گەرچە يەھۇدىيلار پۈتۈن دۇنيا ئاھالىسىنىڭ 0.3 پىرسەنتىنى ئىگىلىسىمۇ، لېكىن پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا.
ئاز ساندىكى يەھۇدىيلار نىمە ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا بايلاردىن بولۇپ قالىدۇ؟ بۇنىڭدا قانداق سىر بار؟
بۇ سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئەمەلىيەتتە ئانچە قىيىن ئەمەس.
يەھۇدىيلارنىڭ باي بولۇش سىرى
دۇنيانىڭ بايلىقى - يەھۇدىيلارنىڭ يانچۇقىدا.
يەھۇدىيلارنىڭ بايلىقى - ئۇلارنىڭ كاللىسىدا.
ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى يەھۇدىيلار ئامېرىكا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئۈچ پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدۇ.
ئەمما ھەر يىلى «بايلىق»ژورنىلى تاللىغان ئامېرىكىدىكى ئەڭ كاتتا باينىڭ 20 - 25 پىرسەنتى يەھۇدىي كارخانىچىلاردۇر.
تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پۈتۈن دۇنيادىكى پۇلدار كارخانىچىلارنىڭ يېرىمى يەھۇدىيلاردۇر.
ئىسرائىلىيىدىن باشقا جايلاردا يەھۇدىيلار شۇ جايدىكى «ئەڭ باي ئاز سانلىق مىللەت»تۇر.
گەرچە يەھۇدىيلار پۈتۈن دۇنيا ئاھالىسىنىڭ 0.3 پىرسەنتىنى ئىگىلىسىمۇ، لېكىن پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا.
ئاز ساندىكى يەھۇدىيلار نىمە ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا بايلاردىن بولۇپ قالىدۇ؟ بۇنىڭدا قانداق سىر بار؟
بۇ سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئەمەلىيەتتە ئانچە قىيىن ئەمەس.
مالىيە ئىشلىرىدا پۇلنى ئۈچكە بۆلۈش
يەھۇدىيلار، پۇل گەرچە ھەممە جايدا ئاقسىمۇ، ھەممىگە قادىر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى قولدىن چىقىرىپ قويغاندا بايلىق توپلىغىلى بولمايدۇ،دەپ قارايدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىۋى مالىيە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدا، ھەرقانداق شارائىتتا قولىدا بار پۇلنىڭ ئۈچتىن بىرىنى خەجلىمەي يىغىپ قويىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا بايلىق توپلىغىلى بولىدۇ.
خۇددى رابى ئىسخاك ئېيىتقاندەك:«مالىيە ئىشلىرىنى كۆڭۈلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، قولىدىكى پۇلنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يەر سېتىۋېلىش(بۇ ئەڭ ياخشى ئامانەت قويۇش ئۇسۇلىدۇر)، ئۈچتىن بىرىنى تاۋار ئوبروتىغا ئىشلىتىش، ئۈچتىن بىرىنى ياندا ساقلاش» كېرەك.
ئەمەلىيەتتە، بۇ ھازىر كىشىلەر تەۋسىيە قىلىۋاتقان بىخەتەر مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىدۇر.
يەھۇدىيلار بۇ خىل مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىنى ناھايىتى بۇرۇنلا قوللانغان، ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ ئالدىن بىلگۈچى ۋە ئالدىن سەزگۈچى خەلق ئىكەن.
مائارىپ بىلەن دىن ئوخشاشلا مۇقەددەستۇر
يەھۇدىيلار مائارىپنى بىر خىل مۇقەددەس دىننىي مەجبۇرىيەت دەپ بىلىدۇ، ئەڭ نامرات ئائىلىلەرمۇ پەرزەنتلىرىنى كۆپرەك تەربىيىگە ئىگە قىلىشقا تىرىشىدۇ.
بىر تۈرلىك ستاتسكىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئامېرىكىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي مەكتەپ تەربىيىسى ئېلىش نىسبىتى ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيىدىن بەش ھەسسە يۇقۇرى تۇرىدىكەن. ھازىرقى زاماندا مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش، تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلىم ۋە پۇلغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
يەھۇدىيلاردا تىلەمچى يوق
يەھۇدىيلار ئىجىتمائىي تەشكىلات تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىدۇ، ساخاۋەت ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ ھەم ئىجىتمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىدۇ. «نامراتلارغا سەدىقە بېرىش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش» يەھۇدىي دىننىي مۇرىتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.
جەمئىيەتشۇناسلار يەھۇدىيلاردا تىلەمچى يوقلىقىنى ناھايىتى بۇرۇنلا بايقىغان. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيىتقاندا، ھەرقايسى جايلاردىكى يەھۇدىيلارنىڭ تۇرمۇشى باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ياخشى.
يەھۇدىيلارنىڭ ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش روھىنى ھەرقانداق جاي، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇچىراتقىلى بولىدۇ.
تارىخىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ ئولتۇراقلىشىشقا مەجبۇر بولغان، بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارنىڭ سودا جەھەتتىكى ئۈنتۈنلۈكىگە ئايلانغان.
يەھۇدىيلاردا چەكلەنگەن كىتاپ يوق
يەھۇدىيلار ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلىنغان كىتاپلارنىمۇ چەكلىمەيدۇ. يەھۇدىيلاردىكى كىتاپنى قەدىرلەش ئەنئەنىسى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، كىشىلەر قەلبىگە ئورناپ كەتكەن. ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى تەكشۈرىشىدىن مەلۇم بولىشىچە، يەھۇدىيلارنى ئاساس قىلغان دۆلەت ئىسرائىلىيىدە، 14ياشتىن يۇقۇرىلار ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ئايدا بىر كىتاپ ئوقۇيدىكەن. پۈتۈن مەمىلىكەت بويىچە ئاممىۋى كۇتۇپخانا، ئالىي مەكتەپ كۇتۇپخانىسى بولۇپ مىڭدىن ئارتۇق كۇتۇپخانا بار ئىكەن، ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 4500كىشىگە بىر كۇتۇپخانا توغرا كېلىدىكەن. 4مىلىيون 500مىڭ ئاھالىسى بار ئىسرائىلىيىدە كىتاپ ئارىيەت ئېلىش كىنىشكىسى بېجىرگەنلەر بىر مىلىيونغا يېتىدىكەن.
كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كۇتۇپخانا، نەشىرىيات ۋە ھەر بىر كىشىنىڭ يىلدا ئوقۇيدىغان ئوتتۇرىچە كىتاپ سانى نىسبىتىدە، ئىسرائىلىيە دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
پۇلدارلار ئىستىمالدا باشلامچىلىق رول ئوينايدۇ
مەلۇم خىل تاۋارنى مودا تاۋارغا ئايلاندۇرۇشتا، مۇھىمى بۇ خىل تاۋارنى پۇلدارلار ئارىسىدا مودىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. يۇقۇرى تەبىقە جەمىيىتىدە مودا بولغان تاۋارلار ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا ناھايىتى زور تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
سودىدا چوقۇم ئارام ئېلىش كېرەك
ھەر جۈمە كۈنى كەچتىن شەنبە كۈنى كەچكىچە يەھۇدىيلار ھاراق، تاماكىدىن ئۆزىنى تارتىدۇ، بارلىق ناشايان خىياللارنى چۆرۈپ تاشلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ، سودا پائالىيىتى پۈتۈنلەي توختايدۇ.
ئىلاھ ئاڭلىيالايدۇ
يەھۇدىيلار ئۆزئارا سودا قىلغاندا، توختامنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاغزاكى ۋەدىسى تولۇق چەكلەش كۈچىگە ئىگە، ئۇلار ئاغزاكى ۋەدىمىزنى «ئىلاھ ئاڭلىيالايدۇ»دەپ قارايدۇ.
ئىجارىگە ئېلىش، سېتىۋالماسلىق
كاتتا يەھۇدىي بايلار ياشىنىپ قالغاندا يەنىلا ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان بولسا، داۋاملىق ئىجارە تۆلەشكە رازىكى، ئۆي سېتىۋېلىشنى خالىمايدۇ،
ئۇلار: «مەن بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىمەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق نىمە ئۈچۈن ئۆينى باشقىلارغا قالدۇرۇپ قويىمەن» دەيدۇ.
قانۇنغا خىلاپ بولمىسىلا بولدى
ئاتالمىش «قانۇننىڭ يوچۇقى» - قانۇننىڭ مەلۇم ھەرىكەتلىرىگە سۈكۈت قىلىشىدۇر. يەھۇدىيلار دەل قانۇن سۈكۈت قىلىدىغان سودىنى قىلىشقا ھېرىسمەن.
جەبىر-جاپامۇ بايلىق
بوران-چاپقۇندىن كېيىنكى ھەسەن-ھۈسەننى يەھۇدىيلار ئۈمىد دەپ قارايدۇ. ئۇلار «يورۇقلۇق قاراڭغۇلۇقنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان، جەبىر-جاپامۇ بايلىق» دەپ قارايدۇ.
يەھۇدىيلار ئىزچىل تۈردە پەرۋەردىگار ۋە پۇلغا ئىشىنىپ كەلگەن، ئۇلار مەيلى قانچىلىك جەبىر-جاپا تارتساقمۇ ھامان پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان «زېمىن»غا قايتىمىز، دەپ قارايدۇ.
مەنبە:«تەرمىلەر» ژورنىلى
مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
没有评论:
发表评论