باغدادتىكى يەھۇدىيلار
2008- 06- 11 15:12 «شىنجاڭ گېزىتى»
يەھۇدىيلار باغدادقا سۈرگۈن قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، بۇ يەردە 2500 يىلدىن كۆپرەك ياشىغانىدى، ھازىر ئۇلار باغدادتىن تەدرىجىي يوقۇلۇشقا باشلىدى.
«نيۇ – يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 2008 - يىلى 1 – ئىيۇندىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، باغدادتىكى يەھۇدىيلار ئونغىمۇ يەتمەيدىكەن، ئۇلار ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياشاپ، ھەتتا ئىسمىنى ئاشكارىلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىكەن.
بۇ خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: «يېرىم ئەسىر ئىلگىرى، ئىراقتىكى يەھۇدىيلارنىڭ سانى 130 مىڭدىن ئاشاتتى. ئەمما ھازىر، ئىلگىرى ‹يەھۇدىيلار مەھەللىسى› دەپ ئاتالغان باغداد شەھىرىدە چوقۇم ئون يەھۇدىي ئەر قاتنىشىش زۆرۈر بولغان رەسمىي ئىبادەتكىمۇ ئادەم توپلىغىلى بولمايدۇ. ئۇلار ھەتتا ھەقىقىي ئادەم سانىنى ئاشكارىلاشتىنمۇ قورقىدۇ. ئىسرائىلىيىدىكى يەھۇدىيلار ئاپپاراتىنىڭ يېقىندا مۆلچەرلىگەن ئادەم سانى يەتتە، ئەمما بىر خرىستىئان دىنى تارقاتقۇچىسى سەككىز دېدى».
قېپقالغان يەھۇدىيلارنىڭ بىرى ئىلگىرى ئاپتوموبىل سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، «نيۇ – يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىر خەۋىرىدە بۇ كىشىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: «گەرچە ‹يەھۇدىي ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلەنسەممۇ، ئەمما ناھايىتى ئېھتىيات قىلىمەن، زىيارەتنى راست ئىسمىم بىلەن قوبۇل قىلىشنىمۇ خالىمايمەن›، ئەگەر ئىسمىم تىلغا ئېلىنسا، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ دىققىتى قوزغىلىپ، ئۆزۈم ۋە دوستلىرىمغا خەۋپ يېتىدۇ» دېيىلدى.
بۇ يەھۇدىي: «ئاشكارا يىغىلىش تەدرىجىي خەۋپكە ئايلانغاندىن كېيىن، باغدادتىكى ئەڭ ئاخىرقى يەھۇدىيلار ئىبادەتخانىسى 2003 – يىلى تاقىۋېتىلدى، ئۇ جايدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ يىغىلىش قىلىدىغان سورۇنى قالمىدى. مەن ئۆيۈمدە ئىبادەت قىلىمەن، ئەگەر بىز تاقىۋېتىلگەن ئىبادەتخانىنى ئاچساق، نىشانغا ئايلىنىپ قالىمىز. مېنىڭ بۇ يەردە كەلگۈسۈم يوق، توي قىلىشقا ئامالىممۇ يوق، چۈنكى بۇ يەردە ماڭا لايىق قىز يوق» دېدى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: «دىنىي ئەسەبىيلەرنىڭ ۋەھىمىسىدە، نۇرغۇن يەھۇدىي ئىراقتىن كەتتى. قېپقالغانلىرىنىڭ بەزىلىرى ياشىنىپ قالغانلىقتىن كېتىشكە ئامال قىلالمىدى، يەنە بەزىلىرى دوستلىرىدىن ئايرىلىشقا قىيالمىدى»
«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دىن
مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/
ـــــــــــــــــــــــــــــــــ
没有评论:
发表评论