسنىڭ 2009-يىلى ئاپرىل ئېيىدا پارلامىنت ۋە رەئىسلىك سايلامنى ئۆتكۈزۈش ۋە ئۆتكۈزمەسلىك توغرىسدا قارار بىرىشىدۇر. ئادەتتە، پارلامنىت سايلىمى 2010 – نويابىردا ئۆتكۈزىلىدۇ. ھاماس گاززەدە سايلامنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگە توسالغۇ بولغان تەقدىردە، سايلامنىڭ پەقەت ئېئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىدا ئېلىپ بىرىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مىللى مۇرەسسە كۆرۈشۈشلىرى تەكرار مۇۋاپىقىيەتسىزلىك بىلەن ئاخىرلاشقان تەقدىردە، مۇدەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش سىگنالىنى بەرگەن ئابباس، مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە،ھاماسقا يىلنىڭ ئاخىرغىچە ۋاقىت بەردى. ئابباس، ئۆزنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشقا ئاز قالغانسىرى ۋە ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسلىسىنى 2008 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچە ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئيىتقان جورجى بوش ھاكىميىتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشقا ئاز قالغانسىرى ،ھاماسنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا ئورۇنۋاتىدۇ.
ھاماس رەئىسلىك سايلىمنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئېلىپ بىرلىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، پارلامېنىت ۋە رەئسىلىك سايلىمىنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلىپ بىرىلىشنىڭ ئاساسى قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ھاماس، سىىتىراتىگىيە جەھەتتە، ئابباسنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتىش مەسىلىسىدە پەقەت ئىلگىرى سۈرۈلگەن شەرتلەر ئورۇندالغان ئەھۋل ئاستىدا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇرمەكتە. مەسىلەن، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئېئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىدىكى ھاماسنىڭ ئادەملىرىنى ۋە قوللىغۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلماسلىق، پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتىدا ئىسلاھات ئېىلپ بىرىپ پەلەستىنىڭ سىياسى ۋەزىيىتىگە تەسىر قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە بۇ شەرتلەرنىڭ پەلەستىن قانۇن تۈزۈش مەجىلىسدە قارار ئارقىلىق ئىناۋەتكە ئىگە قىلىنىشىنى مۇرەسسە قىلالمىغان ئىدى.
پەلەستىندە مەنزىلى كۆرۈنمىگەن غۇۋا ۋەزىيەت ھۆكۈم سۇرۇش بىلەن بىرگە پەلەستىن – ئىسرائىلىيە مۇزاكىرىسىدىمۇ ئىلگىرلەش ھاسىل بولمىدى. ئاناپولىس باسقۇچىنىڭ مۇۋاپىقىيەتسىز ئاخىرلىشىشى ۋە بوش ھاكىميىتىنىڭ 2009 – يىلى يانىۋاردا ۋەزىيە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشى تۈپەيلى پەلەستىندىكى تەرەپلەر قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرماقتا.
ئابباس، ھەر قانداق بىر مەسىلەدە ئىلگىرلەش ھاسىل بولمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە،لىكىن بىر پەلەستىنلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋام قىلىشىنى ۋە نەتىجلىك ئاياقلىشىشنى ئارزۇ قىلغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ئابباس، مۇزاكىرە جەريانىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ ھىچ بىرىنى ئىشقا ئاشۇرمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئابباس بۇنىڭغا يەھۇدىلارنىڭ يەرلىشىش ئەھۋالى ۋە ئېئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدا پاسىل قۇرۇلۇشلىرىنىڭ داۋام قىلۋاتقانلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ قوراللىق ھالدىكى ئارلىشىشى، شەرقى قۇددۇستا پەلەستىن مۇئەسسەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت قىلماسلىقى قاتارلىق ئىشلارنى مىسال قىلدى.
ئىسرائىلىيەدە 2009-يىلنىڭ بېىشىدا سايلام ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى تۈپەيلىدىن مۇزاكىرەلەرگە بەرگەن ئىتىبار سىياسىتى تۆۋەنلەيدۇ. بوش، ئىسرائىلىيە باش مېنىستىرى ئەھۇد ئولمەرت بىلەن ئېلىپ بارغان كۆرۈشۈشتە، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت مەنپەتىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
پەلەستىنلىكلەر، سىياسى باسقۇچقا تەسىر قىلىدىغان مۇھىم قارارلارنى ئالدى، خەلقئارانىڭ ئىران، ئىراق ۋە ئىقتىسادى پۇل مۇئامىلە كىرزىسى بىلەن بەنت بولۇپ قېلىشى ئەمىليەتتە، پەلەستىندە مۇقۇمسىزلىقنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ بىشارىتىدۇر. چۈنكى، ئەلفتىھ ۋە ھاماس قاتارلىقلارنىڭ كىلىشپ قېلىشىغا يېتەرلىك دەرىجىدە بېىسم ئىشتىلمەسلىكى ۋە پەلەستىن – ئىسرائىلىيە مۇزاكىرىلىرىنى قايتىدىن باشلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۇزۈلۈش ۋاقتىنىڭ ئارقىغا سوزۇلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ھاماسنىڭ قىسقا مەزگىلدە، گاززادىكى ئۈستۈنلىكىگە داغ يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق سۆز ياكى يول قويۇش پوزىتسىيىسىدىن ئۇزاق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئەل فەتىھنىڭ بولسا ئېىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدا تەسىر دائىرسىنى داۋام قىلىش، ھاماسنى يېتىم قالدۇرۇش ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋام قىلىشى ۋە جانلىنىشى ئۈچۈن تاشقى ياردەمگە ئىرىشىش قاتارلىقلار جەھەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ باردىغانلىقى بىلىنمەكتە
مەنبە
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=fece3877-ccfd-4d43-88d2-7ddc55d598c1
没有评论:
发表评论