2009年2月27日星期五

يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنى «ئەقىللىق» دەپ قارىمايدۇ

ئىخچام



يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنى «ئەقىللىق» دەپ قارىمايدۇ


غەرب دۇنياسىدا: «ئۈچ يەھۇدىي بىر يەرگە كەلسە، دۇنيانىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىيەلەيدۇ» دەيدىغان گەپ بار.
يەھۇدىيلارنىڭ «ئەقىللىق» دەپ سانىلىشىغا يەھۇدىيلارنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ۋە ئۇلار ئىگە بولغان زور بايلىق سەۋەب بولغان. ئەمەلىيەتتە يەھۇدىيلار تۇغۇلۇشىدا باشقا مىللەتلەردىن «ئەقىللىق تۇغۇلغان» بولماستىن، ئۇلار پەقەت ئەقىل بۇلىقىدىن ئىبارەت بۇ بىباھا بايلىقنى قانداق ئېچىشنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئەقىللىق، دېيىشكە بولىدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ نەزەرىدە ھەر قانداق نەرسە باھالىق بولۇپ، يوقاتقان تەقدىردىمۇ قايتا ئېرىشكىلى بولىدۇ، لېكىن پەم – پاراسەت ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى بىباھا بايلىق ھېسابلىنىدۇ.

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بىر مۇخبىرى ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزاق يىل تۇرغان بولۇپ، يەھۇدىيلار بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە زېرەك مىللەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىغان.
ئۇنىڭ قارىشىچە، يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىدارلىق ئەمەس ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇتۇق ئىقتىدارى يوق، ئىچ مىجەز كىشىلەرمۇ بار ئىكەن. مۇخبىر يەھۇدىيلار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا،
ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «يەھۇدىيلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتى»، «يەھۇدىيلارنىڭ سودا قىلىش يولى» دېگەندەك كىتابلاردىن بىزار ئىكەنلىكى، ئۇنى پەقەت نەشرىيات سودىگەرلىرىنىڭ پۇل تېپىش ۋە قايمۇقتۇرۇش ئۇسۇلى، دەپ قارايدىغانلىقى، بۇ خىلدىكى كىتابلاردا قاملاشمىغان مەزمۇنلار، مەسىلەن: «يەھۇدىي دادىلار بالىلىرىنى ئېگىزدىن پەسكە سەكرەشكە بۇيرۇپ، ئۆزىنىڭ پەستە تۇرۇپ تۇتۇۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىدىكەن، بالا سەكرىگەن چاغدا، دادىسىنىڭ كارى بولمايدىكەن، بالا قاتتىق يىقىلغاندىن كېيىن، ئاندىن بالىسىنى ‹ئۆزۈڭدىن باشقا ھېچكىمگە ئىشەنمە› دەپ تەربىيىلەيدىكەن؛ شۇنىڭدەك ئانا تەۋراتقا ھەسەل سۈرۈپ، بالىسىنى كىچىكىدىن باشلاپ تەۋراتنى ياخشى كۆرۈشكە ئۈندەيدىكەن» دېگەنگە ئوخشاش ساغلام بولمىغان سۆز – جۈملىلەر بارلىقىنى بىلگەن.

مۇخبىرنىڭ بىر يەھۇدىي دوستى ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئەزەلدىن بۇنداق تەربىيىلىمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار ئائىلە تەربىيىسىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن. يەھۇدىيلار ئېسىل ھېكمەتلىرى ئارقىلىق بالىلىرىنى سەمىمىي، تىرىشچان بولۇشقا ئۈندەيدىكەن.
مۇخبىر يەھۇدىي دوستلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن بايراملىق ئائىلىۋى ئولتۇرۇشلارغا كۆپ قېتىم قاتنىشىپتۇ. بۇ جەرياندا ئۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قولىدا «يەھۇدىي ھېكمەتلىرى» دېگەن كىتابنىڭ بارلىقىنى، ئولتۇرۇشتا يېشى كىچىك بالىدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇيدىغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇلارنىڭ قولىدىكى كىتابلار ئېسىل، جەلپ قىلارلىق بولۇپ، پەلسەپىۋى، ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك ئىكەن، بۇنى ئوقۇپ چوڭ بولغان بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن سۆز – ھەرىكىتىدە كىتابنى ئاساس قىلىدىكەن.
ئىسرائىلىيىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ئوز: «يەھۇدىي مىللىتىنىڭ گېنىنى ھەرگىز باشقا مىللەتنىڭ گېنىدىن ياخشى، دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا جاۋاپ تېپىشقا توغرا كەلسە، جاۋابى ناھايىتى ئاددىي - يەنى كىتاب.
سەۋەبى، ناھايىتى ئۇزاق دەۋرلەر جەريانىدا، يەھۇدىيلارنىڭ كىتابتىن باشقا ھېچنېمىسى بولمىدى.
جۇڭگولۇقلار سەددىچىن سېپىلىنى ياساۋاتقاندا، يەھۇدىيلار كىتاب كۆردى،
مىسىرلىقلار ئەلئېھرامنى ياساۋاتقاندا يەھۇدىيلار يەنىلا كىتاب كۆردى» دېگەن.


«شىنجاڭ گېزىتى» -(2009-02-27)
مەنزىل
http://palastinbiz.blogspot.com/
**************************************

没有评论:

发表评论