ئىسرائىلىيەنىڭ جاسۇسلۇق تەشكىلاتى - مۇسساد«موسساد» - زېئونىزىم ھەركىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىسرائىلىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن پەيدا بولغان. ئىسرائىلىيە قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، پەلەستىن رايونىدا، يەھۇدىيلارنىڭ مەخپى ھەربىي تەشكىلاتى «ھاجىنا» مەۋجۇت ئىدى. بۇ تەشكىلات ئاساسلىقى پەلەستىن رايونىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ مەخپى قورال-ياراغ سىتىۋىلىشى، قۇرال ياراغ ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى يۆتكەش ئىشلىرى، «ھاجىنا» تەشكىلاتىنىڭ ئاخبارات تارمىقى بولغان «سايە» ئۈچۈن ئاخبارات توپلاش ئىدى.
1948-يىلى ئىسرائىلىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن «ھاجىنا» ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيسى بولۇپ قۇرۇلدى. ئالتە ھەپتىدىن كېيىن «سايە» چەتئەللەرگە قارىتا ئاخبارات توپلاش ئورگىنى بولۇپ قۇرۇلدى. مانا بۇ مۇسسادنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى..
تور بېتى
http://www.mossad.gov.il
«موسساد»نىڭ سىرلىق چۈمبەردىسىنى ئىچىشئىسرائىلىيەنىڭ تىل ئاۋىف شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا، ئانچە كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان قوڭۇر رەڭلىك بىر كىچىك بىنا بار. مانا بۇ نامى پۇركەتكەن «موسساد»نىڭ باش شىتابى.
«موسساد»نىڭ تولۇق ئىسمى بولسا - «ئىسرائىلىيە ئاخبارات ئالاھىدە ۋەزىپە ئىدارىسى».
ئۇ 1951- يىلى رەسمىي قۇرۇلغان.
ئەمىلىيەتتە ئىسرائىلىيەدە ساقچى، ئارمىيە، دىپلۇماتىيە تارماقلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرى بار. لىكىن ئەڭ ئاساسلىق ھېسابلىنىدىغىنى بولسا يەنىلا «موسساد».
«موسساد»نىڭ نۇرغۇنلىغان پائالىيەتلىرى يەنىلا دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيسى زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ۋە غەرپتىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات-ئۇچۇر تارماقلىرىنىڭ ياردەملىشىشى ئارقىسىدا غەلبىگە ئىرىشسىمۇ، لىكىن كىشلەر دائىم بۇ ئۇتۇقلارنىڭ ھەممىسىنى «موسساد» بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قاراپ ئۇنى تىخىمۇ سىرلىقلەشتۈرۋەتكەن.
50 يىلدىن بۇيانقى بەش قىتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى جەريانىدا كىچىككىنە ئىسرائىلىيە زىمىنىنىڭ شۇنچە تېز كىڭىيشىدە «موسساد»نىڭ تۆھپىسى ئەڭ چوڭ بولدى، دەپ قاراشقا بولىدۇ.
50 - يىللاردا «موسساد» جاسۇسلۇق تەشكىلاتى تۇنجى بولۇپ قولغا چۈشۈرگەن، خرۇششىفنىڭ سىتالىنغا قارشى مەخپىي دوكلاتى ئامىرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈردى.
60-يىللاردا دۆلەت ھالقىپ ئىز قوغلاپ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلغان ئۇرۇش جىنايەتچىسى ئادولف ئىچماننى ئارگىنتىنادىن تۇتۇپ كىلىپ ئىسرائىلىيە سوتىغا تاپشۇردى.
1966-يىلى «موسساد» ئىراقتىن شۇ ۋاقىتتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغان كۆرەشچى ئايرۇپىلان
MG-21
ئوغۇرلىدى.
«موسساد» يەنە زەربىدار ئەترەت تەشكىللەپ ئۇگاندانىڭ پايتەختى ئىندىبىر ئايرۇپورتىغا ھۇجۇم قىلىپ بىر ئەسكەرنىڭ قۇربان بولۇش بەدىلىگە مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا 100 دىن ئارتۇق تۇتقۇننى قۇتقۇزۇپ چىقتى. بۇ قىتىمقى ھەركەتتە ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى نىتانىياخۇنىڭ ئاكىسى كوماندىر يۆنى ئاساسلىق رول ئوينىدى.
گەرچە «موسساد»نىڭ كۆپ قىسىم ھەركەتلىرىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلىپ كەتمىسىمۇ لىكىن ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئاشكارلانغان بىر قسىم ئەھۋاللاردىن يەھۇدىيلار ئېپتىخارلىق ھىس قىلىشىدۇ.
ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى بىلەن ياراتقان ھەيران قالارلىق ئۈنۈملىرىئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت ئەمىلىي كۈچى چەكلىك، زور كۆلەمدىكى ئۇچۇر، ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ چىقىمىنى قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس.
چەبدەسلىك، يۇقىرى ئۈنۈم بولسا «موسساد»نىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى.
(1). ئىسرائىليەدىكى ئالاھىدە بولغان مۇھىت، «موسساد»قا قايتىدىن نەزەرگە ئىلىنىشىغا سەۋەپ بولدى. ئۇنىڭغا بىۋاستە زۇڭتۇڭ رەھبەرلىك قىلىدىغان بولۇپ «موسساد» نىڭ قۇرغۇچىسى خالېير زۇڭلى گۇرىئاننىڭ مۇتلەق ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەن بولغاچقا «موسساد» نىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن تىزلىكتە قارارنامە ئىلىش شارائىتىنى ھازىرلىغان.
(2). «موسساد» ئەزالىرىنىڭ ساداقىتى پۇل-مال، مۇكاپاتنى ئاساس سەلكىن قىلغان بولماسىن بەلكىن ئىتىقادنى ئاساس قىلغان. دۆلەت ئىدىئالىزىمى ۋە نانسېست فاشىستلىرىغا بولغان قاتتىق ئۆچمەنلىك «موسساد» تەشكىلاتىنىڭ ئەتراپىغا يەھۇدىيلار ئىچىدىكى قابىل كىشىلەرنى توپلىغان.ئۇلاردىكى مۇتلەق بولغان ساداقەت ئۇقۇمى ئۆز كەسپىنى بىرىلىپ ئۈگۈنۈپ «موسساد»نىڭ ھەيران قالارلىق ئۈنۈمگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئاساس سالغان.
(3). ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان تەشكىللەش، تەربىيلەش سېستىمىسى، خالېرنىڭ تۈزۈملىرى، قۇرۇق ھەۋەسكە بىرىلمەيدىغان پېدائىيلار، 007 غا ئوخشاش ئۇنداق تەۋەككۈچىلەرنى قارشى ئالماستىن بەلكى ئاستىرتتىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئالاھىدە ئېقتىدارلىق ئىگە بولغان ئادەملەر ۋە ئادەتتىن تاشقىرى كەچمشكە ئىگە بولغانلار تاللىۋىلىنىدۇ
(4). يەھۇدىيلارنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنش.ئىسرائىلىيەدىكى يەھۇدىيلار 80 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن بولۇپ ، 100 نەچچە خىل تىلنى قوللىنىدۇ.بۇ خىل ئەھۋال «موسساد» نىڭ ھەرقايسى رايونلاردا «يەرلىك» ئالاھىدە خادىملارنى ئىشلىتىش ئىمكانېيتىگە ئىگە قىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا «موسساد» ئۆزىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرىغا تولۇق ئىشىنىدۇ، ھەرخىل چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىدۇ. ئەگەردە بىرەر ئادەم قولغا ئىلىنىپ قالسا، ئىسرائىلىيە تەرەپ قانچىلىك ئىغىر بەدەل تۆلەشتىن قەتئىي نەزەر قوتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ.
1967-يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ پەۋقولئاددە جاسۇسى كوھىننىڭ كۆرسەتكەن زور تۆھپىسى بىلەن ئىسرائىلىيە ئارمىيسى گولان ئىگىزلىكىنى تېزلىكتە ئىگىلىيەلىدى.
«موسساد»نىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى ئاستىدا يىتىلگەن كوھىن ئىلگىرى سۈرىيە زۇڭتۇڭىنىڭ يىقىن دوستى بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرستىلىگەن. ئۇ سۈرىيەنىڭ پايدىلىنىشقا بولىدىغان ھەربىي مەخپىيەتلىكلىرىنى ئاشكارلىۋىتىشكە تاسلا قالغان.
1965-يىلى كوھىن بىخەستىلىك قىلىپ قولغا ئىلىنغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە نەچچە ئون سۈرىيە جاسۇسى ۋە نەچچە مىليۇن دوللار تۆلەم تۆلەش بىلەن بىرگە رىم پاپاسى، ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى، ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭىنىڭ مەخسۇس دوختۇرىنى ئارىغا سىلىپ ئاران دىگەندە كوھىننى قايتۇرۇپ كەلدى. ئېقتىدارلىق يەنە بىر جاسۇس لوتىس مىسىردا قولغان ئىلىنغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن مىسىرلىق توققۇز گېنىرال بىلەن ئالماشۇرۇش شەرتى بىلەن لوتىسنى قايتۇرۋالدى.
مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن «موسساد» ئالاھىدە خادىملىرى جان تىكىپ بولسىمۇ ئەمىلىي ئۈنۈم يارىتىشقا تىرىشىدۇ.
يۇقىرى تىخنىكا ۋاستىسى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىش
«موسساد» ئاخبارات توپلاشتا يۇقىرى كەمدىن كەم تىپىلىدىغان يۇقىرى تىخنىكا خادىملىرىغا تايىنىدۇ.ئامىرىكا تەرىپىدىن مۇستەھكەم قورغان دەپ تەرىپلەنگەن ئاق ساراينى بولسا ئىسرائىلىيەلىك كومپىيۇتېر ماھىرى باھا بىرىپ: ئاق سارايغا سوقۇنۇپ كىرىش گۆدەك بالىنى ئالداپ ئوينىغانچىلىكلا بىر ئىش دەيدۇ. «موسساد»نىڭ ئوقتا ئالاھىدە ئەترىتىنىڭ نىشانى بولسا مەخسۇس چەت دۆلەتلەرنىڭ مەخپىي ئورگانلىرىنى نىشان قىلغان . ئۇلارنىڭ دىيىشىچە: دۇنيادا «ئوقيا» كىرىپ باقمىغان ھىچقانداق بىر دۆلەت رەھبەرلىك ئورگىنى قالمىغانمىش. ھەتتا ئامىرىكا ئاق سارايمۇ چالا ئەمەسمىش... ئاقساراي، پارلامىتنىڭ تىلفۇن خاتىرلىرى دۆلەت زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ئىلخەت خاتىرلىرىگىمۇ «موسساد» ئىرىشەلەيدۇ...
«موسساد» ئامىرىكا زۇڭتۇڭى كىلىنتۇن بىلەن لىۋىنىسكىنىڭ 30 نەچچە سائەتلىك ئىشقى-مۇھەببەت كۆرۈنىشلىرىنى ئۇدا سۈرەتكە ئىلىۋالغاندا كىلىنتۇن بۇنداق بىر ئىشلارنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئويلاپمۇ باقىمىغان.
1998-يىلى سىتار ئامىرىكا دۆلەت مەجلىسىگە كىلىنتۇننىڭ جىنسىي سەتچىلىكىگە ئائىت سىن ماتىرىيالىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، كۆپ ساندىكى خەلق ئاممىسىنى ئەپسۇسلاندۇردىغان مۇنداق بىر بۆلەك بار:
لىۋىنىسكى 1997-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى كىلىنتۇن بىلەن زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىدا قوچاقلاشقان ۋاقىتتا، كىلىنتۇن ئۇنىڭغا مەلۇم بىر دۆلەت مەمۇرىينىڭ تىلفۇنىنى ئىزچىل ھالدا مەخپىي تېڭشاپ كىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
كىلىنتۇن يەنە ئۇنىڭغا: ئەگەر بىرەرسى تىلفۇندا مەخپى تىڭشاش ئىشىنى قانداق چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلسا ئۇلارغا مەخپىي تىڭشاشتىن ئىھتىيات قىلىش ئۈچۈن دەپ ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ قىلىپ باشقىلارنى قايمۇقتۇرۇشنى ئېيتقان.
يۇقارقى بايانلار ئامىرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېتىبارىنى تارتىدۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئامىرىكا تىلفۇن شىركىتىدە خىزمەت قىلىدىغان بىر ئىسرائىلىيەلىكنىڭ ئايالى ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە خىزمەت قىلاتتى، تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغادا ئۇمۇ «موسساد»نىڭ ئەزاسى بولۇپ چىققان. ئالاھىدە خادىملار ئۇنى تەكشۈرگەندە فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئەڭ سەزگۈر بولغان تېلفۇن خاتىرلىرىنى بايقىلىشى ئۇلارنى ھەيران قالدۇرغان.
ئامىرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مېنىستىرلىكىنىڭ سابىق باشلىقى ماجور: «ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئۇچۇر توپلاش خىزمىتى گوياكى ئۇرۇش قىلغانغا ئوخشاش، مەڭگۈ جىددىي ھالەتتە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئۆز كەسپىدە ۋاستە تاللىمايدۇ» دەپ، ئۆزىنىڭ ئىسرائىلىيە جاسۇسلىرىغا بولغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«موسساد» دائىم ئۆزىنىڭ ئامىرىكا تەۋەسىدە جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بىرىشنى چەكلەش توغۇرلۇق قائىدىسى بارلىقىنى ئېيتىپ ئاق ساراي بىلەن دائىم دىگۈدەك ئۆزىنىڭ قىلمىشىرىنى رەت قىلىدۇ. ئەمما «موسساد» دۆلەت مەنپەئىتى ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشىمىز كىرەك، ئىشلىرىمىزنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىزلىق چىگرىسىنى قىنى كىم ئايرىپ بىرەلەيدۇ دىگەندەك قائىدىلەرنى ئۆزىگە شۇئار قىلغان.
ئەمىلىيەتتە 1985-يىلىنىڭ دەسلىپىدە، ئامىرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئامىرىكا دىڭىز ئارمىيسى ئاخبارات بۆلىمىگە سوقۇنۇپ كىرمەكچى بولغان يەھۇدىي جاسۇس پولادنى بايقىدى.
ئامىرىكا تەرەپنىڭ ئاشكارلىشىچە، بۇ يەھۇدىي جاسۇسى ئىسرائىلىيە تەرەپكە ئامىرىكا ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ ئىسمى، سۈرىتى، تۇرۇشلۇق ئورنى قاتارلىق 500 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق مەخپى ماتىرىيالنى يەتكۈزۈپ بەرگەن.
ئامىرىكا تەرەپنىڭ ئاشكارلىشىچە، شەرتلىك بەلگىسى مىگا بولغان يەنە بىر يەھۇدىي جاسۇسىنىڭ ئاقسارايدىكى ھەركىتى ئالاھىدە جاللانغان بولۇپ، ئۇ پولادتىنمۇ قاتتىقراق ھەركەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
«موسساد» ئالاھىدە خادىمىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، ئىسرائىلىيەنىڭ تۇنجى قىتىم ئامىرىكىغا قارىتا ئىلىپ بارغان جاسۇسلۇق ھەركىتى 1974-يىلى باشلانغان بولۇپ، مەقسىتى - شۇ ۋاقىتتا ئامىرىكا سەئۇدىي ئەرەبىستانىغا سىتىپ بەرگەن رازۋىدكا ئايرۇپىلانىغا دائېر ئۇچۇرلارغا ئىرىشكەن.
شانلىق ئۆتمۈش داۋام قىلالامدۇ-يوق؟لېكىن، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى «موسساد»قا بولغان تەرىپلەر ئۇنىڭ ئۆز بېشىمچى ھەم بىپەرۋا بولۇپ قىلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ، يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان «موسساد» ئالاھىدە خادىملىرنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، ئېھتىياتسىزلىقمۇ ھەم كۆپىيىپ قالدى.
1997-يىلى، «موسساد»نىڭ بەش نەپەر ئالاھىدە خادىمى ساختا كانادا پاسپورتى ئىشلىتىپ، ئېئوردانىيە پايتەختى ئومانغا بېرىپ «خاماس»نىڭ سىياسىي باشقارمىسىنىڭ شۇجىسى مەشئەلنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىدى. ئىككى نەپەر ئالاھىدە خادىم يالغاندىن ئۇرۇشقان قىياپەتكە كىرىۋىلىپ، بىرى بولسا زەھەرلىك گاز چىقىرىش ئۈسكۈنىسىنى بىلەن مەشئەلگە ھۇجۇم قىلدى. بىراق، بىر ئاز بىخەستىلىك تۈپەيلى ئۇلار شۇئان قوغدىغۇچى ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىئوردانىيە پادىشاھى ئامىرىكا دائىرىلىرىگە جىددىي تىلگىرامما يوللىغاچقا، «موسساد» مەجبۇرى زەھەر قايتۇرۇش دورىسى بىلەن تەمىنلىدى. كېيىن ئىسرائىلىيە تەرەپ «خاماس» رەھبىرى ياسىننى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئېئوردانىيە ئاندىن «موسساد»نىڭ ئىككى نەپەر ئالاھىدە خادىمىنى قويۇپ بەردى.
2001-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىۋىتسارىيە بىرلەشمە سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار سوت كوللىگىيىسى بەش كۈن قاراپ چىقىش ئارقىلىق، جاسۇسلۇق قىلمىشى ۋە ئىسمىنى يوشۇرۇپ چىگرىدىن كىرىشتەك جىنايەتلەر بىلەن «موسساد»نىڭ ئالاھىدە خادىمى بىنتۇرنى 12 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى ۋە بىر يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى بېكىتتى.
1998-يىلى 2-ئايدا، بىنتور تۆت خىزمەتدىشى بىلەن بىرلىكتە شىۋىتسارىيىنىڭ كىنىس يېزىسىدىكى بىر مېھمان سارايغا ئوغۇرلۇقچە تىڭشاش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىۋاتقاندا نەق مەيداندا بايقىلىپ قېلىپ قولغا چۈشكەن ئىدى. ئەينى چاغدا زۇڭلى نىتانىياخۇمۇ شىۋىتسارىيىدىن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولغان. ئىسرائىلىيە تەرەپ 2 مىليون ئامىرىكا دوللىرى كېپىللىككە قويۇپ بېرىش سوممىسى تۆلىگەندىن كېيىن، شىۋىتساتىيە تەرەپ ئاندىن بىنتۇرنىڭ دۆلىتىگە قايتىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلغان. ئۇ سالاھىيىتى ھەقىقىي ئېنىقلانغاندىن كېيىن چىگرا سىرتىدا جازاغا ئۇچرىغان «موسساد»نىڭ بىردىنبىر ئالاھىدە خادىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
«موسساد»نىڭ شانلىق ئۆتمۈشى داۋام قىلالامدۇ-يوق؟
بۇ ئىسرائىلىيدە يۇقۇرى-تۆۋەن بىردەك قىززىقدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.
مەنبەhttp://bbs.salkin.cn/read.php?tid-54710.html
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
Isra'iliyening jasusluq teshkilati - mussad
«mossad»- zé'onizim herkitining tereqqiy qilishi we isra'iliye qurulghandin kéyin peyda bolghan. Isra'iliye qurulushtin ilgiri, pelestin rayonida, yehudiylarning mexpi herbiy teshkilati «hajina» mewjut idi. Bu teshkilat asasliqi pelestin rayonidiki yehudiylarning mexpi qoral-yaragh sitiwilishi, qural yaragh we qanunsiz köchmenlerni yötkesh ishliri, «hajina» teshkilatining axbarat tarmiqi bolghan «saye» üchün axbarat toplash idi.
1948-yili isra'iliye qurulghandin kéyin «hajina» isra'iliye dölet mudapi'e armiysi bolup quruldi. Alte heptidin kéyin «saye» chet'ellerge qarita axbarat toplash orgini bolup quruldi. Mana bu mussadning arqa körnishi..
«mossad»ning sirliq chümberdisini ichish
Isra'iliyening til awif shehirining jenubida, anche közge körünmeydighan qongur renglik bir kichik bina bar. Mana bu nami purketken «mossad»ning bash shitabi.
«mossad»ning toluq ismi bolsa - «isra'iliye axbarat alahide wezipe idarisi».
U 1951- yili resmiy qurulghan.
Emiliyette isra'iliyede saqchi, armiye, diplumatiye tarmaqlirining öz aldigha musteqil axbarat organliri bar. Likin eng asasliq hésablinidighini bolsa yenila «mossad».
«mossad»ning nurghunlighan pa'aliyetliri yenila dölet mudapi'e armiysi zerbidarlar etritining we gherptiki chong döletlerning axbarat-uchur tarmaqlirining yardemlishishi arqisida ghelbige irishsimu, likin kishler da'im bu utuqlarning hemmisini «mossad» bilen birleshtürüp qarap uni tiximu sirliqleshtürwetken.
50 yildin buyanqi besh qitimliq ottura sherq urushi jeryanida kichikkine isra'iliye ziminining shunche téz kingiyshide «mossad»ning töhpisi eng chong boldi, dep qarashqa bolidu.
50 - yillarda «mossad» jasusluq teshkilati tunji bolup qolgha chüshürgen, xrushshifning sitalin'gha qarshi mexpiy doklati amirika axbarat wastiliri arqiliq ilan qilin'ghandin kéyin pütün dunyani zilzilige keltürdi.
60-yillarda dölet halqip iz qoghlap 2-dunya urushi mezgilide yehudiylarni qirghin qilghan urush jinayetchisi adolf ichmanni argintinadin tutup kilip isra'iliye sotigha tapshurdi.
1966-yili «mossad» iraqtin shu waqittiki dunya boyiche eng ilghan köreshchi ayrupilan MG-21 Oghurlidi.
«mossad» yene zerbidar etret teshkillep ugandaning paytexti indibir ayruportigha hujum qilip bir eskerning qurban bolush bedilige muwappiqiyetlik halda 100 din artuq tutqunni qutquzup chiqti. Bu qitimqi herkette isra'iliyening sabiq zunglisi nitaniyaxuning akisi komandir yöni asasliq rol oynidi.
Gerche «mossad»ning köp qisim herketlirini nurghun kishiler bilip ketmisimu likin axbarat wastiliri arqiliq ashkarlan'ghan bir qsim ehwallardin yehudiylar éptixarliq his qilishidu.
Özgiche ewzelliki bilen yaratqan heyran qalarliq ünümliri
Isra'iliyening dölet emiliy küchi cheklik, zor kölemdiki uchur, axbarat organlirining chiqimini qilalishi mumkin emes.
Chebdeslik, yuqiri ünüm bolsa «mossad»ning eng chong alahidiliki.
(1). Isra'ilyediki alahide bolghan muhit, ''mossad'' qa qaytidin nezerge ilinishigha sewep boldi. Uninggha biwaste zungtung rehberlik qilidighan bolup «mossad» ning qurghuchisi xaléyr zungli guri'anning mutleq ishenchisige irishken bolghachqa «mossad» ning hökümet tereptin tizlikte qararname ilish shara'itini hazirlighan.
(2). «mossad» ezalirining sadaqiti pul-mal, mukapatni asas selkin qilghan bolmasin belkin itiqadni asas qilghan. Dölet idi'alizimi we nansést fashistlirigha bolghan qattiq öchmenlik «mossad» teshkilatining etrapigha yehudiylar ichidiki qabil kishilerni toplighan.Ulardiki mutleq bolghan sadaqet uqumi öz kespini birilip ügünüp «mossad»ning heyran qalarliq ünümge ige bolushi üchün asas salghan.
(3). Özgiche alahidilikke ige bolghan teshkillesh, terbiylesh séstimisi, xalérning tüzümliri, quruq heweske birilmeydighan péda'iylar, 007 gha oxshash undaq tewekküchilerni qarshi almastin belki astirttin tekshürüsh arqiliq alahide éqtidarliq ige bolghan ademler we adettin tashqiri kechmshke ige bolghanlar talliwilinidu
(4). Yehudiylarning ewzellikidin toluq paydilinsh.Isra'iliyediki yehudiylar 80 nechche dölettin kelgen bolup , 100 nechche xil tilni qollinidu.Bu xil ehwal «mossad» ning herqaysi rayonlarda «yerlik» alahide xadimlarni ishlitish imkanéytige ige qilghan.
Uningdin bashqa «mossad» özining alahide xadimlirigha toluq ishinidu, herxil chare-tedbirlerni qollinish arqiliq ularning ghem-endishisini tügitidu. Egerde birer adem qolgha ilinip qalsa, isra'iliye terep qanchilik ighir bedel töleshtin qet'iy nezer qotuldurup chiqidu.
1967-yili isra'iliyening pewqol'adde jasusi kohinning körsetken zor töhpisi bilen isra'iliye armiysi golan igizlikini tézlikte igiliyelidi.
«mossad»ning köngül qoyup terbiyelishi astida yitilgen kohin ilgiri süriye zungtungining yiqin dosti bolup, dölet mudapi'e ministirlikining namzatliqigha körstiligen. U süriyening paydilinishqa bolidighan herbiy mexpiyetliklirini ashkarliwitishke tasla qalghan.
1965-yili kohin bixestilik qilip qolgha ilin'ghandin kéyin, isra'iliye nechche on süriye jasusi we nechche milyun dollar tölem tölesh bilen birge rim papasi, en'giliye ayal padishahi, isra'iliye zungtungining mexsus doxturini arigha silip aran digende kohinni qayturup keldi. Éqtidarliq yene bir jasus lotis misirda qolghan ilin'ghandin kéyin isra'iliye urushta esirge chüshken misirliq toqquz géniral bilen almashurush sherti bilen lotisni qayturwaldi.
Mushundaq bolghanliqi üchün «mossad» alahide xadimliri jan tikip bolsimu emiliy ünüm yaritishqa tirishidu.
Yuqiri tixnika wastisi bilen mürini mürige tirep küresh qilish
«mossad» axbarat toplashta yuqiri kemdin kem tipilidighan yuqiri tixnika xadimlirigha tayinidu.Amirika teripidin mustehkem qorghan dep teriplen'gen aq sarayni bolsa isra'iliyelik kompiyutér mahiri baha birip: aq saraygha soqunup kirish gödek balini aldap oynighanchilikla bir ish deydu. «mossad»ning oqta alahide etritining nishani bolsa mexsus chet döletlerning mexpiy organlirini nishan qilghan . Ularning diyishiche: dunyada «oqya» kirip baqmighan hichqandaq bir dölet rehberlik orgini qalmighanmish. Hetta amirika aq saraymu chala emesmish... Aqsaray, parlamitning tilfun xatirliri dölet zungtunglirining ilxet xatirlirigimu «mossad» irisheleydu...
«mossad» amirika zungtungi kilintun bilen liwiniskining 30 nechche sa'etlik ishqi-muhebbet körünishlirini uda süretke iliwalghanda kilintun bundaq bir ishlarning mumkinchilikini oylapmu baqimighan.
1998-yili sitar amirika dölet mejlisige kilintunning jinsiy setchilikige a'it sin matiriyalini tapshurup bergen tekshürüsh doklatida, köp sandiki xelq ammisini epsuslandurdighan mundaq bir bölek bar:
Liwiniski 1997-yili 3-ayning 29-küni kilintun bilen zungtung ishxanisida qochaqlashqan waqitta, kilintun uninggha melum bir dölet memuriyning tilfunini izchil halda mexpiy téngshap kiliwatqanliqini éytqan. Kilintun yene uninggha: eger birersi tilfunda mexpi tingshash ishini qandaq chüshendürüshni telep qilsa ulargha mexpiy tingshashtin ihtiyat qilish üchün dep undaq qazan'gha mundaq chümüch qilip bashqilarni qaymuqturushni éytqan.
Yuqarqi bayanlar amirika fédratsiye tekshürüsh idarisining yüksek diqqet étibarini tartidu,eyni waqittiki amirika tilfun shirkitide xizmet qilidighan bir isra'iliyelikning ayali isra'iliye tashqi ishlar ministirlikide xizmet qilatti, tekshürüshke asaslan'ghada umu «mossad»ning ezasi bolup chiqqan. Alahide xadimlar uni tekshürgende fédratsiye tekshürüsh idarisidiki eng sezgür bolghan télfun xatirlirini bayqilishi ularni heyran qaldurghan.
Amirika dölet bixeterlik ménistirlikining sabiq bashliqi major: «isra'iliyeliklerning uchur toplash xizmiti goyaki urush qilghan'gha oxshash, menggü jiddiy halette turidu, uning üstige ular öz kespide waste tallimaydu» dep, özining isra'iliye jasuslirigha bolghan köz qarishini otturigha qoyghan.
«mossad» da'im özining amirika teweside jasusluq pa'aliyetlirini ilip birishni cheklesh toghurluq qa'idisi barliqini éytip aq saray bilen da'im digüdek özining qilmishirini ret qilidu. Emma «mossad» dölet menpe'iti üchün herqandaq ishni qilishimiz kirek, ishlirimizning qanunluq yaki qanunsizliq chigrisini qini kim ayrip bireleydu digendek qa'idilerni özige shu'ar qilghan.
Emiliyette 1985-yilining deslipide, amirika fédratsiye tekshürüsh idarisi amirika dingiz armiysi axbarat bölimige soqunup kirmekchi bolghan yehudiy jasus poladni bayqidi.
Amirika terepning ashkarlishiche, bu yehudiy jasusi isra'iliye terepke amirika alahide xadimlirining ismi, süriti, turushluq orni qatarliq 500 ming parchidin artuq mexpi matiriyalni yetküzüp bergen.
Amirika terepning ashkarlishiche, shertlik belgisi miga bolghan yene bir yehudiy jasusining aqsaraydiki herkiti alahide jallan'ghan bolup, u poladtinmu qattiqraq herket qilghan bolushi mumkin.
«mossad» alahide xadimining ashkarlishiche , isra'iliyening tunji qitim amirikigha qarita ilip barghan jasusluq herkiti 1974-yili bashlan'ghan bolup, meqsiti - shu waqitta amirika se'udiy erebistanigha sitip bergen razwidka ayrupilanigha da'ér uchurlargha irishken.
Shanliq ötmüsh dawam qilalamdu-yoq?
Lékin, köp yillardin buyanqi «mossad»qa bolghan teripler uning öz béshimchi hem biperwa bolup qilishigha seweb bolup qaldi. Bolupmu, yéqinqi bir qanche yillardin buyan «mossad» alahide xadimlirning sapasining töwenlep kétishige egiship, éhtiyatsizliqmu hem köpiyip qaldi.
1997-yili, «mossad»ning besh neper alahide xadimi saxta kanada pasporti ishlitip, é'ordaniye paytexti oman'gha bérip «xamas»ning siyasiy bashqarmisining shujisi mesh'elni yoshurun öltürüshni pilanlidi. Ikki neper alahide xadim yalghandin urushqan qiyapetke kiriwilip, biri bolsa zeherlik gaz chiqirish üskünisini bilen mesh'elge hujum qildi. Biraq, bir az bixestilik tüpeyli ular shu'an qoghdighuchi we saqchilar teripidin qolgha chüshürüldi. Shuning bilen i'ordaniye padishahi amirika da'irilirige jiddiy tilgiramma yollighachqa, «mossad» mejburi zeher qayturush dorisi bilen teminlidi. Kéyin isra'iliye terep «xamas» rehbiri yasinni qoyup bergendin kéyin, é'ordaniye andin «mossad»ning ikki neper alahide xadimini qoyup berdi.
2001-yili 7-ayning 7-küni, shiwitsariye birleshme sot mehkimisining jinayi ishlar sot kolligiyisi besh kün qarap chiqish arqiliq, jasusluq qilmishi we ismini yoshurup chigridin kirishtek jinayetler bilen «mossad»ning alahide xadimi binturni 12 ayliq qamaq jazasigha höküm qildi we bir yil kéchiktürüp ijra qilishni békitti.
1998-yili 2-ayda, bintor töt xizmetdishi bilen birlikte shiwitsariyining kinis yézisidiki bir méhman saraygha oghurluqche tingshash üskünisi ornitiwatqanda neq meydanda bayqilip qélip qolgha chüshken idi. Eyni chaghda zungli nitaniyaxumu shiwitsariyidin kechürüm sorashqa mejbur bolghan. Isra'iliye terep 2 milyon amirika dolliri képillikke qoyup bérish sommisi töligendin kéyin, shiwitsatiye terep andin binturning dölitige qaytip kétishige ruxset qilghan. U salahiyiti heqiqiy éniqlan'ghandin kéyin chigra sirtida jazagha uchrighan «mossad»ning birdinbir alahide xadimi bolup hésablinidu.
«mossad»ning shanliq ötmüshi dawam qilalamdu-yoq?
Bu isra'iliyde yuquri-töwen birdek qizziqdighan mesile bolup qaldi.
Menbe
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-54710.html
**********************************