2009年1月17日星期六

فاتاخ بىلەن خاماسنىڭ ئىختىلاپى

ئىخچام




پەلەستىندە «فاتاخ» بىلەن «خاماس»تىن ئىبارەت

ئىككى قېرىنداشنىڭ ئەپلەشمىكى نىمە ئۈچۈن تەس؟



2007-07-04 «شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى» خەۋەرلەر تورى
«تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى»


يېقىندىن بۇيان، پەلەستىندە يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەزھەپلەر توقۇنۇشى يۈز بېرىپ، خاماس قوراللىق كۈچلىرى فاتاخ بىلەن بولغان توقۇنۇشتا، غەززە رايونىنى كونترول قىلدى.
پەلەستىن مىللىي ھوقوقلۇق ئاپپاراتىنىڭ رەئىسى ئابباس2007- يىلى 6- ئاينىڭ 20- كۈنى سۆز قىلىپ، خاماس ئەزالىرىنى «تېررورچىلار» دەپ ئاتىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ غەززە رايونىنى زۈلمەت دۇنياغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى ئەيىپلىدى.

فاتاخ بىلەن خاماس ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشەلمەسلىكنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟
ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ قېتىملىق توقۇنۇشنىڭ خاراكتىرىنىڭ ئىلگىرىكى توقۇنۇشلارغا ئوخشاشمايدىغان قانداق يەرلىرى بار؟

ئەرافات ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، پەلەستن ۋەزىيىتى بىر مەھەل مۇقىم بولدى.
ئەمما، خاماس 2006- يىلى 1- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 2- نۆۋەتلىك پەلەستىن قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتى سايلىمىدا پەلەستىن سىياسىي سەھنىسىگە ئۇزۇن مەزگىل يېتەكچىلىك قىلىپ كەلگەن پەلەستىن ئازادلىق ھەركىتى- «فاتاخ»نى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى.
پەلەستىن مىللىي ھوقوقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى بولغان ئابباس «خاماس»قا ئۇخشاش كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولغان تەشكىلاتنى «فاتاخ» يېتەكچىلىكىدىكى پەلەستىن سىياسىي تۈزۈلمىسىگە ئېلىپ كىرمەكچى بولدى.
«خاماس» بولسا، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پەلەستىن جەمئىيىتىگە بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشنى ئويلىدى.
ھەر ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشنى ئويلىغانلىقتىن، پەلەستىن ئەرافات دەۋرىدىن كېيىنكى ئىچكى جەھەتتە تەرتىپكە سېلىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى.
بۇ مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ ئورتاقلىق ھاسىل قىلغان ھەمدە ھەمكارلاشقان بولسىمۇ، ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلار ئۈزۈلۈپ باقمىدى.
ئەمما، بىزنىڭ ھازىر كۆرىۋاتقىنىمىز ئىككى تەرەپنىڭ تەدرىجىي يىراقلىشىشىدىن ئىبارەت بولۇپ،
بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار بار:

ئىچكى ئامىلنى ئېلىپ ئېيتساق،
ئاساسلىقى ئىككى تەرەپنىڭ خاماس كونتروللۇقىدىكى ھەربىي كۈچلەر ۋە پەلەستىن خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ كونتروللۇق ھوقوقى قاتارلىق بەزى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىختىلاپلىرىدا ئىپادىلىنىدۇ.
فاتاخ باشتىن- ئاخىر خاماس ئۆز ئالدىغا قۇرغان ئىجرا قىلغۇچى قىسىمنى تارقىتىۋېتىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.
ئەمما بۇ قىسىم خاماسنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش ئاساسى دەپ قارالغاچقا، خاماسنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.
بۇ يىل 3- ئايدا، سەئۇدىي ئەرەبىستانى قاتارلىق ئەرەب ئەللىرىنىڭ كېلىشتۈرۈشى ئاستىدا، خاماس بىلەن فاتاخ بىرلەشمە ھاكىمىيەت تەشكىللىگەن بولسىمۇ، بۇ ئىختىلاپ ھەل قىلىنمىدى.
ئىككى تەرەپ يەنىلا خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا قوماندانلىق قىلىش ھوقوقىغا ئىگە بولغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى مەسىلىسىدە تالاش- تارتىش قىلدى، ھەتتاكى قوراللىق توقۇنۇشتى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى مەزھەپنىڭ سىياسىي پروگراممىسىدا ماھىيەتلىك پەرق بولغانلىقتىن، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيىسى ۋە ئىسرائىلىيىگە قاراتقان سىياسىتىدە ئىختىلاپ كۆرۈلدى.
ئابباس «ئىسرائىلىيىگە قارىتا زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىش، ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىش، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش» قاتارلىق مۆتىدىل سىياسەتلەرنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلدى.
ھانىياھ بولسا خاماسنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قاتتىق قوللارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا، «ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلماسلىقتا چىڭ تۇردى»

تاشقى ئامىلنىڭ تەسىرى ئاساسلىقى ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ خاماس سەھنىگە چىققاندىن باشلاپلا دېپلۇماتىيە ۋە مالىيە جەھەتتە بېسىم ئىشلىتىپ، خاماس ھۆكۈمىتىنى قىيىن ئەھۋالدا قويغانلىقىدا ئىپادىلەندى.
بۇ ئوبىيكتىپ جەھەتتە «فاتاخ»نىڭ «خاماس» بىلەن بىر سەپتە تۇرماسلىقىنى كۈچەيتىۋەتتى.
شۇنداقلا ئابباس رەئىس بولغان «پەلەستىن مىللىي ھوقوقلۇق ئورگىنى» بىلەن خاماس رەھبەرلىكىدىكى «ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى»دىن ئىبارەت تەڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان ئىككى ھوقوق مەركىزىنى شەكىللەندۈردى.

خاماسنىڭ «قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشنى خالىماسلىق، ئىسرائىلىيىنىڭ ئېتىراپ قىلماسلىق» سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتكە ياتمايدىغان تەرەپلىرى بار بولۇپ، بۇ پەلەستىن- ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىگە پايدىسىز.
ئەمما، «خاماس»نىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن سايلامدا غەلبە قىلىشى - ئۇنىڭ كۆرەش قىلىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، خەلق رايىنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ نەتىجىسى ھىساپلىنىدۇ.

ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ قېتىمقى توقۇنۇش بىلەن ئىلگىرىكى توقۇنۇشلار ماھىيەت جەھەتتە پەرقسىز بولۇپ، بۇ قېتىمقى توقۇنۇش ئىلگىرىكى توقۇنۇشلارنىڭ داۋامى ھىساپلىنىدۇ.
ئوخشاشمايدىغان يېرى پەقەت بۇ قېتىم ئىش چوڭىيىپ قالدى.

ئابباسنىڭ ھانىياھنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىغا قارىتا، ئامېرىكا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇزۇندىن بۇيان، ئامېرىكا پەلەستىن ئىچكى ۋەزىيىتىگە قارىتا قانداق سىياسەت قوللىنىپ كەلدى؟ پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە بۇ خىل سىياسەتنىڭ قانداق مەسئۇلىيىتى بار؟

ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان سىياسىتى ئىسرائىلىيىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىغا قارىتا، ئامېرىكا لىنىيە خەرىتىسى پىلانىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولسىمۇ، دېمۇكىراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پەلەستىن- ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەلەستىن مىللىي ھوقوقلۇق ئورگىنىدىن «يېڭى رەھبەرنى سايلاپ چىقىش، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش، مۇكەممەل بولغان ئەدلىيە ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، مالىيە ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تەسىس قىلىش قاتارلىق بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى» تەلەپ قىلدى.
كېيىنكى مەزگىللەردە، ئەرافات ئامېرىكىنىڭ زور بېسىم ئىشلىتىشى ئاستىدا، «ۋاقىتلىق ئىچكى كابىنت قۇرۇش، نىگىزلىك قانۇننى تەستىقلاش، پەلەستىن خەۋپسىزلىك قىسمىنىڭ قوماندانى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە مالىيە مىنىستىرىنى ئالماشتۇرۇش» قاتارلىق بىر قاتار ئىسلاھات پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى ھەمدە 2003- يىلنىڭ باشلىرىدا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا يەنە ئەرافاتنىڭ «پەلەستىن ئىچكى قىسمىدىكى رادىكال كۈچلەرگە زەربە بېرىپ، خاماس قاتارلىق رادىكال تەشكىلاتلارنى قورالسىزلاندۇرۇشىنى» تەلەپ قىلدى.
بۇ مەقسىدىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن، ئامېرىكا پەلەستىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، ئىسرائىلىيىنىڭ ئەرافاتقا قارىتا ئايرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشىغا قاراپ تۇردى. «لىنىيە خەرىتىسى پىلانى» توختىتىپ قويۇلدى.

ئەرافات ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا دېمۇكىراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە پەلەستىنگە داۋاملىق بېسىم ئىشلەتتى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بىلايىر بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا «پەلەستىننىڭ تەقدىرى پەلەستىنلىكلەر ئۆزىنىڭ قولىدا. ئەگەر سىلەر ئەركىن، دېمۇكىراتىك بولغان جەمئىيەتكە ئىھتىياجلىق بولمايمىز دىسەڭلەر، بىز ھىچنىمە قىلالمايمىز» دېدى.

بۇش يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن،
بىر تەرەپتىن «تىنچلىق لىنىيە خەرىتىسى» پىلانىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرسە،
يەنە بىر تەرەپتىن ئابباس باشچىلىقىدىكى پەلەستىن مىللىي ھوقوقلۇق ئاپپاراتىنىڭ داۋاملىق ھالدا دېمۇكىراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى.
دەل مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئالدىدا، خاماس سايلام ئارقىلىق سىياسىي ئېقىمغا كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

«خاماس»نىڭ سايلامدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى «فاتاخ»قا نىسبەتەن ئېغىر زەربە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەلەستىننىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىي مۇساپىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى.
بۇنداق نەتىجىنىڭ بولۇشىنى ئامېرىكا ئۈمىد قىلمايتتى.
ئامېرىكا دەسلەپتە دېمۇكىراتىك سايلام ئېلىپ بېرىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سايلام نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمىدى.
بۇ قاتلامدىن قارىغاندا، پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان دىيىشكە بولىدۇ.

ھازىر، ئامېرىكا يەنە ئابباسنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خاماسقا قارىتىلغان بېسىمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە گازا رايونىدىكى رادىكال كۈچلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىشنى پىلانلىماقتا.

مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/

تولۇق ئوقۇش

ئوق ئاۋازى ئۈزۈلمەيدىغان غەززە

ئىخچام



ئوق ئاۋازى ئۈزۈلمەيدىغان غەززە


2007-07-24 11:28 «شىنجاڭ گېزىتى»
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


ھەر ۋاقىت نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى

بىلگىلى بولمايدۇ



مۇخبىرىمىز شۇنچە چوڭ ئېرېز تەكشۈرۈش پونكىتىدىن يالغۇز ئۆتتى، ئەتراپ ئىنتايىن تىنچ ئىدى. مۇخبىرىمىز قولىغا
«M16»
بەلگىلىك ئاپتومات كۆتۈرۈۋالغان ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ساشادىن: ھازىر ۋەزىيەت مۇقىملاشتىمۇ؟ دەپ سورىغاندا،
ئۇ: كىم بىلىدۇ؟ ھەر ۋاقىت ئىش چىقىپ تۇرىدۇ، چىققاندىمۇ چوڭ ئىش چىقىدۇ، بىز بۇنى كۆپ كۆرگەن. تەلىيىڭىز ئوڭدىن كەلسۇن، قاتتىق ئېھتىيات قىلىڭ، دېدى.
تەكشۈرۈش پونكىتىدىن چىقىشتا خۇددى سىرلىق ئوردىغا ئوخشايدىغان بىر قانچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكترونلۇق ئىشىكتىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. بۇنى ئىسرائىلىيە يېڭىدىن قۇرغان بولۇپ، بىر يىل ئىلگىرىكى ئاددىي ھالەتتىكىگە ئوخشىمايتتى.
مۇخبىرىمىز ئېلېكترونلۇق ئىشىكتىن چىققاندىن كېيىن تۇيۇقسىز كۆڭلى يېرىم بولدى. ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزاق ئىشلىگەنلەر گازانىڭ ئەھۋالىنى بىلەتتى.

غەززە - ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبتا مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلى، شەرقىي شىمالدا ئىسرائىلىيە بىلەن تۇتىشىدۇ.
سۇۋەيش قانىلى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى بۇ يەر ئىزچىل ياۋروپا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئافرىقا ئارىسىدىكى ئاساسلىق سودا يولى ۋە مىللەتلەرنىڭ كۆچۈشىدىكى يول بولۇپ، يېزىق تارىخى 5000 يىلدىن ئاشىدۇ.
غەززە يەنە ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەجدادلىرى ياشىغان جاي، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ بوۋىسى مۇشۇ يەردە دەپنە قىلىنغان.
ھالبۇكى، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىك بۇ يەرنى«جەڭنىڭ ئاياغلىشىشىنى مەڭگۈ كۆرگىلى بولمايدىغان» جەڭگاھقا ئايلاندۇرۇپ قويغان.

پەلەستىن تەرەپكە كىرگەندىن كېيىن ئەھۋال باشقىچە ئىدى. يولدا ئېغىر تىپتىكى تانكىنىڭ ئىزلىرى قالغان بولۇپ، نۇرغۇن ئاسفالت يول يۈزى يېرىلغاندىن كېيىن گىرەلىشىپ كەتكەن ئىدى؛ يول بويلىرىدىكى ئىمارەتلەر زەمبىرەك ئوقىدا ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ كەتكەنىدى، بەزى ئىمارەتلەرنىڭ يېرىمىلا، بەزىلىرىنىڭ ئۇلىلا قالغانىدى. 200 مېتىر نېرىدا پەلەستىننىڭ تاكسى توختايدىغان مەيدانى بار بولۇپ، يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى. بىر قانچە تاكسى شوپۇرى خېرىدار ساقلاۋاتقان بولۇپ، مۇخبىرىمىزدىن باشقا خېرىدار يوق ئىدى.


بانكا ئالدىدىكى كەيپىيات ئانچە جىددىي ئەمەس


غەززە شەھىرىگە بارىدىغان يولنىڭ نامى «سالاھىدىن كوچىسى» بولۇپ، ئىنتايىن كونا ئىدى.
بۇ كوچا ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، شەھەر مەركىزىدىكى كونا قەبرىستانلىقتىن ئۆتەتتى، ئوڭغا ئەگىلگەندە مۇستەقىللىق كوچىسىغا بارغىلى بولاتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى گازادىكى ئەڭ داڭلىق كوچىلار ئىدى.
مۇخبىرىمىز شەھەر مەركىزىدىكى «رەشىد شېۋار مەدەنىيەت مەركىزى»دە دەلدەڭشىپ مېڭىۋاتقان بىر بوۋايغا يولۇقتى،
بوۋاي مۇخبىرىمىزنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ نەدىن كەلگىنىنى سورىدى،
مۇخبىرىمىز جۇڭگودىن كەلگەنلىكىنى ئېيتقاندا،
بوۋاي: «ئۇ دېگەن جۇئېنلەينىڭ يۇرتى، جۇڭگو ھەقىقەتەن ياخشى دۆلەت» دېدى.
ئاندىن ئۇ مۇخبىرىمىزدىن نېمە ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى سورىدى.
مۇخبىرىمىز زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ئېيتقاندا،
ئۇ: «تېز كېتىڭ، بۇ يەر بىخەتەر ئەمەس، سىرتقا چىقمىغىنىمغا نەچچە كۈن بولدى، ئوغلۇم، نەۋرىلىرىمنىمۇ كوچىغا خالىغانچە چىقارمايمەن، قوشنامنىڭ ئىككى بالىسى توقۇنۇشتا غايىبتىن تەگكەن ئوقتا ئۆلدى» دېدى.
مۇخبىرىمىز «قانۇن چىقىرىش كومىتېتى»نىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، بۇ ئىمارەتنىڭ ناھايىتى كونىراپ كەتكەنلىكىنى، ھەتتا دەرۋازىۋەننىڭمۇ يوقلۇقىنى كۆردى.
غەززە بانكىسى بۇنىڭغا قارىغاندا سەل ياخشىراق ئىدى، تاكسى شوپۇرى بۇ بانكىلاردا پۇل يوقلۇقىنى، بانكىلارنىڭ قۇرۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.


مۇخبىرىمىز خاماس تەرىپىدىن قوغدالدى


غەززە كوچىسىدا ئۇچىسىغا ئالا – چىپار كىيىم كىيىۋالغان خاماسنىڭ ئىجرا قىلغۇچى قىسىمىنىڭ ئەسكەرلىرىنى ھەر ۋاقىت ئۇچراتقىلى بولاتتى، ئۇلار ھازىر ساقچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاۋاتاتتى. قاتناش ئېغىزىدا ئۇچىسىغا جىلىتكە كىيىۋالغان پىدائىيلار ئۇلارغا ياردەملىشىپ قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇۋاتاتتى.
ئىجرا قىلىش قىسىمىنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بەستلىك بولۇپ، كېلىشكەن بۇ يىگىتلەر خۇشال– خورام ئىدى، ئۇلار ياۋۇز كۆرۈنمەيتتى. بەزىدە «تويوتا» ياكى «نىسان» ماركىلىق يۈك ئاپتوموبىللىرىدا ئەسكەرلەر كوچىلاردىن ئۆتۈپ تۇراتتى.
پەلەستىن بانكىسى يېنىدا مۇخبىرىمىز ئولتۇرغان تاكسىنى چارلىغۇچى ئەسكەرلەر توسىدى،
مۇخبىرىمىز «چاتاق بولدى، مېنى تۇتقۇن قىلىۋالىدىغان بولدى» دەپ ئويلىدى.
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەمەلدار مۇخبىرىمىزدىن «جۇڭگودىن كەلگەنمۇ؟» دەپ سورىدى،
مۇخبىرىمىز ھەئە، دەپ جاۋاب بەردى.
بۇ ھەربىي ئەمەلدار مۇخبىرىمىزنى يات كۆرمەي: ئىسمىم چىياد، بىز بايىلا زەھەر ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى پاش قىلدۇق، زەھەرنىڭ ئېغىرلىقى نەچچە توننىغا يېتىدىكەن، سىز قورقماڭ، بۇ يەردە سىز قوغدىلىسىز، بۇ يان تېلېفون نومۇرۇم، خەتەرگە يولۇققىنىڭىزدا ماڭا تېلېفون بېرىڭ، مەن دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ سىزنى قوغدايمەن، دېدى.
چىياد مۇخبىرىمىز بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا يىراقتىن ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇ تېلېفون نومۇرى يېزىلغان قەغەزنى مۇخبىرىمىزغا بېرىپلا كۆپچىلىك بىلەن كېتىپ قالدى.
تاكسى شوپۇرى فايىز بىر تەرەپتە ئۈندىمەي تۇردى، ئۇلار كېتىشى بىلەنلا ئۇ مۇخبىرىمىزنى تېزراق ئاپتوموبىلغا چىقىپ كېتىشكە ئالدىراتتى.
ئۇ مۇخبىرىمىزغا: ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىشەنمەڭ، راستتىنلا بىرەر ئىش بولسا ئۇلارنىڭ سىز بىلەن كارى يوق، دېدى.


«20 بالامنى كىم بېقىپ بەرسە، شۇنى قوللايمەن»


فايىز مۇنداق دېدى: «مېنىڭ 12بالام بار، يەتتىسى ئوغۇل، بەشى قىز، چوڭ ئوغلۇم 31 ياشتا، ھازىر گېرمانىيىدە دوختۇرلۇقتا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇ ئۆيىمىزدىكى غەززەدىن چىقىپ كەتكەن بىردىنبىر ئەزا، ھەممىمىز ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز. مېنىڭ ئىككى خوتۇنۇم بار، يەنە بىرنى ئالاي دەۋاتىمەن، بىراق پۇلۇم يوق. ئوزاقى يىلى پۇل بولمىغاچقا، يەنە بىرەيلەننى ئالالمىدىم. ئۆيدىكىلەر ماڭا قاراشلىق، يەنە خوتۇن ئېلىشقا نەدىمۇ پۇل بولسۇن، بۇ ئارزۇيۇمغا چۈشۈمدە يېتىدىغان بولدۇم، دېدى.

خاتىپ مەسچىتىنىڭ يېنىدا مۇخبىرىمىز نۇرغۇن كىشىنىڭ تەقۋادارلىق بىلەن ناماز ئۆتەۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ ۋاقىتتا ياشىنىپ قالغان بىرەيلەن مۇخبىرىمىزنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئىسمىنىڭ ئەنتەر ئىكەنلىكى، 20 بالىسىنىڭ بارلىقى، ئازراق ياردەم قىلىشىنى سورىدى.
ناماز ئۆتەپ بولغان نەچچەيلەن ئۇنىڭ راست ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇچىسىدىكى كىيىملىرى جۇلجۇل بولۇپ كەتكەن بۇ بوۋاي يالغان ئېيتىۋاتقاندەك قىلمايتتى.
مۇخبىرىمىز ئۇنىڭغا 100 شېكېل (بىر دوللار 4.1 شېكېل) بەردى.
بوۋاي پۇلنى سۆيۈپ، مۇخبىرنى قۇچاقلاپ: رەھمەت، دېدى.
مۇخبىرىمىز ئۇنىڭدىن: «خاماسنى قوللامسىز، فاتاخنىمۇ؟» دەپ سورىغاندا،
ئۇ: «20 بالامنى كىم بېقىپ بەرسە، شۇنى قوللايمەن» دېدى.

گازادىكى ئاددىي پۇقرالار خاماس بىلەن فاتاخنىڭ كۈرىشىدىن بىزار بولدى.
فايىز: «بىز ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان توخۇغا ئوخشامدۇق؟» دېگىنىچە تىلىنى چىقىرىپ، كۆزىنى يۇمۇپ بوينى سىقىلغان توخۇدەك قىلىق قىلدى.
ئۇ: «ئىسرائىلىيىدىن باشقا، بىز ئۆزىمىزنىڭ بوينىنى سىقىۋاتىمىز، قاراڭ ئىككى گۇرۇھ توقۇنۇشۇپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ توقۇنۇشنىڭ قايسى ۋاقىتتا ئاياغلىشىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، كىشىلەر قايسى ۋاقىتتا ياخشىراق كۈن كەچۈرەلە؟» دېدى.


«ئاخىرى تىرىك قۇتۇلۇپ چىقىپسىز!»


مۇخبىرىمىز تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتكەندە ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ ھەقىقەتەن ئاۋات ئىكەنلىكىنى، ئىككى تەرەپنىڭ پەرقىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ساشا يەنىلا قولىغا قورال تۇتۇپ تۇرۇۋاتاتتى،
ئۇ مەسخىرە قىلغاندەك قىلىپ: «ئاخىرى تىرىك قۇتۇلۇپ چىقىپسىز!» دېدى.
غەززەنى كۆرگەندىن كىيىن مۇخبىرىمىزدا سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بولمايدىغان تەسىرات پەيدا بولغانىدى.
پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس يېقىندا خاماسنىڭ «بازا» تەشكىلاتىنى قوغداپ، ئۇنىڭ غەززەدە پۇت دەسسەپ تۇرۇشىغا يول قويغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇنىڭدىن ئىككى گۇرۇھ ئارىسىدىكى غەززەنى تالىشىش قانلىق جېڭىنىڭ يەنە يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دىن

مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/

تولۇق ئوقۇش

بىر يەھۇدىي دەيدۇ: بۇ زېمىن زادى كىمنىڭ؟



بۇ يەردىكى مەسىلە زېمىندا.
بۇ زېمىن زادى كىمنىڭ؟
ئوخشاش بىر پارچە يەرنى پەلەستىنلىكلەرمۇ، ئىسرائىلىيىلىكلەرمۇ ئۆزىنىڭ دەيدۇ


ئىسرائىلىيە – پەلەستىن توقۇنۇشى
مەدەنىيەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز



2007-09-24 11:13 «شىنجاڭ گېزىتى»
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


ئىسرائىلىيىنىڭ ھازىرقى زامان داڭلىق يازغۇچىسى ئامورس ئوز جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى چەت ئەل ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 2007 - يىلى 9 - ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان ئىدى.
«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى 2007- يىلى 3– سېنتەبىر بېيجىڭ خەلقئارا مېھمانسارىيىدا، خەلقئاراغا تونۇلغان بۇ مەشھۇر ئىبرانىي تىلى يازغۇچىسىنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.


مەدەنىيەت توقۇنۇشى مەۋجۇت ئەمەس،

پەقەت رادىكاللار بىلەن باشقىلارنىڭ توقۇنۇشى مەۋجۇت



مۇخبىر:
ئۇرۇش ئىسرائىلىيە مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، سىزچە ئۇرۇشنىڭ مەدەنىيەتكە يەتكۈزىدىغان ئەڭ چوڭ زىيىنى نېمە؟
ئامورس ئوز:
ئەڭ چوڭ زىيىنى ئادەمنىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈشى. ھەر بىر ئادەم بىر دۇنيا، بىر ئالەم. ئۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ زىيىنى شۇكى، ئۇرۇشتا ئۆلۈم بولىدۇ، يەھۇدىيلار ئۆلىدۇ، ئەرەبلەر ئۆلىدۇ. مەن شۇنچە يىللاردىن بۇيان تىنچلىق ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدىم، چۈنكى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇدھىش يېرى ئۇ ئادەم ئۆلتۈرىدۇ.

مۇخبىر:
سىز پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيىلىكلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش مەدەنىيەت توقۇنۇشى ئەمەس، بەلكى زېمىن توقۇنۇشى دېدىڭىز، ئۇنداقتا بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟
ئامورس ئوز:
رادىكاللار بىزنىڭ توقۇنۇشىمىزنى دىنىي ئۇرۇشقا ئايلاندۇرماقچى، بىراق بۇ توقۇنۇش ھەرگىزمۇ دىن ئۇرۇشى ئەمەس. ئۇلار بىزنىڭ توقۇنۇشىمىزنى مەدەنىيەت توقۇنۇشىغا ئايلاندۇرماقچى، ئەمما ئۇ مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر تىنچ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، بۇ يەردىكى مەسىلە زېمىندا. بۇ زېمىن زادى كىمنىڭ؟ ئوخشاش بىر پارچە يەرنى پەلەستىنلىكلەرمۇ، ئىسرائىلىيىلىكلەرمۇ ئۆزىنىڭ دەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەم شۇنداق دېيىشكە ھەققى بار. مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى زېمىننى ئىككى دۆلەتكە بۆلۈپ بېرىش. بۇ زېمىن مەسىلىسى، ھەرگىزمۇ پەلسەپە، دىن ۋە مەدەنىيەت مەسىلىسى ئەمەس.

مۇخبىر:
سىز شۇڭا سامۇئىل خۇنتىنگتون(ئامېرىكىنىڭ داڭلىق دىپلوماتىيە سىياسەتچىسى)نىڭ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى نەزەرىيىسىگە قوشۇلمايدىكەنسىز – دە؟
ئامورس ئوز:
شۇنداق، مەن بۇ قاراشقا قوشۇلمايمەن. 21–ئەسىردىكى توقۇنۇش مەدەنىيەت توقۇنۇشى ئەمەس، بەلكى رادىكاللار بىلەن باشقا كىشىلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش. رادىكاللار ھەر قايسى مەدەنىيەتلەردە مەۋجۇت، ئىسلام دىنىدىلا بولۇپ قالماي، خرىستىئان دىنى، يەھۇدىي دىنى ۋە باشقا مەدەنىيەتلەردىمۇ رادىكاللار بار. رادىكاللار قالاقلىقنىڭ مەنبەسى. رادىكاللار زامانىۋىلىشىشقا، يۈكسىلىشكە، ئاياللارنىڭ ئازادلىقىغا قارشى تۇرىدۇ. مانا بۇ ھازىرقى دۇنيادا قالاقلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ يىلتىزى.


ئاياللار ئازاد قىلىنمىسا، جەمئىيەت قالاقلىشىدۇ


مۇخبىر:
بۇ بىر رېئال ئەھۋال، ئەمما نېمە ئۈچۈن؟
ئامورس ئوز:
ئەگەر ئاياللار ئازاد قىلىنمىسا، ياخشى تەربىيىگە ئىگە بولمىسا، ئۇلار بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلىيەلمەيدۇ. بالىلىق ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەزگىل، ئەگەر ئانىنىڭ تەپەككۇر دائىرىسى تار بولسا، بالىسىنىڭ تەپەككۇرى تار دائىرىلىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ ھالەت جەمئىيەتنى قالاقلىققا باشلايدۇ.

مۇخبىر:
سىز بۇ قېتىم «جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ يەھۇدىيلارغا ئوخشاش ناھايىتى تىرىشچان ئىكەنلىكىنى بايقىدىم» دېدىڭىز، بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟
ئامورس ئوز:
مەن جۇڭگونى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن چۈشىنىمەن.
بىرى، ئانام ئېيتىپ بەرگەن بالىلار چۆچەكلىرىدىكى جۇڭگو،
يەنى قەدىمكى زاماندىكى ئەمەلدارلار، ئەجدىھا ۋە جادۇگەرلەر؛
ئىككىنچىسى، كىتابتا يېزىلغان جۇڭگو،
يەنى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازاب – ئوقۇبەتلىرى، ياپۇنلارنىڭ تاجاۋۇزى، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ زۇلۇمى ۋە ئاچارچىلىق؛
ئۈچىنچىسى، ھازىر ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈۋاتقان جۇڭگو.
مەن بېيجىڭ، شاڭخەينى كۆردۈم، يېزىلارغا بېرىپ باقمىدىم. شۇڭا بىر تەرەپلىمە چۈشەنچەمگە تايىنىپ، ئومۇمىي يەكۈن چىقىرالمايمەن. مەن بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدە غايەت زور ئېنېرگىيىنى ۋە ئۈمىدۋار كەيپىياتنى كۆردۈم. شۇنىسى ئېنىقكى، كىشىلەردە كەلگۈسىدىن خاۋاتىرلىنىش تۇيغۇسى بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى ئۈمىدۋار ئىكەن، كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدىكەن.


يەھۇدىي مەدەنىيىتى مۇنازىرىگە ئىلھام بېرىدۇ


مۇخبىر:
تارىختا يەھۇدىي مىللىتىدىن نۇرغۇن يازغۇچى، ئالىم ۋە مۇتەپەككۇرلار چىققان. سىلەر ئۇزاق مۇددەتلىك ئازاب – ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈردۈڭلار، بۇ ھال سىلەرنى تەپەككۇرغا تېخىمۇ ماھىرلاشتۇردىمۇ؟
ئامورس ئوز:
مەن جۇڭگولۇقلارنىڭمۇ كۆپ ئازاب – ئوقۇبەت تارتقانلىقىنى بىلىمەن. مەن سىلەرنىڭ تارىخ ۋە ئەدەبىياتىڭلارنى ئوقۇغان، سىلەر تارتقان كۈلپەتلەرنى چۈشىنىمەن. ئازاب – ئوقۇبەت يەھۇدىيلارنىڭلا بەلگىسى ئەمەس. ئەمما يەھۇدىيلارنىڭ يۇرت – ماكانسىز قېلىشتەك ئۆزگىچە كەچۈرمىشى بار، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئىلىم – پەن، مۇزىكا، ئىدىيە قاتارلىق جەھەتلەردىن باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشكەن. جۇڭگولۇقلار ئىجادچانلىقىنى سەددىچىن سېپىلى، خان سارىيىنى سېلىشقا سەرپ قىلىۋاتقاندا، يەھۇدىيلار ئىجادچانلىقىنى ئىلىم – پەنگە، تەتقىقاتقا، تەپەككۇرغا ۋە مۇزىكا ئىجادىيىتىگە بېغىشلىدى.

مۇخبىر:
سىلەر نەچچە مىڭ يىل سەرسان – سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن مىللەت بولساڭلارمۇ، ئەنئەنىنى تىرىشىپ ساقلاپ كەلدىڭلار، بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما يەنە نېمە سەۋەبتىن زامانىۋىلاشتۇرۇشنى شۇنچىلىك كەڭ قورساقلىق بىلەن ھىمايە قىلىسىلەر؟
ئامورس ئوز:
ئىدىيىدە ئازاد بولۇش ئەزەلدىن يەھۇدىي ئەنئەنىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى. گۇمانلىنىش ۋە مۇنازىرە يەھۇدىي ئەنئەنىسىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى. مەن بۇنىڭ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىسى بىلەن ئانچە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىمەن. يەھۇدىي ئوقۇتقۇچىلار قەدىمدىن تارتىپ ئوقۇغۇچىلارنى باشقىلارغا جەڭ ئېلان قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلگەن. ھازىرمۇ ئىسرائىلىيىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە، ئوقۇتقۇچى ھەر سائەتلىك دەرسنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلاردىن: «باشقىچە پىكرىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورايدۇ.
مېنىڭچە، مۇنازىرە قىلىشقا، گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش يەھۇدىي مەدەنىيىتىدىكى بىر سىر.
ئىسرائىلىيىدە 7 مىليون ئادەم بار، بۇ بەلكىم بېيجىڭدىكى ئىككى رايوننىڭ ئاھالىسىگە تەڭ كېلىشى مۇمكىن.
ئەمما بۇ 7 مىليون ئادەم 7 مىليون زۇڭتۇڭ، 7 مىليون ماشىيە (تەۋراتتىكى مەنىسى «ئاللا تاللىغان كىشى»، ھازىرقى ئىبرانى تىلىدا «قۇتقۇزغۇچى» مەنىسىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ)نىڭ رولىنى ئوينايدۇ.
ھەممە ئادەم مۇنازىرە قىلىدۇ، ھەر بىر ئادەم مېنىڭ بىلىدىغىنىم تېخىمۇ كۆپ، دەپ قارايدۇ.


كىتاب ئەنئەنىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ


مۇخبىر:
بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيىلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىتاب ئوقۇش مىقدارى دۇنيادىكى باشقا ھەر قانداق دۆلەتنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشىدىكەن. سىزچە ئىسرائىلىيىلىكلەر كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادىتىنى قانداق يېتىلدۈرگەن؟
ئامورس ئوز:
بۇ يەھۇدىي مىللىتىنىڭ تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نەچچە مىڭ يىل مابەينىدە يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ئۆز دۆلىتى بولمىدى. باشقا مىللەتلەر خان سارىيى، كۆۋرۈكلەرنى ياساۋاتقاندا، يەھۇدىيلار كىتاب ئوقۇدى، كىتاب يازدى. شۇنداق قىلىپ يەھۇدىيلار كىتابقا چوڭقۇر مېھىر باغلىدى.
يەھۇدىيلاردا كونىلاردىن قالغان: «كىتاب ئائىلەم» دېگەن سۆز بار.

مۇخبىر:
سىز جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيە ئوخشاش بىر مەسىلىگە، يەنى زامانىۋىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، قەدىمكى ئەنئەنىنى قانداق ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە، دېدىڭىز، سىزنىڭچە ئەنئەنىنى قانداق ساقلاپ قېلىش كېرەك؟
ئامورس ئوز:
ئەڭ مۇھىمى، ئەدەبىيات بىلەن تىل. ئەدەبىيات مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ياخشى تارقاتقۇچىسى. كىتاب ئوقۇش كېرەك، كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇشقا دەۋەت قىلىش كېرەك. كىتاب ئەنئەنىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دىن

مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/

تولۇق ئوقۇش

2009年1月16日星期五

پەلەستىن–ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ۋە ئوباما

ئىخچام



پەلەستىن–ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى مەسىلىسىدە

ئوباما سىناققا دۇچ كەلدى



2009- 01- 15 12:13
«شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى»
خەۋەرلەر تورى


ئىسرائىلىيىنىڭ غەززە رايونىغا قوزغىغان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي زەربە بىرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقىنىغا 14 – يانۋار 18 كۈن بولدى.
بۇ توقۇنۇشتا 900 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى.
4000 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.
پەلەستىن– ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان زور ئىنسانپەرۋەرلىككە يات ئاپەت خەلقئارا جەمىئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققەت–ئېتىبارىنى قوزغىدى.
بۇ توقۇنۇش ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان ئوباما قەسەم بىرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالغاندىن كىيىن يولۇقىدىغان زور خەلقئارا كرزىس بولۇپ قالىدۇ شۇنداقلا ئوبامانىڭ بۇ خەلقئارا كرزىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى بىۋاستە سىنايدۇ.

ئىسرائىلىيە ئارمىيسىنىڭ غەززەغا زور كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاش پەيتىنى تاللىشى ئىسرائىلىيىنىڭ ئوبامادىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى.

بۇنىڭ سەۋەبى:

بىرىنچى،
ئوباما بۇشقا قارىغاندا ئىسرائىلىيىگە بەك يېقىنچىلىق قىلىپ كەتمەيدۇ. ئوباما سايلامغا قاتناشقاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيىنىڭ دۆلەت ئىچى شۇنىڭدەك ئامېرىكىدىكى يەھۇدىلار ئۇنىڭ سىياسەتتە ئەرەپ ئەللىرىگە ئېغىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى؛

ئىككىنچى،
ئىسرائىلىيە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە قاراتقان يېڭى سىياسىتىدىن قاتتىق تەشۋىشلىنىۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيە تەرەپ، ئوبامانىڭ ئاشكارا قىلغان سۆزىدىن، «ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى ئىران، سۈرىيە شۇنىڭدەك ئاللاھ پارتىيىسى، خاماسقا قاراتقان سىياسىتىنى تەڭشىشى مۇمكىن» دەپ ھېساپلىدى،
ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ بۇ تەڭشەشنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز ئامىللارنى ئېلىپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ؛

ئۈچىنچى،
ئوبامانىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتىنى تەڭشىشى ئىسرائىلىيىنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن.
ئوباما ئىراقتىن قوشۇن چىكىندۈردىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە «ئوتتۇرا شەرق - تېرورلۇققا قارشى جەڭنىڭ مەركىزى بولمايدۇ، ئامېرىكا دىققىتىنى ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا قارىتىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيە بىخەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ.


ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ زور كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىغا نۇرغۇن مۇددىئا يوشۇرۇنغان بولۇپ،
بىرىنچىدىن:
خاماسنى ئاجىزلىتىپ، غەززە شۇنىڭدەك پەلەستىن سىياسىي كۈچلىرىنىڭ سېلىشتۇرما كۈچىنى ئۆزگەرتىپ، ئابباس باشچىلىقىدىكى مۆتىدىل گۇرۇھ كۈچلىرىنى يۆلەش، فاتاخنىڭ غەززەدىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش؛

ئىككىنچىدىن،
ئىسرائىلىيە 2006–يىلىدىكى لىۋانغا قاراتقان ئۇرۇشنىڭ مەغلۇبىيەت كۆلەڭگىسىنى يوقىتىپ، ئارمىيىنىڭ ھەيۋىسىنى قايتىدىن نامايەن قىلىپ، ئىسرائىلىيىدىكى ئالغا پارتىيىسىنىڭ 2–ئاينىڭ 10– كۈنى ئۆتكۈزىلىغان پارلامېنت سايلىمى ئۈچۈن سايلام بېلىتى توپلىماقچى بولىۋاتىدۇ.

ئۈچىنچىدىن،
ئوباماغا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ ئالاھىدە مۇناسىۋەت يولىدىن يىراقلاپ كەتمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

پەلەستىن–ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ ئوبامانى سىنىشى -ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە قاراتقان سىياسىتىنى سىناش،
بۇ خىل يۈزلىنىش ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ كۈلگۈسى تەرەققىياتىغا چوقۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئاساسلىقى مۇنۇلاردىن ئىبارەت؛

بىرىنچى، پەلەستىن– ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى - ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى،
ئوبامانىڭ پەلەستىن–ئىسرائىلىيە كرزىسىنى بىر تەرەپ قىلىشى - ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ قالماستىن، بەلكى كەلگۈسىدە ئامېرىكا–ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئامېرىكا بىلەن ئەرەپ ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئاساسىنى بارلققا كەلتۈرىدۇ.
بۇ ئىش ئوبدان بىر تەرەپ قىلىنمسىا، ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ،
ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىق مۇساپىسى ئېغىر سىناققا دۇچ كىلىدۇ.

ئىككىنچى،
پەلەستىن–ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى - ئامېرىكىنىڭ ئەرەپ ئەللىرى بىلەن، شۇنىڭدەك ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئوباما رىقابەت سايلىمىدا، «يېڭىچە، ئىجابىي شەكىلدە ئىسلام دۇنياسى بىلەن ئالاقىنى يولغا قويۇپ، ئامېرىكا بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدىغانلىقى توغرىسىدا» ۋەدە بەرگەن ھەمدە «ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ 100 كۈن ئىچىدە بىر ئىسلام دۆلىتىنى تاللاپ مۇھىم سۆز قىلىپ، بۇنى يېڭى ئالاقە شەكلىنىڭ مۇقەددىمىسى قىلىدىغانلىقىنى» ئېيتقان ئىدى.
ئەمما ناۋادا بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا ئوباما ئىسرائىلىيەپەرەس دەپ قارىلىدىغان بولسا، شۈبھىسىزكى، بۇ سىياسەت كۈچلۈك سەلبىي تەسىر قوزغىشى مۇمكىن؛

ئۈچىنچى،
بۇ قېتىمقى توقۇنۇش ئامېرىكىنىڭ ئىراققا قاراتقان سىياسىتى، شۇنىڭدەك تېرورلۇققا قارشى سىياسىتىنى تەڭشىشىگە خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
پەلەستىن– ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ كەسكىنلىشىپ، ئوتتۇرا شەرقتە كۈچلۈك داۋالغۇش پەيدا قىلىشى، ئوبامانىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنى ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا يۆتكەش ھەل قىلغۇچ تەدبىرىگە قايتىدىن قاراپ چىقىشىغا مەجبۇرلىشىشى مۇمكىن.

ھازىرغىچە، پات ئارىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان ئوباما ئىسرائىلىيىنىڭ ھەرىكىتىگە ئاشكارا باھا بىرىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى،
«بىر دۆلەتتە ئىككى خوجايىننىڭ بولۇشىغا يول قويماسلىق كېرەك» دەپلا قويۇپ، قانلىق توقۇنۇشقا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.
ئوباما ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكىتىگە سۈكۈت قىلدى،
رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرىۋالماسلىقى ئۇنىڭ توقۇنۇشقا بىر نىمە دېيەلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى، يەنە ئۇ ئۆزىگە ئازراق ئىمكانىيەت قالدۇرماقچى بولدى،
ئەمما ناۋادا ئۇ تەختكە ئولتۇرسىلا بىر مەيدان «يۈزتۇرانە جەڭ»گە يولۇقۇپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشى تەس بولىدۇ.
پەلەستىن– ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسدىكى بۇ قېتىمقى توقۇنۇش - ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن يولۇقىدىغان بىر زور خەلقئارا كرزىس بولۇپ، ئۇ ئوبامانىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ئەقىل پاراسىتىنى ۋە كرىزسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئىقتىدارىنى بىۋاستە سىنايدۇ.

مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/


تولۇق ئوقۇش

2009年1月15日星期四

يەھۇدىيلارنىڭ مائارىپ پەلسەپەسى

ئىخچام



يەھۇدىيلارنىڭ مائارىپ پەلسەپەسى


بىلىم - مەڭگۈلۈك بايلىق


تارىختا يەھۇدىيلارنىڭ مەۋجۈدلۇق ۋە تەرەققىيات ھوقوقى كاپالەتكە ئىگە بولمىغاچقا، ماددىي بايلىقنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يوقلىدىغانلىقىغا، ئەمما بىلم ۋە ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئۆزلىرىگە مەڭگۈ ھەمراھ بولىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنگەن.
ئۇلار بىردىنبىر تايانچىسىنىڭ ئەقىل-پاراسەت ئىكەنلىكىنى، ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق بايلىق يارىتىپ، مەۋجۈت بولۇش، تەرەققىي قىلش بوشلۇقىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.

يەھۇدىي دىنىنىڭ دەستورى ھېسابلىنىدىغان «تەلمۇت»تا:
«دۇنيا ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ نەپەسلىنىشى بىلەنلا ئۇزاققىچە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ»،
«ئۆگەنگۈچىلەر يوق شەھەر گۇمران بولىدۇ»
دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ.

شۇڭا ھەر بىر يەھۇدىي ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىگە:
«كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆيگە ئوت كېتىپ، مال - دۇنيالار ئوتتا كۆيۇپ كەتسە، نىمىنى ئېلىپ قاچىسەن؟» دەپ سوئال قويغىنىدا،
كۆپ ساندىكى بالىلار :«پۇل» ياكى «ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى» دەپ جاۋاب بېرىشىدىكەن.
ئاتا-ئانىسى «شەكىلسىز، رەڭسىز، تەمسىز بىر نەرسە بار، ئۇنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسەن؟» دەپ قايتا سورايدىكەن،
پەرزەنتى جاۋاب بېرەلمىسە، ئاتا-ئانىسى:
«بالام ، سىلەر ئېلىپ كېتىدىغان نەرسە - پۇل ياكى ئۈنچە-مەرۋايىت ئەمەس، بەلكى بىلىمدۇر. چۈنكى بىلىمنى ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ. تىرىكلا بولساڭ، بىلىم ساڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ،
مەيلى قەيەرگە بارما، ئۇنى يوقىتىپ قويما» دەپ تەلىم بېرىدىكەن.


مەكتەپنى قەدىرلەش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش


يەھۇدىي جەمئىيىتىدە «پاراسەتلىك كىشى پادىشاھتىن ئۇلۇغ. پاراسەتلىك كىشىلەر ئۆلۈپ كەتسە، دۇنيادا ئەقىل-پاراسەتمۇ مەۋجۈت بولمايدۇ، ئەمما پادىشاھ ئۆلسە، ھەرقانداق پاراسەتلىك كىشىنىڭ شاگىرتى ئۇنىڭ ئورنىغا چىقالايدۇ» دەپ قارايدىكەن.
يەھۇدىيلار مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىكەن.
ئۇلار مەكتەپنى «مەۋجۈدلۇقنى ساقلاپ قېلىشتا سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان قۇدۇق» دەپ قارايدىكەن.

1919-يىلى يەھۇدىيلارنىڭ ئەرەبلەر بىلەن بولغان توقۇنۇشى بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، يېرۇسالىمدىكى ئىبراي ئۇنۋېرىسىتىتىغا توپ-زەمبىرەك سادالىرى ئىچىدە ئۇل سېلىنىپ، ئۇرۇش-توقۇنۇش ئىچىدىمۇ بۇ قۇرۇلۇش توختىتىپ قويۇلماي، 1925-يىلى پۈتۈپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

ئىسرائىلىيەدە
ئىبراي ئۇنۋېرىستىتى،
تىلئاۋىف ئۇنۋېرىستىتى،
خەيفا ئۇنۋېرىستىتى،
ئىسرائىلىيە سانائەت ئۇنۋېرسىتىتى،
بارىلان ئۇنۋېرىستىتى،
بىگىن-گورىئان ئۇنۋېرىسىتىتى
قاتارلىق دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالتە ئۇنۋېرىسىتىت بار.
ئىسرائىلىيەدىكى نۇرغۇن ئۇنۋېرىسىتىتلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى خەلقئارا ئىلىم ساھەسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ.


ئۆگىنىش ـــ ئەقىل-پاراسەتنى ئاشۇرىدۇ


يەھۇدىيلار: «ئادەتتىكىچە ئۆگىنىش - بىر خىل دورامچىلىق، ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق يېڭىلىق ياراتقىلى بولمايدۇ، بىلىم ئۆگىنىشنىڭ پۈتكۈل جەريانلىرىنى چىڭ تۇتقاندىلا، ئەقىل-پاراسەتنى قېزىش ئارقىلىق ئىقتىدارنى نامايەن قىلغىلى بولىدۇ» دەپ قارايدۇ.
شۇڭا ئۇلار بىلىمىلا بار، ئەمما ئىقتىدارى يوق كىشىلەرنى «كىتاب ئارتىۋالغان ئىشەك»كە تەمسىل قىلىدۇ.
ئۇلار ئۆگەنگەندە چوڭقۇرلاپ بىلىم ئېلىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، «چوڭقۇر قۇدۇقنىڭ سۈيىنى تارتىۋەرسىمۇ تۈگىمەيدۇ، تېيىز قۇدۇقنىڭ سۈيى بىرلا تارتسا تۈگەپ كېتىدۇ» دەپ قارايدۇ.


مائارىپقا مەبلەغ سېلىش - ئەڭ ياخشى مەبلەغ سېلىش


ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، باشتىن-ئاخىر مائارىپنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. «مائارىپ ئارقىلىق دۆلەت قۇرۇش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق دۆلەت قۇرۇش» - ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئىنتىلىش نىشانى قىلىنغان.
رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلەرمۇ ئىزچىل رەۋىشتە «يوقىرى سۈپەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى مىللەتنىڭ مەۋجۈد بولۇپ تۇرۇش-تۇرالماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپكى مەسىلە» دەپ قارىغان.
1949-يىلى ئىسرائىلىيە «مەجبورىيەت مائارىپى قانونى»نى ئېلان قىلغان.
1953-يىلى «دۆلەت مائارىپ قانونى»نى ئېلان قىلغان.
1969-يىلى «مەكتەپلەر تەكشۈرۈش قانونى»نى ئېلان قىلغان.

ئىسرائىلىيە «كۆچمەنلەر دۆلىتى» بولغاچقا،
«دۆلەت مائارىپ قانونى»دا ئېنىق قىلىپ:
«ئىسرائىلىيە مائارىپىنىڭ نىشانى:
بىرى، ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ۋە ئىقتىدار ئۆگىتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش.
يەنەبىرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدىكى قوشۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت پەرقىنى يوقىتىپ، يېڭى بىر خىل يەھۇدىي مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش» دەپ بەلگىلەنگەن.

ئىسرائىلىيىنىڭ مائارىپقا سالغان مەبلىغى ئىنتايىن يوقىرى.
20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ ئىسرائىلىيىنىڭ مائارىپ خىراجىتى باشتىن-ئاخىر خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومىي قىممىتىنىڭ 8% ىنى ئىگىلەپ كەلگەن.
ئىسرائىلىيىنىڭ نوپوسى ئارانلا 5 مىليون نەچچە يۈزمىڭ.
ئەمما مەكتەپلەرنىڭ سانى 1 مىليون 380 مىڭدىن ئارتۇق.
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن پۇقرالارنىڭ نوپوسىنى نىسبەتلەشتۈرگەندە، ئامىرىكا ۋە كانادادىن تۆۋەن ، ياۋروپا ئەللىرىدىن يوقىرىكەن.
ئىسرائىلىيىدە ھەر 4500 كىشى ئىچىدە بىر پراففېسسور ياكى دوتسېنىت بار ئىكەن.


ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش


يەھۇدىيلار: «ئىلىم تەھسىل قىلىشنىڭ چېكى بولمايدۇ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش - بىر خىل مۇقەددەس بۇرچ، بىر ئادەم مەيلى قانچە ياشقا كىرگەن بولسۇن، قانچىلىك دەرىجىدە نامرات بولسۇن، توختىماي ئۆگىنىشى كېرەك» دەپ قارايدىكەن.
شۇڭا بارلىق يەھۇدىيلار «ئۆگەنگۈچى - مول بىلىمگە ئىگە كىشىدىنمۇ ئۇلۇغدۇر» دېگەن ئەقىدىگە ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىدىكەن.
ئۇلار يەنە «ئۆگىنىش ئارقىلىق ياشلىق باھار ۋە ياشلارغا خاس كەيپىياتنى ساقلاپ قالغىلى، ئۆگىنىش ئارقىلىق ‹بايلىق›قا ئېرىشىپ، مەنەۋىي جەھەتتە قانائەت ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ» دەپ قارايدىكەن.

مەنبە: «شىجاڭ ياشلىرى» ژورنىلى

مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/

تولۇق ئوقۇش

يەھۇدىيلارنىڭ ھاياتلىق پەلسەپەسى




يەھۇدىيلارنىڭ ھاياتلىق پەلسەپەسى


★ بارلىق بىساتىڭنى سېتىپ بولسىمۇ، قىزىڭنى ئۆلىماغا ياتلىق قىل.
ياكى ئۆلىمانىڭ قىزىنى ئېلىش ئۈچۈن، بارلىقىڭدىن ئايرىلساڭمۇ ئەرزىيدۇ.

★ سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئامىرىكىدىكى مىليونىرلارنىڭ %20 تى يەھۇدىي ئىكەن.
نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ %20 تىمۇ يەھۇدىي ئىكەن.

★ يەھۇدىي دىنىدا، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش - تەڭرىگە چوقۇنۇشتىن قالسىلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تەڭرىگە ئىززەت - ئېكرام بىلدۈرۈشنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىلىدۇ.
ھازىرقى دۇنيادا ھەرقانداق بىر دىن ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنى يەھۇدىي دىنىدىكىدەك تەكىتلىگەن ئەمەس.

★ روسىيە چار پادىشاھى نىكولاي1 ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدىكى بىر كىچىك بازاردا، يەھۇدىيلار بالىلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتىش ئۈچۈن ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىدىنمۇ قورقمىغان. ئاز بولمىغان نامرات كىشىلەر بالىلىرىغا ئوقۇش پۇلى تۆلەش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تال شامدانلىرىنىمۇ ياكى بىردىنبىر ياستۇقلىرىنى سېتىۋەتكەن.

★ راببى شېللىر مۇنداق دەيدۇ:
«كىتابنى بوش ۋاقتىم چىققاندا ئوقۇيمەن دەپ ساقلاپ تۇرما، بەلكىم سېنىڭ مەڭگۈ بوش ۋاقتىڭ چىقماسلىغى مۇمكىن».
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«تەربىيە كۆرمىگەن ئادەم - جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن قورقمايدۇ.
قوپال ئادەم - باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىشنى بىلمەيدۇ.
تارتىنچاق ئادەم - بىر نەرسە ئۆگىنەلمەيدۇ.
ئالدىراڭغۇ ئادەم - باشقىلارغا ياخشى بىلىم ئۆگىتەلمەيدۇ.
ئىشنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋىتىدىغان ئادەم - ئەقىللىق ئادەم ھېسابلانمايدۇ.
ئادەم يوق يەردە ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلىش كېرەك».

★ دۇنيانىڭ بايلىقى يەھۇدىيلارنىڭ يانچۇقىدا.
يەھۇدىيلارنىڭ بايلىقى ئۇلارنىڭ كاللىسىدا.

★ مائارىپقا خۇددى خۇداغا چوقۇنغانغا ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

★ يەھۇدىيلارنىڭ قارىشىچە:
20 ياشتا رومانتىك ياشىيالمىسا،
30 ياشتا ئىگىلىك تىكلىيەلمىسە،
40 ياشتا باي بولالمىسا،
50 ياشتا بەختلىك بولالمىسا بىر ئۆمۈر تۈگەشكەن بولىدۇ.
شۇڭا «ۋاقىت بىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ» دەپ قارايمىز.

★ ھەممىلا ئىشتا ئۆزىنىلا ئويلىغان كىشى-ئۆز سالاھىيىتىنى ساقلىمىغان كىشى.

★ كىشىلىك تۇرمۇش يولى ئەگرى - توقاي ھەم ئۇزۇن.
يىغلىغىمىز كەلگەندە يىغلىۋىلىشىمىز، كۈلگىمىز كەلگەندە كۈلۈۋىلىشىمىز كېرەك. پەقەت ئالغا ئىلگىرىلەشنى ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويمىساقلا كۇپايە.

★ ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپتىن قورققان ھامان ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا داۋاملاشمايدۇ.

★ ئۇچراشقانلىكى ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگەنگۈچىلەر - دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەردۇر.

★ ئەرلەرنىڭ ئۆيى - خوتۇنىدىن ئىبارەت.

★ بالىنى بىرەر قېتىم تىللاپ ئۇچۇغداپ قويساڭ قوي.
ئەمما ھەر كۈنى تىللاۋەرمە؟

★ پۇلنى ھاراق-شاراپ ئىچىشكە ئەمەس، تىجارەتكە ئىشلىتىش كېرەك.

★ مەكتەپ يوق شەھەر - ئادەم زاتىنىڭ ماكانلىشىشىغا ماس كەلمەيدۇ.

★ بىر ئۆمۈر پىياز يېسەڭ يېگىنكى، بىر ۋاق تويغۇچە ئۆردەك كاۋىپى ۋە بېلىق گۆشى يەۋەلىپ، باشقا كۈندە ئاچ يۈرۈشتىن ساقلان.

★ سەۋر-تاقەت يۇقىرى دەرىجىلىك تەربىيەلىنىشنىڭ مەھسۇلى.
سەۋر-تاقەت قىلالماسلىقنىڭ ئاقىۋىتى - ھەمىشە تېخىمۇ ئۇزۇن سەۋر-تاقەت قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ.

★ چېغىدا راھەتلىنىش، چېغىدا ئىشلەش.
مۇشۇنداق بولغاندىلا ھاياتلىق مول مەزمۇن بىلەن تولىدۇ.

★ تۇرمۇشنى راھەت ئۆتكۈزۈشتىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىپ، نوقۇل ھالدا جان تىكىپ ئىشلەشنىلا تەشەببۇس قىلماسلىق كېرەك.
شۇڭا يەھۇدىيلار رېئاللىقنى قەدىرلەيدۇ.
يامان نىيەتتە بولسىمۇ، لېكىن شۇ يامان ئىشنى قىلمىسىلا، ئۇنى يەنىلا ئالىيجاناب ئادەم ھېسابلايدۇ.
مانا بۇ ھەقىقىي، جانلىق ئادەم، ھەرگىزمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن سۈنئىي پەيدا قىلىنغان «نەپسى» يوق «ئەرۋاھ » ئەمەس.
كىشىلىك ئىززەت - ھۆرمەتكە ۋە مىجەز - خۇلققا ئەھمىيەت بېرىدىغان ھەر قانداق مىللەت مۇشۇنداق ئىنسان تەبىئىتىگە، ئادەمگەرچىلىككە ئۇيغۇن كېلىدىغان تونۇش ھاسىل قىلالىشى كېرەك. ئۇنداق مىللەت ئەخلاق جەھەتتە ساختا كامالەتكە يېتىشكە ئىنتىلىپ، ئەمىلىيەتتە كاززاپلىق، ساختىپەزلىك قىلىدىغانلارغا قارىغاندا تولىمۇ ئالىيجاناب بولىدۇ.

★ يامانلىقنى توغرا يېتەكلىگەندە ياخشىلىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈنۈمى نوقۇل ھالدا يامانلىقنى يوقۇتۇۋىتىش ئىستىكىدە بولغاندىن ياخشى.

★ بۇزۇقلارنىڭ ھالاك بولۇشىنى تىلىگەندىن كۆرە، ئۇلارنىڭ نىيىتىدىن يېنىپ ئۆزگىرىشىنى تىلىگەن ياخشىراق.

★ يەھۇدىيلار «كىشىنى خىجالەت قىلىپ سەدىقە بەرگەندىن بەرمىگەن ياخشىراق» دەپ قارايدۇ.
«پۇلى كۆپنىڭ گېپى چوڭ» دېگەندەك سەدىقە بەرگۈچى ئۆزىنى چوڭ تۇتسا، سەدىقە ئالغۇچىنىڭ غۇرۇرى زەربىگە ئۇچراپ، ئالغا ئىنتىلىش ئىرادىسى يوقىلىپ، مەڭگۈ سەدىقە ئۇبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

★ پۇل - ئىنسان تەبىئىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئەينەك.

★ تەقدىر - پەقەت تەييارلىقى بارلارغىلا ئىلتىپات قىلىدۇ.

★ ھازىرقى سودا جېڭىنىڭ رىقابىتى-بىلىم ۋە ئاڭ رىقابىتى، تەدبىر رىقابىتىدىن ئىبارەت.
گەرچە سېنىڭ ئىگىلىك تىكلىگىدەك مەبلىغىڭ بولمىسىمۇ، لېكىن بىلىمىڭ، كاللاڭ، تەدبىرىڭ بولسىلا، ئوخشاشلا كاتتا بايغا ئايلىنىش يولىغا ماڭالايسەن.

★ بىلىمى يۇقىرى كىشى تىجارەت قىلىشنى ئۆگەنسە ئۇنىڭ ئۈنۈمى تەبىئىي ھالدا باشقىچە بولىدۇ.

★ بىلىمسىز سودىگەر - ھەقىقىي سودىگەر ئەمەس.
سەن ھەقىقىي سودىگەر بولمىغان ئىكەنسەن، مېنىڭ سەن بىلەن سودا قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.

★ ھايات كەچۈرۈشتىكى مەقسەت - تۇرمۇشنىڭ خوۋلۇقىنى كۆرۈش.

★ قىلغان ۋەدىمىزنى خۇدا ئاڭلاپ تۇرىدۇ.

★ ئوتۇن ساتسۇن ياكى ئوت-چۆپ ساتسۇن پۇل تاپقىنى نوچى.

★ يەھۇدىيلار نامراتلىقتىن قورقىدۇ، «نامراتلىقنى - نومۇس، نامرات ئادەمنى - ھاماقەت، ئىقتىدارسىز» دەپ قارايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جانپىدالىق بىلەن ئىشلەيدۇ. جان تىكىپ پۇل تاپىدۇ. ئۇلارنىڭ پۇل تېپىش توغرىسىدا «ئۆلسەڭمۇ ئىشلەۋېتىپ ئۆلگىن» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆزى بار.

★ پۇلغا ئايلانغان ئەقىل-پاراسەت ــــ ھەقىقىي ئەقىل- پاراسەت.

★ يەھۇدىيلار ئەقىللىق كىشىلەرنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، ئەتىۋالايدۇ ھەم سېخىيلىق بىلەن ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ. ئۇلاردىن سۆيۈنىدۇ، ئۇلارغا پۇلغا ۋە مىليونىرلارغا چوقۇنغاندەك چوقۇنىدۇ. ئەقىللىق كىشىلەر ھاقارەت قىلىنمايدۇ ۋە ھەسەتخورلۇققا ئۇچرىمايدۇ.

★ ئاتا-ئانىمۇ ئىشەنچىلىك ئەمەس.
راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىگە تايىنىش كېرەك.

★ يەھۇدىيلار چاقىرىلمىغان مېھمانغا بەك ئۆچ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە چاقىرىلمىغان مېھمان - ۋاقىت ۋە پۇل ئوغۇرلىغان «ئوغرى».

★ ئوبىكتىپ شارائىتلار پىشىپ يېتىلمىگەن ئەھۋالدا، سۇبىكتىپ تىرىشچانلىق ۋە قەتئىي ئىرادە ھەر قانچە زور بولغان تەقدىردىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مۇمكىن ئەمەس.

★ پەقەت ئۆزى پۇل تاپقاندىلا راھەت - پاراغەتتە ياشىغىلى بولىدۇ.

★ ئادەمنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئېرىشكەن مۇئامىلىسى باشقىلارنىڭ باھاسى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ.
باشقا يۇرتتا بولسا، كىيىنىشى ۋە ياسىنىشىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ.

★ پۇل بىلەن ئىشىك چەكسە ئېچىلمايدىغان ئىشىك يوق.

(بۇ ھىكمەتلەر - «يەھۇدىيلارنىڭ سىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىنغان)
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&

مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com

تولۇق ئوقۇش

ئىسرائىلىيەنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ھەققىدە چۇشەنچە

ئىخچام



ئىسرائىلىيەنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ھەققىدە چۇشەنچە


(1) يەر مەيدانى:

1947 - يىل ب د ت يىغىنىدا بەلگىلەنگەن يەر مەيدانى 15000 كۇۋادىرت كىلۇمىتىر.
تۆت قىتىملىق ئۇرۇش ئارقىلىق ئىگەللىگەن زىمىن 10000 كۇۋادىرت كىلۇمىتىر.
شۇنىڭ بىلەنن ھازىرقى ئەمىلىي كونتىرول قىلىۋاتقان زىمىنى - 25000 كۇۋادىرت كىلۇمىتىر ئەتىراپىدا.

(2) ئاھالىسى:

ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىرقى نوپۇسى تەخمىنەن 6 مىليون 500 مىڭ ئەتىراپىدا.
بۇنىڭ ئىچىدە يەھۇدىيلار %77 نى، ئەرەب ۋە باشقا مىللەتلەر %23 ئىگەلەيدۇ.
ئاھالىلەرنىڭ %85 يەھۇدىي دىنىغا، %13 ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ.

(3) سىياسىي تۈزۈمى

ئىسرائىلىيە - دىموكىراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەت بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي رەھبەرلىرى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. باش مىنىستىر - دۆلەتتىكى ئەڭ ھوقۇقلۇق شەخس ھىساپلىنىدۇ. پرىزدىنتنىڭ ھوقۇقى سىمۋۇللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە.

(4) ئىقتسادىي ئەھۋالى:

قېزىلما بايلىقى كەمچىل بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، ئىلىكتىرۇن ۋە ھەربىي سانائىتى تەرەققىي قىلغان.
2005-يىلدىكى ئىچكى ئشلەپچىقىرش ئومۇمىي قىممىتى 115 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە قىممەت 17500 دوللار.

(5) بايلىقى:

ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىنى - قانلىق تارىخى، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش، مائارىپ ۋە ئىقتىسادقا ئەھمىيەت بېرىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەم مىللىي ئىتتىپاقلىق دىيىشكە بولىدۇ.

(6) ھەربىي كۇچى:

ئۇمۇمىي ئەسكىرى 180 مىڭ
(زاپاس ئەسكىرى 400 مىڭ ئەتراپىدا).
قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 134 مىڭ،
ھەر خىل تانكىسى: 3800 ،
بروۋنىۋىك: 10000،
چوڭ زەمبىرەك: 400،
ئۆزى يۈرەر زەمبىرەك: 1300،
پىيادىلەر زەمبىرىكى: 7500،
ھاۋا مۇداپىئە زەمبىرىكى: 1300،
ھەر خىل ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى: 10000،
ئۇزى ياسىغان ئىلغار باشقۇرۇلدىغان بومبىنى ئىكسپورت قىلىدۇ.

ھاۋا ئارمىيسى ئەسكىرى: 32 مىڭ.
ھەر خىل ئايرۇپىلان: 850،
قۇراللىق تىك ئۇچار ئارۇپىلان: 130،
ئادەمسىز ئايرۇپىلان ياساش تېخنىكىسى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
ھاۋا ئارمىيەسىنڭ مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى ئامىرىكا ئارمىيسەدىن قېلىشمايدۇ.
زۈرۇر تېپىلسا 15 كۇن ئىچىدە يادرو قورالىغا ئىگە بولالايدۇ.

دىڭىز ئارمىيسى ئەسكىرى: 9000 ئەتراپىدا،
سۇ ئاستى كېمىسى: 3،
قوغدىغۇچى پاراخۇتى: 3،
باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق ھۇجۇمچى پاراخوتى: 21،
چارلىغۇچى پاراخۇتى: 19.
قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى پاراخوتى: 5

ئىسرائىلىيەنىڭ مەخپىي ھەربىي ئاخبارات ئورگىنى بولغان «مۇساد» ۋە ئالاھىدە قىسىملىرىمۇ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

ئىسرائىلىيە ياۋا بالا ئالاھىدە قسىمى
(以色列野小子特种部队)

ئىسرائىلىيەنىڭ قۇملۇقتىكى «ياۋا بالا» ناملىق ئالاھىدە قىسمى - 1957- يىلى قۇرۇلغان.
ئاساسلىق ۋەزىپىسى: تاكتىكىلىق چارلاش، ئاخبارات توپلاش ۋە ئادەم قۇتقۇزۇش قاتارلىقلار.
ئادەتتە ئەنگىلىيە ئالاھىدە ھەركەت قسىمىنىڭ نىڭ مەشق ئۇسۇلىدا مەشىق ئېلىپ بارىدۇ.
ئاساسىي ئىشلىرى مەخپى بولۇپ، ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى: ئەسكەرلەرنى ئۈزلۈكسىز شاللاپ تۈرىدۇ.



دىمەك، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى ئوتتۇرا شەرقتىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىمۇ خىلى كۈچلۈك ئارمىيە دىيىشكە بولىدۇ. يەنە كېلىپ، ئامىرىكا ھەر يىلى ئىسرائىلىيەنى 2-3 مىليارد دوللارلىق قورال - ياراق بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ.

مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/
ـــــــــــــــــــــــ

تولۇق ئوقۇش

2009年1月14日星期三

سەككىز قىتىملىق ئەھلىسەلىب ئۇرۇشى

ئىخچام



سەككىز قىتىملىق ئەھلىسەلىب ئۇرۇشى



پەلەستىندىكى يىرۇسالىم شەھىرى ئەزەلدىن تارتىپ دۇنيادىكى بارلىق خىرىستىيان، يەھۇدىي ۋە ئىسلام دىنىدىكىلەر تەرىپىدىن بىردەك مۇقەددەس جاي دەپ قارىلاتتى.
ئىسلام دىنى بارلىققا كىلىپ، 640- يىلى بۇ تارىخىي شەھەر مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، باشقا دىندىكىلەرنىڭ بۇ جايدىكى ھەرقانداق دىنىي پائالىيىتىگە چەك قۇيۇلماي كەلگەن.
10- ئەسىرگە كەلگەندە، يىرۇسالىمنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى يېڭىدىن ئىسلامغا كىرگەن سەلجۇقىيلارنىڭ قولىغا ئۆتتى.
ئىسلامنىڭ باشقا دىندىكىلەرگە قاراتقان ھۆرىيەت ئاساسىنى تولۇق تۇنۇپ يەتمىگەن، پەقەتلا يۇقىرى دىنىي قىزغىنلىققا ئىگە سەلجۇق تۇركلىرى باشقا دىندىكىلەرنىڭ دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىكىگە دەخلى -تەرۇز قىلدى.
نەتىجىدە ئۆزىنى «پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسى» دەپ ئاتىشىپ كەلگەن رىم پاپالىرى، غەربىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمرانلىرى ۋە يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر «مۇقەددەس جاينى قۇتقۇزۇش»نى باھانە قىلىپ دىنىي ئۇرۇش قوزغىدى.
«ئەھلىسەلىپ» نامىدا باشلانغان بۇ ئۇرۇش بارا-بارا ھەقىقىي ئەپتى -بەشىرىسىنى تولۇق ئاشكارىلاپ، تۇغ قىلىپ كۆتۈرگەن كىرىستلىرىنى بىر ياققا چۆرىۋېتىپ، بۇلاڭ -تالاڭ ئېلىپ باردى.

دۇنيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىدا يۈز بەرگەن ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى ئىككى يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە 10 نەچچە قېتىم، ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ پىراۋۇسلاۋىيە مەزھىپىدىكى خىرىستىيانلارغا قارىتا بىر نەچچە قېتىم ئېلىپ بېرىلدى.


1-قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى (1096-1099)


ئاساسلىق قۇشۇنغا ئىنگلىز كارولى پاتىخ كىليومنىڭ ئوغلى بولغان نورماندىيە كېنەزى روفەر، فىرانسىيە كارولىنىڭ قېرىندىشى ھوك دېۋورماندو، تاراند پادىشاھى بوھموند، تولوزا كېنەزى رايموند، بوئىلونلۇق گود فىراۋا، ئۇنىڭ ئىنىسى كورنىلىق بالدىۋىن ھەم پاپانىڭ ئەلچىسى ئارمالەر قوماندانلىق قىلدى.
جەمئى كەسپىي ھەربىيلەر ۋە چەۋەندازلاردىن 150 مىڭ كىشىلىك قۇشۇن 1097- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ۋىزانتىيىگە جەم بولدى.
بۇ ۋاقىتتا كىچىك ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان سەلجۇق ھۆكۈمرانلىرى ئۆز - ئارا ئىچكى ئۇرۇش قىلىۋاتقان بولۇپ، قىلىچ ئارسلانخان بىلەن تۈرك ئاقسۆڭەكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ كەتكەن ئىدى.
گەرچە قىلىچ ئارسلانخاننىڭ قوشۇنلىرى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغان بولسىمۇ، ئۇرۇشتا يېڭىلىپ يىرۇسالىم 1009- يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى قولدىن كەتتى.


2-قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى (1147-1149)


ئىمادىدىن زەڭگى سۈرىيەدە زەڭگىلەر سۇلالىسىنى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى كېنەزلەرگە كۈچلۈك زەربە بەرگەنلىكى ۋە روھا شەھىرىنى تارتىۋالغانلىقى پۈتكۈل خىرىستىيان دۇنياسىدا چوڭ تەسىر ۋە زىلزىلە قوزغىدى.
رىم پاپاسى ئىۋگىنىئوس ئوتتۇرىغا چىقىپ يەنە بىر قېتىملىق ئەھلىسەلپ ئۇرۇشى قوزغىدى.
250 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەشكىللىنىپ، 1147-يىلى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ يۈرۈش باشلىدى.
ئۇلار كونىستانتىنپول ۋە ئانادولو ئارقىلىق شامغا قاراپ يولغا چىقتى.
لىكىن سەلجۇقىيلاردىن سالاھىدىن ۋە ئاتىسى شىركوھنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى نەتىجىسىدە كىرىست ئارمىيىسى مەغلۇپ بولۇپ، يىرۇسالىمنىڭ كارولى - لوسگىنانلىق گوئى ئەسىرگە چۈشتى.
بۇنىڭدىن چۈچۈپ كەتكەن رىم پاپاسى 3-قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشىنى قوزغاشقا تەييارلىق قىلدى.
خەلق ئاممىسىدىن سېلىق يىغدى.
بۇ «سالاھىدىن سېلىقى» دەپ ئاتالدى.


3-قېتىملىق ئەھلىسەلپ ئۇرۇشى (1189-1192)


رىم پاپاسى كىلىماننىڭ كۈچلۈك تەشەببۇسى بىلەن گىرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق 13 دۆلەت بۇ ئۇرۇشقا قاتناشتى.
بۇ قېتىم 100 مىڭدىن ئارتۇق چەۋەنداز ئاتلاندى.
لىكىن سەلجۇقلارنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى ئارقىسىدا بۇ قۇشۇن مەغلۇپ بولدى،
ئەنگىلىيە كارولى رىچاد مەسىلىنى تىنىچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن سىڭلىسى جۇئاننانى سالاھىدىننىڭ ئىنىسى سەيپىدىنگە ياتلىق قىلدى.
تۇغۇلغان بالىغا «شاھزادە» دەپ نام بىرىلدى.
ئەھلىسەلىپچىلەرنىڭ تىنچ يول بىلەن يېرۇسالىمغا بېرىپ تاۋاپ قىلىشقا قۇشۇلدى. ئۈچ ئايدىن كىيىن سالاھىدىن ئەييۇبى ۋاپات بولدى.


4-قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى(1202-1204)


1 -قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ دەل بىر ئەسىردىن كىيىن، غەربىي ياۋروپالىق ئۇرۇشقاق بۇلاڭچىلار «ئەھلىسەلىپ» نامىدا يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش قوزغىدى.
بۇ ئۇرۇش «مۇقەددەس جاينى قۇتقۇزۇش» ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىلەن بىر دىندىكى شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىگە قارشى بولدى.
شەرقىي رىم لەشكەرلىرى ۋە خەلقى ئەھلىسەلىپ باسقۇنچىلىرىنى پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلىغاندىن كىيىن ئىمپىرىيە ئەسلىگە كەلدى.
شەرقىي رىمنى تاكى ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى ئىگەللىگەنگە قەدەر ئىمپىراتور مىخائىل ئەۋلادى باشقۇرۇپ كەلدى.


5-قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى (1216-1221)


مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمىگەن رىم پاپاسى ھونۇرۇس «ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسى»نى قۇتقۇزۇش نامى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش قوزغىدى.
مىسىردا باش قوماندان پراگ قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ سۈلھى تەلەپ قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىملىق ئۇرۇشمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.


6-قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى (1228-1229)


بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ھەقىقى دىنىي تۈس ئالمىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭغا پاپا تەشەببۇسچى بولدى.
بۇ ئۇرۇشقا گېرمانىيە كارولى ھېنىرى(4)نىڭ ئوغلى فىرىدىرخ(2) قوماندانلىق قىلدى.
بۇ ۋاقىتتا ئەييۇبىيە سۇلالىسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا تەخت تالىشىش كۈرىشى يۈز بەرگەن بولۇپ، قالايمىقانچىلىقتا قالغانىدى.
يىرۇسالىم قولدىن كەتكەن بولۇپ 1240-يىلى مەلىك سالھنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى ۋە چىڭگىزخاننىڭ ھۇجۇمى بىلەن خارەزىمدىن چىكىنگەن بىر تۈرك قومانداننىڭ ياردىمى بىلەن يىرۇسالىم يەنە ئەييۇبىيەلەرنىڭ قوماندانلىقىغا ئۆتتى.


7-قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى(1240-1249)


چارەك ئەسىردىن كىيىن، رىم پاپاسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن غەربىي ياۋروپادىكى ئەللەر 7-قېتىملىق ئۇرۇشنى قوزغىدى.
بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا فىرانسىيە كارولى سان لوئى قوماندانلىق قىلدى.
لىكىن بۇ قۇشۇن ۋابا كېسىلىنىڭ تارقىلىشى، كەلكۈن كىلىشى ھەم مەلىك سالھ قۇشۇنلىرىنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قىلىشى نەتىجىسىدە مەغلۇپ بولۇپ، سان لوئى ئەسىرگە چۈشتى ۋە 3 مىلىيۇن فىرانىك تۆلەپ يۇرتىغا قايتتى.


8-قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى (1270-1271)


بۇ قېتىملىقى سان لوئىنىڭ ئىنىسى ئانجۇلۇق چارلىز تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى.
لىكىن بۇلارمۇ مەغلۇپ بولدى.

رىم پاپالىرى ۋە غەربىي ياۋروپادىكى ھەر قايسى ئەل فىئودال ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئەھلىسەلىپ» دەپ ئاتالغان ئۇرۇشلار، ئۇمۇمەن ئىككى ئەسىردىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئىچىدە ئون نەچچە قېتىم ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ ئۇرۇشلارنىڭ بەزىسى تارىخىي ۋە دىنىي قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن، بەزىسى پاپا ۋە ئايرىم ھۆكۈمرانلارنىڭ سىياسىي غەرىزى تۈپەيلىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. بۇ ئۇرۇشلار تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ئۇرۇشلار ئىچىدە داۋام قىلغان ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن، ئۇرۇشقا قاتناشقان ئەللەرگە كەلتۈرگەن زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر بولغان تارىخى ئاپەتتۇر.
ــــــــــــــــــــــــ

مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/

تولۇق ئوقۇش

غەززەدە ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى ئۆلۈۋاتىدۇ





غەززەدە ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى ئۆلۈۋاتىدۇ


رەجەپ تايىپ ئەردوغان پەلەستىن ئۈچۈن سۆزلىدى


«ئىزدىنىش»تىن
DJ_MardaN
نىڭ بايانى:

(ئىككى ھەپتىدىن بېرى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىننىڭ گازا رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قەتلىئاملىرىغا قارىتا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ۋە ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىنكاسى ئىزچىل تۈردە پاسسىپ ھالەتتە بولۇپ كەلدى. پەقەت تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بىر ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئىران، ۋىنسۇئىلا ئەلباشلىرىدەك ئۇلۇغ قۇرۇق شۇئارلار ئاتماي قۇلىدىن كېلىشىچە پەلەستىن خەلقىغە ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىپ قوللاپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىرغا كەلگۈچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار پەلەستىن خەلقىغە زور مىقتاردا دورا، يىمەك-ئىچمەك ياردىمى قىلدى. باش مىنىستىر ئەردوغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ بۇ قەتلىئامنى توختىتىش ھەققىدە توختىماي چاقىرىق قىلىۋاتىدۇ. ھەتتا مۇشۇ كۈنلەردە تۈركىيە ھۆكۈمىتى مەخسۇس ئايرۇپىلان ۋە پاراخوت تەييارلاپ، پەلەستىندىكى يارىدارلارنى پاسپورت ۋىزا تەلەپ قىلماي تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىپ ھەقسىز داۋالاۋاتىدۇ. باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ پەلەستىندىن كەلتۈرۈلۈپ تۈركىيەدە داۋالاۋاتقان يارىدارلارنى يوقلاپ دوختۇرخانىغا بارغاندا سۆزلىگەن سۆزلىرىنى ۋە پارتىيەسىنىڭ يىغىنىدا دىگەن بەزى گەپلىرىنى سەۋىيەمنىڭ يېتىشىچە تەرجىمە قىلىپ چىقىرىپ قويدۇم.)
ـــــــــــــــــــــ


باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغان، گازا قەتلىئامىدا يارىدار بولۇپ تۈركىيەنىڭ ئاتاتۈرك مائارىپ ۋە تەتقىقات دوختۇرخانىسىدا ياتقۇزۇلۇپ جىددى داۋالىنىۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنى يوقلىدى. ئەردوغان، دوختۇرلاردىن كىسەللەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئالدى. بەزى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئېچىنىشلىق يارىسى ۋە ئۇلارنىڭ قەتلىئام ھەققىدە دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىگە ياش كەلدى. دوختۇرخانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەن ئەردوغان مۇنداق دېدى:

- سىلەرمۇ بىلىسىلەر، پەلەستىنگە ئايرۇپىلان ئەۋەتىپ 10 يارىدارلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى ئېلىپ كەلدۇق. ئەسلىدە بۇ جىدىى قۇتقۇزۇش ئايرۇپىلانىمىز 40 يارىدار بىلەن ئائىلە تاۋاباتلىرىنى توشۇيالايتى، بېرىشتا دورا قاچىلاپ بېرىپ كېلىشتە يارىدارلارنى ئېلىپ كېلىشنى پىلانلىغان ئىدۇق. ئەمما ئىسرائىلىيە تەرەپ بىلەن شۇنچە كۆرۈشسەكمۇ تېخىمۇ جىق يارىدار ئېلىشىمىزغا يول قويمىدى. لېكىن تېخىمۇ جىق يارىدارنى تۈركىيە ئەكىلىپ داۋالاش ئۈچۈن توختىماي كۆرۈشىۋاتىمىز.

دوختۇرخانىدا كۆردۈم، يارىدارلارنىڭ جىقى (چەكلەنگەن) فوسفور بومبىسىدا كۆيۈپ يارىلانغانلار ۋە بومبا پارتىلاشتا يارىلانغانلار ئىكەن. دوختۇرلار بىر يارىدارنىڭ ئىككى پۇتىنى پۈتۈنلەي كېسىشكە مەجبۇر بولدى، بېلىنىڭ ئاستى يوق. يەنە بېلىگە، بوينىغا بومبا پارچىسى، ئوق كىرىپ پالەچ بولغانلارمۇ بار. بۇلارنىڭ جىقى ياش بالىلار. دوختۇر دوستلىرىمىزغا كۆپتىن-كۆپ ياردەم ئېيتىمەن، ھازىر 10 نەپەر يارىدارنى جىددى داۋالاۋاتىدۇ. ئۇلارنى ساقايغۇچە داۋالايمىز. يارىدارلارنىڭ بېشىدا تۇرىۋاتقان ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىمۇ ئەڭ ياخشى شەكىلدە كۈتىۋالىمىز.


رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ پەلەستىن ئۈچۈن سۆزلىگەن سۆزلىرى:


2008 - يىلى 12- ئاينىڭ 27 - كۈنى باشلانغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇمى 3-ھەپتىسىگە قەدەم باستى.
ئۆلگەنلەر 900 دىن ئاشتى.
سەبىي بالىلارنىڭ ئۆلۈملىرىنى پۈتۈن دۇنيا نەق مەيداندىن كۆرۈپ تۇرۇپ، ھازىرغىچە ئۇرۇشنى توختىتالمىدى.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۇرۇش توختىشىش قارارى چىقارغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە : «مەن بۇنداق قارارنى تونۇمايمەن» دەپ پىسەنت قىلمىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئىنكاسى خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە بويسۇنۇپ باقمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كۆپ قىسىمى بۇ ھۇجۇمغا قارىتا تېخىچە پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتىۋاتىدۇ. خۇددى: ئىسرائىلىيە باشتا ئىشىنى تۈگىتىۋالسۇن ئاندىن بىز كىرىپ تىنچلىقنى ئورنىتايلى. دىگەندەك پوزىتسىيەدە بۇلىۋاتىدۇ.
بۇ بولسا قەتلىئامغا شېرىك بولۇشتۇر.
جىمىجىت تۇرىۋالغان ھەممەيلەن ئۆلىۋاتقان سەبى بالىلارنىڭ جاۋاپكارىدۇر.
ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى يارا بولدى.
گازادا بۇلىۋاتقان ئىشلار دىپلوماتىيەنىڭ چەك-چىگرىسىدىن ھالقىپ كەتتى.
(دىپلوماتىيەلىك يوللار بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە كەلدى دىمەكچى).

ئەينى ۋاقتىدا يەھۇدىي خەلقى ئىسپانىيەدىن سۈرگۈن قىلىنغاندا ھازىرقى پەلەستىنلىكلەرگە ئوخشاش مەزلۇم ئىدى،
ھىچكىم قوينىغا ئالمىغاندا يەنە بىز، ئوسمان ئىمپىرىيەسى ئۇلارنى باغرىمىزغا باستۇق.
ئەمما ھازىر، ئەينى ۋاقىتتىكى مەزلۇم يەھۇدىيلار بۇ زۇلۇمنى پەلەستىنلىكلەرگە سېلىۋاتىدۇ.
كالللىسىغا توختىماي بومبا ياغدۇرۇپ زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ.
ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا يېقىندا ئۆتكۈزىلىدىغان سايلام بار.
ئىسرائىلىيەلىك رەھبەرلەرگە دەۋاتىمەن،
تارىخ ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قىلمىشىنى بىر قارا داغ سۈپىتىدە يازىدۇ.
ئاتا-بوۋاڭلار ياۋروپادىن قوغلاندى بولغان چاغدا، بۇ تۇپراقلاردا سىلەرنى قوينىغا ئالغان ئوسمان تۈركلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنى سۆزلەۋاتىمىز.

تېخى تۈنۆگۈن گرۇزىيەدە ئۇرۇش بولغاندا بەس-بەستە سايرىشىپ، ياردەم مۇسابىقىسىگە چۈشكەنلەر، ئىش پەلەستىنگە كەلگەندە نىمىشقا جىم تۇرىۋالىدۇ؟
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى نىمە ئۈچۈن ئاغزىڭلارنى يۇمىۋالىسىلەر؟ نىمىشقا؟...
ئەمما بىز پەلەستىنگە قۇلىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز،
مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن ياردەم قىلىمىز.
گرۇزىيە ئۇرۇشىدىمۇ تۇنجى ياردەمنى يەنە بىز ئەۋەتتۇق...
خەلقئارالىق تاراتقۇلار بىزنى ئەيىپلەۋاتىدۇ،
ئەردوغان ھىسياتقا بېرىلىپ سۆزلەۋاتىدۇ دەۋاتىدۇ.
مەن پەلەستىندە شېھىت بۇلىۋاتقان بىگۇناھ ئىنسانلارغا قارىتا ھىسياتچان پوزىتسىيە تۇتىۋاتىمەن.

تېخىچە رەھىمسىزلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ھەرىكەتكە چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ.
پۈتۈن دۇنياغا شۇنى دېمەكچىمەن:
گازادا بىگۇناھ پۇقرالار بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت ئۆلىۋاتىدۇ،
سەبىلىك ئۆلىۋاتىدۇ،
ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى، غورۇرى ئۆلىۋاتىدۇ.
بۇ قەتلىئاملارغا جىمجىت قالغانلار تارىخنىڭ ئالدىدا بۇنىڭ سورىقىنى بېرىدۇ.

تۈركىيەنىڭ مەيدانى ئېنىق. بىز تىنچلىقنى، ھۇزۇر-ھالاۋەتنى، مۇقىملىقنى خالايمىز.
بىز پۇقرالارنىڭ ئۆلىشىگە، توقۇنۇشلارغا قارشى.
بۇ رايوندا توقۇنۇش داۋام قىلسا تىنچلىققا ھىچقاچان ئېرىشەلمەيمىز.
بۇ توقۇنۇشلار تىنچلىقنى يوقىتىپ ئوتتۇرا شەرقنى ئوت چەمبىرىنىڭ ئىچىدە مۇھاسىرىگە ئالىدۇ.

ئۇ بىگۇناھ سەبى بالىلارنىڭ باغچىلاردا ئۆلتۈرۈلىشى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە بىلەن ئالاقىسى بولغان يەھۇدىيلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان تاراتقۇلار: «بالىلار ئۇقۇشماسلىقتىن ئۆلدى، تېرورچىلار كىچىك بالىلارنىڭ كەينىگە مۈكىۋالغانتى» دەپ خەۋەر بېرىۋاتىدۇ.
دۆلىتىمىزدىكى بەزى تاراتقۇلارمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھۇجۇمىنى ھەقلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ.
مېنىڭ سۆزلىرىم ھەققىدە: «ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز بۇزۇلمىسۇن، ئەتىمىزنى ئويلىشىمىز كېرەك» دېيىشىۋاتىدۇ.
ئەگەر ئەتىمىزنى بەك بىلگۈڭلار كېلىپ كەتكەن بولسا، ۋاقىت ئايرىپ يېنىمغا كېلىڭلار، شەخسىي ئولتۇرۇپ (تۈركىيەنىڭ) ئەتىسى ھەققىدە سۆزلىشىمىز.
ئەردوغاننىڭ گەپلىرى بەك قاتتىق كەتتى دىگەنلەر بار،
بۇ گەپلىرىم فوسفور بومبىلىرىدىن قاتتىق ئەمەستۇ؟
تانكىلاردىن چىقىۋاتقان ئوقلاردىن قاتتىق ئەمەستۇ؟
مەنمۇ بىر ئىنسان ۋە بىر دادا....

مەنبە
http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?ThreadID=34878
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

تولۇق ئوقۇش

يەھۇدىيلار ئافرىقىدا دۆلەت قۇرماقچى بولغان



يەھۇدىيلار ئافرىقىدا دۆلەت قۇرماقچى بولغان


ئەگەر ئوتتۇرا شەرقنى يېقىنقى ۋە ھازىرقى دۇنيادىكى مەڭگۈلۈك قىزىق نۇقتا دېسەك، ئۇنداقتا پەلەستىندىن ئىبارەت ئانچە كەڭ بولمىغان زېمىندا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان بىر-بىرىنى قىرىشىپ كېلىۋاتقان يەھۇدىيلار بىلەن ئەرەبلەرنى توختىماي توقۇنۇشۇپ كېلىۋاتقان رەقىبلەر دېيىشكە بولىدۇ.
قەدىمكى زامان تارىخىدا يەھۇدىيلارنىڭ ئاخىرقى ھاكىمىيىتى مىلادى 135-يىلى گۇمران بولغان، رىم ئىمپېرىيىسى قالغان نۇرغۇن يەھۇدىينى ياشىغان جايىدىن قوغلاپ چىقارغان، بۇ جاينىڭ ئەسلىدىكى «ئىسرائىلىيە»، «يەھۇدىي» دېگەن ناملىرىمۇ يوقاپ، ئورنىغا «سۇرىيە ۋە پەلەستىن» دەپ يېڭى نام قويۇلغان.
ئۇنداقتا، يەھۇدىي دۆلىتى ئايرىلغىنىغا ئىككى مىڭ يىلغا يېقىن بولغان بۇ جايغا قانداق قايتقان؟


ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشتىن دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە

يەھۇدىيلار ئۆز مىللىتىنىڭ دىن ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى ئۇزاقتىن بۇيان ساقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تارقاق ئولتۇراقلىشىپ كەلمەكتە، ئوتتۇرا ئەسىر ۋە كېيىنكى خېلى ئۇزاق تارىخىي مەزگىلدە يەھۇدىيلار ئومۇمىي سانىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدىغان ياۋروپادىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئاساسىي سىياسىي خاھىشى «ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش» بولۇپ، ئۇلار بۇرژۇئازىيىنىڭ «ئادەم دۇنياغا كۆز ئېچىپلا باراۋەر بولۇش» ئىدىيىسىدىن پايدىلىنىپ، يەھۇدىيلارنىڭ ياۋروپادىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان باراۋەر ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى. لېكىن 1848 - يىلىدىكى ياۋروپا ئىنقىلابىدىن كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتنىڭ فېئودال پادىشاھلىرى ئىنقىلابنى يەھۇدىيلارغا دۆڭگىدى ھەم قايتىدىن يەھۇدىيلارنى چەتكە قېقىش ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى.
ئىنقىلابتىن كېيىن ھەر قايسى ئەللەردە مىللەتچىلىك كەيپىياتى يۇقىرى بولۇپ، «يات مىللەت» بولغان يەھۇدىيلار بىر تەرەپتىن ھەر قايسى ئەللەردە چەتكە قېقىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلاردا «نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ يەھۇدىي دۆلىتىمىزنى قۇرمايمىز؟» دېگەندەك چەكلىگىلى بولمايدىغان بىر خىل يېڭى كەيپىيات پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
بۇ ئىدىيىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان كىشى موسېس ھېس
(Moses Hess)
ئىسىملىك گېرمانىيىلىك يەھۇدىي بولۇپ، ئۇ 1862- يىلى «رىم ۋە يىرۇسالىم، ئاخىرقى مىللىي مەسىلە» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، «دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش - يەھۇدىيلارنىڭ چىقىش يولى» دېگەن ئىدىيىنى تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.
1882-يىلى لېئو پىنكستېيىن ئىسىملىك پولشالىق يەھۇدىي ئىمزاسىز ماقالا ئېلان قىلىپ: «بىز يەھۇدىيلار خەقنىڭ جۇۋىسىدا تەرلىمەكتىمىز، سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانسېرى باشقىلارنىڭ شۇنچە ئۆچمەنلىكىگە ئۇچراۋاتىمىز، بىز يەھۇدىيلارنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولىمىز - مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش، بۇنىڭ ئۇسۇلى: بىز يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزىمىزگە تەۋە دۆلىتىمىزنى قۇرۇش ئۈچۈن، دۇنيا يەھۇدىيلار قۇرۇلتىيى ئېچىپ، مەبلەغ غەملەپ مۇۋاپىق يەر سېتىۋېلىش» دېگەن.
شۇ يىلى روسىيىنىڭ خائېركوفتا ئوقۇۋاتقان 14 ستۇدېنت «تەۋرات»تىكى قىسسىلەردە تىلغا ئېلىنغان‹ زىئون›، يەنى ‹پەلەستىن› دېگەن نامدىن پايدىلىنىپ، «زىئونغا قايتىش» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلات قۇرغان.
1890- يىلى ئاۋسترىيىلىك بىرنبائۇم
(Birnbaum)
دېگەن كىشى زىئونىزم - «يەھۇدىي قىساسچىلىقى» ئاتالغۇسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ھەم زىئونىزم - يەھۇدىي قىساسچىلىقىنىڭ نامىغا ئايلانغان.
1894- يىلى فرانسىيىدە مەشھۇر دىرىفۇس ۋەقەسى يۈز بەردى. يەھۇدىي ئوفىتسىر دىرىفۇسنىڭ بىگۇناھ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى غەربىي ياۋروپادىكى يەھۇدىيلارنىڭ مىللىي ھىسسىياتىنى قوزغىدى، بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىي قىساسچىلىقى بارا-بارا يەھۇدىيلارنىڭ ئاساسىي ئېڭىغا ئايلاندى.


ئافرىقىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ دۆلەت قۇرۇشقا تەييارلىنىش

يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ دەسلەپتە ئىسرائىلىيە بىلەن بىۋاسىتە چېتىشلىقى يوق ئىدى.
«يەھۇدى دۆلىتى» توغرىسىدا خېرزل
(Herzl)
پەلەستىن بىلەن ئارگېنتىنادىن ئىبارەت ئىككى نامزات لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويغان،
ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىككى جايدا «مىللەت مەۋجۇت بولمىغان زېمىن» بار بولۇپ، يەھۇدىلاردەك «تىرىكچىلىك قىلىدىغان زېمىنى يوق مىللەت»نىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا ناھايىتى مۇۋاپىق كېلەتتى.
دەسلەپكى دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھىسى خىلمۇ خىل بولغان:
ئەنگلىيە ئافرىقىدىن بىر پارچە زېمىننى يەھۇدىيلارغا سېتىپ بېرىپ، «يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ ئۇلى» قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن.
يەنە بەزىلەر جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىي ياكى جەنۇبىي ئامىرىكىدىن يەر سېتىۋېلىش توغرىسىدىمۇ چوت سوققان،
ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى يەھۇدىي بايلارنىڭ مالىيە كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئىگىسىز قاقاس يەر سېتىۋېلىپ دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەتلا بولغان، خالاس.
1903- يىلى ئەينى چاغدىكى روسىيىنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قارىتا، ئەنگلىيە مۇستەملىكىسىنىڭ لاۋازىمەت ۋەزىرى جوسېف چامبېرلېين
(Joseph Chamberlain)
تېئودور خېرزل (Theodor Herzl)
رەھبەرلىكىدىكى «زىئونىزم»(يەھۇدىي قىساسچىلىقى) تەشكىلاتىغا ئەنگلىيىگە قاراشلىق «ئۇگاندا پىلانى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەنگلىيىگە قاراشلىق شەرقىي ئافرىقىدىكى 13 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىننى يەھۇدىيلارنىڭ يۇرت-ماكانى قىلىشقا ئاجرىتىپ بەرمەكچى، ئەگەر يەھۇدىيلار كۆچمەن بولۇپ بارماقچى بولسا، يېشىل چىراق يېقىپ بەرمەكچى بولغان. نۇرغۇن كىشى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يەھۇدىيلارنىڭ بۇ يەرگە ئورۇنلىشىشىنى ئۈمىد قىلغان.
1903- يىلى شۋېتسارىيىنىڭ باسېلدا ئېچىلغان«زىئونىزم»(يەھۇدىي قىساسچىلىقى) قۇرۇلتىيىدا كۆپ تەرەپ بۇ پىلان توغرىسىدا كەسكىن مۇنازىرە قىلغان.
1904-يىلى «زىئونىزم»(يەھۇدىي قىساسچىلىقى) قۇرۇلتىيى بېكىتىلگەن يېڭى يۇرت-ماكاننى تەكشۈرۈشكە ئۈچ ۋەكىل ئەۋەتكەن. پىلاندىكى يېڭى ماكاننىڭ ئېگىزلىك كېلىماتى بىلەن ياۋروپانىڭ كېلىماتى ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇ جاي ياۋروپادىكى يەھۇدىيلارنىڭ كۆچۈپ بېرىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بولسىمۇ، ئېگىزلىكنىڭ ھەممە يېرىدە خەتەرلىك ياۋايى ھايۋان بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەردە ئاھالىلەر ئەسلىدىنلا ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئافرىقىدىكى نوپۇس ئەڭ زىچ رايون بولغاچقا، يەرلىك كىشىلەرنىڭ ياۋروپالىق كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىشى ناتايىن ئىدى. «زىئونىزم» (يەھۇدى قىساسچىلىقى) قۇرۇلتىيى تەكشۈرۈش ئۆمىكى تاپشۇرغان دوكلاتنى مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن، 1905-يىلى ئەنگلىيىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىشنى قارار قىلدى.
«ئارگېنتىنا لايىھىسى»- خېرزل دەسلەپتە ئوتتۇرىغا قويغان «يەھۇدى دۆلىتى»گە ئالاقىدار ئىككى نامزات لايىھىنىڭ بىرى ئىدى، چۈنكى ئارگېنتىنانىڭ پامپاس ئوتلىقى كەڭ، ئادەم شالاڭ، گېرمانىيىلىك نۇرغۇن كۆچمەن بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەھۇدىي ئىدى، خېرزلنىڭ دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پرىنسىپى- «زېمىنى يوق بۇ مىللەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مىللەت يوق بىر پارچە زېمىن تېپىش» ئىدى، شۇڭا، ئۇ ئارگېنتىنا ناھايىتى مۇۋاپىق دەپ قارىغان، لېكىن «ئارگېنتىنا لايىھىسى» تىزلا ئىنكار قىلىندى، چۈنكى، ئۇ جايدا گېرمانىيىلىك كۆچمەنلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت جىددىي بولۇپ، يەھۇدىيلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمەيتتى، شۇڭا، يەھۇدىي سودىگەرلەر بۇ پىلانغا قىزىقمىدى.
1908- يىلى يەھۇدىيلار پەلەستىندىن يەر سېتىۋېلىپ، كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى تەشكىللىك« تىرىلدۈرۈش ھەرىكىتى»گە ئايلاندۇردى.
1909-يىلى «كىببۇتز»(kibbutz) دەم ئاتالغان يەھۇدىيلار مەھەللىسى پەلەستىندە تۇنجى قېتىم پەيدا بولدى.
1- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىغىچە، شەرقىي ياۋروپادىن تەخمىنەن 40 مىڭ يەھۇدىي پەلەستىنگە كۆچۈپ كەلدى.


ئىسرائىلىيە دۆلەت قۇرۇپ ئەتىسىلا ئۇرۇش پارتلىدى

1- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى يەھۇديىلار دۆلىتى بىلەن پەلەستىننى يەنىمۇ بىر قەدەم يېقىنلاشتۇردى. يەھۇدىيلارنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى بالفۇر (Balfour) پەلەستىندە «يەھۇدىلار يۇرتى» قۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 65 سۆزلۈك بۇ خەت يەھۇدى قىساسچىلىقىنىڭ«تىلتۇرمارى»غا ئايلاندى.
1920- يىلى ئەنگلىيە پەلەستىننى ئىشغال قىلىۋالدى ھەم ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆزىگە پىششىق بولغان «پارچىلاپ باشقۇرۇش» ھىيلە-مىكىرىنى قوللىنىشقا باشلىدى.
2- دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا، ياۋروپادا ئالتە مىليۇن يەھۇدىي ھاياتىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيلارنىڭ قۇرۇلمىسىدا تەل-تۆكۈس ئۆزگىرىش بولدى،
«يۇرت-ماكانىغا قايتىش» - نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىيلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈرەك ساداسىغا، «يەھۇدى دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» - غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.
1947- يىلى 11- ئاينىڭ 29- كۈنى ب د ت يىغىنىدا« پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىنى بۆلۈپ باشقۇرۇش قارارى» ماقۇللىنىپ، ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەرەب دۆلىتى ۋە يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇپ، پەلەستىنگە قارىتا بۆلۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش بەلگىلەندى.
1948-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنگلىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى، بېن گۇرىئون
(Ben-Gurion)
تېل ئاۋىۋدا يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، دۆلەت نامىنىڭ« ئىسرائىلىيە» دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
خۇددى بېن گۇرىئون ئېيتقاندەك: «يەھۇدىي قىساسچىلىقى ھەرىكىتى چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، يەھۇدىيلار ئۆزىگە تەۋە زېمىننى قولغا كەلتۈرۈگەن بىر قېتىملىق ئۇچىغا چىققان سىياسىي ھەرىكەت بولدى»
بۇ يول ئەگرى-توقاي، جاپا-مۇشەققەتلىك بولۇپ، «ئارقاندا ئەمەس، بەلكى قىل ئۈستىدە ماڭغانلىق ئىدى»، لېكىن، ئۇلار بۇ يولدا ماڭالىدى.
ھالبۇكى، ئەرەبلەر روشەنكى «مەغلۇب بولغان باسقۇنچىلار»نى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىدى، ئىسرائىلىيە دۆلىتى قايتىدىن پەيدا بولغان كۈننىڭ ئەتىسى بەش ئەرەب دۆلىتى ئىسرائىلىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى،
«يەھۇدى دۆلىتىنى يوقىتىش» - ئاخىرقى مەقسەت قىلىنغان 1-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتلىدى، مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيىسى «تېز ئۇرۇش قىلىپ، تېز غەلىبە قىلىپ، ئىسرائىلىيىنى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە تۈپ-تۈز قىلىۋېتىش»تەك جەڭ نىشانىنى بېكىتتى، ئەينى چاغدا 60 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئەينى چاغدىكى «زىئون»نىڭ ئەتراپىدا ھازىرقىدەك سىياسىي تېرروتىرىيە پەيدا بولىدىغانلىقىنى ھېچكىممۇ خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى.

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دىن

مەنبە
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-90999.html

تولۇق ئوقۇش